 |
مۇز تۇتقان يۈرەك2 ?" Y/ R/ A5 x! u; b+ u
1 I8 s4 Z) i6 Xئەزىز ئىمىر يانغىن
: j; b h& g! G& Z% q, s0 Y/ | K
* |, ~9 x$ Z9 Z# Jئىنسانلارنىڭ ئارىسىدىكى چىن دوستلۇق ۋە مۇھەببەتنىڭ تۇنجى قەدىمى ھايات مۇساپىسىنىڭ ئەگرى -توقاي يوللىرىدىن باشلانغان بۇلىدۇ . كىشىلىك تۇرمۇشتىكى ئاشۇ ۋەقەلەر تۇلىمۇ قىزىقارلىق ۋە باھار پەسلىدە بەرخ ئۇرۇپ ئېچىلغان رەڭمۇ-رەڭ گۈل -چىچەكلەرگە ئوخشاش ئاجايىپ گۈزەلدۈر . 7 \1 @& F0 F$ a; x
* V5 q/ L2 d' `9 k; g2 m
6 c e. E5 v- n/ O) ? مۇشۇ چاغلارغىچە ھايات سەپىرىمدە نۇرغۇن ئەگرى-توقاي يوللارنى باستىم . ھاياتتىن ،تۇرمۇشتىن رازى بولغان چاغلىرىم ناھايىتى ئاز ، تەلەيسىزلىك ،بەخىتسىزلىك ئاجايىپ نەرسە . ئۇ كۈتۈلمىگەن پەيتتە ئىنساننىڭ بېشىغا ئېغىر -كۈلپەتلەرنى سالىدۇ . بىراۋلار قۇلۇمدىكى بەخىتنى ،ئامىتىمنى تارتىۋالغاندىن كىيىن ،دەردكە پايلىماي ئۆزۈمنى ھەر كويغا سالدىم ، تەنتەكلىك قىلدىم . چۈشكۈنلۈك ، زەئىپلىك مىنى ئۆز نامىمغا لايىق ياخشى پەزىلەتلەردىن مەھرۇم قىلدى . تەنتەكلىك ئارقىلىق دەردىمنى يېنىكلىتىمەن ، ئۆچلەشكەنلەردىن ئۆچۈمنى ئالىمەن دەپ ئويلايتتىم ، بىراق، بەخت مەندىن تېخىمۇ يىراقلاشتى . تۇرمۇشتىن بەھرە ئېلىش ئورنىغا زەربە يىدىم . مەن ھاياتنى ، تۇرمۇشنى ، مۇھەببەتنى كىنو ، ھىكايە -رومانلاردىن كۈرۈپ رومانتىك ھىسياتقا ، شىرىن خىياللارغا بىرىلىپ كەتكەن ئىكەنمەن . رىئاللىقنىڭ رەھمىسز ئىكەنكلىكىنى كىينرەك بىلدىم . ھەممىسىمۇ ئەمەس ، ھەتتا قىسىمەن نەرسىلەرمۇ كۈتكىنىمدىكىدەك بولمىدى . \' P* R: B& W% L' v
كۈزۈمنى ئاچتىم ، ئەينەكتىن ئۇنىڭ ئىستىھىزا ، رەنجىش ئالامىتى چىقىپ تۇرغان چىرايى ئۇچۇق كۈرۈندى ، ۋۇجۇدۇمنى سوغوق تىترەك قاپلىدى ، بەدىنىم مۇزلاپ كىتىۋاتقاندەك بىلىندى ، كۈزۈمنى يۇمۇۋالدىم ، قارىمۇ -قارشى ھىسىيات ، ئاخىرى يوق ، چىگىش ،گادىرماچ خىياللار ئىلكىدە تۇرۇپ قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىنى بىر-بىرلەپ ئاختۇرۇشقا باشلىدىم ...
' |, b1 b, v: B" b( Oئەكبەر ئەينى مەزگىلدە قەلب قەسىرىمگە گۈزەل ، جۇشقۇن ياشلىقنى ،پاك ساقلانغان غۇرۇرى ۋە نۇرغۇن ئالىيجاناپ پەزىلەتلىرى بىلەن كىرىپ كىلىپ، مۇھەببەت تەختىمنى ئىگەللەپ ماڭا نۇرغۇن گۈزەل ئەسلىمىلەرنى بەخىش ئەتكەن ، مىنى ئىشقىدا كۆيدۈرۈپ ، مىھرىدە سۆيدۈرگەن بىردىنبىر كىشى ئىدى . كىيىنكى ئۆزگىرىشلەر بىزنى مەڭگۈ سۈيەلمەيدىغان ، مۇھەببەت ۋىسالىغا مەڭگۈ يىتەلمەيدىغان قىلىپ ئايرىۋەتتى . شۇندىن كىيىن خاتىرجەم ، كۆڭۈللۈك ھاياتىم داۋالغۇپ تەڭپۇڭلىقىنى يوقاتتى ، ئۆزەمنى -ئۈزۈم خارلىدىم ، گۈلدەك زىلۋا بوينىمنى ، نۇرغۇن قىزلاردا ئاز كۈرۈلىدىغان يېقىملىق ، كۆڭۈلنى مەپتۇن قىلغۇچى ناز -كەرەشمىلىرىمنى بەڭباش ، يېڭىلتەك يىگىتلەرنىڭ ئالدىدا كۆز -كۆز قىلدىم ، خۇددىمنى يوقاتتىم ،ئۇنىڭغا بولغان نەپرىتىم مىنى مۇشۇنداق قىلىشقا ، ھاياتتىن يىرگىنىشكە ئېلىپ باردى ... L; i3 _4 D5 {9 F) R
شۇلارنى ئويلاپ ئەسەبىيلىرىم قوزغالدى .نېرۋىلىرىم ھەركەتتىن توختاپ قالىدىغاندەك تۇيۇلدى . لىكىن مەن بۇ شەھەردىن يىراقلاشقانسىرى قايغۇلۇق ئۆتمۈشىمنىڭمۇ مەندىن يىراقلىشىۋاتقانلىقىنى ئويلاپ ئۈزەمنى ھەقىقەتەن يىنىك ،روھلۇق سىزىشكە باشلىدىم . ھاياتقا نىسبەتەن قەلبىمدە يېڭى ئۈمىدلەر تۇغۇلۇشقا باشلىدى ... ! p5 {* ?8 ~/ r5 E! S
تەقدىرنىڭ ئۇيۇنلىرى ئاجايىپلا قىزىق ، ئۆتمۈشۈم ، بۈگۈنۈم ۋە ئەتىكى -مەن ئالدىن بىلەلمەيدىغان تۈرلۈك -تۈمەن نامەلۇملۇقلار مىنى ھەر مىنۇت ،ھەر سائەت تەشۋىشكە سالىدۇ . ھاياتقا تەلپۈنگەنسىرىم ،ھاياتنى قىزغىن سۆيگەنسىرىم ،ھايات ماڭا شۇنچە ئالىيىدۇ ،غەزەپلىنىدۇ . رەھىمسىز تىغلىرىنى كۆتۈرۈپ ئىزگۈ ، يۈكسەك تۇيغۇلارغا باي پاك قەلبىمنى تىلغايدۇ ،پارە -پارە قىلىدۇ .يولسىز ،ناھەق جازالايدۇ .يۈرىكىمدە ھەمىشە زەرداب ، قان ، كۆزلىرىم ئاچچىق ياشقا تولغان مۇشۇ كۈنلەردە ،باشقىلارنىڭ ئىچ ئاغرىتىشلىرى ،ھېسداشلىقلىرى ،تەسەللىي بىرىشلىرىنىڭ قانچىلىك ئەھمىيتى بولسۇن ؟ بۇ خىل ۋاستىلەر تەقدىرىمنى ئوڭشىيالمايدۇ . &;ھەركىم ئۆز تەقدىرىنىڭ قۇرغۇچىسى دىگەن ھېكمەتلىك گەپلەر كىتابلارغىلا پۈتۈلگەن . ئىنسان پەقەت ئارزۇ -ئۈمىد بىلەن تولغان شىرىن خىياللارغىلا خوجايىن ،كۆپىنچە ھاللاردا ئىنسان ئۆز تەقدىرىنىڭ قۇلى بۇلۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن ، ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى تۈرلۈك بېسىم ، زورلۇق ، ساختىلىق ، كۈلكە -خوشامەتلەر يۇشۇرۇنغان ئالدامچىلىق ، سۈيقەست ۋە باشقا ھەرخىل سەلبىي ئامىللار ئىنسانغا دەماللىققا ئۆز تەقدىرىنىڭ قۇلى ئىكەنلىكىنى سەزدۈرمەسلىكى مۇمكىن . ئەگەر ئىنسان بۇنى سەزگەندە ئاشۇ تەقدىر ئىنئام قىلغان چۈشكۈنلۈك ، ئاجىزلىق ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ھەممە نەرسىنى ئاللىقاچان تارتىۋالغان بۇلاتتى ... ئۆز -ئۆزەمگە ئاچچىقلايمەن ، تېرىكىمەن ، نەگە بارسام ، نەدە تۇرسام ، نەگە قارىسام يەنە شۇ ئەر ، ئەر جىنىسلىقلار . مەن دەل مۇشۇنداقلارنىڭ بىرىدىن ،ياق ھەممىسىدىن بىزار بۇلۇپ بۇ يەرگە قېچىپ كەلگەن ئەمەسمىدىم ؟ ئۇلارنىڭ يەنە مىنى ئەخمەق قىلىشىنى ،ئالدىشىنى ، ئازابلىنىشنى ، روھىمدا مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرۇۋاتقان ئازغىنە ھىس -تۇيغۇلىرىمنى يەنە نابۇت قىلىشىنى خالامدىمەن ؟ ئاھ ، خۇدا ! سەن ياراتقان كائىنات شۇنچە كەڭ ، چەكسىز ، بىراق ، ئاشۇ كائىنات قۇچىقىدىن مەن پاتقۇدەكلا بىر پارچە ئۇرۇن بەرسەڭ ، ئۇ ،ئورۇن شۇنچىلىك جىمجىت ،پىنھان ، تىنچ بولسا ... ! x6 ?% |/ b& `, F! h/ B6 W
0 l$ H0 v$ w' r( ]3 h' J
كۈزنىڭ ئاچچىق جۇدۇنلىرىدا ،
4 `# U; X+ Z, ]5 a. gگۈل تۇزۇيدۇ بىر پەسىل -بىر ۋاخ . / a( _7 b3 F' ~9 e9 X9 b) q
مەن ھاياتنىڭ گۈلشەن بېغىدا ، ' l) Y8 Q/ R. @. u5 N
ئېچىلىمەن ھەر پەسىل ،ھەر ۋاخ . " m" J h6 X& y d
/ x `4 { M$ n( f! |% ?" k+ U
ئەسلىدىن ئۆزۈمنى يۇقىرى باھالايتتىم ، غۇرۇرۇمنى كۈچلۈك ھىسابلايتتىم . تاشقى دۇنيادىكى شەيئىلەرنىڭ ،ماڭا بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك باغلىنىدىغان شەيئىلەرنىڭ ئومۇمى ماھىيتىنى تۇلۇق چۈشىنىمەن دەپ قارايتتىم . ئەمدى ئويلانسام بۇ ئۆز -ئۆزەمنى ئالداشتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىكەن ، قۇلۇمدا ئۆزۈمگە باھا بىرىش ھوقۇقى يوق ئىكەن ، شۇلارنى ئويلىغانسىرىم ئۇيقۇم قاچىدۇ .جىمجىت تۈندە ھاياتىمنىڭ ھەربىر كارتىنىلىرىنى قايتىدىن كۆرىمەن ،ئاختۇرىمەن .پەقەت ئۆزىنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى توغرا دەپ مۇتلەقلەشتۈرۋەتمەيدىغان ،ئۆزىگە يۈكسەك ئىشەنچ باغلىيالايدىغان ، تۇرمۇش قاينىمى ،تۇرمۇشىنىڭ تەرەققىياتى جەريانىدا ھەممە نەرسىنى ئەمەلىيەتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكۈزۈشكە ئادەتلەنگەن ئادەملا ئىتىراپ قىلىش بىلەن ئىنكار قىلىشنىڭ دىئالىكتىكىلىق مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلالىسا كىرەك . بۇرۇن يازغان كۈندىلىك خاتىرىمنى كۆرىۋىتىپ ،كۆزۈم مۇنۇ مىسرالارغا چۈشتى : - b; v! z& O( g! g: }% p2 L
$ c2 u2 b, H0 b4 c- u4 j- x4 ~
- a* @+ K7 Q6 U$ |6 [4 Gزارلىنىمەن دەرد -ئەلەملىك كۈنلىرىمدىن ،
1 O6 ^: J- [. L& e$ T! Pچۈنكى ، تەقدىر ماڭا غەمدىن ئىنئام بەرگەن . ' t2 D. l. k+ x" L2 E
گۈللەر تەرسەم ياش بېغىغا ھاياتىمنىڭ ،
4 M& Y0 T: A# K9 dتەقدىر ئاشۇ باغلىرىمغا تىكەن تەرگەن .
, U! b% V) u& O4 `
6 N7 |( Y" o/ R# t1 z; M7 aبەختىم شۇنداق ،ئەگەردە مەن كۆككە باقسام ، : _" c5 C6 Y( J; a3 G, \" m
قاچار كۆكمۇ كۆز يەتكۈسىز يىراقلارغا . " @- P/ { d8 N" C" M2 G
يەرگە باقسام يەرمۇ قاتتىق يېرىلمايدۇ ،
6 U$ w0 ?9 ~2 t. ]6 E( j9 T6 M5 ~1 Qئاھ نە قىلاي ،دىلدىكى دەرد -پىراقلارغا ...؟! & Q2 }3 }/ [: U6 ?
/ C2 Y& @4 X K/ v; n9 `% M
&;ئاھ ، بىچارە خالئاي ،-دېدىم ئۆز -ئۆزۈمگە ،-نىمە ئۈچۈن تەقدىردىن زارلىنىسەن ؟ تەقدىرنى قارغايسەن ؟ ئۆزۈڭنى ئارتۇقچە قىينايسەن ؟... 0 m4 M* b$ u- E0 R; M5 \) R* ?) Y1 X
بىر چاغلاردا ھاياتتىن ،ئۆز تەقدىرىمدىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتەتتىم ، ھاياتنى قىزغىن سۈيەتتىم ، قەلبىمدە ھايات بىلەن تۇرمۇش ،ئىستىقبال بىلەن مۇھەببەت چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەن ، مۇھەببەت ئۆزىنىڭ يالقۇنلۇق ھارارىتى بىلەن مىنى ياشاشىقا ، ياخشى كۈرۈشكە ، ۋاپادار بۇلۇشقا ئۈندەيتتى . بىراق ، ئاشۇ ھەممە ئارزۇ -ھەۋەسلىرىم پايمال قىلىندى، تەقدىر ماڭا رەھىمسىزلىك قىلدى ، تەقدىر ھەققىدە سۆزلىگىنىمدە ئۆزۈمنى ئەكبەرنىڭ ئېچىنىشلىق تەقدىرى بىلەن مۇناسىۋەتسىز دەپ قارىيالمايمەن ،بىراق ، زادى نىمە ئۈچۈن ؟ دىگەن سۇئالغا ئېنىق جاۋابمۇ بىرەلمەيمەن ... خاتىرىنى ئېچىپ ئوقۇشقا باشلىدىم . كاللامدا شىرىن مۇھەببەتلىك ھاياتىم ، ئېچىنىشلىق ،ئازابلىق ئەسلىمەم داۋالغۇشقا باشلىدى ...
+ F p. P7 k5 R% F. T3 p; g6 gئالىي مەكتەپ مىنى خۇشال كۈلكىسى، بەخىتلىك ئەللىيى بىلەن قارشى ئالدى . بۇ تىببىي ئۇنۋىرستقا ئوقۇشقا كەلگىنىمگە ھەش -پەش دىگۈچە بىر يىلدىن ئېشىپ قالدى ، ئۆزۈمنى شۇنداق خۇشال ھىس قىلاتتىم ، قايناق ھاياتىمغا ، بەختىيار تۇرمۇشىمغا ، گۈزەل كەلگۈسىگە ئىشەنچ بىلەن قارايتتىم .
# }; E" j* ?3 g' v+ q# Fبىر كۈنى چۈشلۈك ئارام ئېلىش ۋاقتىدا ياتاقتىكى قىزلار بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتۇق . تۇيۇقسىز دوستۇم سەبىنە :
: [8 K ^; t; [- n( E# C& l/ ?- ئاداش ، بىزنىڭ سىنىپتىكى ئەكبەرنىڭ سەن بىلەن شۇنداق دوست بولغۇسى بار ئىكەن ،-دەپ ئۇنى ئاغزى -ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كەتتى ، ئەكبەرنى تۇنۇمايتتىم ، ھەم &;مەكتەپتىكى مۇھاببەت ، خۇدايىمغا ئامانەت دىگەنگە ئىشىنىپ ئۇنىڭ بىلەن دوست بۇلۇشقا ئۇنچە قىزىقىپمۇ كەتمىدىم .
! F1 N: K+ U; j' [4 eكىيىن بىزنىڭ ياتاقتىكى قىزلار دائىم ئەكبەرنىڭ گىپىنى قىلىدىغان ، ئۇنىڭ كىشنى ئويغا سالىدىغان نۇرغۇن ئالىيجاناپ ئىشلىرىنى ، ھەقىقىي يىگىتلەرگە خاس ئوي -پىكىرلىرىنى ئېيتىدىغان بۇلۇپ قالدى ، دەسلەپ مەندە ھېچقانداق تۇيغۇ بولمىدى ، كىيىن ئۈزەممۇ بىلمەيمەن ، شۇ بالا بىلەن ئۇچرىشىپ ،كۈرۈشكۈم ، قىزلار شۇنداق ماخىتىغۇدەك قانچىلىك يىگىت ئىكەنلىكىنى بىلىپ بېقىش ئىستىكى تۇغۇلدى .
* g$ H. @& S$ E R# i0 Fبىر ئەتىگىنى ئورنۇمدىن تۇرسام قىزلار بىر پارچە سۈرەتكە قاراپ چۇرقۇراشقىلى تۇرۇپتۇ . ' U! {: C& i8 N6 |2 {5 O7 d
- قارا ئاداش ، نىمانداق كىلىشكەن بالا ...
; L7 m/ {7 s5 z, |7 I4 @' R" Z- كۈزى بەك چىرايلىق ئىكەن ، خۇددى ھىندىستاننىڭ كىنو ئارتىسلىرىغا ئوخشايدىكەن ...
9 Q( l F8 O+ Z$ Q6 h7 {$ F2 Eئۇلار مىنىڭ ئورنۇمدىن تۇرغانلىقىمنى كۈرۈپ ،كۈلۈشكىنىچە سۈرەتنى قېشىمغا ئەكىلىپ ماڭا كۆرسەتتى . راست گەپ قىلسام سۈرەتنى كۈرۈپلا تۇرۇپ قالدىم ، ئۇ مىنىڭ خىيالىمدىكىدىنمۇ كىلىشكەن ئىدى ، كەينىگە سىلىق تارالغان قۇيۇق چاچلىرى ئۇنىڭ ياشلىق كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان چىرايىغا ئالاھىدە سالاپەت بېغىشلاپ تۇراتتى ،كۆڭلىكىنىڭ كىراخماللانغان ،ئاپپاق ياقىلىرىنى بىر -بىرىگە مەھكەم جىسىپلاشتۇرۇپ تۇرغان چىپار يوللۇق گالاستۈكى ، كاستيۇمى ئۇنىڭغا تېخىمۇ ياراشقان ، ئويچان كۆزلىرى بىر نۇقتىغا تىكىلىپ تۇراتتى . نىمە ئۈچۈندۇر سۈرەتكە تىكىلىپ قاراپ قاپتىمەن ...
. j* S' }. M; B" E- قانداق ئاداش ؟ كۈرۈشكىڭ كىلىۋاتىدۇ ھە ؟! كىلىشكەنمىكەن ؟! ھا...ھا...ھا...،-سورىدى دوستۇم سەبىنە چىرايىمدىكى ئۆزگىرىشلەرگە قاراپ .
, L) j. Y p& m* _0 k- ئۈزەڭ كۈرىشىۋال ، كىم كۈرىشىمەن دەپتۇ ، ساراڭ ...،- شۇنداق دەپ سۇس كۈلۈمسىرەپ قويدۇم . 4 W% @. a9 C0 @, Z/ W+ |7 A. _8 g
- كۈرۈشۈپ قوي ئاداش ، زىيان تارتمايسەن ، ئۈزى سەن بىلەن دوست بۇلاي دەۋاتسا ..كىيىن بىرەرسىمىز كەلتۈرۋالساق پۇشايمان قىلىپ ،يىغلاپ يۈرمە يەنە ..ھى..ھى...ھى .. ،- ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ مەنمۇ ئۈزەمنى تۇتىۋالالماي كۈلۈۋەتتىم . ; }2 I9 ~! g8 B7 G6 C# A
- يول ئۇچۇق ، بېرىپ كەلتۈرۋالمامسەن ؟ قىزىق ...بۇ گىپىڭنى ماڭا دەپ نىمە قىلىسەن . كىم سەن بىلەن ئەر تالىشىمەن دەپتۇ ...،-بۇ گىپىمدىن ياتاقتىكى بارلىق قىزلار چۇرقىرشىپ كۈلۈپ كەتتى .
v$ p, D7 L1 g8 o( a8 ~$ Cكەچلىك مۇزاكىرىدىن قايتىپ ياتاققا كىتىۋاتسام ،بىرسى مىنى چاقىرىپ قالدى ، ئارقامغا قاراپلا تۇرۇپ قاپتىمەن ، ئەسلى ئەكبەر مىنى ساقلاپ تۇرغان ئىكەن . ئىككىمىز بىللە مەكتەپ ھويلىسىدا كىتىۋاتىمىز . لىكىن كاللام قۇپقۇرۇق ، نىمە دىيىشىمنى بىلمەيمەن . تۇرۇپ -تۇرۇپ ئەكبەرگە كۈزىمنىڭ قۇيرىقىدا قاراپ قۇيىمەن ، ئۇ كۆزلىرىنى ئالدىغا تىككىنىچە خىيال بىلەن كىتىۋاتاتتى ، ئۆزۈممۇ تۇنجى قېتىم بىر يىگىت بىلەن بىللە ئايلىنىپ كىتىۋاتقىنىمدىن خىجىللچىلىققا چۈمۈپ كىتىۋاتاتتىم . چۈنكى سەبىنە يالغاندىن ئەكبەرگە مىنىڭمۇ ئۇنىڭ بىلەن يېقىن دوستلاردىن بۇلۇشقا قۇشۇلىدىغانلىقىمنى دىگەن ئىكەن ، ئەمما شۇ تاپتا ئۇنىڭغا نىمە دىيىشىمنى بىلمەي تۇرىمەن .
7 J$ j4 z. [( H' f& }( |; ~0 K- ئاڭلىسام سىز خوتەندىن ئىكەنسىز ، شۇنداقمۇ ، بىزنىڭ خوتەندە نۇرغۇن تۇققانلىرىمىز بار ،- ئۇ تۇيۇقسىز ئېغىز ئېچىپ شۇنداق دىدى .
x4 l; @1 J: {/ A, F; n& I- ھەئە ،- يەردىن كۆز ئۈزمەي تۇرۇپ جاۋاپ بەردىم ،- سىز ئۈرۈمچىدىنمۇ ؟ + A7 Q6 w u- O4 V: ~ f+ ]7 Q
- ياق ...مەن تۇرپاندىن . ھەراس ئوقۇش پۈتتۈرۈپ خوتەنگە قايتىپ كىتەمسىز ياكى ئۈرۈمچىدە تۇرۇپ قالامسىز ؟
& Y. g8 f8 A7 V$ P/ y- مىنىڭ ئويۇمچە بولغاندا ئۈرۈمچىدە تۇرۇپ قالغۇم بار ، لىكىن ئۆيدىكىلەر قۇشۇلماسمىكىن ... 6 x4 k( b# U' N8 G2 t
- مۇنداق دەڭ ... مەن ئوقۇشنى پۈتتۈرۈپ ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بىرىپ يەنە ئوقۇيمىكىن دەيمەن ، ئۆيدىكىلەرمۇ ئوقۇشۇمنى بەك قوللايدۇ ..بولسا ياخشى ئۇقۇپ چەتئەلگە چىقىپ بىلىم ئاشۇرغۇم بار .
) \! ?1 E, y; F5 Y% pمەنبە: بايقاش مائارىپ تورى: s- } z E0 G+ I* N
6 [/ Q+ d2 H+ y0 ^5 N9 ~5 ^" K2 T8 a' `2 o+ ~! I$ w6 N1 q
|
 |