مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3772|ئىنكاس: 30

ئۆزبىكلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۇيغۇرلار تارىخ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5896
يازما سانى: 300
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8985
تۆھپە نۇمۇرى: 506
توردا: 2534 سائەت
تىزىم: 2010-8-8
ئاخىرقى: 2015-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-3 06:19:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزبېكلەر ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇزاق تارىخقا ئىگە ، تەسىرى كۈچلۈك، نوپۇسى ئەڭ كۆپ قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ ، ئومۇمىي ئاھالىسى 26 مىليوندىن ئارتۇق. ئۆزبېكلەر ئاساسلىقى ئۆزبېكىستان،  قازاقىستان  ، قىرغىزىستان  ، تاجىكىستان ،  تۈركمەنىستان  ، ئافغانىستان  قاتارلىق دۆلەتلەردە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. قالغان بىرقىسمى تۈركىيە ، سەئۇدى ئەرەبىستانى ، ئامېرىكا ، روسىيە ، ئىران ۋە جۇڭگو قاتارلىق دۆلەتلەردە ئولتۇراقلاشقان. ئېلىمىزدىكى ئۆزبېكلەرنىڭ نوپۇسى 12 مىڭ 400 دىن ئارتۇق بولۇپ ، ئاساسەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ غۇلجا ، ئۈرۈمچى ، چۆچەك ، مورى ، قەشقەر ، يەكەن ، قاغىلىق قاتارلىق ناھىيە ، شەھەرلىرىدە تارقاق ئولتۇراقلاشقان . 1987 -يىل 7 - ئاينىڭ 2 - كۈنى مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسىدە دانەنگو ئۆزبېك مىللىي يېزىسى قۇرۇلغان. [align=justify]    ئۆزبېكلەرنىڭ ئۆز تىل - يېزىقى بار . ئۆزبېك تىلى __ ئالتاي تىللىرى سىستېمىسى تۈرك تىللىرى ئائىلىسىنىڭ غەربىي ھون تىل تارمىقىغا كىرىدۇ. تىل ئالاھىدىلىكى جەھەتتىن ئۇيغۇر تىلى بىلەن كۆپ پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردە ياشايدىغان ئۆزبېكلەر يېزىق ئالاقە ئىشلىرىدا لاتىن ھەرپى ئاساسىدىكى ئۆزبېك يېزىقىنى قوللىنىدۇ، ئېلىمىزدىكى ئۆزبېكلەر ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللىنىدۇ. دىنىي ئېتىقاد جەھەتتە ئۆزبېكلەر ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ئىسلام دىنىنىڭ سۈننىي مەزھىپىگە كىرىدۇ.

[align=justify]    ئۆزبېكلەردە ئەنئەنىۋى ئىجتىمائىي ئەخلاق - قائىدىلەرنىڭ تەسىرى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ ، ئۇلار ئائىلىنى مۇقەددەس ئىجتىمائىي بىرلىك ھېسابلايدۇ . ئاتا __ ئائىلىنىڭ باشلىقى بولۇپ ، پەرزەنتلىرىنىڭ تەربىيىلىنىشىگە ۋە جەمئىيەتتە بىرەر مەۋقەگە ئىگە بولۇشىغا ، ئائىلە قۇرۇشىغا مەسئۇل بولىدۇ. ئۆزبېك ئائىلىلىرىدە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتى يەنە كىچىكلەرنىڭ چوڭلارنى ھۆرمەتلىشى ، ئىتائەت قىلىشى ، پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا - ئانىلىرىغا ھۆرمەت قىلىشى ، بويسۇنۇشى ئەڭ ئاساسلىق ئەخلاق ئۆلچىمى دەپ قارىلىدۇ.

[align=justify]    ئۆزبېكلەرنىڭ توي مۇراسىملىرى ئۆزگىچە قائىدە - يوسۇنلار بىلەن ئۆتكۈزۈلىدۇ. يىگىت بىلەن قىز توي قىلىشقا پۈتۈشكەندىن كېيىن ، ئوغۇل تەرەپ قىز تەرەپكە «ساۋچى » ( ئەلچى) ئەۋەتىپ ، قىز تەرەپ ئاتا - ئانىسىنىڭ رازىلىقىنى ئالىدۇ. ئىككى تەرەپ تولۇق پۈتۈشكەندىن كېيىن توي باشلىنىدۇ. توي مەرىكىسى ئۈچ كۈن داۋاملىشىدۇ- 1 : كۈنى قىز تەرەپتە نىكاھ ( توي ) مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ؛ 2 - كۈنى يىگىت تەرەپ قىز تەرەپنى تەكلىپ قىلىپ جاۋابەن مەرىكە ئۆتكۈزۈپ كۈتۈۋالىدۇ ، بۇ __ «چىللاش» دەپ ئاتىلىدۇ ؛ 3 - كۈنى يىگىت تەرەپ يېڭى كېلىننى ئېلىپ ، كېلىننىڭ ئاتا - ئانىسى ، ئۇرۇق - تۇغقانلىرى تەرەپكە سالامغا بارىدۇ. بۇ __ «يۈز ئاچقۇ» دەپ ئاتىلىدۇ . توي مەرىكىسى بولۇۋاتقان كۈنى ، نىكاھتىن كېيىن قىزنى يۆتكەش ۋاقتىدا ، قىز تەرەپ بىلەن يىگىت تەرەپ بىر - بىرىگە جاۋابەن «يار - يار» ئېيتىشىدۇ. بۇ گويا ئىككى تەرەپنىڭ بىر - بىرىنى تونۇشتۇرۇشى ، مەنىۋى جەھەتتىن بەسلىشىشىگە ئوخشىشىدۇ ، يەنى قىز تەرەپ قىزنىڭ خىسلەتلىرى ، نازاكىتى ، مىجەز - خۇلقلىرىنى گەۋدىلەندۈرۈپ ، ئۇنى ماختايدۇ. يىگىت تەرەپ بولسا يىگىتنى مەدھىيىلەپ ، ئۇنىڭ ھەممە پەزىلەتلىرى بىلەن ماھارىتىنى بېيىت ئارقىلىق گەۋدىلەندۈرىدۇ.

[align=justify]    ئۆزبېكلەر ئۆزىگە خاس مىللىي كىيىم - كېچەك ئەنئەنىسىگە ئىگە بولۇپ، بۇ جەھەتتە تا ھازىرغىچە مىللىي خاسلىقىنى ساقلاپ ۋە ئۇنى نامايان قىلىپ كەلمەكتە.

[align=justify]    «سىم» __ ئېتەكلىرىگە جىيەك تۇتۇلغان ئۇزۇن كىيىم بولۇپ ، ئوڭ پەشلىك ، تۈز ياقىلىق بولۇپ تۈگمىسى بولمايدۇ ، ئۆزبېكلەر ئۇنى يەنە « تون » دەپمۇ ئاتايدۇ ، تون ئۈستىگە گۈللۈك رەختلەردىن تەييارلانغان پوتا باغلىنىدۇ.

[align=justify]    «تۇس دوپپا» __ يەنى بادام دوپپا. تۆت قىرلىق ، ئاق بادام شەكلى چۈشۈرۈلگەن باش كىيىم . تۇس دوپپا پەس ۋە قىرلىق قىلىپ تەييارلىنىدۇ . بۇنىڭدىن باشقا ، « تاشكەنت دوپپا » ، « خۇنابە » دەپ ئاتىلىدىغان ھەرخىل باش كىيىملەر بولۇپ ، بۇلارنىڭ بەزىلىرى بىرلا خىل قارا ياكى بېغىر رەڭلىك مەخمەل ، دۇخاۋا بىلەن تىكىلىدۇ . ئۆزبېكلەرنىڭ دوپپا كىيىشتە باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاشمايدىغان يېرى ، ئۇلار دوپپىنىڭ ئالدى ئىككى قىرىنى چېكىسىگە توغرىلاپ كىيىدۇ.

[align=justify]    ئۆزبېك خوتۇن - قىزلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئەتلەستىن تەييارلانغان يارىشىملىق ، نەپىس كىيىم - كېچەكلىرى ئارقىلىق ، ھەرخىل مىللىي خاسلىقىنى ساقلاپ ۋە داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن . بولۇپمۇ پۈرمە كۆڭلەك ، كەشتىلىك پىنجەك قاتارلىق كىيىملەرنى كىيىشنى تا ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. قول ھۆنەرگە ماھىر ئۆزبېك ئاياللىرى دائىم دوپپىسى ئۈستىدىن چۆرىلىرىگە شاپتۇل چېچىكى كەشتىلەنگەن نېپىز رومال سېلىۋالىدۇ.

[align=justify]    ئۆزبېكلەر ئۈجمە ، كېۋەز ئۆستۈرۈشكە ماھىرلىقى ، بوياش ، توقۇش جەھەتلەردىكى ئۇستىلىقى بىلەن ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان داڭق چىقىرىپ كەلمەكتە . ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۆزبېك ئەتلىسى ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ ، ئۆزىنىڭ توقۇلۇش جەھەتتىكى سىپتىلىقى ، رەڭ جەھەتتىكى كۆركەم - نەپىسلىكى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر.

[align=justify]    ئۆزبېك تائاملىرىنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ. بۇنىڭ ئىچىدە « پېچەن » ( پەرۋەردە ) ، « شىرمان نان » قاتارلىق يېمەكلىكلەر ؛ رىشالە ، پەتاسى ، پەشمەك قاتارلىق تاتلىق يېمەكلىكلەر ؛ قوۋۇرداق ، ئاش ( پولۇ ) ، نارىن چۆپ ، كاۋاپ ، دۈملىمە ، دۇرمەن قاتارلىق تائاملار ۋە مەستاۋا ، ماش كىچىر، ئۈگرە قاتارلىق يەڭگىل تائاملار بار.

[align=justify]

[align=justify]مەنبە:سەلتەنەت تورى

يوللىغان ۋاقتى 2010-10-3 07:42:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر بەزى مۇنبەرلەردە ئۇيغۇر بىلەن ئۆزبىك بىر مىللەتمۇ دېگەن تېما سەل ئەۋج ئەپ قالدى.مۇشۇ توغرىسىدا مۇنبەرداشلار بىر مۇلاھىزە ئېلىپ بارغان بولساق قانداق؟مېنىڭ شەخسىي پىكرىم،بىر مىللەت!!!!!

ئاركادا بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-3 07:44:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6106
يازما سانى: 259
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8567
تۆھپە نۇمۇرى: 423
توردا: 1050 سائەت
تىزىم: 2010-8-11
ئاخىرقى: 2012-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-3 07:44:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تارىخى 800 يىلغا يېقىنغۇ دەيمەن .. بۇنى ئانچە ئۇزۇن دەپ كېتىشكىمۇ بولمايدۇ.

گەپ قىلماسلىقنىڭ ئۆزى ئەڭ چوڭ قارشىلىق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6106
يازما سانى: 259
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8567
تۆھپە نۇمۇرى: 423
توردا: 1050 سائەت
تىزىم: 2010-8-11
ئاخىرقى: 2012-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-3 07:46:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 1قەۋەت Orxun كە 2010-10-03 07:42 PMئەۋەتىلدى :
ھازىر بەزى مۇنبەرلەردە ئۇيغۇر بىلەن ئۆزبىك بىر مىللەتمۇ دېگەن تېما سەل ئەۋج ئەپ قالدى.مۇشۇ توغرىسىدا مۇنبەرداشلار بىر مۇلاھىزە ئېلىپ بارغان بولساق قانداق؟مېنىڭ شەخسىي پىكرىم،بىر مىللەت!!!!!

ئەلۋەتتە بىر مىللەت ئۇلار بىزدىن ئايرىلىپ چىققىپ ھازىرقى ئۆزبىكىستانغا بىرىپ ئولتۇراقلاشقان ..
بۇنى ئۆزلىرى ئېتراپ قىلمايدۇ ..لېكىن خەلقئارا ئېتىراپ قىلىدۇ.

گەپ قىلماسلىقنىڭ ئۆزى ئەڭ چوڭ قارشىلىق

خوراز چىللىماقت

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2645
يازما سانى: 1036
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13447
تۆھپە نۇمۇرى: 616
توردا: 10606 سائەت
تىزىم: 2010-6-13
ئاخىرقى: 2014-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-3 08:22:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم دوستۇم سىز مەسىلىلەرگە باھا بەرگەندە ئۇ مەسىلىنىڭ قانداق مەسىلە ئىكەنلىكىگە قاراڭ،  ئىلمى مەسىلىلەرگە ئىلمى مۇئامىلىدە بولۇڭ، ھەرگىزمۇ ئۆزىڭىزنىڭ شەخسى ھىسياتىڭىزنى ئارلاشتۇرۋالماڭ.
ئۇيغۇرلار بىلەن ئۆزبەك بىر مىللەتمۇ دىگەن مەسىلىگە تۇتقان پۇزۇتسىيڭىز مىنىڭچە تازا توغرا بولماپتۇ. ئۇيغۇرلار بىلەن ئۆزبەكلەر تارىختا بىر مىللەت ئىدى، ئىسىمدە قېلىشىچە تاكى چاغاتاي تۆمۈرىيلەر دەۋىرىگە كەلگىچە  تېخى ئېنىق ئۇيغۇر ئۆزبەك دەپ ئىككى مىللەت دەپ قارالغىنى يوق، ھەممىسى بىر مىللەت ئىدى، چاغاتاي دەۋىرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگە كەلگەندە دۇنيا سىياسى ۋەزىيتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزبىكلەر ئۆزىنى بىز «ئۆزبەگ» يەنى بىز ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز بەگ دەپ ئېلان قىلدى. (مەن بۇلارنى ئىلگىرى بىر ماقالىدىن كۆرگەن، قايسى ماقالىلىقى ئىسىمدە قالماپتۇ، خاتالىق بولسا تۈزۈتۈپ قويارسىلەر!) مانا شۇنىڭغىچە ئۆزبەكلەر بىلەن ئۇيغۇرلار بىر مىللەت ئىدى، يەنى پەقەت ئەنجانلىقلار ، قەشقەرلىكلەر دەپلا قارىلاتتى، ئۇ چاغلاردا مىللەت نەسەبى جەھەتتىن بىر مىللەت ئىدى، تىلىمۇ ئوپمۇ ئوخشاش ئىدى،
كىيىنكى مەزگىللەرگە كەلگەندە روسلارنىڭ مىللى سىياسىتى تۈپەيلى ئۇلارنى ئايرىم بىر مىللەت دەپ ئېلان قىلىپ دۇنيادىكى مىللەتلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.
سىز يازمىڭىزدا مەن ئىلگىرى ئۇلارغا بەك ئامراق ئىدىم، كىيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزبىكىستاندا ئۆزىنى ئۇيغۇر دەپ ياشالمايدىغانلىقىنى بىلىپ ئۇلارغا ئۆچ بولۇپ كەتتىم دەپ يېزىپسىز. بۇ خۇددى بىر تۇققانلىڭىزدىن ۋاپا كەلمىسە مىنىڭ ئۇنداق بىر تۇققىنىم يوق دىگەنگە ئوخشاش گەپ بولۇپتۇ. ئەمما بىر ھەقىقەت : ئۇ ۋاپاسىز تۇققىنىڭىز يەنىلا سىزنىڭ قان-قېرىنداش بىر تۇققىنىڭىز.  بەلكىم ئۇ بىر كۈنلىرى ئۆزىنىڭ خاتا قىلغانلىقىنى بىلىپ يىتىدۇ. پۇشايمان قىلىدۇ.
ئۇلار بىلەن تىل جەھەتتىكى پەرقىمىز پەقەت بىر قانچە قوشۇمچە جەھەتتىن پەرىقلىنىدۇ، خالاس. بىزدىكى «غان، گەن» قوشۇمچىسىنىڭ ئورنىگە ئۇلار پەقەت «گەن»قوشۇمچىسى بار شۇڭا بىزدە «بولغان» ئۆزبىكلەردە «بولگەن».بىزدە  «ماڭغان» ئۆبىكلەردە «ماڭگەن»…….  مانا مۇشۇنداق پەقەت بىزدە بار قوشۇمچىلارنى ئۆزبىكلەر ئىشلەتمەيدۇ. مانا بۇ تىلدىكى پەرىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇنداق بولىشى پۇتۇنلەي كىيىنكى مەزگىللەردىكى روسىينىڭ مىللىي سىياسىتى بىلەن باغلىنىشلىق.

يەنە بۇ ھەقتە كۆپ گەپ قىلىشقا ئاجىزلىق قىلىمەن، پەقەت ئۆزەمنىڭ ئوقىغان، بىلگەنلىرىم ئارقىلىق تاققۇ-تاققا بولسىمۇ ئازراق سۆزلەپ قويدۇم. تورداشلارنىڭ خاتا كەتكەن جايلىرى بولسا تۈزۈتۈپ قويىشىنى سورايمەن .

ئاخىردا بارلىق تورداشلارنڭ ئىلمى مەسىىلەرگە ئىلمىي پوزۇتسىيدە بولىشىنى ھەرگىزمۇ شەخسى ھىسياتىنى ئارلاشتۇرۋالماسلىقىنى، ھەقىقەتنىڭ مەڭگۈ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ قويمىەن.
يۈقارقى ئىنكاس ئوزبىك بىلەن ئۈيغۈر مىللەت ئەمەس دىگەنلەرگە قايتۈرۈلغان ئىنكاسكەن . ئۈچراپ قالدى يوللاپ قويدۈم.

بالام خوراز چىللىغىلى نەۋاق تېخىچە ئويغانمىدىڭما؟

ئەركىنلىك ، تېنچ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7009
يازما سانى: 2078
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21791
تۆھپە نۇمۇرى: 531
توردا: 1939 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2011-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-3 08:46:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۆزبېكلەر ئەسلى راستلا ئۇيغۇرلارمۇ؟
ئۆزبىك نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا

خوجا نىياز يوللۇغ تېكىن

ئۆزبېك دىگەن نام ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ خانى ئۆزبەگ خان (1312-1342) نىڭ نامىدىن كەلگەن.يەنى 1312-يىلى مەنگۈ تۆمۈرنىڭ نەۋرىسى(توغرۇلچە خاننىڭ ئوغلى)ئۆزبېكخان تەخىتكە چىقىپ، ئىسلام دىنىنى كۈچەپ تەرغىپ قىلىپ،نامىنى مۇھەمەد ئۆزبېكخان دەپ ئۆزگەرتكەن.ئۇ بوۋىسى مەنگۈ تۆمۈرگە ئوخشاشلا ئاق ئوردا تەرەپكە كۆپرەك كۆڭۈل بولگەن.ئاق ئوردا رايۇنىدىكى تۈركىي قەبىلىلەر ۋەتۈركلەشكەن موڭغۇللار،جۈملىدىن ۋولگا دەرياسى ۋادىسىدا ياشايدىغان مانغىتلار(نوغايلار) دىن كۈچلۈك قۇشۇن تەشكىللەپ،ئۆز قارمىغىدىكى مۇھىم رايۇن ۋە شەھەرلەرگە ئىۋەتكەن .ئەينى زاماندا بۇقۇشۇن «ئۆبېك قۇشۇنى»دەپ ئاتالغان.كېيىچە بۇ قۇشۇنلار چىققان قەبىلىلەرمۇ «ئۆزبېك» دىگەن نام بىلەن ئاتالغان.
تارىخقا نەزەر سالساق، ئۇيغۇر قاراخانىيلار خانلىقى(مىلادى850-1212) زىمىن تەۋەسى بولغان ماۋرا ئۈننەھىر گە دەشتى قىپچاقتىن يۆتكۈلۈپ كەلگەن كۆچمەن مۇھەممەد شايبانىخان—(ئۆزبېكخان ) قۇشۇنلىرىنىڭ 1500 -يىللىرى باستۇرۇپ كىرىشى بىلەن ئۇزاق زامانلاردىن بۇ جايلاردا ياشىغان مۇسۇلمان ئۇيغۇر –تۈركىي خەلىقلەر ئۈستىدە ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى يۈرگۈزگەن. )
ئەسلىدە قاراخانىيلار خانلىقى توققۇز ئوغۇز-ئۇيغۇر،ياغما( قارلۇق)قاتارلىق قەبىلىلەردىن تەشكىللەنگەن بولسىمۇ،ئۇ «تۈرك ئۆلكىسى»،«خاقانىيە ئۆلكىسى»،«ئىد دۆلىتى ئەپراسىياپ» ئىبارىسى بىلەن ئاتالغان. يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەھمۇد قەشقەرى،ئەھمەد يۈكنەكى قاتارلىقلار ئۆلچەملىك ئەدەبىي تىل <<قەشقەر تىلى>>-<<خاقانىيە (دۆلەت)تىلى>>-ئۇيغۇر تىلى ئىكەنلىكىنى ئىزچىل تەكىتلەيدۇ.گەرچە چىڭگىزخان ماۋرە ئۇننەھرىگە موڭغۇل قۇشۇنلىرىدىن كۆپرەك ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانى –بارچۇق ئارتتېكىن ۋە كۈچلۈك خان قول ئاستىدىكى نەچچەتۈمەن ئۇيغۇر قۇشۇنلىرىنى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى شەھەرلەرنى تارتىپ ئېلىش جەڭلىرىگە سېلىشى،قاراخانىيلار ئەۋلادى تۈركان خاتۇننىڭ كۈچلۈك تەسىرى، چىڭگىزخاننىڭ خارەزىمنى بويسۇندۇرۇش جەڭلىرى ،تۆمۈرلەڭنىڭ ئالتۇن ئوردۇسىنى ھەلەك قىلىش ئۇرۇشلىرى نەتىىسىدە خارەزىمدە<< ئۇيغۇرىزىم ھادىسىسى>> تېخىمۇ كۈچەيگەن.چاغاتاي دەۋرى بۇ ئۇيۇشۇش جەريانىغا سالماقلىق بىلەن تەسىر كۆرسەتتى،موڭغۇل ئاھالىرىنىڭ تۈركلىشىشى ۋە ئىسلامىيەتكە ئۆتىشى چاغاتاي زامانىنىڭ ئېتنولوگىيىلىك ئاقىۋېتى بۇلۇپ تاماملانغان ئىدى. بىر پۈتۈن چاغاتاي ئۇلۇسىنىڭ پارچىلىنىشى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا يېڭى مىللىي تەركىپلەرنىڭ پەيدا بۇلىشى بىلەن ئېتنونومدا يېڭى ئۆزگىرىشلەر مەيدانغا كەلدى.
يەنى ئاكادېمىك بارتولىدنىڭ نۇپۇزى بىلەن، قاراخانىيلار خانلىقى-تۆمۈرىيلەر ھاكىميىتىدىن كېيىن قايتا باش كۆتەرگەن ئىككىنچى قېتىملىق ئوتتۇرا ئاسىيا-خۇراسان مۇسۇلمان تۈركىي خەلىقلەر ھاكىميىتى ئاياقلىشىپ، مۇھەممەد شايبانىخاندىن باشلانغان يېڭى ئېتنىك قايتا شەكىللىنىش جەريانىدا يېڭى مەنىدىكى ئېتنىك گەۋدە--<ئۆزبېك > خەلقى دەپ نام ئۆزگەرتىشتىن بۇرۇنقى ماۋرەئۈننەھىر ئۇيغۇر –تۈركىي تۈركىمىنى<<كونا(ئېسكى)ئۆزبېك>> دەپ ئاتىشى ،ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى تارىخىدا زادىلىلا مۈمكىن بولمىغان،تارىخ،ئېتنىك ۋە ئىلمىيلىككە يات ئېغىر ئىدلوگىيىلىك قالايماققانچىلىقنى پەيدا قىلدى. نەتىجىدە 1920 –يىلى ئالدىدا ئۆزبېەگستان جۇمھۇريىتى قۇرلۇش سانىغا توشمىغانلىقى ئۈچۈن «ئاتالمىش ئۆزبەگ مىللىتى» روھى خېتىگە تىزىملىتىش ھەرقايسى جايلاردا بىرلا ۋاقىتتا ،قاتتىق كۈچەپ تەرغىپ قىلىندى ۋە مەجبۇرى مىللەت نامى «ئۆزبەگ » دەپ ئۆزگەرتىلدى،ئۆزبەگ بولمىغانلار بۇ زىمىندىن كۆچۈپ كېتىش تەرغىپ قىلىندى ،نەتىجىدە 1920-يىللاردىن باشلاپ ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى نەچچە مىڭ يىللاردىن ئىلگىرى ساقلاپ كەلگەن ئۇيغۇر نامىنى 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا رۇسلارنىڭ پارچىلاش سىياسىتى بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئىستىمال قىلىنمىغان،تارىخىي مىللەت نامى بولمىغان، يېڭى مىللەت ئاتىلىشى—«ئۆزبەگ» نامى بىلەن مەجبۇرى ناملاندى،«ئۆزبەگ » ئىبارىسى خارەزم،بۇخارا،سەمەرقەنت،تاشكەنت،پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇر- تۈركى خەلىقلىرىنىڭ مىللىي ئاتىلىشى بۇلۇپ كۈچەپ تەشۋىق قىلىندى . 1937-يىلدىكى چوڭ تازلاپ زەربە بېرىشتە< ئۇيغۇر > دېگەن مىللەت نامى ستالىننىڭ يۇقۇتۇش ئۇبىكتىغا ئايلاندى.نەتىجىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركۈملىگەن ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ مىللەت نامىنى،قەستەن، مەجبۇرى ئۆزبېك دېگەن نام ئاستىدا ئۆزبېك روھى خېتىگە تىزىملاتتى.بۇنداق ئەھۋال 1924-يىلدىن باشلاپ تاكى 1963-يىللارغىچە داۋاملاشتى.ئۆزبېكچىلىك ناھايتى قاتتق كۈچەپ تەرغىپ قىلىندى.ھەتتا1962-يىلى شىنجاڭدىن ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆچۈپ چىققان نەچچە يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇرلارمۇ ئۆزبېكچىلىك بېسىمى (مىللەت نامىنى ئۆزبېك دەپ ئۆزگەرتمىسە ھىچقانداق ئىش بەرمەسلىك،يەكلەش)نەتىجىدە ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنى قەستەن ئۆزبېك دەپ ئاتاپ، ئۇيغۇر دىيىشكە جۈرئەت قىلالماي كەلدى.ئۆزبېكىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنمۇ بۇخىل ئەھۋال يەنە داۋاملاشتى، دۆلەت باشلىقى –ئىسلام كېرىموپنىڭ «كىمىكى ئەلشىر ناۋائىنى ئۇيغۇر دەيدىكەن شۇ ئۆزبېكىستان تۇپرىقىدىن يوقالسۇن!»دىگەن سۆزى بۇنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.دىمەك ،ئۇجايلادا ئۆزىنى ئۇيغۇر دەپ ئاتاپ، يۇرۈشنىڭ ئۆزبېك مىللەتچىلىكى ئالدىدا نە قەدەر تەس كۈن ئىكەنلىكى بىلىنىدۇ؟ ئەسلىدىكى ئۆزبېكىستاندىكى يەرلىك ئۇيغۇرلار خارەزىم، بۇخارا، سەمەرقەنت، تاشكەنت، پەرغانە قاتارلىق جايلاردا شۇنچە كۆپ بولغان.سەمەرقەندتە چىقىدىغان«ئوقۇتقۇچى» دېگەن بىر ژۇرنالدا 1924-يىلى سەمەرقەندتە 500مىڭ ئۇيغۇرنىڭ بارلىقى كۆرسۈتىلگەن.خارەزىمدىمۇ ئۇيغۇرلار كۆپ ياشىغان.ئەنجاندا تېخىمۇ شۇنداق. 1990-يىلدىن باشلاپ ئاندىن ئۆزلىرىنى ئۇيغۇر دەيدىغانلار(دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا) كۆپۈيىشكە باشلىدى.
دىمەك، <<كونا ئۆزبېك>> ئبارىسى ئەسلىدە ماۋرا ئۈننەھىر گە باستۇرۇپ كىرگەن ۋە ئۆزنامىنى يەرلىك ئۇيغۇر تۈركىي ئاھالىسىغا سىڭدۈرۈپ،ئۆزى يەرلىك ئاھالىغا سىڭىپ كەتكەن،يەرلىك ئاھالىدىن سان جەھەتتەتۇلىمۇ ئاز ،مەدەنىيەت جەھەتتە تۆۋەن تۇرغۇچى، دەشتى قىپچاق كۆچمەن موڭغۇل ئۆزبېكلىرىگە خاس ئىبارىدۇر.
شۇڭلاشقا ماۋرا ئۈننەھىر يەرلىك ئۇيغۇر-تۈركىي ئاھالىلار قانداقتۇ ، دەشتى قىپچاق كۆچمەن موڭغۇل ئۆزبېكلىرى نامى بىلەن «ئۆزبېك» دەپ ئاتالمستىن ،بەلكى ئۇيغۇر تۈركى ئاھالىلەر دەپ ئاتىلىشى كېرەك ،شۇنداق ئاتالسا توغرا بۇلاتتى .چۈنكى،كەلگىندى ،دەشتى قىپچاق كۆچمەن موڭغۇل ئۆزبېكلىرى(قىپچاق تۈركلىرى)، يەرلىك ماۋرا ئۈننەھىر ئۇيغۇر تۇركىي خەلىقىدىن باشقا بۇلۇپ، ئۇلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ تەبىئىي نامى بىلەن <قىپچاق ئۆزبېكلىرى> دەپ ئاتالسا، توغرا بۇلاتتى. چۈنكى 1500-يىللاردىن بۇرۇن ماۋرا ئۈننەھر تۇپرىقىدا ئۆزىنى ئۆزبېك دەپ ئاتايدىغان مىللەت ياكى خەلىق توپىمۇ يوق ئىدى. بەلكى يەرلىك ئۇيغۇر تۈركىي ئاھالىلەر بار بۇلۇپ، ئۇلارنى ئۆزبېك خان نامى بىلەن <<ئۆزبېك>> دەپ ئاتىلىشى،تارىخىي مەنتىقىگە خىلاپ،ناباپ ئاتاق ئىدى.
يەنى ئوبۇلخەيرىخان(ئاق ئوردا خانلىقىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان)نىڭ نەۋرىسى شايبانى 16-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قۇشۇن باشلاپ،جەنۇپقا يۈرۈش قىلىپ ،غەربىي چاغاتاي خانلىقىدىكى تۆمۈرنىڭ كېيىكى ئەۋلاتلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ،بۇخارا،سەمەرقەند، ئۆزكەند،تاشكاند،بەلىخ ھەتتا ئىراندىكى خۇراساننىمۇ ئىشغال قىلىپ،ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھۆكۈمرانىغا ئايلانغان. «بەزىلەر بۇنى ھەممىسى بىرلىشىپ <ئۆزبېك ئۇلۇسى> دېگەن ئومۇمىي نام بىلەن ئاتالغان» دەپ ، كېيىنچە قەستەن سىياسى قۇراشتۇرۇلما مىللەت ياساپ چىقىشتى.
تارىخقا نەزەر سالساق،بۇ ئويدۇرمىلارنىڭ يالغان،ساقتا ئىكەنلىگى بىلىنىپ تۇرىدۇ. بىز «بابۇرنامە»دىن تۆمۈرىلەر ئاھالىسىنىڭ شايبانى ئۆزبېكلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان قانلىق مىللىي كۈرەش تەسۋېرلىرىنى كۈرەلەيمىز.يەنى<<يۈز قىرقىق يىلدىن بېرى سەمەرقەند پايتەختى بىزنىڭ خانە ۋادىمىز ئىدى.يات ياغى ئۆزبېك كېلىپ تەسەررۇپ قىلدى»(«بابۇرنامە»1998-يىل ئۆزبېكچە نەشرى،76-بەت) .
ئۆزبېكىستان ئالىمى،پرۇفېسسور مەمەجان راخمانوۋ «ئۆزبېك تىياتىرى»ناملىق كىتاۋىدىمۇ بۇ تارىخىي ھەقىقەتنى كۆرىمىز:«سىبىر ئۆزبېكلىرى تەرىپىدىن ماۋرا ئۇننەھىر ۋە خۇراساننىڭ ئىستېلا قىلىنىشى بۇ ئۆلكىنى كاتتا زەربىگە ئۇچراتتى.كۆچمەنچى ئۆزبېكلەر ئىلىم-پەن ،مەدەنىيەت ۋە سەنئەتنىڭ قەدرىگە يەتمىدى»(ئۆزبېك تىياتىرى>>1-كىتاپ،1979-يىلى ئۆزبېكچە نەشرى،255-بەت)،دەپ پاكىت كورسىتىدۇ. دەر ھەقىقەت مىرزا ھەيدەرنىڭ«تارىخىي رەشىدى»، بابۇرنىڭ «بابۇرنامە» ۋە باشقا ئەسەرلەردە ئەلشىر ناۋائىي، بابۇر، لۇتپى،سەككاكى قارلىقلار باشقىلار ياكى ئۆزىى تەرپىدىن <<ئۆزبېك>> دەپ ئاتالمىغان،بەلكى ئۇيغۇر ي دەپ ئاتالغانلىقى كۆرسۈتىلگەن.
شۇنداق ئىكەن ئىلىم-پەن دۇنياسىدا ئۆزبېك مەدەنىيەت تارىخىنى ياراتقۇچى مەشھۇر كىشىلەر: ئەلشىر ناۋائىي، بابۇر، لۇتپى،سەككاكى قارلىقلار... دەپ بىر ئەسىردىن بۇيان <ئۆزبېك> دەپ جار سېلىنغان بولسىمۇ (بارتولىد <<تارىخىي رەشىدى >>نىڭ مەۋجۇت ئالتە خىل نۇسخىسى ئىچىدە تۇلۇقسىز نۇسخىسى ھىساپلانغان لوندون نۇسخىسىنى كۈرۈپلا مۇھاكىمە باشلاپ قويغان( تارىخي ھەقىقەتتە، ئۇلار كىلاسسىك تارىخىي ئەسەرلەردە ئۇيغۇر دەپ كۆرسىتىلگىنى ئىلىم دۇنياسىغا ئاشكارا بۇلۇپ ، ئۆزبېك مىللىتى دەپ ئاتالغىنى ساقتا بۇلۇپ ،ئۇلار ئەسلىدىن ئۇيغۇر بۇلۇپ چىقتى، دىمەك ئۆبېك دەپ نام ئېلىۋالغانلار ئەمەلىيەتتە تارىخىي نوقتىدىن ئالغاندا ئۇيغۇرلاردۇر.

(مەنبە:ئالمىزار تور بېتى )

يەۋاتىمەن،دېمەك مەن تېخى ھايات!

ئات ئۆزۈڭنى بەھرىگە يا غەرق بو

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10336
يازما سانى: 8341
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 55725
تۆھپە نۇمۇرى: 3763
توردا: 6666 سائەت
تىزىم: 2010-7-14
ئاخىرقى: 2015-1-31
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-3 08:48:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭچىمۇ ئۆزبىك بىلەن ئۇيغۇر بىر مىللەت..........
بىز  پەقەت بىر مىللەتنىڭ بىر نەچچە قەبىلىسىنىڭ ئورنىدا........
ئۇيغۇر....ئۆزبەك.................

كاشىغەر

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2081
يازما سانى: 797
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10122
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 1745 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2014-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-3 10:22:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنكاسلار ئەسلى تىما ئۆزى شۇ ئىكەن .  . . .

دۇشمەنلىرىمگە ئۆزۇم تىتىيمەن . دوستلۇرۇمنىڭ قەستىدىن ساقلىغىن ئۇلۇغ خۇدا !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش