مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5221|ئىنكاس: 4

شىنجاڭ كوماندىسى لى چىيۇپىڭ بىلەن بىلاتچىدىن كىمنى تاللايدۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

333

تېما

415

يازما

748

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 98195
يازما سانى:
415
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
1811
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
809 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-9-25
ئاخىرقى:
2016-3-30

    2345_image_file_copy_2.jpg
  شىنجاڭ كوماندىسى بۇ مۇسابىقە پەسلىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە 0-3نەتىجە بىلەن سىچۈەن كوماندىسى تەرىپىدىن شاللىۋېتىلگەندىن كىين، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ باش مەشقاۋۇلى لى چيۇپىڭ تاراتقۇلارغا كوماندىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ساقلانغان بىر قاتار مەسىلە ۋە ئىچكى زىدىيەتلەرنى ئاشكارلىدى. كوماندىدىكى ئىچكى زىدىيەتلەر ئاشكارلانغاندىن كىيىن، تاراتقۇلار ۋە توپ مەستانىلىرىنىڭ مۇنازىرە قىلىدىغان قىزىق نوقتىسىغا ئايلاندى.
  لى چيۇپىڭ بىلەن بىلاتچى بولسا، بىرى شىنجاڭ كوماندىسى ئالاھىدە  تەكلىپ قىلىپ ئەكەلگەن داڭلىق مەشقاۋۇل، يەنە بىرى كوماندىسىنىڭ غوجىسى بولغان ھەمدە ئۈچ يىللىق كېپىللىك توختام تۈزگەن كۈچلۈك چەتئەللىك ماھىر، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۇلار سىغىشالماس ھالەتكە چۈشۈپ قالدى. لى چيۇپىڭ مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا ئاشكارە ھالدا بىلاتچىنى ئەيىبلەپ ، پۈتۈن مۇسابىقە پەسلىدە ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىدۇ لېكىن كۈچ چىقارمايدۇ دېدى، ئەگەر ئۇ ئۆزگەرمىسە ئۇنى ئالماشتۇرۇشتىن باشقا ئامال يوق.بىراق، بىلاتچى مەسلىسى ئۇنداق ئاددى مەسىلە ئەمەس، بىلاتچى بۇ مۇسابىقە پەسلى باشلىنىشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن ئۈچ يىللىق كېپىللىك توختام تۈزدى، ئەگەر ئۇ راستىنلا كوماندىسىدىن ھەيدەلسە، شىنجاڭ كوماندىسى بىلاتچىگە يەنە ئىككى يىللىق مائاشىنى قوشۇپ بېرىشى كېرەك. ئ‍الاقىدارلارنىڭ ئاسىيا ۋاسكىتبول بىرلەشمىسىنىڭ ئۇچۇرچى زاتتىن ئىگىلىشىچە، بىلاتچى شىنجاڭ كوماندىسى  بىلەن تۈزگەن توختام جۇڭگو ۋاسكىتبول بىرلەشمە تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ توختام ھېسابلىنىدىكەن. لى چيۇپىڭ بىلەن بىلاتچىنىڭ ئارىسىدا زادى قانداق زىددىيەت بار؟ لى  چيۇپىڭنىڭ قارىشىچە بۇ ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە بىرلەشمىدە ئەڭ ياخشى ئوتتۇرا ھۇجۇمچى دەپ قارالغان بىلاتچى بىرئازمۇ تىرىشمىغان. « بەلكىم ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە بىلاتچىنىڭ ئىپادىسى يامان ئەمەس بولۇشى مۇمكىن، ئۆزىچە جۇڭگو مۇشۇنچىلىكلا  دەپ ئويلاپ قالغان بولۇشى مۇمكىن، ئۇنىڭ ئامېرىكا كوماندىسىدىن شاللىنىپ كېتىشىدىمۇ سەۋەب بار. كوماندىنى يېتەكلىگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە، مەيلى مەشق بولسۇن ياكى مۇسابىقە بولسۇن، بىلاتچىنىڭ پۈتۈن كۈچىنى چىقىرىپ مۇسابىقە ئوينىغان قېتىم سانى 5قېتىمغا يەتمەيدۇ. بىزنىڭ ئاساسلىق توپ ئويناش ئۇسۇلىمىز بولسا كۆپچىلىكنىڭ كۈچىگە تايىنىش، مەن چەتئەللىك ماھىرنى مۇھىم ئەمەس  دىمەكچى ئەمەس، كوماندىمىز ئېچىلىپ ئوينالمىغاندا چەتئەللىك ماھىرنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، بلاتچى بولسا ئاۋۋال ئۆزى ئويناشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۆزى ئوينالمىغاندا ئاندىن توپنى باشقىلارغا پاس بېرىدۇ، بۇنىڭدىن قانداقمۇ ماسلىشىشتىن سۆز ئاچقىلى بولسۇن؟ » بىلاتچىنى داۋاملىق قالدۇرۇش ياكى قالدۇرماسلىق مەسىلىسى ئۈستىدە لى چيۇپىڭ مۇنداق دېدى«ئەگەر بىلاتچىدا 180گرادۇس ئۆزگىرىش بولماي، يەنىلا بۇ يىلقىدەك مەشىق قىلسا ۋە مۇسابىقە ئوينىسا، كوماندىسىنىڭ تەلىپىگە يەتمىسە، بىز ئىككىلەنمەستىن ئۇنى ئالماشتۇرىمىز.» دىدى. ئۇنداقتا شىنجاڭ كوماندىسى راستىنلا ئىككىلەنمەي  بىلاتچىنى شاللىۋېتەمدۇ؟ ناتايىن. بۇ مۇسابىقە پەسلىدە گۇدېلۇكنى شاللاش يەكى شاللىماسلىق مەسىلىسى ئۈستىدە، ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا كۇلۇبنىڭ قارارىغا  بويسۇندى، ئەگەر شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ باشقۇرۇش قاتلىمىدىكىلەر بىلاتچىنى ساقلاپ قېلىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرسا، ئۇھالدا بىلاتچى ئۆزىنىڭ پىكىرىدە چىڭ تۇرالامدۇ؟ بۇ مۇسابىقە پەسلىنىڭ بېشىدا لى چيۇپىڭ شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن توختاملىشىش  مەسىلىسىدە ئۆزىنىڭ شىنجاڭ كوماندىسىغا بارغاندىن كېيىن چوقۇم پىكىر قىلىش ھوقوقىنىڭ بولۇشىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن، لېكىن ئىشلار لى چيۇپىڭ ئويلىغاندەك بولماي قالدى، ئەگەر  لى چيۇپىڭ ۋە كولۇب ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپ داۋاملىق زورايسا، كەڭ قورساق «كىچىك جۇگېلياڭ»نىڭ كېتىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن، يەنە بەزى پاراڭلاردا لى چيۇپىڭ دائىم مۇسابىقىدىن كېيىن سەۋەبنى چەتئەللىك ماھىر ياكى ئىچكى زىددىيەتكە ئارتىپ قويىدىغان، ئۆزىدىن كۆرمەيدىغان مىجەزى باركەن. بىلاتچىدىن باشقا، لى چيۇپىڭ يەنە زىيارەتنى قۇبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: كوماندىنىڭ غوجىلىرى كۆپ بولسا بولمايدۇ، زىددىيەت چوڭقۇرلىشىپ كېتىدىغان بولسا، ماسلىشالمىغانلارنىڭ كەشىنى توغرىلاپ قويۇشتىن باشقا ئامال يوق.

   ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛  http://waskitbol.com/forum.php

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

0

تېما

460

يازما

460

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 116990
يازما سانى:
460
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
1009
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
409 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-4-6
ئاخىرقى:
2016-4-1
ۋاقتى: 2016-3-11 11:23:10 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلاتچى  ئەسلدىلا  نادىر توپچى ئەمەس  ،كۆپچلك يۇقىرى نۇمۇر  ئالدۇ دەپ قارىساڭلار   ئۇ مەجبۇرىي  قۇڭدىن يۇللەپ ئالغۇزىغان توپ

23

تېما

202

يازما

225

جۇغلانما

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 2204
يازما سانى:
202
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
10903
تۆھپە :
377
باھا :
306
توردا:
1440 سائەت
تىزىملاتقان :
2010-6-3
ئاخىرقى:
2016-4-1
ۋاقتى: 2016-3-11 18:19:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە مۇسابىقىدە ئۇتتۇرۇپ قويىشى چەتئەللىك ئەزالاردىكى مەسلە ئەمەس .شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئەڭ چوڭ ئاجىزلىقى شۇكى كوماندىدا شان-شەرەپ ئۈچۈن توپ ئوينايدىغانلار يوق دېيەرلىك، كوماندىنىڭ غوللۇق ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك باشقا كۇلۇپلاردىن پۇلغا زورلاپ ئېلىپ كېلىنگەنلەر بولغاچقا توپ ئوينىغاندا بىرى ئۆزىنىڭ شەخسى نومۇرىنى يەنە بىرى سالامەتلىكىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ ئوينايدۇ.  بۇنداق ئەھۋالدا كوماندا ئەزالىرىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ ھالقىلىق ۋاقىتتا ئاخىرغىچە پىداكارلىق كۆرسىتىش مۇمكىن ئەمەس. مەن ياقتۇرمىساممۇ بېيجىڭ ۋە لىياونىڭ كوماندىسىغا قايىل، ئۇلاردا ئاجايىب بىرخىل ئۆملۈك، ۋە شەرەپ تۇيغۇسى ، ئاخىرغىچە تىركىشىش روھى باركەن. ماربۇلنىڭ مۇسابىقە مەيدانىدىن چىقىپ كېتىۋېتىپ يىغلاپ كېتىشى، خادىسوننىڭ لىياۋنىڭنىڭ قەھرىمانىغا ئايلىنىشى بۇنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. خادىسىن بار ۋاقىتتىمۇ شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئەھۋالى يەنىلا چاغلىق بولدى. دېمەك مەسلە بىراچچى ياكى كوتتوندا ئەمەس. جاڭشىڭچۈەننى سېغىندىم!

روزىمەمەت تۇرسۇنمەت ئادەم

10

تېما

153

يازما

163

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 110310
يازما سانى:
153
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
572
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
197 سائەت
تىزىملاتقان :
2014-10-1
ئاخىرقى:
2016-4-1
ۋاقتى: 2016-3-11 22:12:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كوماندىدىن لى چيۇپىڭ نى ھەيدەش مۇۋاپىق.

زىمىستان كۆرمىگەن بۇلبۇل، باھارنىڭ قەدرىنى بىلمەس…

14

تېما

430

يازما

444

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 101831
يازما سانى:
430
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
1348
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
516 سائەت
تىزىملاتقان :
2014-1-5
ئاخىرقى:
2016-4-1
ۋاقتى: 2016-3-17 16:58:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
elsahib يوللىغان ۋاقتى  2016-3-11 06:19 PM
مېنىڭچە مۇسابىقىدە ئۇتتۇرۇپ قويىشى چەتئەللىك ئەزالار ...

سىزنىڭ پىكىرىڭىز ئورۇنلۇق.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|قاماقخانا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى ( 黔ICP备15011399号 )

GMT+8, 2016-4-2 04:07 AM, Processed in 0.125981 second(s), 29 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.
شىنجاڭ مىسرانىم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش