بۇ يازمىنى ئاخىرىدا فونتان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-3-12 12:30 PM
دوست ئەمەس
ئابلىزئوبۇل فونتان
ئالدىمداكۈلۈپ قويۇپ ماختىغانلار دوست ئەمەس،
پەشتاق قىلىپ ئۆزىگە تاقلىغانلاردوست ئەمەس .
غەيۋەت قىلىپ كەينىمدىن دۈشمەن بىلەن بىرلىشىپ،
كاۋىپىغائوت قىلىپ قاقلىغانلاردوست ئەمەس.
كەشپىياتتائەمگەكتەئۆزى كېتىپ ئالدىدا،
كۆرسەتمەستىن سايىسنى ساقلىغانلاردوست ئەمەس.
گۈلخان ياقسام دالىغاھازىربولۇپ شۇھامان ،
چاندۇرماستىن قولىنى قاقلىغانلاردوست ئەمەس.
پۇلنى ئېلىپ رەقىپ تىن تىغ ئۇچىنى قارىتىپ ،
ھەقىقەتنىڭ يولىنى ياقلىغانلاردوست ئەمەس .
پۇل تاپقاندابىللەيەپ ۋەيران بولسام كارى يوق،
كۆڭلى قارائۆزى ئاق ھاپلىغانلاردوست ئەمەس .
چاتىدىم دەپ پۇتاقنى كۆپۈك قىلىپ قۇرساقنى ،
ئارا گۈرجەك سېپىنى ساپلىغانلاردوست ئەمەس .
2016-يىل 10-مارت ئۈرۈمچى: