مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2274|ئىنكاس: 2

چەتئەللىكلەر بىلەن ھەمكارلىشىشنى ئۆگىنىۋېلىش كېرەك

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

126

تېما

694

يازما

820

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 98447
يازما سانى:
694
نادىر تېما :
1
مۇنبەر پۇلى :
3828
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
4315 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-10-5
ئاخىرقى:
2016-4-1
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   WWW.UYHQT.COM تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-12 10:22 AM  
, c  Q% I6 }5 V; w& A0 I/ o8 p, i
  F* k" w  l$ i' U# b, L

چەتئەللىكلەر بىلەن ھەمكارلىشىشنى ئۆگىنىۋېلىش كېرەك

بېيىش تەپەككۇرى:

   نامراتلار:ئۆزىمىزنىڭ سودىسىنى ياخشىراق قىلساقلا بولدى، چەتئەللىكلەر بىلەن ئۇنچە كۈچەپ ھەمكارلىق ئورنىتىشنىڭ  ھاجىتى يوق، ئۇلارنىڭ كارخانىنى قايسى ھالەتكە ئەكىلىپ قويىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ.

   ۋېنجۇلۇقلار: كارخانا خەلقئارالىشىشقا قاراپ يۈزلىنىشتە چوقۇم خەلقئارالاشقان تەپەككۇر بولۇشى، چەتئەللىكلەر بىلەن ھەمكارلىشىشنى ئۆگىنىۋېلىش كېرەك. ھەمكارلىشىشتا چوقۇم سۈركىلىش بولىدۇ، ئەمما توختىماستىن ماسلىشىش ئارقىلىق كارخانىنى خەلقئارالاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا كارخانا ۋە مەھسۇلاتنى خەلقئارا بازارغا يۈزلەندۈرگىلى بولىدۇ.

**************

& Q% _8 t4 J; j

ۋېنجۇدىكى نۇرغۇنلىغان كارخانىچىلار كارخانىنى تەرەققىي قىلدۇرغاندىن كېيىن، چەتئەلدىكى بىر قىسىم داڭلىك ماركىلار بىلەن ھەمكارلىشىش يولىنى تاللاپ، ئۆزىنىڭ ئەمەلىي كۈچى ۋە باشقۇرۇش سەنئىتىنى يۈكسەلدۈرىدۇ، ھەمدە مەھسۇلاتلىرىنى خەلقئارا بازارغا يۈزلەندۈرىدۇ.


8 e& K' M8 z( C/ S8 c* ^; I

   2002-يىلى «شيامېڭ» بىلەن ئىتالىيەنىڭ داڭلىق كىيىم-كېچەك ماركىسى جېنىيا ھەمكارلىشىپ، «شيامېڭ-جېنىيا جۇڭگو چەكلىك شىركىتى» نى تىزىمغا ئالدۇرىدۇ، جېنىيا «شيامېڭ» نىڭ %50 پېيىغا ئېرىشىدۇ، ماركا يەنىلا شيامېڭغا تەۋە بولىدۇ.

   شيامېڭ گۇرۇھى باش دىرېكتورى جېن شياۋشياڭ مۇنداق دەيدۇ: «جېنىيا بىلەن ھەمكارلىشىش ئارقىلىق شيامېڭ ئىزچىل ئۆزگەرتەلمەيۋاتقان جەمەت خاراكتېرىنى ئۆزگەرتتى. ئىككى تەرەپ ئۈچ يىلدىن ئارتۇق كېڭەشتى، بۇنىڭدىن بىزنىڭ قانچىلىك ئەجىر سىڭدۈرگەنلىكىمىزنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئاخىرىدا ئىمزالاشقان ھۆججەتمۇ 600 بەتتىن كۆپرەك، قارىسا ئادەمنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدۇ.»

  E% V& P" Q5 d. S) _7 B

   ئۇنىڭدىن كېيىن، تيەنجېڭ گۇرۇھى بىلەن ABB، ئاۋكاڭ بىلەن GEOX، باۋشىنياۋ بىلەن مازۇتۇ ھەمكارلىشىدۇ.

   2002-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى، باۋشىنياۋ ئىتالىيەنىڭ داڭلىق توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كارخانىسى مازۇتۇ بىلەن رەسمىي ھەمكارلاشقانلىقىنى جاكارلاپ، باۋشىنياۋنىڭ مۇستەقىل ھالدا مازۇتۇنىڭ جۇڭگودىكى ئالىي دەرىجىلىك كىيىم ماتېرىياللىرىنىڭ ۋاكالەتچىسى بولىدىغانلىقىنى، ھەمدە مازۇتۇنىڭ ئالىي دەرىجىلىك پاختا ماتېرىيالى ئارقىلىق يېڭى ئەۋلاد باۋشىنياۋ ئەرەنچە كىيىملىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلىپ، ئەرەنچە كىيىملەر بازىرىنى مۇستەقىل ئاچماقچى بولىدۇ.

0 \# R4 S& [4 j% U, r

   ۋۇ جىزې ئىمزا قويۇش مۇراسىمىدا مۇنداق دەيدۇ: «باۋشىنياۋ ۋە مازۇتۇنىڭ ھەمكارلىقى باۋشىنياۋنىڭ

2002-يىلى ماركىنى پۈتۈنلەي يۈكسەلدۈرگەنلىكىنىڭ مىسالى، باۋشىنياۋ بۇ ھەمكارلىق ئارقىلىق دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار ئەرەنچە كىيىم ئۇقۇمىنى جۇڭگوغا ئېلىپ كىرىدۇ.»

  q1 m& }' g& E- q

   مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل ھەمكارلىق ۋېنجۇ كارخانىلىرىنى خەلقئارا بازارغا يۈزلەندۈرىدىغان ئۇدۇل يول ئىدى.

   ئەلۋەتتە، چەتئەللەر بىلەن ھەمكارلىششقا بىر ئازابلىق جەريان كېتىدۇ.

   جېن شياۋشياڭ مۇنداق دەيدۇ: «ئويلىمىغان يەردىن، چەتئەللىك باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئىشقا چىققان بىرىنچى كۈنىدىكى مەملىكەتلىك ۋەكالەتچى سودىگەرلەر قۇرۇلتىيىدا جاكارلاپ كارخانا باج تاپشۇرۇشنى كۆلەملەشتۈرۈشى، بارلىق خىزمەتچىلەر ئۈچۈن ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ۋە ئىشسىزلىق پۇلى بېرىشى كېرەك دېدى، بۇ خۇددى ئۇلار جۇڭگولۇق ئىشچىلارنىڭ قۇتقازغۇچىسىدەك تەسىر بېرەتتى. چەتئەللىكلەرنىڭ مەدەنىيەت، كۆز-قارىشى بىزگە ئوخشىمايدۇ، شۇڭا باشلىنىشتا چوقۇم بىزدە ئىدىيۋى تەييارلىق بولۇشى كېرەك، چەتئەللىكلەر بىلەن ھەمكارلاشقان جەمەت خاراكتېرلىك كارخانىلار بىر قېتىملىق رەتلىنىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرۈشى كېرەك.»

   بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، جېن شياۋشياڭ مەمنۇنىيەت بىلەن مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر ئەينى ۋاقتتا مەن ئىتالىيەلىكلەر بىلەن ھەمكارلاشمىغان بولسام، مەندە ھازىر ئازراق پۇل بولاتتى، ئەمما شيامېڭ گۇرۇھى تېخىچە تۆۋەن قاتلامدا تۇرغان بولاتتى، مەنمۇ ھەر كۈنى مۇناسىۋەت باغلاش ئۈچۈن باشقىلارنى مېھمان قىلىپ ئۆتۈپ كېتىشىم مۇمكىن ئىدى. بۈگۈن مەن ئۆزۈمنىڭ نېمە ئۆگىنىۋالغانلىقىنى ھېس قىلدىم، ئىلگىرى مەن شىركەتتىن ئايرىلساملا قالايمىقانچىلىق يۈز بېرەتتى، ھازىر مەن بىر-ئىككى يىل يوقاپ كەتسەممۇ ھېچقانداق ئىش چىقمايدۇ!»

   ۋېنجۇدا جۇڭگو-چەتئەل ھەمكارلىقىدىكى كارخانىلار ناھايىتى كۆپ، بۇ ئۇلارنىڭ دۆلەتنىڭ بۇ ھەقتىكى سىياسەتلىرىنى ياخشى بىلگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. چۈنكى دۆلەت جۇڭگو-چەتئەل ھەمكارلىقىدىكى كارخانىلارنىڭ  نۇرغۇنلىغان ئېتىبار سىياسەتلەردىن بەھرىمان بولالايدىغانلىقىنى ئېنىق بەلگىلىگەن: مەسىلەن: باج، يەر قاتارلىقلاردا ئېتىبار بېرىپلا قالماستىن، يەنە جۇڭگو-چەتئەل ھەمكارلىقىدىكى كارخانىلار ناھايىتى ئاسانلا كارخانا ئوبرازىنى قۇرۇپ چىقالايدۇ.

   «چەتئەللىكلەر بىلەن ھەمكارلىشىشنى ئۆگىنىۋېلىش كېرەك.» ۋېنجۇ سەنخېشىڭ يىلىم چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى، لۇسەيلۇ (ۋېنجۇ) يىلىم چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى جاڭ خەننياۋ بۇ سۆزنى دائىم دەيدۇ.

   2003-يىلى جاڭ خەنياۋ باشقۇرىۋاتقان جېجياڭ سەنفەن يىلىم چەكلىك شىركىتى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يىلىم ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى لۇسەيلۇ بىلەن ھەمكارلىشىپ، لۇسەيلۇ (ۋېنجۇ) شىركىتىنى قۇرۇپ چىقىدۇ.

   ھەمكارلاشقاندىن كېيىن، لۇسەيلۇ (ۋېنجۇ) شىركىتى لۇسەيلۇنىڭ دۇنيادا بىرلىككە كەلگەن تېخنىكا، سۈپەت ۋە باشقۇرۇش ئۆلچىمى بويىچە ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشىدۇ، ھەمدە باش مەسئۇلدىن تارتىپ بۆلۈم مەسئۇلىغىچە ھەممىسىنى چەتئەللىكلەردىن قوبۇل قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقتتا، مۇئاۋىن باش دىرېكتور بولغان جاڭ خەننياۋ شىركەتتىكى بارلىق جەمەت ئەزالىرىنى كەتكۈزۋېتىدۇ.

   «لۇسەيلۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يىلىم ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇلارنىڭ تېخنىكا ۋە ئىلغار باشقۇرۇش سىستېمىسى مېنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى.» ھەمكارلاشقاندىن كېيىن، جاڭ خەننياۋ باش دىرېكتورلۇق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىدۇ، بىراق ئۇ ناھايىتى خۇشال بولىدۇ. «چەتئەللىكلەر بىلەن ھەمكارلاشقاندىن كېيىن ئۇلار ئېلىپ كەلگەن يېڭىچە ئىدىيە قاتارلىق شەكلسىز بايلىقلارنىڭ قىممىتى مەبلەغ، ئەسلىھە قاتارلىق شەكىللىك بايلىقلاردىن كۆپ ئېشىپ كەتتى،»

   ھەمكارلىشىپ بىر يىلدىن كېيىن، لۇسەيلۇ (ۋېنجۇ) شىركىتى خەلقئارادىكى ئەڭ قاتتىق ئۆلچەم ھەيئىتى نورۋىگىيە دەرىجىگە ئايرىش تەشكىلى تارقاتقان ھەر تۈرلۈك ئېتراپنامىلەرگە ئېرىشىدۇ.

   جاڭ خەننياۋ مۇخبىرغا مۇنداق دەيدۇ.«ۋېنجۇنىڭ خەلق ئىگىلىكىدىكى كارخانىلىرى ئىلگىرىكى 20 نەچچە يىللىق تەرەققىيات جەريانىدا ئاز بولمىغان مەبلەغ ۋە ئەمەلىي كۈچ توپلاپ، چەتئەل كارخانىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشنىڭ ئاساسىنى تىكلىدى. بىراق تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ بويىچە ئېيىتقاندا، ۋېنجۇ خەلق ئىگىلىكىدىكى كارخانىلىرىنىڭ ئاساسى يەنىلا بوش، مەبلەغتىن باشقا، يەنە تېخنىكا، باشقۇرۇش، ئىختىساس ئىگىسى ۋە ئىلغار ئىدىيەلەر قاتارلىقلارمۇ كەمچىل. ئەمەلىيەتتىن قارىغاندا، بۇ ئىلغار تېخنىكا، باشقۇرۇش، ئىختىساس ئىگىسى ۋە ئىدىيەلەر پەقەت بىز سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ توپلىغاندا، ھەمدە چەتئەللىكلەر بىلەن ھەمكارلاشقاندىلا ئاندىن ۋېنجۇغا تېخىمۇ تېز  يىلتىز تارتالايدۇ، ھەمدە ۋېنجۇ كارخانىلىرىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرالايدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا خەلقئارا بازارغا كىرىش پۇرسىتى بولىدۇ.»

   نەن سۈنخۇي مۇنداق دېگەن: «بىر كارخانا، بولۇپمۇ خەلق ئىگىلىكىدىكى كارخانا مۇئەييەن كۆلەمگە ئىرىشىپ تەرەققىي قىلغاندىن كېيىن، تېخىمۇ يۈكسەلمەكچى بولسا پەقەت ئۆزى ۋە ئىلگىرىكى تەجرىبىسىگە تايىنىپلا بۇلارنى قىلالمايدۇ، ئۇلار چوقۇم سىرتنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشى كېرەك. نۆۋەتتە ۋېنجۇدىكى نۇرغۇنلىغان كارخانىلار ئۆزگىرىش باسقۇچىدا تۇرىۋاتىدۇ، كارخانىچىلار چوقۇم بۇ ئۆزگىرىشكە ماسلىشالىشى كېرەك، ئۇنداق بولمايدىكەن ئىككى يىلدىن كېيىن ھازىرقى رەھبەرلىك ئورنىنى ساقلاپ قېلىشى ناھايىتى تەس.»

" R* L6 Z. L# a4 k  r- Z+ z, R8 I

ۋېنجۇلۇقلارنىڭ بايانى:

   دۆلەت ئىچىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىشقا فاپەي شىركىتى مەسئۇل بولىدۇ، دۆلەت سىرتىدىكى لايىھە ۋە ماركىنى تەشۋىق قىلىشقا ھەمكارلاشقۇچىمىز مەسئۇل بولىدۇ، مۇشۇنداق ماسلاشقاندىلا ئاندىن فاپەي ماركىسى خەلقارا بازارغا  كىرەلەيدۇ.

-فاپەي گۇرۇھى باش لىدېر ياردەمچىسى ۋاڭ جېن


2 v: C/ z" s( K! H# _' D/ h" V

********************************************************************************

11.gif

2 E; P. X, X) w! |

مەنبە: 时事出版社   نەشىر قىلغان

<< 温州人想的和你不一样 >>ناملىق كىتاب

(2014-يىلى 24-قېتىملىق نەشىرى )

تەرجىمە قىلغۇچى : ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى- ئەقىدە تەبىئىي مەرۋايىتلىرى

TAOBAO.UYHQT.COM

تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر

" P2 ~% O( l% s9 ^" }+ D/ Q; ~7 u

تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام

2015-يىلى 8-ئاينىڭ  24-كۈنى


ئەقىدە قاشگەرلىكى-ئۇيغۇر قاشتېشى تورى WWW.UYHQT.COM
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

18

تېما

2272

يازما

2290

جۇغلانما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 75010
يازما سانى:
2272
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
4888
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
1625 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-2-7
ئاخىرقى:
2016-4-1
ۋاقتى: 2016-3-12 18:02:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەمكارلىق ئ‍ۇقۇمىنى ياخشى ئ‍ايدىڭلاشتۇرۇپسىز…ئىچكى موھىتنى ياخشى قۇرۇپ تاشقى كۈچنىڭ ياردىمىدە تەرەققى قىلىش ئ‍اقىلانىلىق…ئەنئەنىۋى كۆز قاراشنىڭ ۋاقتى ئ‍ۆتتى…

ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئېللىتى خېسلەت بېلىنسە،ئۆزىڭىز يامان كۆرگەن ئادەمنىڭ خېسلىتى ئېللەت بېلىنىدۇ.

0

تېما

73

يازما

73

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 139835
يازما سانى:
73
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
118
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
22 سائەت
تىزىملاتقان :
2016-3-8
ئاخىرقى:
2016-3-30
ۋاقتى: 2016-3-13 11:03:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىۋالدىم .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|قاماقخانا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى ( 黔ICP备15011399号 )

GMT+8, 2016-4-2 10:20 PM, Processed in 0.136724 second(s), 29 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.
شىنجاڭ مىسرانىم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش