مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1455|ئىنكاس: 17

شەھەرلىكلەرگە يېتىشەلمىگۈدەكمىز ‹ قىزىقا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

خىيالىي دۇنيا...QQ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1625
يازما سانى: 191
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9127
تۆھپە نۇمۇرى: 423
توردا: 4317 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2012-6-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-1 10:22:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەكلىماكاننىڭ بۇلۇڭىدا چوڭ بولغان بىزدەك قارا سەھرالىقلار ھەرقانچە باي بولساقمۇ شەھەرلىكلەرگە يېتىشەلمىگۈدەكمىز:

بىز نامراتلىقتا ئىشتىنىمىز تىزدىن ئاشماي يۈرگەن چاغلاردا، شەھەرلىكلەر پۈتۈن كىيىنىپ ھەممە يېرىنى دېگۈدەك يېپىپ يۈرەتتى. ئەمدى بىز پۈتۈن كىيىنىپ، ھەممە يېرىمىز يېپىلغۇدەك ھالغا يەتكەندە، شەھەرلىكلەر تىزىدىن ئاشمايدىغان تار ئىشتان، يوتىسىدىن ئاشمايدىغان تار يوپكىلارنى كىيىپ، يەنە بەزىلەر كۆڭلەك - يوپكا كىيمەي ئامالىنىڭ بارىچە بەدىنىنى ئوچۇق قويۇشقا تىرىشىدىغان بولۇۋاپتۇ!

بۇرۇن بىز زاغرا ناندىن قۇتۇلالماي چىرايىمىز تاتىرىپ يۈرگەندە، شەھەرلىكلەر ئاق نان يەپ چىرايىنى پارقىرىتىپ يۈرەتتى. ئەمدى بىز ئاق نان يەيدىغان بولغاندا، شەھەرلىكلەر ئاق ناندىن قېچىپ، زاغرىغا ئىنتىلىدىغان بولۇۋاپتۇ!

بىز بۇرۇن ئۆيلىرىمىزنى كاكۇل سۇۋاق قىلىپ ئولتۇرغاندا، شەھەرلىكلەر ئۆيلىرىنى ھاكلاپ ئاقارتىپ، ئىشىك - دېرىزىلىرىنى سىرلاپ ئولتۇراتتى. ئەمدى بىز ئۆيلىرىمىزنى ھاكلاپ ئاقارتىپ، ئىشىك - دېرىزىلەرنى سىرلاپ ئولتۇرۇشنى ئۆگەنگەندە، شەھەرلىكلەرنىڭ ھاكلاش، سىرلاش دائىرىسى شىددەت بىلەن كېڭىيىپ، خانىم - قىزلارنىڭ چىرايىغا يېتىپ، توختىماي چېچىغا يامىشىپ يەنە ئاسمانغا شوتا قويغۇدەك ئەلپازى بىلەن ئىلگىرىلەۋېتىپتۇ!


بىز بۇرۇن ھاجەتتىن كېيىن ئەۋرىتىمىزنى سۈرتۈشكە چالما ئىشلىتىدىغان چاغدا، شەھەرلىكلەر قەغەز بىلەن سۈرتىدىغان ئىشنى چىقاردى. بىز ئۇلارنىڭ بۇ ئىشىنى ئۆگىنىپ، ئاران دېگەندە كۆنۈۋاتساق، ئۇلار ئەمدى قەغەز بىلەن ئاغزىنى سۈرتىدىغان بولۇۋاپتۇ!

بىز بۇرۇن ئۆيلىرىمىزنىڭ ئارىلىقىنى يىراق قىلىپ ئولتۇرغاندا، شەھەرلىكلەر تام قوشنا ئۆيلەردە ئولتۇراتتى. بىز ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىگە قاراپ: «تام قوشنا ئولتۇرسا قېرىنداشلىق مېھرى قانچە كۈچلۈك بولىدىغاندۇ- ھە؟» دەپ قالاتتۇق. ئەمدى بىز ئۆيلىرىمىزنى تام قوشنا قىلىپ رەتلىك سېلىپ ئولتۇرۇپ، ئىناق قوشنىدارچىلىقنى ۋايىغا يەتكۈزگەندە، شەھەرلىكلەر ئۆينى يانداش سېلىشتىن ھالقىپ چاقماق قەنتتەك تۆپە - تۆپىلەپ سالىدىغان، ئەمما قوشنىلىرى بىلەن بۇرۇنقىدەك قويۇق مۇناسىۋەت قىلمايدىغان، ھەتتا تونۇشمايدىغان بولۇۋاپتۇ!

بۇرۇن بىزنىڭ ئۆي ۋە ئورگانلىرىمىزنىڭ ھويلىسىدىن شور توپا ئۆرلەپ قاقاس تۇرغاندا، شەھەردىكى ئىدارە - ئورگانلارنىڭ ھويلىسىغا خىش ياتقۇزۇلۇپ، چۆرىسىدە رەتلىك سۇۋادان، تال باراڭلار سايە تاشلاپ باغچىدەك چىرايلىق تۇراتتى. ئەمدى بىز ھويلىمىزغا خىش بېسىپ، مېۋىلىك دەرەخ قويۇپ، تال باراڭلىق ھويلا بەرپا قىلغاندا، شەھەردىكى ئورگانلار ھويلىسىدىكى دەل - دەرەخلەرنى قومۇرۇپ تاشلاپ، تۇپراق يۈزىگە سېمونت ياتقۇزۇپ، بۇرۇنقى ئەتىر گۈللەرنى قومۇرۇۋېتىپ، بەزى ھويلىلارنىڭ يېرىمىغا چەت ئەلنىڭ ئوت - چۆپلىرىنى تېرىپ، چارۋىسى يوق يايلاق ياسىۋاپتۇ. قالغان يەرنى «قاتتىقلاشتۇرۇلغان قاقاسلىق» دېسە بولغۇدەككەن!

بىز بۇرۇن كوپېراتسىيە ۋاقتىدا، كېچىلىرى ئۇخلىماي كەتمەن چېپىپ بىر تېرە، بىر سۆڭەك بولۇپ كەتكەندە، شەھەرلىكلەر كېچىسى ئۆيىدە بەخىرامان ئۇخلاپ بوتىلاقتەك سېمىز تۇراتتى. ئەمدى بىز كېچىسى ئىشلەيدىغان ئوپچە ئەمگەكتىن قۇتۇلۇپ بەدىنىمىزگە ئەت قونغاندا، شەھەرلىكلەر «ئورۇقلايمىز» دەپ كېچىدە قوپۇپ كوچىدا يۈگۈرىدىغان، ھەتتا نەچچە قوينىڭ پۇلىغا ئورۇقلىتىش دورىسى ئېلىپ يەيدىغان بولۇۋاپتۇ!

بۇرۇن بىزنىڭ بالىلىرىمىز تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ دېھقان بولغاندا، شەھەرلىكلەرنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بالىلىرى شەھەردە كادىر بولاتتى. بىزمۇ ئەمدى ئويغىنىپ پۇل تېپىپ، شەھەردە ئوقۇسا كادىر بولىدىغان ئوخشايدۇ، دەپ نەچچە ئون مىڭ يۈەن خەجلەپ بالىلىرىمىزنى شەھەردىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇتۇپ، ئۆزىمىزگە كادىر بولۇپ كەلسۇن دېسەك، ئوننىڭ بىرسى بولالىدىمىكىن، قالغانلىرى تاۋىنازۇك دېھقان بولۇپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ شەھەرلىك ساۋاقداشلىرى بىزگە كادىر بولۇپ كېلىدىغان بولۇۋالدى.

بىز بۇرۇن كوپېراتسىيىنىڭ دولقۇنىدا، قۇچاقتىكى بالىمىزنى نائىلاج ئەترەت بەلگىلىگەن بالا باققۇچىغا تاشلاپ بېرىپ يېرىم كېچە بولغاندا ئاران كۆرەتتۇق. بۇ چاغدا شەھەرلىكلەرنىڭ بالىلىرى ئانىسىنىڭ باغرىدىن ئايرىلمايتتى. ئەمدى بىزمۇ بالىلىرىمىزنى باغرىمىزدىن ئايرىمايدىغان بولغاندا، شەھەرلىكلەر رېستوران دولقۇنىدا ئالدىراش بولۇپ كېتىپ، قۇچاقتىكى بالىلىرىنى كېچە - كېچىلەپ باشقىلارغا تاشلاپ بېرىدىغان بولۇۋاپتۇ!

بىز بۇرۇن ئۆيدە ئوماچ، يوبداندىن يېڭى قۇتۇلۇپ سۇيۇقئاش، لەڭمەنگە تويغۇدەك بولغاندا، شەھەرلىكلەر بازارنىڭ ئاشخانىلىرىدا مەغرۇر ئولتۇرۇپ پولۇ، كاۋاپ يېيىشكە يۈزلەنگەنىدى. ئەمدى بىزمۇ ھاللىنىپ ھەپتىدە بىر ۋاخ بازاردا پولۇ، كاۋاپ يەپ روھلۇق يۈرىدىغان بولغاندا، شەھەرلىكلەر رېستوران دەپ ئۆگزىدەك بىر يەرگە چىقىپ، قىزىق سەي دەپ سىلوسقا ئوخشايدىغان، سوغۇق سەي دەپ ھەلەپكە ئوخشايدىغان بىرنېمىلەرنى ھەلەق بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، تۆمۈرچى بازغان سوققاندەك غەلىتە ئاۋازلارغا تەڭكەش قىلىپ يېرىم كېچىگىچە يەپ - ئىچىپ، 4 - 5 تاغار بۇغداينىڭ پۇلىنى بۇزۇپ - چېچىپ، يەنە ئاتتەك روھلۇق چىقماي، لەڭپۇڭدەك ساقىپ لىڭتاسما بولۇپ، نەچچە كېچە - كۈندۈز كارغا كەلمەي كېسەل توخۇدەك مۈگۈدەپ يۈرىدىغان بولۇۋاپتۇ!

بىز بۇرۇن ساپال چىراغ يېقىپ قاپاقتا سۇ ئىچكەندە، شەھەرلىكلەر توك چىراغ يېقىپ، چىلەكتە سۇ ئىچەتتى. ئەمدى بىز توك چىراغ يېقىپ، تۇرۇبا سۈيى ئىچىدىغان بولغاندا، شەھەرلىكلەر قاپاقتا چاي ساقلاپ ئىچىدىغان، ھەتتا بىز تاشلىۋەتكەن ساپال چىراغ، كوزا، ياغاچ ھارۋىنىڭ چاقى، كونا چەكمەن قاتارلىقلارنى يۇقىرى باھادا سېتىۋېلىپ، يادىكارلىق دەپ ئەتىۋارلاپ ساقلايدىغان بولۇۋاپتۇ. زادى بىزدەك سەھرالىق تومپايلار شەھەرلىكلەرگە يېتىشەلمىگەننىڭ ئۈستىگە، ئۇلارنىڭ بەزى ئىشلىرىنى توغرا چۈشىنەلمەيۋاتىمىز …

مەنبە:ئىز تورى www.iz.la

دۇنيا بىر ئۇيۇن سەھنىسى-كارتون
yamgurluk بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-1 11:38:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 186
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8785
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 42 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2011-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-1 11:39:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتالمىش "شەھەر" مەدەنىيىتىدىكى ئاجىزلىقنى نەق جايىدىنلا قويۇپسىز.

تىرىشقىن، تىرىشقىن، يەنە تىرىشقىن!!!

ھامىنى بىر ئۆلۈم

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 346
يازما سانى: 2406
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12981
تۆھپە نۇمۇرى: 409
توردا: 458 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2013-7-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-1 11:41:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

شەھەرلىكلەرگە يېتىشەلمىگۈدەكمىز ‹ قىزىقا

ھازىر شەھەرلىكتىن يىزىنىڭ يامان بوپ كەتتى،بىزنىڭ يۇرتلاردا!!

ئەگەر قاخشاپ دۇنيانى ئۆزگەرتكىلى بولسا بىر ئۆمۈر قاخشاپ چىقاتتىم!!!

ئوت يۈرەك

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 217
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8793
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 754 سائەت
تىزىم: 2010-5-21
ئاخىرقى: 2011-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-2 12:10:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ياخشى سىلىشتۇرۇش بوپتۇ

يۈرۈكۇمنى كەتمەي ئوغۇرلاپ، يۈرۈكۇڭنى قويغىن توغۇرلاپ.

ئادەم ياشىغىلى ئ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1933
يازما سانى: 198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 28410
تۆھپە نۇمۇرى: 380
توردا: 1330 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2011-11-23
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-2 01:05:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز قەنتنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدىغان ۋاقتىمىزدا، شەھەرلىكلەر چېيىغا قەنت سېلىپ ياكى ئات قوناق يېگەندەك كاراسلىتىپ قەنت يېيىشەتتى.
بىز ئاران دېگەندە قەنت يېگۈدەك بولغاندا، شەھەرلىكلەر قەنت سىيىشكە باشلىدى....

بىر تۈپ كۆچەت تىكىڭ، كېيىنكىلەر مېۋىسىگە ئېغىز تەگسۇن!

غەلبە ئۈچۇن چەكك

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 755
يازما سانى: 3854
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21381
تۆھپە نۇمۇرى: 1195
توردا: 1685 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2013-12-23
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-2 07:01:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەدەنىيەتنىڭ تىز تەرەققى قىلىشى دەيمىزما بۇنى؟

||★||★||★|叶城\js跑酷!|\(jasurPARKOUR)|★||\跑 酷 队!★★|| مىنىڭ ئىرادەم ھەممىنى قارار قىلىدۇ . ''

bukunlemu otup  ketar

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1629
يازما سانى: 132
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8997
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 39 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-2 07:43:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راس دەيسز دوستۇم سىزنىڭ بۇئەسىرىڭىزنى ئوقۇپ بەكلا كۇلۇپ كەتتىم يەنە مۇشۇنداق  كۇلكۇلۇك ئەسەرلەربولسا ئەۋەتىپ تۇرارسىز ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 130
يازما سانى: 959
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11026
تۆھپە نۇمۇرى: 357
توردا: 281 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-1-31
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-2 11:28:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ  كۈلۈپ كەتتىم  جۇما ھەقىقەتەن  قىزقارلىق ھەم ئەملى  سىلىشتۇرۇش كەن بۇ

مۇھەببەت بىلەن نەپرەت

تۇزنى تۆكمە، قىز

ئۈلگىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 8969
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 36588
تۆھپە نۇمۇرى: 617
توردا: 7239 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-2 11:32:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەمىلەر بىلەن شىنجاڭ مەدەنيىتىدە ئېلان قىلنغانغۇ دەيمەن بۇئەسەر،كارامەت سېلشتۇرما بولغاندە

باتۇرلۇق ئوقنى تەدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دەل تېگىدۇ!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش