مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3674|ئىنكاس: 2

بىل گايتس ئەر-ئايالنىڭ 2016-يىللىق ئوچۇق خېتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

79

تېما

135

يازما

214

جۇغلانما

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 115145
يازما سانى:
135
نادىر تېما :
1
مۇنبەر پۇلى :
1400
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
606 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-3-11
ئاخىرقى:
2016-4-2
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nidayi001 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-10 10:47 PM  


ئامېرىكا <<مىكروسوفت>> شىركىتىنىڭ بەرپاچىسى بىل گايتس ۋە ئۇنىڭ خانىمى مېلىندا گايتسنىڭ 2016-يىللىق ئوچۇق خېتى

توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى


بىل گايتس ۋە مېلىندا گايتس ئەر-ئايال ئامېرىكا ۋاقتى 2016-يىلى 22-فېۋرال كەچتە 2016-يىللىق ئوچۇق خېتىنى ئېلان قىلغان. ئۇلار ئوچۇق خېتىدە ئېنېرگىيە بىلەن ۋاقىتنىڭ مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 2009-يىلىدىن باشلاپ، بىل گايتس بىلەن مېلىندا گايتس ھەر يىلى ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ كەلگەن، بۇ ئارقىلىق بىل گايتس-مېلىندا گايتس فوندىنىڭ يېقىنقى ئەھۋالى، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ خەير-ساخاۋەت ۋە دۇنيانىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى ھەققىدىكى ئويلىرىنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىپ كەلگەن. 2016-يىلىدىكى ئوچۇق خېتى ئىككىيلەننىڭ 8-قېتىملىق ئوچۇق خېتى ھېسابلىنىدۇ.


بىل گايتس ئەر-ئايالنىڭ 2016-يىللىق ئوچۇق خېتىنىڭ تولۇق مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:
ناۋادا سىزنىڭ بىر خىل ئالاھىدە تاشقىرى ئىقتىدارىڭىز بولسا، قانداق ئىقىدارىڭىز بولۇشنى ئۈمىد قىلاتتىڭىز؟
يېقىندا كېنتۇككى ئىشتادىكى بىر قىسىم تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىز ئەر-ئايالدىن بۇ سوئالنى سورىغانىدى. ئۇلار يەنە بىزنىڭ قانداق تاماقنى ياخشى كۆرىدىغىنىمىزنى، بىزنىڭ قايسى خىل ھايۋانغا ئايلىنىپ ئارزۇيىمىز بارلىقىنى، شۇنداقلا بىزنىڭ ئۇسسۇل ئويناشنى بىلىدىغان-بىلمەيدىغانلىقىمىزنى سورىغانىدى.
ئالاھىدە ئىقتىدار توغرىسىدىكى سوئاللارغا بىز ئىنتايىن قىزىقىمىز. مەن ئۇچالىسام، غايىپ بولالىسام، ئالەم بوشلۇقىدىن كېسىپ ئۆتەلىسەم دەيمەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن ياخشى تاللاش بولسا كېرەك.
ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا بىز ھەمىشە بىل گايتس-مېلىندا گايتس فوندىنىڭ خىزمەت رېتىمىغا ۋە ئۈچ بالىمىزنىڭ كۈندىلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن پالاقلاپ يۈرىمىز، بىز ئۇ چاغدا باشقا ئاتا-ئانىلارغا نىسبەتەن بۇنىڭدىنمۇ تونۇشراق جاۋابنى بەرگەنىدۇق. ئۇ بولسىمۇ تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت بىلەن تېخىمۇ كۆپ ئەقىلدىن ئىبارەت.
بىز ئەر-ئايال بۇ يىلىقى مۇشۇ ئوچۇق خەتنى يېزىپ ئولتۇرغىنىمىزدا، بىز دەسلەپكى جاۋاب كاللىمىزدا ئەگىپ يۈرگەنىدى. دەرۋەقە، ھەربىرەيلەن ئۆزىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ۋاقتى ۋە ئەقىللىق بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئەمما بۇ باي، پاراۋان بىر دۆلەتكە نىسبەتەن بىر خىل ئىش بولسا، كەمبەغەل ئائىلىلەرگە نىسبەتەن تامامەن ئوخشىمايدىغان يەنە بىر خىل ئىشتىن دېرەك بېرىدۇ. نامراتلىق پەقەت بايلىقنىڭ كەمچىلىكىلا ئەمەس، بەلكى كەمبەغەللەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ يۇشۇرۇن ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇشتا ئېھتىياجلىق بولىدىغان ئېنېرگىيە كەمچىللىكىدىن ئىبارەت. بۇنىڭ ئىچىدە مۇھىم ئىككى تۈر دەل ۋاقىت ۋە بايلىقتىن ئىبارەت.
بۈگۈنكى كۈندە بىر مىليارد كىشى تۇرمۇشىدا ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنالمايۋاتىدۇ. توك بولمىغاچقا، ئۇلارنىڭ يورۇتۇش ئۈسكۈنىلىرى ۋە ئىسسىنىش ئەسلىھەلىرى، دوختۇرخانا ۋە زاۋۇتلىرى يۈرۈشەلمەيۋاتىدۇ، ئۇلار شۇ ۋەجىدىن تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتىكى تۈمەن خىل پۇرسەتلەردىن مەھرۇم قالماقتا. ئوخشاشلا، ۋاقىتنىڭ يېتىشمەسلىكىدىن نۇرغۇن قىيىنچىلىقلار تۇغۇلىدۇ. بۇ پەقەت بىر كۈندىكى ۋاقىتنىڭ يېتىشمەسلىكى بولماستىن، بەلكى توك يوق ئەھۋالدا، كىشىلەرنىڭ نائىلاج بىر قىسىم مۈشكۈل ئىشلارنىڭ قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ، ئاران كۈن ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
بىزنىڭ بۇ يىلقى ئوچۇق خېتىمىزدە، بىز كۆرۈپ يەتكەن پۇرسەتلەر، بىز سەل قاراپ كېلىۋاتقان رىقابەتلەردىن غالىب كېلىش قاتارلىقلار ھەققىدە توختىلىمىز. بۇ خەت تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا يېزىلغان، چۈنكى بۇ قېيىن مەسىلىلەرنى ئەڭ ئاخىرىدا ئۇلار ھەل قىلالايدۇ.
تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت، تېخىمۇ كۆپ ئېنېرگىيە. بۇنى ئالاھىدە ئىقتىدار نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، خاسىيەتلىك ئادەملەردەك ئاسماندا ئۇچالىغانچىلىك كىشىنى ھاياجانغا سالالماسلىقى مۇمكىن. ئەمما ناۋادا دۇنيادا ۋاقىت ۋە ئېنېرگىيەدىن ئىبارەت بۇ ئىككى خىل ئالاھىدە ئىقتىدار تېخىمۇ كۆپ نامراتلارغا بېرىلگىنىدە، بىز ئىشىنىمىزكى، بۇ ھالدا سانسىزلىغان كىشىلەرنىڭ گۈزەل ئارمانلىرى قاناتلانغان بولاتتى.
بىر كۈندە، سىز ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ تۆۋەندىكى ئىشلارنىڭ بىرىنى بولسىمۇ قىلىسىز: ئۈزچاتنى ئېچىش-ئېتىش، توڭلاتقۇدىن يېڭى يېمەكلىكلەرنى ئېلىش، پارنى تەڭشەش، كومپيۇتېردا تورغا چىقىش قاتارلىقلار.... بۇ ئىشلار سىزگە بەئەينى ئەقەللىي ئىشلاردەك تۇيۇلىدۇ، ئەمما ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئادەتتىكىدەك ئىشلار ئەمەس. بۇ ئىشلاردا قىلغاندا سىز بىر خىل ئالاھىدە ئىقتىدار ___ ھەر ۋاقىت ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئېنېرگىيەنى ئىشلەتتىڭىز. بۇ ئاڭلىماققا تۇتۇرۇقسىز گەپتەك قىلامدىكەن؟ بىز ئويلاپ باقايلى، ناۋادا ئېنېرگىيە بولمىسا، تۇرمۇشىمىز قانداق بولۇپ كېتەر؟ سىز كومپيۇتېر ۋە يانفون ئىشلىتەلمەيسىز، تېلېۋىزۇر كۆرەلمەيسىز ياكى ئويۇنچۇق ئوينىيالمايسىز. سىز يورۇقلۇق، پار ۋە ھاۋا ئالماشتۇرغۇچنىمۇ ئىشلىيەلمەيسىز، ھەتتا ئىنتېرنېت بولمىسا مۇشۇ خەتنىمۇ ئوقۇيالمايسىز.
دۇنيا نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن % 18 ى، يەنى 1 مىليارد 300 مىليون كىشى بۇنداق خىياللارنى قىلمىسىمۇ بولىدۇ. چۈنكى ئۇلار دەل مۇشۇنداق مۇھىتتا ياشىماقتا. تۆۋەندىكى سۈرەتتىكىسى ئالەم بوشلۇقىدىن تارتىلغان ئافرىقىنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسى، بۇ مەنزىرە سىزگە يۇقىرى ھەقىقەتلەرنى بىۋاسىتە ھېس قىلدۇرىدۇ.


يېقىنقى نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، ئافرىقىدا مىسىلسىز تەرەققىياتلار بارلىققا كېلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىدىكى ئېشىشىمۇ ئەڭ تېز رايونلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى، نۇرغۇن زامانىۋى شەھەرلەر، نەچچە مىليونلىغان يانفون ئابونتلىرى بارلىققا كەلدى، ئىنتېرنېتنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى ئۈزلۈكسىز ئاشتى ھەمدە بارغانسېرى ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تاشتى. ئەمما يۇقىرىدىكى رەسىمدىكى يورۇتۇلمىغان توكسىز رايونلاردا كىشىلەر تېخى ئىقتىسادنىڭ گۈللىنىشىدىن بەھرىمەن بولالمىغانىدى. ئەمەلىيەتتە سەھرايى كەبىر، جەنۇبىي ئافرىقىدىكى 1 مىلياردقا يېقىن نوپۇس ئىچىدە، % 70 كىشى قاراڭغۇلۇق ئىچىدە ياشىماقتا، ئۇ يەرلەردە تا ھازىرغىچە توك يوق. ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى يېزىلاردا ياشايدۇ. ئاسىيادىمۇ مۇشۇنىڭدەك مەسىلىلەرنى يولۇقتۇرىمىز. پەقەت ھىندىستاندىلا 300 مىليون كىشى توك يوق مۇھىتتا ياشىماقتا.

ناۋادا يۇقىرىقى سۈرەتتىكى قاراڭغۇ رايونلارنى چوڭايتساق، تۆۋەندىكى سۈرەتتىكىدەك مەنزىرىلەرنى كۆرۈشىمىز مۇمكىن. سۈرەتتىكىسى شام يورۇقىدا ئائىلە تاپشۇرۇقى ئىشلەۋاتقان قىز ئوقۇغۇچى.
ھەر قېتىم مۇشۇنداق سۈرەتلەرنى كۆرگىنىمدە، مەن سەل ھەيران قالىمەن. دەسلەپتە توماس ئېدىسون چوغلانما لامپىنى ئىجاد قىلىپ، كېچىدىمۇ يورۇقلۇقتىن بەھرىمەن بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغانىدى، بۇ ھازىرقى دەۋردىن بىر ئەسىرلەر ئىلگىرىكى ئىش. مەن ھېلىمۇ ياخشى ئۇنىڭ بىر پارچە لايىھەسىنى ساقلاپ قويغىنىمدىن ئىپتىخارلانماقتىمەن، تۆۋەندىكى سۈرەتتە ئۇ قانداق قىلغاندا لامپىنى ئۆزگەرتىش پىلانى سىزىلغان. لايىھە 1885-يىلى سىزىپ چىقىلغان. ئەمما، دۇنيادا يەنە بىر قىسىم جايلاردىكى كىشىلەر يەنىلا كۈتۈۋاتقان بولۇپ، ئۇلار قاچانلاردا ئېدىسوننىڭ بۇ كەشپىياتىدىن بەھرىمەن بولىدىغىنىنى بىلمەيدۇ.

ناۋادا مەن كېيىنكى قەدەمدە ئەڭ نامرات كىشىلەرگە ياردەم بەرمەكچى بولسام، ئۇنداقتا مەن بىر خىل ئەرزان، پاكىز ئېنېرگىيە بىلەن بىزنىڭ ماكانىمىزنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلىگەن بولاتتىم.
سىلەر بەلكىم مۇنداق ئويلىشىڭلار مۇمكىن: <<كىشىلەر ساغلام بولماي تۇرۇپ، يېتەرلىك ئوزۇقلۇق تاپالارمۇ؟ ئەجەبا بۇ نۇقتا مۇھىم ئەمەسمىدۇ؟>> دۇرۇس، بۇ نۇقتا شەكسىزكى ئىنتايىن مۇھىم، بىل گايتس-مېلىندا گايتس فوندىمۇ ئىزچىل ھالدا جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق ئۇلارغا ياردەم بېرىپ كېلىۋاتىدۇ. ئەمما ئېنېرگىيە بۇ ئىشلارنى تېخىمۇ ئاددىيلاشتۇرالايتتى. ئۇ دوختۇرخانىلارنى يۈرۈشتۈرگىلى بولىدىغانلىقىدىن، مەكتەپلەرنى يورۇتۇش ئىمكانىيىتى بارلىقىدىن، كىشىلەرنىڭ تىراكتورلاردىن پايدىلىنىپ تېخىمۇ ئاشلىق يىغالايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
سىلەر تارىخ دەرسىنى ئويلاپ بېقىڭلار. ناۋادا مەن بىر جۈملە بىلەنلا تارىخنى خۇلاسىلىسام، ئۇ دەل: <<تۇرمۇشنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرۈش ھەرقانداق چاغدا ھەرقانداق ئادەمگە نىسبەتەن ھامان مۇشۇنداق بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمىسىمۇ، ئەمما كۆپ قىسىم كىشىلەرگە نىسبەتەن دەرۋەقە شۇنداق.>> بۇنىڭ ئارقىسىدىكى سەۋەب دەل ئېنېرگىيەدۇر. نەچچە مىڭ يىللاردىن بېرى، كىشىلەر ياغاچلارنى كۆيدۈرۈپ ئېنېرگىيە ھاسىل قىلىپ كەلدى. ئومۇمەن ئېيتقاندا، ئۇ چاغلاردا كىشىلەرنىڭ ئۆمرى بەك قىسقا، تۇرمۇش بەكلا جاپالىق ئىدى. ئەمما بىز 19-ئەسىردىن باشلاپ كۆمۈر ئىشلىتىشكە باشلىغاندىن كېيىن، تۇرمۇشىمىزدا تېزلىكتە ئۆزگىرىشلەر بولدى. كېيىن بىز يەنە توك چىراغ، توڭلاتقۇ، ئاسمان-پەلەك بىنالار، لىفىت، ھاۋا تەڭشىگۈچ، ماشىنا، ئايروپىلان، يەنە باشقا تۈرلۈك زامانىۋى تۇرمۇشنى تەشكىل قىلىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئېرىشتۇق.
كەمبەغەللەر ئېنېرگىيەگە ئېرىشىشكە ئامالسىز قالغاچقا، زۇلمەت قاراڭغۇلۇقتا ئېلېكتىر كۈچى ئېلىپ كەلگەن بارلىق ياخشى پۇرسەتلەردىن مەھرۇم ھالدا ياشىماقتا. شۇ ۋەجىدىن، ناۋادا بىز ھەقىقەتەن دۇنيادىكى ئەڭ نامرات ئائىلىلەرگە ياردەم بەرمەكچى بولساق، بىز ئۇلارنىڭ ئەرزان، پاكىز ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدىغان بىر خىل ئۇسۇلغا مۇھتاج بولىمىز. ئەرزان بولۇشنى تەكىتلىگىنىمىزدە، ھەربىرەيلەن چوقۇم بۇ خىل ئېنېرگىيەنى ئىشلىتەلەيدىغان بولۇش دېمەكتۇر، پاكىزلىقنى تەكىتلىشىمىزدە، بۇ خىل ئېنېرگىيە كاربون تۆت ئوكسېد قويۇپ بەرمەيدىغان بولۇش كېرەك دېگەنلىكتۇر. كاربون تۆت ئوكسېد كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ ئەشەددىي قاتىلىدۇر.
مەن سىلەرنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ئالاقىدار مەزمۇنلارنى ئوقۇغانلىقىڭلارغا ئىشىنىمەن، بەلكىم مەكتەپتە شۇنىڭغا ئالاقىدار بىلىملەرنى ئۆگەنگەنسىلەر. سىلەر بەلكىم كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ ئۆزەڭلارغا قانداق تەسىر ئېلىپ كېلىدىغانلىقىدىن ئەنسىرەۋاتقان بولۇشۇڭلار مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ ئەڭ ئېغىر زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار دەل دۇنيادىكى ئەڭ نامرات كىشىلەردۇر. مىليونلىغان نامرات ئائىلىلەر دېھقانچىلىق بىلەن تۇرمۇشىنى قامدايدۇ. ھاۋانىڭ ئۆزگىرىشى ئادەتتە ئۇلارنىڭ زىرائەتلىرىنىڭ ياخشى ئۆسمەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، چۈنكى يا يامغۇر ئاز ياغىدۇ، يا ھۆل-يېغىن بەك كۆپ بولۇپ كېتىدۇ. بۇلار ئۇلارنىڭ نامرات تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ئېغىر ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. بۇ ئۇلارغا نىسبەتەن بەكمۇ ئادالەتسىزلىك، چۈنكى كاربون تۆت ئوكسېدنى ئۇلار ئىنتايىن ئاز قويۇپ بەرسىمۇ، ئەمما كاربون تۆت ئوكسېد دەل بۇ مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قاتىلدۇر.

ئالىملارنىڭ قارىشىچە، ناۋادا كىلىمات ئۆزگىرىشىدىن ئىبارەت بۇ تېراگېدىيەلىك ئۆزگىرىشتىن ساقلىنىشتا، يەرشارى چوقۇم 2050-يىلىدىن بۇرۇن پارنىك گازى قويۇپ بېرىشنى % 80 ئازايتىشى ھەمدە مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن تەلتۆكۈس يوقىتىش كېرەككەن.
مەن بۇ قاراشنى تۇنجى قېتىم ئاڭلىغاندا، بەكلا چۆچۈپ كەتكەنىدىم. <<ئەجەبا كاربون قويۇپ بېرىشنى % 50 ئازايتساقمۇ بولماسمۇ؟>> مەن ئالىملاردىن بۇ خىلدىكى سوئاللارنى جىق سوراپ كەتتىم. ئەمما ئۇلار بۇنداق قىلغاندا پەقەت يېتەرلىك بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. مەسىلە كاربون تۆت ئوكسېدنىڭ ئاتموسفرادا نەچچە ئون يىللاپ تۇرۇپ قالىدىغانلىقىدا. بىز ئەتىدىن باشلاپ كاربون قويۇپ بېرىشنى توختاتقان تەقدىردىمۇ، ئىلگىرى قويۇپ بەرگەن كاربون تۆت ئوكسېد تۈپەيلىدىن تېمپېراتورا داۋاملىق ئۆرلەۋېرىدىكەن. شۇڭا % 50 ئازايتىشقا قەتئىي بولمايدىكەن، بىز شۇڭا تامامەن ئازايتىشقا، ھەتتا نۆل چەككە چۈشۈرۈشكە مۇھتاجمىز.
بۇ بىر ئاجايىپ زور رىقابەتتىن دېرەك بېرىدۇ. 2015-يىلى، پۈتۈن دۇنيادا 36 مىليارد توننا كاربون تۆت ئوكسېد قويۇپ بېرىلگەن. بۇنداق سانلار كىشىنى چۆچۈتىدۇ. بىز قانداق قىلغان بۇ 36 مىليارد توننا دېگەن غايەت زور ساننى نۆلگە چۈشۈرەلەيمىز؟
ھەر قېتىم بۇ قىيىن مەسىلىنى ئويلىغىنىمدا، مەن ھەمىشە ئۆزۈم ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان پەن ___ ماتېماتىكىغا مۇراجىئەت قىلىمەن. ماتېماتىكا ماڭا نىسبەتەن ھەمىشە كۆڭلى نېمىنى خالىسا، قولى شۇنى قىلىدىغان دوستقا ئوخشايدۇ، گەرچە مەن ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا نەتىجەم ئانچە ياخشى بولمىسىمۇ، ئەمما مەن ماتېماتىكىغا قىزىقىمەن. ماتېماتىكا مېنى نۇرغۇن شاۋقۇن-سۈرەنلەرنى دالدىلاپ، ماڭا مەسىلىلەردىكى ئەڭ تۈپ ئامىللارنى تېپىشىمغا ياردەم بېرىدۇ.
كىلىمات ئۆزگىرىشى دەل ئەتراپتىكى نۇرغۇن شاۋقۇن-سۈرەنلەرنى مەۋجۇت بولۇش مەسىلىسىدۇر. بەزىلەر بۇ مەسىلىنىڭ ئۆزىدە مەۋجۇتلۇقىنى تەن ئالمايدۇ. بەزىلەر كۆز ئالدىدىكى خېيىم-خەتەرنى بەكلا مۇبالىغا قىلىۋېتىدۇ. مېنىڭ ئويلايدىغىنىم بىر تەڭلىك ئارقىلىق كاربون تۆت ئوكسېد قويۇپ بېرىشنى نۆللەشتۈرۈشنى قانداق قىلىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى چۈشەندۈرۈشكە ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت. بۇ مەۇ ئويلاپ چىققان تەڭلىك:

(بۇنىڭدىكى P ئۆرلەۋاتقانلىقىنى، S ئۆرلىشى كېرەكلىكىنى، E ئازراق چۈشكەنلىكىنى، C مۇھىم ھالقىنى، CO2 نۆللەشتۈرۈش كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ.)

بەلكىم سەل مۇرەككەپرەك كۆرۈنگەندۇ؟ ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس.
تەڭلىكنىڭ ئوڭ تەرىپى بىزنىڭ ئاتموسفراغا قويۇپ بەرگەن كاربون تۆت ئوكسېدنىڭ مىقدارىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. بىز بۇ ساننى نۆللەشتۈرۈشكە مۇھتاجمىز. بۇ تەڭلىكنىڭ سول تەرىپىدىكى تۆت ئامىل: دۇنيا ئومۇمىي نوپۇسى (P)، ھەربىرەيلەن ئىشلەتكەن مۇلازىمەت (S)، تۈرلۈك مۇلازىمەتلەرگە سەرپ قىلىنىدىغان ئېنېرگىيە (E)، ئەڭ ئاخىرقىسى بۇ ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقارغان كاربون تۆت ئوكسېد (C) قاتارلىقلارغا باغلىق بولىدۇ.
سىلەر ماتېماتىكا دەرسىدە ھەرقانداق ساننى نۆلگە كۆپەيتسە نەتىجىسى نۆل بولىدىغانلىقىنى ئۆگەنگەن. شۇڭا ناۋادا كاربون تۆكسېدنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنى نۆللەشتۈرەلىسەك، تەڭلىكنىو سول تەرىپىدىكى تۆت ئامىلدىكى ھېچبولمىغاندا بىرسى بولسىمۇ نۆللەشكەن بولاتتى. بىز ئۇلارنى سىناق قىلىپ قانداق نەتىجە چىقىدىغانلىقىغا قاراپ باقايلى. دۇنيا ئومۇمىي نوپۇسى (P) نۆۋەتتە يەتتە مىليارد بولۇپ، 2050-يىلىدىن بۇرۇن توققۇز مىلياردقا يېتىشى مۇمكىن. بۇ بىر تۈرنى نۆللەشتۈرۈش مۇمكىن ئەمەس. كېيىنكى قەدەمدە مۇلازىمەتكە قاراپ باقايلى. بۇ بارلىق شەيئىلەرنى، يەنى يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك، ئىسسىنىش، تۇرالغۇ، ئاپتوموبىل، تېلېۋىزۇر، چىش پاستىسى، ئېلمو ئويۇنچۇقى، تايلور سۋىفتنىڭ مەخسۇس پىلاستىنكىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ تۈردىكى سانلىق قىممەتلەرنى مەن ئىلگىرى نامرات دۆلەتلەردە داۋاملىق ئۆرلەۋاتقانلىقىنى ئېيتقان، بۇنداق بولغاندا ئۇ يەردىكى كىشىلەر توك چىراغ، توڭلاتقۇ ۋە باشقا نەرسىلەرنى ئىشلىتەلەيدۇ. شۇڭا، (S)نىمۇ نۆللەشتۈرۈش مۇمكىن ئەمەس.
بىز ئەمدى تۈرلۈك مۇلازىمەتلەرگە سەرپ قىلىنىدىغان ئېنېرگىيە (E)گە قاراپ باقايلى. بۇ تۈرلۈك مۇلازىمەتلەر ئېھتىياجلىق بولىدىغان ئېنېرگىيەگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇ جەھەتتە بىر قىسىم ئىلگىرىلەشلەر بولدى. ئېنېرگىيە تېجەيدىغان ئاپتوموبىل، LED چىراغ ۋە باشقا كەشپىياتلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ ئېنېېگىيەدىن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر، بەلكىم سىزمۇ شۇنىڭ ئىچىدە بولۇشىڭىز مۇمكىن، ھامان ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇش شەكلىنى ئۆزگەرتىش ھېسابىغا ئېنېرگىيە تېجەيدۇ. ئۇلارۋېلسىپىت مىنىش ۋە بىر ماشىنىغا ئولتۇرۇش قاتارلىقلار ئارقىلىق ماي تېجەيدۇ، پارنى بىر نەچچە گىرادوس تۆۋەنگە تەڭشەپ قويىدۇ ھەمدە ئۆيلەرگە ئىسسىقلىق ساقلاش قەۋىتى ئورنىتىدۇ. بۇ تىرىشچانلىقلارنىڭ ھەممىسى ئېنېرگىيەنى ئاز ئىشلىتىشىمىز ياردەم بېرىدۇ.
ئەمما ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، بۇنىڭدا ئېنېرگىيە ئىشلىتىشنى نۆللەشتۈرۈشكە بولمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، نۇرغۇن ئالىملار بىردەك 2050-يىلىغا بارغاندا، بىز ئىشلەتكەن ئېنېرگىيەنىڭ ھازىرقىدىن % 50 ئېشىپ كېتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇڭا، ئالدىنقى ئۈچ ئامىل، يەنە نوپۇس، مۇلازىمەت ۋە ئېنېرگىيەنى نۆللەشتۈرۈش مۇمكىن ئەمەس. ئۇنداقتا پەقەت ئەڭ ئاخىرقى بىر ئامىل كاربون تۆت ئوكسېد (C)، يەنى ھەر بىرلىك ئېنېرگىيەنىڭ كاربون قويۇپ بېرىش مىقدارى قالدى. سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى ۋە يادرو ئېنېرگىيەسىدىن باشقا، دۇنيادىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم ئېنېرگىيە كۆمۈرگە ئوخشاش مۇشۇنداق تاشقا ئايلانغان يېقىلغۇلاردىن شەكىللەنگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ يېقىلغۇسى غايەت زور مىقدارىدا كاربون تۆت ئوكسېد ئىشلەپچىقىرىدۇ. ئەمما بۇ جەھەتتىمۇ بىر قىسىم ئىلگىرىلەشلەر بارلىققا كەلدى. يېڭى يېشىل پەن-تېخنىكا دۇنيانىڭ قۇياش ئېنېرگىيەسى ۋە شامال ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ تېخىمۇ كۆپ كاربونسىز ئېنېرگىيەنى ئىشلىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. بەلكىم سىز تۇرۇۋاتقان جاينىڭ ئەتراپىدا شامال كۈچى ئېلېكتىر ئىستانسىسى باردۇ ياكى سىزنىڭ مەكتىپىڭىزنىڭ ئەتراپىدا قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارىيە تاختىسىنى كۆرگەنسىز.
بۇ تېخنىكىلار بارغانسېرى ئەرزانلىشىپ، ئۇلاردىن پايدىلىنىدىغان كىشىلەرمۇ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ، بۇ بىر ياخشى ئىش. بىز مۇۋاپىق جايلاردا بۇنداق تېخنىكىلاردىن تېخىمۇ كۆپ پايدىلىنىشىمىز كېرەك. مەسىلەن: قۇياش نۇرى تولۇق چۈشىدىغان ياكى شامال كۈچى يېتەرلىك مەلۇم جايلاردا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئەمما كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرىمىز دەيدىكەنمىز، ئېنېرگىيەنى ھەربىرەيلەنگە نىسبەتەن ئادىل تەقسىملەش كېرەك، بىز بۇ جەھەتتە بىر قىسىم كەشپىياتلارغا مۇھتاج.
نېمىشقا؟ چۈنكى پەقەت ھاۋا ئوچۇق بولسىلا، شامال چىقىۋېرىدۇ، قۇياش ئېنېرگىيەسى ۋە شامال ئېنېرگىيەسىمۇ توختىماي شەكىللىنىۋېرىدۇ، ئەمما بۇلۇت كۆپ چاغلاردا، كېچىلەردە ياكى شامالسىز ئەھۋاللاردا كىشىلەر يەنىلا مۇقىم ئېنېرگىيەگە مۇھتاق بولىدۇ. بۇ ئېلېكتىر شىركەتلىرىنىڭ ئادەتتە قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيەلەرنى ئىشلەتكىلى بولمىغاندا، بەئەينى كۆمۈر ياكى تەبىئىي گازدەك تاشقا ئايلانغان يېقىلغۇلارنى ئىشلىتىپ داۋاملىق توك چىقىرىدىغانلىقى، بۇنىڭ پارنىك گازى ئىشلەپچىقىرىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ناۋادا بىزنىڭ بىر يۈرۈش قۇياش ئېنېرگىيەسى بىلەن شامان ئېنېرگىيەسىنى ساقلايدىغان سىستېمىمىز بولسا، ئەلۋەتتە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرەلىگەن بولاتتۇق. ئەمما نۆۋەتتىكى ئەڭ ياخشى ئېنېرگىيە ساقلاش ئۈسكۈنىسى دەل توك قاچىلىغىلى بولىدىغان باتارىيە بولۇپ، باھاسى سەل قىممەت. لىتىي ئىئونلۇق باتارىيە يەنىلا نۆۋەتتە ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك توك قاچىلىغىلى بولىدىغان باتارىيە ھېسابلىنىدۇ. ناۋادا تېخىمۇ كۆپ توك ساقلاپ، ئۆيلىرىمىزدىكى بارلىق ئەسلىھەلەرنى بىر ھەپتە توك بىلەن تەمىنلەيمىز دېسەك، چوقۇم غايەت زور بىر باتارىيە تەييارلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ، بۇ سىزنىڭ توك خىراجىتىڭىزنى ئەسلىدىكىدىن ئۈچ ھەسسە كۆپەيتىۋېتىدۇ. شۇڭا، بىز تېخىمۇ زور، تېخىمۇ ئىقتىسادچان ھەل قىلىش لايىھەسىگە مۇھتاج بولماقتىمىز. ئاددىي ئېيتقاندا، بىز بىر ئېنېرگىيە مۆجىزىسىگە مۇھتاج بولماقتىمىز.
مېنىڭ <<مۆجىزە>> سۆزىنى تىلغا ئېلىشىم ھەرگىزمۇ مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلارنى دېمەكچى ئەمەسمەن. مەن ئىلگىرى شەخسىي كومپيۇتېر، ئىنتېرنېت، بالىلار پارالېچ كېسىلى ۋاكسېنىسى قاتارلىق <<مۆجىزە>>لەرنىڭ بارلىققا كېلىشىگە شاھىد بولغانىدىم. بۇلارنىڭ بارلىققا كېلىشى ھەرگىزمۇ تاسادىپىي ئەمەس، بەلكى بۇ ئىنسانلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىغا مەنسۇب. ئەمما بۇ مەسىلىدە، بىز ساقلاپ بولالمايمىز. ھەر كۈنى بىز ئاتموسفراغا بارغانسېرى كۆپ كاربون تۆت ئوكسېد قويۇپ بېرىۋاتىمىز، بۇ كىلىمات ئۆزگىرىشى مەسىلىسىنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرۇۋېتىدۇ. ناۋادا بىز بۇ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن كاربوننى نۆللەشتۈرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرالىساق، ئۇنداقتا بىز تالايلىغان ئامال-چارىلەرگە، يەنى زور تۈركۈمدىكە تەتقىقاتلارغا مۇھتاج بولىمىز.
بىر خىل ھەل قىلىش لايىھەسىدە يېڭى ئۇسۇللار تېپىلدى، يەنە ھەربىرەيلەننى قۇياش ئېنېرگىيەسى ۋە شامال ئېنېرگىيەسى بىلەن 24 سائەت توختىماي تەمىنلەپ تۇرۇشتىن ئىبارەت. بەزى كاتتا كەشپىيات تەسەۋۋۇرلىرى بىزنى ھاياجانغا سالدى، مەسىلەن: بىز قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ بىر خىل يېقىلغۇ ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى تاپالىساق، بۇ بەئەينى ئۆسۈملۈكلەر قۇياش نۇرىدىن ئۆزىنى ئوزۇقلاندۇرغىنىغا ئوخشايتتى. گەرچە نۇرغۇن مۇشۇنداق خىياللار رېئالىققا ئايلانمىغان بولسىمۇ، ئەمما ھېچقىسى يوق. ھەر قېتىم تۇيۇق يولغا تۇتاشقان جەريانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بىزگە ئەلۋەتتە پايدىسى بار، ئەلۋەتتە. خۇددىي توماس ئېدىسون ئېيتقان: <<مەن تۈمەن قېتىملاپ مەغلۇب بولمىدىم، بەلكى تۈمەن خىل ئوخشىمايدىغان ئۇسۇلنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بايقىدىم>> دېگەندەكلا بىر گەپ. ئەمما نەچچە مىڭلىغان ئوخشىمايدىغان ئۇسۇلنى تېپىشتا، ئالدى بىلەن نەچچە مىڭلىغان خىياللارنى قىلىپ بېقىش كېرەك. بىز بۇ جەھەتتە يەنىلا تەلەپتىن خېلىلا يىراق.

ھۆكۈمەت يېڭى تەرەققىياتقا ئىلھام بېرىش جەھەتتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئويناۋاتىدۇ، باشقا پەن-تەتقىقاتىغىمۇ ئوخشاش. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى راك كېسىلىنى داۋالاش ۋە ئاي شارىغا چىقىشتا بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى مەبلەغ بىلەن قوللاپ كەلدى. ناۋادا سىز ئىنتېرنېت ئارقىلىق بۇ ئوچۇق خەتنى ئوقۇۋاتقان بولسىڭىز، سىزمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە رەھمەت دېسىڭىز بولىدۇ، چۈنكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مەبلەغ بىلەن قوللىشى ئارقىلىق ئىنتېرنېت قاتارلىق تەتقىقات تۈرلىرى بارلىققا كەلگەن. ئەمما ئېنېرگىيە تەتقىقاتىدا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ. نېفىت ئىلگىرى پۈتۈن دۇنيانى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشنىڭ % 5 نى ئىگىلەيتتى، كېيىن % 25 كە چىققان، بۇ جەريانغا 40 يىل ۋاقىت كەتكەن. ئەمما بۈگۈنكى كۈندە، شامال ئېنېرگىيەسى ۋە قۇياش ئېنېرگىيەسىدەك بۇنداق قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە پۈتۈن دۇنيا ئېنېرگىيەسىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى % 5 كىمۇ يەتمەيدۇ. شۇڭا بىز ھازىردىن باشلاپ ھەرىكەتلىنىشىمىز كېرەك. يېقىندا، مەن 23 نەپەر پۇقرا بىلەن بىرلىكتە بىر تۈرنى يولغا قويۇشتا ھەمكارلاشتىم. بۇ ھۆكۈمىتىمىزنىڭ بىر نەچچە دۆلەتتە ئېلىپ بېرىۋاتقان تەتقىقاتنى تولۇقلاش رولىنى ئوينايدۇ. ھەر ئىككىلىسىنىڭ مەقسىتى ئېنېرگىيە مۆجىزىسى يارىتىشتىن ئىبارەت. سىز بەلكىم ئۆزىڭىزنىڭ قاندقا ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىڭىز ھەققىدە ئويلىنىۋاتقانسىز؟
ئالدى بىلەن، ھەربىرەيلەنگە ئېنېرگىيە رىقابىتىنى چۈشەندۈرۈش كېرەك، بۇ نۇقتا ئىنتايىن مۇھىم. نۇرغۇن ياشلار كىلىمات ۋە ئېنېرگىيە مەسىلىلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىشقا باشلىدى. سىلەر تارىختىكى دۇنياۋى نەزەرگە ئىگە بىر ئەۋلاد، دۇنيادىكى مەسىلىلەرگە چېگرا ھالقىغان نەزەر بىلەن مۇئامىلە قىلالايسىلەر. بۇ كەلگۈسىدىكى نەچچە ئون يىلدا بىزنىڭ تىرىشىش ئارقىلىق دۇنياۋى ھەل قىلىش لايىھەسىنى تېپىشىمىزغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىر قىممەتلىك بايلىق ھېسابلىنىدۇ. ئىككىنچىدىن، ناۋادا سىز بىزنىڭ ئېنېرگىيە رىقابىتىگە قارىتا ئازراق باشقىچە خىياللىرىڭىز بولسا، ئۇنداقتا دۇنيانىڭ سىزگە ئېھتىياجى بولغان بولىدۇ. سىز ماتېماتىكا ۋە باشقا پەنلەردە بەكرەك تىرىشىڭ. سىز بەلكىم جاۋاب تاپالىشىڭىز مۇمكىن.

__ بىل گايتس، مېلىندا گايتس
(قىسقارتىلدى)




ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

1

تېما

123

يازما

124

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 89197
يازما سانى:
123
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
364
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
196 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-12-27
ئاخىرقى:
2016-3-12
ۋاقتى: 2016-3-13 00:35:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىككىنچىدىن، ناۋادا سىز بىزنىڭ ئېنېرگىيە رىقابىتىگە قارىتا ئازراق باشقىچە خىياللىرىڭىز بولسا، ئۇنداقتا دۇنيانىڭ سىزگە ئېھتىياجى بولغان بولىدۇ. سىز ماتېماتىكا ۋە باشقا پەنلەردە بەكرەك تىرىشىڭ. سىز بەلكىم جاۋاب تاپالىشىڭىز مۇمكىن.!!!.

ھەقىقەتەن ياخشى يىزىلىپتۇ.

دىلى كور ئادەم ن

30

تېما

334

يازما

364

جۇغلانما

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 5079
يازما سانى:
334
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
14454
تۆھپە :
545
باھا :
433
توردا:
3248 سائەت
تىزىملاتقان :
2010-7-29
ئاخىرقى:
2016-4-1
ۋاقتى: 2016-3-14 15:00:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىدائى قېرىندىشىمىزنىڭ مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك تېمىلارنى داۋاملىق تەرجىمە قىپ تۇرۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

بابۇر بىر مەشھۇر پادىشاھ ۋە ھەربى قۇماندان،  ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﺍﺗﻮﺭ،   1483 - ﻳﯩلى ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|قاماقخانا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى ( 黔ICP备15011399号 )

GMT+8, 2016-4-2 04:09 AM, Processed in 0.117192 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.
شىنجاڭ مىسرانىم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش