ساتىرا
ئابدۇۋەلى راخمان ھەققانىي
ئىللەتلەرگە يۈز قويماي سۆزلىۋېتەر ساتىرا،
ناچارلارنى قاتاردىن ئىلغىۋېتەر ساتىرا.
ھەجۋىي قىلىپ ئەسكىنى،ھەسەتخورنىڭ قەستىنى،
بولۇپ خۇددى شەمشەردەك تىلغىۋېتەر ساتىرا.
بېرەر كاپام نەپ ئۈچۈن ۋىژدانىنى ساتقاننى،
ۋايجانلىتىپ-چېقرىتىپ چىمدىۋېتەر ساتىرا.
رەزىللەرنىڭ-ئەسكىنىڭ رەسۋاسىنى چىقىرىپ،
كېچىلەردە ئۇخلىماس قىلىۋېتەر ساتىرا.
شەيتان مېجەز مەككار دوست،ھىلىگەرنىڭ-تۈلكىنىڭ،
ئەدىۋىنى يەتكىچە بىرىۋېتەر ساتىرا.
غەپلەت بېسىپ ئۇخلىغان لايغەزەلنى ئويغۇتۇپ،
ۋۇجۇدىنى ئاگاھتىن سىلكىۋېتەر ساتىرا.
گىپى تولا ،ئىشى ئاز كاززاپلارغا تىغ سانجىپ،
ئېغىزنى ئاچماسقا ھىملىۋېتەر ساتىرا.
بولقا قىلىپ ھەر بۇغۇم،ھەر سۆز-رىتىم،مىسرانى،
پىتنە كىرەر ئىشىكنى مىخلىۋېتەر ساتىرا.
رەزىللىككە ئوت ئېچىپ،تىكلەش ئۈچۈن پەزىلەت،
كېچە-كۈندۈز ئىش قوشۇپ ئىشلىۋېتەر ساتىرا.
تەنقىت-تەنبىھ كار قىلماس تۈشى قېلىن ئىنساننىڭ،
مۇجۇپ يۈرەك-باغرىنى ئۆرتىۋېتەر ساتىرا.
خۇشامەتچى،ئالدامچى،ساختىپەزنى كالتەكلەپ،
رەستىلەردە مېزىنى چۇگۇۋېتەر ساتىرا.
گۆرۈھۋازلىق-يۇرتۋازلىق خاھىشىغا ئوت ئېچىپ،
مەزھەپچىلىك رىشتىنى ئۈزىۋېتەر ساتىرا.
ئامەت كەلسە ئالچاڭشىپ،ئەتراپىغا غادايغان-
مەنمەنچىنىڭ قەددىنى پۈكلىۋېتەر ساتىرا.
ئادەم تۇرۇپ ھايۋاننىڭ قىلىقىنى قىلغانغا،
ئاچچىقىدا زەھەردەك كۈلىۋېتەر ساتىرا.
مىللەت ئۈچۈن ھەر قاچان ھەق سۆزلەشتىن ۋاز كەچمەي،
ناچار خاھىش-ئىللەتنى تۈزلىۋېتەر ساتىرا.
يازغىنىمغا تۈگۈمەس ساتىرانىڭ خىسلىتى،
توپا-چاڭنى يۈز-كۆزدىن سۈرتىۋېتەر ساتىرا.
***