مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2856|ئىنكاس: 8

تالانتلىق يازغۇچى پەرھات جىلان ئاكىنىڭ ئومۇمىي ...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

56

تېما

163

يازما

219

جۇغلانما

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 120080
يازما سانى:
163
نادىر تېما :
2
مۇنبەر پۇلى :
1389
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
103 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-5-28
ئاخىرقى:
2016-3-30
پولات غەنىزات غەيۇرانى                                       
مەن يازغۇچى پەرھات جىلان ئاكىنىڭ «ئالتۇن قاندىكى توي» ناملىق ھېكايىسىنى تۇنجى قېتىم1983- يىلى قايسى بىر ئەدەبىي ژۇرنالدا ئوقۇغاندىم. بۇ ھېكايە مېنىڭدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغانىدى. شۇندىن بۇيان بۇ تالانتلىق يازغۇچىنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ قىزغىن ئوقۇرمىنى بولغىلى مانا كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقىچە 30 يىلدىن ئېشىپتۇ. 1996-يىلى 6- ئايدا ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «مەھمۇت قەشقىرى» رومانىنى ئوقۇغۇنىمدا بۇ يازغۇچىنىڭ بەدىئىي تالانتىغا ھەيران قالغانىدىم، ھەتتا ئەسەرلىرىنى ئىزدەپ تېپىپ ئوقۇيدىغان، ھەتتا ئوقۇپ بولغان ئەسەرلىرىنى ساقلايدىغان ئادەتنى يىتىلدۈردۈم. 2005- يىلىغا كەلگەندە «ئىدىقۇت يۇلتۇزلىرى» رومانى نەشر قىلىنىپ، ئوقۇرمەنلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلسا، 2012- يىلىغا كەلگەندە يەنە بىر يىرىك تارىخىي رومانى «ئۇرخۇن شەجەرىسى» رومانىنى نەشر قىلىپ ئوقۇرمەنلەرنى تاڭ قالدۇردى. بۇنىڭ بىلەن بۇ تالانتلىق يازغۇچى يېڭى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا قولغا كەلتۈرگەن ئىجادىي ئەمگەكلىرى بىلەن خەلقىمىزنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ، ئېتىراپ قىلىنغان تىلشۇناس، داڭلىق تارىخىي رومان يازغۇچىسى، ئەدەبىي تەرجىمان بولۇپ تەرىپلىنىپ كېلىنىۋاتىدۇ. بۇ ئۇنىڭ ئۆزلۈكسىز ئىزدىنىش، بىرىلىپ ئۆگىنىپ، تىرىشىپ ئىشلەش،كۈننى تۈنگە ئۇلاپ ئىجاد قىلىش نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن ئۇتۇقىدۇر. بۇ روماننى شۇۋاقىتتا مەرھۇم دادام غەنىزات غەيۇرانىمۇ ئۈچ كۈندە ئوقۇپ تۈگەتكىنى ھازىرقىدەك ئېسىمدە تۇرۇپتۇ. شۇ ۋاقىتتا دادامدىن« بۇ رومان قانداقراق يېزىلىپتۇ؟ »دەپ سورىسام. دادام تولىمۇ ھاياجانلانغان ھالدا، «بۇ يىگىتنى ھازىرقى دەۋردە ئەتراپلىق يىتىلگەن ئۈمىدلىك بىر تىلشۇناس دېسەم ،بۇ بالىدا يۇشۇرۇن قابىلىيەت خېلى بارئىكەن، بۇيۈك ئالىم مەخمۇت قەشقىرىنى پۈتۈن ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىگە، ھەتتا ئۇيغۇرچە يېزىق بىلىدىغان بارلىق كىشىلەرگە تونۇتۇپتۇ. ھازىرقى يېڭى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئۇلۇغ ئالىم مەخمۇت قەشقىرىدىن ئىبارەت بۇ ئالىمنىڭ بەدىئىي ئوبرازىنى پروزا شەكلى ئارقىلىق تۇنجى بولۇپ ياراتقان يازغۇچى مۇشۇ بالا بولۇپ قالدى. بۇ تارىخىي رومان بۈگۈنكى يېڭى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا قوشۇلغان بىر تۆھپە بولۇپ، روماننىڭ ئىدىيىۋىلىكى ۋە بەدىئىيلىك جەھەتتە ياراتقان يۈكسەك ماھارىتى بىلەن مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەنلىكى ئۈچۈن، ئۇيغۇر يېڭى زامان رومانچىلىقىغا قوشۇلغان بىر تۆھپە بولدى. يازغۇچىغىمۇ كاتتا شۆھرەت ئاتا قىلدى. بۇ يىگىت بىلەن مەن 1978- يىلى ئۇلانبايدا بىرنەچچە ئاي تاش چۇقىغان، ئۆزىمۇ كېلىشكەن، ئوتتۇربوي، يارىشىملىق كىيىنىپ يۈرۈيدىغان خېلى دىتى بار بالا ئىدى، بوش ۋاقىتلىرىدا دائىم قۇلىدا بىر كىتاب، بىر تىترەت دەپتەر بار بولۇپ، رۇسچە سۆزلەرنىڭ ئۇيغۇرچە مەنىسىنى شۇ تىترەتكە يېزىۋېلىپ يادلايتتى. مانا بۈگۈن مېۋىسىنى كۆرۈپتۇ. ئوغۇل بالا دېگەن قىرىق ياشقا كىرگىچە مىجەز-خاراكتىرىگە قاراپ ئۆزىگە ماس كېلىدىغان، بىر ئۆمۈر شۇكەسىپنىڭ نېنىنى يەيمەن دېگەن ئىشەنچ بىلەن ئىلىم ئۆگەنسە، ھېچ بولمىغاندا ھۈنەر ئۆگەنسە بولىدۇ. ھۈنەرسىز ئادەم قاندق جان باقىدۇ، نېمىگە تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلىدۇ. مانا مەن ئەللىك نەچچە ياشقا كىرىپ تۇرۇپمۇ، شىنجاڭ داشۆگە بېرىپ ھەپتىدە يېرىم كۈن تۈركچە ئۆگىنىۋاتىمەنغۇ؟ بۇنىڭ بىلەن ئۇنتۇلۇپ قالغان نۇرغۇن تۈرۈكچە سۆزلەرنى بىلىۋالدىم. بۇ مەن مەسئۇل بولۇپ ئىشلەۋاتقان «ھازىرقى زامان ئۇيۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»نىڭ ئېھتىياجى، بەش ئەزايىڭ ساق، بىجىرىم ئوغۇل بالا بولغان ئىكەنسەن  بىرەر ئىشنىڭ پىشىنى تۇتۇشىڭ كېرەك. خەلقىمىزدە «ئاتالمىغان ئەردىن ئاتالغان دۆڭ ياخشى» دېگەن ماقال-تەمسىل بىكارغا ئېيتىلمىغان...(بۇنى خاتىرە دەپتىرىمدىن كۆچۈردۈم، مەن 1983-يىلىدىن باشلاپ كۈندىلىك خاتىرە يېزىشقا باشلىغان، ھازىرغىچە ئىمكان بار داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىمەن)» دېگىنى ھازىرقىدەك ئېسىمدە تۇرۇپتۇ. شۇندىن بىرى پەرھات جىلان ئاكىنىڭ ھەرقايسى مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىنغان ھەرقانداق بىر ئەسىرىنى قالدۇرماي ئوقۇپ كېلىۋاتىمەن. ئەمما ئۆزىنى بىرنەچچە قېتىم ئادەتتىكىدەك سالاملىشىش بىلەنلا كۇپايىلىنىپ قالدىم. ئەممە كۆڭلۈمدە بولسا، بىر كۆرۈشۈپ ئەسەرلىرى ئۈستىدە ئويلىغانلىرىمنى دېمەكچى ئىدىم، ئۆزىنىڭ ئىجادىي قاراشلىرىنى ئاڭلىماقچى ئىدىم، ئەمما پەقەت پۇرسەت بولمىدى، ئاللا خالىسا بۇ ئارزۇيۇممۇ ئەمەلگە ئېشىپ قالار.
مەن ئۇنىۋېرسال يىتىلگەن بۇ تالانلىق يازغۇچىمىزنىڭ  ئۈچ تارىخىي رومانىنى ئوقۇش جەريانىسدا شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدىمچكى، ئىجادىيىتىدە يەنىلا «مەھمۇت قەشقىرى» رومانى ئەڭ مۇكەممەل، ئەڭ ئۇتۇقلۇق يېزىلغان تارىخىي رومان. يەنە كېلىپ بۇ يازغۇچىنىڭ ئىجادىيىتى 1980- يىللاردىن باشلاندى دېيىشكە بولىدۇ. يەنى يېڭى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا مەنسۇپ يازغۇچى دەپ قارايمەن. چۈنكى، 1983- يىلى ئېلان قىلىنغان «ئالتۇن قاندىكى توي»ھېكايىسى شۇ زامانلاردا ياشلار ئارىسىدا ناھايىتى چوڭ تەسىر قوزغىغانىدى. شۇ ۋاقىتتا ئېلان قىلىنىۋاتقان تارىخىي ھېكايىلەر ئىچىدە  ئۆزگىچە ئۇسلۇپ بىلەن تارىخىي ھېكايىچىلىقنىڭ ئەڭ يېڭى پەللىسىنى يارىتىپ، ئوقۇرمەنلەرنى ئۆزىگە قارىتىپ، ھازىرغا قەدەر ئىزچىل تۈردە پروزا بىلەن شۇغۇللىنىپ«مەخمۇت قەشقىرى»، «ئورخۇن شەجەرىسى»، «ئىدىقۇت يۇلتۇزلىرى» قاتارلىق رومانلارنى، ھەم «ئاق ئېتىم» ناملىق ھېكايە، پوۋېستلار توپلىمىنى خەلققە تەقتىم قىلدى.  بۇ توپلامدىكى ھېكايە، پوۋېستلارنىڭ تېمىسى ناھايىتى چۈشىنىشلىك، ئوبرازلىق قويۇلغان بولۇپ، دەبدەبىلىك، ئەسەر مەزمۇنىغا مۇناسىۋەتسىز سىرلىق سۆزلەردىن خالىي ھالدا ئەسەردىكى ۋەقەلەرنى تېمىنى چۆرىدەپ  قىزىقارلىق، چۈشىنىشلىك قىلىپ داۋاملاشتۇرىدۇ.
بۇ توپلامغا نادىر ھېكايە، پوۋېستلاردىن «پۇل»، «باھار كۈنلىرىنىڭ بىرىدە»، «ئابدۇ غەلىتىنىڭ غەلىتە سەرگۈزەشتىلىرى»، «ئالتۇن قاندىكى توي»، «يېڭى دوست ۋە كونا دوست»، «تاشچى ئۇستامنىڭ ھېكايىسى»، «ئىنتايىن كەمتەر»، «ئاھ ئايگۈل»، «قاردا ياتقان چوكان»، «بوۋاي ۋە ئۇنىڭ نەۋرىسى»، «گۇاڭجۇ شامىلى» قاتارلىقلار كىرگۈزۈلگەن. بۇ نادىر ئەسەرلەردە ئىپادىلەنگىنى ئىنساننىڭ كىشىلىك ھاياتتىكى ئىجتىمائىي تۇرمۇش ھەققىدىكى يېڭى قاراشلىرى، بولۇپمۇ يوقۇلىۋاتقان كونا شەيئىلەرنىڭ ئورنىنى بارلىققا كېلىۋاتقان يېڭى شەيئىلەرنىڭ ئىگەللەۋاتقانلىقىنىڭ تىپىك ھالىتىنى شەرھىلەش بىلەن بىرگە ئۇ شەيئىلەرنىڭ سۈپەت ئۆزگىرىشلىرنى چوڭقۇر تەپەككۇر بىلەن ئۆزگىچە ئىزدىنىشلىرىدە شۇ مۇھىتتا تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان ئادەملەرگە باغلاپ تەسۋىرلەيدۇ. دېمەك، يازغۇچىنىڭ ئىجادىيەتتە يۇرىتقان تېما دائىرىسى ناھايىتى كەڭ، ھەربىر ئەسەرنىڭ قۇرۇلمىسى پۇختا بولۇپ، مەزمۇنى ناھسايىتى ساغلام. بۇنداق بولۇشنىڭ سەۋەبى  ئەسەرلىرى تېتىمىلىق، ئاز بولغاچقا، بىر قسىم مول ھۇسۇللۇق يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدەك مەلۇم بىر ئەسىرىدە بار مۇھىت تەسۋىرى بىلەن ۋەقە قۇرۇلمىسى يەنە بىر ئەسىرىدە تەكرارلىنىدىغان ھالەتتىن تۈپتىن خالىي ھالدا نادىر ئەسەرلەرنى يېزىۋاتقان پېشقەدەم يازغۇچىلىرىمىزنىڭ بىرسى. بۇ يازغۇچىنىڭ ئىجادىيەتتىكى ئۇسلوبى تولىمۇ ئۆزگىچە بولۇپ، ئەسەرلىرىگە ئىسىمى يېزىلماي ئېلان قىلىنىپ كەتسىمۇ، ماڭا ئوخشاش ئەسەرلىرىنى كۆپ ئوقۇغان ئوقۇرمەن بۇ يازغۇچى پەرھات جىلاننىڭ ئەسىرىغۇ دېيەلەيدىغانلىقىدا گەپ يوق. چۈنكى مەن بۇ يازغۇچىنىڭ بىرقىسىم ئەسەرلىرىنى ئوقۇغىنىمدا قولۇمغا قەلەمنى ئېلىپ تۇرۇپ بىر ئەسىرىدە بار مەلۇم بىر ئوخشاشلىقنى يەنى بىر ئەسىرىدە قاتا ئۇچراپ قالسا شۇ يەرگە بەلگە قىلىپ قويۇپ ئاپتۇر بىلەن ناۋادا ئۇچرىشىپ قالسام ئەسىرىڭىزنىڭ مەلۇم بىتىدە ئوخشاشلىق باركەن دېمەكچى بولدۇم، ئەمما ئەسەرلىرىدە بۇنداق تەكرارلىقنى بايقىمىدىم. بۇ بالكىم يازغۇچىنىڭ زېھنىنىڭ نەقەسەر ئۇچۇق ھالەتتە ئەسەر ئىجاد قىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرسە كېرەك. مانا بۇ يازغۇچى پەرھات جىلان ئاكىنىڭ مەن ئەسەرلىرىنى  ئوقۇش جەريانىدا ھېس قىلغان ئەدەبىي دىتى. مەسىلەن، «ئاق ئېتىم» ناملىق كىتابىدىكى «پۇل» دېگەن ھېكايىسىنى پىكرىمىزنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە كۆرۈپ باقايلى: «پۇل» دېگەن تېمىغا قاراپلا ھەربىر ئوقۇرمەن قىزىقىپ ئوقۇيدۇ. چۈنكى« پۇل» دېگەنگە  ھەممە ئادەم ئېھتىياجللىق تۇرسا، بۇنى ھېكايە قىلىپ يېزىپتۇغۇ دەپ بولسىمۇ دەرھال ئوقۇغۇسى كېلىدۇ-دە، ئەسەرنىڭ ئىچىگە كىرىپلا كېتىدۇ، ھەتتا ئەسەرنىڭ قانداق تۈگىنىنى ئوقۇرمەن سەزمەيلا قالىدۇ. كىتابتىكى ھېكايە، پوۋېستلىرىنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ قولىدىن چۈشۈرمەي ئوقۇپ كېلىۋاتقانلىقىدىكى بىر سەۋەب دەل ئەسەرنى ئاز، ساز يازغانلىقىدا كۆرۈلىدۇ. «پۇل» دېگەن ئەسەر يېزىلغان مەزگىل ھەرقانداق بىر يۇرتتا چەكلەنگەن تېما بولۇپ، شۇۋاقىتتىكى ياشلارنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشتىكى مۇھەببەت، ئەخلاق، غۇرۇر توغرىسىدىكى قاراشلىرى يېزىلغان. بىرەر مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىش مۇمكىن بولمىغان بولسىمۇ، ياشلارغا بەك ياققانلىقى ئۇچۇن، ئارگىنال پېتىدا قولدىن قولغا ئۆتۈپ، ئېغىزدىن –ئېغىزغا كۆچۈپ، ئەتىۋارلىنىپ ئوقۇلۇپ كەلگەن. مانا بۇ ئەسەرنىڭ ئۇتۇقلۇق يېزىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. مېنىڭ چۈشىنىشىمچە ئەدەبىي ئەسەرنىڭ ئادەم تەربىيلەشتىكى مەنىۋى قۇۋىتىگە سەل قارىغىلى بولمايدۇ. مەن نۇرغۇن بىلىملەرنى مۇشۇنداق يىرىك ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇش ئارقىلىق تاپقان. بۇ ھېكايە ئۆز ۋاقتىدا مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن چەكلەنگەن بولۇشى تۇرغانلا گەپ، ئۇ چاغلار مېنىڭ بالىلىق چاغلىرىم بولۇپ دادام ئۆزىنىڭ شېئىرىي ئىجادىيەتلىرىدىن« بىر ئېشەكنىڭ قىسمىتى»، «پىغان»، «شۇمپىلەك» قاتارلىق غەزەللىرىنى خەلق ئاھاڭىغا سېلىپ، بىزگە دۇتار چېلىپ ، ناخشا ئېيتىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن بىرەيلەننىڭ چېقىپ قويغانلىقى سەۋەبىدىن  نەچچە كۈن «سېرىق ناخشا ئېيتىپ ياشلارنى زەھەرلىدى» دەپ نەچچە كۈن پىپەن قىلىنغىنى مەڭگۈ ئېسىمدىن چىقمايدۇ، بۇ ھېكايىنى ئوقۇپ بۇ يازغۇچىنىڭمۇ شۇ چاغلاردا ئاشۇنداق قىسمەتلەرگە دۇچار بولۇپ، شۇڭا ئەسەرلىنى ئوقۇرمەنلەر يۇشۇرۇن ئوقۇغان بولۇشى مۇمكىن دەپ چۈشەندىم. بۇ ھېكايىدە ئاساسلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈپ ئىدىيە «پۇل». بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ پۇل-بايلىقنىڭ ئېزۇقتۇرۇشى بىلەن ۋىجدانىنى بۇلغاپ، ئادىمىيلىكىنى يوقىتىپ، پاك سۆيگىنى نابۇت قىلىپ، ئۆزى ياخشى كۆرگەن يىگىتنى تاشلاپ كەتكەن ۋاپاسىز مەستۇرە ئىسىملىك بىر قىزنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىنى «مەن» ئوبرازىدا تولىمۇ مۇرەككەپ ئىدىيىۋى ھېسسىياتىنى ئىپادىلەش ئارقىلىق، پاك كىشىلىك مۇھەببەت، پۇل-بايلىق ۋە ئىنسانىي پەزىلەت... كە ئوخشاش تۇرمۇشتىكى مەۋجۇت رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، ھېكايە ئىجادىيىتىدە بىر قېلىپقا كىرىپ قالغان ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى ئەينەن ئەكس ئەتتۈرۈش ياكى  مۇبالىغىلەشتۈرۈپ يېزىش ئەندىزىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۆزگىچە ئۇسۇلدا يېڭى شەكىلدە  ئىنسان ھەققىدە، ئادىمىيلىك پەزىلەت ھەققىدە يېزىلغان بولۇپ، بۇ ھېكايىنى 1983- يىلىدىكى ھېكايىچىلىقتا بىر بۆسۈش ھاسىل قىلغان ئەسەر دەپ قاراشقا بولىدۇ. يەنە كېلىپ ھېكايىنىڭ بايانىمۇ ئۆزگىچىلىككە ئىگە، ھېكايە بىرىنچى شەخس «مەن» نىڭ بايانى بىلەن يېزىلغان. بۇنداق بايان قىلىش تولىمۇ تەس بولۇپ، يازۇچىدىن تۇرمۇشقا پىششىق بولۇپلا قالماي، يۇقىرى بەدىئىي تەسەۋۇر بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن ئەسەرنى ئۇتۇقلۇق ئاخىرلاشتۇرالماي قالىدۇ. (مەنمۇ ئۆمرۈمدە 22پارچە ھېكايە يېزىپ ئېلان قىلىپ باققان) يازغۇچى بۇ ھېكايىدە بۇ مەقسەتكە تولۇق يەتكەن. دېمەكچى مەنكى، توپلامدىكى پوۋېست، كېكايىلەردە يارىتىلغان ئىجابىي، سەلبىي پېرسوناژلار تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان ماكان، زامانغا ماس كەلدىمۇ يوق، بولۇپمۇ شۇ پېرسوناژلارنىڭ پىسخىكىسى، تىلى قاتارلىقلارغا ئەسەرلىرىدە ئالاھىدە دىققەت قىلغان. مەسىلەن،« ئالتۇن قاندىكى توي»  ھېكايىسىنى ئالىدىغان بولساق، ھېكايىدە يازغۇچىنىڭ مول تەسەۋۋۇر كۇچى، تارىخىي بىلىمى، گۈزەل تىلى ھېكايىدىكى تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ بەدىئىي تۈسىنى گەۋدىلەندۈرۈشتىكى ماھارىتى، تارىخ بىلەن توقۇلمىنى كىرىشتۈرۈشتىكى ئۇستىلىقى، ھەرخىل پېرسوناژلارنىڭ خاراكتېرىنى يارىتىشتىكى خاسلىقى، ۋە ھېكايە قۇرۇلمىسىدىكى پۇختىلىق، مەزمۇندىكى ساغلاملىق ھەربىر ئوقۇرمەننى جەلىپ قىلىشتىكى ئاساسلىق ئامىل بولۇپ، ھېكايىنىڭ ئوقۇشچانلىقىنى ئاشۇرغان. ھېكايىدە مەن ئاڭلاپ باقمىغان بىر ۋەقەنى بايان قىلىدۇ. يەنى «تۈركىي تىللا دىۋانى»گە خاتىرىلەپ قويۇلغان كىچىككىنە بىر رىۋايەتكە ئاساسلانغان بۇ ھېكايە يۈكسەك دەرىجىدىكى تىپىكلەشتۈرۈلگەن توقۇلما ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك تارىخىي ماتېرىياللاردىن ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىپ، يىراق قەدىمكى زاماندا ئۇيغۇر قوشۇنلىرى بىلەن ئالىكساندىر ماكادونىسكى قوشۇنلىرى ئوتتۇرىسىدا بولۇپ ئۆتكەن بىر قېتىمىق مۇھىم تارىخىي ئۇرۇش-«ئالتۇن قان »ئۇرۇشىنى ناھايىتى كەڭ ۋە ئەتراپلىق تەسۋىرلەپ، ئاشۇ قېتىملىق جەڭدە بۇيۈك قەھرىمانلىقنى مەدھىيلەش بىلەن بىرگە ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرگەن. ھەم ئالاھىدە گەۋدىلەندۇرگەن. شۇنداقلا ھېكايىگە تازا زەن سېلىپ تەتقىق قىلىدىغان بولساق،  نەچچە توم روماندىمۇ ئىپادىلەپ بولالمايدىغان مەزمۇننى ناھيىتى ئىخچام يېزىلغان بۇ ھېكايىدە تولۇق يۇرىتىپ بېرىپ، ئۆزىنىڭ بەدىئىي تالانتىنىڭ قايسى دەرىجىگە بېرىپ يەتكىنىنى ئىجادىي ئەمەلىيىتىدە ئوقۇرمەنلەرگە نامايەن قىلغان. ئاپتورنىڭ بۇ ماھارىتى ئۈچ تارىخىي رومانىدا تېخىمۇ مۇكەممەللىكە ئىگە بولۇپ، ھەرقاندق ئوقۇرمەننى قايىل قىلىدۇ.
يازغۇچىنىڭ ھېكايە، پوۋېست، رومانلىرىدىكى يەنە بىر ئالاھىدىلىك ئەسەرنىڭ تىلى، بۇ ئەسەرلەرنىڭ تىلى كۈچلۇك ھېسسىياتقا ئىگە بولغان بولۇپ، ئوقۇرمەنلەرنى ھاياجانلاندۇرىدىغان چىرايلىق قوللىنىلغان تىل ئارقىلىق جانلىق بەدىئىي ئوبرازلارنى يارىتىپ، ئىجابىي ۋە سەلبىي پېرسوناژلارنىڭ تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان ماكان، زامانغا ماسلاشتۇرۇپ تەبىئىي ياراتقان. مەسىلەن «پۇل» دېگەن ھېكايىنى مىسالغا ئالىدىغان بولساق ھېكايە يېزىلغىلى 44 يىل بولغان بولسىمۇ يەنىلا ئوقۇرمەنلەرنى تەربىيەلەشتىكى قىممىتىنى يوقاتمىغان. ھازىرقى جەمئىيىتىمزدىكى بىرقىسىم كىشىلەردە مەۋجۇت «پۇلغا چوقىنىش، پۇل ھەممىنى ھەل قىلىدۇ» دەيدىغان خائىشلارنى قاتتىق تەنقىد قىلىش بىلەن بىرگە، جەمئىيەتتىكى بىر قسىم كىشىلەرنىڭ قانۇننى كۆزگە ئىلماي، كىشىلىك مۇناسىۋەتنى پۇل بىلەن ئۆلچەپ، پۇلنىڭ بىرقىسىم جەمئىيەتنىڭ داشقاللىرى تەرىپىدىن ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى نامايەن قىلىشتىكى ۋاسىتە دەپ قارىلىپ، ھاراقكەشكە بولۇپ ئۈلپەت، قىماۋازلار بىلەن دوستلارشقان، پاك مۇھەببەتنى ئاياغ-ئاستى قىلغان  رەزىللىكلىرىنى پاش قىلغان ۋە تەنقىد قىلغان. ئەمدى يازغۇچىنىڭ پوۋېستلىرىغا نەزەرىمىزنى ئاغدۇرىدىغان بولساق، «ئاجايىپ سەپەردىكى ئاجايىپ ئىشلار» نامىلق پوۋېستىدا يازغۇچى ئىجاىيەت ئوسۇلىدا تېخىمۇ دادىللىق بىلەن  يېڭىلىق ياراتتى دېيىشكە تامامەن بولىدۇ. چۈنكى، ئەسەر تېمىسىمۇ ئوبرازلىق، قىزىقارلىق، چۈشىنىشلىك قويۇلغان بولۇپ، ئەسەرنىڭ تېمىسىغا قاراپلا ھەرقانداق ئوقۇرمەن «قانداق سەپەردۇ ئۇ، قانداق ئىشلار يۈز بەرگەندۇ» دەپ بىلىشكە ئالدىراپ ئوقۇيدۇ. بۇ يازغۇچىدىكى بەدىئىي تىت بولۇپ، ئوقۇرمەننى ئۆزىگە جەلپ قىلىشتىكى بىر تاكتىكا. ئەسەر تىلى ئاممىباب تىل بولۇپ، ۋەقەلىك دولقۇن سىمان ھالەتتە خۇددى بىر مويسىپىت بوۋاي نەۋرىسىگە چۆچەك ئېيتىپ بېرىۋاتقاندەك  داۋاملىشىدۇ. بۇنىڭدىن يازغۇچىنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىمۇ ناھايىتى پىششىق بىلىدىغانلىقىنى قىياس قىلىشىمىز تەس ئەمەس.
پوۋېستا رېئاللىق بىلەن چۈش ئارىلىقىدىكى بىر ئويدۇرما تەسەۋۇردىن توقۇلغان قىزىقارلىق ۋەقەلىك بايان قىلىنىپ، قەيەردىن كەلگىنى نائېنىق بولغان باتۇر، غەيرەت، جۇرئەتتىن ئىبارەت ئۈچ ياشنىڭ ئاق كىيىملىك پەرىزاتنىڭ ئىرادىسى بىلەن مەقسەت-مۇددىئاسى ئېنىق بولمىغان خەتەرلىك سەپەرگە يۈرۈش قىلىپ، سەپەر جەريانىدا باشتىن كەچۈرگەن ئاجايىپ ئېچىنىشلىق سەرگۈزەشتلىرى بايان قىلىنىدۇ. بۇ پوۋېستنى تازا كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇپ تەتقىق قىلىدىغان بولساق، ئەسەر ۋەقەلىكىدە قەدىمكى زامانلاردىكى پادىشاھلارنىڭ ئوردا سارايلىرىمۇ، شۇنداقلا ھازىرقى زامانىۋى دۇنيادا پەن-تېخنىكىنىڭ مەھسۇلى بولغان ئاپتوموبىل-ماشىنىلارمۇ ئەسەر تەپسىلاتىغا سۇ بىلەن سۈتتەك سىڭىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئەسەر ۋەقەلىكى ئاساسەن تەسەۋۋۇر ئاساسىدا خۇددى چۆچەكلەر سىياقىدا توقۇلغان، ئەسەردە تەسۋىرلەنگەن غايىۋى دۇنيادىكى ماكان، زامان بىر قارىسىڭىز ئاستىن-ئۈستىن قىلىۋېتىلگەندەك تۇيغۇ بەرسىمۇ، بىر قارىسىڭىز قەدىمكى بىلەن ھازىرقى زامان تۇرمۇشى بىر گەۋدە قىلىنىپ تەسۋىرلەنگەنلىكىنى بايقايسىز. پوۋېستتىكى تۈپ ئالاھىدىلىك ئەمەلىيەتتە يازغۇچى ئاجايىپ زامانىۋى شەھەردىكى  دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدىغان خىلمۇ خىل ۋەقەلەرنى تەسەۋۋۇر ئارقىلىق، مۇشۇ زامانىۋى شەھەردە تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان بىر قىسىم غەلىتە ئادەم، غەلىتە ئىشلارنى ئاشكارىلاپ يازغان. بۇنداق يېزىشتىكى مەقسەت، ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ مەنىۋى دۇنياسىدىكى پاسىپ ئىدىيە غەيۋەتخورلۇق، ھەسەتخورلۇق، خوشامەتچىلىك، مۇناپىقلىق، گۇمانخورلۇق، خوراپاتلىق، چېقىمچىلىق  قىلىشتەك بىر قسىم كىشىلەردىكى ناچار ئىللەتلەرنى قاتتىق قامچىلاش بىلەن بىرگە، كۆپىنچە كىشىلەردىكى باتۇرلۇق، ۋاپادارلىقنى مەدھىيىلىگەن. پوۋېستتىكى تىپىك پېرسوناژنىڭ بىرسى باتۇر ئوبرازى ئىسمى جىسمىغا خاس ھالدا يارىتىلىپ، ئەقىل-پاراسەتلىك، بىلىملىك، يىراقنى كۆرەرلىك قىلىپ تەسۋىرلىنىپ، ھەربىر ئىشنى ئويلىنىپ قىلىدىغان، كىشىلىك ھاياتقا، تۇرمۇشقا ئۈمىد بىلەن قارايدىغان، غايىلىك، ئىرادىلىك، گۈزەللىكنى سۆيىدىغان، رەزىللىكنى سۆكىدىغان غۇرۇرلۇق كىشىلەرنىڭ تىپى بولۇپ،خاراكتىرىدىكى  مىجەز ئۆزگىرىشلىرىنى ئۇتۇقلۇق ياراتقان. شۇڭا ئەسەردە تەسۋىرلەنگەن تىپىك پرسوناژنىڭ بىرسى پەرىزات قىز باتۇرنى ئاجايىپ سەپەردە ھەمرا بولۇشقا تاللايدۇ. بۇ ئايال پېرسوناژ  سەپەردە ئېغىر مۇشكىلاتلارغا دوچار بولسىمۇ، باتۇرنىڭ مەدەت بىرىشى بىلەن قىلچىمۇ ۋايسىمايدۇ. ھەر خىل ئېزىقتۇرۇشلارغا ئازمايدۇ. باتۇر قىزنىڭ ئىشەنچىسىگە ئىرىشىدۇھەم ۋىسالىغا يېتىدۇ. پەرىزات بولسا ئىنسان روھىنى ئاشۇ يۇرۇقلۇق دۈشمەنلىرى تارقىتىۋاتقان پىتنە-پاساتلارنى تازىلاش، پۈتۈن دۇنيانى يورۇق ۋە پاكىز دۇنياغا ياندۇرۇش ۋەزىپىسنى باتۇرغا تاپشۇرىدۇ. بۇ ئوبرازغا يەنە يازغۇچىنىڭ گۈزەللىككە، ياخشىلىققا، چىنلىققا بولغان مەسەسئۇلىيىتىمۇ سىڭدۈرۈلگەن بولغاچقا، بۇ ئوبراز ئوقۇرمەنلەرگە چوڭقۇر ئېستېتىك زوق ئاتا قىلغان.
مەن شۇنداق مۇئەييەنلەشتۈرىمەنكى، بۇ پوۋېست ۋەقەلىكىدە ئېغىز ئەدەبىياتىمىزدىكى ئىسىل ژانىر چۆچەكنىڭ ئاغزاكى ئوقۇلۇش ھالىتىنى ئىجادىي قوللىنىپ، ئىجادىيەتتە ئۆزگىچە ئۇسلۇپ ئالاھىدىلىكىنى يارىتىپ، يېڭى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى  پروزىچىلىقىنىڭ شەكىل جەھەتتە ئەڭ يېڭى ئۈندۈرمىلىرىنى باراقسانلاشتۇرۇپ، مېۋىگە كىرگۈزگەن تۆھپىكار يازغۇچى دەپ قارايمەن. بۇنىڭغا «ئاق ئېتىم» ناملىق ھېكايە، پوۋېستلار توپلىمى، «مەخمۇت قەشقىرى»، «ئىدىقۇت يۇلتۇزلىرى»،« ئورخۇن شەجەرىسى» قاتارلىق رومانلىرى گۇۋاھدۇر.كۆپ ئىقتىدارلىق دېگىنىمدە، ھەممە ئېتىراپ قىلغان كىشى بولۇپ، ئەقلىي ئەمەەك ساھەسىدە كەپ ئۇچرايدىغان مۇنۇ تۆپلىرىنى كۆرۈپ باقايلى: ن. ئا. باسكا كوۋنىڭ «تۈركىي تىللار»ناملىق داڭلىق ئەسىرى،شۇنىڭدەك يەنە دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە «گراف مۇنتې-كىرستو» ناملىق تۆت توملۇق مەشھۇر رومانى، تىلشۇناسلىققا ئائىت بىر قىسىم ئىلمىي ماقالىلەرنى ۋە ھېكايىلەرنى رۇسچىدىن تەرجىمە قىلىپ، خەلقىمگە پىشقان ئەدەبىي تەجىمان بولۇپ تۇنۇلۇپ، ئېتىراپ قىلىنسا، يەنە بىر نۇقتىدىن ئۇيغۇر تىلشۇناسلىققا ئائىت يېڭى مەزمۇنلارغا تويۇنغان ماقالىلىرى بىلەن ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىدا  تېگىشلىك تۆھپىسى بار تىلشۇناس بولۇپ تۇنۇلۇپ، خەلقنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.  
مېنىڭچە يازغۇچى  تارىخىي رومانچىلىق ئىجادىيىتىگە تەسىر كۆرسەتكەن ئامىللارنىڭ بىرى يەنىلا دۇنياۋى مەشھۇر كىلاسسىك ئەسەر «تۈركىي تىللاردىۋانى» نى ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش، يەنە كېلىپ يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخىنى خېلى سېستىمىلىق ئۆگىنىش بىلەن شىنجاڭدا بىرگە ياشاپ كېلىۋاتقان قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ ئۆرپە- ئادەت تارىخىنى جېلى پىششىق ئۆگەنگەچكە، تۈركىي تىللىق مىللەتلەر تىلىنى تەتقىق قىلىش جەريانىدا شەكىللەنگەن بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى، «ئالتۇن قاندىكى توي»، «مەخمۇت ھەشقىرى» قاتارلىق تارىخىي رومانلىرى بۇ پىكرىمنىڭ ھېچكىم ئىنكار قىلامايدىغان دېلىلىدۇر. يەنە كېلىپ «ئۇرخۇن شەجەرىسى»، «ئىدىقۇت يۇلتۇزى» رومانلىرىنى پۈتۈن زىھنىم بىلەن ئىككى قېتىمدىن ئوقۇپ بۇ خۇلاسىنى چىقاردىم. قىستۇرما بايان:«(1996- يىلى 7- ئاينىڭ 16- كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت بىردە «مەھمۇت قەشقىرى» رومانىنى كىتابخانىدىن سېتىۋېلىپ ئۆيگە ئەكىلىپ ئەمدى ئوقاي دەپ تۇرسام، مەرھۇم دادام غەنىزات غەيۇرانى يېقىن ئاغىينىسى، گېزىتخانىدىكى داڭلىق مۇخبىر، مەسەلچى ياھيا سادىق ئاكا (ھازىرمۇ ھايات)بىلەن ئۆيگە كىرىپ كەلدى. قولۇمدىكى كىتابنى كۆرۈپلا قولىغا ئېلىپ «مەن ئوقۇۋالاي، ئاندىن سەن ئوقى» دەپ ئېلىپ كەتتى. بىر ھەپتىدىن كېيىن چوڭ ئۆيگە بېرىپ كىتابنى قولۇمغا ئېلىپ كۆرسەم نۇرغۇن يەرلىرىگە قىزىل قەلەمدە سىزىپ قويغاندىن باشقا، بىر ئالقانچىلىك ئاق قەغەزگە، «يازغۇچى رومانىدا مەخمۇت قەشقىرىنىڭ بۇيۈك ئوبرازىنى يارىتىشتا نۇرغۇن تارىخىي بىلىملەرنى ئۆگەنگەن بولۇپ، 11- ئەسىردىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئىجتىمائىي مەدەنىيەتكە ئائىت بىلىملەرنىمۇ خېلى پۇختا ئۆگىنىپتۇ، يەنە كېلىپ، 11- ئەسىردىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ سىياسىي، ئېتنىك ئەھۋالى، تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئۆز- ئارا مۇناسىۋەتلىرى  ۋە تۇرمۇش ئەھۋالى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ناھايىتى پۇختا ئىگەللەپتۇ. بولۇپمۇ تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئائىلە قۇرۇلمىسى، تۇققانچىلىق مۇناسىۋەتلىرى، ئايماق، قەبىلە، قوۋملىرى، ئىجتىمائىي تەبىقىلىرى، كۈندۈلۈك تۈرمۇشى ۋە ئىجتىمائىي ئالاقىلىرى، دىنىي ئېتىقادى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرى، شۇ ۋاقىتتىكى مائارىپ، تېبابەتچىلىك، دەم ئېلىش چاغلىرىدىكى ئويۇن-تاماشالىرى، مۇزىكا ۋە چالغۇ ئەسۋبلىرى، كىيىنىش ئادەتلىرىدە كىيىم –كېچەك، ئۆي-ئىمارەت، ئاشخانا مەدەنىيىتى، يېمەك-ئىچمەكلىرى، كالىندار، قورال-ياراغلىرى قاتارلىق بىلىملەرنى خېلى مۇكەممەل ئۆگىنىپتۇ، شۇڭا مەھمۇت قەشقىرىنىڭ بەدىئىي ئوبرازىنى مۇكەممەللىككە ئىگە قىلىپ، مەخمۇت قەشقىرىنى مۇشۇ كىتابنى ئوقۇغان ھەر بىر ئوقۇرمەن بىلەن بىللە ياشاۋاتقان تۇيغىغا كەلتۈرۈپ ئىپادىلەپتۇ»(دەپ يېزىپ قويۇپتىكەن. قىستۇرۇلما كۈندىلىك خاتىرەمدىن ئېلىندى).  
قىسقىسى،«مەھمۇت قەشقىرى» ناملىق بۇ تارىخىي روماندا تىل ئىشلىتىش جەھەتتە بولسۇن، ھەرخىل ئوبرازلارنى يارىتىشتا بولسۇن، ئەسەر قۇرۇلمىسىدا بولسۇن، مەخمۇت قەشقىرىگە مۇناسىۋەتلىك  زامانداش مەشھۇر شەخسلەرنى يارىتىشتا بولسۇن، مەخمۇ قەشقىرى ئوبرازىنىڭ ئۆسمۈرلۈك  چاغلىرى، ياشلىق چاغلىرى، ئىجادىيەتتىكى ئالتۇن چاغلىرى، ياشىنىپ قالغاندىكى چاغلىرى بولسۇن شۇ چاغدىكى ماكان، زامان ئۆزگىرىشلىرىگە ماسلاشتۇرۇپ ئىپادىلەپ، بۇيۈك سىما مەخمۇت قەشقىرىنىڭ بەدىئىي ئوبرازىنى ناھيىتى تەبىئىي يارىتىپ،  خاراكتىرى بىرخىل يارىتىلىپ قېلىشتىن قاتتىق ساقلانغان. بۇ بىر چوڭ ئالاھىدىلىك، بىز ئەدەبىات نەزەرىيىسىدە تەكىتلەۋاتقان يەكسەك بەدىئىي تىپ دېگەن ئوبراز مانا مۇشۇ دەپ قارايمەن. يەنە كېلىپ تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلساق، روماندا مەخمۇ قەشقىرىنىڭ ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن مەزمۇنلارنى بولۇپ، ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ مىلادىيە11-، 12- ئەسىرلەردىكى چىن تارىخىي ۋەقەلەر، مۇھىم تارىخىي شەخسلەر، ئوردىلاردىكى ھاكىمىيەت ئىشلىرى، ھوقۇق تالىشىش كۈرەشلىرى، نىزا-ئىختىلاپلار، چوڭ ھەربىي يۈرۈشلەر، ئىجتىمائىي ،ئىقتىسادىي مەدەنىيەت، ئەدەبىيات-سەنئەت، فولكنور ئادەتلىرى، تۈركىي خەلقەر  زېمىنىنىڭ تېرىتورىيىسى، جۇغراپىيىلىك ئەھۋالى، دىنىي ئېتىقادى، ئىسلام دىنىغا كۆچۈش جەريانى، قوللىنىش ئەھۋالى، ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى زۆرۈريىتى، شۇ دەۋرلەردە ئالىم-ئۆلىمالارنىڭ ئىجاد قىلغان ئەسەرلىرى، ھاياتى، ئىلمىي پائالىيەتلىرى قاتارلىق كۆپلىگەن مەزمۇنلار يېزىلغان. بۇ مەزمۇنلار ئەسەرنىڭ تارىخىي ئۇچۇر قىممىتىنى ئاشۇرۇپ،  ئەسەرنىڭ مەزمۇنىنى زور دەرىجىدە بېيىتقان.
روماندا لىرىك تەركىبلەرگە ناھايىتى باي بولۇپ، روماندا شەخسلەرنىڭ سەرگۈزەشتلىرى ئاساس قىلىنغان ئېپىك-سوژىتلىق رومان بولسىمۇ، لېكىن تالانتلىق يازغۇچى پەرھات جىلان تېخىمۇ يۇقىرى بەدىئىي ئۈنۈمگە ئېرىشىش ئۈچۈن، روماننى لىرىك تەركىبلەر ئىچىدە يازغۇچىنىڭ ھېس-ھاياجانلىق نۇتۇقلىرىدىن كۆرە چوڭقۇر پىكىرلىك مۇھاكىمىلەر ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. بۇنداق مۇھاكىمىلەرنىڭ كۆپىنچىسى تارىخ ھەققىدىكى چوڭقۇر ئويلىنىش، بەزىلىرى ھايات تەجرىبىلىرىنى، بەزىلىرى پەلسەپىۋى پىكىرلەرنى، يەنە بەزىلىرى بولسا، ئەخلاقىي-ئەقلىي تەركىبلەرنى بايان قىلغان. ئەسەردىكى ئىلمىي مۇھاكىمىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئەساسلىق خىلمۇ خىل پېرسوناژلارنى يەكسەك بەدىئىي تىپقا ئىگە قىلىش ئۈچۈن يارىتىلغان بولۇپ، پېرسوناژلارنىڭ ئوي-خىيالى سۈپىتىدە بېرىلگەن. شۇنداق مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، يازغۇچى ئەسەرنىڭ راۋاجىدا ئېتىياج تۈپەيلىدىن قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنى مەلۇم نىسبەتتە قوللانغان بولۇپ، «تۈركىي دىۋانى» دىكى قەدىمكى تىل ۋە ئەدەبىياتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەركىبلىرىدىن شاكىلىنى ئايرىۋېتىپ مېغىزىنى قوبۇل قىلىش ئۇسۇلى بىلەن ناھايىتى ئۈنۈملۈم پايدىلانغان، ھەم «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىكى ماقال-تەمسىللەردىن، شېئىر-قوشاقلاردىن، ھېكايە، رىۋايەتلەردىن ناھايىتى ئۈنۈملۈك پايدىلانغان. بۇ رومان ھەقىقەتەن ھەر تەرەپتىن ناھايىتى ئۇتۇقلۇق يزىلغان تارىخىي روماندۇر.
مەن بۇ ئەدەبىي ئوبزورنى يېزىشتىن بىر ئاي بۇريۇن«مەخمۇت قەشقىرى» رومانى قايتا بىر قېتىپ كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن، ئۆزبېكىستاننىڭ مەشھۇر يازغۇچىسى ئادىل ياقۇپوفنىڭ داڭلىق تارىخىي رومانى ئۇلۇغبەگ خەزىنىسى رومانىنى يەنە بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىپ، ئىككى روماننىڭ بەدىئىي جەھەتتىكى پاساھىتى بىلەن مەلۇم بىر تارىخىي دەۋرنىڭ يەنى بىر ئەسىرمابەينىدىكى تارىخىي ئارقا قۆرۈنۈشىنى يۇرۇتۇپ بېرىشتەك  ماھارىتىدىن سۆيۈنۈپ كەتتىم. «ئۇلۇغبەگ خەزىنىسى» رومانىنى تونۇلغان تىلشۇناس، پىداگوك ئارسلان ئابدۇللا ئاكا خەنزۇچىدىن ئۇيغۇرچىغا تولىمۇ گۈزەل ئۇيغۇر تىلىدا پەرھات جىلان«مەخمۇ قەشقىرى »  رومانىنى يازغاندەك تەرجىمە قىلغان. بۇ رومان ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بىرىنچى قىسىمىدا بۇيۈك ئۆزبەك ئالىمى مىرزا ئۇلۇغبەگ ھاياتىنىڭ ئەڭ پاجىئەلىك چاغلىرى تەسۋىرلەنگەن بولسا، ئىككىنچى قىسمىدا ئۇ ئۇلۇغ ئالىمنىڭ ئىلمىي ئىجادىيەت مىراسىنى ساقلاپ قېلىش، ئاسراش ئۈچۈن ئۇنىڭ شاگىرتلىرى ئېلىپ بارغان مەردانىلارچە كۈرەشلىرى ھېكايە قىلىنغان. رومان ئۇلۇغبەگ دەۋرىنىڭ ئىچكى زىددىيەتلىرى توغرىسىدا ۋە ئاددىي خەلق ۋەكىللىرىنىڭ تۇرمۇشى ھەققىدە كەڭ ئوقۇرمەنلەرنى  چوڭقۇر بىلىملەرگە ئىگە قىلسا، «مەخمۇت قەشقىرى» رومانىدا 11-، 12- ئەسىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىنى يۇرۇتۇپ بىرىش بىلەن بىرگە مەخمۇت قەشقىرىنىڭ ئىلمىي ھاياتىنى شۇ دەۋرنىڭ ماكان، زامان ،دەۋر ئالاھىدىلىكىنى چىقىش قىلىپ يېزىپ چىققان. ھەر ئىككى روماننىڭ پەدىئىي مۇۋەپپەقىيىتىدە بولسۇن، مەزمۇن ئالاھىدىلىكى بولسۇن، تىل ئالاھىدىلىكى بولسۇن ھەرخىل پېرسوناژلارنى تىپىكلەشتۈرۈشتە بولسۇن، بىر-بىرىدىن قېلىشمايدىغان نادىر ئەسەرلەر ئىكەن. شۇڭا «مەخمۇت قەشقىرى» رومانىمۇ بىرەر دۇنياۋى تىلغا تەرجىمە قىلىنىپ باققان بولسا دېگەن ئويغا كىلىپ قالدىم، بىزنىڭ تارىخىي رومانچىلىقىمىزنىڭ سەۋىيىسىمۇ دۇنيا ئەدەبىياتى سەۋىيىسىگە يېقىنلىشىپتۇ دەپ خوشال بولساق، يازغۇچىلىرىمىز يىلدا بىرنەچچە رومان يېزىۋەرمەي مۇشۇنداق دۇياۋى سەۋىيىگە يەتكەن رومانلارنى يېزىش ئۈچۈن پەرھات جىلان ئاكىدەك يول تۇتقان بولسە ئەدەبىياتىمىزدا دەۋر بۆلگۈچ خاراكتىرلىك نادىر ئەسەرلە كۆپەپ مەيدانغا كەلگەن بولاتتى دەپ ئويلام قالدم، شۇڭا بۇ ئىككى روماننى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈپ تالانتلىق يازغۇچى پەرھات جىلان ئاكىدىن تولىمۇ پەخىرلەندىم، بىزنىڭمۇ دۇنياۋى سەۋىيىگە يېقىنلاشقان «ئولۇغبە خەزىنىسى» رومانىدىن قېلىشمايدىغان «مەخمۇ قەشقىرى»، «ئورخۇن شەجەرىسى»،« ئىدىقۇت يۇلتۇزلىرى» دەك تارىخىي رومانلىرىمىز بار بولدى دەپ تازا بىر ۋاقرىغىم كەلدى، ئەمما ھازىرغىچە بۇ رومانلاردىن بىرەرسىنىڭ دۇنياۋى تىللارغا، ھېچ بولمىغاندا قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ تىلىغا بولسىمۇ تەرجىمە قىلىنمىغىندىن بەك ئەپسۇسلاندىم. (تەرجىمە قىلىنغان بولسا مەن ئۇقماي قالدىممۇ يە!) يەنىلا ئەدىبىياتىمىزنىڭ ئىستىقبالى پارلاق بولۇپ، كەلگۈسىدە مەن ئارزۇ قىلغاندەك دۇنياۋى شۆھرەت قازانغان يازغۇچىلار، ئەسەرلەرچوقۇم چىقىدغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
ئەمدى نەزەرىمنى بۇ تالانتلىق يازغۇچىنىڭ ئىدىقۇت يۇلتۇزلىرى» رومانىغا ئاغدۇرسام، بۇ رومانمۇ ناھايىتى ئىخچام، ۋەقەلىرى قىزىقارلىق، ھەرخىل پېرسوناژ دېئالوگلىرى پېرسوناژ ياشاۋاتقان ماكان، زامانغا ماس ھالدا ناھايىتى تەبىئىي يارىتىلغان بولۇپ، رومان تىلى ئاممىباب تىلدا تولىمۇ شۈشىنىشلىك يېزىلغان. ھەجىم قەھەتتە 435 بەت، 26باپتىن تەركىب تاپقان، ئوتتۇرا  ھەجىملىك رومان. (كۈندە تۆت سائەتتىن ئوقۇپ، ئۈچ كۈندە تۈگەتتىم). روماندىكى ئاساسىي مەزمۇن، ئىدىقۇت خانىنىڭ چىڭگىزخان بىلەن قۇدىلىشىپ بىرلەشكەنلىكى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان ھالدا ئەينى دەۋردىكى زور تارىخىي ۋەقەلەر بايان قىلىنغان. روماندا تەسۋىرلىنىشىچە، ئاساسلىق پېرسوناژلارنىڭ بىرى توختامىش ئىسىملىك بىر يىگىت ئىدىقۇت خانلىقى قارا قىتان خانلىقىنىڭ ھۆكۈمىرانلىقى قول ئاستىغا چۈشۈپ قالغاندا، ئامالسىزلىقتىن قىتانلاردىن قېچىپ ئالتايغا بارىدۇ ۋە ئۇيەردە تايمان ئوردىسىدا ئىشلەيدىغان تاتا تۇڭا بىلەن تونىشىدۇ. چىڭگىزخان ئالتايغا ھۇجۇم قىلىپ، نايمان خانلىقىنى مەغلۇب قىلغاندا تاتا تۇڭا موڭغۇللارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالىدۇ. كېيىن تاتا تۇڭا چىڭگىزخاننىڭ كاتىپى بولىدۇ ھەمدە مۇڭغۇللارغا يېزىق ئۆگىتىدۇ. توختامىشمۇ مۇڭغۇللارغا يېزىق ئۆگىتىدىغان ئوقۇتقۇچى بولدۇ. روماندا تەسۋىرلەنگەن ۋەقەلەردە نۇرغۇن ئۇيغۇرلار مۇڭغۇل ئاقسۆڭەكلىرىگە تاتا تۇڭغا ئوخشاش يېزىق ئۆگەتسە، يەنە شۇ زىمىندا  مۇھىم ئەمەللەرنى تۇتۇپ ئىشلەيدۇ. چىڭگىزخان بىلەن ئىدىقۇت خاننىڭ دوستلۇقى چوڭقۇر مۇھەببەتتە تەسۋىرلىنىپ، ئىدىقۇت خانلىقى ئەينى دەۋردىكى مەدەنىيەتلىك ئەللەرنى بىرسى سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىدۇ. شۇنىڭدەك، ئىدىقۇت تەۋەسىدىكى بوستانلىقلاردا بىناكارلىق، توقۇمىچىلىق، مېتالچىلىق، رەسساملىق، ھەيكەلتاراشلىق، مەتبۇئاتچىلىق كەسىپلىرى ئۆز دەۋرىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى يارىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىدىن كۆپلىگەن ئالىملار، ئەدىبلەر ۋە تەرجىمانلار يىتىشىپ چىقىدۇ. ھەتتا چىڭگىزخاننىڭ «قوماندانلىق مەركىزى»دە ئاجايىپ تەدبىرلىك، باتۇر ئۇيغۇر سانغۇنلارمۇ يىتىشىپ چىقىدۇ، موڭغۇللارغا يېزىق ئۆگىتىشنى باشلاپ بەرگەن تاتا تۇڭا چىڭگىزخان تەرىپىدىن «دۆلەت ئۇستازى» دەرىجىسىگە ئۆستۈرىلىدۇ. روماندىكى مۇشۇ بابلارنى ئوقۇغان ئوقۇرمەنلەر ئۆز تارىخىدىن، ئۆز سانغۇنلىرىدىن قاتتىق پەخىرلىنىدۇ.  
روماندا چىڭگىزخاننىڭ كېيىنكى ئالەمشۇمۇل يۈرۈشلىرى باشلىنىپ كېتىدۇ. ئىدىقۇت خانمۇ قوشۇن تارتىپ چىڭگىزخانغا قېتىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن موڭغۇل-ئۇيغۇر قوشۇنلىرى قاراخانىيلار زېمىنلىرىدىن قىتانلار بىلەن نايمانلارنى قوغلاپ چىقىرىدۇ. ئاندىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خارەزىم دۆلىتىنى ئىشغال قىلىدۇ. بىر بۈلۈك موڭغۇل-تاتار قوشۇنلىرى قىپچاقلار ۋە رۇسلارنىڭ يەرلىرىنى ئىشغال قىلىۋالىدۇ. ۋەقەلىككە يىپ ئۇچى قىلىنىپ داۋاملاشتۇرۇلغان ئاسالىق پېرسوناژنىڭ بىرى توختامۇشمۇ ئىدىقۇت قوشۇنىنىڭ تەركىبىدە نۇغۇن يۈرۈشلەرگە قاتنىشىدۇ. بۇ جەرياندا ئۆزىنىڭ جۇدالىقتىكى سۆيگىنى تۈركەن ئاينى تولا ئىزدەپ تاپالمايدۇ.« ئۆلمىگەن جاندا ئۈمىد بار» دېگەندەك، داۋاملىق ئىزدەيدۇ. ياشىنىپ قالغان توختامىش ئوغلى ئىلتەرىشنى ئۆيلىمەكچى بولۇپ موڭغۇل-تاتارلار ئىگىدارچىلىق قىلىۋاتقان ۋولگا دەرياسى بويىدىكى سارايچىق شەھىرىگە كېلىدۇ ۋە ياشلىق دەۋرىدىكى سۆيگۈنى تۈركەنئاي بىلەن كۆرۈشىدۇ. بۇ ۋەقەلەر روماندا تەسۋىرلەنەەندەك، يازغۇچىنىڭ ھەربىر تىپىك پېرسوناژنىڭ خاراكتىنى ئۆزىگە خاس ھالدا يارىتىشتىكى ئۇستىلىق بىلەن قوراشتۇرغان تىرادىگىيەسى بولۇپ، ئوقۇرمەنلەرنى روماننى ئوقۇشتىن زىرىكىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ، مۇشۇ بىقارا ئاشىق توختامىش بىلەن ئاخىرىدا نېمە بولار دېگەن قىزىقتۇرۇشقا باشلاپ قويۇشتىكى ئۇستىلىقى بولۇپ، ئاشىق-مەشۇقلارنى مىرادىغا يەتكۈمەي ئۇچراشتۇرىدۇ، ئەمما قۇدا بولۇپ قالىدۇ، رومانمۇ ئاخىرلىشىدۇ.
   ئەمدى نەزەرىمىزنى «ئورخون شەجەرىسى» رومانىغا ئاغدۇرىدىغان بولساق، بۇ روماندىكى ۋەقەلىك سەل مۇرەككەپ بولۇپ، يازغۇچىنىڭ ئەدەبىي دىتىغا، ۋىجدانىغا، مول تارىخىي بىلىمىگە، يايلاق مەدەنىيىتىگە ئائىت بۆرە توتېمىغا، جۇڭگو تارىخىدىكى تاڭ سۇلالىسى تارىخىغا ئائىت مول بىلىمىگە ھەيران قالىسىز، تەتقىقات نۇقتىسىدىن بۇ روماننى تازا كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇسىڭىز، كۈزدە يېزىغا بېرىپ ئاق قوناق تازا ئوخشاپ باش تۇتقاندا يېنىغا تېرىغان، تازا ئوخشىغان سېرىق كۆمە قوناقنىڭ بېشىغا قارىسىڭىز، ئۇنىڭدىن چەڭگىل قۇناق ھاسىل بولغان ئاجايىپ يوغان ھەم چىرايلىق باش تۇتۇپ، سەرخىل دان تۇتقان  چەڭگىل قوناقنى كۆرۈپ ھەيران قالغاندەك كۆرۈنۈشنى كۆرىسىز. شۇنىڭغا ئوخشاش، روماندىكى تەسۋىرلەنگەن ۋەقە تولىمۇ مۇرەككەپ بولۇپ، 8- ئەسىرنىڭ كىرىشى بىلەن سەددىچىن سېپىلىنىڭ شىمالىدىكى يايلاقلاردا ھۆكۈم سۈرگەن كۆكتۈرك خانلىقى زاۋاللىققا يۈز تۇتۇپ، ئۇيغۇر، قارلۇق، باسمىل قەبىلىلىرى بىرلىشىپ بۇ خانلىقنى ئاغدۇرۇپ تاشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن، مىلادىيە 744- يىلى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى قۇرۇلىدۇ. ئەمما تاڭ سۇلالىسىدا ئەن لۇشەن باشچىلىقىدىكى توپىلاڭ كۆتۈرۈلۈپ، تاڭ سۇلالىسىنىڭ ھەر ئىككى پايتەختىنى ئىگەللىۋالىدۇ. بۇنىڭغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن پادىشاھ تاڭ شۇەنزاڭ سىچۈەنگە قاچىدۇ ۋە پادىشاھلىق ئورنىنى ئوغلى تاڭزۇڭغا قالدۇرىدۇ. تاڭ زۇڭ تولىمۇ بىچارە قىياپەتتە نۇرغۇن بانالارنى كۆرسىتىپ، بۇ توپىلاڭنى باستۇرمىسا، ئاقىۋىتىنىڭ ياخشى بولمايدىغانلىقىنى شەرھىلەپ، ئۇيغۇرلاردىن قوشۇن ئەۋەتىپ ياردەم بېرىشنى سورايدۇ. ئۇيغۇر قوشۇنى بۇلارنىڭ تەكلىپىگە قوشۇلۇپ، ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ ئىككى قېتىپ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ، تاڭ قوشۇنلىرى بىلەن بىرلىكتە توپىلاڭنى قاتتىق باستۇرىدۇ. ئۇيغۇر ھۆكۈمدارى بۆگۈ قاغان تاڭ سۇلالىسىنىڭ پايتەختى چاڭئەن شەھىرىدە سوغدى روھانىيلىرىنىڭ قاتتىق تەسىرىگە ئۇچراپ، مانى دىنىنى قوبۇل قىلىدۇ ھەم  بۇ دىننى پۈتۈن ئۇيغۇر ئىلىدە ئومۇملاشتۇرىدۇ. 9- ئەسىرنىڭ 30- يىللىرىدا، ئۇيغۇ يايلاقلىرىدا قېيىشاندەك ئۇدا بىرنەچچە يىلغىچە ئېغىر ئاپەت يۈز بېرىپ ۋە ۋابا تارقىلىپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلىدۇ، چارۋا ماللار قىرىلىپ كېتىدۇ. ئوردىدا توپىلاڭ كۆتۈرۈلىدۇ. ئەل ئىچى پاراكەنتچىلىككە قالىدۇ. دەل شۇ چاغدا قىرغىزلار يۈزمىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن كۆكتۈرك خانلىقىغا ھۇجۇم قىلىپ باستۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئورخۇن  ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلىدۇ، ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ ئاساسلىق قىسمى پان تېگىن رەھبەرلىكىدە تەڭرىتاغ ئەتراپلىرىغا چېكىنىدۇ. مۇشۇنداق بىر مۇرەككەپ قانلىق تارىخىي ۋەقەنى دەۋر تەرەقىياتىغا، دىن ئۆزگەرتىشىگە ۋە يايلاق مەدەنىيىتىگە باغلاپ ۋەقەلەردىكى مۇرەككەپ زىدىيەتلەرنى توغرا بىرتەرەپ قىلىپ،  «ئورخۇن شەجەرىسى»دېگەن بۇ روماننى ناھايىتى ئۇتۇقلۇق  يېزىپ چىقىدۇ.
مېنىڭچە،  بىرقانچە مىللەتنىڭ شۇۋاقىتتىكى تارىخىي كەچۈرمىشىنى، شياشاش ئادىتىنى بۇندق توغرا بىر تەرەپ قىلىپ تەسۋىرلەپ رومان يېزىش ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس. تالانتلىق يازغۇچى پەرھات جىلان ئاكا  بۇ روماندا ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ياشاش ئادىتىنى، يۇرتىنى، ئېتىقاتىنى، خانلىقنىڭ، ھۆكۈمىرانلىقنىڭ نېمە سەۋەبتىن  ھالەك بولغانلىقىن ئىبارەت تارىخىي چىنلىقنى ئەمەلىي پاكىتلار بىلەن تەسۋىرلەپ ئويغۇر شەجەرىسىنىڭ ھالاكىتى بىلەن ئاخىرلاشقان «ئورخۇن شەجەرىسى » رومانىنى يېزىپ چىقىدۇ.
ھۆرمەتلىك پەرھات جىلان ئاكا، سىزدىن بەك پەخىرلىنىمەن، سىز بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا بولسۇن تىلشۇناسلىقتا بولسۇن تەرجىمە شۇناسلىقتا بولسۇن  تارىخشۇناسلىقتا بولسۇن كەم تېپىلىدىغان ئىستىدات ئىگىسى دەپ قارايمان بۇنى ئجادىي ئەمەلىيىتىڭىز ئىسپاتلىغان ھەممە ئىتىراپ قىلغان چىن ھەقىقەت. مۇ ئىلمىي ئەمگكلىرىڭىزنى پۈتكۈل ئۇيغۇرلار ياق ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى مەندەك بىلىپ كەتمىسە كېرك دەپ پۈتۈن ئەسەرلىرىڭىز ئۈستىدە بىر يىرىكراق ماقالىنى يېزىپ مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىشنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ بۇ ماقالنى يازغان ئىدىم، ئەمما «قازاندا نېمە بولسا چۈمۈچكە شۇ چىقىدۇ دېگەندەك ماقالىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ يازالمىدىم، مۇمكىن بولسا بۇ ئازغىنە ئەجرىمنى بىكارغا كەتمىسۇن دەپ قارىسىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ تارىخي رومانلىرىڭىز توغرىسىدىكى قاراشلىرىڭىزنى مېنىڭ تىلىمدا بايان قىلىپ ماقالەمدىكى كەمتۈكلۈكنى تولىقلىۋېلىپ ئاندىن بىرە بەتبۇئاتتا ئېلان قىلاي دېگەنتىم بۇنىڭغا قېتىلمىسىڭىزمۇ ھەرگىز رەنجىمەيمەن، شۇڭا بۇ ئاددىي يازمامنى ۋاقىتدا كۆرۈپ پىكرىڭىزنى يېزىپ قويغان بولسىڭىز، ھۆرمەت بىلەن پولات غەنىزات غەيۇرانى.
2013- يىل 10 –ئايدا يېزىلدى.  
پايدىلانغان مەنبەلەر:
«ئاق ئېتىم» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ئۇيغۇچە نەشرى.
«مىخمۇت قەشقىرى» رومانى1996- يىلى 6- ئاي شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى ئۇيغۇرچە نەشرى.
«تۈركىي دىۋانى» دىن 11- ئەسىردىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئىجتىمائىي مەدەنىيىتىگە نەزەر.
2010مىللەتلەر نەشرىياتى 2010- يىل ئۇيغۇرچە نەشرى. ئاپتورى رىشاد گەنج (تۈركىيە).
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي خەلقلەر تارىخ توغرىسىدا «ئون ئىككى لېكسىيە». ۋ.ۋ بارتولد (سوۋېت ئىتتىپاقى)2010- يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى ئۇيغۇرچە نەشرى.
2013- يىلى 10-  ئايدا يازدىم.  11- ئايدا قىسقارتىپ تەھرىرلىدىم. پولات غەنىزات غەيۇرانى 13659978711، 5593339  
ئادرېسىم: شىنجاڭ گېزىتى ئۇيغۇر تەھرىر بولۈم ئىجتىمائىي خەۋەرلەر گۇرۇپپىسىدا كاندىسدات ئالىي مۇھەررىر.
   


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

10

تېما

493

يازما

503

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 117460
يازما سانى:
493
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
3640
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
271 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-4-13
ئاخىرقى:
2016-4-1
ۋاقتى: 2016-3-10 18:46:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى بىلىمدىن خەۋەردار قىلدىڭىز

0

تېما

73

يازما

73

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 139835
يازما سانى:
73
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
118
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
22 سائەت
تىزىملاتقان :
2016-3-8
ئاخىرقى:
2016-3-30
ۋاقتى: 2016-3-10 19:57:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېلفۇن نۇمۇرىڭىزنى توغرا يازغانسىز -ھە ؟

55

تېما

628

يازما

683

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 96454
يازما سانى:
628
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
2776
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
519 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-7-27
ئاخىرقى:
2016-3-31
ۋاقتى: 2016-3-10 21:12:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن يېزىقچىلىققا تولىمۇ قىزىقاتتىم. مۇمكىن بولسا پولاتجان ئاكام بىلەن يېقىن دوستلاردىن بولۇشىنى، ئۇنىڭ ماڭا يول كۆرسىتىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن

بابۇرخان

3

تېما

2133

يازما

2136

جۇغلانما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 18979
يازما سانى:
2133
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
15844
تۆھپە :
400
باھا :
538
توردا:
3085 سائەت
تىزىملاتقان :
2010-11-25
ئاخىرقى:
2016-3-23
ۋاقتى: 2016-3-10 21:39:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرھات جىلان ئاكىمىزنىڭ "مەھمۇت قەشقىرى "نامىلىق رومانىنى بەكمۇ ياقتۇرمەن .
ياخشى يېزىلغان سەۋىيلىك ئەسەرلەرنى مۇنبەردە داۋاملىق كۆرۈپ تۇرساق دەيمەن .
ئاپتۇرغا رەھمەت .

سىز بارماقلىرى چىڭ تۈگۈلگەن مۇش بىلەن كۆرۈشەلمەيسىز .(گەندى )

چىراقپاي

1

تېما

832

يازما

833

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 64123
يازما سانى:
832
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
10738
تۆھپە :
100
باھا :
90
توردا:
1539 سائەت
تىزىملاتقان :
2011-11-8
ئاخىرقى:
2016-3-30
ۋاقتى: 2016-3-10 23:55:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                    پەرھات جىلان ئاكىمىزنىڭ يوقۇردىكى بىر قانچە رومانىغا بىرىلگەن باھالار
             ئىلمىي دەلىللەش ۋە سېلىشتۇرۇش..ئۇسۇلى ئارقىلىق ناھايتى تەرتىپلىك بايان
             قىلىنىپتۇ...

△《ھەقىقەت ئىجازەتسىز ساياھەت  ...》قىلىپ بولغۇچە،رەزىللىك ئۇنىڭ يوللىرنى توساپ تۇردۇ.

Www.Arkzat.Com

137

تېما

1100

يازما

1237

جۇغلانما

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 30135
يازما سانى:
1100
نادىر تېما :
10
مۇنبەر پۇلى :
47999
تۆھپە :
2387
باھا :
1620
توردا:
6823 سائەت
تىزىملاتقان :
2011-2-12
ئاخىرقى:
2016-3-29
ۋاقتى: 2016-3-11 10:29:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىل گۈزەل سىڭلىم: بۇ ئېسىل ئەسەرنى ماۋزۇسىنى كۆرۈنمە مۇندەرىجىدە تولۇق ئىپادىلەنمىگەن تەقدىردىمۇ،  ھېچ بولمىغاندا،تېكىست بېشىدا بولسىمۇ بىر قېتىم تولۇق ئىپادىلىۋېتىش، تېكىستتىكى خاتا خەتكەن سۆز-ئىبارىلەر ئىملاسىنىمۇ  بىر قېتىم توغرىلىۋېتىدىغان ئىش ئىكەنتۇق.

0

تېما

89

يازما

89

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 90776
يازما سانى:
89
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
288
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
67 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-1-28
ئاخىرقى:
2016-3-14
ۋاقتى: 2016-3-11 11:07:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ARKZAT يوللىغان ۋاقتى  2016-3-11 10:29 AM
دىل گۈزەل سىڭلىم: بۇ ئېسىل ئەسەرنى ماۋزۇسىنى كۆرۈنمە م ...

باكمۇ ياخشى يېزىلىپتۇ. جۇملىدىن مەنمۇ پەرھات جىلان ئاكامنىڭ ئەسەرلىرىنى سۆيۇپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرىمەن . چۇنكى مەن پەرھات جىلان ئاكام بىلەن 3 - ئەۋلات  قېرىنداشلاردىن بولىمەن. رەھمەتلىك مومام نىساخان جىلان قىزى  پەرھات ئاكام ۋە جىلان چوڭ دادىمىز توغرىلىق شۇنداقلا شۇ دەۋرلەردىكى ئىجتىمائى ۋە سىياسى ۋەقەلەرنى بىزگە دائىم سۆزلەپ بېرەتتى ( مومام نىساخان جىلان 1884 -يىلى ئاتۇش مەشھەتتە تۇغۇلۇپ، 1988 - يىلى 9 - ئاينىڭ 12 - كۇنى ساۋەن ناھىيەسىدە 104 يېشىدا ۋاپات بولغان،دادىسىنىڭ ئىسمى جىلان ، ئانىسىنىڭ ئىسمى بۇۋىھەنىپە ) ( مومامنىڭ دىيىشىچە مومامنىڭ دادىسىنىڭ ئىسمىنى پەرھات ئاكىمىزنىڭ دادىسىغا قويغانمىش) ، مېنىڭچە ئەگەر مۇمكىن بولسا پەرھات جىلان ئاكام مۇشۇ  جەمەتنىڭ ئائىلې شەجەرىسىنى ئارقا كۆرىنىش قىلىپ شۇ دەۋردىكى ۋەقەلىكلەرنى يېزىپ چىققان بولسا مېنىڭچە ناھايىتى بىر چىنلىق ئەكس ئەتتۇرۇلگەن تەسىرلىك رومان بولۇپ چىقامىكىن .

2

تېما

34

يازما

37

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 87054
يازما سانى:
34
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
652
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
246 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-11-10
ئاخىرقى:
2016-3-21
ۋاقتى: 2016-3-12 13:16:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرھات جىلان ئاكىمىزنىڭ تارىخى رومانلىرىدىن ،ئۇنىڭ تەرجىمىئە جەھەتتىكى قابىلىيىتىگە قول قويۇمان ،بولۇپمۇ((گىراف مونتى-كىرىستوف)) روماننى بەك ياخشى تەجىمە قىلغان .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|قاماقخانا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى ( 黔ICP备15011399号 )

GMT+8, 2016-4-2 09:51 AM, Processed in 0.200203 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.
شىنجاڭ مىسرانىم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش