 |
مۇز تۇتقان يۈرەك
8 d, k! p" y! |% x, b/ Z r7 H( ]3 X
ئەزىز ئىمىر يانغىن
9 d- \$ c0 a4 _, j' B
6 V8 g1 Q1 s2 T: m2 E: b0 m$ Tئەكبەر ئوقۇشنىڭ زۆرۈرلىكى ۋە ئەھمىيتى توغۇرلۇق كۆپ سۆزلىدى . جىمجىت تۇرۇپ پۈتۈن زىھنىم بىلەن تىڭشىدىم ، قىزلارنىڭ ئۇ توغۇرلۇق ئېيتقان گەپلىرىدىن ئۇنى تېخىمۇ چۈشەنگەن بولدۇم . ئۇ دىققەت قىلمىغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ، ئۇنىڭغا زەن سېلىپ قارىدىم . ئۇنىڭغا ئادەتتىن تاشقىرى تىكىلىپ تۇرىدىغان كۆزلىرىدىن ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر خىل ئۆتكۈر نۇر - ئەقىل نۇرى چېچىلىپ تۇراتتى . بۇ ھال مەندە ئاجايىپ تەسىرلىك ھاياجان قوزغىدى .قانداقتۇر بىر خىل ئوتلۇق سىزىم پۈتكۈل ۋۇجۇدۇمنى قاپلىۋالغان ئىدى . ئىككىمىز شۇ تەرىقىدە مەكتەپنى بىر ئايلىنىپ چىقىپتىمىز . سوغۇق شامال ئۇشقۇرتىپ يۈزلىرىمىزگە ئۇرۇلاتتى . بىر چاغدا ئەكبەر مىنىڭ سوغۇقتا توڭلاۋاتقىنىمنى سىزىپ قالدى بولغاي ئالدىراپ مەن بىلەن خوشلىشىپ ماڭدى . ئۇنىڭ بىلەن يەنە كۈرۈشۈپ تۇرىدىغانلىقىمنى ئېيتىپ ئۇزىتىپ مەنمۇ ياتاق تەرەپكە ماڭدىم . ياتاققا كىتىۋىتىپ ئىچىمدە : ئۇ مىنىڭ تەسەۋۇرۇمدىكىدىنمۇ ئارتۇق كىلىشكەن ، ئەقىللىق يىگىت بۇلىدۇ ، خۇدا نىسىپ قىلسا ... دەپ ئويلىدىم .
& G" f% V* ^0 j; X* J% u% Wشۇنداق قىلىپ ئىككىمىزنىڭ دوستلىقى ئەنە شۇ يەردىن باشلاندى . * Q8 p5 ]( X* d2 {4 S
كۈزنىڭ سەلكىن شاماللىرى مىنىڭ ئەمدىلا بىخ سۈرىۋاتقان قەلبىمدىكى ئوتنى ئۇلغايتماقچى بولغاندەك ، ماڭا بىر خىل ئىللىق ھارارەت ، غايىبانە سىزىم ئاتا قىلماقتا ئىدى . ئوقۇش ماڭا ناھايىتى كۆڭۈللۈك بىلىنەتتى ، مەكتەپ كۈتۈپخانىسى مىنىڭ دائىملىق «بىكىتىم» ئىدى ، دەرىسلەرنى ئۆز ۋاقتىدا ئۆزلەشتۈرۈپ ، سىڭدۈرۈپ مىڭىش مىنىڭ كۈندىلىك ئادىتىمگە ئايلانغان . ئەمما، كۈتۈپخانىغا كۆپىنچە ئۆزۈم يالغۇز كىرەتتىم ،ياتاقتىكى قىزلارنىڭ ئىشتىن سىرتقى ۋاقتى ئاللىقانداقتۇر ئىشلار بىلەن بەنت ئىدى . كۈتۈپخانىدا تۇرۇپ- تۇرۇپ ماڭا تونۇشلۇق بولغان ئاشۇ سىمانى ئىزدەيتتىم ، كۆزلىرىم كىتابتىن بىشىنى كۆتۈرمەي ئۆگۈنۈش قىلىۋاتقان ،ياكى رومان-ھېكايە كىتابلارغا ئەس-يادى بىرىلىپ كەتكەن ئوقۇغۇچىلار ئارىسىغا ئۈمىدلىك تىكىلەتتى ، ئەمما، بۇ ئىزتىراپ ئىچىدە قالغان كۆز نۇرۇم ۋىسالىغا يىتەلمەيتتى ، ئىشەنچسىزلىك بىلەن تىركىشىۋاتقان سەبىي كۆڭلۈم نىمىشقىدۇر تەشۋىشلىنەتتى ، بىئارام بولاتتى ، ئاخىرىدا ، يەنىلا ئالدىمدىكى كىتابقا قاراشقا مەجبۇر بولاتتىم ...
9 r0 t5 s7 m4 L* Gئەنە ، سەبىنەدىن يوشۇرۇنچە كۆپەيتىۋالغان رەسىمدىكى ئاشۇ ئوتلۇق ، نۇرانە كۆزگە نەزەر تاشلىماقتىمەن ، ياتاقتا ئۆزۈم يالغۇز ، قىزلار يەنە قانداقتۇر بىر ئولتۇرۇشىغا كەتكەنىدى ، سەبىنە شۇنچە زورلىغان بولسىمۇ ، ئۇنى چىرايلىق رەت قىلدىم . چۈنكى ، ھازىر مىنىڭ يولۇمدىكى ئۇ خىل توسۇقلار ، مىنىڭ بويسۇندۇرىشىمنى كۈتەتتى ، مەن ئىرادەمگە خىلاپلىق قىلىشتىن ئەنسىرەيتتىم ، مىڭەمدىكى ئىرادە بىلەن قانداقتۇر بىر خىل قايمۇقتۇرغۇچ كۈچ ئوتتۇرىسىدا قاتتىق زىددىيەت بولاتتى ، ئەمما ، مەن ھەر قىتىم ، ھەر قىتىم يىڭىپ چىقاتتىم ، ئۆزۈمگە بولغان ئىشەنچىم تولىمۇ ئۈستۈن ئىدى .
3 N4 k0 H0 I# j. ]كارىۋاتتا يىتىپ ، ئەكبەرنىڭ ئاشۇ چىرايلىق چۈشكەن رەسىمىگە قاراپ خىيالغا پىتىپ كىتىپتىمەن ، بىر چاغدا سەبىنەنىڭ كۈلگەن ئاۋازى ئاڭلاندى ، تىزلىكتە رەسىمنى ياستۇقنىڭ ئىچىگە تىقىۋالدىم ، خىيالغا بەنت بولۇپ ، ياتاقتىكىلەرنىڭ قايتىپ كەلگىنىنى تۇيماي قاپتىمەن ، سەبىنە ماڭا كۈلگىنىچە :
r) s5 Q) Z2 |1 u) i) j0 a4 |ۋوي ئۇماق قىز ، كىمنىڭ رەسىمىگە بۇنچە قاراپ كەتتىڭىز ھە ؟ ۋاي بىچارە ، ئەكبەرنىڭ ئوتىدا چۇل بولۇپ كىتىپ بارىسەن جۇمۇ ! دىدى . " {9 R- z( R8 X( F; |
قالايمىقان گەپ قىلمىغىنا ، مەن نەدە ئۇنداق بولۇپ كەتتىم ؟ دىدىم مەن ئاغزىمنى ئۈمچەيتىپ . / ]8 y5 S1 i# m( u% \1 m
ھە ، بىلمەيدۇ دەمسەن تاتلىق ؟ ئۇنىڭ رەسىمىگە قاراپ ، بىزنىڭ كەلگىنىمىزنىمۇ تۇيماپسەن ئەمەسمۇ ، شۇنىڭغا قاراپ دەيمەندە ، ھى ھى ... + [' H. S* Q8 X
بۇ گەپ بىلەن قاتتىق قىزىرىپ كەتتىم -دە ، يوتقاننى چىڭ پۈركەپ يىتىۋالدىم ، ياتاقتا قىزلارنىڭ كۈلگەن ئاۋازى ئاڭلاندى . مەن بىر ھازادىن كىيىن ئۆزۈمنى ئوڭشىۋىلىپ ، بىشىمنى چىقاردىم ، قىزلار بىر كارىۋاتقا توپلىشىۋىلىپ ، بۈگۈنكى ئولتۇرۇش توغرىسىدا پاراڭلاشماقتا ئىدى :
" J/ D$ k* N7 bھىلىقى ئىگىز بالا ھەجەپ مۆڭكەن دىسە ، ھەممىڭلار تانسىغا چىقىپ كەتسەڭلار ، يەرگە قاراپ خىجىل بولۇپ ئولتۇرىدۇ ، شۇنچە شەرەت قىلساممۇ قاراپ تۇرغىنى تۇرغان ، ئاخىر چىدىماي ئۇنى ئۆزۈم تارتتىم ، كالامپايلىقىچۇ تىخى ، پۇتۇمنى دەسسەپ خىمىر قىلىۋەتتى دىسە ... 3 J7 j' ?5 `. R% q X1 F
ھەي ، بايقىدىڭلارمۇ ؟ كۆزەينەك تاقىۋالغان بالا توختىماي سەبىنەگە قاراپ كەتتى ، سەبىنە يەنە بىر بالا بىلەن تانسا ئوينىسا ، قوشۇمىلىرىنىڭ تۈرۈلۈپ كەتكىنىچۇ تىخى ، سەبىنە ، تەلىيىڭ كەپتۇ ئاداش ، بەخت قۇشى دىگەن شۇ ! - f& @+ F4 \) I% }4 n+ j
ئاشۇ بەخت قۇشىنى ساڭا بەردىم ، ئۇنىڭ نەرى بولىدۇ ؟ بۇرنىنىڭ يوغانلىقىچۇ ، كۆزەينىكىنى توسۇۋالغىلى تاس قاپتۇ .... ' p- H$ D5 Z7 T
ھاھاھا ...
c. N+ L3 [ Aئۇلارنىڭ پاراڭلىرىدىن زىرىكتىم ، كىتابىمنى ئىلىپ ئوقۇماقتىمەن ، لىكىن ، خىيال قۇشلىرىم يەنە ئىختىيارسىز ئەكبەر تەرەپكە پەرۋاز قىلاتتى . ئۇنىڭ بىلەن دوستمۇ بولدۇق ، ئەمما ، ئالاقىمىز كۆپ ئەمەس ، بەلكىم ئۇ قانداقتۇر پەلسەپىسىنى ئىزدەش بىلەن ئالدىراشتۇر ، ئەمما ، مۇشۇنداق مۆرىمەس بۇلىۋالسىمۇ بولمايدۇ -دە .
6 C. j# j( S6 v1 aئەتىسى يەنە كۈندىكىدەك دەرس بىلەن مەشغۇل بولۇپ ئالدىراشچىلىقتا ئۆتتى . چۈشتىن كىيىنكى دەرسلىرىمنى تۈگىتىپ ، كىتابلىرىمنى قولتۇقۇمغا قىسقىنىمچە ، ياتاققا قاراپ كىتىپ باراتتىم . يولنىڭ ئىككى قاسنىغىدىكى دەرەخ يوپۇرماقلىرى ئاستا-ئاستا ئىرغاڭلاپ يەرگە چۈشىۋاتاتتى ، كۆزۈمنى دەرەخ شاخلىرىغا تىكتىم ، ئۇنىڭ گىرەلىشىپ تۇرغان سىياقى ، ۋە سارغىيىشقا باشلىغان يوپۇرماقلىرى مىنىڭ باھار ۋەسلىمنىڭ ئەكسىنى كۆرسىتىپ ، ماڭا بىر خىل غىرىبانە ھېس ئاتا قىلماقتا ئىدى ، مەن بۇنچە بالدۇر سۇلسام بولمايدۇ ، مەن تىخى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان غۇنچە گۈلدۇرمەن ، پورەكلەپ ئېچىپ ، ھۆسىن تۇرقۇم ۋە خۇشبۇراق ھىدلارنى چاچمىسام بولمايدۇ ...
. y7 f; ~! Q; i; Z9 S/ P! Bخىيال بىلەن تۇيۇقسىز بىرسىنىڭ ئالدىمدا تۇرغىنىنى سىزىپ ، تىزلا ئۇنىڭغا قارىدىم ، ئۇ ئەكبەر ئىدى ، ئۇنى بۇنداقلا ئۇچرىتىپ قىلىش ماڭا تۇيۇقسىز بولغان بولسا كىرەك ، ھودۇقۇپ كەتتىم ، ئۇ كۈلۈمسىرەپ مىنىڭ ئالدىمغا كەلدى ، مەن بايىقى جىددىيلىشىشنى يوقۇتۇش ئۈچۈن ، چۇڭقۇر بىر تىنىق ئىلىپ ، ئۇنىڭغا جۈرئەتلىك قارىدىم ، ئۇ ماڭا سالام بىرىپ : ! M1 U0 {- X% I$ P
ياخشىمۇسىز ؟ بەك خىيالچانمۇ نىمە سىز ؟
/ Z$ t+ Z+ o$ @4 r8 @: vياخشىمۇسىز ، ئۇنداقمۇ ئەمەس ، دىدىم مەن خىجىلچىقتا . 9 s$ m* i `4 l2 D( ]" N- Z" j H
نىمانچە كۆپ كىتاب كۆتۈرىۋالدىڭىز ؟ سىنىپقا ھەممە كىتابنى كۆتۈرۈپ چىقامسىز نىمە ؟ ئۇ شۇنداق دەپ كۈلۈپ قويدى ، ئەكىلىڭ مەن كۆتۈرىۋالاي ،
: q. {# l+ [1 J. r9 Q. |بولدى ، سىزنى ئاۋارە قىلماي ، مەن ياتاققا قايتىمەن ، بىردەمدە بىرىپ بولىمەن ئەمەسمۇ . 5 c, s/ u5 u+ G! k' l" J7 u
شۇنداق بولسىمۇ ئەكىلىڭ ، تىخى تاماق يىمىگەنسىز ؟ ، ئۇ شۇنداق دەپ مىنىڭ جاۋابىمنى كۈتمەيلا قوللىرىمدىكى كىتابقا قولىنى ئۇزاتتى ، مەن ئوڭايسىزلىنىپ تۇرۇپ كىتابلارنى ئۇنىڭغا تەڭلىدىم ، ئۇنىڭ سوئالىغا جاۋاب بىرىپ : ' _' w0 d0 H \& p/ z5 R% g6 K
ياق تىخى ... $ Q$ Q. J& o! t/ H8 x5 ~( V
ھە، ئەمسە ،كىتابلىرىڭىزنى ئەكىرىپ قويۇپ چىقىڭ ، بىرگە تاماق يەيلى ، قوشۇلىدىغانسىز ؟ 2 `, M, S- B' E1 Y$ ]! ^
مەن ... شۇ تاپتا نىمە دەپ جاۋاب بىرىشىمنىمۇ بىلەلمەي قالدىم ، ئىككىلىنىش بىلەن گەپمۇ قىلالمىدىم ، ئۇ سەل ئۈمىدسىزلەنگەن بولسا كىرەك ، بىر نەچچە دەقىقە تۇرىۋىتىپ :
& j- E1 j0 B1 e& j' G% Wئەگەر باشقا ئىشىڭىز بولسا مەيلى ، سىزنى خىجىل قىلماي ، دىدى .
$ a: B$ V$ P( J5 u( oمەن ئۇنىڭ خاتا چۈشىنىپ قىلىشىدىن ، شۇنداقلا ئۇنىڭ دىگەن گىپىدىن يېنىۋىلىشتىن ئەنسىرىگەندەك تىزلا ئۇنىڭغا قاراپ دىدىم : e( ~4 w1 o1 q3 x
ياقەي ، ئەمسە ... مەيلى ، بىرگە تاماق يەيلى .
& ~: l% @7 R+ o( O. R/ u# Y* J0 J7 e6 ~شۇئان ئۇنىڭ چىرايىدا ئىللىق تەبەسسۇم چاقنىدى ، ھەم مەمنۇنلۇق بىلەن : + ]" A" V2 w3 h/ ]* A7 i- C5 d
رەھمەت ھە ، ئۇ شۇنداق دەپ قولىدىكى سائىتىگە قاراپ قويدى . بىز مىڭىپ قىزلار ياتاق بىناسىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئۇنىڭ قولىدىكى كىتابنى ئىلىپ « ھازىرلا چىقىمەن ! » دەپ يۈگۈرگىنىمچە ياتاق بىناسىغا كىرىپ كەتتىم ، ياتىقىمغا ماڭغۇچە بىرخىل ھاياجانلىق تۇيغۇ قەلبىمنى چۇلغاپ ئالغانىدى ، شۇ تاپتىكى كەيپىياتىمدا ، خۇشاللىق ، جىددىيلىك ، ئالاقىزادىلىك ... ھەممە خىل روھىي ھالەت بار ئىدى .ياتاققا كىرسەم ، قىزلارنىڭ ھەممىسى قايتىپ كىرىپ بولغانىدى ، سەبىنە كىرگىنىمنى كۆرۈپ مەندىن سورىدى: ' V+ R# M: M% z; G- Z
نىمانداق تەستە كىرىسەن ئاداش ، سىنى ساقلاپ قالغانىدۇق ، بولغىنە ، بىللە چىقىپ تاماق يەيلى ... " i3 D c5 q- F8 b3 k
مەن دۇدۇقلىغىنىمچە ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈشكە باشلىدىم :
/ v' f9 E( r# U+ \' F `) xئاۋۇ ... ئاداش، بۈگۈنچە ... بۈگۈنچە سىلەر يەپ تۇرۇڭلار ، مەن بىرسى بىلەن يەيدىغان بولۇپ قالدىم ، سەت تۇردى ھە .
# J; x8 I0 P3 ]0 ~7 wسەبىنە مۇغەمبەرلەرچە كۈلۈپ :
3 q1 K7 c) @! ^/ N6 H: l% y; b; ]& oتاتلىق خاننىڭ بۈگۈن باشقىچە ئۇچرىشىشى بار ئوخشىمامدۇ ؟ ھى ھى ...ياغاچ ئوشتاپ قويايلى جۇمۇ بالىلار ... * y' U2 [6 p; C. h( w; w& P6 m
ئۇنىڭ گىپى بىلەن ياتاقتا كۈلكە كۆتۈرۈلدى ، مەن قىزىرىپ كەتتىم . 4 s3 T- `5 a0 h+ M' t% o
بولدى بىلجىرلىمىغىنە ، چىقىپ تامىقىڭنى يىگىنە ، مەن شۇنداق دەپ كىتابنى قويۇپ ، ئەينەككە بىر قارىۋەتكەندىن كىيىن ، تىز-تىز قەدەملەر بىلەن ماڭدىم ، كەينىمدىن ياتاقتىكى قىزلار توۋلاشقان ئاۋازى ئاڭلاندى :
B; N' E1 t. r7 C6 `' F& Q2 cئوڭۇشلۇق بولسۇن ئاي ! + A/ k( c3 K' K: ^9 ?$ G! U
يۈرەكلىك بول خالئاي ! % W! T% f( n: p5 m% G
ساڭا بەخت تىلەيمىز !
& K& ~, l, o; A6 n9 u5 Bئۇنىڭ بىلەن يولدا كىتىپ بارىمىز ، ئۇ مەن توغرىلىق بىر نەچچە ئېغىز ئەھۋال سوراپ ، ئاندىن ئۆزىنىڭ پىكىرلىرىنى دەپ ماڭماقتا . يولدىكى ھەممە ئادەم بىزگىلا قاراۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ ، ئۆزۈمچە خۇش بولۇپ كىتىپ باراتتىم ، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلىماقتىمەن . بىز مەكتەپ سىرتىدىكى بىر تاماقخانىغا باردۇق ، مىللىيچە ياسالغان بۇ كەڭ ، ئازادە تاماقخانا كىشىگە ئازادىلىك بىغىشلايتتى . ئۇ نىمە تاماق يەيدىغانلىقىمنى سورىدى ، مەن دۇدۇقلاپ تۇرۇپ «خالىغانچە بولسۇن » دەپ جىم ئولتۇرىۋالدىم ، ئۇ تاماق تىزىملىكىگە قاراپ ، ئىككى كىشىلىك سومىيەن بۇيرىدى ، « قىززىق ، ئۇمىنىڭ ئامراق تامىقىمنى قانداق بىلىپ قالدىكىنە ؟ » ! ^, i9 F! B/ d' H8 \" ?: @# ]
ئۇنىڭ بىلەن بىللە تاماق يىگۈچە قانچىلىك خىجىل بولغانلىقىمنى بىلمەيمەن ، خىجىل بولغىنىمدىن ، قولۇمدىكى قوشۇقمۇ چۈشۈپ كىتەيلا دەۋاتاتتى ، ئۆز- ئۆزۈمگە مەدەت بىرىپ ، يۈرەكلىك بولۇش ئۈچۈن تىرىشتىم ۋە ئۇنىڭ ئالدىدا چاندۇرماي يىدىم . تاماق يىگۈچە ، ئۇنىڭغا پات-پات قاراپ قوياتتىم ، ئۇ تەمكىن ھالەتتە ، ئەدەپلىك ھەرىكەتلەر بىلەن تاماق يىمەكتە . ئاھ ، شۇ نۇرلۇق كۆز ، مىنى خىيالغا سالغان ، مىنى ئۆرتىگەن كۆز ... ، كۆزلىرىمىز ئۇچرىشىپ قالغىنىدا ، كۆزلىرىمنى تىزلا ئەپقاچاتتىم . توۋا ، مەندەك شوخ ، مەمەدان قىزنىڭمۇ مۇشۇنداق قىزىرىپ ، ئوڭايسىزلىنىدىغان چاغلىرى بولىدىكەن ، ھىسىياتىمنى قايتا-قايتا دەڭسەپ بىقىشقا ئۇرۇنىۋاتىمەن، ۋۇجۇدۇم چىقارغان قارارنى ئىنكار قىلىشقا شۇنچە ئۇرۇنساممۇ ،ئەمما ، پەقەت ، پەقەت بىرلا ھىسىيات مۇقىملىشىۋاتاتتى ، بۇنىڭغا ئۆزۈممۇ ھەيران ، ئەجىبا ، بۇ راستلا مۇھەببەت ؟... / F0 K' S/ h, Q' \- n3 j4 @
تاماق يەپ بولۇپ ، مەكتەپكە قايتتۇق ، ياتاق بىناسى ئالدىغا كەلگەندە ، ئۇ توختاپ مىنىڭ كۆزۈمگە تىكىلىپ تۇرۇپ ئىيتتى :
, ^6 ]' G; _- Z( [- g( }5 i7 s: ~; Yخالئاي ، بۈگۈن سىز بىلەن بىرگە تاماق يىگىنىمدىن شۇنداق خۇش بولدۇم ، بۇندىن كىيىنمۇ داۋاملىق ئالاقىلىشىپ تۇرايلى . * f* u) M6 k: T0 }9 S2 G
سىزگىمۇ كۆپ رەھمەت ، دىدىممەن جاۋابەن .
( L+ ~9 Q+ t! \, n6 tمۇمكىن بولسا ، پات-پات ئۇچرىشىپ تۇرساق دەپ ئويلايمەن ، بۇ قانداقتۇر مەلۇم مەقسەت ئۈچۈن ئەمەس ، بەلكى ، سىز بىلەن داۋاملىق سىردىشىپ تۇرۇش ئۈچۈن . بولامدۇ ؟ ; ئەلۋەتتە بولىدۇ ! دەپ جاۋاب بىرىش شۇ دەقىقىدە كاللامغا كەلگەن بولسىمۇ ، ئەمما ، ئۇنىڭ ئالدىدا ئىغىر-بىسىق ، تەمكىن بولىشىم كىرەك . 2 S6 k! b3 K. D B6 v, V6 x/ T
ھە ، بولىدۇ ، ئىزدىشىپ تۇرايلى ئەمسە ...
. q. w( \( r& [3 m vرەھمەت سىزگە ، ئۇنىڭ چىرايىدا خۇشاللىق جەلۋىلەندىن ، كۆز نۇرى تىخىمۇ نۇرلۇق چاقناپ كەتتى . " k) Q3 o/ G6 _2 d& c4 x* }
خوش ئەمسە ، مەن ياتاققا كىرىپ كىتەي ھە .
3 u& ~! ^/ L. {خوش ، ئالاقىلىشىپ تۇرايلى ئەمسە . B$ H& U g/ y0 a* O' G
ماقۇل ، خوش ، شۇنداق دەپ ئۇنىڭغا ئاخىرقى بىر رەت قارىدىم ، ياق ، ئۇنىڭ چىرايىغا ، كۆزىگە سەپسالدىم ، ئۇ شۇنچە مۇلايىم ،چېھرى ئىللىق ئىدى ، مەن ئاشۇ دەقىقىنى تىخىمۇ ئۇزارسىكەن دىگەن ئۈمىدتە بولساممۇ ، لىكىن ، بۇنىڭغا ئىمكان يوق ئىدى ...
: M4 S9 X6 P1 R4 H) _شۇنداق قىلىپ ، شۇ خوشلاشقانچە ياتاققا كىرىپ كىتىش ئۈچۈن ماڭدىم ، ياتاق بىناسىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كەلگەندە ، ئىختىيارسىز كەينىمگە قايرىلىپ ئۇنىڭغا قارىدىم ، ئۇ ماڭا قاراپ تۇراتتى ، ئۇ ماڭا كۈلۈمسىرىدى ، مەنمۇ كۈلۈمسىرەپ قاراپ قويدۇم ، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن قانداقتۇر مېھىر يالقۇنجاپ تۇراتتى ، ئەجىبا ...
5 {: T& R3 o2 b, j/ rشۇ كىچە كۆزۈمگە ئۇيقۇ كەلمىدى ، ياتاقتىكى ھەممەيلەن ئۇخلاپ بولغان ، بىر مەنلا قاراڭغۇ تۈندە يوتقىنىمدىن بىشىمنى چىقىرىپ ، كۆزلىرىم ئوچۇق ھالدا خىيال دىڭىزىغا غەرق بولماقتا ئىدىم . ياشلىقتىكى شىرىن ھىسىيات مىنىڭ قەلبىمنى تىترىتىپ ،ماڭا زوق ۋە ھاياجان بىغىشلىماقتا ئىدى ، ئۇنىڭغا ئىختىيارسىز تەلپۈنەتتىم ، ئۇنى ھىلىتىن سىغىنماقتا ئىدىم ، ئاخىر قەلىب رىشتەمنى ، ھېسلىرىمنى ، كۆڭۈل ئىنتىلىشىمنى چۈشەندىم ، شۇنداق ، ئۇنىڭ ئاخىرقى جاۋابى يەنىلا مۇھەببەت ئىدى ...
! c" P& V: ]4 A1 |6 A# G0 lشۇندىن كىيىن ، بىز داۋاملىق ئالاقىشىپ ، ئۇچرىشىپ تۇردۇق ، ئۇنىڭ بىلەن بولغان ھىسىيات ئارىلىقىمىز ، چۈشەنچە ئارىلىقىمىز يىقىنلىشىپ بىرىۋاتاتتى . ئۇنى تىخىمۇ چۈشەنمەكتە ئىدىم ،مەندىكى بەخت تۇيغۇسى تىخىمۇ ئېشىپ بىرىۋاتاتتى ، ئۇنىڭ مۇھەببىتىگە تەشنا بولىۋاتاتتىم ، ئۇنىڭغا تەلمۈرىۋاتاتتىم ...
5 h/ s- |/ ?! d$ n7 }. q( s- Lچىن تۇيغۇلار چىرماپ ئالدى كۆڭلۈمنى تامان،
4 Q* s0 W+ x3 j1 n- c6 X' l, Bتەلمۈرىمەن كۆزلىرىڭگە ، بۇ ھىجران يامان .
( m* K3 ?) J+ G' v" ~+ Rئىشقىڭغا مەپتۇنمەن ، سىغىنىپ سىنى ھەردەم ، % g& c$ T/ T# {1 L
ۋىسالغا يەتكۈچە تىلەكلەر بولغۇسى ئامان .
( s- d6 S' O! D2 c+ ^! d4 y' x
& u. ~4 |. |, Qئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىم كۈچىيىپ بارماقتا ئىدى ، ئەمما مەن روھىي ئاجىزلىقلارغا بەرداشلىق بىرەلەيتتىم ، ئۆزۈمنى تۇتىۋىلىشنى بىلەتتىم ، ئۆزۈمنى يوقىتىپ قويۇشتىن ساقلىناتتىم . خۇدادىن مۇرادىمىزغا يىتىشنى ، ۋىسالىمىزغا يىتىشنى تىلەيتتىم ...
1 A" r, }8 k4 m' Lئۈرۈمچىنىڭ قىش كۈنلىرى ئەجەپمۇ سوغۇق ، قىشىنچە قار ئۆكسىمەيدۇ ، قار ياغقان كۈنلىرى يوللاردا ئەينەكتەك سىلىق مۇز تۇتۇپ كىتىدۇ ، دەرەخ شاخلىرى قېلىن قارنى كۆتۈرەلمىگەندەك ئىگىلىپ ساڭگىلاپ كىتىشىدۇ ، بەزىدە ھەتتا شاخلار كۆتۈرەلمىگەنلىكتىن قاراسلاپ سۇنۇپ كىتىپمۇ قالىدۇ . كىشىلەر قېلىن كىيىملەرنى كىيىشىپ نىمىلەرگىدۇر ئالدىراشقىنىچە مىڭىشىدۇ . ھاۋا شۇنچە سوغۇق بولسىمۇ ، مىنىڭ قەلبىم شۇنداق ئىللىق ئىدى ، ئۇنىڭ سىماسى ، سۆزلىرى ، تەبەسسۇمى ، جىلۋىسى ... ماڭا شۇنچە ھوزۇر ھارارەت بەخىش ئىتىدۇ . قىزلارنىڭ كۆڭلى ھەقىقەتەن نازۇك ۋە چۇڭقۇر ، بەزىدە خىيال ئالىمىدە بەرق بولۇپ ، تۇتقان-قويغىنىمنىمۇ ئۇنتۇپلا قالىمەن . ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆتكەن مىنۇتلار ، ئاھ ، ھىسىيات دولقۇنلىرىمنىڭ ئۆركەشلەپ ئىقىشى مىنى تىنىمسىز ھاياجانغا سالىدۇ ، بەخت تۇيغۇسىنى چۇڭقۇرلاپ تونۇتىدۇ . ئەمما ، سەھەردىكى يۇمران گىياھقا قىرو باسقاندەك ، مىنىڭ قەلبىمگىمۇ پات-پات ئۈششۈك دارىمتىلاپ ئۆتۈپ كىتىدۇ . چۈنكى ، ئۇنى ياخشى كۆرىدىغان قىزلار ھەقىقەتەن نۇرغۇن ، ئۇنىڭ بىلەن مۇشۇ چاغقىچە مۇھەببەت تىمىسىدا سىردىشىپ باقمىدىم ، مەن قىزلارنىڭ بۇ توغرىسىدا ئاۋۋال سۆز ئىچىشىنى ئانچە مۇۋاپىق كۆرمەيمەن ، ئەقەللىي قائىدە بويىچىمۇ شۇنداق . لىكىن ... كۆڭۈل ئالىمىمنى قارا بولۇت ئەگىپ ئۆتۈۋاتقاندەك ، يۇمران قەلبىمگە مۇدھىش تۇيغۇلار بۆسۈپ كىرىۋاتقاندەك ھىسىياتتا بولغۇنۇمدا ، ئىچ-ئىچىمدىن شۈركۈنۈپ كىتىمەن . ئۇنىڭ ئاشۇ مىھىرلىك قەلبى ، ئوتلۇق مۇھەببىتى ئاخىرىدا ماڭا مەنسۇب بولارمۇ زادى ؟ ...
% ?5 t+ h, d, A. u- h$ f# l0 U2 `7 M3 m* X# `: R. [
4 ]# E- g: O+ t* z+ \, Pشىرىن چۈش دىڭىزىدا تىپچەكلەپ خىيالىم ،
5 m0 l. k# {; W5 Lنازۇك ھېسلار ماڭا بولغۇسى قايناق ھايات . ' a+ E( n* I2 O$ k3 V6 i$ I$ G& s
تەشۋىشتە كۆڭۈل ئارامىم بۇزۇلدى تامان ،
; n2 q2 {& x( f6 o4 N9 Aدىللىرىم قانغان بولسىچۇ ئىشقىڭغا نىھات . ! I9 Q4 Q% ^) r) p2 `( F
! [$ Z: o+ ?+ F8 C7 b& g
نەچچەكۈننىڭ ئالدىدا ياغقان قار ئىرىشكە باشلاپ ، ھاۋا شۇنداق ساپ ۋە پاكىز بولۇپ قالغانىدى ، نەچچە كۈندىن بۇيان قارىسىنىمۇ كۆرسەتمىگەن قۇياش مانا بۈگۈن بۇ سوغۇق شەھەرگە سۇسقىنا نۇرىنى چىچىپ يورۇتقانىدى . قۇياش نۇرىدا ، دەرەخ شاخلىرىدىكى قارلار ۋال-ۋۇل قىلىپ پارقىرايتتى ، مۇز تۇتقان يەرلەر قۇياش نۇرىنىڭ تەپتىدە ئەكىس نۇر ياندۇرۇپ كىشىنىڭ كۆزىنى چاقنىتاتتى . ئەتىگەندە بۇ گۈزەل مەنزىرىدىن زوق ئىلىپ ، مەكتەپ قوروسىنى ئايلىنىپ تۇرغىنىمدا ، تىلفۇنۇمنىڭ زىل ئاۋازدا سايرىشى مىنى گۈزەل ھېسلاردىن ياندۇرۇپ ئەسلىمگە كەلدىم . تىلفۇن ئىكرانىدا ، ئۇنىڭ --- ئەكبەرنىڭ ئىسمى چىقىپ تۇراتتى ، ھاياجان ئىلكىدە تىلفۇننى ئالدىم ، ئۇنىڭ جاراڭلىق ئاۋازى ئاڭلاندى :
5 q% H* E8 V* s2 Z' v# fئەسسالامۇئەلەيكۇم ، تىنچلىقمۇ ؟ 9 H+ C+ V% x# p4 X' j4 e
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، تىنچلىقمۇ ؟ قانداقراق ئەھۋالىڭىز ؟ 9 A Z* s0 Y8 O% n v/ p9 V
مەن ياخشى ، ئۆزىڭىزچۇ ؟
. j0 G2 w4 J) @6 H) {مەنمۇ ياخشى ، ئۇنىڭ تۇيۇقسىز تىلفۇن قىلىپ قالغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى سورىماقچى بولدۇم ، بۈگۈن تۇيۇقسىز تىلفۇن قىلىپ قاپسىزغۇ ؟
& ~# D4 H7 z* V* gھە مۇنداق ئىش ، بۈگۈن قارىسام ھاۋا شۇنداق ياخشىكەن ، شۇڭا بىر نەچچە دوستۇم بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ، قار تىيىلىپ كەلمەكچى بولغان ، ئارىدا قىزلارمۇ بار ئىكەن ، شۇڭا سىزنىڭ مەيلىڭىز بولسا بىرگە چىقارمىكىن دەپ تىلفۇن قىلىشىم ، بۈگۈن ۋاقتىڭىز بارمۇ ؟ - c. i1 W1 \8 y+ m; u0 A# p
ھەئە بار ، لىكىن ... 0 X3 O2 [8 A; O2 B& {
خاتىرجەم بولۇڭ ،ھەممىسى شۇنداق ياخشى ، ئوڭلۇق بالىلار ، خىجىل بولماڭ ، ھىچ ئىش بولمايدۇ ، ئۇنىڭ كۆڭلۈمدە ئويلىغىنىمنى تىپىۋالغانلىقىدىن شۇنداق خۇش بولۇپ كەتتىم .
0 _5 v( a! L, M2 b- h- y3 [6 [ماقۇل ئەمسە ، سىز دىگەندىكىن مەنمۇ تۈزۈت قىلمىدىم ئەمسە . ( D" }3 I: y- y( b$ _9 `3 [* z- [
ھى ھى ... ، سىز مەكتەپتىمۇ ؟ مەن سىزگە سەل تۇرۇپ تىلفۇن قىلاي . 2 O$ \5 |6 D5 _2 U0 S" p. B# j4 t3 P% s3 C
ھەئە ، مەن مەكتەپتە ، ئەمسە تىلفۇن قىلىڭ ھە .
/ g/ H" y* T! ]1 iماقۇل ،سەل تۇرۇپ كۆرۈشەيلى .
- E4 M! `" ^3 L3 o! w7 @ماقۇل، خوش ئەمسە . ; h! |' S, S3 f, e) X" Y8 K
ئىچ-ئىچىمنى ھاياجانلىق تۇيغۇسى چىرماپ ئالغانىدى ، خۇشاللىقىم ئىچىمگە پاتمايدىغاندەك تازا ۋاقىرىغۇم كەلدى . بىر تەرەپتىن ، ئۇنىڭ مىنى يىقىن كۆرۈپ ،مىنى چاقىرغانلىقىدىن خۇش بولسام ، ئۇزۇندىن بۇيان ياخشى ھاۋالىق جايلارغا بارالماي بۇرۇقتۇرما ھالەتتىن بىردەملىك بولسىمۇ قۇتۇلۇپ ، تەبىئەت قوينىغا سىڭىپ كىرمەكچى بولۇۋاتقىنىمدىن خۇشال بولدۇم . ياتاققا بىرىپ ، ئىھتىياجقا ئاساسەن قىلىن ئەمما ئەپلىك كىيىملىرىمنى كىيىپ تەييار بولۇپ تۇردۇم . بىر چاغدا ئۇ تىلفۇن قىلىپ ، ھەممەيلەننىڭ يىغىلىپ بولغانلىقىنى ، مىنىڭ مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىغا چىقىشىمنى ئىيتتى . مەن مىڭىش ئالدىدا ، ياتاقتىكى ئەينەككە قارىدىم ، ئەينەكتىكى ئەكسىم ماڭا خۇددى خۇشال ئويناپ كەل ،خالئاي! دىگەن مەنىدە كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى .
$ z/ w) i& P% H0 T Yمەن ئۇلار بىلەن ئاددىيلا سالام قىلىشىپ كۆرۈشتۈم . ئەكبەر ئاللىبۇرۇن بىر ماشىنا تەييارلاپ قويغانىكەن ، شۇنىڭ بىلەن بىز شەھەرنىڭ سىرتىدىكى نەنسەن تىغىغا يىقىنراق جايدىكى بىر قار تىيىلىش مەيدانىغا قاراپ يولغا چىقتۇق . يولدا ماڭغۇچە ، بىز ئۆزئارا تونۇشلۇق بىرىپ ، بىردەمدىلا يىقىن ئۈلپەتداشلاردەك ئىجىل بولۇپ كەتتۇق . بىز بىرەر سائەتلەر ئەتراپىدا ماڭغاندىن كىيىن مەنزىلگە يىتىپ باردۇق . پاھ ! بۇ يەر تولىمۇ گۈزەل ، تولىمۇ چىرايلىق ئىدى ، تاغلاردا قىشمۇ-ياز كۆكىرىپ تۇرىدىغان ، ئۆزىنىڭ مەزمۇت ، جەسۇر قىياپىتىنى نامايەندە قىلىپ تۇرغان تىك ئۆسكەن قارىغايلار تىزىلىپ كەتكەنىدى . ناھايىتى كەڭ دۆڭلۈكتە ، ئاپئاق قار يېيىلىپ ، زىمىن گويا ئاق لىباستىن تون كىينگەندەك كىشىگە ئازادىلىك ۋە ھاياجان تۇيغۇسىنى بىغىشلايتتى . مەن بۇ گۈزەل مەنزىرىنى كۆرۈپ بىردىنلا كەيپىياتىم ئىچىلىپ قالدى . قار تىيىلىشقا چىققان ئادەملەرمۇ ناھايىتى كۆپ ئىدى ، بۇ يەردىمۇ قايناق مەنزىرە ئەكىس ئىتىپ تۇراتتى . تەرەپ-تەرەپلەردىن كىشىلەرنىڭ چاڭغا تىيىلىۋاتقان ھالىتىنى ، قىز-ئوغۇللارنىڭ بىر-بىرىنىڭ قوللىرىنى تۇتۇشۇپ تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىشىپ ئالدىراماي تىيىنىشلىرىنى ، ھەتتا بەزىدە قارغا يىقىلىپ چۈشكەنلەرنىمۇ كۆرگىلى بولاتتى . بىز چاڭغا ئەسۋابلىرىنى ئىجارىگە ئالغاندىن كىيىن تىيىلىش ئۈچۈن كەڭرەك ،ئادەم شالاڭراق بىر يەرگە باردۇق . ماڭا قار تىيىلىپ باقمىغىلى ناھايىتى ئۇزۇن زامانلار بولۇپ كەتكەچكىمۇ ئىچىمنى ئەندىشە چۇلغاپ ئالغانىدى . كىچىك ۋاقىتلىرىمدا ، يىراق يۇرتلاردىكى سەھرالارغا چىققىنىمىزدا ، قىز بالا بولۇشۇمغا قارىماي ، ئاشۇ دىھقان بالىلىرى بىلەن بىرگە قار تىيىلىپ ، چاڭغا سىلىپ ئويناشلىرىم ، قىلىن مۇز تۇتقان كۆللەردە يىقىلىپ يۈرۈپ مۇز تىيىلغىنىم ھىلىمۇ ئىسىمدە ... ، بىر چاغدا خىيالدىن يىنىپ يىنىمغا قارىسام ئەكبەر ماڭا قاراپ تۇرغانىكەن ، مەن باشقىلارغا قاراپ باقسام ، ھەممىسى جۈپ-جۈپ بولۇپ قار تىيىلىشكە باشلاپتۇ ، يولدا ماڭغۇچە ماڭا ھىچنىمىنى سەزدۈرمەپتۇ دىسە بۇلار دەپ ئويلاپ تۇرىشىمغا ئەكبەر ماڭا قاراپ :
: y8 }: y R& g a: S! s( Kكىلىڭە ،ئىككىمىز بىرگە تىيىلىپ ئوينايلى ، دىدى . C) t/ F; x7 J* z: O) Y/ k7 V
مەن ... مەن پەقەت ئۇقمايتتىم ، دىدىم مەن بىشىمنى پەسكە قاراتقىنىمچە خىجىل بولۇپ . ; [4 x/ ]7 o1 a/ U
ھىچقىسى يوق ، بەك ئاسان ، بىردەمدىلا ئۈگۈنىۋالىسىز ، ئۇ شۇنداق دەپ ماڭا يىقىن كىلىپ قولىنى تەڭلىدى ، مەن سەل ئىككىلىنىشتىن كىيىن ئۇنىڭغا قولۇمنى بەردىم .گەرچە ھەر ئىككىمىز پەلەي كىيىۋالغان بولساقمۇ ، ماڭا يەنىلا ئۇنىڭ قولىدىن ئىللىق ھارارەت قىلىپ تۇراتتى . بىز باشتا ئالدىرىماي تىيىنىشكە باشلىدۇق ، باشتا قەتئىي قولاشمىغان پۇت-قوللىرىم ئۇنىڭ ئەستايىدىل ، ئىغىر-بىسىقلىق بىلەن ئۈگىتىش ئارقىسىدا بارا-بارا كۆنۈپ قىلىۋاتاتتى . بىز خېلى بىر ھازا تىيىنغاندىن كىيىن ، مەن خىلىلا ئۈگۈنۈپ قالدىم ، ھەم ئۇنىڭغا ئۆزۈم يالغۇز مىڭىپ باقاي دەپ ئۆزۈم مۇستەقىل ھالدا تىيىلىشقا باشلىدىم . ئون مىتىرچە ئوڭۇشلۇق ھەم شۇنداق ياخشى كىتىپ بارغىنىمدا ، تۇيۇقسىزلا پۇتۇم يانتۇ بولۇپ قىلىپ قارغا يەڭگىلغىنە يىقىلىپ چۈشتۈم ، ئۇ كۈلگىنىچە قىشىمغا تىيىلىپ كەلدى-دە مىنى يۆلەشتۈردى ، مەن ئاغزىمنى ئۈمچەيتكىنىمچە ئۇنىڭغا نارازى بولغان ئاھاڭدا دىدىم :
]# ~" n4 B9 B# q$ ~2 O' Jكۈلىڭە تازا ! سىزگە كۈلكە بولسىلا بولدى . 8 l' Q% h( x, |# C
خاپۇلىمىڭە بولدى ، خاپا بولسىڭىز تىخىمۇ ئۇماق بولۇپ كىتىدىكەنسىز جۇمۇ ! . v. j' ~% h4 d* e
ئۇنىڭ مىنى تۇنجى قىتىم ماختىغىنىدىن شۇنداق خۇش بولۇپ كەتتىم ۋە بايىقى ئاغرىنىشلىرىممۇ قاياقلارغىدۇر ئۇچۇپ كەتتى . بىز بىر ھازاغىچە قار تىيىلغاندىن كىيىن ، يىغىلىپ تاماق يىدۇق . ئۇ پات-پات ماڭا ئۆز قولى بىلەن پۇشۇرغان كاۋاپلارنى تەڭلەيتتى ،باشقىلار بىر-بىرىگە بىقىپ مەنىلىك كۈلۈشۈپ قوياتتى . مەنمۇ خىجىل بولغىنىمدىن قىزىرىپقىنە ئالاتتىم .
* l4 i8 m; `, C' wبىر تاماقتىن كىيىن بىردەم پاراڭلاشقاندىن كىيىن يەنە بىردەم قار تىيىلغاندىن كىيىن قايتماقچى بولدۇق ، مەن قاتتىق ھاياجانلانغانلىقىمدىنمۇ ئەيتاۋۇر ئۆزۈم يالغۇز يىراقلارغىچە تىيىلىپ باقماقچى بولۇپ ، چاڭغىغا چىڭ دەسسەپ ، ئىككى تۇتقۇچنى قولۇمدا چىڭ تۇتقىنىمچە ئالدىمغا قاراپ ئۇچتۇم ، كەينىمدە ئەكبەرنىڭ ئاۋايلاڭ خالئاي ! دىگەن جاراڭلىق ئاۋازى كەڭ بوشلۇقتا تەرەپ-تەرەپلەرگە تاراپ كەتتى . مەن بايىنىڭ ياقى ئۈگەنگەن ئۇسۇللارنى ئىشلىتىپ خىلى يامان ئەمەس ، تىز سۈرئەتتە كىتىپ باراتتىم ، بىر چاغدا پۇتۇپ بىر نەرسىگە ئىلناشقاندەك بولدى-دە ئالدىمغا قاتتىق يىقىلىپ چۈشتۈم ، مەن يىقىلىپ چۈشكەن يەردە قار شالاڭراق بولۇپ ، خىلىلا قاتتىق چۈشكەنىدىم . ئورنۇمدىن تۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ باققان بولساممۇ ، يەنىلا بولماي قالدى . بىر چاغدا ئەكبەر قىشىمغا كىلىپ دەرھال مەندىن سورىدى :
: U' Q4 L( l! V' Q# q# zقاتتىق چۈشتىڭىزمۇ ؟ بىر يىرىڭىز ئاغرىۋاتامدۇ ؟
' {, j/ w7 u: d$ O3 v) m' p" Aياق ، ھىچنىمە بولمىدىم ، مەن ئۇنىڭ ئەنسىرەپ قىلىشىنى خالىماي شۇنداق دەپ جاۋاب بەردىم . + r2 |2 ~, r8 t W
ئەمسە يۈرۈڭ قايتايلى ، ئۇ شۇنداق دەپ مىنى يۆلىدى ،مەن ئاستا قوپۇپ ئالدىمغا بىر قەدەم ئالغىنىمنى بىلىمەن ، پۇتۇمنىڭ بۇغۇمىنىڭ قاتتىق سىققاندەك بولىشىدىن ئىخىتىيارسىز ئىڭراپ سالدىم-دە، يەردە ئولتۇرۇپ قالدىم . ئەكبەر دەرھال پۇتۇمنى يەڭگىل تۇتۇپ كۆردى :
5 a; h4 {5 T2 H, gئىششىپ كەتكەن ئوخشايدۇ ، مىتكوس بولۇپ كەتكەن ئوخشايسىز ، مەن قاراپ باقاي ھە ، دىدى ئۇ ئايىغىمغا قولىنى ئۇزاتقاچ .مەن ئاغرىق ئازابىدىن باشقا ياققا قارىۋالدىم . ئاڭغىچە باشقىلارمۇ يىتىپ كەلدى ، ئەكبەربەك ئىششىپ كىتىپتۇ ، ماڭالمىغۇدەكسىز دىدى-دە مىنىڭ بېلىمدىن ۋە تىزىمدىن كۆتۈردى ، مەن خىجىل بولۇپ يەرگە قارىۋالدىم . شۇ تاپتا ئاغرىق ئازابى بىر يەردە قالسۇن ، قاتتىق خىجىل بولۇپ كىتىپ باراتتىم ، ئۇنى ئاۋارە قىلغىنىمدىن ھەم ئۇنىڭ مىنى كۆتۈرىۋالغىنىدىن خىجىل بولۇپ قىزىرىپ كەتتىم . شۇنداق قىلىپ بىر ئوبدان باشلانغان كۆڭۈللۈك ساياھەت مىنىڭ باشبالتاقلىقىمدىن كۆڭۈلسىز ئاخىرلاشتى . ئەكبەر مىنىڭ ئۇنىمىغىنىمغا ئۇنىماي مىنى دوختۇرخانىغا ئاپاردى ، دوختۇر پۇتۇمغا دورا سۈركۈپ تىڭىپ قويدى ، ئەمدى مىڭىشىم تىخىمۇ تەس ئىدى . ئۇ مىنى ھاپاشلاپ كۆتۈرۈپ مىڭىپ تاكسىغا چىقاردى ، بىز مەكتەپكە قاراپ يول ئالدۇق ، يولدا ماڭغۇچە پۇتۇمنىڭ ئاغرىقى دورىنىڭ كۈچىدىنمۇ خىلىلا پەسىيىپ قالغانىدى . ئەمدىكى ھىسىياتىم ، ئۇنىڭغا بولغان چەكسىز تەشەككۈرلۈك ئىدى ، ئۇنىڭ بۈگۈنكى ياردىمى ماڭا نىسبەتەن زور خۇشاللىق ئىدى ، مەمنۇنلۇق ئىلكىدە ئۇنىڭغا چاندۇرماي قاراپ قوياتتىم . ئاھ ، يەنە شۇ مىھىرلىك ۋە ئوتلۇق كۆز ، مۇھەببەت يالقۇنجاپ تۇرغان نۇرلۇق كۆز ! شۇ تاپتا ئۇنىڭغا سەل چاپلىشىپ تۇرغان جىسمىم ناھايىتى ئوتلۇق ھارارەتنىڭ تۈرتكىسىدىن مىنى ئىزتىراپقا سالماقتا ئىدى . بىز مەكتەپكە كەلگەندە ، ئۇ مىنىڭ قولۇمدىن يۆلىگىنىچە ئاستا ئاۋايلاپ ماڭدۇق . ياتاق بىناسىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ، مەن دەرھال سەبىنەگە تىلفۇن قىلدىم ، ئۇ ھازىرلا چۈشىدىغانلىقىنى ئىيتتى . ئۇنىڭغا نىمە دەپ رەھمىتىمنى بىلدۈرىشىمنى بىلەلمەي ئۇنىڭغا قارىدىم ، ئۇ كۆزۈمگە قاراپ تۇرۇپ : 8 x& j6 K, F( r/ T7 P% S: e# e( U) I
ياتاققا كىرىپ ئوبدان ئارام ئىلىڭ ، بىر نەچچە كۈن ئوبدان ئارام ئالسىڭىز ياخشى بولۇپ كىتىسىز ، دىدى .
3 _9 Y0 K, O$ s" V, |بۈگۈن سىزگە كۆپ رەھمەت ، مەن تىللىرىمنى ئاران قولاشتۇرۇپ مۇشۇ ئاددىيغىنا نەچچە ئىغىز سۆز بىلەن رەھمىتىمنى بىلدۈرمەكچى بولدۇم ، سىزنى بەك ئاۋارە قىلىۋەتتىم ، مەن ئەسلى ... ) r- G9 d7 p2 l+ R
بولدى ،ھىچقىسى يوق ، بۇ قىلىشقا تىگىشلىك ئىشتە ، سىز يارىلانسىڭىز مىنىڭ ... ، ئۇ شۇنداق دەپ توختاپ قالدى ۋە كۆزۈمگە قارىدى ، ئۇنىڭ نىمە دىمەكچى بولغانلىقىنى بىلىپ بولغانىدىم ، قىزلارنىڭ تەسەۋۋۇر ئىقتىدارى بويىچە ئىلىپ ئىيتقاندىمۇ بۇنى سىزەلەيتتىم . شۇ چاغدا سەبىنە قىشىمىزغا كىلىپ ئەكبەرگە يىنىككىنە باش لىڭشىتىپ ئەھۋال سوراپ قويدى ، ۋە دەرھال مىنى قوچاقلىۋىلىپ چاقچاق قىلدى :
1 f( Y; C! d7 S; z5 O' q! v# hنىمانچە پالاكەت بولۇپ قالغانسەن ئاداش ، ئاران بىر ...
- {( F) W) V3 E3 w# ^5 G+ zسەبىنە ! ، مەن ئۇنىڭغا قاپىقىمنى تۈرۈپ نوقۇپ قويدۇم .
* s& o! |! X0 }ئەمسە كىرىپ ئوبدان ئارام ئىلىڭ ، مەن سىزگە تىلفۇن قىلىپ تۇرىمەن ، دىدى ئەكبەر بىزگە قاراپ ، مەن قايتاي ، خوش ئەمسە . & F5 g: t& n5 ?! Z# k/ v
خوش ، سىزگە يەنە بىر قىتىم رەھمەت ! 9 @' M% }) w$ d8 {
ئۇ كۈلۈمسىرە قويۇپ ئارقىغا بۇرۇلۇپ كىتىپ قالدى ، ئۇنىڭ سىماسى كىچە قوينىغا بارغانسىرى سىڭىپ يوقاپ كىتىش ئالدىدا تۇراتتى ...
; c8 ], G& k! V+ n$ W& W' d& Mۋىيەي ، بولدى ئەمدى ، كۆزلىرىڭ تىشىلىپ كەتمىسۇن ، دىدى بايىدىن بىرى ئۈنسىز تۇرغان سەبىنە ماڭا قاراپ ، يۈرگىنە كىرىپ كىتەيلى ، ( |( K% d; z" c/ k, y8 m
ماقۇل . 3 B1 |' h( w6 }; ~8 x8 W6 r9 v
ئۇ مىنى يۆلەشتۈرۇپ ، ئاران تەستە ياتاققا ئەكىردى ، ياتاقتىكى قىزلار مىنىڭ بۇ تۇرقۇمنى كۆرۈشۈپ چۇرقىرىشپ كىتىشتى ، ھەممىسى;بۈگۈنكى ھېكايەڭنى سۆزلەپ بىرىسەن دەپ تۇرىۋالدى ، مەن بەك چارچاپ كەتتىم دىگەننى باھانە قىلىپ بالدۇرلا يىتىۋالدىم . كۆزۈمدە يەنە ئۇيقۇ يوق ، خىيالغا ئىختىيارسىز شۇڭغۇپ كىتىپ بارىمەن . ئاشۇ كۆڭۈللۈك مىنۇتلار ، ئاشۇ قول تۇتۇشۇپ ماڭغان دەقىقىلەر ... مىنى قىزلىق نازۇك ھېسلار قاينىمىغا سۆرەپ ئەكىرىپ كىتىۋاتاتتى . ئۇنىڭ مىنى كۆتۈرۈپ ماڭغاندىكى قىياپىتى ، مىنى يۆلىگەن چاغدىكى ئالاقىزادىلىك چىراي ئىپادىسى ھىلىمۇ كۆز ئالدىمدا . ئۇ مەن ئۈچۈن ناھايىتى ئۇلۇغ ۋە ئالىيجاناب بىلىنمەكتە ئىدى ، ئۇنىڭغا بولغان ھىسىياتىمنى قايتا-قايتا مۇقىملاشتۇراتتىم ،ئاخىرقى خۇلاسە يەنىلا ئوخشاش ئىدى ، ئۇنى تەك-تىگىمدىن ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىمنى تولۇق ئىتىراپ قىلدىم . ئۇنىڭ مۇھەببىتىگە ئىرىشىش مەن ئۈچۈن چەكسىز بەختنىڭ بىشارىتى بولۇپ بىلىنمەكتە ، داۋالغۇغان كۆڭلۈم ئۇنىڭمۇ ماڭا بولغان ھىسىياتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ ، كۆڭۈل ئارامىغا ئىرىشمەكتە ئىدى .
6 B; @5 `: r* V9 E) F9 r3 x7 Wجىسمىم يارا ، قەلبىم يانىدۇ ئوتتەك بىراق ،
0 j8 U% C8 W& Cدىل ئۈزۈندەم تەلپۈنىدۇ ، يۈرەكتە پىراق ، m( t# f' Q+ t1 }+ F2 F9 z3 c- i9 P- y
سۆيگۈ ئۈچۈن باھارىم ۋەسلى ھاياجاندا ،
* G! L& r2 a; ^" H7 Wئەمدى ئازاب بولغۇسى ئارىمىزدىن يىراق !
* ]6 p4 |6 T9 k1 Y8 X; g
5 \* t, f" w1 X- J; ]/ a0 v4 R& E* \ V; X
|
 |