
دانالار ھېكمەتلىرىدىن

ئوغلۇم،ساڭا ئەدەپ-ئەخلاقنى مىراس قىلىپ قالدۇرىمەن .ئىلىملىك،ئەقىللىق ئادەملەرنى تېپىپ،ئۇلارغا يېقىنلاش،ئۇلاردىن بىلىم ئال .
-مەھمۇد قەشقىرى

ھەر قانچە ئىشەنچىلىك ۋە يېقىن دوستۇڭ بولسىمۇ، دوستۇم دەپ ئىشىنىپ،سىرىڭنى ئېيتىشتىن ساقلان . ئويلىغىنكى،ئۆزۈڭ ساقلىيالمىغان سىرىڭنى دوستۇڭ ساقلىيالمايدۇ .
-ئەھمەت يۈگنەكى

ئايا،باي خۇتۇنغا ئىنتىلگۈچى جان،
ئەسىر بولما ئاڭا ئى ئالىم ئىنسان،
-يۈسۈپ خاس ھاجىپ

ماختاپ قويسا مەغرۇرلىنىشتىن يىراق بولغان كىشى مەۋجۇت بولغانكى ياخشى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئىرىشەلەيدۇ .
-قىسۇرى

مەردلىك كۈچتە ۋە شەمشەر ئوينىتىش سەنئىتىدە ئەمەس،مەردلىك ئۈزىنى تۇتۇشنى بىلىشتە ۋە ئادالەتلىك بۇلۇشتا .
-سەئىدى

ئىرادە ئىنساننىڭ ئەمەلىي پائالىيىتىگە مەنسۇپ،ئۇ ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغان ئىشلاردىلا ئۆز رۇلىنى جارى قىلدۇرالايدۇ .
-ئەبۇ ناسىر فارابى

مۇزىكىنىڭ تىلسىز مۇڭلىرى ئىنساننىڭ روھىغا مەنىۋى ئوتنى تۇتاشتۇرغىچى ئامىلدۇر .
-ئەبۇ ناسىر فارابى

نادان،جاھىل كىشىلەر بىلەن ھەم سۆھبەت بولمىغىن،خۇسۇسەن ئۈزىنى دانا، بىلىملىك دەپ ھىساپلايدىغان كىشىلەردىن يىراق بولغىن .
-مۇھەممەد سىدىق بەرشىدى

رەھمەت بىلەن ۋاپا بارچە ئەخلاقنىڭ بېشىدۇر،پۇلنى دەپ قېرىنداشقا جاپا قىلغۇچى بولما .
-مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللا خاراباتى

ئادەمنىڭ مال-دۇنياسى ئۈزىگە دۈشمەندۇر،ئەقىللىق .ئادەم ئۆز دۈشمىنىنى قانداقمۇ سۆيسۇن .
-مەھمۇد قەشقىرى

ياخشىلار كەينىدىن ئەگەر چاپارسەن،
ئارزۇيۇڭ-بەختىڭنى شۇنداق تاپارسەن .
-سەئىدى

ۋاپا قىل،يىگىتلىك بوستانى ھەمىشە مۇنداق گۈزەل ۋە كۆڭۈللۈك بۇلىۋەرمەيدۇ .
-ئاتايى

مەنبە-دانالار ھېكمەتلىرى ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى