|
|
|
|
ئاپتورى:ئەكرەم.ئەركىن(تاتلىغىم)
قەلىب خانەمنىڭ پىنھان جايلىرىدا يەنىلا سىزنىڭ سىمايىڭىز ، بۇ سىيمانىڭ قاچانلاردا مېنىڭ قەلىب
خانەمدىن مەڭگۈلۈك ئۇرۇن ئالغانلىقىنى ئېنىق بىلمىسەممۇ،ئەمما بۇ سىمانى قەلىب خانەمنىڭ ئاشۇ
مەڭگۈلۈك تۈرمىسىگە قاماپ قويغانلىقىم ئېنىق ئېسىمدە!
بەزىدە ئويلاپ قالىمەن ،بۇ دۇنيادا راستىنلا مەڭگۈلۈك،مەڭگۈ داۋاملىشىدىغان مۇھەببەت ،يەنى بىزنىڭ
نەزىرىمىزدىكى ھەقىقىي مۇھەببەت يوقمىدۇ؟! مېنىڭچە بولغاندا بۇنىڭ بار-يوقلىقى ئاشۇ كىشىنىڭ يۈرەك
ساداسىغا باغلىق.سىز ناۋادا بار دېيەلىسىڭىز،ئاشۇ سۇقۇپ تۇرغان يۈرىكىڭىز بار دېيەلىسە ،چۇقۇم بار،
ھەم سىز بۇ دۇنيادا ھېچكىم ھېس قىلىپ باقمىغان بىر خىل ھېسنىڭ ئىللىق ئەللەيلىتىشىگە ئېرىشەلەيسىز!
ناۋادا يوق دېسىڭىز ،ئاشۇ سۇقۇپ تۇرغان يۈرىكىڭىز يوق دېسە ،مەڭگۈ ،مەڭگۈ يوق.ھەم سىز ئۇنداق
شېرىن ھېس-تۇيغۇنى سىز مەڭگۈ ھېس قىلالمايسىز ! مانا بۇ مېنىڭ بۇ دۇنيادا ھەقىقىي مۇھەببەت بارمۇ-
يوق دەپ ئىككىلىنىپ قالغانلارغا بېرىدىغان جاۋابىم! بەلكىم بۇ بەزەنلەرگە نىسپەتەن مەڭگۈ قۇرۇق
گەپ !چۈنكى سىز ئاللىقاچان جەمىيىتىمىزدىكى تەۋرىنىپ قالغان ئەخلاقنىڭ چاڭ-توزانلىرىغا مىلىنىپ
كەتكەن بولسىڭىز ،تەپەككۇرىڭىز ئاللىقاچان ئاشۇ چاڭ توزانلارغا كۆمۈلۈپ كەتكەن بۇلىدۇ ئەلۋەتتە!
بۇنداق بولغانىكەن بۇ سۆزلىرىم مەڭگۈ،مەڭگۈ سىز ئۈچۈن ئاتالىمىش قۇرۇق گەپ بۇلۇپ قالىدۇ!
ئويغىنىڭ يىگىت ،سىز <يىگىت دىگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى چوڭقۇر ئىزدەڭ ،تەپەككۇر تۇلپارلىرىڭىزنى
ئەڭ تېز سۈرئەتتە چاپتۇرۇپ ،بۇ مەنىۋى ئۇزۇق مۇجەسسەملەنگەن بۇ ئەڭگۈشتەرنى تېزدىن تېپىۋېلىڭ!
ئەگەر بۇ ئەڭگۈشتەرنى تېزدىن تاپالمايدىكەنسىز ،سىزنىڭ بۇ دۇنيادا <ياشاۋاتىمەن!>دەيدىغانغا
ھېچقانداق ھۇقۇقىڭىز يوق ! چۈنكى مەنىۋى ئۇزۇقىڭىز يېتىشمىسە ،سىزنىڭ روھىيەت دەرىخىڭىزنى
داۋاملىق سۇغۇرۇپ تۇرىمەن دېيىشىڭىز مۇمكىن بولماي قالىدۇ ئەلۋەتتە! روھىي ئۆلگەن ئادەمنى ،بۇ
دۇنيادا ياشاۋاتىدۇ دېيىش بىر ئەخمەقلىق خالاس !
تەپەككۇر دېڭىزىدا ئۈزىمەن تەنھا،
تەنھالىق مۇجەسسەم گۈلشەنىم تەپەككۇردا.
ئۈزسىمۇ دېڭىزدا تەنھا تەپەككۇر،
ئىزدەپ ۋىجداننى ياشايدۇ تەنھا.
2010-يىل10-ئاينىڭ5-كۈنى .شىنجاڭ كەسپىي ئۇنۋېرسىتتى
مەنبە:ئۆزەم .ئەكرەم ئەركىن.(تاتلىغىم)
|
|
|
|
|
|