مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1545|ئىنكاس: 19

ۋېنگىرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۇيغۇرلار تارىخ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5896
يازما سانى: 300
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8987
تۆھپە نۇمۇرى: 506
توردا: 2534 سائەت
تىزىم: 2010-8-8
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-3 06:22:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋېنگىر(ماجار)لار ۋېنگىرىيە جۇمھۇرىيىتىدىكى ئاساسىي مىللەت. ۋېنگىرىيە ياۋروپا قىتئەسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتى بولۇپ، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 93 مىڭ 30 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، كۆپ قىسىم جايلىرى تۈزلەڭلىك. تاغلىق رايونلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قويۇق قارىغاي، ئارچا دەرەخلىرى بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ زېمىننىڭ تۇپرىقى مۇنبەت، سۈيى مول بولغاچقا، ئېتىزلىق ۋە يايلاقنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى بىرقەدەر يۇقىرى. دۆلەت زېمىنىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىدا ئىسسىق سۇ ئارشاڭلىرى بار، تەبىئىي قېزىلما بايلىقلىرىمۇ ئىنتايىن مول. ۋېنگىرىيەدە 19 ۋىلايەت، 1 مەركىزىي شەھەر بار، پايتەختى بۇداپېشت. [align=justify]    ۋېنگىرىيەنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 10 مىليون 190 مىڭ بولۇپ، ۋېنگىرلار مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 98 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ، يەنە سىلوۋاك، كىرود، سېرىب، سىلوۋېن، نېمس، سىگان قاتارلىق مىللەتلەر بار. ۋېنگىرلار كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.

[align=justify]    ۋېنگىرلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى

[align=justify]    ۋېنگىرلار ئۆزلىرىنى «ماجارلار» دەپمۇ ئاتايدۇ. نۇرغۇن ئىلمىي، تارىخىي كىتابلاردا، ھازىرقى ۋېنگىرىيەنىڭ دۆلەت نامى «ھونگىرىيە»، «ھونلار دۆلىتى» دەپ ئاتالغان بولۇپ، مىللەتشۇناسلار ۋېنگىرىيە دېگەن دۆلەت نامىنىڭ مەنىسىمۇ «ھونلار» دېگەنلىك بولىدۇ، دەپ شەرھلەيدۇ. بۇ، ۋېنگىرلارنىڭ ئەسلىي ئەجدادلىرىنىڭ شەرقتىن بارغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

[align=justify]    مىلادىيە 1 _ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى شىمالىي چۆللۈكتە ياشاۋاتقان ھونلار شەرقىي خەن سۇلالىسى لەشكەرلىرى تەرىپىدىن ئارقا _ ئارقىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ غەربىگە قاراپ كۆچىدۇ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا، تەڭرىتېغىنىڭ شىمالى ھەم جەنۇبىدا ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرى بىلەن جەم بولىدۇ، كۆپ قىسىم ھونلار ياۋروپاغا كۆچۈپ بارىدۇ. مىلادىيە 896 _ يىلىغا كەلگەندە، ھونلار دوناي دەرياسى ۋادىسىدىكى مۇنبەت تۈزلەڭلىككە ئولتۇراقلىشىپ، يۇرت _ ماكان قۇرۇشقا باشلايدۇ، مىلادىيە 1000 _ يىللىرى ئاتىللانىڭ باشچىلىقىدا فېئودال دۆلەت قۇرىدۇ. مانا بۇ، ۋېنگىرىيەنىڭ دەسلەپكى دۆلەت ئاساسى ھېسابلىنىدۇ.

[align=justify]    ۋېنگىرلار قىياپەت جەھەتتە ياۋروپادىكى باشقا ئەل خەلقلىرىدىن خېلىلا پەرقلىنىدۇ. ۋېنگىرىيەنىڭ مەشھۇر شائىرى فېيتوفى: «يىراق ئۆتمۈشتىكى ئەجدادلار ئاسىيا قىتئەسىدىن باشلانغان يىراق، جاپالىق مۇساپىلەرنى بېسىپ كېلىپ، دوناي دەرياسى ۋادىسىدا بۇ دۆلەتنى قۇرغان» دەپ يازغان. ئوتتۇرا ئاسىيادىن بارغان ھونلارنى مىللەت ئاساسى قىلغان ۋېنگىرىيەدە، بۈگۈنكى كۈندە كىشىلەر ئىسىم _ فامىلە قويۇشتا مىللىي خاسلىققا ئېتىبار بېرىپ، ئەرلەرگە «ئاتىللا» دېگەن ئىسىمنى كۆپرەك قويىدۇ. ۋېنگىرىيەدە ھونلار باش تېما قىلىنغا 1 باغچا بولۇپ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئاتىللانىڭ قەبرىسى مۇشۇ باغچىدا ئىكەن. ۋېنگىرىيەدىكى داڭلىق جەمەتلەردىن بولغان ئاشتىنھاج جەمەتىمۇ دەل ھون شاھىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئىكەن.

[align=justify]    ۋېنگىرلارنىڭ ھېيت _ بايراملىرى

[align=justify]    يېڭى يىل: ۋېنگىرلار يېڭى يىلنى تەبرىكلەشكە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىدۇ. يېڭى يىلنىڭ ھارپا كېچىسى كىشىلەر يۈزلىرىگە نىقاب تاقاپ موناستىر ئالدىغا يىغىلىپ، يېڭى يىل قوڭغىرىقىنىڭ چېلىنىشىنى كۈتىدۇ. يېڭى يىل قوڭغىرىقى چېلىنىشى بىلەن تەڭ ئەتراپ قاينام _ تاشقىنلىققا چۆمۈپ كېتىدۇ، كوچىلاردا كىشىلەر ئالاھىدە ياسالغان ئۇزۇن كانايلارنى چېلىپ شاۋقۇن _ سۈرەن سالىدۇ؛ ساليوت ئېتىپ جىن _ شاياتۇنلارنى قوغلايدۇ. ئۇلار «يېڭى يىل كۈنى قىلغان ئىش پۈتۈن يىللىق ئىشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ» دەپ قارىغاچقا، يېڭى يىل كۈنى ئۆزئارا قەرز بېرىشمەيدۇ؛ ئېغىر ئەمگەكلەرنى قىلمايدۇ؛ دورا يېمەيدۇ؛ پۈتۈن 1 يىللىق ھېساباتنى يېڭى يىل كۈنىدىن بۇرۇن قىلىپ بولۇشقا ئالدىرايدۇ.

[align=justify]    كۆكلەم بايرىمى: باھار پەسلىنىڭ 1 _ ھەپتىسى، ۋېنگىرلارنىڭ كۆكلەم (تىرىلىش) بايرىمى بولۇپ، ئۇلار كاتولىك دىنىنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن بايرامدىن بۇرۇنقى 40 كۈندە گۆش ئىستېمال قىلمايدۇ؛ بايرامدىن كېيىنكى 1 _ ھەپتىنىڭ 1 _ كۈنى ئەرلەر ئاياللارغا سۇ چېچىپ، مال _ دۇنياسىنى ئاياللارغا بەرگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. ئاياللارمۇ ئەرلەرگە جاۋابەن توخۇ، تۇخۇم قاتارلىقلارنى سوۋغا قىلىدۇ.

[align=justify]    بولكا بايرىمى: ۋېنگىرلارنىڭ بولكا بايرىمى ھەر يىلى 8 _ ئاينىڭ 20 _ كۈنى بولۇپ، بۇ كۈنى ھەم ۋېنگىرىيەنىڭ دۆلەت بايرىمى، شۇنداقلا ۋېنگىرىيە دۆلىتىنى قۇرغۇچى پادىشاھنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ھېسابلىنىدۇ. بۇ كۈنى، پۈتكۈل مەملىكەت خاراكتېرلىك تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرۇلىدۇ. بولكا بايرىمى كۈنى كىشىلەر شۇ يىلى پىشقان بۇغدايدىن بولكا پىشۇرۇپ ئۆزئارا سوۋغا قىلىشىدۇ؛ كوچىلاردا سەيلە قىلغاچ بولكا يەپ، تىنچ _ ئاسايىشلىق كۈنلەرگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ كۈنى ئاخشىمى، دوناي دەرياسى بويىدا ساليوتلار ئېتىلىپ، تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئەۋجىگە كۆتۈرۈلىدۇ. بۇلاردىن باشقا، ۋېنگىرلارنىڭ «ئىسىم قويۇش بايرىمى»، 3 _ ئاينىڭ 15 _ كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان «ئەركىنلىك بايرىمى» قاتارلىق نۇرغۇن بايراملىرى بار.

[align=justify]    غىزا _ تائام ئۆرپ _ ئادەتلىرى

[align=justify]    ۋېنگىرلار كۈندىلىك غىزا _ تائامغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئۇلار سۈت، ياڭيۇ، كالا گۆشى قاتارلىقلارنى ياخشى كۆرۈپ ئىستېمال قىلىدۇ. قورۇمىلارغا مۇچ، سامساق، پىياز، قارامۇچ قاتارلىق تەم تەڭشىگۈچلەرنى كۆپ ئىشلىتىدۇ. تائاملاردىن قورداق، بېلىق شورپىسى ۋە بېلىق كاۋىپىنى ياخشى كۆرىدۇ.

[align=justify]    ۋېنگىرلار داستىخاندا ناھايىتى قائىدە _ يوسۇنلۇق بولۇپ، تاماق يېگەندە ئاۋاز چىقىرىپ چايناشنى ئەدەپسىزلىك دەپ بىلىدۇ؛ ساھىبخانىلىق قىلغۇچى مېھماننىڭ تارتىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، مېھماندىن بۇرۇن تاماق يېيىشتىن توختىۋالمايدۇ؛ مېھماننى ھاراققا زورلاشنى يامان كۆرىدۇ.

[align=justify]    ۋېنگىرلارنىڭ ئەنئەنىۋى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى

[align=justify]    ئەنئەنىۋى كۆڭۈل ئېچىشقا بېرىلىش __ ۋېنگىرلارنىڭ ئېسىل ئادەتلىرىدىن بىرى. ئات مىنىش ۋە ئوۋ ئوۋلاش قەدىمدىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىدۇر.

[align=justify]    «ۋېنگىرىيە» دېگەن سۆزنىڭ يەنە «ئات ئۈستىدە نۇسرەتكە ئېرىشكەن مىللەتتىن ۋۇجۇتقا كەلگەن سەلتەنەت» دېگەن مەنىسى بولۇپ، ماجارلار ئارىسىدا ئاتقا دائىر رىۋايەتلەر كۆپ. گەرچە، بۈگۈنكى كۈندە ئات مۇھىم قاتناش قورالى ھېسابلانمىسىمۇ، ئۇ، يايلاق مىللەتلىرىدىكى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنىڭ يادروسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھازىرغىچە ئۆز ئەۋزەللىكىنى كۆرسىتىپ كەلمەكتە. ۋېنگىرىيەدە يايلاق مۇھىتى ياخشى بولغاچقا، ئات كۆپ بېقىلىدۇ.

[align=justify]    ئوۋ ئوۋلاش __ ۋېنگىرلارنىڭ ئەنئەنىۋى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ھېسابلانسىمۇ، ۋېنگىرىيە قانۇنىدا ھەرقانداق ئادەمنىڭ خالىغان ۋاقىتتا ئوۋ ئوۋلىشىغا بولمايدۇ. كىشىلەر قاتتىق ئىمتىھان _ سىناقلاردىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ ئوۋ ئوۋلاش كىنىشكىسى ئالغاندىلا، بەلگىلەنگەن دائىرە ئىچىدە ئوۋ ئوۋلاش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. بۇلاردىن باشقا، ۋېنگىرلارنىڭ يەنە سۇ ئۈزۈش، قارىغا ئېتىش، قولۋاق ھەيدەش، سۇ توپ ئويناش، شەمشەرۋازلىق قاتارلىق ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىمۇ بار.

[align=justify]    _ _ _ _ _ _ _ _ _ _ _ _ _ _ _ _

[align=justify]    پايدىلانمىلار:

[align=justify]    .1 «يەر شارىغا ساياھەت»، جۇڭگو سەيلە _ ساياھەت نەشرىياتى 2005 _ يىل نەشرى.

[align=justify]    .2 چېن يېفىڭ: «ھونلارنىڭ ياۋروپادىكى گۈللىنىشى ۋە ھالاكىتى» 2005 _ يىل «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى»

[align=justify]    .3 «ھونلارنىڭ ئەۋلادلىرى ھون مىللىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولۇۋاتىدۇ» شىنخۇا ئاگېنتلىقى 2005 _ يىل 14 _ ئاپرېل ماقالىسى.

[align=justify]    .4 لىن گەن: «ھونلارنىڭ ئومۇمىي تارىخى»، 1986 _ يىل نەشرى

مەنزىلىم ئالدىم

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12555
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8260
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 120 سائەت
تىزىم: 2010-10-3
ئاخىرقى: 2011-1-19
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-3 06:36:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇرلار بىلەن ۋېنگىرلارنىڭ قانداشلىق مۇناسىىىىۋىتى بارمۇ - قانداق ؟!

جەننەت ئانىلارن

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10856
يازما سانى: 1580
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 31235
تۆھپە نۇمۇرى: 459
توردا: 1604 سائەت
تىزىم: 2010-9-20
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-3 06:37:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت سىزگە-------خىلى چۇشۇنىۋالدىم.....بۇمۇ بىر خىل دەرس شەكلىدە..

ئەركىنلىك ، تېنچ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7009
يازما سانى: 2078
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21791
تۆھپە نۇمۇرى: 531
توردا: 1939 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2011-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-3 06:38:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ۋېنگىر(ماجارياكى ماگيار)لار ۋېنگىرىيە جۇمھۇرىيىتىدىكى ئاساسىي مىللەت.  2010-يىلى دۇنيادىكى ۋېنگىرلارنىڭ ئۇمۇمى نوپۇسى 14مىلىيۇندىن سەل ئاشقان بولۇپ ، ۋېنگىرىيە ۋە تۇتاش ياۋروپا دۆلەتلىرىدە  12مىلىيۇن كىشى، ئامېرىكا قىتئەسىدە 2مىلىيۇن كىشى ئولتۇراقلاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە ۋېنگىرىيەدە 9مىلىيۇن500مىلىيۇن كىشى(ۋېنگىرلار مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 95 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ)، رۇمىنىيەنىڭ ترانسىلۋانىيە رايونىدا بىر يېرىم مىلىيۇن كىشى، سىلوۋاكىيەدە 55مىڭ كىشى،سېربىيەدەنىڭ ۋويۋودىنا ۋېنگىر ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتىدە 300مىڭ كىشى،ئوكرائىنانىڭ تاشقى كارپات ئۆلكىسىدە 156مىڭ كىشى  ئولتۇراقلاشقان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئەنگىلىيەدە 80مىڭ، گېرمانىيەدە 120مىڭ،ئاۋستىرىيەدە 40مىڭ ۋېنگىر بار. ئامېرىكا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەردە يەنىلا ئامرىكا ۋېنگىرلار ئەڭ كۆپ دۆلەت بولۇپ، 2010-يىلى ئامېرىكىدىكى ۋېنگىر ئەۋلادىدىن بولغانلار  1مىلىيۇن600مىڭ كىشىدىن ئاشقان، 2010-يىل يەنە كانادا دا 315مىڭ، ئارگېنتىنادا 200مىڭ، برازىلىيەدە 80مىڭ، چىلىدا 40مىڭ ۋېنگىر بارلىقى مەلۇم. 2008-يىلىدىكى ئاۋسترالىيە دۆلەات سىتاتىسكىسىدا ئاۋسترالىيەدە 60مىڭ ۋېنگىر بارلىقى مەلۇم بولغان. ۋېنەىرلار ياۋروپادىكى مەدەنىيەت ئاساسى بىر قەدەر كۈچلۈك مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ يىلاردىن بېرى كېچىكىپ توي قىلىش، پەرزەنت كۆرمەسلىك ياكى ئا پەرزەنت كۆرۈشنىڭ ئۇمۇملىشىشى بىلەن نوپۇسى يىلىغا 40مىڭ كىشى ئەتراپىدا كېمەيمەكتە.
   ۋېنگىرلار ئالتاي-ئۇرال تىل سېستىمىسى، فىن-ئۇگۇر تىل ئائىلىسى، ئۇگۇر تىل تۈركۈمىگە تەۋە ۋېنگىر تىلىدا سۆزلىشىدۇ. ۋېنگىرلار ئۇزاق زامان ياۋرڭپادا ئۆزى بىلەن تىل-مەدەنىيەت ئورتاقلىقى يوق مىللەتلەر ئارىسىدا ياشىغانلىقتىن نۇرغۇن سىلاۋيا، گېرمان، لاتىن سۆزلۈكلىرىنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ يەنىلا قەدىمقى ھۇن ئاتالغۇلىرى 20%، ئالتاي تىللىرىغا ئورتاق بولغان سۆزلۈكلەر 10% ئەتراپىدا ساقلىنىپ قالغان.
    ۋېنگىرلار ئەسلىدە شامان دىنىغا ئىشىنىدىغان مىللەت بولۇپ ئۇلارنىڭ ياۋروپاغا كۆچكەندىن كېيىنكى جۇغراپىيىلىك ئورنى ئېتىقادىغا ھەل قىلغۇچ تەسىر كۆرسەتكەن. ھازىر ۋېنگىرلارنىڭ تەخمىنەن 55% رىم كاتولىك دىنىغا، 20% پىروتىستانت دىنىغا ئىشىنىدۇ. قالغان بىر قىسىم ئاھالە دىنغا ئىشەنمىسىمۇ ئەمما كاتولىك، پىروتىستانت ۋە شامان دىنىنىڭ بەزى مەدەنىيەت تەسىرىنى ساقلاپ قالغان.

  ۋېنگىرلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى

  ۋېنگىر ھۇنگار دىگەن نامنىڭ رۇسچە بۇزۇپ ئېيتىلىشى بولۇپ، بىز شۇنداق خاتا ئاتاپ ئادەتلەنگەن. ۋېنگىرلار ئۆزلىرىنى «ماجارلار» ياكى «ماگيارلار» دەپ ئاتايدۇ. نۇرغۇن ئىلمىي، تارىخىي كىتابلاردا، ھازىرقى ۋېنگىرىيەنىڭ دۆلەت نامى «ھونگار»، «ھونلار دۆلىتى» دەپ ئاتالغان بولۇپ، مىللەتشۇناسلار ھۇنگار نامىنى ئونئوگۇر يەنى ئونئۇغۇر نامىدىن كەلگەن، دەپ شەرھلەيدۇ. بۇ، ۋېنگىرلارنىڭ ئەسلىي ئەجدادلىرىنىڭ شەرقتىن بارغان ھۇنلار ئىكەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

  مىلادىيە 1 _ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى ئوردۇس يايلىقىنىڭ  شىمالىي چۆللۈك ئەتراپىدا ياشاۋاتقان ھونلار  غەربىگە قاراپ كۆچىدۇ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا، تەڭرىتېغىنىڭ شىمالى ھەم جەنۇبىدا ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرى بىلەن جەم بولىدۇ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى چوڭ  كۆچۈش داۋاملىشىپ كۆپ قىسىم ھونلار   ئۇرال تاغلىرى ئارقىلىق  ياۋروپاغا كۆچۈپ بارىدۇ. مىلادى 4-ئەسىردە ھۇنلار قۇدرەت تېپىپ ياۋروپا ھۇن ئىمپىرىيىسىنى قۇرۇپ ھازىرقى ۋېنگىرىيەنى ئاساسى مەركەز قىلغان ھالدا رىم ئىمپىرىيىسىنى بىر نەچچە قېتىم مەغلۇپ قىلىپ ، ئۆز رايونىدىكى ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەت بولۇپ قالىدۇ. مىلادىيە 896 _ يىلىغا كەلگەندە، ھونلار دوناي دەرياسى ۋادىسىدىكى مۇنبەت تۈزلەڭلىككە ئولتۇراقلىشىپ، يۇرت _ ماكان قۇرۇشقا باشلاپ ئۆزىنىڭ پادىشھلىقىنى قۇرغان ۋە كاتولىك دىنى قوبۇل قىلغان. 13-ئەسىردە موڭغۇللار ياۋروپاغا كېلگەندە ۋېنگىر ئاھالىسىنىڭ يېرىمى دىگۈدەك ئۇرۇشتا قىرىلىپ كەتكەن بولسىمۇ ۋېنگىرلار ناھايىتى تېزلا ئۆزلىرىنىڭ ئارپادىيا پادىشاھلىقىنى تىرىلدۈرگەن. .
   16-ئەسىردىن باشلاپ ۋېنگىرلار يەنە بىر قېتىم چەتئەلنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچراپ غەرپتىن گېرمان ھابىسبورگ سۇلالىسى، شەرقتىن ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيىسىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ھۇجۇم قىلىشىغا دۇچ كېلىپ ئىككى ئەسىرگە سوزۇلغان مۇستەقىللىقنى قوغداش ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىپ ئاخىرى مەغلۇپ بولىدۇۋە ھابىسبورگ ئىمپىرىيىسىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىدۇ. بۇ مەزگىلدە بىر قىسىم ۋېنگىرلار يەنە پروتىستانت دىنى قوبۇل قىلىدۇ.
1848-يىلى ۋېنگىرلار گېرمانلارغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتىرىپ ئازادلىققا ئېرىشىدۇ ، ئەمما شەرقتىن رۇسىيە بېسىپ كىرگەنلىكتىن يەنە ئاۋستىرىيە بىلەن بىرلىشىپ ئاۋسترو-ۋېنگىر ئىمپىرىسى بولۇپ شەكىللىنىپ تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرىدۇ. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا  ئاۋسترو-ۋېنگىر ئىمپىرىسى پارچىلىنىدۇ، ۋېنگىرىيە ھازىرقى سېربىيەگە قاراشلىق ۋويۋودىنا، رۇمىنىيەگە قاراشلىق ترانسىلۋانىيە، ئوكرائىناغا قاراشلىق كارپاتىيە ئۆلكىلىرىنى بويسۇندۇرۇپ قۇدرەتلىك ۋېنگىر ئىمپىرىيىسىدنى قۇرىدۇ. 2-دۇنيا ئۇرۇشىد ۋېنگىرىيە گېرمانىيە بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ سوۋېت ئىتىپاقىغا قارشى تۇرغانلىقتىن ئۇرۇشتىن كېيىن يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان ئۈچ رايوندىن ئايرىلىپ ۋېنگىرىيە سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتىنى قۇرىدۇ.
1990-يىلى شەرقى ياۋروپادا ئىسلاھات بورىنى كۆتىرىلگەندە ۋېنگىرىيە تۈزۈمىنى ئۆزگەرتىپ ھازىرقى ۋېنگىرىيە جۇمھۇرىيىتىنى قۇرىدۇ.

ۋېنگىرلار قىياپەت جەھەتتە ياۋروپادىكى باشقا ئەل خەلقلىرىدىن خېلىلا پەرقلىنىدۇ. ۋېنگىرىيەنىڭ مەشھۇر شائىرى فېيتوفى: «يىراق ئۆتمۈشتىكى ئەجدادلار ئاسىيا قىتئەسىدىن باشلانغان يىراق، جاپالىق مۇساپىلەرنى بېسىپ كېلىپ، دوناي دەرياسى ۋادىسىدا بۇ دۆلەتنى قۇرغان» دەپ يازغان. ئوتتۇرا ئاسىيادىن بارغان ھونلارنى مىللەت ئاساسى قىلغان ۋېنگىرىيەدە، بۈگۈنكى كۈندە كىشىلەر ئىسىم _ فامىلە قويۇشتا مىللىي خاسلىققا ئېتىبار بېرىپ، ئەرلەرگە «ئاتىللا» دېگەن ئىسىمنى كۆپرەك قويىدۇ. ۋېنگىرىيەدە ھونلار باش تېما قىلىنغا 1 باغچا بولۇپ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئاتىللانىڭ قەبرىسى مۇشۇ باغچىدا ئىكەن. ۋېنگىرىيەدىكى داڭلىق جەمەتلەردىن بولغان ئاشتىنھاج جەمەتىمۇ دەل ھون شاھىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئىكەن.

ۋېنگىرلاردىن دۇنياغا داڭلىق ئالىم-شائىر ۋە سەنئەتكارلار ناھايىتى كۆپ چىققان.  داڭلىق شائىر پىتۇفى، داڭلىق ھازىرقى زامان مودىرنىزىم ھەيكەلتاراشلىق ئۇستازى ۋاگنېر، داڭلىق كىنو ئارتېسى ئاتىىلا ، ئاتوم بومبىسى ئىجادچىسى ۋېلىگرى دىن باشقا يەنە ۋېنگىرلاردىن ھازىرغىچە 9 ئادەم نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
مەنبە : ئوكيان تور بېتى !

يەۋاتىمەن،دېمەك مەن تېخى ھايات!

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1695
يازما سانى: 3879
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 224353
تۆھپە نۇمۇرى: 1074
توردا: 11691 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2014-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-3 06:38:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتىللانىڭ دۆلەت قۇرغان ۋاقتى مىلادى 1000-يىلى ئەمەس،4-5 ئەسىرلەر.

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ دۇنيانىمۇ ئويلاپ قويايلى.

ئۇيغۇرلار تارىخ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5896
يازما سانى: 300
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8987
تۆھپە نۇمۇرى: 506
توردا: 2534 سائەت
تىزىم: 2010-8-8
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-3 06:44:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 4قەۋەت gherip كە 2010-10-03 06:38 PMئەۋەتىلدى :
ئاتىللانىڭ دۆلەت قۇرغان ۋاقتى مىلادى 1000-يىلى ئەمەس،4-5 ئەسىرلەر.

شۇنداق خاتا يېزىپ قويۇپتۇ،بۇنى!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12560
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8031
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2010-10-3
ئاخىرقى: 2010-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-3 06:45:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت سىزگە     ..................... [s:108]  [s:108]

ئۇيغۇرلار تارىخ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5896
يازما سانى: 300
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8987
تۆھپە نۇمۇرى: 506
توردا: 2534 سائەت
تىزىم: 2010-8-8
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-3 06:47:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 1قەۋەت lga@ كە 2010-10-03 06:36 PMئەۋەتىلدى :
ئۇيغۇرلار بىلەن ۋېنگىرلارنىڭ قانداشلىق مۇناسىىىىۋىتى بارمۇ - قانداق ؟!

مېنىڭچە ئاز-تولا مۇناسىۋىتى بار.بەزى مەنبەلەردە ئۇيغۇرلار بىلەن ھونلارنىڭ مۇناسىۋىتى بار دەپ يازغاندىكىن ۋېنگىرلار(ماجالار)بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋىتى بار دەپ ئويلايمەن!!!!!

ئەركىنلىك ، تېنچ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7009
يازما سانى: 2078
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21791
تۆھپە نۇمۇرى: 531
توردا: 1939 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2011-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-3 06:48:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋېنگىرلار(ھونگىرلار) دا ھازىرمۇ داستىخان، ئالما، تەڭنە، ئۇچاق قاتارلىق ئۇيغۇرچە سۆزلەرنىڭ بارلىقىنى ئېنىقلاپ چىقىلغان.

يەۋاتىمەن،دېمەك مەن تېخى ھايات!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش