بىر ئايغا يېقىن بولۇپ قالدى ،ئىچىم سىقىلىپ ،كۆڭلۈم شۇنداق يېرىم بولۇپ تۇرىدۇ
بۇنداق دېسەم <<بۇ قېرى مۇئەللىمەگە نېمە بولغاندۇ ، بىرەرسىگە كۆيۈپ قالغانمىدۇ؟ مۇھاببەت قاينىمىغا چۆكۈپ كەتكەنمىدۇ ؟>> دەپ مەندىن ئەنسىرەپ كەتمەڭلار يەنە.......
كەيپىياتىمنىڭ بۇنداق ناچار بولۇپ قېلىشىغا بىر ئاي ئاۋۋال ئەتىگەندە ۋە چۈشتىن كېيىن يۈز بەرگەن ئىشلار سەۋەپچى بولۇپ قالدى..... بۇنىڭ قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى بىلگۈڭلار بارمۇ...؟ سىلەرگە ئېيتىپ بېرەي، بۇنىڭ توغرا ياكى خاتا ئىكەنلىكىنى ئويلاپ بېقىڭلار...!
ئەتىگەندە ئىككى كۈنلۈك دەم ئېلىشنىڭ راھىتىدە خېلى روھلۇق ھالدا مەكتەپكە كەلدىم، كېلىپلا بىر ئوقۇغۇچىنىڭ دادىسىنىڭ خىزمەت قىىلۋاتقانلىقىغا 29 يىل بولغان 4- يىللىققا سىنىپ مۇدىرى بولغان بىر ئوقۇتقۇچىمىزغا<<سەندەك خانىمنى...! سەندەك خانىمنىڭ .....>> دەپ ۋارقىراۋاتقانلىقىنىڭ ئۈستىگە كەپتىمەن،( بۇ يەردە دېيىلگەن گەپلەرنى ئېغىزغا ئالغىلى بولمايدۇ.) بىرمۇنچە ئوقۇغۇچىلار توپلىشىۋاپتۇ ئەتراپىغا،ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ بالىسىدىن ۋە شۇ نارسىدە ئوقۇغۇچىلاردىن نومۇس قىلمىدى. ئۇنىڭغىچە بىردىن -ئىككىدىن كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار ئۇلارنىڭ قېشىغا يىغىلدۇق، نېمە ئىش بولغانلىقىنى سۈرۈشتە قىلساق ،ئازنا كۈنى چوڭ تازىلىقتىن كېيىن ئۇ ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى ئۆيىگە قايتۇرىۋەتكەن، ئۆيگە قايتىش يولىدا ئۇ كىشىنىڭ ئوغلى بىلەن شۇ سىنىپتا ئوقۇيدىغان يەنە بىر بالا يولدا يۈگۈرۈشتە بەسلىشىپ، ئۇ كىشىنىڭ ئوغلى ھېلىقى بالىنىڭ ئايىقىنىڭ يىپىگە دەسسىۋېلىپ يىقىلىپ چۈشۈپ، يۈز -كۆزلىرى سۈرۈلۈپ كېتىپتۇ،شۇڭا ھېلىقى كىشى ئەتىگەندە مەكتەپكە كېلىپلا << بالامنىڭ يۈز -كۆزى مۇشۇنداق بوپ كەتسە ،سىز خانىم تۇرۇپ نېمىشقا گەپ قىلمايسىز، مەكتەپتە بالىلارغا تەربىيە دېگەن نەرسىنى بەرمەمدۇ؟ .....>>دېگەندەك گەپلەرنى قىپتۇ، ئۇ ئوقۇتقۇچى بۇ ئەھۋاللاردىن تېخى ئەمدى خىۋەردار بولغانلىقىنى ، سىنىپقا كىرىپ سۈرۈشتە قىلىپ باقىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تۇرسمۇ كارى يوق<< مەن دېگەن بالىنى ئۇنداق تەستە تاپقان، بۇنداق تەستە باققان....>> دەپ بىرمۇنچە ئېغىزغا ئېلىشقىمۇ ئۇيىلىدىغان گەپلەر بىلەن تىللاپ كېتىپتۇ، نۆۋەتچى توسۇپ ،گەپ قىلسا نۆۋەتچىنىمۇ تىللاپتۇ، ئۇ ئوقۇتقۇچى دېگەن گەپمۇ قىلالماي، ئېقىپ تۆكۈلۈپ كېتىپتۇ، بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ بەك غەزىبىمىز كەلدى، ھەممىمىز تۇشمۇ -تۇشتىن ئۇ كىشىنى ئەيىپلەشتۇق، ئۇنىڭغىچە مەكتەپ مۇدىرى كېلىپ ، ئۇ كىشىنى ئىشخانىسىغا ئەكىرىپ كەتتى. بۇ ئىش بىلەن كۆڭلۈم شۇنداق غەش يۈردۈم.
چۈشتىن كېيىن دېمەيسىلەن... ئويلىساملا قۇيقا چېچىم تىك تۇرىدۇ.
- 6 سائەتلىك دەرستىن چىقىپ،ئوقۇغۇچىلارغا تاپشۇرۇق بېرىپ ،خۇلاسە قىلىپ بولۇپ خېلى كېيىن بولغاندا ئىشخانا ئالدىغا كەلسەم ، سىياسىي مۇدىرنىڭ ئىشخانىسىدىن بىر ئادەم قىزىنى ئالدىغا سالغىنىچە << ئاناڭنى ،x دېگەن قېرى جالاپ ، خەپ توختاپتۇر.... مەنلا بولىدىكەنمەن ،سېنىڭ يولدا ماڭغىنىڭنى بىر كۆرەي ..... ماڭە ،سېنى ئوقۇتمايمەن........>> دەپ شۇنداق ئەپسانە تىللار بىلەن تىللاپ چىقىۋاتمامدۇ، (ئۇ ئادەم ھاقارەتلىگەن x دېگەن ئوقۇتقۇچى پېنسىيەگە چىقاي دەپ قالغان ،يېشى 50 لەرگە بېرىپ قالغان 1- يىللىققا سىنىپ مۇدىرى بولغان خانىم ئىدى، )نومۇسنى بىلمەيدىغان بۇ ئادەمنىڭ << قېرى جالاپ......>>دېگەن گېپىدىن تاس قالدىم ئارقامغا ئۆرۈلۈپ كەتكىلى، << ۋىييەي، نېمە دەۋاتىدۇ ما مۇناپىق...>> دېدىم ئاچچىقىمدا ،بۇ ۋاقىتتا بىنا ئالدىدا تۇرغان بىر ئوقۇغۇچى << خانىم، تېخى ئابايامقى گېپىنى ئاڭلىمىدىڭىز، بايام X خانىم ئىشىكنى توسىۋېلىپ ،كىرگۈزمىگەنتى، ئۇ ئادەم خانىمنى ئىتتىرىۋەتتى، ئۇ خانىم موتوغا يۆلىنىپ قالدى، ئىشخانىنىڭ ئالدىدىلا <<قېنى ئۇ Xدېگەن قېرى جالاپ، سېنى ئۇرىدىغان نېمە ھەققى بار ئىكەن ئۇ قېرى جالاپنىڭ ...>> دەپ شۇنداق سەت تىللاپ كەتتى دېدى، بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئىچىم شۇنداق ئاچچىق بولۇپ كەتتى، سىياسى مۇدىرنىڭ ئىشخانىسىغا كىرسەم ، ھېلىقى ئوقۇتقۇچى يىغلاپ ئېقىپ كېتىپتۇ، قالغانلار تەسەللى بەرگىلى تۇرۇپتۇ ، ئۇ ئادەم ئىشخانىدىمۇ قالغانلارنىڭ گېپىگىمۇ قۇلاق سالماي ،ئۇ ئوقۇتقۇچىنى شۇنداق سەت تىللار بىلەن ھاقارەتلەپتۇ.
ئەسلى بۇ ئوقۇتقچى 1- يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلارغا يادا ئىملا يازدۇرىۋاتقان ئىكەن،ھېلىقى كىشىنىڭ قىزى 5- يىللىقتا ئوقۇيدىغان بولۇپ ،دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن بىرمۇنچە بالىلار سىنىپنىڭ ئالدىغا بېرىۋېلىپ ،بىر -بىرسىنى ئىتتىرىشىپ،ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ ،بالىلارنىڭ دىققىتىنى چېچىۋېتىپتۇ،ئۇ ئوقۇتقۇچى بىرنەچچە قېتىم ھەيدىۋەتكەن بولسىمۇ كەتمەي تۇرىۋاپتۇ، بالىلار ئەنە شۇنداق بىر -بىرسىنى ئىتتىرىشىپ يۈرۈپ ئىشىك ئېچىلىپ كېتىپ، ھېلىقى قىز سىنىپنىڭ ئىچىگىلا كىرىپ كېتىپتۇ، ئو ئوقۇتقۇچى ئاچچىقىدا ھېلىقى قىزنى تۇرىۋېلىپ،<< سەنمۇ مۇشۇ سىنىپتا ئوقۇمتىڭ؟ ئولتۇرە ئەمسە ئا ئورۇندا ...>> دەپتۇ، ئۇ قىز ئوقۇتقۇچى بىرنى دېسە ، ئىككىنى دەپ تەڭ تاكاللىشىپتۇ
ئۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاچچىقى كېلىپ ئۇ قىزنىڭ دۈمبىسىدىن ئىتتىرىپ، سىياسى بۆلۈمگە ئەكىرىپتۇ، سىياسى بۆلۈمدە ئۇ قىزغا تەربيتە بېرىپ چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن، ئۇ قىز ئۆيىگە بېرىپ بولغۇچە، باشقا ساۋاقداشلىرى بېرىپ، دادىسىغا << قىزىڭىزنى پالانى خانىم ئۇرۇپ كەتتى، سىياسى بۆلۈمگە ئەكىرىپ كەتتى، ئاق قىلدى، قاق قىلدى ...>> دەپ بولغان گەپ، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئۆپكىسىنى سا ئېلىپ قاچقان دادا قىزىغا قاتتىق كۆيۈنىپ كېتىپ،قىزىنى ئۇرىۋەتكەن ئوقۇتقۇچىنى بوغۇۋەتكىدەك ئەلپازدا ،يېرىم يولدا ئۇچرىغان قىزىنى سۆرىگىنىچە مەكتەپكە يۈگۈرۈپ كەلگەن.....شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى ئوقۇتقۇچىنى تىللىغىنىچە ئالدىغا سېلىپ سىياسى بۆلۈمگە ئەكىرگەن گەپ......
بۇ ئىشلار كاللامغا بەكلا تەسىر قىلىپ كەتتى، ھېچ ئەقلىمگە سىغدۇرالمىدىم،بۇنداق ئىشلارنىڭ بولىشى بۇ بىرلا قېتىم ئەمەس،(ئۆتكەن يىلى x مەكتەپنىڭ تەييارلىق سىنىپنىڭ بىر ئوقۇتقۇچىسىنى بىر بالىنىڭ ئانىسى مەيداندىلا ئۇرۇپ كەتكەن...) مۇشۇنداق بىر قىسىم ئاتا -ئانىلار ئوقۇتقۇچىنى خالىغانچە ئەپسانە سۆزلەر بىلەن تىللاپ ،ھاقارەتلىسدە، ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچى بىلەن تەڭ تۇرۇپ تاكاللاشسا..... بۇنىڭغا نېمە دېگۈلۈك..؟
ئوقۇتقۇچىلاردىمۇ سەۋەنلىك يوق ئەمەس، لېكىن مېنىڭچە كۆپ ساندىكى ئوقۇتقۇچىلار ھەرگىزمۇ ئورۇنسىز، سەۋەبسىز ھالدا ئوقۇغۇچىنى ئەيىپلىمەيدۇ،ھازىر بىر قىسىم ئاتا -ئانىلار << ئاران ئىككى بالام بار >> دەپ خۇددى ئاغزىدا تۇققاندەك كۆيۈپ كېتىدۇ، بالىلىرىغا << باشقىلار بىرنى ئۇرسا،سەن ئىككىنى ئۇر، مەن سېنى ئاش -نان بېرىپ چوڭ قىلغان ...>> دەپ تەربىيە بېرىدۇ،( بۇ دېگەن بىزنىڭ ئالدىمىزدىلا بولۇنغان گەپلەر،<< ئۇزۇن زىقتىن بىرنى ياسىتىپ بېرەي، قايسى شۇم سېنى ئۇرىدىكەن تىقىپ قارنىنى ئېشىۋەت، ھەرقانداق دەردى بولسا ئۆزەم چىقىمەن.....>> دېگەن گەپلەر مېنىڭ ئالدىمدىلا بىر دادىنىڭ بالىسىغا ئېيتقان گېپى،بۇنىڭغا ھەرگىزمۇ يالغاننى قوشمۇدۇم...(
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قۇلىقىغا << ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھوقۇق -مەنپئەتىنى قوغداش قانۇنى>> شۇنداق سىڭىپ كەتكەنكى،( تاس قالىمىز دەرس ۋاقتىدا قارغۇ چاشقان ئوينىسىمۇ ،كۆزىمىزنى يوغانراق ئېچىپ قاراشقا پېتىنالمىغىلى...( چاخچاق)
ئوقۇغۇچىلارغا سىىلق مۇئامىلە قىلىش ،ھاقارەت قىلماسلىق....دېگەندەك گەپلەر ئوقۇتقۇچىلار كەسپىي ئەخلاقىدا ئاغزىمىزدىن چۈشۈرمەي يادا بولۇپ كەتكەن سۆزلەر،بۇنى پەقەت يادا ئېلىپلا قالماي ئەمىلىيىتىمىزدىمۇ ئىشلىتىۋاتىمىز.
ئەمدى ئوقۇتقۇچىلارغا كەلسەك،ئاتا -ئانىلار بىزنى ھاقارەتلەيدىغان، ئۇرىدىغان ئىشلارغا كەلگەندە ،شۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆزىگە بولۇپ ئىچى ئاچچىققا توشۇپ كېلىۋاتىدۇ.
››ئوقۇتقۇچى ئىنسان روھىنىڭ ئىنژېنىرى،>><< ئوقۇتقۇچى ئون قەدەم يىراقلىقتا تۇرۇپ سالام بېرىشكە ئەرزىيدىغان كىشىلەر....>> قايسى بىرلىرىنى ئېيتىپ بولاي ئېغىزدىكى بۇ دەبدەبىلىك ماختاش سۆزلىرىنى ، ئەمىلىيەتتە بولسا ئەھۋال باشقىچە، ئوقۇتقۇچىنى چىن كۆڭلىدىن ھۆرمەتلەيدىغان، ئۇلارنىڭ جاپاسىنى چۈشىنىدىغان كىشىلەر ئاز.
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جاپاسىنى ئوقۇتقۇچى بولغانلار چۈشەنمىسە باشقىلار چۈشەنمەيدۇ،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھازىرقى بېسىمى بەكلا ئېغىر، بۇنى سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ،شۇنداق تۇرۇپمۇ يەنە كۆپ ساندىكى ئوقۇتقۇچىلار << مىللىتىمىزنىڭ بالىلىرى >> دەپ كۈچەيدۇ،بىرمۇ بولسا ئوقۇغۇچىلارغا ھەقىقىي بىلىم بېرىشنى ئويلايدۇ.
بىر قىسىم ئاتا - ئانىلارنىڭ ۋە يەنە بىر قىسىم باشقا ساھەدىكى كىشىلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنى كۆزگە ئىلماسلىقى،خالىغانچە ھاقارەتلىشى، ئوقۇتقۇچىلارغا تەرەپ -تەرەپتىن كېلىۋاتقان كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز بېسىملار ئوقۇتقۇچىلارنى مۈكچەيتىپ، ھالسىرىتىپ قويماقتا.ئۇلاردا بىر خىل زېرىكىشلىك كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈپ قويماقتا.......
ئاتا -ئانىلارنىڭ بىر قىسىم نادانلارچە قىلىقلىرى، ئوقۇتقۇچىلارنى خالىغانچە ھاقارەتىلشى، يۇقۇرىدىن چۈشىۋاتقان ھەر خىل بېسىملار ئوقۇتقۇچىلارنى شۇنداق تۆۋەن ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويدى،بۇ خىل ئەھۋاللار مېنى شۇنداق ئويغا كەلتۈرۈپ قويدى....›› بىز ئۇلۇغ ئىنسانمۇ ياكى بىچارە ئىنسانمۇ...؟ !››
مەن ئۆزەمنى بەكلا بىچارە ھېس قىلماقتىمەن.... تا ھازىرغىچە كاللامدىن ھېلىقى << قېرى جالاپ....>>دېگەن سۆز كەتمەيدۇ..............
كاللام قۇپقۇرۇق، ئىچىم بىر خىل ئاچچىققا تولۇپ كەتتى.. كاللامغا بىرلا سوئال ھۆكىمىرانلىق قىلماقتا ، << مەن بىچارە ئىنسانمۇ ياكى ئۇلۇغ ئىنسانمۇ...؟!>>
مەنبە : ئەتراپىمدكى ئىشلار.
مۇنبەرنىڭ خەت يېزىش ئۇسۇلىنى تازا ئىگىلەپ بولالماي قالدىممۇ، يازغانلىرىم ئوڭ -تەتۈر بولۇپ قېلىپ ،ياخشى چىقمايۋاتىدۇ، بولسا باشقۇرشغۇچىلار كۆرۈلگەن خاتالىقلار بولسا خاپا بولماي،تۈزىتىپ قويارسىلەن....