لەتىپىلەر
دادىڭىزنى دوراپسىز
پادىشاھ نەسىردىن ئەپەندىنى چاقىرىپ كىلىپ بالىسىنى تازا ماختاپ بىرىپتۇ:
-قاراڭ ئەپەندىم،بۇ بالا ناھايىتى ئەقىللىك چوڭ بولدى. ئادەمنىڭ كۆڭلىگە پۈككەننى دەرھال تېپىۋالىدۇ.
-كۈڭۈلگە پۈككەننى ئەمەس،قولغا تۇگكەندىن سىناپ باقىلى؟ دەپ ئەپەندىم ھېچكىمگە كۆرسەتمەي ئۈزۈكى مۇشتۇمغا تۈگىۋېلىپ سوراپتۇ.
- بۇ نىمە؟
شاھزادە جاۋاپ بىرەلمەپتۇ.
- شەكلىنى دەپ بىرەي،ئۆزى يۇمۇلاق، ئوتتۇرىسى تۆشۈك.
- تۈگمەن تېشى . دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ شاھزادە.
-شۇنداق،دەپتۇ- ئەپەندىم سىزمۇ دادىڭىزنى دوراپسىز.
كۈلىۋاتىدۇ
نەسىردىن ئەپەندىم بىلەن پادىشاھ شىكارغا چىقىپتۇ. كەچقۇرۇن ئۇلار بىر قۇنالغۇغا كىلىپ قونۇپتۇ. يېرىم كىچە بولغاندا پادىشاھ ھاجەتكە چىققاچ ئەپەندىمنىڭ ئىشىكىنىڭ ئۈستۈ ن تۇمشۇقىنى كىسۋېتىپتۇ.ئاغرىققا چىدىمىغان ئىشەك بىرئاز خارتىلدىغاندىن كىيىن جىم بوپ قاپتۇ.بۇنى ھىس قىلغان ئەپەندىم چىقىپ قارىسىا ئىشىكىنىڭ ئۈستۈن كالپۇكى كىسىلىپ كەتكەنلىكىنى كۈرۈپتۇ-دە بۇنى پادىشاھنىڭ قىلغانلىقىنى بىلىپ،بېرىپ پادىشاھنىڭ ئېتىنىڭ قۇيرۇقىنى تۈۋىدىنلا كىسىپ تاشلاپ كىرىپ ئۇخلاپ قاپتۇ. ئەتىسى ئۇلار يولغا چىقىپتۇ. يېرىم يولغا كەلگەندە پادىشاھ:
-ئەپەندىم، ئىشەكلىرى ھھىجىيىپ كىتىۋاتىدۇ.نىمىگە بۇنچە خوش بوپ كەتتى؟دەپ سوراپتىكەن.ئەپەندىم دەررۇ جاۋاپ بىرىپتۇ:
-ئاتلىرىنىڭ كۆتى ئۇچۇق قالغان ئىكەن، شۇنىڭغا قاراپ كۈلىۋاتىدۇ.
خالتامنى ئەكىلىۋالاي
بىر پىخسىق، ساچقانغا كىپەك ئالدۇرمايدىغان باي بىلەن ئالدار كۇسا ئۇچرۇشۇپ قاپتۇ. ئۇزۇندىن بۇيان ئالدار كۇسىنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ يۈرگەن باي قېنى مىنى بىر ئالداپ باقمىسۇنمۇ دەپ ئويلاپ، دەپتۇ:
-ئاڭلسام سىزنى ئۇستا ئالدامچى دەيدىكەن قېنى مىنى بىر ئالداپ بېقىڭچۇ؟
- بۇلىدۇ،دەپتۇ ئالدار كۇسا-ئالدام خالتام ئۆيدە قاپتىكەن، ئاتلىرىنى بىرىپ تۇرسىلا،خالتامنى ئەكىىلىپ سىلى دىگەندەك قىلاي.
باي- بۇلىدۇ،دەپ ئېتىنى بىرىپتۇ.ئالدار كۇسا شۇ كەتكەنچە كەلمەپتۇ.
قەسەم ئىچتىم
سەلەي چاققان باينىڭ خىزمىتىنى قىلىپ يۈرگەن كۈلەرنىڭ بىرىدە ئۇ باي بىلەن بىر تويغا بېرىپتۇ،باي سەلەي چاققانغا دەپتۇ:
-مەن تويغا كىرىپ چىققۇچە ئاتلارغا ياخشى قارا؟
سەلەي چاققان ماقۇل بۇلۇپ ئاتلارغا قاراپتۇ،كۈن كەچ كىرگۈچە ئۇنىڭغا ھېچكىم بىر نەرسە بەرمەپتۇ.كەچ بولغاندا باي گىدىيىپ چىقىپ سوراپتۇ.
-سەلەي ئاخۇن،مەن تويدا بۇلۇپ قېلىپ سىلىدىن خەۋەر ئالالمىدىم، شۇنداقتىمۇ سىلىگە تويدىن بىر نەرسە تەگدىمۇ؟
- تەگدى دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ،-سەلەي چاققان.
-نىمە تەگدى؟
-سىلى يەپ-غاجاپ تاشلىۋەتكەن سۆڭەك چاچراپ كىلىپ پۇتۇمغا تەگدى.
-مەن بۇنى سورۇمۇدۇم،دەپتۇ باي-بۇ تويدا سەن بىر نەرسە يىدىڭمۇ ياكى يىمىدىڭمۇ شۇنى سورۇدۇم.
-يىدىم تەقسىر -دەپتۇ سەلەي چاققان،
-نىمە يىدىڭ؟ سوراپتۇ باي:
-باي غۇجامنىڭ قوسىقى بەك چوڭ ئىدى، تويغۇدەك بىر نەرسە يىدىمۇ يا يىمىدىمۇ دەپ غەم يىدىم.
-ھەي دۆت،دەپتۇ باي،مەن ئۇنى دىمىدىم-بىر نەرسە ئىچكەن -ئىچمىگەنلىكىڭنى سوراۋتىمەن؟
- ئىچتىم. دەپتۇ سەلەي چاققان.
-ئېتە نىمە ئىچتىڭ؟دەپ سوراپتۇ باي ئاچچىقلىنىپ:
-ئىككىنچى باي بىلەن تويغا بارمايمەن دەپ قەسەم ئىچتىم.
مەنبە: ئۇنىڭدىن - بۇنىڭدىن