ئىككى شېئىر
ئەرشىدىن مۇھەممەدروزى
مەن ۋە ھايات
مەن نىمىشقا خەت يېزىشقا ئامراقلىقىمنى بىلمەيمەن ،
قانداقلارچە شېئىر يازىدىغانلىقىمنىمۇ ئويلاشمىدىم ،
مېنى مەست قىلغىنى خىياللارنىڭ شېرىنلىكىمۇ ياكى
مۇھەببەتنىڭ لەززىتىمىدۇ
ئايرىيالمايمەن ...
يا ھەممە ئادەملەر ئەقلىدىن ئاداشتى
ياكى مەن .
جىسىملار ھەققىدە سۆزلىمەيمەن .
كۆزۈمنىڭ نەمدەلگەنلىكىنىلا تۇيالايمەن ،
ناشايان سۆيگۈنىڭ چۈشىگە كىرىپ
مۇھەببەتنى قامچىلاپ چىقىمەن .
ماڭا ئايلىنىمەن دېگەن سۆزلىرىڭگە ئىشىنىپ
قۇۋۇرغاڭغا ئايلىنىپ كېتىمەن .
شاماللارنىڭ سۆزلىرىگە ئەگىشىپ
قەبرىستانلاردا ئۇخلاپ قالىمەن .
مەن مانا مۇشۇنداق تەلۋە .
ھېچكىمگە ھېچنىمىنى بىلدۈرۈشنى خالىمايمەن ،
تېنىنى سېتۋاتقان پاھىشىلەرنىمۇ گۇناھكار دېگىم يوق
پارچىلانغان روھلارنىڭ
قايسىدۇر بىر ئالىمنىڭ چۈشىگە كىرىدىغانلىقى ئېنىق ،
ئاددى كۆزلىرىم بىلەن ھېچنىمىنى مۇئەييەنلەشتۈرەلمەيمەن .
پا جىئە بىلەن سۆيۈلۈپ
قاندەك قىزىل كۆزلىرىم بىلەن
كۆمۈردەك قارا يۈرىكىم بىلەن
ئاشقازىنىممىكىن
ئۈچىيىممىكىن …
ئىچىمدە بىر يەرلەرنىڭ ئوڭغۇل دوڭغۇل بوپ كەتكىنىنى ھېس قىلىۋاتىمەن .
مەن شائىر ئەمەس .
خەتتاتمۇ ئەمەس .
رەسساممۇ ئەمەس .
يەتتىنچى ئاسماندا پارە پارە بولۇپ
بولۇڭ پۇشقاقلاردىن ئۆزۈمنى ئىزدەۋاتمەن .
ئەڭ گۈزەل بىر يوقلۇققا پۈتۈن ھاياتىمنى تېگىشىشىم مۇمكىن .
ئۈچىيىمدىكى ئۈمىدلەر بىلەن
كۆزۈمنى يۇمۇپ ياشاۋاتىمەن .
2012-يىلى 15 -فېۋرال ،خوتەن
گۈلۈم بايرىمىمىزغا مۇبارەك بولسۇن
ئەرشىدىن مۇھەممەدروزى
ھەقىقىي ئاشىقلار يېتەلمەيدىغان
ھەم يېتىشنى ئويلىمەيدىغان
بىرلا نەرسە بارمىكىن دەيمەن .
دېگىلى بولمايدىغان .....
مۇتەسسىپ مېڭەمنىڭ قىساسلىرىدا
يوقالغان سۆيگۈنىڭ قىقاسلىرىدا
سۆيىمەن
ئارتۇقچە ئېغىرلىقىمدا
ھامىلدار بولمىغان ئۇزۇن چۈشلەرنى ،
يامان ئۆگىنىپ
رىستۇرانلاردا
قاۋاقلاردا دەسسەۋاتقان
پاھىشىلەرنى .
مەن ئاشىق .
ئاشىقلىقىم ئۈچۈن يالىڭاچمەن
ئاشىقلىقىم ئۈچۈن سەرسانمەن
ئاشىقلىقىم ئۈچۈن بايرام قىلىمەن .
گۈلدەك ئېچىلىپ قۇمدەك توزۇيمەن ....
ئۈزۈمگە ئايان
باش ئايىقى يوق بىر كوچىدا
ئاياغ يىپلىرىمنى سۆرەشتۈرۈپ
يېڭىلمەيمەن دەپلا كېتىۋاتمەن .
قارلار يېغىۋاتىدۇ
يىراق شەھەردە سۆيگەن قىزىمغا شائىرلىقىمنى ئىزدەپ
يالىڭاچ كوچىغا چىقىپ كەتكۈم كېلىۋاتىدۇ .
ئەتىرگۈلدەك قىزىل چىراقلارنى كۆكسۈمگە قاداپ
شۈبھىلەردىن قېچىپ كەتكۈم كەۋاتىدۇ .
ئىپتدائىي ئادەملەردەك
ئۇچرىغان قىزلارغا نىيىتىمنى بۇزغۇم كېلىۋاتىدۇ ...
خەيىر
ئىككى ئىشتانلىق تەلۋە ئاشىقمەن .
ئادەملەر مۇھەببەتنى يوتقاندىن ئىزلىگەن چاغدا
مۇھەببەت يوقىلىشى مۇمكىن
ئاشىقلىق يوقالمايدۇ .
ئاشىقلارغا بايرام بولمايدۇ
ئاشىق مۇھەببەت ئاخىرلاشمايدىغان يولغا ئوخشايدۇ .
گۈلۈم مەن شۇ يولدىن ئۆزۈمنى ئىزدەۋېتىپ سېنى تېپىۋالدىم
ياۋايى خۇيلىرىم بىلەن لېۋىڭنى چىشلەپ
مەڭزىمنى مەڭزىڭگە يېقىۋالدىم .
ھەتتا سەندىن ئايرىلىپ ئۆزۈمنى نەچچە ئۆلتۈرۋالدىم .
ئاخىرى يەنە ئەمدى يېڭىلمەيمەن دەپ كېتىۋاتمەن .
دېمىسىمۇ شۇ
ئارمىزدىكى دەريالار قۇرۇپ كەتتى ،
بىز ئادەم دەپ سانىغانلار ئۆلۈپ كەتتى
تەقدىرگە كۆز يېشى گۇناھكار ئەمەس
دەھشەتلىك سۆيگۈگە كۆمۈلەيلى بىز .
گۈلۈم
بايرىمىمىزغا مۇبارەك بولسۇن
تۆت يىلدىن كېيىن ئەقلىنى تاپقان مۇھەببىتىمىزگە مۇبارەك بولسۇن
ئۇزۇن رىۋايەتلەر نى تۈگەتكەن
بوز يىگىتلىكىمگە مۇبارەك بولسۇن .
گۈلۈم
ماڭا ئىشەن
تاشلار گېپىمىزگە قۇلاق سالمايدۇ
ئاشىقلىقنىڭ يالقۇنلۇق باللادىسىنى
گۆدەكلەر سۆزلەپ تۈگىتەلمەيدۇ
بىز تۈگىتىمىز
ھايات شائىرنىڭ كۈيلىرىگە ئەگىشىپ
ئېچىلمىغان گۈللەرنى ئېچىلدۇرىمىز
2016 يىلى 13 -فېۋرال