بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئارتۇچ1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-3-11 08:01 PM
ئانام
ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ
ئىككى دۇنيالىق بەختىمگە دەرمان ،
پاك ئەجرىڭ بىلەن بەردىڭسەن ئىمكان ،
ھايات ياشنايدۇ كۆكلەيدۇ ئارمان ،
ئۇلۇغسەن بۈيۈك مېھرىبان ئانام .
ئاياپ قويمىسا تەقدىر - قىسمەتلەر ،
ھامان ياغدۇردۇڭ بەركەت - ھىممەتلەر ،
روھىڭدا كامال مېھرى - شەپقەتلەر ،
ئۇلۇغسەن بۈيۈك قەدىردان ئانام .
ئىزىڭنى سۆيگەن ۋاپا ، دىيانەت ،
جىسمىڭدا كۈلگەن پاكلىق ، ئادالەت ،
چىن ۋىسال سۈرگەن تەۋپىق ، ھىدايەت ،
ئۇلۇغسەن بۈيۈك پاسىبان ئانام .
تاۋلاپ ئۆتىدۇ ھايات سەيناسى ،
سەن بىلەن تېرەن مەزمۇن - مەناسى ،
نۇرانە مەڭگۈ يارقىن جۇلاسى ،
ئۇلۇغسەن بۈيۈك نۇر جاھان ئانام .