 |
( h( e* I8 l0 g2 B( D1-ئۆزگەرگەن تەقدىر داۋامى.....
8 N, x& A7 U" d' A7 E# J
9 D7 u, M" P) h' M0 N
& t6 C7 h3 l5 Y2 d$ l: a2 K5 t- ئاكام بىلەن دىلشاتنى مەن ئۆيگە ئەكىتەي، دىلنۇر قىزىم سەن بىلەن كەتسۇن، ئەمدىغۇ بولا،- دىدى كىچىك ئاپام شەرۋانەم.- قارا مانىڭ دەۋاتقان گىپنى، يالغۇز ئۇكامنى، ئۇنىڭ گۆھەردەك يالغۇز ئوغلىنى ساڭا قانداق تاشلاپ قويالايمەن، مەن سەندىن چوڭ گىپىمنى ئاڭلا ئۆيەڭنىڭ ئەھۋالىمۇ ئانچە ياخشى ئەمەس ئۇكامنى، دىلشاتنى قىيناپ قويىسەن، سىنىڭ
# B: i4 [. E! N7 R$ \- tقىزىڭمۇ يوق شۇڭا دىلنۇرنى قىزىڭ ئورنىدا بېقىۋالغىن ھازىرقىدەك ۋاقتىدا تازا قولۇڭغا-قول پۇتۇڭغا پۇت بولىدۇ، دىلشاتنى دادىسىنى مەن ئەكىتەي،- دىدى چوڭ ئاپام غۇنچەم.
1 s4 K- Y: N- D2 Q; h- Eئۇلارنىڭ مۇشۇنداق قىلىۋاتقىنىدا ئىككى كۈن بولدى، تۇيۇقسىزلا پەيدا بولۇپ، ئۇكام ئىككىمىزنى بېقىۋالىمىز، دادامنىڭ ھالىدىن ئۆزىمىز خەۋەر ئالىمىز دەۋاتقىنىغا، تېخى بىزنىڭ مەسلەھەتىمىزنىمۇ ئالماي، دادام بىلەن ئۇكامنى تالىشىپ قىززىرشىپ قىلىۋاتىدۇ، لېكىن مىنى بىر-بىرسىگە ئىتتىرشىپ يۈرۈيدۇ، خۇددى بىز ئۇلارنىڭ ھالىمىزدىن خەۋەر ئىلىشىغا مۇھتاجدەك، ئەينى ۋاقىتتا يالغۇز ئانىسىنى باقماي خەقنىڭ قىزىغا تاشلاپ بەرگەنلەرنىڭ مانا ئەمدىلىكتە، مېيىپ بولۇپ قالغان دادامنى "دۇنيالىقتىكى بىردىن-بىر قېرىندىشىمىزنى كىچىك بالىلارنىڭ قولىغا تاشلاپ بەرسەك قانداق بولىدۇ"دەپ كىتىشلىرىگە قاراپ ھەيران قىلىۋاتاتتىم، دادام بولسا بىر ئېغىز گەپ قىلماي بۇ ئىشلارخۇددى ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتسىزدەك بىشىنى ئىچىگە تىقىۋىلىپ باراتتى، مەن نىمە قىلىشىمنى بىلەلمەي بۇ ئىشنى ياسىنغا مەسلەھەت سالدىم، ئۇ بولغان ئىشلارنى ئاڭلاپ
7 ]0 w' H& r8 |8 }" m9 c. k4 [كۈلۈپ كەتتى:-& g7 s( R h/ S& U7 N3 J, F, U
+ m; G6 R+ u R/ F
-نىمىگە كۈلىسىز، مەن يا سىزگە يۇمۇر سۆزلەپ بېرىۋاتمىسام،-0 F: X0 H* b- f8 x8 }* F
- ھەي ئەخمەق قىز شۇنىمۇ چۈشەنمىدىڭىزمۇ، ئۇلار نىمىشقا دادىڭىز بىلەن ئۇكىڭىزنى تالىشىپ سىز بىلەن كارى يوق، ئۇلارنىڭ مەقسىتى سىلەرنىڭ پۇلۇڭلار ھەم بۇ چوڭ ئۆيۈڭلار،- ياسىننىڭ گىپىنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كەتتىم." t- X9 r+ \& _# Z
-قانداقسىگە، گىپىڭىزنى چۈشەنمىدىم،-
* h$ ~7 l. D, D2 @0 L* C- چۈشەنمىگىدەك نىمىسى بار، سىلەرنىڭ بايلىقىڭلارنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ، يېرىڭلار بولمىغان بىلەن ئۆيۈڭلار بەكلا چوڭ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەكتەپتىن داداڭىزغا ئاز پۇل بەرمىدى، ئاپىڭىز تۈگەپ كەتتى، دادىڭىز بولسا مېيىپ بوپ قالدى، ئۇكىڭىز ئىككىڭلار تېخى كىچىك شۇڭا ئۇلار سىلەرنى بېقىۋالسا، پۇلىڭلار، مال- مۈلۈكىڭلار، ئۆيۈڭلار ھەممىسى ئۇلارغا قالمامدۇ،- ياسىننىڭ گەپلىرى مىنى خېلىلا سەگىتىپ قويدى.
( G' j& U& Y1 T5 x. a-ئۇنداقتا ئۇلار نىمىشقا، ئۇكام بىلەن دادامنىلا تالىشىپ، مىنى ئۇنتۇپ قېلىشىدۇ؟
! z7 {0 x" K8 C! v-چۈنكى ئۇكىڭىز بىر ئوغۇل كىيىنچە ھەممە ئاساسلىقى ئۇكىڭىزنىڭ بولىدۇ، دىنىمىز بويىچە سىزگە ئازىراقلا نەرسە قالىدۇ، يەنە كىلىپ
9 m4 t5 O7 h0 ^6 h4 F/ nسىز خەقنىڭ ئادىمى، دادىڭىزنىڭ قانچىلىك ئۆمرى بار ئۇ نامەلۇم، ئەمدىغۇ چۈشەنگەنسىز...-ياسىننىڭ گىپى تۈگۈمەيلا ئۆيگە يۈگۈردۈم توۋۋا، ئۇ ئىشلار نىمىشقا بالدۇرراق ئىسىمگە كەلمىگەندۇ، ئۇلارنىڭ بۇنچىۋالا زەھەرخەندىلىكىنى ھەجەپ ئويلىماپتىمەن.
2 @, t( i1 E4 Z6 `5 R0 ?6 N2 eئۆيگە كىرىپلا ئاچچىقىمدا ئىككىسىگە ۋاقىراپ كەتتىم: F- j; A# [! C& K4 o6 ~7 Z/ Q
- بىز ھېچ يەرگە بارمايمىز، ئۇكام بىلەن دادامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا مەن بار، سىلەر بۇنىڭغا باش قاتۇرمىساڭلارمۇ بولىدۇ./ v5 j. F9 @* g$ n& ~; C
- ۋىيەي ما قىزنىڭ گىپىنى، سىز مۇشتۇمدەك تۇرسىڭىز، ئاكامنى قانداقسىزگە سىزگە خاتىرجەم تاشلاپ قۇيالايمىز، ئۇنىڭ ئۇستىگە بۇ 0 q' K* w+ g5 _1 r
ئۇكىڭىزنىڭ مۇھىم ۋاقتى تۇرسا.- دىدى كىچىك ئاپام، مىنىڭ تۇيۇقسىزلا دىگەن گىپىمدىن چۆچۇپ كەتكەن بولسا كېرەك، كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ تۇرۇپ.; v7 x7 ]! W1 K) w4 _- }* j0 x
-ئائىلىمىزنىڭ بۇنداق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغىنىغا نەچچە ئاي بولدى، شۇنىڭدىن بېرى يەنىلا بىر ئوبدان ياشاۋاتىمىزغۇ مانا.
X$ j6 r* t+ w O' d4 S* }# d0 l- بىر ئوبدانما تېخى، قارىڭە بىچارە دادىڭىزغا، ئۇرۇقلاپ بىر ئۇستىخان بىر تېرە بوپ قاپتۇ، ئەگەر بۇنداق كىتىۋەرسە ئۇزۇن ئۆتمەي 9 ]8 x, y6 D* {% F* V, B1 t9 V2 R
ئىسكىلىتقا ئايلىنىپ قالغىدەك.....
8 y# F: [) u- V; uئۇلار ئۇنى دەيدۇ، مەن بۇنى دەيمەن، تولا تاكاللىشىپ يۈرۈپ ئۇلار يەنە كىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ كىتىپ قىلىشتى، لېكىن ئۇلارنىڭ بولدى قىلمايدىغانلىقى ئىنىق ئىدى، مەن قانداقمۇ ئۇلارغا تەڭ كىلەلەيمەن، ئەمدى دادام ئوتتۇرىغا چىقمىسا بولمايتتى.3 z6 h+ {; g5 a2 g
4 {0 D' X: E& b& ~ C; @' ~- p9 @$ }
- دادا ئۇلارغا بىر نىمە دىسىڭىزچۇ، ئۇلار قاراپ تۇرۇپ بىزنى ئۆيىمىزدىن بىر-بىرسىمىزدىن ئايرىۋەتمەكچى بۇلىۋاتىدۇ،-دەپ يىغلاپ كەتتىم، لېكىن دادام يانىلا جىمجىت بىر نەرسىلەرنى ئويلاۋاتاتتى، بوپتۇ دىدىم ئىچىمدى، دادام چوقۇم ئۇلارغا قانداق
9 I- q( p7 u f) F5 ?5 q) Q! Qتاقابىل تۇرۇشنى ئويلاۋاتىدۇ، ھەرقانچە بولسىمۇ دادام ئۆيىمىزنىڭ ۋەيران بولىشىغا قاراپ تۇرمايدۇ.
- [% D7 \/ ^4 N$ l# yھەپتە ئاخىرسىدا ئۇكام ئۆيگە قايتىپ كىلىپ، بولغان ئىشلارنى ئۇقۇپ قەتتى قىلىپ"مۇمكىن ئەمەس ئۇلارنىڭ ئۆيىگە ھەرگىز بارمايمىز، ھازىر بىر ئوبدان تۇرۋاتساق نىمىشقا بىزنى بىقىۋالغىدەك" دەپ ئاچچىقلاپ كەتتى.
, w5 n3 t- Y- C$ l% N- _ ?3 \. {
- G$ Z2 E9 D# X& j9 m) g7 zدىمىسىمۇ شۇ، ئۇلارنىڭ بىزنى ئايرىۋىتىشكە ھېچقانداق ئاساسى يوق، مەن چوڭ بولدۇم، دادام بىلەن ئۇكامنى ئۆزۈم باقالايمەن.6 x7 R0 {( m _# G. s+ e4 v7 O
$ A7 M, l( M( N1 f1 e" \
+ {7 @7 ~5 K' j( w8 J6 @ئۇلار ئۆيلىرىگە بېرىپلا بەس -بەستە كۈنىگە نەچچە قېتىم تېلفۇن قىلىپ دادامنى قايىل قىلىشقا تىرشىۋاتاتتى،
) K6 l) u ?" Q3 t0 \& S* m دادام ئارتۇق گەپ قىلمايتتى، ئۇلارنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ قوياتتى شۇ.
; D7 V# ]& f$ q# A; B+ R3 p- s" V) l: y, V, | d
! a( I& p, N! m& _
ئارىدىن ئىككى ھەپتە شۇنداق قىلىپ ئۆتۈپ كەتتى، بىر كۈنى ئەتتىگەن ناشتا قىلىپ تۇرۇشىمىزغا چوڭ ئاپام غۇنچەم ئۆيگە ئۈنۈپ3 B- M0 j8 y& r$ R7 p
بولدى، بۇرنۇمغا بىر شۇملۇق پۇراۋاتاتتى، ئۇ بىز بىلەن بىرەر قۇر سالاملىشىپ قويۇپ، ئۇكام ئىككىمىزگە ئەكەلگەن نەرسىلىرىنى قولۇمىزغا تۇتقۇزغاندىن كيىن دادامغا گىپىم بار دەپ دادام بىلەن ياندىكى ئۆيگە كىرىپ كەتتى. ئۇنىڭ دادامغا نىمە دىيىشى ماڭا نامەلۇم ئىدى. يۈرۈكۈم ئەنسىز سوقۇپ تۇراتتى.# G3 u( d) F$ m) G( e9 c- @% R
8 U7 R% {/ d$ S
بىرەر سائەتتىن كىيىن، ئۇلار چىقتى چوڭ ئاچام چاقناپ كەتكەن كۆزلىرى بىلەن ئۇكام ئىككىمىزگە ھەۋەس بىلەن قاراپ قويۇپ يەنە كىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ چىقىپ كەتتى.
" n; J7 Y8 \; m2 T" C1 G7 V9 M5 U. f/ N8 F4 j, D2 X) t
دادامنىڭ ئاغىزىغا بىر نەرسە دەمدىكىن دەپ شۇنچە تەلمۈرسەكمۇ ئۇنىڭ ئاغىزىدىن كەچكىچە بىر ئېغىز گەپ چىقمىدى. پەقەت ئاپامنىڭ رەسىمىگە ئۇزاقتىن-ئۇزاق قاراپ چىقتى.- J W$ k8 ~) g2 R; F! B, ]$ K
$ w. Z" e8 H9 ?8 C g
{' Y- s: r% b j& sكەچلىك تاماقنى يەپ بولۇپ، قاچا-قۇچۇلارنى يىغىشتۇرۇپ تۇرۇشىمغا دادام ئۇكام ئىككىمىزنى يېنىغا چاقىردى، ئۇنىڭ بىزگە مۇھىم گىپى بارلىقى ئىنىق ئىدى., O7 \! p3 k3 J5 `1 i; q/ g) I
بىر ئاز سۈكۈتتىن كىيىن دادام:-
3 i8 H/ A) T8 y/ b: r: u \- باللىرىم نەچچە ۋاقىتتىن بىرى سىلەرنى جاپاغا قويدۇم، ھېچقانداق ئىشلىرىڭلار بىلەن كارىم بولمىدى، خاپا بولماڭلار مەن بۈگۈن بىر كۈن ئويلاشتىم، ئەمدى سىلەرنى بۇنداق تاشلاپ قويسام بولمىغۇدەك.- دادامنىڭ گىپىنىڭ ئايىغىنىڭ نەدىن چىقىدىغانلىقىنى بىلمىسەممۇ دادامنىڭ شۇنداق ئويلىغىنىدىن خۇشال بولدۇم.; ]6 v5 {1 d( J# P2 m+ d
-بىلەتتىم دادا بۇنداق ۋاقتتا بىزنى تاشلاپ قويمايسىز، كەچۈرۈم سورىماڭ، سىزنى چۈشۈنىمىز،-دەپ قويدۇم. دادام سەل تۇرۋىلىپ:-5 W% j& I0 u" t8 f
- گەپنىڭ مېغىزىنى دەي، بۈگۈن چوڭ ئاپاڭلار بىلەن ئۇزاق مەسلەھەتلەشتىم، بىز ئۈچۈلىمىز چوڭ ئاپاڭلارنىڭ ئۆيىگە بىرىپ تۇرىدىغان بولدۇق،- دادامنىڭ ئاغىزىدىن نىمە چىقتى ئاڭقىرالماي قالدىم.
8 f' Q* f+ w# M5 p- H$ {; X-نىمە داۋاتىسەن دادا بىر ئوبدان تۇرۋاتساق نىمىشقا باشقىلارنىڭ ئۆيىدە تۇرىمىز، ئېلىشىپ قالمىغانسەن،- ئۇكام ئورنىدىن چاچىراپ تۇرۇپ كەتتى.* S1 ^( Q9 C. X
- توغرا دادا، بىز يا ئۆزىمىزنىڭ جېنىنى ئۆزىمىز باقالماي قالمىساق نىمىشقا.....نىمىشقا،- تىلىم گالۋاڭلىشىپ گەپ قىلالماي قالغان ئىدىم.
* r* q) c, @+ }8 a5 q; a+ {0 j8 ~- بولدى قىلىڭلار، ھازىر بىلمىگىنىڭلار بىلەن جان بېقىش ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس، سىلەر تېخى كىچىك، بېشىڭلاردا بىرسىنىڭ تۇرۇپ ھالىڭلاردىن خەۋەر ئېلىشىڭلارغا مۇھتاج، مەن ھازىر بۇنداق تۇرسام گىپىمنى ئاڭلاڭلار.
2 j4 [/ F( z- j-لېكىن دادا، سەن ئۇنىڭ مەقسىتىنى چۈشەنمىدىڭمۇ، سىنىڭچە ئۇلار راستىنلا بىزگە ئىچى ئاغىرىپ ھالىڭدىن خەۋەر ئالماقچىمىدۇ؟.2 n0 b$ N2 A' @$ u( z5 O
- بىلىمەن، ھەممىنى بىلىمەن مىنىڭمۇ ئويلىغىنىم بار بىر قېتىم بولسىمۇ گىپىمگە كىرىڭلار.6 ?: \& y' S0 N# Q0 W$ X
كۆپ گەپ تالىشىشلاردىن كىيىن يەنىلا دادام بىزنى، يا بىز دادامىزنى قايىل قىلالمىدۇق، ئۇكام كەسكىن قىلىپ خەقنىڭ ئۆيىگە بارمايمەن، ئەگەر چىڭ تۇرۋالساڭلار بۇندىن كىيىن مەكتەپتىن كەلمەيمەن دەپ ھۇجىرسىغا كىرىپ كەتتى، داداممۇ جاھىللىق بىلەن ئەتىلا ئاچىسىنىڭ ئۆيىگە كۆچۈپ كىتىدىغانلىقىنى بىزنىڭ نىمە بولىشىمىز بىلەن كارى يوقلىقىنى ئىيتتى.
- X$ b( r7 P* Eمەن ھەققىقەتەن ئامالسىز قالغان ئىدىم، قانداق قىلىشىم كېرەك.... كاللامغا ھېچنىمە كەلمەيۋاتاتتى.
5 j1 D4 `& k# p @. S
* N0 b J9 X* c3 D' ~3 \. F; ~3 U ئەتىسى ئۇكام كىيىملىرىنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ، ئۇنىمىغىنىمغا ئۇنىماي مەكتەپكە كەتتى، چوڭ ئاپام ۋە يولىدىشى ئەتتىگەنىدىلا بىزنى' b- p& F$ X3 b v$ m+ c4 ?
ئەكەتكىلى ئۆيگە كەلگەن بولۇپ، خۇشاللىقتىن ئاغىزى قۇلقىغا يىتىپ توختىماي سۆزلەيتتى( S4 x1 l3 x5 c% ?/ Q: @* {, i# D4 L
" نەرسىلىرىڭلار كۆپكەن بۆلۈپ ئاپىرايلى، دىلشات بالامنىڭ نەرسىلىرى كەم قالمىسۇن...." مىنىڭ قولۇم ھېچ ئىشقا بارمايتتى، ھازىرغىچە قانداق قىلىشىمنى بىلەلمەيۋاتاتتىم، كۆچىدىغانلىقىمىزنى بىلگەن قوشنىلارمۇ"ئەمدى ياخشى بوپتۇ، مىيىپ ئادەمنى، كىچىك بىر قىزغا تاشلاپ قويسا قانداق بولىدۇ" دەپ تېخىمۇ كۆڭلۈمنى يېرىم قىلىۋاتاتتى، پەقەت ياسىن ۋە ئۇنىڭ ئۆيدىكىلىرلا دادامغا ئاز-تولا گەپ قىلغانمۇ بولدى، لېكىن دادام نىيتىدىن پەقەت يانمىدى.
: N _$ @* t7 s- z. Cتەييارلىقلار پۈتۈپ قىلىۋاتقاندا، تۇيۇقسىز كىچىك ئاپام ئاسماندىن چۈشكەندەكلا پەيدا بولۇپ، جىدەل قىلىشقا باشلىدى.+ J9 r6 u6 ]+ `0 t& g p; `) Y! b
1 H3 _0 I6 @) b! A% Z! D"نىمىشقا ئاكامنى سەن ئەكەتكىدەكسەن، ئاكا سەنمۇ قىززىقكەنسەن مەن ئەكىتەي دەپ شۇنچە دىسەم ئۇنىماي، نىمىشقا ئۇنىڭ بىلەن كىتىسەن مىنى يات كۆرگىنىڭمۇ بۇ، ئۇ سېىنى قانداق قايىل قىلدى ئىيتە......" نىمىلەرنى دەيدىكىن ھويلىمىزنىڭ ئىچى قايناپلا كەتتى.
+ c8 X% w2 U& i" @1 q# V) A1 U
& h2 b# g0 D" {; Yچوڭ ئاپاممۇ بوش ئەمەس، ئۇلار ئۇزۇن تاكاللىشقاندىن كىيىن كىچىك ئاپام غۇنچەم ئاپامغا تەڭ كىلەلمەي دادامنىڭ ئالدىغا كەلدى.( ~# U1 Z' g- m7 o( r
- ئاكا نىمە قىلغىنىڭ بۇ، ئەجىبا مەن سىنى باقالماسمەنما، بالىلىرىڭنى ئۆز بالىلىرىمدەك بىقىپ، سىنىڭ ھالىڭدىن ياخشى خەۋەر ئالاتتىم ئەمەسمۇ، ئۇ سىنى نىمە دەپ قايىل قىلدى، ئېيتە يا بولمىسا دىلنۇر بىلەن دىلشاتنى تەڭ ئەكىتىمەن دىسە ماقۇل دىدىڭمۇ، بۇنداق يېرى بولغان بولسا مەنمۇ ئىككىسىنى تەڭ باقاتتىم ئەمەسمۇ،- v, m9 n/ R: }- b
- ۋۇي، شەرۋان نىمە دەپ يۈرۈيسەن، نىمە ئۇ بىقىۋىلىش دېگەن مەن دىلنۇرنى بىقىۋالمايمەن، بەلكى كىلىن قىلىپ ئۆيگە ئەكىرۋالىمەن.
/ Y; q3 t& G: S3 x" C* `# Gبۇنداق بولغاندا ئۇمۇ بىزدىن دادىسىدىن بىر ئۆمۈر ئايرىلمايدۇ، دادىسىنىڭ قېشىدا تۇرۇپ ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالايدۇ ئۇقتىڭما؟-4 j5 C$ y% L8 x) c
" L' f+ o& T6 a9 d4 H' h# `& I {
) ~ O' D$ }( g' q: J: m3 d! f5 yچوڭ ئاپامنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ كەينىمگە ئۇچۇپ كەتكىلى تاس قالدىم، نەدىمۇ بۇنداق ئىش بولسۇن، مەن چوڭ ئاپامغا كىلىن بولامدىمەن، ئۇنىڭ بىر قېتىم توي قىلىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ئاجىرشىپ كەتكەن بىرلا ئوغلى يەنى مىنىڭ نەۋرە ئاكام تۇرسۇن تۇرسا، ئەجىبا مەن شۇنىڭ بىلەن توي قىلامدىمەن، دادام بۇنىڭغا قوشۇلۇپ مىنى ئېلىپ ئۇلارنىڭ ئۆيىگە ئاپارماقچىمۇ؟
9 V5 N9 T7 l' Z. R3 _) G6 d& V: _1 P' Z& F; H
( {) d( y6 X( d7 j, [, H! R6 v
2- رەھىمسىز ھايات
2 z% ], ] [; `5 O* J" O3 Y
+ M0 `. k8 q3 B
5 \$ a8 J3 P7 Zداۋامى بار............... + T f( k; i6 ]! u( Q K/ ]! a" p* t8 @
# ^6 r- M" O. N7 j3 I
|
 |