مەن تاللىغان (كارۋانغا
)
كارۋاننىڭ يېڭى ئۆيگە كۆچكەنلىكىنى ئاڭلىغان دوستلىرى ئۇنىڭ ئۆيىگە تەبرىكلەشكە بېرىپتۇ. كۆپچىلىك ئۇنىڭ ئۆيىدىكى نەفىس ئائىلە سايمانلىرىنى توختىماي ماختاپ كېتىپتۇ."بۇ ئاۋاز ياڭراتقۇنى كىم تاللىغان؟" "ئايالىم""مۇنۇ كېرىسلونى كىم تاللىغان ", “ئايالىم" بۇ تام رەسىمى بەك چىرايلىقكەن ، بۇنى كىم تاللىغان "، "ئايالىم" كارۋاننىڭ بىر دوستى چىداپ تۇرالماي سوراپتۇ"ئۇنداق بولسا بۇ ئۆيدىكى قايسى نەرسىنى زادى سەن تاللىغان"، "ئايالىمنى "دەپتۇ
كارۋان .
تاللاش
(ئوماق شۇم بىلەنtogtax )
ئوماق شۇم تازا قىزىقىپ كوت-كوتتا دېھقانچىلىق مەيدانى ئويناپ تۇرسا ، دادىسى
togtax كىرىپ،" بالام، مەن ئاناڭ بىلەن ئاجىرىشىدىغان بۇلدۇم، سەن كىم بىلەن بىللە تۇرىسىن"، دەپ سوراپتىكەن ،
ئوماق شۇم بېشىنمۇ كۆتۇرمەستىن "سىلەرنىڭ ئاجرىشىش كېلشمنامەڭلارنى كۆرۇپ باقاي" دەپتۇ،
togtax ھەيران بولغان ھالدا "ئۇنى كۆرۇپ نىمە قىلسەن دەپتكەن"،
ئوماق شۇم "كومپىيۇتېرنى قايسىڭلار ئالغان بولساڭلار شۇنىڭ بىلەن تۇراي دەيمەن "دەپتۇ.
قېلشمايدۇ
(تاتلىقىم بىلەن ئالدىراشقا)
بىر قېتىملىق كارخانىچىللار يىغىندا ، خىش زاۋۇتىنىڭ باشلىقى
تاتلىقىم بىلەن پېچىنە زاۋۇتىنىڭ باشلىقى
ئالدىراش ئۆزئارا سۆھبەتلىشىپ قاپتۇ،
تاتلىقىم كەمتەرلىك بىلەن ئالدىراشتىن "ئاڭلىسام زاۋۇتىڭلار ئىشلەپ چىقارغان پېچىنلەر بىز ئىشلەپ چىقارغان خىشلاردىنمۇ قاتتىق دەيدۇ،بىزگە تەجىربىڭىزنى ئازراق سۆزلەپ بەرسىڭىز بۇلارمۇ؟'' دەپتىكەن
ئالدىراش ئىنتايىن كەمتەر قىياپەتتە" قېلىشمايدۇ، قېلشمايدۇ، مەنمۇ دەل بىزنىڭ تېخنكلارنى زاۋۇتىڭزغا تەجىربە ئۆگىنىشكە ئەۋەتەي دەپ تۇرغان" دەپتۇ.
مەدەنىيەتسىز
(لەرزانغا)
لەرزان ناخشا مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئۇچۇن يېرىم كېچىدىمۇ مەشىق قىلۋاتسا ئۇخلىيالمىغان تام قوشنىسى تامنى ئۇرۇشقا باشلاپتۇ، بۇنى ئاڭلىغان
لەرزاننىڭ ناھايىتى ئاچچىقى كېلىپ"قانداق دېگەن ئادەم بۇ ، يېرىم كېچە بۇلۇپ قالغاندا باشقىلارغا دەخلى قىلىپ تامغا مىق قاقىدىغان تازىمۇ مەدەنىيەتسىز "دەپ ئۇنلۇك ئاۋازدا سۆزلەپ كېتىپتۇ.
ناركوز ئۇستىسى(مۇڭ سىرداش بىلەن خەلقىمگە)
مۇڭ سىرداش چايخانىدا
خەلقىم بىلەن مۇڭدىشىپ قاپتۇ،
مۇڭ سىرداش: سىز كۇندە چايخانىغا كېلىو ۋاقىت ئۆتكۇزىدىكەنسىز، قارىغاندا بويتاق ئوخشىمامسىز؟
خەلقىم: توغرا ئېيتىڭڭىز.
مۇڭ سىرداش:ئەجىبا سىزنىڭ شارئىتىڭىز ياخشى ئەمەسمۇ؟
خەلقىم :ياق، مەن ھەر قانداق قىزنى مەس قىلىپ ئايلاندۇرۇپ قويىمەن .
مۇڭ سىرداش:ئەمىسە سىز...............؟
خەلقىم : مەن ناركوز ئۇستىسى.
بولكا سېتۋېلىش (رۇخسار بىلەن گۇل جەۋھەرگە )
رۇخسار گۇل جەۋھەرنىڭ بولكىخانىسىدن بولكا سېتۋاپتۇ. ئۇ بۇ بولكىلارنىڭ ئىلگىرىكىدىن كىچىكلەپ كەتكىننى بايقاپ،
گۇل جەۋھەردىن " بولكىلىرىڭىز ئىلگىرىكىدىنمۇ كىچىكلەپ كەتتىمۇ نىمە" دەپتىكەن،
گۇل جەۋھەر "شۇنداق كىچىك بولسا سىزنىڭ كۆتۇرۇپ ئەكىتىشىڭزگە قولايلىق بۇلىدۇ ئەمەسمۇ" دەپ ھېلگەرلەرچە كۇلۇپتۇ. بۇنى كۆرگەن
رۇخسار ئارتۇقچە گەپ قىلماستىن پۇكەي ئۇستىگە ئالغان بولكىنىڭ يېرىمىنى قۇيۇپ قۇيۇپ سىرتقا مېڭىپتۇ، بۇنى كۆرگەن
گۇل جەۋھەر دەرھال ئۇنىڭغا پۇل تۆلىمگەنلىكىنى ئېيتىپتكەن ،
رۇخسار ئۇنىڭغا "پۇل ئاز بولسا سىزگە سانىماققا ئوڭاي بۇلىدۇ دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.
مەنبە خەنزۇچە ژۇرناللاردىن تاللاندى