سەبىر شىركىتى 100 ئائىلىگە خاتىرجەملىك بېغىشلىدى
! n9 w) K P& v2 k$ n 2016- يىلى 4 - مارت چۈشتىن كىيىن غۇلجا شەھەر مىللىي كارخانىچى سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەزاسى كارخانىسى« سەبىر توك سۇ پار قۇراشتۇرۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى » گە سۇ، پار، توك ساھەسىدىكى كەسپىي ئۇستاملار يىغىلغان بولۇپ ، غۇلجا شەھەر قازانچى ئىش باشقارما بىلەن غۇلجا شەھەر ئىلى دەريا ئىش باشقارما تەۋەسىدىكى قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنىڭ توك سۇ پار يوللىرىنى ھەقسىز رېمونت قىلىپ بېرىش، « لېي فىڭ» روھىدىن ئۆگىنىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىپ. ئولتۇراق ئۆي توك لىنىيەسىدە خەتەر بار ئائىلىلەردىن70 گە يېقىن ئائىلىنىڭ ئولتۇراق ئۆي توك لىنىيەسىنىڭ بىخەتەر ھالەتكە كەلگەنلىكىدىن خۇلاسىلەش يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلدى .
/ B% L+ ^$ y; [ v
يىغىلىشقا 30 غا يېقىن كەسپىي خادىم ، 7 نەپەر پىراكتىكا قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچى ۋە ئاساسىي قاتلام رەھبەرلىرى ، گېزىتخانا مۇخبىرلىرى قاتناشتى .
1 s4 X, e8 t4 ?# e; D
سەبىر توك سۇ پار قۇراشتۇرۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، غۇلجا شەھەر مىللىي كارخانىچى سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن، غۇلجا شەھىرىدە بىر ئايدىن بېرى مەخسۇس گۇرۇپپا ئاجرىتىپ «100 نامرات ئائىلىنىڭ ئولتۇراق ئۆي توك لىنىيەسىنى ھەقسىز رېمونت قىلىپ بېرىش ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتى» ئېلىپ بارماقتا ئىدى. بۇ پائالىيەتتە سەبىر توك سۇ پار قۇراشتۇرۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بۇ 100 ئائىلىنىڭ توك يولىنى ھەقسىز رېمونت قىلىش بىلەن بىرگە، ھەر بىر ئائىلىگە 100 يۈەن قىممىتىدىكى توك يولى رېمونت قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ماتېرىيالنى ھەقسىز تەمىنلەش ئېلىپ باردى.
- h, m( e3 R: f R' g! k, s سەبىر توك سۇ پار قۇراشتۇرۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ بۇ ئىللىقلىق پائالىيىتى ئالاقىدار ھۆكمەت تارماقلىرى ۋە جامائەتچىلىك شۇنداقلا ئاممىنىڭ قەلب تارىنى تىترەتتى ۋە ئالقىشىغا ئېرىشتى. بۇنىڭدىن تەسىرلەنگەن ئوخشاش كەسىپتىكى ئۇستاملار، تېخنىك خادىملار ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ غۇلجا شەھەر قازانچى ئىش باشقارما بىلەن غۇلجا شەھەر ئىلى دەريا ئىش باشقارما تەۋەسىدىكى قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنىڭ توك سۇ پار يوللىرىنى ھەقسىز رېمونت قىلىپ بېرىش، « لېي فىڭ» روھىدىن ئۆگىنىش پائالىيىتى تەشكىللەش ئېلىپ باردى.
( k# v# O, f3 N سەبىر توك سۇ پار قۇراشتۇرۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى كىيىنكى قەدەمدىكى چوڭ كۆۋرۈك ، دۆلەتباغ ، دۆڭ مەھەللە ئىش باشقارمىلار چۈشۈرۈپ بېرىدىغان 39 ئائىلىنىڭ توك يوللىرىنى ھەقسىز رېمونت قىلىپ ئېلىپ بارىدۇ.
" v3 T" x3 ~ i9 k& Z
سەبىر توك سۇ پار قۇراشتۇرۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى يۇقىرىقى 100 ئائىلىگە ھەقسىز ياردەم بېرىش پائالىيىتى جەريانىدا تېخنىك خادىملار يەنە نۇرغۇن ئائىلىلەردە توكتىن كېلىدىغان خەۋپىنىڭ يۇقىرىلىقىنى بايقىغان ، شۇڭا مۇناسىۋەتلىك ئىدارە - ئورۇنلار بىلەن ھەرقايسى ئائىلە ئىگىلىرىنىڭ بۇ خىل خەۋپىنىڭ بالدۇرراق ئالدىنى ئېلىشقا كۆڭۈل بۆلۈشىنى سەمىمىي ئەسكەرتىدۇ. شۇنداقلا بۇندىن كىيىن يەنە داۋاملىق ھالدا خەتەرلىك توك يول بۆلەكلىرىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش ، رېمونت ۋە ماتېرىيالدا %10ئەرزان بولۇش پائالىيىتىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرىدۇ.
G; A8 N; V5 Q2 O0 i" C1 A
سەبىر توك سۇ پار قۇراشتۇرۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى
' A8 I9 O) r, Z, U: ~/ B2 }
غۇلجا شەھەر مىللىي كارخانىچىلار ئۇيۇشمىسى
2 I4 L: _+ K8 E/ n$ T
8 F. h5 H! _6 i* F; x
$ p! n/ {. A8 P2 c9 X
8 _$ T3 y, `+ Y3 z4 Z* a8 K& x7 N
/ F4 P3 }* o8 ?7 y/ f& A' _
# ^) T& W% L& I% U9 U
* I' Q% A$ t& g
7 ]/ q% c8 y8 a5 `" N. L
7 D4 x6 i, M, t4 D( [/ V |
) K" l5 L/ f0 B% E* A
0 ]+ {; Y0 ?7 h% z8 H
% X3 R8 ?! t% o0 E
8 [- D+ J# [7 o+ w0 \2 r; h$ U2 l* W
6 O. _' h) g7 R, ?, Y3 c4 F
9 |7 v9 Z; U% L( L, w' ~+ h0 b8 A
! O8 G X' c) [
, Z7 D4 i: N3 O: k+ G+ `2 z