مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 531|ئىنكاس: 2

ئۇيغۇر نەققاشلىقى ۋە ماتېماتىكا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ساقىشچى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5386
يازما سانى: 1199
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17149
تۆھپە نۇمۇرى: 1105
توردا: 1952 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2015-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-4 12:34:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماتېماتىكانىڭ گۈزەل سەنئەتتە قوللىنىشى نەزەرىيە جەھەتتىن ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. بىز قەدىمكى ئىنسانلار قالدۇرۇپ كەتكەن مەدەنىيەت يالدامىلىرىغا چۈشۈرۈلگەن بېزەكلەر ۋە ھەر خىل شەكىل بەلگىلەردىن ئىپتىدائىي ماتېماتىكىنىڭ ئىزلىرىنى كۆرەلەيمىز. گەرچە قەدىمكى دەۋرلەردىكى سەنئەتكارلار نۇسخا لاھىيىلىگەندە ھەر خىل شەكىللەرنى ماتېماتىكىلىق ھېساپلاش قائىدىلىرى بويىچە بىرمۇ بىر ھېساپلاپ سىزىپ چىقمىغان بولسىمۇ، ئامما كۆڭۈلدىكىدەك بەدىئىي ئۈنۈمگە ئېرىشىش ئۈچۈن شەكىل قۇرۇلمىلىرىنى مەلۇم نىسبەت بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت لاھىيىلەش پرىنسىپىنى ھېس قىلغان ھەمدە شۇ ئاساستا ھەر خىل بېزەك، شەكىللەرنى ئىجاد قىلغان .
مەلۇمكى، نەققاشلىق بىر خىل گۈزەل سەنئەت ئىجادىيىتى بولۇپلا قالماستىن، يەنە ناھايىتى ئىنچىكە ماتېماتىكىلىق ھېساپلاش جەريانىدۇر. ئۇنىڭدىكى سىممېترىك بولۇش، چەكسىز داۋاملىشىش، ئەركىن كېسىشىش، مەلۇم بىر نۇقتىنى مەركەز قىلىش…… دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى ھازىرقى زامان ماتېماتىكىسىدا دائىم ئۇچراپ تۇتىدىغان، ھېساپلاش قائىدىلىرى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدىغان جەريانلاردۇر. تەڭپۇڭ بولۇش، نىسبەتلىك بولۇش دېگەنلەرمۇ دەل مۇشۇ جەريانلارنىڭ مۇۋاپىق، توغرا بولۇشى ئارقىلىق بارلىققا كېلىدىغان گۈزەل سەنئەت ئىجادىيەت پرىنسىپلىرىدۇر. بىر نەچچە خىل شەكىلدىكى بۇلۇڭ گرادۇسلىرىنىڭ ئۆزگەرمەي دەۋر قىلىشى، پاراللېل سىزىقلارنىڭ تەكشى داۋاملىشىشى ياكى قۇرۇما سىزىقلىرىنىڭ بىر خىل بولۇشى دېگەنلەرمۇ بىر مۇكەممەل نەقىش نۇسخىسىدا بولۇشقا تېگىشلىك لاھىيىلەش پرىنسىپلىرىدۇر. بۇلارنىڭ ھەممىسى ماتېماتىكىلىق ھېساپلاش جەريانى ئارقىلىقلا ۋۇجۇتقا كېلىدۇ .
بىز دائىم كۆرۈپ تۇرىدىغان مۇستەقىل ئۆرنەكلىك نەقىش نۇسخىلىرى مەيلى گۈل – نۇسخىلىرى بولسۇن ياكى تاسما كاتەك نۇسخىلىرى بولسۇن، سىممېترىك جايلاشقان بولىدۇ. يەنى ئۇيغۇر نەققاشچىلىقىدىكى ھەر قانداق ىبر مۇستەقىل ئۆرنەكنى ئوتتۇرىدىن قاتلىساق، ئىككى تەرەپتىكى بۆلەك بىر- بىرىگە ئۈستۈمۇ-ئۈست چۈشۈدۇ. تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشچە، سىممېترىك شەكىللەر تۇرغۇنلۇق تۇيغۇسىغا ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ كەيپىياتقا بولغان تەسىرى ناھايىتى چوڭ بولىدىكەن. مانا بۇ گېئومېترىيە بىلەن ئېستېتىكا ئىلمىنىڭ ئۇيغۇر نەشقاشلىقىدا قوللىنىشىدۇر. بىز ئۇيغۇر نەققاشلىقىدا كۆپ قوللىنىلىدىغان تاسما كاتەك نۇسخىلىرىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئۇنىڭدىكى ھەر بىر مۇستەقىل ئۆرنەكنىڭ خىلمۇ خىل گېئومېتىرىك شەكىللەردىن تەركىب تاپىدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشىمىز تەس ئەمەس. بۇ شەكىللەر ئۇستىلىق بىلەن گىرەلەشتۈرۈلگەن ياكى يانداش قوللىنىلغان بولۇپ، سىزىقلىرى ئىنتايىن قانۇنىيەتلىك ھالدا كېسىشكەن بولغاچقا، كىشىدە بىر خىل رېتىم ۋە ستېرېئولۇق تۇيغۇ پەيدا قىلىدۇ. ئۇ ھەم مۇستەقىل شەكىلگە، ھەم چەكسىز داۋاملىشالايدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە. شۇڭا ئۇنى بىر ئورۇنغا نەقىش قىلىپ چۈشۈرۈش ئۈچۈن چوڭ- كىچىكلىك نىسبەتكە قاتتىق تەلەپ قويۇلىدۇ.
ئۇيغۇر نەققاشچىلىقىدا تاسما كاتەك نۇسخىلىرى ئاساسىي تېما قىلىنغان ياغاچ پەنجىرە قۇرۇلمىلىرىنىڭ ئۆلچەملىك بولۇش تەلىپى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ئۆزئارا بەلگىلەنگەن چېتىشىش نۇقتىسىدىن ئازراقمۇ قېيىپ كېتىشكە يول قويۇلمايدۇ. ئۇنىڭ چېتىشىش ئارقىلىق ھاسىل قىلىدىغان شەكىل بۇلۇڭى مۇقەرەر يوسۇندا قانۇنلاشتۇرىۋېتىلگەن 90 گرادۇسلۇق توغرا بۇلۇڭ، 45 گرادۇسلۇق، 60 گرادۇسلۇق تار بۇلۇڭ، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كىچىك بۇلۇڭلۇق قۇرۇلمىلارغىچە ئۆلچەم قائىدىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىنغان. پەنجىرە نەقىش نۇسخىلىرىنىڭ قانچە كۆپ بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، يۇقىرىقى بۇلۇڭ ئۆلچەملىرى قائىدىسىدىن چەتنەپ كەتمەيدۇ. پەنجىرە ئۆلچەملىرىنىڭ چەكلىمىسىگە ئاساسەن تۆت بۇلۇڭلۇق، سەككىز بۇلۇڭلۇق، ئۈچ بۇلۇڭلۇق، ئالتە بۇلۇڭلۇققا ئوخشاش چوڭ- كىچىك بۇلۇڭ شەكىللىرىدە بولىدۇ. ئۇنىڭ بەدىئىي جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقى شۇكى، بىر نەچچە كىچىك تۆت بۇلۇڭلۇق شەكىللەر ئۆزئارا قوشۇلۇپ سەككىز بۇلۇڭلۇق، ئالتە بۇلۇڭلۇق ۋە رومبا شەكىللىك بىرىكمە شەكىللەرنى ھاسىل قىلالايدۇ. بىر شەكىلنىڭ قۇرۇلما تەرتىپى ئارقىلىق ئىككىنچى بىر خىل شەكىل تەبىئىي شەكىللىنىدۇ. شەكىللىنىشىگە تېگشىلىك شەكىلدىن باشقا بىر شەكىلنى ھەرقانچە زورلاپمۇ شەكىللەندۈرۈش مۈمكىن ئەمەس. ئەگەر بىرەر چېتىشىش نۇقتىسىنىڭ ئورنى ئۆزگۈرۈپ كەتسىلا، بۇنداق مەقسەتكە يەتكىلى بولمايلا قالماستىن، بەلكى پۈتۈن پەنجىرە قۇرۇلمىسى ئۆلچەمسىز بولۇپ قالىدۇ. بۇ نۇقتىدىن پەنجىرە نەقىشلىرىنى سىزىق سەنئىتى دەپ قاراشقىمۇ بولىدۇ. چۈنكى سىزىقلارنىڭ ئۆزئارا كېسىشىدىغان نۇقتىسىنى چۈشەنمەي ياكى ئۇنىڭ تۈزۈلۈش قانۇنىيىتىنى بىلمەي تۇرۇپ، ھەر قانچە باش قاتۇرۇپمۇ ئۆلچەملىك پەنجىرە نەقىش ئۈلگىسىنى سىزىپ چىقىش، ھەتتا ئەسلى ئۆلچىمىدىن كىچىكلىتىش ياكى چوڭايتىش مۈمكىن ئەمەس. شۇڭا ئۇنىڭ نەقىش قۇرۇلمىلىرى ھەر خىل ئوبرازلىق شەكىللەرگە ئىگە بولغاندىن سىرت، ئۇستىلارنىڭ بەلگىلىك گېئومېتىرىيىلىك ئىلمىي قانۇنىيەتنى ئىگەللىگەنلىكى، ئىنتايىن ئىنچىكە ۋە توغرا ھېساپلاش ئىقتىدارى بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇيغۇر نەققاشچىلىقىدا تام قوپۇرۇش جەريانىدا خىشلارنى قانۇنىيەتلىك تىزىش ئارقىلىق شەكىللەندۈرۈلىدىغان بورا، قەن خىش، كەكلىك قېشى قاتارلىق نۇسخىلارنىڭ ئىشلىنىشىمۇ مۇشۇنداق قانۇنىيەتكە ئىگە .
ئۇيغۇر نەققاشچىلىقىدا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان گۈل- گىياھ نۇسخىلىرى تاسما كاتەك نۇسخىلىرىغا قارىغاندا بىر قەدەر ئەركىن تۈرلىنىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولسىمۇ، ئەمما كۆپلىگەن نەقىش نۇسخىلىرىنىڭ مەلۇم شەكىلدىكى دائىرىدە بولىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. مەسىلەن، مېھرابچە نۇسخىلار، ئىككى تەرەپكە چەكسىز داۋاملىشالايدىغان ناۋا نۇسخىلىرى، پەتنۇسچە، كۆرگۈل، كۆنچۈك نۇسخىلىرى قاتارلىقلار مەلۇم گېئومېتىرىك شەكىلگە ئىگە بولۇپ، تۈرلىنىش جەريانىدا بىرلىك بىلەن چەكسىزلىك ئوتتۇرىسىدا دەۋر قىلىدۇ. ئىككى تەرەپكە چەكسىز داۋاملىشالايدىغان پىلتە- ناۋا خەت نۇسخىلىرىغا دىققەت قىلساق، ئاساسىي ئۆرنەكنىڭ بىر خىل تەكشى دولقۇنسىمان سىزىقنىڭ ئىچىدە ئوڭ- تەتۈر ھالەتتە تەكرار قوللىنىدىغانلىقىنى كۆرەلەيمىز. ئەلۋەتتە، بۇ دولقۇنسىمان سىزىق بەزىدە ئاساسىي ئۆرنەك بىلەن پەرق قىلغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە بىرىكىپ كېتىدۇ. نەققاشلار بۇ يەردە ئوبرازلاشتۇرۇش، مۇبالىغە قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق نەقىش نۇسخىلىرىنىڭ كۆركەملىكىنى ئاشۇرىدۇ، ئەمما بۇ ھەرقانچە قىلسىمۇ ئاشۇ دولقۇنسىمان سىزىقتىن ھالقىپ كەتمەيدۇ. مۇشۇ دولقۇنسىمان سىزىق دەل ترىگونومېتىرىيىلىك فۇنكىسىيىدىكى ئادەتتىكى سىنۇس فۇنكىسىيە ياكى كوسىنۇس فۇنكىسىيىدىن ھاسىل بولغان رەسىم بىلەن تامامەن ئوخشاشلىققا ئىگە. نەققاشلىرىمىز نۇسخا ئىجاد قىلغاندا ئالىي ماتېماتىكىدىكى بۇ ھېساپلاش قائىدىسىنى قوللانغان بولۇشى ناتايىن. لېكىن، ئۇنىڭدا بىر خىل ئىپتىدائىي ھېساپلاش ئۇسۇلى بۇلۇشى مۇقەرەر. ئۇ بولسىمۇ ئۇزۇن يىللىق تەجرىبە ۋە قايتا- قايتا ئىشلەشتىن كېيىن ھاسىل بولغان بىر خىل يېقىملىق، كۆركەم بەدىئىي شەكىل نۇسخىسىنىڭ پىشقان ئەندىزىسىدىن ئىبارەتتۇر.
ئەمدى بىز ئۇيغۇر نەققاشلىقىدىكى مېھرابچە نۇسخىنى مىسال ئالساق، مېھرابچە نەققاشلىقتىن باشقا يەنە ئىمارەتنىڭ سىرتقى يۈزىنى بىر تەرەپ قىلىشتىمۇ قوللىنىلىدۇ. ئۇ گۈمبەز ۋە باشقا ھەر خىل ئەگمە شەكىللەر بىلەن بىرىكىپ، بىر پۈتۈن ئىمارەتتە قۇيۇق مىللىي تۈس پەيدا قىلىدىغان نادىر شەكىللەرنىڭ بىرىدۇر.
مېھرابچە نۇسخىنىڭ ئۈستۈنكى ئەگمە قىسمى قارىماققا يېرىم شاردەك كۆرىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر بىناكارلىقىدا قوللىنىلىدىغان گۈمبەز، مېھرابچە ۋە باشقا ئەگمە شەكىللەر ئادەتتە يېرىم شار شەكىلدە بولماستىن، بەلكى مەركەزلىك چەمبەر ياينىڭ مەلۇم چوڭلۇقتىكى بۇلۇڭ دائىرىسىدە تۇتاشتۇرۇلىشىدىن ھاسىل بولغان يايدىن ئىبارەت. ئۇنىڭ سىزىلىش قائىدىسى مۇرەككەپ بولۇپ، ياينىڭ چوڭ- كىچىكلىكى خالىغانچە بېكىتىلمەستىن، بەلكى مېھرابچە شەكىلنىڭ كەڭلىكى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، ياي بىلەن مېھراب گەۋدىسىنىڭ نىسبىتى ئۆزئارا ماس كەلمەي قالىدۇ- دە، بىر پۈتۈن شەكىلنىڭ كۆركەملىكىگە ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يېتىدۇ.
ئۇيغۇر نەققاشچىلقىدىكى ئاساسلىق رەڭ ۋە باشقا تۈرلەنگەن رەڭلەرنىڭ ھاسىل قىلىنىشىنىمۇ ناھايىتى مۇرەككەپ بولغان خىمىيىلىك بىرىكتۈرۈشتىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. تەتقىقاتچىلار قىزىل مىڭئۆيدىكى ھەرقايسى دەۋرلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان توققۇز غاردىن ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق قىزىل، كۆك، يېشىل، ئاقتىن ئىبارەت تۆت خىل رەڭدىن تۈرلەنگەن 54 خىل ئارىلاشما رەڭنى ئېنىقلاپ چىققان. دېمەك 1000 يىللار ئىلگىرىل ئەجدادلىرىمىز بۇياق ياسىغىلى بولىدىغان مىنېرال ماددىلارنى تونۇپ ۋە قېزىپ ھەر خىل رەڭدىكى بوياقلارنى تەييارلاپ، گۈزەل سەنئەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان.

http://uyghuracademy.com/?p=8227

http://matimatik.blogbus.com/ ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ.                               ---- سۈرە"رەئىد" (13-سۈرە)، 11-ئايەت

ئەركىنلىك ، تېنچ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7009
يازما سانى: 2078
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21791
تۆھپە نۇمۇرى: 531
توردا: 1939 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2011-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-4 04:33:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۇيغۇر ھۈنەر-سەنئەت نەققاشلىقىنىڭ تۈرلىرى
تۇرسۇن غازى

تۇرسۇن غازى 1943-يىلى يەكەن ناھىيسىدە قول ھۈنەرۋەن ئائىلسىدە تۇغۇلغان. 1960-يىلى شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستېتۇتى گۈزەل سەنئەت فاكۇلتىتىنڭ ھۈنەر-سەنئەت كەسپىگە ئوقۇشقا كىرگەن. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن شۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن،1985-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق كۆرگەزمىخانىغا يۆتكىلىپ كەلگەن. ئۇھازىر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق كۆرگەزمىخانىنىڭ كۆرگەزمە بۆلۈم باشلىقى. كۆرگەزمە ھۈنەر-سەنئىتى بويىچە كاندىدات تەتقىقاتچى.
ئۇيغۇر ھۈنەر-سەنئەت نەققاشلىقى-ئۆزىنىڭ مول مەزمۇنى،كۆپ خىل شەكىلگە ئىگە ئىكەنلىكى،گۈزەل ھەم نەپىسلىكى،ئىشلىتىش دائىرسىنىڭ ئىنتايىن كەڭلىكى بىلەن قول ھۈنەر-سەنئەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە كەڭ قوللىنىلغان ۋە تۇرمۇشنىىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغىچە سىڭىپ كىرگەن. شۇڭا ئۇيغۇر ھۈنەر-سەنئەت نەقىشلىرىنى تىلغا ئالغاندا مۇقەررەر ھالدا قول ھۈنەر-سەنئەت تۈرلىرى بويىچە،ھەرقايسى كەسىپى ھۈنەرتەرتىپلىرى بويىچە كۈزىتىشكە ۋە چۈشىنىشكە توغرا كېلىدۇ.

ئۇيغۇر ھۈنەر-سەنئەت نەقىشلىرىنى مۇنداق تۈرلەرگە ئايرىش مۇمكىن:

1.بىناكارلىق ھۈنەر-سەنئەت نەقىشلىرى

2.گىلەمچىلىك ھۈنەر-سەنئەت نەقىشلىرى

3.يەرلىك باسما(سەگەزچىلىك) بوياقچىلىق نەقىشلىرى

4.دوپپا-يۇماق ھۈنەر-سەنئەت نەقىشلىرى

5.كىيىم-كېچەك،كەشتىچىلىك ھۈنەر-سەنئەت نەقىشلىرى

6.شايى-ئەتلەس،بەقەسەمچىلىك ھۈنەر-سەنئەت نەقىشلىرى

7.تەرمە-پالاس،خۇرجۇن ھۈنەر-سەنئەت نەقىشلىرى

8.ناماتمان(كىگىزچىلىك) ھۈنەر-سەنئەت نەقىشلىرى

9.چالغۇ ئەسۋاپلار ھۈنەر-سەنئەت نەقىشلىرى

10.ياغاچچىلىق،قىرغۇچىلىق،ئويمىكارلىق ۋە پەنجىرە ھۈنەر-سەنئەت نەقىشلىرى

11.مىسكەرلىك ھۈنەر-سەنئەت نەقىشلىرى

12.تۆمۈرچىلىك،پىچاقچىلىق،كەسكۈ-ئەسۋاپلار ھۈنەر-سەنئەت نەقىشلىرى

13.قۇيمىچىلىق ھۈنەر-سەنئەت نەقىشلىرى

14.زەرگەرچىلىك،زىبۇ-زىننەت ھۈنەر-سەنئەت نەقىشلىرى

15.خۇمدانچىلىق،ساپال بويۇملار ھۈنەر-سەنئەت نەقىشلىرى

16.قورال-ياراق،سەپەر-جابدۇق ھۈنەر-سەنئەت نەقىشلىرى

17.ئىگەر جابدۇق ھۈنەر-سەنئەت نەقىشلىرى

18.كۆن-خۇرۇم،موزدوزلۇق ھۈنەر-سەنئەت نەقىشلىرى

19.تېرە بويۇملار ھۈنەر-سەنئەت نەقىشلىرى

20.مەتبەئە سىراژچىلىق ھۈنەر-سەنئەت نەقىشلىرى

تۇرسۇن غازى ئەپەندىنىڭ «ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى بىناكارلىق بېزەك نەقىشلىرى»دېگەن كىتابىدىن (7-8-بەت) قىسقارتىپ ئېلىندى.

بۇ يازما ئاتەش گۈزەل سەنئەت بلوگىدىن كۆچۈرۈلدى .

يەۋاتىمەن،دېمەك مەن تېخى ھايات!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش