مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1583|ئىنكاس: 18

تارىختىكى تۇرپان [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10918
يازما سانى: 431
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10141
تۆھپە نۇمۇرى: 731
توردا: 4404 سائەت
تىزىم: 2010-9-20
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-6 04:26:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
           تۇرپاندىن ئىبارەت بۇ تەڭداشسىز كاتتا تارىخى سۈرەتنى قانداق سۆز بىلەن تەرىپلىسەك بولار؟غەربى يۇرىتتىكى مۆجىزىلىك تارىخى مۇزىيغا يەنە قانداق نەزەر بىلەن قارىساق بولار؟
   تەڭرىتاغنىڭ سۈزۈك قار سۈيى ئۆستەڭلەردە ۋىلىقلاپ ئويناپ كىلىدۇ،ئەتراپ ياپيىشىل ئوت-چۆپلەرگەتۇلغان،ئىللىق قۇياش نۇرىكىشىلەرگەھۇزۇر بەخشى ئىتىدۇ.يىللارنىڭ ئۆتۇشى بىلەن بۇ مۇنبەت زىمىندا تۇرپان تىرىسكا بىلىغى،تۇرپان مەخلۇقى،يالقۇنتاغ ئەجدىھاسى،تۇرپان زور كەركىداننىڭ ئاياق تىۋىشلىرى ئاڭلىنىپ ھەرقايسى ئىكىلوگىيەلىك دەۋىرلەردىكى ھاياتى كۈچكە تولغان كارتىنىلار مەيدانغا كەلدى.
  40مىڭ يىل ئىلگىرى بۇ يەردە ئىنسانلارنىڭ ئاياق ئىزلىرى پەيدا بولغان.<بىر قىسىم مەزمۇنلار قىسقارتىلدى......>.
    يارغۇل قەدىمى شەھىرى دۇنيا بويىچە ئەڭ قەدىمى،ساقلىنىشى ئەڭ مۇكەممەل ئەت تۇپراق شەھىرى بۇلۇپلا قالماي،دۆلىتىمىز بۇيىچىمۇ 2000يىلدىن ئارتۇق تارخقا ئىگە ئەڭ مۇكەممەل شەھەر خارابىسى ھىساپلىندۇ.تاڭ سۇلالىسى مەزگىلىدىكى غەربى دىيار ئەنشى قۇرۇقچى بەگ مەھكىمىسى بۇ يەرگە جايلاشقان.
    ئىدۇقۇت قەدىمى شەھىرىنىڭ قۇرۇلغانلىغىغا 2000يىلدىن ئاشتى ئۇنىڭ كۆلىمى چوڭ ،ھەم كۆركەم ئۇ تاڭ دەۋىردىكى چاڭئەننىڭ غەربى يۇرتتىكى كۆچۈرۈلمىسى ھىساپلىنىدۇ.
    ئاستانە قەۋرىستانلىقى ئىدۇقۇت قەدىمى شەھىرىنىڭ ئاممىۋى قەۋرىستانلىقى بولۇپ،<ئىدۇقۇت تارىخىنىڭ تىرىك ئارخىۋى>،<يەر ئاستى مۇزىې>دىگەن نامى بار.
1993-يىلى بايقالغان كەركىداننىڭ تاش قاتمىسى ئەسلىگە كەلتۇرۇلگەندىن كىيىن.ئۇزۇنلۇقى9مىتىر ئىگىزلىقى 6مىتىر كىلىدۇ. بۇ بۇنىڭدىن24مىليۇن يىل ئىلگىرىلا تۇرپاندا ھايۋانات پائالىيەت قىلغانلىغىدىن دېرەك بېرىدۇ.
   تۇرپان قەدىمقى يىپەك يۇلىدىكى مۇھىم بىر بازار.تۇرپاندا ساقلىنىپ قالغان ۋەسقىلەردە 24خىل يىزىق ئىشلىتىلگەن بولۇپ،پۈتكۇل يىپەك يۇلى لىنىيەسى بويىچە ئەڭ كۆپ يىزىق بايقالغان جاي ھىساپلىنىدۇ.
   پىچان ناھىسى تۇيۇق يېزىسى تەۋەسىدىكى قاقاسلىقتا تارىخى 3000يىلدىن2000يىلغىچەبولغان مىڭدىن ئارتۇق قەدىمى قەۋرە بايقالدى.بۇ دەل شىنجاڭ بۇيىچە ئەڭ چۇڭ قەدىمى قەۋرىلەر توپى-يانخى قەدىمى قەۋرىستانلىغىدۇر.ئۇ ئىلىمىز دىكى نۇقتىلۇق قوغدىلىدىغان 77قەدىمى قەۋرىستانلىقنىڭ بىرى.
    ئارخېئۇلۇگلار بۇ قەدىمى قەۋرىلەردىن بۇنىڭدىن 2500يىل ئىلگىرىكى مۇكەممەل ساقلانغان تەك شۇڭىنى تاپقان .بۇتۇرپاندا تەك ئۆستۇرۇش تارىخىنى يېرىم ئەسىر كەينىگە سۈرىدۇ.
     مۇتەخسلەر ياڭخى قەدىمى قەۋرىستانلىقىدىن شامان دىنى پىرخۇننىنىڭ قۇرۇق جەسىدىنى بايقىدى.بۇئىلگىرى شىنجاڭدا شامان دىنىنىڭ ئەۋج ئالغانلىغىنى،شۇنداقلا تۇرپاننىڭ 2000يىلدىن ئىلگىرى شەرق ،غەرپ مەدىنيىتىنىڭ بىرىككەن نۇقتىسى بۇلغانلىقىنى ئىسباتلايدۇ.
     1983-يىلى ئاستانە قەۋرىستانلىقتىن تېپىلغان پىر ئانا،نۇۋا ئانىنىڭ رەسىمى ب  د  ت  پەن-مەدىنيەت،مائارىپ تەشكىلاتىنىڭ <خەلقئارا ئىجتىمائى پەنلەر>زۇرنىلىنىڭ سىناق سانىنىڭ سىتۇلىغا ئىشلىتىلگەن.

مەنبە:تۇرپان گېزىتى 3690-سان

2010-يىلى1-ئۆكتەبىر دە نەشىردىن چىققان گېزىتتىن پىچانگۈل مىسرانىمغا يوللىغان.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
KAREZ + 20 تەشەككۈر !!!

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 20   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10918
يازما سانى: 431
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10141
تۆھپە نۇمۇرى: 731
توردا: 4404 سائەت
تىزىم: 2010-9-20
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-6 04:26:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
           تۇرپاندىن ئىبارەت بۇ تەڭداشسىز كاتتا تارىخى سۈرەتنى قانداق سۆز بىلەن تەرىپلىسەك بولار؟غەربى يۇرىتتىكى مۆجىزىلىك تارىخى مۇزىيغا يەنە قانداق نەزەر بىلەن قارىساق بولار؟
   تەڭرىتاغنىڭ سۈزۈك قار سۈيى ئۆستەڭلەردە ۋىلىقلاپ ئويناپ كىلىدۇ،ئەتراپ ياپيىشىل ئوت-چۆپلەرگەتۇلغان،ئىللىق قۇياش نۇرىكىشىلەرگەھۇزۇر بەخشى ئىتىدۇ.يىللارنىڭ ئۆتۇشى بىلەن بۇ مۇنبەت زىمىندا تۇرپان تىرىسكا بىلىغى،تۇرپان مەخلۇقى،يالقۇنتاغ ئەجدىھاسى،تۇرپان زور كەركىداننىڭ ئاياق تىۋىشلىرى ئاڭلىنىپ ھەرقايسى ئىكىلوگىيەلىك دەۋىرلەردىكى ھاياتى كۈچكە تولغان كارتىنىلار مەيدانغا كەلدى.
  40مىڭ يىل ئىلگىرى بۇ يەردە ئىنسانلارنىڭ ئاياق ئىزلىرى پەيدا بولغان.<بىر قىسىم مەزمۇنلار قىسقارتىلدى......>.
    يارغۇل قەدىمى شەھىرى دۇنيا بويىچە ئەڭ قەدىمى،ساقلىنىشى ئەڭ مۇكەممەل ئەت تۇپراق شەھىرى بۇلۇپلا قالماي،دۆلىتىمىز بۇيىچىمۇ 2000يىلدىن ئارتۇق تارخقا ئىگە ئەڭ مۇكەممەل شەھەر خارابىسى ھىساپلىندۇ.تاڭ سۇلالىسى مەزگىلىدىكى غەربى دىيار ئەنشى قۇرۇقچى بەگ مەھكىمىسى بۇ يەرگە جايلاشقان.
    ئىدۇقۇت قەدىمى شەھىرىنىڭ قۇرۇلغانلىغىغا 2000يىلدىن ئاشتى ئۇنىڭ كۆلىمى چوڭ ،ھەم كۆركەم ئۇ تاڭ دەۋىردىكى چاڭئەننىڭ غەربى يۇرتتىكى كۆچۈرۈلمىسى ھىساپلىنىدۇ.
    ئاستانە قەۋرىستانلىقى ئىدۇقۇت قەدىمى شەھىرىنىڭ ئاممىۋى قەۋرىستانلىقى بولۇپ،<ئىدۇقۇت تارىخىنىڭ تىرىك ئارخىۋى>،<يەر ئاستى مۇزىې>دىگەن نامى بار.
1993-يىلى بايقالغان كەركىداننىڭ تاش قاتمىسى ئەسلىگە كەلتۇرۇلگەندىن كىيىن.ئۇزۇنلۇقى9مىتىر ئىگىزلىقى 6مىتىر كىلىدۇ. بۇ بۇنىڭدىن24مىليۇن يىل ئىلگىرىلا تۇرپاندا ھايۋانات پائالىيەت قىلغانلىغىدىن دېرەك بېرىدۇ.
   تۇرپان قەدىمقى يىپەك يۇلىدىكى مۇھىم بىر بازار.تۇرپاندا ساقلىنىپ قالغان ۋەسقىلەردە 24خىل يىزىق ئىشلىتىلگەن بولۇپ،پۈتكۇل يىپەك يۇلى لىنىيەسى بويىچە ئەڭ كۆپ يىزىق بايقالغان جاي ھىساپلىنىدۇ.
   پىچان ناھىسى تۇيۇق يېزىسى تەۋەسىدىكى قاقاسلىقتا تارىخى 3000يىلدىن2000يىلغىچەبولغان مىڭدىن ئارتۇق قەدىمى قەۋرە بايقالدى.بۇ دەل شىنجاڭ بۇيىچە ئەڭ چۇڭ قەدىمى قەۋرىلەر توپى-يانخى قەدىمى قەۋرىستانلىغىدۇر.ئۇ ئىلىمىز دىكى نۇقتىلۇق قوغدىلىدىغان 77قەدىمى قەۋرىستانلىقنىڭ بىرى.
    ئارخېئۇلۇگلار بۇ قەدىمى قەۋرىلەردىن بۇنىڭدىن 2500يىل ئىلگىرىكى مۇكەممەل ساقلانغان تەك شۇڭىنى تاپقان .بۇتۇرپاندا تەك ئۆستۇرۇش تارىخىنى يېرىم ئەسىر كەينىگە سۈرىدۇ.
     مۇتەخسلەر ياڭخى قەدىمى قەۋرىستانلىقىدىن شامان دىنى پىرخۇننىنىڭ قۇرۇق جەسىدىنى بايقىدى.بۇئىلگىرى شىنجاڭدا شامان دىنىنىڭ ئەۋج ئالغانلىغىنى،شۇنداقلا تۇرپاننىڭ 2000يىلدىن ئىلگىرى شەرق ،غەرپ مەدىنيىتىنىڭ بىرىككەن نۇقتىسى بۇلغانلىقىنى ئىسباتلايدۇ.
     1983-يىلى ئاستانە قەۋرىستانلىقتىن تېپىلغان پىر ئانا،نۇۋا ئانىنىڭ رەسىمى ب  د  ت  پەن-مەدىنيەت،مائارىپ تەشكىلاتىنىڭ <خەلقئارا ئىجتىمائى پەنلەر>زۇرنىلىنىڭ سىناق سانىنىڭ سىتۇلىغا ئىشلىتىلگەن.

مەنبە:تۇرپان گېزىتى 3690-سان

2010-يىلى1-ئۆكتەبىر دە نەشىردىن چىققان گېزىتتىن پىچانگۈل مىسرانىمغا يوللىغان.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
KAREZ + 20 تەشەككۈر !!!

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 20   باھا خاتىرىسى

ئاللاغا تاپشۇردۇم!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6549
يازما سانى: 1347
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12305
تۆھپە نۇمۇرى: 461
توردا: 2764 سائەت
تىزىم: 2010-8-16
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-6 04:50:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇرپان ھەقىقەتەنمۇ ئۈستى ئوچۇق مۇزىي دېيىشكە باپ كېلىدۇ~!

ياخشىنى ئەسكى بوزەك قىلسىمۇ ئاللا بوزەك قىلمايدۇ .
  ئەسكىدىن ھەممە قورۇقسىمۇ ئاللا قورۇقمايدۇ !

ئەركىنلىك ، تېنچ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7009
يازما سانى: 2078
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21791
تۆھپە نۇمۇرى: 531
توردا: 1939 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2011-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-6 04:55:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |






" تۇرپان " تارىخىنى قانچىلىك بىلىسىز ؟


تارىخىي مەنبەلەردە ۋە ئارخېئولوگىيىلىك پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا ، تۇرپان رايونى قەدىمدىن تارتىپ "ئۈچ چوڭ مەدەنىيەت" ( جوڭگو مەدەنىيىتى ، ﻫىندى مەدەنىيىتى ، گرىك مەدەنىيىتى) ، ئۈچ چوڭ دىن ( بۇددا دىنى ، خىرىستيان دىنى ، ئىسلام دىنى ) ئۈچ چوڭ تىل سېستىمىسى ( ئۇرال - ئالتاي تىل سېستىمىسى ، خەنزۇ - تىبەت تىل سېستىمىسى ، ﻫىندى - ياۋروپا تىل سېستىمىسى ) ، ئۈچ چوڭ ئىقتىساد ( دېﻬقانچىلىق ، چارۋىچىلىق ، يىپەك يولى سودىسى ) بىر - بىرى بىلەن ئۇچراشقان ئىچكى قۇرۇقلۇق رايون بولۇپ ، ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىدا ئالاﻫىدە مۇﻫىم ئورۇننى ئىگىلىگەن ، شۇنداقلا شەرق بىلەن غەربنىڭ مەدەنىيەت ، ئىقتىساد ئالماشتۇرۇشتا مۇﻫىم كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغان مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ﻫېسابلىنىدۇ .
تۇرپاندا ئىنسانلارنىڭ ﻫايات پائالىيەتلىرى ناﻫايىتى ئۇزۇن زامانلار ئىلگىرى باشلانغان . بۇنىڭدىن 15 مىڭ يىل ئىلگىرىلا تۇرپان رايونىدىكى باشلانغۇچ ئۇرۇقداشلىق قەبىلىلەر چارۋىچىلىق ، ئوۋچىلىقنى ئاساس قىلىپ تېرىقچىلىق پائالىيىتى ئېلىپ بارغان . تاش قوراللاردىن تاشقىرى ساپال قوراللارنى ئىجاد قىلغان .
2000 يىللار ئىلگىرى ، ﻫازىرقى شىنجاڭ غەربىي رايون دەپ ئاتىلاتتى ، خەن سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى دەۋرلىرىدە غەربىي رايوننىڭ كۆپ قىسمى ﻫۇنلارنىڭ ﻫۆكۈمرانلىقىدا ئىدى . ئۇ چاغلاردا ﻫۇنلار غەربىي رايوننىڭ ﻫەرقايسى جايلىرىغا تەﻫدىت سېلىپلا قالماستىن ، بەلكى غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ غەربىي شىمال چېگرىسىغىمۇ ئېغىر تەﻫدىت سالغانىدى . خەن ۋۇدى تەختكە چىققاندىن كېيىن ، چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەﻫكەملەش ، غەربىي رايون بىلەن بولغان سودا ئالاقە يولىنى ئېچىش ، غەربىي رايون يەنى شىنجاڭنىڭ ﻫەرقايسى بەگ بالىقلىرى بىلەن بىرلىشىپ ﻫۇنلارغا بىرلىكتە زەربە بېرىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ ، مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 138 - يىلى جاڭ چيەننى غەربىي رايونغا بىرىنچى قېتىم ئەلچىلىككە ئەۋەتتى .
شۇنىڭدىن باشلاپ خەن سۇلالىسى بىلەن ﻫۇنلار ئوتتۇرىسىدا شىنجاڭنى تالىشىش بويىچە تەكرار كۈرەشلەر باشلاندى . شىنجاڭدىكى ﻫەرقايسى بەگ بالىقلار بىلەن بىرلىشىپ ﻫۇنلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن جاڭ چيەن مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 119 - يىلى شىنجاڭغا 2 - قېتىم ئەلچى بولۇپ كەلدى . شۇنىڭ بىلەن يىپەك يولى ئېچىلىپ ، تۇرپان يىپەك يولىنىڭ مۇﻫىم تۈگىنىگە ئايلاندى .
تۇرپان ئەينى چاغلاردا غۇز ، قۇس ، قوش دەپ ئاتالغان . مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 108 - يىلى خەن سۇلالىسى قوشۇنلىرى كروراننى ئىشغال قىلىپ ، پادىشاﻫىنى ئەسىرگە ئالغان ، ئارقىدىنلا قوشنى ئىشغال قىلغان . مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 99 - ، 89 - ، 74 - ، 68 - ، 60 - يىللىرى بەش قېتىم خەن سۇلالىسى بىلەن ﻫۇنلار ئوتتۇرىسىدا قوشنى تالىشىش ئۇرۇشى بولۇپ ، ئاخىرقى قېتىملىق ئۇرۇشتا قوش خەن سۇلالىسىغا قارام بولدى .
مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 60 - يىلى غەربىي خەن سۇلالىسى غەربىي يۇرت باش قورۇقچى بەگ مەﻫكىمىسىنى تەسىس قىلىپ ، قوشنى مەركىزىي ﻫاكىمىيەتكە تەۋە قىلدى . مىلادىيە 91 - يىلى غەربىي يۇرت قورۇقچى بەگ مەﻫكىمىسى كۈسەن ( كۇچا) گە كۆچتى . 327 - يىلى جىن سۇلالىسىنىڭ لياڭجۇدىكى باش ئەمەلدارى جاڭ گۇي ئالدىنقى لياڭ سۇلالىسىنى قۇردى . كېيىن قوچودىكى چېرىكچى بەگ ئەمەلدارنى ئۆلتۈرۈپ ، قوچو ۋىلايىتىنى تەسىس قىلىپ ، ۋالىي تەيىنلەپ ، قوچونى ساجۇ ( دۇنخۇاڭ ) غا تەۋە قىلدى . سىياسىي مەركەز يارغولدىن قوچوغا يۆتكىلىپ ، قوچو دەۋرى باشلاندى .
439 - يىلى شىمالىي ۋېي پادىشاﻫلىقى شىمالىي لياڭنى مۇنقەرز قىلدى . ئەسلىدە شىمالىي لياڭ پادىشاﻫى ۋېي پادىشاﻫلىقىغا تەسلىم بولغان ئىدى . 2 - يىلى لياڭ پادىشاﻫىنىڭ ئىنىسى يۈز ئۆرۈپ ، تۈمەن كىشى بىلەن پىشامشانغا كېلىپ قېچىپ بېرىپ ، كېيىن قوچونى ئىشغال قىلدى . 443 - يىلى ئۇ ئۆزىنى "قوچو خاقانى" دەپ ئېلان قىلدى ، شۇ چاغدىن باشلاپ قوچودا خانلىق بارلىققا كەلدى .
460 - يىلى جورجانلار قوچونى ئىشال قىلىپ ، غان بوجونى ( خەنزۇچە مەنبەلەردە "كەن بوجو" دەپ ئېلىنغان ، "تاڭ دەۋرىدىكى سۆزلۈكلەرنىڭ ئاﻫاڭ تەرجىمىسى" دە "غان بوجو" دەپ تەرجىمە قىلىنغان ) قوچوغا خاقان قىلىپ تىكلىدى . غەربىي رايوندا نۇرغۇن جايلار جورجانلارنىڭ ﻫۆكۈمرانلىقىغا ئۆتتى .
487 - يىلى قاڭقىللار تۇرپان ئويمانلىقىدا قاڭقىل بەگلىكىنى قۇردى . شۇنىڭدىن باشلاپ قاڭقىللار بىلەن جورجانلار قوچونى تالىشىپ 30 يىل ئۇرۇشتى . قاڭقىللار شىمالىي خانى ئاپۇرغۇر جورجانلارنى مەغلۇب قىلىپ قوچو بىلەن پىشامشان رايونىغا بېسىپ كىرىپ ، غان بوجونىڭ ئوغلى قوچونىڭ بېگى غان شوگوينى ئۆلتۈرۈپ ، دۇنخۇاڭلىق جاڭ مىڭمىڭنى قوچوغا خان قىلىپ تىكلىدى . بۇ ئىشقا نارازى بولغان قوچو خەلقى قوزغىلىپ ، جاڭ مىڭمىڭنى ئۆلتۈرۈپ ، ئۇنىڭ ئورنىغا مارۇنى خان قىلىپ تىكلىدى . 497 - يىلى جورجانلار خەلقىنىڭ مارۇغا بولغان نارازىلىقىدىن پايدىلىنىپ قوچونى ئىشغال قىلىپ ، مارۇنى ئۆلتۈردى . ئۇنىڭ ئورنىغا جىنچىڭ ( لەنجۇ ) نىڭ يۇجۇ دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان كۈي جيانى خان قىلىپ كۈي جەمەتى ﻫۆكۈمرانلىقىدىكى قوچو خانلىقىنى قۇردى . 640 - يىلى تاڭ سۇلالىسى نەچچە تۈمۈن كىشلىك قوشۇن بىلەن قوچوغا جازا يۈرۈش ئۇرۇشىنى قوزغىدى . كۈيۈنتاي قورقۇپ كېتىپ ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى . ئوغلى كۈي جىشىڭ شەﻫەرنى بېرىپ تەسلىم بولدى . كۈي جەمەتى خانلىقى 141 يىل داۋام قىلىپ ، توققۇز ئەۋلاد ، 10 پادىشاﻫ قوچوغا ﻫۆكۈمران بولۇپ ئۆتتى . تاڭ سۇلالىسى شۇ يىلى قوچودا شىجۇ ئايمىقىنى تەسىسى قىلىپ ، ناﻫىيە ، يېزا ، مەﻫەللە تۈزۈلمىسىنى ئورناتتى ، غەربىي ئوبلاست دائىرىسىدە بەش ناﻫىيە تەسىس قىلدى . تاڭ سۇلالىسى شۇ يىلى يەنە يارغول شەﻫىرىدە ئەنشى قورۇقچى بەگ مەﻫكىمىسىنى تەسىس قىلىپ ، پۈتۈن شىنجاڭنى بىر تۇتاش باشقۇردى .
658 - يىلى باش قورۇقچى بەگ مەﻫكىمىسى كۈسەنگە كۆچۈرۈلدى . بۇ مەﻫكىمە تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدا قوچو ( تۇرپان ) ، كىنگىت ( قارا شەﻫەر ) ، كۈسەن ( كۇچا ) ، سولى ( قەشقەر ) ، ئۇدۇن ( خوتەن ) ..... قاتارلىق جايلارنى باشقۇردى . مىلادىيىنىڭ 866 - يىلى ئۇيغۇر خانى بۇقا تېگىن تۈبۈتلەرنى مەغلۇب قىلىپ ، قوچونى ئىشغال قىلدى .شۇنىڭ بىلەن تارىختىكى ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئېلى دەۋرى باشلاندى . 1368 - يىلى جۇيۈەنجاڭ مىڭ سۇلالىسىنى قۇرغان چاغدا ، چاغاتاي ئەۋلادلىرى ئۆزئارا ئۇرۇشۇپ ، تۇرپان رايونىمۇ پارچىلىنىپ تۇرپان ، قوچو ، لۈكچۈندىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنۈپ كەتتى .
1389 - يىلى تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ ئوغلى خىزىر غوجا تەختكە چىقىپ ، چاغاتاي خانلىقىنى قايتا تىكلىگەندىن كېيىن ، 1393 - يىلى تۇرپاننى قورال كۈچى بىلەن بويسۇندۇرۇپ ، تۇرپاندا ئىسلام دىنىنى يولغا قويۇپ ، بۇددا دىنىغا زەربە بەردى .
15 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى ئىسلام دىنى تۇرپان رايونىدا كەڭ ئومۇملىشىپ ، بۇ چاغدىكى ﻫۆكۈمرانلار ئىسلام دىنىنىڭ مۇخلىسىغا ئايلاندى ، ئۇلار ئۆزىنى "سۇلتان" ، "غوجا" دەپ ئاتىدى . كېيىن يەكەن سەئىدىيە خانلىقى پۈتۈن شىنجاڭنى جۈملىدىن تۇرپاننىمۇ ئۆزىگە قاراتتى . 1678 - يىلى ئاپاق غوجا غالداننىڭ كۈچىگە تايىنىپ ، يەكەن خانلىقىنى يوقاتتى . تۇرپان جۇڭغارلارنىڭ ﻫۆكۈمرانلىقى ئاستىغا كىردى . 1720 - يىلى سوپىلار ئەۋلادى بولغان ئىمىن غوجا تۇرپاننىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى بېگى ، جۇڭغارلارنىڭ ۋەكىلى ئەخمەت باقىبەگدىن ﻫوقۇق تارتىۋېلىپ ، تۇرپانغا بەگ بولدى ، شۇنىڭدىن كېيىن تۇرپان رايونىدا ئىمىن خوجا باشچىلىقىدىكى" تۇرپان غوجىلىرى " ( ۋاڭلىرى) نىڭ تارىخى باشلاندى . 1759 - يىلى ئالتە قەلئە ( پىچان ، تۇرپان ، لۈكچۈن ، سىڭگىم ، قارا قوچو ، توقسۇن ) بىنا قىلىندى .
1779 - يىلى پىچاندىكى خان ئامبىلى ئورنى تۇرپانغا كۆچۈرۈلدى . 1781 - يىلى تۇرپان كونا شەﻫەر سېلىنىپ ، تۇرپان مەﻫكىمىسى قۇرۇلۇپ ، گەنسۇ ، ئەنشى ۋىلايىتىگە قارىتىلدى . شۇنىڭدىن كېيىن 100 يىل ئەتراپىدا تۇرپان تىنچ ئۆتكەن بولۇپ ، كىشىلەر تەرىپىدىن "تىنچ زامان" يەنى " تەيپىنەمنىڭ زامانىسى" دەپ ئاتالدى . بۇ يەردىكى "تەيپىنەم" ئەسلى "تەيپۇنا" دىن ئۆزگەرگەن بولۇپ ، تەيپۇنا قوچو ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئاخىرقى خانلىرىدىن بىرى . ئۇ 1331 - يىلللىرى تەختكە چىققان تىنچ ، ئاسايىشلىق بىلەن يۇرت سورىغان . بۇ يەردىكى "تىنچ زامان " تەيپۇنانىڭ زامانىسىغا سىمۋول قىلىنغان .
1867 - يىلى ياقۇپبەگ جەنۇبىي شىنجاڭدا "يەتتە شەﻫەر دۆلىتى" خانلىقىنى قۇردى . 1869 - يىلى شىمالغا يۈرۈش قىلىپ ، 1870 - يىلى 10 - ئايدا تۇرپاننى ئىشغال قىلدى ۋە تۇرپان يېڭىشەﻫەر بازىرىنى بىنا قىلدى . ياقۇپبەگ تۇرپاندا ئوغلى ﻫەققۇللانى تۇرغۇزدى . 1875 - يىلى چىڭ سۇلالىسىنىڭ زوزۇڭتاڭ قوشۇنى شىنجاڭغا كىرىپ ، 1877 - يىلى 4 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ئارقا - ئارقىدىن پىچان ، تۇرپان ، توقسۇننى ئېلىپ ، جەنۇبىي شىنجاڭغا بارىدىغان دەرۋازىنى ئاچتى . ياقۇپبەگ ئالاقزادە بولۇپ ، 5 - ئاينىڭ 29 - كۈنى كورلىدا تۇيۇقسىز ئۆلدى . شۇنىڭ بىلەن ياقۇپبەگ خانلىقى يىمىرىلدى . 1884 - يىلى غەربىي رايون ئۆلكىگە ئۆزگەرتىلىپ ، "شىنجاڭ" دەپ ئاتالدى . بۇرۇنقى ﻫەربىي ﻫۆكۈمەت تۈزۈمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ ، تۇرپان يېڭىدىن قۇرۇلدى . شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ، ئاتىدىن بالىغا مىراس قالىدىغان جاساق تۈزۈمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى . بەگلىكلەر شاڭيۇلىققا ئۆزگەرتىلدى ، كونا شەﻫەر قايتىدىن سېلىندى . 1912 - يىلى 1 - ئايدا جۇڭخۇا مىنگو قۇرۇلدى ، 6 - ئايدا شىنجاڭدىمۇ جۇمﻬۇرىيەت يولغا قويۇلدى . لېكىن جايلاردىكى فېئودال كۈچلەرگە ﻫېچقانچە تېگىلمىدى . پەقەت 1913 - يىلى ۋازارىتى مەﻫكىمە ناﻫىيىگە ئۆزگەرتىلدى . ئەڭ ئاخىرقى تۇرپان غوجىسى ئىمىن ئىنانچى خانبەگ (جۇنۋاڭ) لىقتىن ۋەلىدە غوجى (چىڭۋاڭ) لىققا ئۆزگەرتىلدى .
1912 - يىلى قۇمۇلدا تۆمۈر خەلپە قوزغىلىڭى پارتلىغاندا ، تۇرپاندىمۇ مويدىن خەلپە باشچىلىقىدا فېئوداللىق زۇلۇمغا قارشى قوراللىق قوزغىلاڭ پارتلىدى . 1932 - يىلى قۇمۇلدا جوجىنىياز ﻫاجى باشچىلىقىدا قوزغىلاڭ پارتلىغاندا ، تۇرپاندا مۇﻫىتىلارنىڭ باشچىلىقىدا مۇستەبىت ياڭ زېڭشىن ، شېڭ شىسەي ﻫۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلدى . 1947 - يىلى 7 - ئاينىڭ 8 - كۈنىدىن 10 - كۈنىگىچە تۇرپان ، پىچان ، توقسۇن ناﻫىيىلىرىدە گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلدى . 1947 - يىلى 8 - ئايدا تۇرپانلىق 208 پارتىزان ئابدىراخمان مۇﻫىتى ، باۋۇدۇن يۈسۈپلەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە ، 120 نەچچە قورال - ياراق بىلەن نۇرغۇن جاپالىق جەڭلەرنى قىلىپ ، ئالغۇي ئارقىلىق ئىلى تەرەپكە ئۆتۈپ كەتتى . بۇ تۇرپان پارتىزانلىرى غۇلجىغا بارغاندىن كېيىن "قىلىچ ئىسكادىرونى" نامى بىلەن ئۈچ ۋىلايەت ئارمىيىسى تەركىبىگە ئۆتتى .
1949 - يىلى 10 - ئايدا شىنجاڭغا كىرگەن خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى تۇرپان ئارقىلىق جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭغا كىرگەن خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى تۇرپان ئارقىلىق جەنۇبىي شىنجاڭغا يۈرۈش قىلدى . 10 - ئاينىڭ 27 - كۈنى - دالا ئارمىيىسى 2 - جۈننىڭ باشلىقى گوپىڭ ، ۋاڭ ئىنماۋلار قىسىمنى باشلاپ تۇرپانغا يېتىپ كەلدى ﻫەمدە يېڭى شەﻫەردە ئاممىۋى يىغىن ئېچىپ ، پارتىيىنىڭ سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلدى ، جەمىيەت تەرتىپىنى مۇقىملاشتۇردى .
11 - ئايدا جوڭگو كوممىنىستىك پارتىيىسى تۇرپان ناﻫىيىلىك كومېتىتى تەشكىللىنىپ ، دىڭ ۋىنمىڭ مۇئاۋىن شۇجىلىقنى ﻫەمدە تۇرپان ناﻫىيىسىنىڭ مۇئاۋىن ﻫاكىملىقىنى قوشۇمچە ئۆتىدى. 1950 - يىلى 1- ئايدا سەنئەت پىشۋاسى ۋە زىيالىي سىراجىدىن زۇپەرى تۇرپان ناﻫىيىسىنىڭ ﻫاكىملىقىغا تەيىنلەندى . 1969 - يىلى 9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تۇرپان ناﻫىيىسىدە ئىنقىلابىي كومېتىت ، پارتىيىنىڭ يادرو گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇپ ، روزى تۇردى گۇرۇپپا باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى .1975 - يىلى 1 - ئايدا گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق تۇرپان ۋىلايىتى كومېتىتى تەسىس قىلىنىپ ، تۇرپان ، پىچان ، توقسۇن ناﻫىيىلىرىنى ۋىلايەتنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزدى . 1985 - يىلى تۇرپان ناﻫىيىسى شەﻫەرگە ئۆزگەرتىلدى .

پايدىلانغان مەنبە : ئۆمەرجان سىدىق يازغان " سېﻬىرلىك زېمىن تۇرپان " ناملىق كىتابتىن ئېلىندى .


مەنزىرە سۇرەتلىرىنى جىق كۆرۇپ كەتتۇق شۇڭا قىستۇرمۇدۇم !


يەۋاتىمەن،دېمەك مەن تېخى ھايات!

ھايات كۈن ئۆتكۈز

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6487
يازما سانى: 1368
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11715
تۆھپە نۇمۇرى: 460
توردا: 1537 سائەت
تىزىم: 2010-8-16
ئاخىرقى: 2014-11-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-6 05:18:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ئېسىل تېما ئىكەن تەشەككۈر !!! بولسا ناخشىنى ( تۇرپانغا كەل ) دىگەنگە ئالماشتۇرۇلغان بولسا ... [s:79]  [s:79]  [s:79]

ياراتقان ئىگەمنىڭ نىېمىتى كارىز ، ئەمگەكچان خەلقىمنىڭ ھۈنىرى كارىز ، سۈيىم ھەم نېنىم ھەم ھۇزۇرى كارىز . جاھاندا بىرلا ئۇ شەربىتى كارىز ، 

ئەركىنلىك ، تېنچ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7009
يازما سانى: 2078
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21791
تۆھپە نۇمۇرى: 531
توردا: 1939 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2011-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-6 05:21:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇزۇمزا سۆيگۇسى دېگەن ناخشىتى بۇ !

يەۋاتىمەن،دېمەك مەن تېخى ھايات!

مۇھەببەت __ قۇدرە

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5723
يازما سانى: 204
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8632
تۆھپە نۇمۇرى: 355
توردا: 220 سائەت
تىزىم: 2010-8-5
ئاخىرقى: 2011-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-6 05:24:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تۇرپانغا بېرىپ باققان.

پىشمىغان پىكىر.     بەندە ئازغۇچىدۇر.

ۋەتەننىڭ قەدرىن

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5987
يازما سانى: 660
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10381
تۆھپە نۇمۇرى: 502
توردا: 628 سائەت
تىزىم: 2010-8-9
ئاخىرقى: 2014-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-6 05:25:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇرپانغا بارغۇم كىلىۋاتىدۇ دىسە

قۇياش يىيىشكە بولمايدىغان نان    ۋەتەن بىرىشكە بولمايدىغان جان

ئىنسان  بولساڭ غۇرۇلۇق بول.

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6404
يازما سانى: 5064
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12652
تۆھپە نۇمۇرى: 365
توردا: 6946 سائەت
تىزىم: 2010-8-15
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-6 05:28:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يوللاپسىز..........................

ئادەم ئالدى بىلەن ئۆزىنى قەدىرلەشنى بىلىشى كېرەك،ئاندىن باشقىلارنىڭ قەدىرلىشىگە ئېرشەلەيدۇ.
Burnumbar بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-6 06:07:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش