بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 15160945581 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-3-8 11:26 PM
ئالما شىركىتىنىڭ باھار پەسىللىك مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ يېقىنلىشىغا ئەگىشىپ ،4دىيۇملۇق ئالما5SEيانفۇنى ھەققىدىكى خەۋەرلەرمۇ كۆپىيىپ قالدى،ئالدىنقى كۈنى ئاشكارلاش ئۇستىسى@OnLeaksھەقىقىي ئۈسكۈنىنىڭ قوغداش قېپىنى ئاشكارلىدى،
iPhone5SEنىڭ سىرتقى شەكلى iPhone5Sبىلەن بىردەك،
بۇ راستىنلا ھەقىقىي IPhone5SEمىدۇ،ئۇنداقتا بىز Techconfigurationsنىڭ لاھىيلىگەن رەسىملىرىنى كۆرۈپ باقايلى.
رەسمىدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى iPhone5SEيانفۇنىنىڭ ئالدى يۈزى ۋە كۇنۇپكا ئورۇنلاشتۇرىلىشى iPhone5 sبىلەن بىردەك،توغرىسىنى ئېيتقاندا ئۇ iPhone5 sنىڭ ۋارىسى،ئادەمگە iPhone5 sتەكلا تەسىر بىرىدۇ.
لاھىيەدىكى رەسىم راستىنلا iPhone5SEمىدۇ؟
نۆۋەتتە ئورگان تەرەپ تەمىنلىگەن ھىچقانداق ئۇچۇر يوق،ئەمما 3ئاينىڭ21كۈنىدىكى يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئالماiPhone5SEيانفۇنى ۋە 9.7دىيۇملۇق iPad Proقاتارلىق مەھسۇلاتلار ئېلان قىلىنامىش.
نۆۋەتتىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا iPhone5SEيانفۇنىغائالما شىركىتىنىڭ A9تىپلىق بىرتەرەپ قىلغۇچى،2گىگابايىتلىق يۈرگۈزۈش سىغىمى،12مىليون پېكسىللىق كامىرا ،1600ئامپىرلىق باتارىيە ئىشلىتىلگەن.iOS9.3مەشخۇلات سېستىمىسىدا يۈرىشىدۇ،16گىگابايىتلىق ۋە 64گىگابايىتلىق سىغىمدىكى نۇسخىلىرى تەمىنلەنگەن.ئالتۇن رەڭ،كۈمۈش رەڭ،كۈلرەڭ،ئەتىرگۈل ئالتۇن رەڭ قاتارلىق رەڭدار نۇسخىلىرىنى تاللال سېتىۋېلىشقا بولىدۇ،باھاسى 3688يۈەندىن باشلىندۇ
مەنبە:ITئائىلىسى،xjrom.cnتەرجىمىسى