مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1282|ئىنكاس: 14

ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ شەھەر مەدەنىيىتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ساقىشچى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5386
يازما سانى: 1199
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17149
تۆھپە نۇمۇرى: 1105
توردا: 1952 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2015-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-3 02:19:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ شەھەر مەدەنىيىتى

ئەھمەد سۇلايمان قۇتلۇق

     ئۇيغۇرلار ناھايىتى يىراق قەدىمكى زامانلاردىلا مەدەنىيەت دەۋرىگە قەدەم قويغان. ئارخېئولوگىيىلىك پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا ،< مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 2000--1000- يىللار ئارىلىقىدىكى برونزا دەۋرىدىن باشلاپ يۇرتىمىز مەدەنىيەت دەۋرىگە قەدەم قويغان بولۇپ، برونزا دەۋرىگە ئائىت خارابە ئىزلىرىدىن قارىغاندا مۇشۇ دەۋرلەردىن باشلاپ،يۇرتىمىزدا ئىپتىدائىي شەھەرلەر بارلىققا كەلگەن>مەسىلەن ،ئارا تۈرك ناھىيىسىدىكى تۇز كۆل خارابىسى ،بارىكۆلدىكى لەنجۇئەنزى ئىزى خېجىڭدىكى شىنتاران ئىزى قاتارلىقلار يۇرتىمىزدىكى ئەڭ بۇرۇنقى ئىپتىدائىي شەھەرلەردۇر.يازما خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا ،خەن سۇلالىسى دەۋرىدىلا شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا سېپىل سوقۇپ شەھەر ياساش ناھايىتى ئومۇملاشقان بولۇپ، بۇ ھەقتە <خەننامە .غەربى يۇرت تەزكىرىسى >دە :<غەربى يۇرتتا ئەسلى 36 بەگلىك بولۇپ ،كېيىن تەدرىجى بۆلۈنۈپ،50 نەچچىگە يەتكەن ... غەربى يۇرتتىكى ئاھالىلەرنىڭ كۆپىنچىسى شەھەرلەرگە ئولتۇراقلاشقان بولۇپ،دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. (2) > دەپ خاتىرلەنگەن .ئۇيغۇر شەھەرلەرە توغرىسىدا يەنە مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ <تۈركىي تىللار دىۋانى > دىمۇ، مۇھىم خاتىرىلەر قالدۇرۇلغان .ئالىم ئۆز ئەسىرىدە :<بۇ ئەلدە ئەسلى بەش شەھەر بار ، ئۇنىڭ خەلقى ئەشەددىي كاپىرلار ھەم ئۇستا مەرگەنلەردۇر.بۇ شەھەرلەر سۇلمى ،قۇچۇ، چانبالىق ،بېشبالىق ،ياڭى بالىقتۇر> دەپ يازغان .
    
يۇقىرىدىكى تارىخىي پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا ، ئەجدادلىرىمىز ئەڭ كېچىككەندىمۇ مىلادىيىدىن خېلى بۇرۇنقى ۋاقىتلاردىن باشلاپ ئاۋات شەھەرلەرنى بەرپا قىلىپ، تۈركىي خەلقلەر ئىچىدە ئەڭ بۇرۇن شەھەر مەدەنىيىتىگە قەدەم قويغان. نىيە ،كىروران ، ئىدىقۇت، يارغول، بېشبالىق ، بايبالىق،قارا بالغاسۇن قەدىمكى ئىزى شەھىرى ئىزى ،ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى زاماندىكى پارلاق شەھەر مەدەنىيىتىنىڭ يالدامىسى ھېسابلىنىدۇ. 
    تارىختا ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تارمىقى بولغان موڭغۇل دالاسىدا ياشىغۇچى قەدىمكى ئۇيغۇرلارمۇ كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ،تارقاق ياشاشتىن سىرت، توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىپ، شەھەرلىشىش دەۋرىنى باشتىن كەچۈرگەن .بۇ ھەقتە <جۇڭگو كاتتا ئېنسىكلوپىدىيىسى.ئارخېئولوگىيە قىسمى >دا: < موڭغۇل دالاسىدا ھۇنلار دەۋرىدىلا شەھەرلەر بارلىققا كەلگەن،مەسىلەن ،سېلىنگا دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە جايلاشقان ھۇنلارنىڭ قەدىمكى شەھىرى بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر.مەزكۇر شەھەر تىك تۆت بۇلۇڭ شەكلىدە بولۇپ،شەھەر ئەتراپىغا ھېپىل سوقۇلغان ۋە خەندەك قېزىلغان ، شەھەر كۆلىمى 348كۆپەيتىمىز 200 مېتىر بولۇپ، مىلادىيىدىن بىر ئەسىر ئىلگەرە قۇرۇلغان >دېيىلگەن . ئۇنىڭدىن باشقا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ مۇىبىر ئاكاېىمىكى،ئارخېئولوگ كېسلىيېۋ بېيجىڭدا بەرگەن دوكلاتىدا :<يېڭىدىن بايقالغان ئارخېئولوگىيىلىك ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا ،ئىلگىرى ئېيتىلغان مەركىزىي ئاسىيا ،جەنۇبىي سىبىرىيە ۋە تاشقىي بايقال رايونىدا قەدىمكى دەۋرلەردە كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشىلا بولۇپ،ئولتۇراق تۇرمۇش زادى يوق ئىدى دېگەن قاراش توغررا ئەمەس، ئەمەلىيەتتە برونزا دەۋرى ياكى دەسلەپكى تۆمۈر قوراللار دەۋرىدىلا بۇ رايونلاردا ئاھالىلەر مۇقىم ئولتۇراقلاشقان شەھەر-بازارلار بار ئىدى . بايقال كۆلى ئەتراپى ،يېنسەي دەرياسى ،سېلىنگا دەرياسى، تۇغلا دەرياسى، ئورخۇن ۋە قۇرۇلۇن دەرياسى ۋادىلىرىدا مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 2-ئەسىردىن مىلادىيە 1-ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ،مۇقىم ئولتۇراقلاشقان ئاھالىىلەر بار ئىدى > دېگەن .
    
بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، موڭغۇل دالاسىدا ياشىغۇچى قەدىمكى ئەجدادلىرىمىز بىپايان موڭغۇل دالاسىدا< سۇ،ئوت-چۆپ قوغلىشىپ>كۆچۈپ يۈرۈشتىن سىرت، شەھەر-بازارلارادىمۇ ئولتۇراقلاشقان. جۈملىدىن ئورىۇن ئۇيغۇرلىرىمۇ شەھەرلىشىش شارائىتلىرىنى ھازىرلاپ، مۇقىم شەھەرلەرنى بەرپا قىلىپ، شەھەر تۇرمۇشىنى باشتىن كەچۈرگەن. بولۇپمۇ ئورخۇن ئۇيغۇر ىانلىقى دەۋرىدىكى بىر قىسىم دانىشمەن قاغانلارنىڭ ئىجتىمائىي ئىگىلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى، تەرەققىي قىلىشى ،شۇنداقلا مەدەنىيەتنىڭ گغللىنىشىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى نەتىجىسىدە، خانلىق تىرىتورىيىسىدە بىر قىسىم چوڭ شەھەرلەر بارلىققا كېلىپ، ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ كۆچمەن چارۋىچىلىق ھاياتتىن مۇقىم ئولتۇراق تۇرمۇشقا قاراپ يۈزلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن .ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئىجتىمائىي ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، تاڭ سۇلالىسى بىلەن بولغان سودىسىنىڭ راۋاجتېپىشى ۋە بۇ سودىدا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىشى ،شۇنداقلا شەرق بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدىكى چوڭ كارۋان يولىنىڭ خانلىق زېمىنىدىن ئۆتۈشى ۋە <ئۇيغۇر يولى> نىڭ بەرپا قىلىنىشى شەھەر قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇچقاندەك راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولغان.بولۇپمۇ سودا ئورخۇن ئۇيغۇرلىرىنىڭ شەھەرلىشىشكە قاراپ يۈزلىنىشىدىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان .ئەينى ۋاقىتتا تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئاجىزلاشقان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ تىبەتلەرنىڭ خېشى كارىدورى ۋە گەنسۇ ئەتراپىنى ئىشغال قىلىۋېلىشى، تاڭ سۇلالىسىنىڭ غەربىي ئەللەر بىلەن بولغان سودا يولىنى ئۈزۈپ تاشلىغان ،شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇر خانلىقى بىر مەھەل شەرق بىلەن غەرب سودا ئالاقىسىدىكى مۇھىم بېكەت بولۇپ قالغان .نەتىجىدە بېشبالىقتىن باشلىنىپ بارىكۆلگە ،ئاندىن شەرقىي شىمالغا --ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئاستانىسى قارابالغاسۇنغا يېتىپ بارىدىغان «ئۇيغۇر يولى » شەكىللەنگەن> . بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر خانلىقى تاڭ سۇلالىسى بىلەن غەربىي ئەللەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم سودا مەركىزىگە ئايلانغان .سودىنىڭ راۋاجلىنىشى تەبىئىكى خانلىق ئاھالىلىرىنىڭ مۇقىم ئولتۇراق تۇرمۇشقا قاراپ يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولغان .
    
ئورخۇن ئۇيغۇرلىرىنىڭ شەھەرلىشىشكە قاراپ يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولغان يەنە بىر مۇھىم ئامىڭ مانى دىنىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئومۇملىشىشى بولۇپ، ئۇ يېڭى بىر خىل ئىدېئولوگىيە سۈپىتىدە ئورخۇن ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىدىيىسىگە سىڭىپ كىرىپ،ئۇلارنىڭ شەھەرلىشىش ئېڭىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىدا مۇھىىم رول ئوينىغان. مانى دىنى مۇقەددەس كالامى ،دىنىي تەشكىلاتى، مۇنتىزىم قائىدە -قانۇنلىرى بار دىن بولۇپ،ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ جەمئىيەت ئەھۋالىغا ناھايىتى ماس كېلىپ،بىر قەدەر تېز تارقىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغان.بۇ دەل ئورخۇن ئاھالىلىرىنىڭ ئىدېئولوگىيىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ ئۇلارنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، مۇقىم ئولتۇراق تۇرمۇشقا --شەھەرلىشىشكە قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولغان .ئورخۇن ئۇيغۇرلىرى ئىلگىرىكى ئەجدادلىرىنىڭ شەھەر قۇرۇلۇشى ئاساسىدا ئوردۇبالىق ، بايبالىق ،خاتۇنبالىققا ئوخشاش خېلىلا راۋاجلانغان مۇنتىزىم شەھەرلەرنى بىنا قىلىپ ،بىر قەدەر يۇقىرى سەۋىيىدىكى <ئورخۇن شەھەر مەدەنىيىتى >نى ياراتقان ئۇيغۇرلار شەھەر ھاياتىغا شۇ قەدەر تېز ئۆزلىشىپ كەتكەنكى، ھەتتا 840-يىلى قىرغىزلار ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ پايتەختى ئوردۇبالىققا ئوت قويۇۋەتكەندىن كېيىن ،ئۇيغۇر قاغانى ئوكا قاغان تاڭ سۇلالىسىگە جىن ۋۇ ھەربىي قۇرۇلى بلىەن تيەندى ھەربى قۇرۇلىغا قاراشلىق ئىككى شەھەرنى ئارىيەت ئېلىپ تۇرۇش ئۈچۈن ئەلچى ئەۋەتكەن . يۇقىرىقىلاردىن ئورخۇن ئۇيغۇرقاغانلىرىنىڭ شەھەر تۇرمۇشىدىن زادىلا ئايرىلالمايدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى چۈشىنىۋېلىش قىيىن ئەمەس.بۇ خىل شەھەرلىشىش يۈزلىنشى ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىن غەربكە كۆچۈپ مۇقىم ئولتۇراق تېرىم ھاياتىغا قەدەم قويۇشىدا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغان .

 مەنبە : «ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى» دىگەن ئەسەردىن قىسقارتىپ ئېلىندى
http://uyghur.xjass.com/uyghur/content/2009-04/01/content_74251.htm

http://matimatik.blogbus.com/ ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ.                               ---- سۈرە"رەئىد" (13-سۈرە)، 11-ئايەت

ئەلدىن ئەلگە نەپ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8235
يازما سانى: 431
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 256957
تۆھپە نۇمۇرى: 1473
توردا: 561 سائەت
تىزىم: 2010-8-28
ئاخىرقى: 2011-7-24
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-3 02:27:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تىما تۈگىمەيلا ئاخىرلىشىپ قاپتۇ، يوللىغان ئىكەنسىز تۇلۇق يوللاڭ،يا داۋامى بار دەپ ئەسكەرتمەپسىز!

* كىتاب _ لوقمان ھەكىم ، كىتاب _ رۇستەم پالۋان ، كىتاب _ بەخت قۇشى ئەنقا . بۇ ، ئاددىي تەسۋىر ئەمەس ، بەلكى مەڭگۈلۈك ھەقىقەت !

ساقىشچى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5386
يازما سانى: 1199
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17149
تۆھپە نۇمۇرى: 1105
توردا: 1952 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2015-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-3 02:36:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 1قەۋەت Elnep كە 2010-10-03 02:27 PMئەۋەتىلدى :
بۇ تىما تۈگىمەيلا ئاخىرلىشىپ قاپتۇ، يوللىغان ئىكەنسىز تۇلۇق يوللاڭ،يا داۋامى بار دەپ ئەسكەرتمەپسىز!

 كۆچۇرسىلەر ,ئەمدى ئوڭشالدى !

http://matimatik.blogbus.com/ ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ.                               ---- سۈرە"رەئىد" (13-سۈرە)، 11-ئايەت

مەن ھازرغىچە ھاي

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6943
يازما سانى: 2410
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19247
تۆھپە نۇمۇرى: 668
توردا: 559 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2010-11-18
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-3 02:50:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

2-قەۋەت (matimatika) نىڭ يازمىسىغا

راس دەيدۇ . داۋامىنى تەقەززار قىلماي . .  .

ھەقىقەتنى كىشلەرنىڭ نامىدىن تۇنۇمىغىن،بەلكى ھەقىقەتنى ئاۋۋال تۇنۇغىنكى ئاندىن ئۇنىڭ ئەھلىنى بىلۋالالايسەن.

ئادەمگە بىلىم كى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7478
يازما سانى: 5679
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 165153
تۆھپە نۇمۇرى: 831
توردا: 7741 سائەت
تىزىم: 2010-8-23
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-3 03:01:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تارىخكەن ئاخىرى يوقما؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12560
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8031
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2010-10-3
ئاخىرقى: 2010-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-3 03:57:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت   سىزگە ئوزىمىزنڭ تارخىدىن  خەۋادار  قىلغىنىڭىزغا  ....... [s:108]  [s:108]

ھەر بىر كۈن ئىنس

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3912
يازما سانى: 1390
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9116
تۆھپە نۇمۇرى: 887
توردا: 7002 سائەت
تىزىم: 2010-7-13
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-3 04:50:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن " ئۇرخۇن شەجەرىسى " رومانىدىن ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قۇرۇلغان شەھەرلىرى توغرىسىدا مەلۇماتلارنى ئوقۇغان ئىدىم ، ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر ~

كىتابلاردىن قانائەت تاپالىسام ئۆزۈمنى بەختلىك ھېسابلايمەن .

ئەركىنلىك ، تېنچ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7009
يازما سانى: 2078
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21791
تۆھپە نۇمۇرى: 531
توردا: 1939 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2011-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-3 05:18:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى ۋە ئورخۇن ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىل- يېزىقى

قىسقىچە مەزمونى:بۇ ماقالىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تۇنجى خانلىقى بولغان ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە بۇ ھەقتىكى يازما مەنبەلەردىن ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك يازما مەنبەلەر ھەققىدە قىسقىچە بايانلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ئۇيغۇرلار، ئورخۇن ئۇيغۇرلىرى

ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلار نامىنىڭ ئېتنىك مەنبەسى ھەققىدە

مەملىكىتىمىز كۆپ مىللەتلىك چوڭ ئائىلە، بۇ چوڭ ئائىلىنىڭ ئەزاسى بولغان «ئۇيغۇر» لار ئۇزاق تارىخقا ۋە مول ماددى ۋە مەنىۋىي مىراسقا ئىگە بولغان قەدىمىي مىللەت. «ئۇيغۇر»لارنىڭ نامى مەيلى دۆلەت سىرتىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدە بولسۇن ياكى مەملىكىتىمىز ئالىملىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە بولسۇن، ئوخشاش بولمىغان بىر قانچە خىل نامدا ئاتىلىپ كەلمەكتە. لېكىن، ھەر خىل تەتقىقات ۋە تەھلىللەر شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، «ئۇيغۇر» دېگەن بۇ نام ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز-ئۆزىنى ئاتىشى  بولۇپ، بۇ نام ئۇزاق تارىخقا ئېگە. مەيلى مەملىكىتىمىزنىڭ تارىخنامىلىرىدە بولسۇن ياكى ئەڭ دەسلەپكى مەڭگۈ تاش يازما يادىكارلىقلاردا بولسۇن بۇ نامنى ھەممىلا جايدا ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ھەر خىل تىلدىكى تارىخى ماتىرىياللاردىن قارىغاندىمۇ «ئۇيغۇر» دېگەن بۇ نام ئەسلىدە تۈرك قوۋمىنىڭ ئىچىدىكى بىر ئۇرۇقنىڭ نامى بولۇپ، كېيىنچە ئادەم سانى ئانچە كۆپ بولمىغان بۇ ئۇرۇقنىڭ قۇدرەت تېپىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى ياكى باشقا قانداش ياكى غەيرى قانداش ئۇرۇقلار بىلەن بىرلىشىشى ياكى ئىتپاق تۈزۈشى ئارقىسىدا «ئۇيغۇر» دېگەن ئۇرۇقنىڭ نامى بىرلەشمىنىڭ نامى بولۇپ قالغان، كېيىن بۇ بىرلەشمىگە ياكى ئىتپاققا قاتناشقان ئۇرۇقلارنىڭ كۆپىيىشى ۋە ئۆز-ئارا قوشۇلۇپ سىڭىشى بىلەن ئۇلار تىلى، مەدەنىيىتى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلى ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشىشىپ كېتىدىغان مىللەتكە ئايلىنىپ، ئەسلىدىكى ئۇرۇق نامى بولغان «ئۇيغۇر» پۈتۈنلەت شۇ مىللەتنىڭ نامىغا ئايلىنىپ كەتكەن.
ئەمدى «ئۇيغۇر» مىللىتىنىڭ ئېتنىك مەنبەسىگە كەلسەك، بۇ ھەقتىمۇ ھەرخىل قاراشلار مەۋجۇت بولۇپ، تېخىچە بىرلىككە كەلگەن بىر ئورتاق قاراش مەيدانغا كەلگىنى يوق. ئېلىمىز ئالىملىرىنىڭ كىلاسسىك تەزكىرىلىرىدىكى بايانلاردىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، تارىختىكى دې، دىڭلىڭ، قانقىل، تېلىلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ چوڭقۇر تارىخىي يىلتىزداشلىق مۇناسىۋىتى بار، قەدىمكى ئۇيغۇرلار ئەنە شۇ قەدىمكى دىلارنىڭ شىمالى دىلار دېيىلگەن تارمىقىدىن كېلىپ چىققان. بۇ ھەقتە تارىخنامىلەردە ھەرخىل بايانلار بار بولۇپ، يىغىنچاقلاپ ئېيىتقاندا، قەدىمكى شەرقىي قاڭقىللارنىڭ ئالتە چوڭ قەبىلىسىنىڭ بىرى بولغان يۈەنخېلار، غەربىي قاڭقىللارنىڭ بىر قەبىلىسى بولغان ئوغۇزلار (ۋۇخۇلار)، سۈي دەۋرىدىكى ۋېيخېلار، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى خۇيخې، خۇيخۇلار قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ بېۋاستە ئېتنىك مەنبەسى بولۇپ،  ئۇلارنىڭ مەنبەسىنى دى، شىمالىي دې، دىڭلىڭ، تېلى، قانقىللارغىچە سۈرۈشكە بولىدۇ،(回纥、回鹘  دىگەن ئىسىملار تاڭ سۇلالىسىدە Uighur دىگەن نامنىڭ ئوخشىمىغان ئاھاڭ تەرجىمىسى. مىلادى 788-يىل ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقساقىلى تاڭ سۇلالىسىگە مەكتۇپ سۇنۇپ،回纥 دىگەن نامنى回鹘 (شۇڭقاردەك پەرۋاز قىلغۇچى دېگەن مەنىدە)غا ئۆزگەرتىپ قوللىنىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇلار ھازىرقى ئۇيغۇر مىللىتىنى تەشكىل قىلغۇچى ئاساسلىق مەنبەلەرنىڭ بىرى). شۇنداقلا يەنە ھازىرقى نوپۇسى كۆپ، شانلىق ۋە پارلاق مەدەنىيەتكە ئىگە مىللەت بولۇپ شەكىللىنىش جەريانىدا، ھازىرقى شىنجاڭدىكى ئاساسلىق مىللەت ئۇيغۇرلار-قەدىمكى دەۋردە موڭغۇل ئېگىزلىكىدە ئولتۇراقلاشقان تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان ئۇيغۇرلار غەربكە كۆچكەندىن كىيىن شىنجاڭدا ئەسلىدىنلا ئولتۇراقلاشقان تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبى ئېتىكىدىكى توخار تىلىدا سۆزلىشىدىغان ۋە قۇرۇم تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى قارۇشتى تىلىدا سۆزلىشىدىغان قەبىلە مىللەتلەر بىلەن قوشۇلىشىدىن شەكىللەنگەن ھەم ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسىمى بولۇپ قالغان دەپ قاراشقا بولىدۇ.

ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى

    ھەممىمىزگە مەلۇمكى، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى ئۇيغۇرلار ھاكىميەت سەھنىسىگە چىقىپ قۇرغان تۇنجى خانلىق بولۇپ، مىلادى 7- ئەسىردە قۇرۇلغان ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى شىمالىي چۆللۈك رايونىدىكى چارۋىچى قەبىلە ۋە خەلقلەرنىڭ تۇرمۇشى، ئىشلەپچىقىرىش شەكلى ، قەبىلە تەشكىلى ۋە ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىگە زور ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كېلىپلا قالماستىن، ئۆزىدىن كىيىن باش كۆتۈرۈپ چىققان گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى ۋە قاراخانىيلار خانلىقى قاتارلىق ئەۋلاد خانلىقلارغا شۇنداقلا شىمالىي چۆللۈك رايونىدىكى ئۆزىدىن كىيىن سەلتەنەت سۈرگەن قىرغىز خانلىقى ، قىتان خانلىقى، موڭغۇل خانلىقى قاتارلىق خانلىقلارنىڭ ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىگىمۇ زور تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن.
مىلادى 8-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا مۇڭغۇل ئېگىزلىكىدە كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تۈرك خانلىقىنىڭ شىمالىدىكى تېلىلارنىڭ بىرى بولغان ئۇيغۇرلار ئۆزى بىلەن بىر  تۈرك تىلى سېستىمىسىغا تەۋە بولغان باسمىل قەبىلىسى، قارلۇق قەبىلىسى قاتارلىقلار بىلەن بىللە تۈركلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى چىقتى. نەتىجىدە 744-يىل (تىيەنباۋنىڭ ئۈچىنچى يىلى) تۈركلەرنىڭ مۇڭغۇل ئېگىزلىكىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى يوقىتىپ ئۇيغۇر خانلىقىنى (744-840) تىكلىدى. كۆل بويلا ئۆزىنى قاغان دەپ جاكارلىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇيغۇرلار كۆل بويلانىڭ رەھبەرلىكىدە شەرقىي ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنى بىر ئىتىپاق تەركىبىگە ئۇيۇشتۇرغان، ئۇيغۇر قەبىلىلىرى شۇنىڭدىن باشلاپ بىر ئەسىرگىچە قۇملۇقنىڭ شىمالىدىكى ئەڭ قۇدرەتلىك كۈچلەردىن بولۇپ قالغان.ئۇيغۇر خانلىقى سىياسىي تۈزۈلمە ۋە مەدەنىيەت (تىل،يېزىق) جەھەتتە تۈركلەرگە ۋارىسلىق قىلغان.   
  ئۇيغۇر خانلىقى خۇيخۇ قەبىلىلىسى باشچىلىقىدىكى 9 ئاساسلىق تېلى قەبىلە ئىتپاقىدىن تەشكىللەنگەن بولغاچقا، ئېلىمىزنىڭ تارىخ ماتىرياللىرىدا « توققۇز ئۇرۇق تېلىلار»، تۈرك مەڭگۈ تاشلىرىدا بولسا «توققۇز ئوغۇز» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلار ياغلاقارلار باشچىلىقىدىكى توققۇز ياكى ئون ئۇرۇقتىن تەشكىل قىلىناتتى. شۇڭلاشقا تارىخنامىلەردە بەزىدە يەنە «توققۇز ئۇيغۇر» ياكى «ئون ئۇيغۇر» دەپ ئاتايدۇ.
  «كونا تاڭنامە» نىڭ 195 جىلد «ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىسسە» دە:«خۇيگې، ئۇلارنىڭ ئەجدادى ھونلار، كىيىنكى ۋېي پادىشاھلىقى دەۋرىدە، تېلىلار دەپ ئاتالغان. ئۇلارنىڭ خەلقى ئاز، ئادەملىرى جەسۇر، ئېگىز ھارۋىلاردا ئولتۇراتتى، تۈركلەرگە تەۋە ئىدى. ئۇلار مۇقىم بىر جايدا تۇرماي، سۇ ۋە ئوت-چۆپ قوغلىشىپ كۆچۈپ يۇرەتتى. تەبئىيىتى قەبىھ،ئات مىنىپ ئوقيا ئېتىشقا ماھىر ئىدى.ئاچكۆز، بۇلاڭچىلىق بىلەن تىرىكچىلىك قىلىدۇ. تۈركلەر دۆلەت بۇلۇپ قۇرۇلغاندا ئۇلارنىڭ بايلىقلىرىدىن پايدىلىنىپ،چۆللۈكنىڭ شىمالىدا دەۋران سۈردى.» يۇقىرىقى كىتابتىكى بايانلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلار دۆلەت قۇرۇشتىن ئىلگىرى،تېگىن، بوسات،تومېد،بايان، بىردۇگ قاتارلىق بەش ئاقساقالنىڭ ئىدارە قىلىشىدا بولغان. ئومۇملاشتۇرغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت قۇرۇشتىن ئىلگىرىكى تارىخىنى مىلادى3 -4 ئەسرلەرگىچە سۈرۈشكە بولىدۇ.
    ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تۇنجى قاغانى ياغلاقارلار قەبىلىسىدىن چىققان قۇتلۇق بىلگە قاغان ( تاڭ سۇلالىسى ئۇنىڭغا سۆينىگىل خاقان دېگەن ئوتۇغات نامىنى بەردى). ئۇ تۈرك ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرغاندىن كىيىن بارگاھىنى ئۆتۈكەن تېغى بىلەن ئورخۇن دەرياسى ئوتتۇرىسىغا يۆتكەپ، مۇڭغۇل ئېگىزلىكىدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنى بويسۇندۇرۇپ، ئالتاي تېغىنىڭ شەرقى، شىرۋىلارنىڭ غەربىدىكى كەڭ زېمىننى ئىدارە قىلدى.
  سۆينىگىل خاقان ئۆلگەندىن كىيىن، ئورنىغا بايانچۇر تەختكە چىقىپ، قارا قاغان (747-759 يىلى) دەپ ئاتالدى.  تارىخنامىلەردە بايانچۇر (باتۇر، ئەسكەر ئىشلىتىشكە ماھىر ) كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىسىگە ئاساسەن ئۆزىنىڭ ئىككى ئوغلىغا خانلىقنىڭ شەرق غەرب ئىككى تەرىپىنى ئىدارە قىلىشقا بۆلۈپ بەردى، تېلىلارنىڭ باشقا قەبىلىلىرىنى بويسۇندۇرۇپ، يېنسەي دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدىكى قىرغىزلارنى شۇنداقلا ئالتاي تېغىنىڭ غەربى جەنۇبىنى، شەرقتە تەڭرى تېغىنىڭ شىمالىدىكى قارلۇق، باسمىل قاتارلىق قەبىلىلەرنى بويسۇندۇرغان. نەتىجىدە قارلۇق قەبىلىسى غەربكە كۆچۈپ يەتتە سۇ ۋادىسىغا يەنى غەربىي قىسىم تەڭرى تېغىنىڭ شىمالىغا كۆچۈپ كەتكەن.
تارىختىكى نۇرغۇن خانلىقلارنىڭ تارىخىغا ئوخشاشلا، بۇ تۇنجى ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ سەلتەنىتىمۇ ئۇزۇنغا بارمىغان، يەنى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى قۇرۇلۇپ يۈز يىلغا يەتمەيلا، خانلىقنىڭ ئىچكى قىسىمىدا زىددىيەتلەر كۆرۈلۈشكە باشلىغان. مىلادى 840-يىلى (كەيچىڭنىڭ 5- يىلى) ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئىچكى قىسىمىدا ھوقۇق تالىشىش جېڭى باشلاندى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قوشۇن غەربى شىمالدىكى خاككاسلار بىلەن بىرلىشىپ «ئۇيغۇر ئېلى»( يەنى «ئوردا بالىق» ياكى «قارا بالغاسۇن») گە ھۇجۇم قىلدى. قاغان ئۆلدى.شۇنىڭ بىلەن بىر ئەسىرگە يېقىن ھۆكۈم سۈرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھاكىميىتى يىمىرىلدى.
  شۇنىڭدىن كىيىن، مۇڭغۇل ئېگىزلىكىدە قېلىپ قالغان ئۇيغۇرلاردىن باشقىلار ئۈچكە بۆلىنىپ قاچتى. بىر بۆلىكى (13 قەبىلە تەخمىنەن 10تۈمەن كىشى) جەنۇپقا قاراپ سەددىچىن سېپىلى ئەتراپىغا يۆتكىلىپ، كىيىن پەيدىنپەي خەنزۇلار ۋە باشقا مىللەتلەر بىلەن قوشۇلۇپ كەتتى. يەنە بىر بۆلىكى غەربكە كۆچۈپ گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇردى.11  ئەسىردە (1026-يىلى) غەربىي شىيا  تەرىپىدىن يوقىتىلدى(ھازىرقى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ جەنۇبى قىسىمىدىكى يۇغۇرلار ئاپتونۇم ناھىيىسىدىكى يۇغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ كىيىنكى ئەۋلادى). يەنە بىر ئاساسي بۆلىكى (15 قەبىلە، گەنسۇغا كىرگەن قىسىمىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) شىنجاڭنىڭ بېشبالىق (ھازىرقى ئۈرۈمچىنىڭ شىمالى قىسىمى) غا كېلىپ، كىيىن تەڭرى تېغىدىن ئۆتۈپ تۇرپان، كۇچا قاتارلىق جەنۇبى شىنجاڭنىڭ شىمالى قىسىمىدىكى جايلارنى ئىگەللەپ، قۇچۇ دۆلىتىنى قۇردى ۋە تارىختا قۇچۇ ئۇيغۇرلىرى دەپ ئاتالدى.

ئورخۇن ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىل-يېزىقى

ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىق دەۋرىدە ئۇيغۇرلار تۈرك تىلى دەپ ئاتالغان ئۇيغۇر تىلىنى قوللانغان، قەدىمدە بۇ خىل تىلنى قوللىنىدىغان مىللەت، قەبىلىلەر ناھايتى كەڭ زېمىنغا تارقالغان بولۇپ،«بۈگۈنكى ئاسىيا-ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ شىمالىدا، شەرقتە خېيلۇڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىدىن تارتىپ شىمالدا شىمالىي قۇتۇپ چەمبىرىكىگىچە بولغان كەڭ دائىرە ئىچىدە نۇرغۇنلىغان تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەر تارقالغان ئىدى....گەرچە بۇ مىللەتلەرنىڭ  بەدەن قىياپەتلىرى ئوخشىشىپ كەتمىسىمۇ، تارقالغان رايونلىرىنىڭ ئارىلىقلىقلىرى خېلىلا يىراق بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ قوللانغان تىللىرى ئىنتايىن ئوخشىشىپ كېتەتتى. دۇنيادىكى ھەر قايسى ئەللەرنىڭ يازما ھۆججەتلىرىدە بۇ تىل تۈرك تىلى ياكى تۈركىي تىل دەپ ئاتالغانىدى». ئۇيغۇر تىلى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ھۆكۈمەت تىلى بولغاچقا، ئۇ ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تەركىبىگە كىرگەن، بولۇپمۇ ئۇيغۇر دېگەن ئورتاق نام ئاستىغا ئۇيۇشقان قەبىلە، ئۇرۇقلار ئارىسىدىكى ھەر خىل ئىجتىمائىي ئالاقىلەرنى ساقلاش ۋە ئۇنى داۋاملىق كۈچەيتىشتە ئىنتايىن مۇھىم قورال بولۇپ كەلگەن. ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى ئۇيغۇر تىلىنىڭ تاۋلىنىش، تاكامۇللىشىش جەريانى بولۇپ قالغان.

يېزىق جەھەتتە، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە ئۇيغۇرلار ھازىر ئىلىم ساھەسىدە «قەدىمكى تۈرك يېزىقى» دەپ ئاتىلىۋاتقان يېزىق بىلەن «قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى»دەپ ئاتىلىۋاتقان يەنە بىر خىل يېزىقنى تەڭ قوللانغان. قەدىمكى تۈرك يېزىقى يەنە تۈرك-رونىك يېزىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى تۈرك يېزىقىدا يازغان، دەۋرىمىزگىچە ساقلىنىپ قالغان ھۆججەت ماتىرىياللىرىنى مەڭگۈ تاش يازما يادىكارلىقلىرى ۋە قوليازمىلار دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ. بۇلاردىن بىر قەدەر مۇھىم مەڭگۈ تاشلاردىن «مويۇنچۇر مەڭگۈ تېشى»، «توققۇز ئۇيغۇر قاغان مەڭگۈ تېشى»، «سۇجى مەڭگۈ تېشى»، «تەس مەڭگۈ تېشى»، «تېرخىن مەڭگۈ تېشى»، «سېۋىرىي مەڭگۈ تېشى» قاتارلىقلار بار.

قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ئۇيغۇرلار تارىخىدا ئەڭ كەڭ قوللىنىلغان، يازما ماتېرىياللىرى بىر قەدەر كۆپ ساقلىنىپ قالغان بىر خىل يېزىق بولۇپ، ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سوغدىلارنىڭ  يېزىقىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، كېيىنچە ئۇيغۇرلار بۇ يېزىقنى كەڭ قوللانغاچقا، ئۇيغۇر يېزىقى دەپ ئاتىلىپ قالغان. قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى تارىختا باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىغىمۇ زور تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن. مەسىلەن، قىتانلار بۇ يېزىق ئاساسىدا قىتان كىچىك يېزىقى دېگەن يېزىقنى مەيدانغا كەلتۈرگەن. چىڭگىزخان دەۋرىدە مۇڭغۇللار بۇ خىل يېزىقنى قوللىنىپ، بۈگۈنكى مۇڭغۇل يېزىقى كېلىپ چىققان. كېيىن مانجۇلار مۇڭغۇللاردىن بۇ خىل يېزىقنى قوبۇل قىلىپ ئىشلەتكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل يېزىقتا يېزىلغان مۇھىمراق يازما ماتېرىياللىرىدىن «دولوگود مەڭگۈ تېشى»، «مانى دىنى مۇخلىسلىرىنىڭ توۋانامىسى»، «مايتىرى سىمىت» قاتارلىقلار بار.

بۇ مەڭگۈ تاشلار ئىنتايىن كۈچلۈك ئىپادىلەش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان قەدىمكى تۈرك تىلىدا خاتىرلەنگەن بولۇپ ئۇلار بىزنىڭ ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ سىياسىيىسى، تارىخى، مەدەنىيىتى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تۈزۈمى ۋە جۇغراپىيىسى قاتارلىق جەھەتلەردىن تەتقىق قىلىشىمىزدىكى بىرىنچى قول ماتىريال بولۇپلا قالماستىن، يەنە قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى، يېزىقى ۋە ئەدەبىيات تەرەققىياتى تەرەپلىرىدىن تەتقىقات ئېلىپ بېرىشتىكى قىممەتلىك ماتىريال ھېسابلىنىدۇ.
ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىدىكى شەھەرلەرنىڭ خاراكتىرى
ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە ئۇيغۇرلار ئاللىبۇرۇن شەھەر مەدەنىيىتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن ئىكەن، تۆۋەندە مەن بىر قانچە مۇھىم شەھەرنى كۆرسىتىپ ئۆتەي.
1. ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئاستانىسى ئوردۇ بالىق--- تارىخى خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا بۇ شەھەرنى مىلادىيە 760-يىلى بۆگۈ قاغان سالدۇرغان بولۇپ، خانلىق تەۋەسىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، بازىرى ئاۋات، مەنزىرىسى ئۆزگىچە شەھەر بولۇپ، خامىلتون:« ئۇ ئورخۇن دەرياسى بويىدا، كۆك تۈركلەرنىڭ باش شەھىرىنىڭ ئورنىغا قۇرۇلغان، يەنى بۈگۈنكى قارا بالغاسۇندا» دەپ يازغان. شەھەر خارابىسىنى سابىق سوۋېت ئىتپاقى ۋە مۇڭغۇلىيە ئارخېئولوگلىرى 1949-يىلى بايقاپ قېزىپ چىققان .

. بايبالىق-مويۇنچۇر قاغان تەرىپىدىن 757-يىلى سوغدى ۋە تاڭ سۇلالىسى ئۇستىلىرىنىڭ قولى بىلەن ياسىتىلغان.

3. قاتۇنبالىق(مەلىكىبالىق)

4. بېشىبالىق- تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىدىكى ئىستىراتېگىيىلىك ئورنى ناھايتى مۇھىم شەھەر بولۇپ، ئۇيغۇر قاغانى بايان دەۋرىدىلا (650-655) ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىغا تەۋە بولغان.

5. سۈيئاب-ئورنى ھازىرقى قىرغىزىستان جۇمھۇريىتىنىڭ پايتەختى بېشكەكنىڭ شەرقىدىكى توقماقنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى ئاق بىېىم خارابىسى.

6. بالاساغۇن- ئورنى ھازىرقى قىرغىزىستاندىكى توقماقنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى بۇرانا خارابىسىدە بولۇپ، بۇ شەھەرنى بۆگۈ قاغان غەربكە يۈرۈش قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىياغا بارغاندا سالدۇرغانىكەن.

يۇقىرىقىلاردىن باشقا، ئارخېئولوگلار يەنە ھازىرقى رۇسىيە فېدېراتسىيىسى تەۋەسىدىكى ئالتاي تۇۋا ئاپتونۇم جۇمھۇريىتىدىن ئورىۇن ئۇيغۇرلىرى تەرىپىدىن بىنا قىلىنغان 14 شەھەر خارابىسىنى تاپقان.

يەۋاتىمەن،دېمەك مەن تېخى ھايات!

ئۇيغۇرلار تارىخ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5896
يازما سانى: 300
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8985
تۆھپە نۇمۇرى: 506
توردا: 2534 سائەت
تىزىم: 2010-8-8
ئاخىرقى: 2015-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-3 06:09:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 7قەۋەت xamxarka كە 2010-10-03 05:18 PMئەۋەتىلدى :
ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى ۋە ئورخۇن ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىل- يېزىقى

قىسقىچە مەزمونى:بۇ ماقالىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تۇنجى خانلىقى بولغان ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە بۇ ھەقتىكى يازما مەنبەلەردىن ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك يازما مەنبەلەر ھەققىدە قىسقىچە بايانلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
.......

سىز يازغان ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىلمىي ماقالىڭىزمۇ نېمە بۇ؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش