مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 389|ئىنكاس: 1

بارى ، مىرەخمەتلەردىن شىنجاڭ پۇتبولىغا نە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

سابا توي فىلىم ئ

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77
يازما سانى: 3466
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 222750
تۆھپە نۇمۇرى: 2726
توردا: 11112 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-2 10:38:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                    بارى ، مىرەخمەتلەردىن شىنجاڭ پۇتبولىغا نەزەر( 1)

يېقىنقى بىر  قانچە يىلدىن بۇيان شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسىنىڭ مەملىكەتلىك پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىدىن چىكىنىپ چىقىشى سەۋەپلىك پۇتبول  مەستانىلىرىنىڭ ۋولقان كەبى قايناق ھېسياتى بىر قەدەر زور دەرىجىدە زەربىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ ، دىيارىمىز  پۇتبولچىلىقنىڭ سەركىسى  ئەكرەم ئەخمەتنىڭ خۇنەن شياڭتاۋ كوماندىسىنى يىتەكلەپ ئۇلارنى مەملىكەتلىك ئا دەرىجىلىك بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە باشلاپ كىرىپ خۇنەن توپ مەستانلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئىرىشكەنلىكى ، ياش ئەزىمەتلەردىن بارى بىلەن  مىرەخمەت مۇزەپپەرنىڭ جۇڭگۇ پۇتبولچىلىقنىڭ يۇقىرى پەللسى ھىسابلىنىدىغان مەملىكەتلىك دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە ئۆزلىرىنىڭ تىگىشلىك ئورنىنى تېپىپ تېلىۋىزور ئىكرانلىرىدا پەيدا بولىشى دىيارىمىزدىىكى بارلىق پۇتبول مەستانىرىنىڭ قەلبىنى قايتىدىن ھاياجانغا سالدى .دىيارىمىز تور ئالاقىسىنىڭ پەيدىن - پەي نۇرماللىشىشغا ئەگىشىپ پۇتبول سۆيەر يۈرەكلەر قايتىدىن بىر يەرگە جەم بولىۋاتقان مۇشۇ مىنۇتلاردا ، بارى ، مىرەخمەت قاتارلىق چولپانلىرىمىزدىن دىيارىمىز پۇتبولچىلىقىغا قايتىدىن دىياگنۇز قويۇپ باققۇم كەلدى ، پۇتبول ساھەسىدىكى ئۇقۇمۇشلۇق دوستلىرىمىزنىڭ  ئالدىدا بەزى قاراشلىرىم يۈزەكى ياكى خاتا بولىشى مۇمكىن ، تورداشلىرىمىزنىڭ تەنبقىدى  پىكىرلەرنى بىرىشىنى ئۆمىد قىلىمەن .
بىرىنچى :شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىدا تالانتلىقلار كەم ئەمەس ، كاللا كەم
ھەممىمىزگە مەلۇمكى دىيارىمىز ئۇلۇق ۋەتىنىمىزدىكى ھازىرقى زامان پۇتبول ھەركىتى ئەڭ بۇرۇن باشلانغان رايۇنلارنىڭ بىرى .تارىخنى قويۇپ تۇرۇپ يېقىنغا نەزەر سالساق ، 1927 - يىلى قەشقەردە ئۆتكۈزۈلگەن ئاتۇش ئېكىساق دېھقانلار كوماندىسى بىلەن  ئەنگىليە ، شېۋتسيە كونسۇل كوماندىسى ئوتتۇرسىدىكى مۇسابىقە بۇ سۆزىمىزنىڭ ئىسپاتى بولالايدۇ . ئازاتلىقنىڭ ئالدى كەينىدىكى قىيىنچىلىق مەزگىللەردىمۇ ئەمگەكچان  ، پاراسەتلىك ، مەرىپەت سۆيەر خەلقىمىز قورسىقى ، ئاچ ، كىيىمى ياماق ھالەتتە ياشاپ كەلگەن چاغلاردىمۇ پۇتبولدىن ھەرگىز ۋاز كەچمىدى ، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىغىچە شىنجاڭ پۇتبولچىلىقى مەملىكەت ئىچىدە بىرقەدەر يۇقىرى سەۋىيسىنى ساقلاپ كەلدى .90 - يىللاردىن باشلاپ مەملىكىتىمىز دە پۇتبول ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىلىپ ، جەميەتلىشىش قەدىمىنى باشلىغاندىن بىرى ، شىنجاڭ پۇتبول ھەركىتى يامغۇردىن كىيىنكى پاتقاققا پېتىپ قالغان كارۋاندەك  قىيىىنچىقتا قالغان بولسىمۇ ئۆمىدۋارلىق بىلەن قەدەملىرىنى ئاستا - ئاستا يۆتكەپ ئۆزمەنزىلىگە قاراپ ئىلگىرلەپ كەلدى ، گەرچە مەملىكەتلىك چوڭ مۇسابىقىلەردە تېگىشلىك ئورنىنى تاپالمىغان بولسىمۇ ، ھەر قايسى دەۋىرلەردە ئۆزىگە خاس چولپانلىرىدىن ئايرىلىپ قالمىدى ، ھازىرقى شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ تېرىنىرى پەرھات ئەينى چاغدا دالىيەن كوماندىسدا توپ تىپىپ مەملىكەتلىك بىرلەشمە مۇسابىقىسىسىنىڭ تاجىنى تاقىغاندىن باشقا  ، قازاقىستان بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيۇنلىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ ، دىيارىمىزدىكى  چەتئەلدە توپ تەپكەن تۇنجى كەسپى پۇتبولچى بولۇپ قالغان ئىدى ، 2000 - يىللاردىن كىيىن چىملىق زۇمىگىرى ئەكرەمنىڭ شىنجاڭ پۇتبولچىلىقى ئۈچۈن تۆككەن قان تەرىگە بارلىق توپ مەستانىلرىمىز گۇۋا بولۇپ تۇرۇپتۇق ، مانا ئۆتكەن يىلى ئەمدى 19 نىڭ قارىسىنى ئالغان  مىرەخمەت مۇزەپپەر دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسىغا تاللىنىپ دىيارىمىز پۇتبولچىلىرىنىڭ  يۇقىرى پەللىسىنى يارىتىپ ، توپ مەستانلىرىنىڭلا ئەمەس بارلىق خەلقىمىزنىڭ  قەلبىنى لەرزىگە سېىلىپ تۇرىۋىدى ، بۇيىل بارى خاڭجۇ يىشىل شەھەر كوماندىسىغا كىرىپ ئۆز ىنىڭ ئاساسلىق ئورنىنى تىكلەپ ، چاڭقىغان  دىللىرىمىزغا ئۆمىد بېغىشاپ تۇرۇپتۇ ، دېمەك شىنجاڭ پۇتبولچلىقىدە ئەزەلدىن تالانتلىقلار كەم بولۇپ بولۇپ باقمىغان ، گەپ پۇتبول باشقۇرۇش ئورگانلىرىدىكى زاتلىرىمىزنىڭ ئىددىيىسىنى  ھەقىقى ئازات قىلىپ ، پۇتبولچىلار بىلەن پۇتبول ئوتتۇرىسىىكى كۆۋرۈكلۈك رولىنى جارى قىلىدۇرۇپ ، تالانتلىق پۇتبول مايسىلىرمىزغا يىشىل چىراق يېقىپ بىرىشىدە . ئىشىنىمەنكى بارى بىلەن مىرەخمەتنىڭ مەملىكەتلىك دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول مۇسابىقىسدە پەيدا بولىشى ، بۇنىڭدىن كىيىنكى كىچىك چولپانلىرىمىىزغا نىسپەتەن مەڭگۈ ئۆچمەس ماياك بولۇپ قالىدۇ .
                             داۋامى بار
مەنبە--- 11 ئادەم پۇتبول تورى

ئانا تىلغا كەلگەندە خىرىس ، ئۆزگە تىلغا بولغاندا ھىرىس  ، شۇنچە يىللىق ئىسىل ئەنئەنە ، داۋام ئىتىپ بولغاندا چىرىش . ئاھ ! تىلىم دەپ يۈرەك يىغلايدۇ !؟

//////////////////////80%&

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2010
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6804
تۆھپە نۇمۇرى: 266
توردا: 210 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2011-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-2 11:01:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىرىشتىڭ ئىرىشتىڭ . ئويلۇنۇپ قالدىڭ ، ئولتۇرۇپ قالدىڭ !

ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا ، كىيىكنىڭ خۇداسى يوقمىكەن ؟ ئاق-ئات مىنىۋالغاننىڭ ھەممىسى شاھزادە ئەمەس ! تاڭسىڭمۇ ئاق-ئات مىنىدۇ .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش