مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6531|ئىنكاس: 6

قايدۇدا ئۆتكۈزۈلگەن باھار بايرىمىلىق خەتتاتلار ئىلىم چېيى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

131

تېما

1401

يازما

1532

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 53836
يازما سانى:
1401
نادىر تېما :
17
مۇنبەر پۇلى :
53424
تۆھپە :
1889
باھا :
1506
توردا:
10654 سائەت
تىزىملاتقان :
2011-8-30
ئاخىرقى:
2016-3-29

قايدۇدا ئۆتكۈزۈلگەن باھار بايرىمىلىق
خەتتاتلار ئىلىم چېيى
مارشال خەۋىرى

   گۈزەل قاراشەھەر ناھىيسى تىلغا ئېلىنغان چاغدىلا بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى ئۇيغۇر سانائەتچىلىرىنىڭ باشلامچىسى،شۇ يەرنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتلىرى بولغان مۇچ،زىرە،پەمىدۇرلارنى پىشىقلاپ ئىشلەپ كارخانا قۇرغان ياسىنجان توختى(قايدۇ)كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ. <<قايدۇ>>مەھسۇلاتلىرى قاراشەھەر ناھىيسىنى تۇنۇشتىدىكى كۇزۇر ماركا بولۇپ قالدى.ئۇلۇغ شەھەر دەپ ئاتالغان بۇ يۇرتتىكى<<قايدۇ>>يېمەكلىك زاۋۇتىغا بېرىپ قالسىڭىز خىزمەت بىناسىنىڭ تامىلىرىدا خەتتات ئەمەتجان توختىنىڭ يازغان ھۆسنىخەت ئەسەرلىرى كۆرۈنىدۇ.ئەمەتجان توختى تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغدىلا مەرھۇم ئۇستازى ئىسمايىل تىيىپنىڭ يېتەكلىشى بىلەن ھۆسىن خەت يېزىشنى ئۆگەندى.تۇلۇقسىز،تۇلۇق ئوتتۇرا ئوقۇش ھاياتىدا نۇرغۇن ھۆسىنخەت ئەسەرلىرىنى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىپ ھەر تۈردىكى مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن ئىدى. 1.jpg
    تۇرمۇشنىڭ ھەر تۈرلۈك بېسىملىرى سەۋەبلىك ئەمەتجان توختى تۇلۇق ئوتتۇرنى تاماملاپ بولغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ قىزىقىشى بولغان خەتتاتلىقنى 20يىلغا يېقىن تاشلىۋەتكەن ئىدى.ئاكىسى ياسىنجان توختى(قايدۇ)غا ئەگىشىپ بۈگۈنكى قايدۇ پاي ھېسسىدارلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ بارلىققا كېلىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتتى.دەل مۇشۇنداق تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى بىلەن ئالدىراش ئۆتىۋاتقان چاغلاردا ئەمەتجان توختى 2015-يىلى كورلا شەھرىدە چوڭ خەتتاتلىق كۆرگەزمىسى بولدىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ بۇ قۇتلۇق پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلدى.نەۋرۇز بايرىمىدا ئۆتكۈزۈلگەن خەتتاتلىق كۆرگەزمىسى نۇرغۇن كىشىلەرنى خەتتاتلىق سەنئىتىگە قىزىقتۇردى.ئۇيغۇر مەدەنىيتىنىڭ قىممەتلىك بايلىقى،مىراسى بولغان بۇ ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ قىممىتى توغرىسىدا قايتا ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلدى.ئەمەتجان توختى شۇ پائالىيەتتە ئۇستاز خەتتات پىشۋالىرىدىن كېرەم خوجا،ئەرشىدىن راشىد ،يۇنۇس قۇددۇس ،نەشپۈت يۇرتىدىكى ئۇيغۇر خەتتاتلىرى بىلەن ئۇچراشتى،سىرداشتى،پىكىر ئالماشتۇردى.ئۆزىنىڭ 20يىلغا يېقىن تاشلىۋەتكەن خەتتاتلىق كەسپىنى قايتا تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشتى،مەشىق قىلدى،ئىزدەندى.ئۇستازلارنىڭ يېتەكلىشى بىلەن خەتتاتلىق ئىلمىگە مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى ئىگىلىدى.شۇنداق قىلىپ ئەمەتجان توختى بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى ئۇيغۇر خەتتاتلىرى بىلەن ئىزچىل ئالاقىدە بولۇپ <<باشئەگىم خەتتاتلىق سارىيى>>دىكى مۇھىم غوللۇق ئەزالارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.كورلىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر خەتتاتلىرىنىڭ يىغىلىشىغا ئاكىتىپلىق بىلەن ئىشتىراك قىلىپ تۇردى.20يىلغا يېقىن  تاشلىۋەتكەن خەتتاتلىق كەسپىنى ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىپ كۆزگە كۆرۈنگەن خەتتاتلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.
   7.jpg
      بىر يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە خەتتاتلىق كەسپىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئۆگىنىش،ئىلغار مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش چاقىرىقىغا ئاكىتىپلىق بىلەن ئاۋاز قۇشۇپ ئۆز مەدەنىيتىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىش،ئۆزىگە ئۇستاز بولۇپ يېتەكلەپ كەلگەن خەتتاتلارغا رەھمىتىنى بىلدۈرۈش مەقسىتدە ئەمەتجان توختى ئۆز يېنىدىن ئىقتىساد ئاجرىتىپ  2016-يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى خەتتاتلارنى،خەتتات ھەۋەسكارلىرىنى يىغىپ <<قايدۇ يېمەكلىك پاي ھېسسىدارلىق چەكلىك  شىركىتى>>نىڭ يىغىن زالىدا باھار بايرىمىلىق خەتتاتلىق ئىلىم چېيى ئۆتكۈزدى.
8.jpg 12.jpg
16.jpg 15.jpg
   بۇ پائالىيەتكە شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ پىنسۇيۇنىرى،تارىخچى،پىشقەدەم يازغۇچى ئابدۇۋەلى ئەلى ئاژۇنى،مىللەتلەر ئۈن-سىن نەشرىياتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى،ئىقتىساد پەنلىرى دوكتۇرى دولقۇن قادىر،شىنجاڭ ئۇنۋېرسېتىتىنىڭ پروفېسسورى،ماگىستىر-ئاسپىراتنلار يېتەكچىسى ئابلىكىم ھەسەن ئۆگەن،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەتتاتلار جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى،شىنجاڭ ئۈن-سىن نەشرىياتىنىڭ گۈزەل-سەنئەت لاھىيلىگۈچىسى،ئۇستاز،خەتتات پىشۋاسى كېرەم خوجا،ئۇيغۇر خەتتاتلىقىنى خەلقئارالىق ئۆلچەم بىلەن يېزىشنى تەشەببۇس قىلغۇچى ئەرشىدىن راشىد،تۇرپان دىلرەبا شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى،كەپە مېۋىسى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان تۈركىيەلىك ئۇزۇقلۇقشۇناس جەنگىز ئاتلى،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلرىدىن كەلگەن خەتتاتلار،باشئەگىم خەتتاتلار سارىيىدىكى باشقۇرغۇچىلار،خەتتاتلار،خەتتات ھەۋەسكارلىرى،قاراشەھەر ناھىيىسدىكى بىر قىسىم رەھبەرلەر،مائارىپ سېپىدىكى خىزمەتچىلەر،تاراتقۇلار بولۇپ 150يېقىن كىشى ئىشتىراك قىلدى. sahna.jpg
riyasetchi.jpg
    قايدۇ خەتتاتلىق ئىلىم چېيىغا كورلا شەھەرلىك 6-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ قابىل گۈزەل-سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى غەفۇرجان جاپپار،قاراشەھەردىكى تۇنۇلغان ئەدىبە،ئادۇۋكات گۈلباھار ئەزىز رىياسەتلىك قىلدى.ئۇلار بۈگۈنكى پائالىيەتنىڭ ئەھمىيتى توغۇرلۇق قىسقىچە ئىزاھلاش بېرىپ قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي پائالىيەتكە قەدەم تەشرىپ قىلغان ئەزىز مېھمانلارنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتتى.كەينىدىن بۈگۈنكى باھار بايرىمىلىق خەتتاتلىق پائالىيتىنى ئۆز يېنىدىن ئىقتىساد چىقىرىپ باش بولۇپ تەشكىللىگەن ئەمەتجان توختىنى سۆز قىلىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى.
emetjantoxti.jpg

  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم يۇلتۇز ۋادىسىدا بەرپا بولغان،باغۇ ئىرەم كەبى تۇپراقتا ياشاپ كېلىۋاتقان ئەزىز قېرىنداشلىرىم!
  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،دىل رېشتىمىز مەھكەم چېكىلگەن بۇ يۇرتتا تاڭ سەھەرنىڭ خۇش ھىدىدە ئويغۇنۇپ ،تاڭ سابالىرىدا ھۇزۇر ئېلىشقا مۇيەسسەر بولالىغان دىلكەشلىرىم!
  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!ئۇيغۇر خەتتاتلىقىنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ،سۈيىدە ئېقىۋاتقان،ئۇيغۇر خەتتاتلىقىمىز ئۈچۈن ئىجتىھات بىلەن تىرىشۋاتقان ئۇستازلار،خەتتاتلار ۋە ھەۋەسكارلار ھەممىڭلارغا ئەمەتجان توختىدىن سالام ۋە ئالىي ئېھتىرام!ھەممىڭلارنىڭ قايدۇغا كەلگەن قەدىمىڭلارغا مەرھابا!
  خەتتاتلىق جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئەڭ ئېسىل بايلىقى،ئۇ قەدىمدىن ھازىرغىچە ئۆزىنىڭ گۈزەل رۇخسارىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان،سەنئەت ساھاسىدىكى ئالىيجاناپ،ئىززەتلىك،جۇلالىق يارقىن نامايەندە.ئۇ پۈتكۈل جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ يۈكسەك روھىي دۇنياسى بىلەن تېرەن مەدەنىيەت قاتلىمىغا چوڭقۇر يىلتىز تاتقان شاخلىرى بۈك باراقسان بوستانلىقتۇر.ئۇنىڭدىن كېلىۋاتقان خۇش ھىد ئىلىمنىڭ،سەنئەتنىڭ ھىدىدۇر.
   خەتتاتلىققا ھەربىر مىللەتنىڭ تىل يېزىقى،گۈزەل پەلسەپىسى ۋە تەپەككۇرى سىڭگەن،مىللىي ھېسىياتى ۋە خاسلىقى يۇغۇرۇلغان بولغاچقا ھەر ۋاقىت ماكان،زاماننىڭ چەكلىمىسىدىن ھالقىپ قىزغىن بىر كەيپىيات ئىچىدە مەۋجۇتلىقىنى ساقلىدى ۋە تەرەققىيات يولىدا ماڭدى.بىزنىڭ مەدەنىيتىمىز بولسا بىر بۈيۈك دەرەخ.ئۇيغۇر خەتتاتلىقىمۇ ئەنە شۇ بۈيۈك دەرەخنىڭ يېنىدا پەيدا بولغان خۇش ھىدلىق گۈللىرى بىلەن مەۋجۇتلۇق تېپىپ كەلگەن ۋە راۋاجلىنىۋاتقان بىر دەرەخ.ئۇيغۇر خەتتاتلىق سەنئىتى خەلقىمىزنىڭ ئېسىل قىممەتلىق مىراسلىرىدىن بىرى.بۇ مىراس بۈگۈنكى دەۋردە بىر تۈركۈم ئوت يۈرەك ياشلارنىڭ ۋارىسلىق قىلىشى بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش،ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىلىقنى بىرلەشتۈرۈش ئاساسىدا روياپقا چىقارغان سەنئەتلىك نادىر ئەسەرلىرى بىلەن خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى تەشنالىقىنى قاندۇرۇپ كەلدى.
3.jpg
   ئۇيغۇر خەتتاتلىقى گۈزەل سەنئەتنىڭ مۇھىم بىر تەركىۋى قىسمى.ئۇ بىر ئاۋازسىز مۇزىكا،سۆزلىيەلەيدىغان رەسىم.
   نەپىس،ئۆلچەملىك يېزىلغان بىر پارچە ھۆسن خەت ناھايىتى يۇقۇرى ئىستىتىك قىممەت ۋە بەدىئىي جەلپكارلىققا ئىگە بۇلۇپ كىشىنى زوقلاندۇرىدۇ ۋە كەيپىياتنى ئۇرغۇتىدۇ.تارىخىي بۇيۇملار،بىزدە مەدەنىيەت قاتلاملىرى پەيدا قىلغان نەمۇنىلىك خەتتاتلىق سەنئىتىدىن ئۇچۇر بەرسە،بۈگۈنكى دەۋرنىڭ يارقىن جۇلالىرى ئۇيغۇر خەتتاتلىقىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنى دېرەكلەيدۇ.خەتتات بولسا بىر مىللەتنىڭ سەنئەت باغچىسىدىكى خۇش ھىدلىق گۈللەرنىڭ پەرۋىشكارى.ئۇ زىبا گۈللىرى بىلەن بارچە سەنئەت گۈللىرى ئارىسىدا يىگانە جۇلالايدۇ.چۈنكى ئۇ چېۋەر قوللار ھارمايدۇ.ئۇ ئىجاتكار قوللار مەنىۋىيەت باغچىلىرىغا خاسىيەتلىك قەلىمى ئارقىلىق گۈزەللىك ئاتا قىلىدۇ. مەن مانا مۇشۇ گۈزەل قىممەتلىك ھەۋەسكارى ۋە مۇشۇ ساھادىكى ئىزدەنگۈچىلەر بىلەن بىرگە چوڭ بىر كارۋانغا ئەگىشىپ كېتىۋاتقىنىدىمدىن چەكسىز پەخىرلىنىمەن.ئىپتىخارلىنىمەن.شۇ سەۋەپلىك مەن ياشاۋاتقان ۋە تەرەققىيات يولىدا كېتىۋاتقان قايدۇدىن ئىبارەت بۇ ماكاندا سىلەردەك ئۇستازلارنى،خەتتاتلارنى ۋە خەتتات ھەۋەسكارلىرىنى بۇ يەرگە جەم قىلىپ دىدار مۇلاقەتتە بولالىغىنىمدىن تولىمۇ خۇشالمەن.
6.jpg
4.jpg
   2.jpg
   قاراشەھەر قەدىمدىن بۈيۈك شەھەر دەپ ئاتىلىپ كەلگەن بولۇپ بۇ بۈيۈكلۈك بۇ يۇرتتىكى مىللەتلەرنىڭ ئىناق-ئىتىپاقلىقى،مەدەنىيەت قاتلاملىرىدىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.يۇلتۇز تاغلىرىدىن ئېقىپ چۈشكەن سۈپسۈزۈك سۇلار ھەربىر تەشنا قەلبلەرگە پاكىزلىق،ئىشەنچ،ئۈمىدنىڭ زىيالىيلىرى بولۇپ سىڭىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن بۇ يۇرت تىنچلىقى گويا گۈزەل ۋە سەنئەتلىك پۈتۈپ چىققان بىر پارچە ھۆسن خەتكە ئوخشايدۇ.مانا شۇ تاپ بۇ گۈل شەكىللىك ھۆسنى خەت سىلەردەك ئەزىز مېھمانلارنىڭ مۇبارەك قەدىمى ئۈچۈن گۈزەل بىر پايانداز شەكىلدە يېيىلغان.
   دىدار غەنىمەت،مەن بۇ ئۇنتۇلغۇسىز دەملەرنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!   
11.jpg 9.jpg 13.jpg
    كەينىدىن بۈگۈنكى پائالىيەتكە قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ كەلگەن ئۇستازلاردىن ئابدۇۋەلى ئەلى ئاژۇنى،كېرەم خوجا،دولقۇن قادىر،ئابلىكىم ھەسەن ئۆگەن ئەپەندىلەر ئۆزىنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى بايان قىلدى.ئۇيغۇر خەتتاتلىقى ھەم تەرەققىيات يۆنىلىشى،بۈگۈنكىدەك يىغىلىشنىڭ ئەھمىيتى توغرىسىدا ئۆزىنىڭ كۆز-قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويدى.قايدۇ پاي ھېسىدارلىق يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ باش لېدىرى ،شۇ يۇرتنىڭ سەركىسى ياسىنجان توختى (قايدۇ)بۈگۈنكى ئۇكىسى ئەمەتجان توختى باش بولۇپ تەشكىللەپ ئۇيۇشتۇرۇپ قىلغان پائالىيەت توغۇرلۇق قىسقىچە سۆز قىلىپ ئۆتتى.كەينىدىن ياسىنجان توختى (قايدۇ)بىلەن ئەمەتجان توختى بۈگۈنكى پائالىيەتكە قاتناشقان ئەزىز مېھمانلارنى سەھنىگە تەكلىپ قىلىپ ئۆزىنىڭ كۆڭۈل سوۋغىسىنى ئىزھار قىلدى.ئەمەتجان توختى ئۆزىنىڭ خەتتاتلىق ساھەسىدە يېتەكلەپ كەلگەن ھەم بارلىق ئۇيغۇر خەتتاتلىرىنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى بولغان ئۇستاز،خەتتات پىشۋاسى كېرەم خوجىغا ھۆرمەت تونى تەقدىم قىلدى. توننى ئۇستاز دولقۇن قادىرنى كەيدۈرۈپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى.
keremxoja.jpg
keremxoja2.jpg
IMG_4181.JPG
keramxoja6.jpg keremxoja4.jpg yasinqaydu.jpg keremxoja5.jpg

     قايدۇ پاي ھېسسىدارلىق يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ باش لېدىرى ياسىنجان توختى (قايدۇ)ئۇستاز كېرەم خوجا ئەپەندىنىڭ ئۆز قولى بىلەن ئىشلەپ چىققان بىر پارچە ئەسىرىنى قايدۇ مۇزىيىغا يادىكار قىلىپ ساقلاپ قۇيۇش ئۈچۈن ئۆز يېنىدىن 30000(ئوتتۇزمىڭ)سوم چىقىرىپ سېتىۋالدى.ياسىن كەرىمنىڭ ا ھەرپى بىلەن ئىشلىگەن ئەسىرى نەق مەيدانغا ئىشتىراك قىلغان كىشىلەرگە 3000(ئۈچ مىڭ)سومغا،يۇنۇس قۇددۇسنىڭ ئىككى پارچە ئەسىرى 5000(بەش مىڭ)سومغا،ئەرشىدىن راشىدنىڭ بىر پارچە ئەسىرى 3000(ئۈچ مىڭ)سومغا،غەفۇرجان جاپپارنىڭ ئىككى پارچە ياغاچ قاتما رەسىمى 8000(سەككىز مىڭ)سومغا سېتىلدى.ياش خەتتات،رەسسام مۇھەممەدجان (ئەرك)ئىقتىساد پەنلىرى دوكتۇرى دولقۇن قادىرغا ئۆزىنىڭ تەييارلىغان بىر پارچە ھۆسن خەت ئەسىرىنى تەقدىم ئەتتى.
IMG_4183 (2).JPG
kattafgtdfg.jpg ryrfyh.jpg resim.jpg dgdh.jpg satmaq.jpg satmaq2.jpg teqdim.jpg
    پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغانلار چۈشتە مول تائاملار بىلەن غىزالىنىپ بولغاندىن كېيىن قايدۇ زاۋۇتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخى.مۇزىيخانىسىنى زىيارەت قىلدى. چۈشتىن كېيىن خەتتاتلار،خەتتات ھەۋەسكارلىرى نەق مەيداندا خەت يېزىش،خەتتاتلىق مۇسابىقە پائالىيتى ئۆتكۈزدى.بۈگۈنكى پائالىيەتنى ئۆز يېنىدىن ئىقتىساد ئاجرىتىپ باش بولۇپ تەشكىللىگەن ئەمەتجان توختى ئۆز يېنىدىن يەنە 5000(بەش مىڭ)سوم پۇل چىقىرىپ خەتتاتلىق مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ نەتىجىگە ئېرىشكەنلەرنى نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلىدى.كەينىدىن بۈگۈنكى پائالىيەتكە كەلگەن ئەزىز مېھمانلار،خەتتاتلار،خەتتات ھەۋەسكارلىرى ئوپچە سۈرەتكە چۈشتى.شۇنداق قىلىپ باھار بايرىمىنى تەبرىكلەپ قايدۇدا ئۆتكۈزۈلگەن خەتتاتلىق ئىلىم چېيى غەلبىلىك ئاياقلاشتى!
musabiqe5.jpg osmanjanmalim.jpg musabiqe3.jpg musabiqe4.jpg musabiqe2.jpg musabiqe.jpg
opche333.jpg opche222.jpg opch111.jpg
IMG_4182 (1).JPG
2016-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن كېيىن يېزىپ تاماملاندى.(مارشال)



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كورلا ئايشەم سادىر

33

تېما

714

يازما

747

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 109491
يازما سانى:
714
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
3642
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
604 سائەت
تىزىملاتقان :
2014-8-26
ئاخىرقى:
2016-3-29
ۋاقتى: 2016-3-11 02:01:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاھ،پاھ، مارشال ئىنىم بەك ياخشى خەۋەر يەتكۈزۈپسىز ،رەسىملەرمۇ بەك ئۇچۇق چىقىپتۇ.سىز بەك تىرىشچان ھە!

مەن دۇنيادىكى  ھەممە ئادەمنىڭ خوشال _ خورام ئۈتۈشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.چۈنكى ئادەم دۇنياغا بىرلا قېتىم كىلىدۇ.بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ۋاقتىمىزنى ئىسىراپ قىلماي،ئۇرۇنسىز ئىشلارغا ئارلاشماي،ئازغانلارنى ئېيىپلىمەي ئۇلارنى يىتەكلەپ،بىلىم ئېىلىش،پەلىسەپە ئۆگۈنۈش، كۈندە بى

10

تېما

493

يازما

503

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 117460
يازما سانى:
493
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
3640
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
271 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-4-13
ئاخىرقى:
2016-4-1
ۋاقتى: 2016-3-11 18:32:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىش بوپتۇ .

0

تېما

73

يازما

73

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 139835
يازما سانى:
73
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
118
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
22 سائەت
تىزىملاتقان :
2016-3-8
ئاخىرقى:
2016-3-30
ۋاقتى: 2016-3-11 18:54:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوپپا كەيگەن رەسىمىڭلارنى كۆرۈپ ‹‹ دوپپا بايرىمى ›› ئۆتكۈزگەن ئوخشايدۇ دەپتىمەن ؟.

0

تېما

1

يازما

1

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 138346
يازما سانى:
1
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
17
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
15 سائەت
تىزىملاتقان :
2016-2-16
ئاخىرقى:
2016-4-1
ۋاقتى: 2016-3-16 20:43:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق خەتتاتلىق سەنئىتىمىزنى خەلىق ئىچىگە كۆپلەپ تەشۋىق قىلىپ،ئىزدىنىۋاتقان قىرىنداشلىرىمىزغا ئالى ئىھتىراممنى يوللايمەن.

GINRAL

0

تېما

193

يازما

193

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 26559
يازما سانى:
193
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
5585
تۆھپە :
290
باھا :
261
توردا:
45 سائەت
تىزىملاتقان :
2011-1-17
ئاخىرقى:
2016-3-19
ۋاقتى: 2016-3-19 11:29:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىش بوپتۇ   يۇرتىمىزدا مۇشۇنىگغا ئوخشاش ئەھمىيەتلىك ئىشلارنىڭ يەنىمۇ كۆپلەپ ئۆتكۈزلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن     شۇ سورۇننى ئۇرۇنلاشتۇرغانلارنىڭ ۋە ئىشتىراك قىلغانلارنىڭ بېشى كۆككە يەتسۇن

ئاللاھ بىر

GINRAL

0

تېما

193

يازما

193

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 26559
يازما سانى:
193
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
5585
تۆھپە :
290
باھا :
261
توردا:
45 سائەت
تىزىملاتقان :
2011-1-17
ئاخىرقى:
2016-3-19
ۋاقتى: 2016-3-19 11:32:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىشلارر بوپتۇ تۇلىمۇ سۈيۈندۈم  مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەھمىيەتلىك ئىشلارنىڭ كۆپلەپ ئۆتكۈزلىشىگە تۇلىمۇ  تىلەكداشمەن  

ئاللاھ بىر
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|قاماقخانا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى ( 黔ICP备15011399号 )

GMT+8, 2016-4-1 09:59 PM, Processed in 0.139640 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.
شىنجاڭ مىسرانىم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش