مۇنبەرداشلارغا شېئىرى چاقچاق
ئاپتۇرى: كۆكيار
مۇنبەرلەر سەرخىلىنى قۇرغان كىشى مىسرانىم،
نادىر ئەسەر ئاپتۇرى ئالىي ئەزا ھېسلىرىم،
كۆرۈنمەيدۇ ھەر جايدا مەخپى ئەزا كەچمىشىم.
شېئىريەتتە كۆرۈنگە مەستانە ئەزا خەلقىم.
باشقۇرىدۇ مۇنبەرنى ئەستايىدىل تارىم،
ئىنكاسلىرى تېتىملىق پەزىلەتلىك تاتلىقىم.
ئېسىل تېما يوللايدۇ ئىجاتجانىم كۆركەم،
پەيدا بولۇپ قالىدۇ تېمىلاردا رىشتەم،
تەلەيلىك دوستلارنى بەلگىلەپتۇ ئەركەم،
لېرىكىغا بەك ئۇستا باشقۇرغۇچى بەھرام،
ئارقا سەپتە ئىشلەيدۇ جاپا چېكىپ ئۇيغۇرۇم.
بەكمۇ رومانتىك ئىكەن گۈزەل قىز رومانتىكا،
ئۇستا ئىكەن ھېساپقا جان دوستۇم ماتىماتىكا،
ئىنكاسلىرى بەك ئېسىل پىكرى ئويغان شەمشەركا،
بىلىملىرىڭ بەك كۆپ مۇ ئالىم ئەزا قامچا؟
يازمىلىرى قىلىدۇ ھەر كىشىنى ئۇنىڭغا شەيدا،
كالا سېتىپ يۈرىيدۇ قىززىق ئەزا نەسرۇللا،
قارىماينى كۆرسەتتى بىزگە تولۇق زۇلەيخا،
قاخشاپتۇرار ھەر دائىم شائىر ئەزا ئۇيغۇرا.
يوقاپ كەتتى مۇنبەردىن قىززىق ئەزا مايكۇل،
كۆرۈنمەيدۇ مۇنبەردە كونا ئەز تۇغرۇل،
شېئىرلىرى بەك ئېسىل شائىر ئەزا يارغۇل،
ئاۋازى بەك يېقىملىق داڭلىق ئەزا بۇلبۇل.
يەلپۈنىدۇ داۋاملىق شوخ شامالدا لەرزان،
ئېسىل تېما يوللايدۇ كونا ئەزا ئەزىزان،
ئالى ئەزا بولىۋىلىپ يوقاپ كەتتى ئۇيغۇرجان.
قايماق سېتىپ يۈرىيدۇ باشقۇرغۇچى ئىدرىسجان.
كىرمەيدىكەن مۇنبەرگە ياخشى ئەزا جىبران،
پال ئېچىپلا يۈرىيدۇ كونا ئەزا داخان،
باشقۇرغۇچى بولىۋاپتۇ يەنە بىر قېتىم سۇلتان،
قېچىۋاپتۇ چۆللەرگە ئېسىل ئەزا باياۋان.
قېىنى قىززىق ئىكەنغو بىلىملىك زات ھۆكۈمران،
ئىنكاس شاھى بولۇپتۇ كۈلۈپ يۈرۈپ كارۋان،
يوقاپ كەتلە مۇنبەردىن قېنى سىلە كارۋانجان؟
رەسىم ئىشلەش ئۇستىسى ئىدى دوستۇم شاتلان.
سۈرۈپتىكەن تارىختا غايىپ بولغان دەۋران،
شېئىرلىرى بەك ياخشى يىڭى كەلگەن باھادىرخان.
نادىر تېما ئۇستىسى ئىكەن ئەدىب ھىجران،
كۆرۈنمىلە مۇنبەردە نەگە قاچلا كامران؟
ئەسەرلىرى زەپ ئېسىل ئالىي ئەزا ئۆرۈكجان،
بىكار تۇرماي ئوقۇرمىش جىمى ئەزا رومان،
زەھىرى يوق ئۇنىڭكى مېھرى ئىسسىق يىلان،
ئاللاھتىن بەكمۇ قورقار مۇنبەردىكى ئايسىمان.
ئىنكاس يازماس بوپ كەتتى باشقۇرغۇچى تەكلىماكان،
كۆرۈنمەيدۇ تېمىسى، جىمغۇر دوستۇم شاۋقۇن،
يۇمۇر يوللاپ كۈلدۈرەر ماشايىخىم چاپلىن،
ئىجاتچانلىق روھى بار شائىر دوستۇم چارتېكىن.
سىنايدىكەن دوستلارنى سۇئال سوېاپ ئەلتېكىن،
كۈلۈپ، كۈلدۈرۈپ يۈرەر پەرھاتنى ئىزدەپ شىرىن،
يېزىپ شېئىر، ھىكايە يوقاپ كەتتى يەنە يانغىن،
مىڭ بىر جەۋرى-جاپادا خىزمەت قىلار يەنە قىزغىن.
ئادىتىم بويىچە يەنە تۇردۇم بۈگۈن دەيدۇ سەھەر،
تېمىلارنى يوللىماي نېمە ئىش قىلىدۇ زەپەر،
يوقاپ كەتتى جان دوستۇم يۈرىكى قەيسەر،
لىرىكىغا باي ئىكەن كونا دوستۇم گۈلبەشىكەر.
كۆرمەپتىمەن تېمىسىنى قانداق ئىدۇ ئەلنەزەر،
تەبەسسۇم قىلىپ يۈرەر ھەركىشىگە بىنەزەر،
نەلەرگىمۇ قاچقاندۇ ئەزالار كونىسى دىلبەر،
ئويلاندۇرۇپ يازىدۇ ھەرنەرسىنى ئەلگە نەزەر.
سادىق بولساڭ ۋىجدانغا يولۇقماس ساڭا خەتەر،
پارلاپ تۇرار يۈز كۆزى كونا ئەزا ئەنۋەر،
تەسمىدۇ ئىشىڭ سىنىڭ باشقۇرغۇچى ئەلىشىر،
نەگە كەتتىڭ ھەي دوستۇم، قېنى ئۆزۈڭ گۈلسەبىر.
كىملەرگە قاراپ كۈلدۈڭ ئەزىز دوستۇم خوشچېراي،
چاقچاقلىرىنىڭ نەدىدۇر مۇنبەردىشىم شاتئاي،
لىرىكىلار خانىشى ئىدىڭغو سەن سۈزۈكئاي،
قىنى ئۆزۈڭ جان دوستۇم تۇرپاندىكى تۇلۇنئاي.
ئىنكاسلىرىڭ مەنىلىك ئىدى سىنىڭ ئاقسۇ سىرى،
نەگە كەتتى جان دوستلار كونا ئەزا دىلسىرى،
ئىنكاس يازماي يۈرىيدۇ پېشقەدەم ئەلئەزھەرى،
شېئىرىلىرى بەك ئېسىل جىنىم دوستۇم ئەسرارى.
ئۆزى ئېسىل نېمىشقا ئۇنىڭ ئىسمى ئەسكى؟
يىڭى زاماندا دېھقان قانداق ياشار زامانى؟
تەر تۆكۈپلا تۇرىدۇ تېرىشچان سەھرا ئوغلى،
نەگە كەتتى شېئىرلىرىڭ بۇرادىرىم شائىر ئەپەندى؟
نەلەردە يۈرىيدىغانسەن كونا بۇرادەر سەۋرى،
ئىنكاسلىرى بەك ئېسىل خۇددى ھەسەل ھەرىسى،
ياڭرىماس بولدىغۇ ئەمدى، نەدە قالدى ئاشىق كۈيى،
شېئىر يازماق ئەمەس ئاسان، چېچىلدى ئۇنىڭ ئويى.
جاسارىتىڭنى كۆرسەت تېما بىلەن ئەي جەسۇر،
تاڭ يورىماي تۇرۇپلا يورۇپ كەتتى سۇبھىنۇر،
ئەجەپمۇ چاقنىغانتى ئەزەلدىنلا ئىسلامنۇر،
شېئىرلىرىڭىز بەك ئېسىل جىنىم دوستۇم تاڭنۇر.
جىمىپ كەتمە گەپ قىلغىن بۇرادىرىم جىمغۇر،
نۇر چاچقاي شولاڭدىن قېنى ئۆزۈڭ مەڭگۈنۇر،
كەچمىشلىرىڭ نەدە قالدى، ئۆزۈڭ نەدە كۆكنۇر،
سەرخىل تېما يوللايسەن ئەي ئەزىزىم نۇر.
كۆرمەپتىمەن تېماڭنى جىنىم دوستۇم بىلگىقۇت.
ئىنكاسلىرىڭ مەنىلىك بىلىپ قالدىم جان پولات،
ئىنكاس يوللاپ يۈرىيسەن تېماڭ يوقمۇ ئەي سۇبات،
نادىر تېمىلار شاھى ئوماق دوستۇم مېھرىزات.
داۋامىنى ئىنكاس ئارقىلىق يوللايمەن