قاچانمۇ تۈگەر مۇشۇ ئىللەتلەر
دۇنيا ھاياتلىق پائاليەتلىرى شۇنداق بىر رىتىمدا كېتىپ باراتتى ، بەزىلەر ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئۆزگىنى ئۇنتىغان ھالدا تۇرمۇش قاينىمىغا باش چۆكۈرۆپ كىرىپ كەتسە، بەزىلەر نام-ئاتاق ئۈچۈن مېڭىۋاتقان يولىنىڭ توغرا-خاتالىقىغا قارىماي يۇقۇرغا قاراپ يامىشىۋاتاتتى. يەنە بەزىلەر مال-دۇنيا ئۈچۈن ئۆزىنىلا ئەمەس بەلكى ۋىجدانىنىمۇ ئۇنتۇپ قىلۋاتاتتى. مانا بۇلار ئەتە ئۈچۈن ياشاۋاتقانلاردۇر.
يەنە بەزىلەر چۇ، ئەتە ئۈچۈن ئەمەس بەلكى بۈگۈن ئۈچۈنلا ياشاۋاتقانلاردۇر. ئۇلار ئويۇن-تاماشا، ئەيىش-ئىشرەت، كەيىپ-ساپا سورۇنىدىكىلەردۇر خالاس.
شۇنداق ھاياتلىق ئىنسانغا ھەرخىل قىسمەتلەرنى سوۋغا قىلۋاتىدۇ، بەزىلەر بۇ سوۋغاتنى كۆپ ئويلىنىش ئارقىلىق قوبۇل قىلسا يەنە بەزىلەر ئويلانمايلا قوبۇل قىلۋاتىدۇ. بۇ سوۋغاتلار بەزىدە بىزگە ئويلىمىغان خۇشاللىقلارنى ئېلىپ كەلسە، يەنە بەزىدە كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرغىدەك بالا-قازالارنىمۇ ئىلىپ كىلۋاتىدۇ. مانا مۇشۇ ئامەت-خۇشاللىق بولسۇن ۋەياكى بالا-قازالار بولسۇن، بۇنۇڭ ھەممىسىنى باشقا بىرى ئەمەس بەلكى ئۆزىمىز ئاپرىدە قىلىۋاتىمىز. بىراق ئادەم ئۆزى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاقىۋەتنى ئۆزىدىن كۆرمەيدۇ. شۇڭا دۇنيادا ھەممە ئادەم ئۆزىگە ئىنتايىن پاك ھەم نوخسانسىز. بىراق بىز باشقىلارنى ئەمەس ئۆزىمىزنىلا ئالدايمىز خالاس!
قەلىمىمنىڭ تەۋرىشى شۇ كەيىپ-ساپا،
بالانى بىز تاپتۇق قىلمايلى داۋا.
شۇ ئويۇن-تاماشا ئەيىش-ئىشرەتتىن،
بۇلغاندى جىسمىمىز ھەم بىللە ھاۋا.
((-كىلە ئاداش ياخشى مېھمان سورۇن ئۈستىگە دەپ، سەنمۇ دەل ۋاقتىدا كەلدىڭ، كىلە ئاۋال ھۆرمىتىڭگە بۇ بىر رومكىنى كۆتىرۋەت))
ھۆرمەت؟! ھازىر بىراۋنىڭ ھۆرمىتى بىر رومكا ھاراق بىلەن بولىۋاتامدۇ، دۇنيانىڭ تەرەققى قىلىشى بىلەن تەڭ كىشىلەرنىڭ مۇناسىۋىتىدىكى ھۆرمەت قىلىشمۇ ئىنتايىن تەرەققى قىلغان ئوخشايدۇ. ھەي توۋۋا......
بىراۋ سۇنغان ئاشۇ بىر رومكا ھاراقنى ئىچىش بىزنىڭ كۆڭلىمىز، چىرايلىقچە رەت قىلىشمۇ بىزنىڭ كۆڭلىمىز ئەمەسمۇ، ئەگەر شۇ بىر رومكا ھاراقنى رەت قىلساق، باشقىلارنىڭ بىزگە قىلغان ھۆرمىتىنى ئىلىك ئالمىغان بولامدۇق
ھەي بۇجاھان نېمىدىگەن چۈشۈنىكسىزلىشىپ كەتكەن ھە!
((-ئىچىۋەتتىم باللا ! -سڭسۇن ئاداش))
توغرا يىگەن ئىچكەن ھەرقانداق نەرسىمىز سىڭسۇن، ھەم سىڭىشىنىمۇ ئۈمىد قىلىمىز، بىراق تېشىمىزدا چاندۇرماي ئىچىمىز يۇ كۆڭلىمىزدە تىزىراق تۈگىشىنى ئويلايمىز، ئۇنداق زورلاپ جاننى قىيناپ ئىستىمال قىلغىنىمىز قانداقمۇ سىڭسۇن، ئامال يوق ئىچىپ بولۇپ سڭمىگەننى ياندۇرۋىتىش، ھاراق ئىچىشتىكى قائىدىگە ئايلىناي دەپ قالدى ئەمەسمۇ.
ئۇنىڭ شۇ پەيىت ئىچىدە قەپەزدىن قويۋەتكەن قۇشتەك بولۇپ كىتىشىگە، شۇ بىر رومكا سەۋەپ بولىدۇ. ئۇنىڭ كۆكتە پەرۋاز قىلىشىغىمۇ، ئەمدى ئىچمەيمەن دەپ قويغان بىر رومكىدىن كىيىنكى يەنە بىر رومكىغىمۇ ، ئۇنىڭ كەيىندىكى ئاخىرقى رومكىغىمۇ، ئاخىرقى رومكىدىن كىيىنكى تۈگىمەس رىتىمغىمۇ شۇ بىر رومكا سەۋەپ بولىدۇ.
((-باللا ئىچىدىغاننى ئىچتۇق ئەمدى بىردەپ ئۇچمايلىما !!!))
ئۇچۇش؟ بۇ سۆز رىئاللىقتا ئاددى ئېيتىلسىمۇ، بىراق قىلماققا ئىنتايىن قىيىن ئىش. بىراق بۇ سورۇندىكى ئۇچۇش ئىنتايىن ئاسان، چۈنكى ھازىرقى بالىلار ئايرۇپىلان، پاراشۇت، قاناتسىزمۇ ئۇچالايدىغان بولۇپ كىتىپتۇ.
ئۇلار ئۇچىدۇ، بىراق قونىدىغان جايىنى بىلمەيدۇ. ئۇلار قانداق ئۇچىدۇ؟ قانداق ئۇچاتتى بىر قاپاقتىن ئىستىمال قىلسىلا بولدىغۇ.
((-ئاداش نۆۋەت ساڭا كەلدى ، بىر پەيزى قىلىپ بەرمەمسە!))
پەيزى قىلىش ئادەم كەيىپ ۋاقتىدىكى ئەڭ ياختۇردىغان ئىششى، ئۇ شۇنداق بىر ئىشقى بىلەن پەيزىنى باشلايدۇ،
كۆزياشلىرىڭ ئاقتىمۇ ئانا،
بىرىنجى ئايدا سوغاقتا.
پەپىلەپ باققان بالاڭ،
قاراخوزىدا سولاقتا.
شۇنچە ئارزۇ ئۆمۆتتە،
باققانتىڭغۇ جاپادا.
ئادەم بالىسى باققانغا ئانا،
قالدىڭ ئەمدى بالادا.
كىچە دىمەي كوچىدا،
تۈنەپ يۈردۈم تالادا
يانچۇقلارنى ماراپ يۈردۈم،
پۇل يوق بولسا يىنىمدا
((-ئوي..........ي راسقۇ ))
ئامەت كەلسە پۇل تاپتىم،
بىگۇناغا قول سالدىم.
ئۆزەمنىمۇ تۇتالماي ،
پۇشايماندا كۆپ قالدىم
كىيىملىرىم ئالى ماركا،
كەينىمدىمۇ كۆپ شوركا.
ئەسلمنىمۇ ئۇنتۇپ مەن،
كىرىپ قالدىم بۇ يولغا.
سومكا بۇلاپ قىچىۋاتىمەن،
خام نىشىنى چىكىۋاتىمەن.
پۇلۇم تۈگسە ۋاي باللا ،
ۋىجداننىمۇ سىتىۋاتىمەن.
بۇ ئۇنىڭ ئۆزى توقىۋالغان ناخشىسىمىدۇ، نىمدىگەن ئەمەليەتچىل ھە! چوقۇم شۇنداق ھازىرقى بالىلار بىلىپ تۇرۇپ قىلىدۇ ئەمەسمۇ. ئۇنىڭ ئېيتىۋاتقىنى قايسى ناخشا؟ بىشى قانداق؟ ئاخىرچۇ؟ كەيىپ بىلەن ئاڭلىغۇچىلار ئۈچۈن بۇ موھىم ئەمەس پەقەت ناخشىنىڭ ئارلىقىدىكى قۇلاققا خۇشاققىدەك، بىرە جۈملە سۆز بولسىلا بولدى خالاس
((-ئىشقى باللا ئەمسە!! -كەيپى ئاداش))
نىمدىگەن ماسلاشقان سۆزلە ھە! ئىشقى-كەيپى بۇ سۆزلەر ئۇلارنىڭ، قاپاقنىڭ ئىشقىدا كەيىپ بولۇپ كەتتىم دىگىنىمۇ يا شۇنداق بىر قائىدە بارمۇ؟ ئۇ قاپاقنى شۇنداق ئىغىر تارتتىكى، خۇددى ئۈستىدە بىر تاغ باردەك تارتاتتى. توۋۋا ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان ئىس شۇنداق قويوق ھەم سېسىق پۇراپ تۇراتتى. شۇنداق رىتىمدىن كىيىن كۆزلەر خىرەلىشىدۇ، بەزىلەر تۇرۇپ-تۇرۇپ قالايمىقان جۆلۆپمۇ قوياتتى.
((-قارا ئاداش ئاخشام ھېلقى قىز تېلفۇن قىلغانتى، كېلىڭە دىسەم كەلدى قارا بەك شاش قىزكەن دىگىنە، ئىشقىلىپ ھادۇغۇمدىن چىقىپتۇ.))
دەل مۇشۇ بەيىتتە بىر مەھەل لاۋزا چاقچاقلار باشلىنىدۇ. مانا مۇشۇنداق سۆزلە، باشقىلار ئەڭ قىزىقىدىغان تىمىلارنىڭ بىرسى ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەي بولمايدۇ.
ھەي ئىسىت ئۇيغۇر مىللىتىمىز، تەرەقىياتنىڭ زورلىقىدا قاناتسىز ئۇچقان ئۇيغۇر يىگىتلىرمىز، كىچىك ۋاقتىدا، ئويۇن، ئويۇنچۇقلارغا تويماي ياشلىغىدا كەلگۈسى بىلەن ئوينىشىدىغان، ئۇيغۇر
قىزلىرىمىز ئىسىت ئىنسان بولغىنىمىز.
ۋىجدان بىلەن جاسارەت ئۇيغۇر ئوغلىنىڭ زىننىتى،
ئەدەپ بىلەن نازاكەت قىزلىرىمىزنىڭ قىلىدىغىنى.
كىرمەي ئويۇن كەينىگە كىيىنلىكنى ئويلايلى ،
قانچە قىلساق بىز بەربىر بۇدۇنيانىڭ مېھمىنى.
((-ھەي ھەي قارا ئۇنىڭ ئوڭ يانچۇقىدا تېلفۇن بار ئىكەن))
مانا بۇلار خەقنىڭ يانچۇقىدا نىمە بارلىقىنى تاپىدىغان، پالچى ئەمەس بەلكى خەقنىڭ يانچۇقىدا بارىنى ئېلىپ قاچىدىغان بەكلا كەپسىز بالىلىرىمىز. بازاچى نىمە دىگەن چىرايلىق ئاتالغۇ ھە، ھازىرقى بالىلار دۇنيا تەرەقىياتىغا ئەگشىپ تىجارەتچى، ھۈنەرۋەن، خىزمەتچى قاتارلىق ئىشلارنى كىچىك كۆرۈپ، بازاچى دىگەن يىڭى بىر خىزمەتنى كەشىپ قىلىپ، بەزى بالىلىرىمىز، شۇنۇڭ بىلەن شۇغۇللانماقتا، ئۇلاردا نە ئاراملىق نە خاتىرجەملىك بولسۇن.
((-قارا ئاداش يىڭىھايات پەيسۇرنڭ كەلدى جۈرە جۈرە))
خۇددى مۆشۆكنى كۆرگەن چاشقاندەك، كىردىغان تۆشۆك بولسىلا كىرىپ كىتىپ بارىدۇ، ھەربىر كەسىپ ، خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ، مەشخۇل بولىۋاتقان خىزمىتى بىلەن كىيىنىشى ماسلاشقاندەك، بۇ بازاچى دىگەن كەسىپنىڭ كىيىنىشىمۇ ئۆزگىچە، تىخى شۇنداق رەتلىك بۇرۇلكا ئىشتان، تەنتەربىيە چاپان، تېزىراق قاچىدىغانغا تەنتەربىيە ئايىقى، شۇنداق يارىشىدۇ. ئۇلارنڭ كۆرگەن كىشىلەر ئۇلارنى ھەرگىزمۇ، ئۇنداق خەقنى قاخشىتىدىغان يىرگىنىشلىك ئىشلارنى قىلىدۇ دەپ ئويلىمايدۇ. ئۇلارنى نىمىشقا ئاتا-ئانىسىنىڭ گىپىنى ئاڭلىمايدىكىن دىسەم، چېچىنىڭ ئۇزۇنلىقىدىن قۇلقى چاچنىڭ تىگىدە قالغاچقا ئاڭلىمايدىغان ئوخشايدۇ.
يەنە تىخى چىڭلوڭ تو دەپ قويۇشلىرىچۇ ھە!
بىز ئۇيغۇر خەلقى بىز بەكمۇ پاراڭچى،
ئاز ئەمەس ئارىمىزدا يامان قاراقچى.
يىڭى ئۇسلۇپ يارىتىپسەن ياراشسىچۇ كاشكى،
پەخىرلىنىپ كىتەمسەن بولساڭ بازارچى.
ئۇيغۇرنىڭ يۈزىنى تۆكتىڭ بازاچى،
ئۆزۆڭنىڭ ئەيبىنى سۆكتىڭ بازاچى.
بىگۇناھ كىشىلەرنى تولا قاخشىتىپ،
خەلىقنىڭ قەلبىدە ئۆلدىڭ بازاچى.
((-جۈرە ئاداش بۈگۈن ئادىل باۋشاڭ ئىچىپتۇ جېڭكۇغا بىرىپ باقايلى))
مانا بۇ بىزنىڭ ئويانچى ئۇيغۇر قىزلىرىمىزنىڭ ھازىرقى كۈندىلىك قوللىندىغان سۆزلىرى، ھازىر بارا-بارا جۈرە ئاداش مەكتەپكە دىگەن سۆزلە كونراپ، جۈرە ئاداش دىباغا دىگەن سۆزلە ئەۋجى ئالماقتا. ئۇلارنىڭ شۇنداق ئۆزگىچە گەپ-سۆزلىرى، مودا چاچلىرىنىڭ تىگىدە كۆرۈنمەي قالغان كۆزلىرى، ئۆز تەبىئىتىگە ماسلاشمىغان قىنىق گىرىملىرىنىڭ تىگىدە قالغان ئاشۇ يۈزلىرى، بىزنى ئەمەس شەيتاننىمۇ يولدىن ئازدۇرماقتا. يەنە تىخى ئۆزگىچە مودا كىيىملىرىچۇ، تىزىنىڭ تىگىگە يەتمەدىغان شۇشەن ئىشتان،يوپكىلىرى ئۈستىنى ياپالمىغاننى ئاز دىگەندەك دۈمبىسنىمۇ ياپالمايدىغان ئالاچەكمەن كىيىملىرى، پەقەت مىنىلا ئەمەس بەلكى ئۇلارنى كۆرگەن ھەرقانداق بىر ئەقىل ئىگىسنىمۇ ئەجەپلەندۈرۋاتىدۇ ئەمەسمۇ، ھەي ئىسىت ئويۇن خۇمار قىزلىرىمىز، ھەي ئىسىت كەلگۈسىنىڭ ئانىلىرى بولغان ئەقىلسىز قىزلىرىمىز، سىلەرگە ئسىت مىڭ ئسىت.
ھايات دىگەن دېڭىزنى كېچىپ باقماي بويلىغان،
مودا دىسە ئۆزگىنى ئۇنتۇپ ئۆزىنى ئويلىغان.
ئاشۇ مودىكەش قىز لىرىمىز ئانا بولار بىر كۈنى،
كەلگۈسىنى ئويلىماي بۈگۈننىلا قوغلىغان.
ئېچنىپ خەلىق سىلەرگە قۇرۇپ كەتتى تىللىرى،
ئاشۇ مېھرىبان ئانىلارنىڭ ياشقا تولدى كۆزلىرى.
سىلەر شۇنداق ئويۇندىن زەھەرلىنىپ تۈگسەڭلار،
ئىچىلمايدۇ خەلقىمىزنىڭ قەلبىدىكى گۈللىرى.
مانا ھايات مۇساپىمىز مۇشۇنداق ئېچىنىشلىق ئۆتۋاتىدۇ، بىراق بىز بۇنى بىلمەيۋاتىمىز چۈنكى بىز بىغەم بەكلا بىغەم، بۇ سۆزلەر ھەممىلا ئادەم يامان دىگەنلىك ئەمەس، چۈنكى ھەممە ئادەمنڭ بىر تاياقتا ھەيدىگىلى بولمايدۇ ئارىمىزدا ۋىجدانلىق، غورۇرلۇق، قىز-يىگىتلىرىمىزمۇ ساناقسىز، بۇمۇ بىر ھاياتلىق زەنجىرى دۇنيا قائىدىسى بولسا كېرەك.
خاتىمە
ئەجەپ بىر نادانلىققا باشلىدىڭ دۇنيا،
تىۋىشسىزلا قاپلىدى شۇ قارا قوللا.
ئىنسان ئۇ بىلمىسە ئۆز قەدرىنى ئۆزى،
ئەگىرىدەك بىلىندى تۈپتۈزمۇ يوللا.
ھەر تەرەپ ھەر بۇلۇڭ ياڭرىدى ناۋا،
ئۇيغۇر ناۋاسى بولمىغاچ بىز ئۈچۈن ۋابا.
مودا دەپ ئاڭلىدۇق كۆپچىلىك بىزار،
بىزدىكى بۇ كىسەلگە تىپىلارمۇ داۋا.
ھەرقانداق سورۇندىن ئايرىمىدۇق ھاراق،
بۇ سۆزلەر رىئاللىققا بولالماس ياماق.
بەتخەجلىك قاپلىدى يوخسۇلنىمۇ ھەم،
چىلەكلەپ تۆكۆلدى ھەر ئېسىل تاماق.
ۋىجدانلىق يىگىتلەر كەتتىغۇ ئازلاپ،
نازاكەتلىك قىز كۆرمىدىم جاھاننى ئارلاپ.
دىللاردىن كۆترۆلگەچ ھەممىدىن ئىنسان،
مەن ئۈچۈن دۇنيامۇ كەتتى بەك تارلاپ.
ئويۇن دەپ يۈگرىدۇق ئەخلاقنى تاشلاپ،
شۇ ساددا جىسمىمىزنى ۋەھىمىگە باشلاپ.
قاغجىردى مەكتەپلەر توشتىغۇ سورۇن،
باستىغۇ پۇشايمان كۆزلەرنى ياشلاپ.
بىلىملىكنى كۆزگە ئىلماي كىتاپ خالتىسى دەۋادۇق،
كىشىنىڭ ھەققىنى بەزىدە ئويلانمايلا يەۋالدۇق.
ياخشى ئادەم بولۇشتىن ئۇيالدۇق تىخى بەزىدە،
ئۇ دۇنيانى ئويلىماي بۇدۇنيادا كۈلۋالدۇق.
پۇلى بارنى دوس تۇتتۇق پۇلى يوقنى گاداي دەپ،
ھارام تاپساقمۇ تېرىقنى بىغەملىكتە بىلمەي يەپ.
خەقنى ماختاپ ھارمىدۇق ئۆزىمىزنى ھەم بىللە،
باشلىق بولسا خوشەمەت قىلىپ ئاغىزىمىزدا تاتلىق گەپ.
گىلەم ئېسىپ ئۆيلەرگە ياراتمىدۇق پالازنى،
ئۆلمەيدىغاندەك مەڭگۈگە يوخلىمىدۇق مازارنى.
ھەممە نەرسە پۇل بىلەن ئۆلچەندىغۇ بىز ئۈچۈن،
ۋىجدان سودىسى قاپلىدى ئاشۇ قايناق بازارنى.
يول تاپقاننى كۆرەلمەي غەيۋەت بىزگە دوس بولدى،
ھايات ئەمەس ئەسلىدە ۋىجدان بىزنى قۇل قىلدى.
ئىككى تەڭگە پۇل تاپساق بىسىقتۇرالماي سورۇننى،
ھەرخىل ھاراق-شاراپلار ئىستاكانغا لىق تولدى.
باينىڭ ئاغزى ياغ بولۇپ يوخسۇللارمۇ ئاچلىقتا،
پۇلى بارلار ئاتلىقكەن پۇلى يوقلار تاشلىقتا.
گۈزەللىك دىگەن ئەسلىدە بولاتتىغۇ قەلىپتە،
ھازىرقى قىزلار گۈزەلدۇر ئۇپا-ئەڭلىك قاشلىقتا.
ئويلىنايلى ئۇيغۇر بىز مىللەت قالمىسۇن كەينىدە،
نۇرلۇق يولتۇز ئاتىلايلى بىز دۇنيانىڭ قەلبىدە.
شۇنداق ئەدەپ-ئەخلاقلىق ياخشى مىللەت بىز ئەسلىدە،
ئادىمىيلىكنى ئۇنتۇپلا بولمايلى پۇلنىڭ قەستىدە.
زارلانغىنىم ئەمەستۇر بۇ پەقەتلا نىدارىم،
بۇ ئىشلارنى يازغىچە تۈگەپ كەتتە سىياھرىم.
ئەيبىمىزنى ئاشقىنىم يوق مىللىتىمدىن ئەنسىردىم،
كىچە-كۈندۈز تىلەيمەن ئامان بولسىكەن دىيارىم.
مەنبەسى؛ئۆزۈم