مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3818|ئىنكاس: 15

بىر مۇئەللىمنىڭ ئايالىنىڭ سۆزىدىن شىرزاد جەۋھەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

جەۋھەر

10

تېما

60

يازما

70

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 2251
يازما سانى:
60
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
9123
تۆھپە :
399
باھا :
326
توردا:
91 سائەت
تىزىملاتقان :
2010-6-3
ئاخىرقى:
2016-4-2
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jawhar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-11 11:47 PM  

ئەسكەرىتمە -
       نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان ئىچىمدىكى مەلۇم كەچمىشلەرنىڭ  مەسۇم تىۋىشلىرىغا ئازاپلىق زەن سېلىپ، ئىلكىمدىكى بوشلۇقتا پىنھان يۈرمەكتە ئىدىم . ئالدنقى كۈنلەردە  قەلبى تاتلىق ، لەۋزى ئاچچىق ئۇستازىم . ئاكا ئاغىنەم ۋە ئاتام يېشىدىكى سىردىشىم  تالانىتلىق شائىر ۋە ھۆرمەت ۋە  ئىززەت ساھىبى ئەيساجان تۇردى ئاچچىق ئۆزىنىڭ ئاتىلارچە تاتلىق لەۋزى بىلەن مېنى  مەزكۇر دالاغا جۇشقۇن روھ بىلەن قايتا كىرىشكە دەۋەت قىلدى . شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئالدىنقى يىللاردا يېزىلغان مۇشۇ يازمىنى تۇنجى قەدەمدە ھەر قايسىڭلارنىڭ ھۆزورىغا سۇندۇم . مەزكۇر يازمام ئۇستىدىن بور توزانلىرى كەتمەيدىغان قەلبىدىن ئەۋلاد زوقى ئۆچمەيدىغان بارلىق ئۇستازلارغا ،شۇنداقلا مۇنبەردىكى باشقا ئاق دىللىق ياخشىلارنىڭ مۇبارەك نەزەرلىرىگە مەنزۇر كەلسە  دېگەن ئۈمىدتىمەن .
     ئەسەردىكى بىر قىسىم سۆزلەر يۇرتۇمنىڭ ئاغزاكى تىل ئىستىمال ئادىتى يول قويغان دائىرىدە تەلەپپۇزى بويىچە ئېلىندى      
      
قويىۋەت

شىرزاد جەۋھەر

( بىر مۇئەللىمنىڭ ئايالىنىڭ سۆزىدىن )


خەق كىيىپتۇ نوركىنى ئەپ بەرمىسەڭ قويىۋەت ،
تېلفۇن قىلغان بۇزۇق كىم دەپ بەرمىسەڭ قويىۋەت.
چاقىرساملا ئىش تاشلاپ كەپ بەرمىسەڭ قويىۋەت ،
قوشلاپ ئالتۇن قولۇمغا سېپ بەرمىسەڭ قويىۋەت .
مەن بىر دىسەم ئىككى دەپ گەپ بەرمىسەڭ قويىۋەت .


  مۇئەللىمسەن باي ئەمەس شوڭا ماڭا مالايسەن ،
سۇنى قۇيسام قازانغا ئوتنى ئۆزۈڭ قالايسەن .
سادىق ئىت بول ئاناڭنى تالا دېسەم تالايسەن ،
  شەرەت قىلسام داداڭغا ئۆيگە كىرسە قاۋايسەن .
سۇغا چىلاپ قاتتىق نان يەپ بەرمىسەڭ قويىۋەت .


ئەينەك  تۇتقىن ئالدىمدا قاشلىق ئەتسەم قېشقمغا ،
ئازراق قۇيغىن ئاچچىقسۇ تاماق يىسەم ئېشىمغا.
  يامغۇر ياغسا ئۆيدىمۇ كۈنلۈك تۇتقىن بېشىمغا،
قاتلا قەغەز چىرايلىق ھەر يىغلىسام يېشىمغا.
يانچۇقۇمغا مىڭ سوملاپ سېپ بەرمىسەڭ قويىۋەت .


غەيۋەت قىلسام غەيۋەت قىل، غاجاپ دوسىتنى دۈشمەننى ،
تىللا مېنى ئۆچ كۆرۈپ سەندىن كۆڭلى خۇرسەننى  .
ئېلىپ داڭگال ئات چەنلەپ ماڭا يامان ئۆچمەننى ،
بەرمە  ھەرگىز ئاناڭغا سوراق ئالماي موچەننى .
لېكىن مېنىڭ ئانامغا نەپ بەرمىسەڭ قويىۋەت .



كارتاڭنى بەر مەن ئالاي بۇندىن كىيىن مائاشنى ،
ئۇنۇت تىزراق يۈز سوملۇق پۇلنى تۇتۇپ ساناشنى .
  تاشلا پۇلسىز، ئەمەلسىز، قاتاردا يوق ئاداشنى ،
سەنمۇ ئۆگەن ئۆسۈشنى، كۆتۈرۈشنى، يالاشنى.
دۇتتىرىڭنى   باشلقققا چېپ بەرمىسەپ قويىۋەت .

يېڭىسىنى ئالمايمىز ياماق سېپ كىي ئىشتانغا ،
ئاۋۇ يىرتىق توپلەينى مايلاپ بارغىن مىھمانغا .
  سېلىپ قوياي ئاتمىش سوم ئايدا بىر رەت ھەميانغا،
ھال تارتىشنى كىم قويدى << مالىم>> ئاتلىق ئىنسانغا.
تەربىيەمگە  زېھنىڭنى  خەپ بەرمىسەڭ  قويىۋەت .



ئۆيدە ئەمدى بولمايدۇ تەكشۈرۈشكە تاپشۇرۇق،
يېشىم دەيسەن ئوتتۇزدا بىر يۈزۈڭدە مىڭ قورۇق.
  ئىشلىسەڭمۇ كۈن- تۈنلەپ تاپقان پۇلۇڭ مەنچە يوق ،
بۇ  مېنىڭدىن  ئاخىرقى  قېتىم  بولسۇن يوليۇرۇق.
خىزمەتنى دەپ كىيمىمنى يۇپ بەرمىسەڭ قويىۋەت .



  نېمە   مېنىڭ  ئالدىمدا  ۋەتەن  بىلەن  مىللەت ئۇ ؟
نېمە ئالماي  ماشىنا  نامرات  تاپقان  ھۆرمەت  ئۇ ؟
نېمە سېنى ئەۋلاد دەپ جان كۆيدۈرگەن مېھنەت ئۇ ؟
نېمە تەتىل، ھېيىت دېمەي مەكتەپ باققان خىزمەت ئۇ ؟
يۇمشاق  قۇلاق   بۇ   ئۆيدە  بوپ  بەرمىسەڭ  قويىۋەت .

               
                                         
         2013- يىلى 12- ئاينىڭ 3-كۈنى يەنى  قىزىم ئايتولۇننىڭ قىرقى توشقان كۈنى  شاياردا يېزىلدى                 تېلفۇن  13899261383   چ چ 2358178066

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

2

تېما

23

يازما

25

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 139335
يازما سانى:
23
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
78
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
27 سائەت
تىزىملاتقان :
2016-2-29
ئاخىرقى:
2016-4-2
ۋاقتى: 2016-3-11 23:30:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېرىندىشىم بۇ شېئىرنى كارامەت يېزىپسىز،كۆپ قىرلىق مەزمۇن،جايىدا ئ‍ىشلىتىلگەن تىل،تېتىملىق ئ‍وخشىتىش،ئۆتكۈر ،ئ‍اچچىق قامچا،ياخشى ياخشى،رەھمەت!!

I Am Alive

0

تېما

468

يازما

468

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 112643
يازما سانى:
468
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
813
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
245 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-1-10
ئاخىرقى:
2016-4-2
ۋاقتى: 2016-3-11 23:32:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىئىرگە قاپىيە ۋە تۇرمۇش بەك چىرايلىق سىڭىپتۇ !

بۇنداق ئاياللارنى ھەمراھىم دىگەندىن بويتاق ياشاپ ئۆلگەن ياخشى !

ئاقىلانە مۇھەببەت مۇھەببەت ئەمەس !

ئوماق ئۇكاش

6

تېما

248

يازما

254

جۇغلانما

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 92976
يازما سانى:
248
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
574
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
134 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-3-9
ئاخىرقى:
2016-4-2
ۋاقتى: 2016-3-12 14:36:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چوڭلانىڭ ئىشىغا ئارلاشماي ھە .
ئىسىل چىقىپتۇ

خاتاسوھۋەن تولايارەب كەچۈرگىن،
خاتاسىنى ئالىم كۆرۈپ ئۆچۈرگىن.
خاتاسى بولسابولغاندۇ قەلەمدىن،
خۇداياساقلىغ ئوتلۇق ئەلەمدىن.

7

تېما

1724

يازما

1731

جۇغلانما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 81628
يازما سانى:
1724
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
8427
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
2059 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-6-15
ئاخىرقى:
2016-4-2
ۋاقتى: 2016-3-12 17:38:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىئىرنى ھەقىقەتەن ياخشى يىزىپسىز،   لىكىن ئايال كىشى ھەرقانچە ھازازۇل بوپ كەتسىمۇ يۇقاردا دىيىلگەندەك ئۇنداق ھازازۇل ئەمەستۇ دەپ ئويلايمەن، ئۇنداق بوپ قالسا ئەرنىڭ بىشىغا بالا،

قۇياش نۇرى پاسكىنا يەرگە چۈشكەن بىلەنلا قەدىرسىز بولۇپ قالمايدۇ....

0

تېما

381

يازما

381

جۇغلانما

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 79355
يازما سانى:
381
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
3841
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
216 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-4-26
ئاخىرقى:
2016-3-23
ۋاقتى: 2016-3-12 17:51:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راسلا يەڭگەمگە ئۇۋال قىلدىڭىزمۇ ياكى ئىلھامىڭىز سەۋەپلىك شۇنداق يازغىڭىز كىلىپ يازدىڭىزمۇ بىلمىدىم ! قەلەم كۇچىڭىزگە ئاپىرىن بەك ياخشى چىقىپتۇ !

0

تېما

20

يازما

20

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 126777
يازما سانى:
20
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
98
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
16 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-9-18
ئاخىرقى:
2016-3-21
ۋاقتى: 2016-3-12 18:19:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ شىئىررىڭىزنىڭ قاپىيەلىرىگە ھەقىقەتەن  قايىل بولدۇم ، بىراق بۇنداق شىئىرلار ئەرلەرنىڭ ئەرلىك غورۇرىغا، شۇ كىلىنلەرنى تەربىيلىگەن ئانىلارغا ، ئەشۇ بارلىقىنى ئىرىگە ئاتىغان ئاياللارغا قىلىنغان ھاقارەت.......دەپ قارايمەن
ئەگەر ئايالى راسلا شۇنداق تەلەپلەرنى قويسا تۈزىمەي قاقشاپ يۈرۈش يىگىتلىرتىمىزگە خاس خارەكتىر ئەمەس.......
ئەپۇ قىلىڭ كۆپ سۆزلەپ قويدۇم..

0

تېما

7

يازما

7

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 137557
يازما سانى:
7
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
47
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
14 سائەت
تىزىملاتقان :
2016-2-10
ئاخىرقى:
2016-4-1
ۋاقتى: 2016-3-12 18:27:11 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈتۈننىڭ ئاچچىقىنى مۈرا بىلىدۇ ،بېشىدىن ئۆتكەننى يېزىپتۇ،چاخچاق ھە قالتىس ياخشى

0

تېما

7

يازما

7

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 137557
يازما سانى:
7
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
47
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
14 سائەت
تىزىملاتقان :
2016-2-10
ئاخىرقى:
2016-4-1
ۋاقتى: 2016-3-12 18:28:08 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈتۈننىڭ ئاچچىقىنى مۈرا بىلىدۇ ،بېشىدىن ئۆتكەننى يېزىپتۇ،چاخچاق ھە قالتىس ياخشى چىقىپتۇ رەخمەت سىزگە قۇلىڭىزغا دەت كەلمىسۇن

0

تېما

7

يازما

7

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 137557
يازما سانى:
7
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
47
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
14 سائەت
تىزىملاتقان :
2016-2-10
ئاخىرقى:
2016-4-1
ۋاقتى: 2016-3-12 18:28:09 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈتۈننىڭ ئاچچىقىنى مۈرا بىلىدۇ ،بېشىدىن ئۆتكەننى يېزىپتۇ،چاخچاق ھە قالتىس ياخشى چىقىپتۇ رەخمەت سىزگە قۇلىڭىزغا دەت كەلمىسۇن

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|قاماقخانا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى ( 黔ICP备15011399号 )

GMT+8, 2016-4-2 06:27 PM, Processed in 0.129874 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.
شىنجاڭ مىسرانىم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش