مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2994|ئىنكاس: 3

ئۇيغۇرلاردىكى تارىخى ئەڭگۈشتەر-تىبابەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

5

يازما

7

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 120077
يازما سانى:
5
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
102
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
44 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-5-28
ئاخىرقى:
2016-3-12
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mustafaoguz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-12 11:42  


                ئۇيغۇرلاردىكى تارىخىي ئەڭگۈشتەر-تىبابەت  
                                    مۇستافا ئوغۇز



- ئۇيغۇر تىبابىتى ئەمگەكچان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇزۇن تارىخىي دەۋىرلەردىن بۇيان بىشىغا كەلگەن تەبىئىي ئاپەت ۋە كىسەللىكلەرگە قارشى توختاۋسىز كۈرىشى جەريانىدا تەرەققىي قىلىپ شەكىللەنگەن ۋە كۈنىمىزدە سىستىمىلىق داۋالاش مىتۇتى ھالىغا كەلگەن بىر بىلىم شىخىدۇر. ئۇيغۇرلار نۇرغۇن ساھەلەردىكىگە ئوخشاش، تىبابەت ساھەسىدىمۇ بۈيۈك تەسىرلەر قالدۇرغان مىللەتتۇر. ئۇزاق تارىختا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئوخشاش دەۋىر مەدەنىيەتلىرى ئىچىدە تەڭتۇشى بولۇپ باقمىغان. تۈرك ئىرپانىنى، ئىلمىنى ۋە تىبابىتىنى ئاسيادا ئۇيغۇرلار تۇنجى قۇرغاندۇر. - تۈركىيەلىك دوكتۇر سۇخەيل ئۈنۋەر

   
بىر ئاي ئىلگىرى مەن ئىنتىرنىتتا ماتىرىيال ئىزدەۋىتىپ تۈركىيەلىك داڭلىق دوكتۇر ھەم كۆپ قىرلىق يازغۇچى سۇخەيل ئۈنۋەر(1898-1986)نىڭ قەلىمى ئاستىدىكى "ئۇيغۇرلاردا تىبابەت" ناملىق ماقالىگە تۇيۇقسىز كۆزۈم چۈشۈپ قالغان ئىدى، ئوقۇپ ئىختىيارسىز ھاياجانلاندىم. تارىخ بەتلىرىگە تامغا ئۇرغان تىبابەت ئىزنالىرىمىزغا ھەيرەتتە قالدىم. لىكىن ھاياجانلىق تۇيغۇم بىلەن توختاپ قالغۇم كەلمىدى. زىرا كاللامدا نۇرغۇن تۈگۈنلۈك سوئاللار ھەم گۇمانلار تىپىرلاپ تۇراتتى، ئىچىمدە بولسا بىر ھىس "ئىزدەن" دەپ پىچىرلاپ تۇراتتى. پاكىتسىز قۇرلارغا قۇرۇق ھاياجانلىنىشتىن بەكرەك ئىزدەنگەك بارماقلىرىم رولىدىن دەلىل قىدىرىشنى ئەۋزەل كۆردۈم. ئىزدىنىش جەريانىدا تور يۈزىدىكى مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ماقالىلەرنى ئوقۇدۇم ھەم بەزى ئەربابلار بىلەن مەۋھۇم تونۇشتۇم. ئىزدەنگەنسىرى تارىخلىرىمىزدىن نە قەدەر خەۋەرسىز قالغانلىقىمىزغا خۇرسىندىم. ئۆز تارىخىمىز دەرسلىك كۈنتەرتىپىگە تۇرغۇزۇلمىغان دەۋىرىمىزدە كىشىلىرىمىز ئۆتمۈشىمىزدىن ۋە ئۆتمۈشتىكى ئىزلىرىمىزدىن ھەقىقەتەن جاھىل قىلىۋىتىپتۇ. كۆپچىلىكىمىز ئىزدەنمەپتۇق ياكى ئىزدىنەلمەپتۇق. شۇ ۋەجىدىن، تەپەككۇرۇمنىڭ تارلىقى، قەلىمىمنىڭ گاللىقىغا بوي بەرمەي، ئۇشبۇ ماقالەمنى ھازىرلىدىم، شۇنداقلا تورداشلارنىڭ ھوزۇرىدا ئىختىيار ئەتتىم. قىممەتلىك پىكىر- تەكلىپلەردە بولۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

   ئۇيغۇرلار دۇنيادا ئەڭ بالدۇر مەدەنىيەت ئۇيۇشتۇرغان مايالىقلار، مىسىرلىقلار ۋە رىملىقلار بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرغۇدەك قەدىمىي مىللەت دەپ قارىلىدۇ. ھەتتا بىرىتانىيىلىك داڭلىق تەتقىقاتچى ھەم يازغۇچى جەيمىس چىرچۋارد (1851-1936,James Churchward) نىڭ تىلى بويىچە، مىلادىدىن بۇرۇنقى 20000-يىللاردا بۈيۈك ئۇيغۇر ئىمپىراتۇرلىقى (يەنى مىسىر تارىخىنىڭ باشلانغۇچ ) دەۋرىدە ئۇيغۇرلار مۇنەججىملىك، توقۇمىچىلىق، مىمارچىلىق، ماتىماتىكا، يىزا- ئىگىلىك ۋە تىبابەتكە ئوخشاش ئىلىملەردىن ئوبدان خەۋەردار بولۇپ، ئۆز دەۋرىنىڭ يۈكسەك سەۋىيىسىگە يەتكەن دىيىلىدۇ. بۇ رىۋايەتلەرنىڭ چىنلىقى گەرچە تارتىشىلسىمۇ، ئەمما شۇنىسى كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان ھەقىقەتكى، تۈرك قەۋىملىرى ئىچىدە ئەڭ دەسلەپ شەھەر مەدەنىيىتىگە كىرگەن، ئەڭ بۇرۇن قەغەز ۋە مەتبەئەنى قوللانغانلار، ئەڭ بۇرۇن ئەدەبىيات، مىمارچىلىق، توقۇمىچىلىق، يىزا- ئىگىلىك ۋە تىبابەتنى تەرەققىي قىلدۇرغانلار ئۇيغۇرلاردۇر. ئۇيغۇرلار قەدىم زامانلاردىن تارتىپ تەبىئەتكە قىزىققان، تەتقىق قىلغان ھەم چۈشەنگەن. ئالەمنىڭ ئاساسىي تەركىبى بولغان سۇ، تۇپراق، ھاۋا ۋە ئوت قاتارلىق تۆرت ئۇنسۇرنى تونۇپ، ئۇلارنى سانلىق ئىپادىلەپ O شەكىلدىكى ئۇيغۇرچە تۆرت رەقىمىنى ئىجاد قىلغان.    
   داڭلىق تەتقىقاتچى ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئىمىننىڭ " غەربىي يۇرت تاشكەمېر سەنئىتى" ناملىق كىتابىدا تارىخىي يىپەك يولى قاراشەھەر خوتەن دىيارىدىكى كىرۇرەن خارابىلىرىنىڭ تۈرگە ئايرىلغان توپلاملىرىدا قەدىمىي " مۇ " مەدەنىيىتىگە كۆرە ئىنسان ۋە پۈتۈن كائىناتنىڭ فىزىكىلىق تەڭپۇڭلىقىنى تەمسىل قىلىدىغان تۆرت ئىلىك كۈچنىڭ بىر تىپ سىمۋۇلى تىپىلغانلىقى قەيت قىلىنغان. ئەبۇ ناسىر فارابى " ئىلىملەرنىڭ سانى " ناملىق ئەسىرىدە ئالەمنىڭ يارىتىلىشىدىكى تۆرت مۇقەددەس تەركىب ھەققىدە شۇنداق دەيدۇ: ئۇلارنى تۈرلەندۇرۇپ بايان قىلغىنىمىزدا "بىر تۆرتلۈك"بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئۇلار ھاۋا، سۇ، ئوت ۋە تۇپراقتىن ئىبارەتتۇر. ئالاھىدىلىكلىرىمۇ تۆرت خىل بولۇپ، ئىسسىق، سوغۇق، نەم ۋە قۇرغاقتۇر." ئەينى شەكىلدە، ئۇيغۇرلار ئىنسان ۋە ئالەمنىڭ يارىتىلىشىدىكى شۇ تۆرت تەركىبى ئۇنسۇرلارنى ئۆز تىبابىتىدە قەدىمدىن تارتىپ داۋالاشنىڭ تۈپ ئاساسى قىلىپ كەلگەن. مەسىلەن ئالايلۇق، تۆرت تەسىر، تۆرت ھالەت، تۆرت مىزاج، تۆرت سۇيۇقلۇق (قان، بەلغەم، سەپرا ۋە سەۋدا ) نەزەرىيەسى تۆرت ئىلىك ماددىچىلىك چۈشەنچە ئاساسى تۇرغۇزۇلۇپ كىسەللىكلەرنى تەكشۇرۇش ۋە داۋالاش ئىشلىرىدا تايانچ كۈچ رولىنى ئوينايدۇ. ئۇلۇغ بۇۋىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپ "قۇتادغۇبىلىك" ناملىق قامۇس كىتابىدىمۇ بۇ تۆرت ئۇنسۇرنىڭ تۈرك تىبابىتىدىكى يۈكسەك ئورنىنى تىلغا ئالىدۇ.
   
   12 ۋە 13-ئەسىرلەردە ھىندىستاندا قەلەمگە ئىلىنغان " دۆلەتلەر تەزكىرىسى" ناملىق ئەسەردە شۇ قۇرلارنى ئۇچرىتىمىز : ئەڭ قەدىمىي تىبابەتچىلىك بۇنىڭدىن 3000 يىللار ئىلگىرى تارىم ۋادىلىرىدا ياشىغان غازى باي ئىسىملىك كىشىنىڭ بەدىيان، سىرىق ھىلىلە، بىنەپشە، سانا، يادا تېشى، تۇز ۋە گۆش تۈرلۈك ماتىرىياللارنى خام-ئەشيا قىلىش ئارقىلىق ئاغرىق توختىتىشى، كىسەللەرنى ئازاپتىن قۇتۇلدۇرۇشى بىلەن بىلىنمەكتىدۇر." ھىساپتا 12- ئەسىردىن بۈگۈنكى كۈنىمىزگە قەدەر 1000 يىلغا يىقىن ۋاقىت ئۆتتى، دىمەك، قەدىمىي تىبابەت 4000 يىللار بۇرۇنلا ئۇيغۇر يۇرتىدا تەرەققىي قىلغان. بۈگۈنكى كۈنىمىزدە بىرلىن، توكيۇ، لىلىنگىراد ۋە بىيجىڭدىكى موزىيخانىلاردا 1920- يىللىرى گىرمانىيەدىن كەلگەن ئارخولۇگلار تەرىپىدىن تۇرپان ۋادىسىدىن تىپىلغان ئىدىقۇت ئۇيغۇر دۆلىتىگە ئائىت ئاسار-ئەتىقە ۋە قول يازمىلىرى ساقلىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇ قوليازمىلاردا ئۆز دەۋىرگە ئائىت داۋالاش رىتسىپلارمۇ بار ئىدى. 1930~1932- يىللارغا كەلگەندە تىلشۇناس رەشىد راھمەت ئارات باشچىلىقىدىكى تەتقىقات گۇرۇپپىسى بىرلىندا مەخسۇس ئىدىقۇت قوليازمىلىرىغا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات ماقالىلەر توپلامى ئىلان قىلىدۇ. 451~471-بەتلىرىدە 198 خىل رىتسىپ تىلغا ئىلىنىدۇ. ئىدىقۇت قوليازمىلىرى ئىچىدە " ئالتۇن يارۇق" ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ. قوليازما مەتىنلىرىدە باش ئاغرىقى، باش تەڭ بولۇش، كۆز كىسەللىرى، قۇلاق كىسەللىرى، بۇرۇن كىسەللىرى، چىش ئاغرىقلىرى، ئىغىز كىسەللىرى، بويۇن ئاغرىقلىرى، ئاۋاز چىقىرالماسلىق، نەپەس يولى توسۇلۇش، يۈرەك كىسىلى، كۆكرەك ئاغرىقى، قىزىتما، تىرە كىسىلى، پۇت-قول ئاغرىقى، قولتۇق پۇراش، قىتىشقاق، نىرۋا كىسىلى ۋە ھەر تۈرلۈك ئاياللار كىسەللىرى، جىنسىي ئاجىزلىق قاتارلىق كىسەللىكلەر ئۈچۈن دورا تۈرلىرى كۆرسىتىلگەن. ئۇنىڭدىن سىرت، بالدۇر قېرىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ئۈچۈن ئىدىقۇت تىۋىپلىرى " ھاياتلىق بىغىشلىغۇچى شۇرۇپ" ئىسىملىك مەلھەم دورا ياساپ چىققان بولۇپ، تارىختا ئۆتكەن مەشھۇر چىن تىۋىپى سۈن سىماۋ ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ چوڭ نۇسخىلىق ۋە كىچىك نۇسخىلىق مەلھەم دورىلىرى ياساپ چىققان.

   1980- يىللىرى قۇمۇل، تۇرپان، پىچان، خوتەن ۋە موڭغۇلكۆرە رايۇنلىرىدا تېپىلغان قورغانلاردا مىڭە، كۆكرەك، ئومۇرتقا ۋە ئاشقازان ئوپىراتسىيىسى قىلىنغان ھەم ئىچىلغان يەرلىرى يىپ، ئات قىلى ۋە ساچ بىلەن تىكىلگەن 20 دىن ئارتۇق قۇرۇق جەسەتلەر بايقالغان. تەكشۇرۇشتە ئۇلارنىڭ ئىككى ياكى ئۈچ مىڭ يىللار ئىلگىرى ياشىغانلىقى ئىنىقلانغان. ئۇزاق زامانلاردىكى ھىندى، تىبەت ۋە چىننىڭ داڭلىق تىۋىپلىرى ئۆز ئەسەرلىرىدە ئۇيغۇر تىۋىپلىرىنىڭ تىخنىكىلىرىنى ئاغزى- ئاغزىغا تەگمەي ماختىغان. ئالايلۇق، چىڭ (مىلادىدىن بۇرۇنقى 200-يىللىرى) ۋە خەن (مىلادىدىن بۇرۇنقى 200-يىللىرى) سۇلالە دەۋرىدە يىزىلغان " خواڭدىي نىيجىڭ سۇۋىن" دا : " غەربىي يۇرتتا، ئۇيغۇرلار ياشىغان رايۇنلىرىدا كىشىلەر ئۇزاق زامانلاردىلا  كىسەللىككە قارشى داۋالاش بىلىملىرىگە ساھىب بولغانمىش" دەپ يازغان. سۈي سۇلالىسى (مىلادىدىن كىيىن 500-يىللىرى) ياشىغان ئوردا ھەكىملىرى " غەربىي يۇرت ھەكىملىرىنىڭ رىتسىپلىرى" (23 جىلىت) ۋە " مەشھۇر غەربىي يۇرت ھەكىملىرىنىڭ رىتسىپلىرى" (3 جىلىت ) ئەسەرلەرنى يىزىپ خەلقىگە تونۇشتۇرغان. تاڭ سولالىسى (659-يىلى) دە يىزىلغان " دورا قامۇسى" ناملىق كىتابتىكى 850 تۈر دورىنىڭ 144 تۈرى غەربىي يۇرتتىن كەلگەن تۈرلەر ئىكەنلىكى تىلغا ئىلىنىدۇ. مىلادىدىن كىيىن 753- يىلى دىن تارقىتىش مەقسىتىدە دىڭىز ئاتلاپ ياپۇنىيەگە قەدەر بارغان داڭلىق راھىب جيەن چىن سەپەر جەريانىدا كۆزى كور بولۇپ قىلىپ، بىر ئۇيغۇر ھەكىم تەرىپىدىن ئوپىراتسىيە قىلىنىپ ساقايغان. تاڭ سۇلالىسى (900-يىللىرى) دەۋرىدە يىزىلغان " غەربىي يۇرت تەزكىرىسى" ناملىق ئەسەردە جوڭگو تارىخىدىكى مەشھۇر تارىخچى دۇيۇنىڭ بىر ئۇيغۇر ھەكىمنىڭ مىڭە ئوپىراتسىيە قىلغانلىقىنى كۆرۈپ ھاڭ-تاڭ قالغانلىقىنى يازىدۇ. " تەيپىڭ رىۋايەتلىرى" ناملىق ئەسەردە سوڭ سۇلالىسى (960~1279-يىللىرى) دەۋرىدە غەربىي يۇرتتىن سوڭ خاندانلىقى پايتەختى كەيفىڭغا كۆپلەپ دورا ئىكىسپۇرت قىلىنغان بولۇپ، 1077-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خاتىرىدە خوتەن دىيارىدىن ئۇئاس ۋە ناساغۇن ئىسىملىك كىشىلەرنىڭ كەيفىڭغا ئەكەلگەن "مەستىكى شىرىن"نىڭ مىقدارى 15500 كىلۇ دەپ يىزىلغان. يۈەن سۇلالىسى (1300-يىللىرى) دەۋرىدە مۇڭغۇل ۋە خەنزۇلارنىڭ مىڭە ۋە كۆز ئوپىراتسىيىلىرىنى ئۇيغۇر ھەكىملەرگە قىلدۇرغانلىقلىرى جوڭگۇنىڭ تارىخىي مەنبەلىرىدە تىلغا ئىلىنىدۇ.
   
   يىڭنە بىلەن داۋالاش (acupuncture) تىخنىكىسى ئەڭ دەسلەپ بۇنىڭدىن 2500-3000 يىللار ئىلگىرى جوڭگۇدا ئىجاد قىلىنغان دەپ دۇنياغا تونۇلغاندۇر. ھەمدە ھازىر جوڭگۇدا كەڭ ئومۇملاشقان قەدىمىي داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ بىرىدۇر. ئەمما بىر تۈركۈم گىرمانىيىلىك ۋە تۈركىيىلىك تەتقىقاتچىلار يىڭنە بىلەن داۋالاشنى ئەڭ دەسلەپ ئۇيغۇرلار ئىجاد قىلغان، كىيىن جوڭگۇغا كەڭ تارقىلىپ، تەرەققىي قىلىپ ئومۇملاشقان دەپ قارايدۇ. ئۇلارنىڭ ئاساسى شۇكى، تۇرپاندا تىپىلغان ئىدىقۇت ئۇيغۇر دۆلىتىگە تەۋە " ئالتۇن يارۇق" قوليازمىسىدا بىر پارچە رەسىم بولۇپ، ئۇنىڭدا يىرىم يالىڭاچ بىر ئەرنىڭ بەدەنلىرىگە يىڭنە سانجىغان تەسۋىرى سىزىلغان، ئاستىدا قەدىمىي ئۇيغۇر تىلىدا چۈشەندۇرۇش يىزىلغان بولۇپ، دەسلەپ بۇنى تاتار تىلشۇناس رەشىد راھمەت ئارات ۋە گىرمانىيىلىك تىلشۇناس مۇللېر ئوقۇغان بولۇپ، مەزمۇنىنىڭ ھازىرقى زامان يىڭنە بىلەن داۋالاشنىڭ پىرىنسىپى بىلەن ئوخشاش چىققان. جوڭگۇنىڭ ئەڭ قەدىمقى تىبابەت ئەسىرى ھىسابلانغان " خۇەن يەنزەي" ناملىق ئەسەرنىڭ 19-جىلتىدا غەربىي يۇرت تىبابىتىگە ئائىت شۇنداق قۇرلار ئۇچرايدۇ : ئۇلار داۋالاشتا ئىشلىتىش ئۈچۈن سۆڭەك يىڭنىلەرمۇ ياساپتۇ." 1983-يىلى خوتەن ۋە جىمساردا ئارخولۇگىك قازمىلاردا داۋالاشتا ئىشلىتىلگىنى بىلىنىپ تۇرغان تاش، پىچاق، نەشتەر ۋە سۆڭەكتىن ياسالغان يىڭنىلەر چىققان. شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، سۆڭەك بويۇملار يىڭى تاش قورال دەۋرىگە ئائىتتۇر. يىڭى تاش قورال دەۋرى بولسا بۇنىڭدىن 4000-10000 يىللار بۇرۇنقى زامانلارنى كۆرسىتىدۇ. دىمەككى، 4000 يىللار بۇرۇنلا ئۇيغۇرلار يىڭنە بىلەن داۋالاشنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن دەپ قارىلىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇنىڭ بىلەنلا بۇ تىخنىكىنى ئۇيغۇرلار ئىجاد قىلغان دەپ كىسىپ ئىيتقىلى بولمايدۇ، ۋاقىت ھەم پاكىت بۇنىڭغا ئەڭ ياخشى جاۋابنى بەرگۈسى.  
   
تۆۋەندە مەن تارىختا ياشاپ ئۆتكەن، ئىسىملىرى خاتىرىلەنگەن بەزى مەشھۇر ئۇيغۇر تىۋىپلارنى تونۇشتۇرىمەن.
سۈي ۋە تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە تەسىرى چوڭ بولغان ئۇيغۇر ھەكىملىرى ۋە تىبابەت ئالىملىرى :
چىمەنقۇلى - تاڭ دەۋرىدە ياشىغان مەشھۇر ھەكىم. " دۆلەت ھاكىمىيىتىدىكى ياراملىق نەمۇنىلەر" ناملىق ئەسەرگە كۆرە، تاڭ تەيزۇڭ 633-يىلى ئىغىر كىسەلگە گىرىپتار بولىدۇ، ئوردىدىكى ھىچبىر ھەكىم ئۇنى داۋالىيالمايدۇ، ئاخىرىدا ئۇيغۇر ھەكىم چىمەنقۇلى داۋالاپ ساقايتىدۇ.
گانجۇكائىن-  7-ئەسىردە ياشىغان، ئۇدۇن (ھازىرقى خوتەن) دا تۇغۇلغان، داڭلىق ھەكىم ھەم تىبابەت تەرجىمان. "گۈللە تەشخىس" ناملىق ئەسەرنىڭ يازغۇچىسى.
لىشۇن دىزۇن- (855-930) ھازىرقى سىچۇەن شىنجۇ شەھىرىدە تۇغۇلغان، داڭلىق ئۇيغۇر ھەكىم ۋە دورىگەر. "لى" فامىلىسى ھەدىيە قىلىنغان. ئۇنىڭ " يات ئەللەرنىڭ ئۆسۈملۈك دورىلىرى" ناملىق 6 جىلىتلىق مەشھۇر ئەسىرى باردۇر.
جانباشلاق- 8-ئەسىردە ياشىغان، غەربىي يۇرتتىن تىبەتكە تەكلىپ بىلەن ئەكەلگەن چەرچەنلىك ئۇيغۇر ھەكىم. ئۇ لاسادا ياشىغان مەزگىللىرىدە تىبەت ھەكىملەرگە ئۇيغۇر تىبابىتىنى ئۆگەتكەن، ھەمدە " جانلىق بەدەن ئۆلچەملىرى" ۋە " جەسەت رەسىملىرىدىن ئۆرنەكلەر" دەپ ئىككى ئەسەرنى يىزىپ قالدۇرغان. بۇ ئەسەرلەر تىبەتلەرنىڭ 4 جىلىتلىق تىبابەت لوغىتىغا كىرگۈزۈلگەن.
ساۋشىياۋكۇي- تاڭ سۇلالىسىنىڭ يۈەنكەي ھاكىمىيىتى دەۋرىدە چاڭئەندىكى ئوردىغا تەكلىپ قىلىنغان مۇزىكانت ۋە مۇزىكا بىلەن داۋالىغۇچى ئۇيغۇر ھەكىم.

مۇڭغۇل ھاكىمىيىتى دەۋرىدىكى مەشھۇر ئۇيغۇر ھەكىملەر ھەم تىبابەت ئالىملىرى :
نىزەر- مۇڭغۇل پادىشاھلىق دوختۇرخانىسىنىڭ باش ھەكىمى، تاشقى ئوپىراتسىيە مۇتەخەسسى
يۇچۇرىش كايا- مۇڭغۇل ئوردا ھەكىمى
بۇلمىش ئوغلى ئاشۇ- يۈرەك كىسەللىكلىرى مۇتەخەسسى
چاكاي- پادىشاھلىق دوختۇرخانىسىنىڭ باش ھەكىمى
ماينۇ- 1308-1311-يىلىغىچە پادىشاھلىق دوختۇرخانىسىنىڭ ھەكىمى ۋە باشقۇرغۇچىسى بولغان، 36 جىلىتلىق "ئۇيغۇر رىتسىپلىرى"  ناملىق ئەسەرنىڭ يازغۇچىسى.
تارىم- يۈەن چىڭزۇڭ (تېمۇر) ۋە يۈەن شۈندى (ئولجايتۇ خان) نىڭ شەخسىي تىۋىپى، پادىشاھلىق دوختۇرخانىسى ۋە دورىخانىسىنىڭ ھەكىمى ۋە مەسئۇلى.
سادىرىم- بۈيۈك بىر تىبابەت ئالىمى، " بامبۇك دەرەخلىك ئوردىدا تۈزۈلگەن رىتسىپلار " ناملىق ئەسەرنىڭ يازغۇچىسى.
كوسكۇي- ئوزۇقشۇناس، يۈەن چىڭزۇڭ (تېمۇر) ۋە يۈەن شۈندى (ئولجايتۇ خان) نىڭ مىھمان كۈتۈش ئۆيىنىڭ يىمەك مەسئۇلى. 3 جىلىتلىق "يىمەك ھازىرلاش دەستۇرى" ناملىق ئەسىرى بار.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئاخىرقى مىڭ يىللىق تارىخىغا قارايدىغان بولساق، ئارستوتىلنىڭ پەلسەپە ئىدىيەلىرىنى ئىسلام دىنى كۆز-قارىشى بىلەن ئۆزلەشتۈرگەن بۈيۈك ئۇيغۇر ئالىمى فارابى  (870-950) بار بولۇپ، "ئىككىنجى ئارستوتىل" دەپ نام ئالغاندۇر. ئۇنىڭ تىبابەتتە كۆرسەتكەن تۆھپىلىرىگە كۆز يۇمۇشقا بولمايدۇ. ئۆزى بالاساغۇندا تۇغۇلغان، ئاتا-ئانىسى مانىي دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان توققۇز ئوغۇز تۈرك، يەنى ئۇيغۇرلاردۇر. ئۇنىڭ كۆپ ساھەگە چىتىلىدىغان ئەسەرلىرى بولۇپ، تىبابەتكە ئائىت ئەسەرلىرىدىن " ھەكىملەرنىڭ ئالاھىدىلىكى" ناملىق ئەسىرى ۋەكىل خاراكتىرلىكتۇر. داڭلىق تىبابەت ئالىمى ئىبىن سىنا (980-1037)ئۆز دەۋرىدە ئۇيغۇر تىبابەت پەلسەپەسىنىڭ تەسىرىگىمۇ ئۇچرىغان. شۇ سەۋەبتىن، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئەينى زاماندىكى ئۇيغۇر ھەكىملەر تەرىپىدىن كۆپلەپ ئوقۇلغان. " تىبابەت قانۇنى" ناملىق ئەسىرى 11-ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن، قەشقەردىكى داڭلىق مۇدەررىسە سەجەرىيەدە يىتىشكەن داڭلىق ئۇيغۇر تىبابەت ئالىمى ئىمامۇددىن قەشقەرى تەرىپىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان. بۇ ئەسەر 1961-يىلى يۈسۈپ ھاجى قەشقەرى تەرىپىدىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچىسىغا تەرجىمە قىلىندى. سەجەرىيە مۇدەررىسەدە يىتىشكەنلەردىن ئىمامۇددىن قەشقەرىدىن باشقا، يەنە مۇھەممەد بىن راشىدىن ئەل قەشقەرى، ئوبۇل فەيزى مۇھەممەد ئىبنى بەيھىلى(996-1939) قاتارلىق تىبابەت ئالىملىرىمىز ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بۈيۈك تۆھپىلەرنى قوشقان. 16- ئەسىردە يەركەن سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدە ياشىغان ئۇيغۇر ھەكىم سۇلتان ئەلى تەرىپىدىن پارسچە يىزىلغان، كىيىنچە سۇلتان سەئىد باھادىرخاننىڭ ئەمىرى بىلەن چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىغا ئۇيغۇر تىبابەت ئىلمىنىڭ داۋالاش دەستۇرى سۈپىتىدە " دورا دەستۇرى" ناملىق ئەسەر تەرجىمە قىلىندى. 500 يىلدىن كىيىن ھاجى مۇھەممەد باقى ئالىم تەرىپىدىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىندى.
   
   بۈگۈنىمىزدە ئۇيغۇر تىبابىتى جوڭگۇ ۋە غەرپنىڭ تىبابەت پەلسەپەسىدىن پەرقلىق بىر تۈر سۈپىتىدە، ئاق كسىەل قاتارلىق داۋالاش تەس بولغان بىر قىسىم مۇرەككەپ كىسەللىكلەرگە تامغىسىنى ئۇرۇپ، تىبابەت دۇنياسىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. كۇرسي ئىسماق، كۇرسىي ئىپار قاتارلىق ئۈنۈملۈك دورىلار 1997-يىلىدىن ئىتىبارەن ئامىرىكا ۋە ياپۇنىيە بازىرىغا كىردى. ئۇيغۇر تىبابىتىگە ئائىت 202 خىل دورا جواڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت دورا قامۇسىغا كىرگۈزۈلدى. بۇ قەدىمىي ئۇيغۇر يۇرتى بۈگۈنكى كۈندىمۇ دۇنيادىكى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش چولپانلىرى ئەڭ كۆپ چىقىدىغان تۆرت رايۇننىڭ بىرسىدۇر. ئۇيغۇر تىبابىتىمىزنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى ئۆتمۈشكە سىلىشتۇرغاندا، ئەلۋەتتە، بىزنى بەك سۆيۈندۇرەلمىدى. بەزىبىر "سەكسەن خالتىچىلار " ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ نامىغا داغ چۈشۈرۋاتىدۇ. بىراق، بەزى جەھەتلەردىن يەنىلا يۈكسىلىش كۆرىلىۋاتىدۇ.
بىزدىن كۆپلەپ ئۇيغۇر تىبابەت ئالىمى چىقىشى كىرەك ! ئەجداتلارنىڭ تىبابەت مەشئىلى بىزنىڭ قولىمىزدا ئۆچمەسلىكى كىرەك ! تىبابىتىمىز گۈللەنسۇن !


پايدىلانغان ماتىرىياللار :
ئۇيغۇرلاردا تىبابەت - دوكتۇر سۇخەيل ئۈنۋەر ماقالىسى
قەدىمقى تۈركلەرنىڭ تىبابەت بىلىمىنىڭ تەرەققىياتى - گۆكخان بالجى ماقالىسى
ئۇيغۇرلاردا كۈلتۈر، سەنئەت ۋە تىبابەت - ئۈلگەن خان ماقالىسى
يىڭنە بىلەن داۋالاشنى ئۇيغۇرلار ئىجاد قىلغان - " بىلىنمىگەن تۈرك تارىخى " تور بىتى ماقالىسى




باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +10 يىغىش سەۋەبى
ئۇتغۇر + 10 دەلىللەر يېتەرلىك!

باھا خاتىرىسى

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

32

تېما

292

يازما

324

جۇغلانما

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 119911
يازما سانى:
292
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
948
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
254 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-5-25
ئاخىرقى:
2016-3-30
ۋاقتى: 2016-3-12 16:43:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غازىباي بەزى مەلۇماتلاردىن قارىغاندا مىلادىدىن بۇرۇنقى(450-330)يىللىرى ياشىغان ئۇدۇنلۇق تىبابەت پىر ئۇستازى دېيىلگەن...

بۈگۈن ئۈرۈمچىدە ناھايىتىمۇ قاتتىت يامغۇر ياغدى!كەيپىيات نۆل!

0

تېما

75

يازما

75

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 139835
يازما سانى:
75
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
122
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
23 سائەت
تىزىملاتقان :
2016-3-8
ئاخىرقى:
2016-4-2
ۋاقتى: 2016-3-12 18:42:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل ماقالە .

0

تېما

75

يازما

75

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 139835
يازما سانى:
75
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
122
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
23 سائەت
تىزىملاتقان :
2016-3-8
ئاخىرقى:
2016-4-2
ۋاقتى: 2016-3-13 10:57:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل ماقالە .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|قاماقخانا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى ( 黔ICP备15011399号 )

GMT+8, 2016-4-2 10:41 PM, Processed in 0.108403 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.
شىنجاڭ مىسرانىم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش