مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4100|ئىنكاس: 3

شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ يەتتە خىل سەۋەنلىگى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

333

تېما

415

يازما

748

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 98195
يازما سانى:
415
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
1811
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
809 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-9-25
ئاخىرقى:
2016-3-30
   
    شىنجاڭ كوماندىسى بۇ مۇسابىقە پەسلىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە 0-3نەتىجە بىلەن سىچۈەن كوماندىسى تەرىپىدىن شاللىۋېتىلدى.  سەرخىل سەپ شەكلىدىن تەركىپ تاپقان، بىرلەشمىدە بۇ پەسىل چىمپىيۇنلۇقنى ئېلىش ئىھتىماللىقى قىزىق نوقتىسىغا ئايلانغان كوماندا ئۈچۈن كىشىنى ناھايىتى ئۈمىدسىزلەندۈرۈدىغان بىر ئىش ھىساپلىنىدۇ.  تەنتەربىيە تاراتقۇلىرى شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ يىرىم ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدا توختاپ قىلىش سەۋەبىنى مۇلاھىزە قىلىپ تۈۋەندىكى يەتتە سەۋەنلىكنى يىغىنچاقلاپ چىقتى.
  1. ئەقىلگە سىغمايدىغان چەتئەللىك ماھىرنى ئالماشتۇرۇش 
بۇ مۇسابىقە پەسلىدە، شىنجاڭ كوماندىسى يۇقىرى مائاش2مىليون 500 مىڭ دوللارغا گۇدېلۇك بىلەن توختام ئىمزالاشتى. بۇ تەجرىبىگە باي، شەخسىيەتسىز تۆھپە قوشىدىغان ئارقا مۇداپىئەچى شىنجاڭ كوماندىسىغا ماس كەلگەنىدى، بىراق ئادەتتىكى ئايلانما مۇسابىقىنىڭ ئاخىرىقى باسقۇچىدا شىنجاڭ كوماندىسى گۇدېلۇكنى ئالماشتۇرىۋەتتى. گۇدېلۇك بولسا شىنجاڭ كوماندىسى يېقىنقى بىرنەچچە يىل مابەينىدىكى يادرولۇق ئەزانىڭ ئورنىنى ئىگەللىمىگەن ئارقا مۇداپىئەچى، مۇقىم بولغان نۇمۇر ئېلىش ئىقتىدارى ۋە ھالقىلىق چاغدا توپ چۈشۈرۈش ئىقتىدارى بار، لېكىن شەخسىي تۆھپىسى شىنجاڭ كوماندىسىدىكى باشقا چەتئەللىك ماھىرلارغا قارىغاندا ئانچە ياخشى بولمىغاچقا، شىنجاڭ كوماندىسى گۇدېلۇكنى ئالماشتۇرۇش كويىغا چۈشتى. دەسلەپتە روبىنسوننى تەكلىپ قىلدى، لېكىن ئۇنىڭ ئىپادىسى ئانچە رازى قىلالمىغاچقا ئارقىدىنلا كوتتونغا ئالماشتۇردى. كوتتون مەيدانغا چۈشۈپ بىرنەچچە مەيدان ئۆتمەيلا شىنجاڭ مەستانىلىرى گۇدېلۇكنى ئەسكە ئالدى، لېكىن شىنجاڭ كوماندىسى ئىزچىل كوتتوننى ئالماشتۇرماي، نەتىجىدە شىنجاڭ كوماندىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە قەدىمىنى توختاتتى، تېخىمۇ قىزىقارلىق بولغىنى شىنجاڭ كوماندىسى تۆنۈگۈن شاللىنىپ، بۈگۈن گۇدېلۇك ئامېرىكا راكىتا كوماندىسى بىلەن توختاملاشتى.
2. لى چيۇپىڭ بىلەن بىلاتچىنىڭ مۇناسىۋىتى يىرىك
بىر كۈچلۈك كوماندا بولۇش ئۈچۈن مەشقاۋۇل بىلەن سەركەردىنىڭ مۇناسىۋېتى ناھايىتى مۇھىم، لېكىن شىنجاڭ كوماندىسىغا نىسبەتەن، باش مەشقاۋۇل لى چيۇپىڭ بىلەن يادرولۇق ئەزا بىلاتچى ئارىسىدا ئىزچىل زىددىيەت ساقلانغان. ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن بىلاتچى ئۈچ يىللىق يۇقىرى مائاشلىق توختام ئىمزالىدى، بۇ چوڭ توختامغا ئېرىشكەن بىلاتچىنىڭ ئىپادىسى بۇ مۇسابىقە پەسلىدە روشەن تۆۋەنلىدى، نۇرغان مۇسابىقىلەردە، بىلاتچىنىڭ پوزىتسىيەسى ناھايىتى چېچىلاڭغۇ بولغان. بۇنداق ئەھۋال باش مەشقاۋۇل لى چيۇپىڭنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. ھەتتا بەزى مۇسابىقىلەردە، بىلاتچىنىڭ مەيدانغا چىقىش ۋاقتى ناھايىتى چەكلىك بولغان. بۇ مۇسابىقە پەسلىدە، لى چيۇپىڭ بىر قېتىملىق زىيارەتتە مۇندەق دېدى؛ بىلاتچىنىڭ ئىپادىسى ئۆتكەنكى يىلغا قارىغاندا خېلىلا يىراق.  ئەمما بىر مۇسابىقە پەسلىدە، بىلاتچىنىڭ ئانچە-مۇنچە چاقناپ قويغىنىدىن باشقا ئالاھىدە نەتىجىنىمۇ كۆرسەتمىدى، ئەگەر بۇ ئىككىسى كىيىنكى مۇسابىقە پەسلىدە داۋاملىق قالسا، ئۇلارنىڭ مۇناسىۋېتىنى قالداق ھەل قىلىش شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ چوقۇم ئىنچىكە ئويلىشىدىغان بىر مەسىلە بولۇپ قالدى، تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە لى چيۇپىڭ چىڭداۋ كوماندىسىغا مەشقاۋۇل بولغاندا چەتئەللىك ماھىر ھەددادى بىلەن كېلىشەلمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلگەن، بۇ پىشقەدەم مەشقاۋۇلنىڭ چەتئەللىك ماھىر بىلەن مۇناسىۋەتنى قانداق تەڭشىشىمۇ بىرھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە.
   3. كوماندا ئەزالىرى ئىناق ئەمەس
  شىنجاڭ كوماندىسى ئالاھىدە سۇبىكتىپ سەۋەب تۈپەيلى، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان باشقا يەرلەردىن يۆتكەپ كەلگەن ماھىرلارغا تايىنىپ توپ ئوينىغان  كوماندا، باشقا ئۆزىگە «قان»تۇلۇقلايدىغان كوماندىلارغا  ئوخشىمايدۇ، شىنجاڭ كوماندىسى ئاز ساندىكى ئۆزى يىتىشتۈرگەن ماھىرلاردىن سىرت، باشقا ماھىرلارنىڭ ھەممىسى جاھاننىڭ ھەممە يەرلىرىدىن توختاملىشىپ ئەكەلگەن ماھىرلار.نۇرغۇن ماھىرلارنىڭ شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن توختاملىشىدىكى ئاساسلىق نىشانى بولسا پۇل تېپىش، شۇڭلاشقا بۇ كوماندىدىن مەسىلە چىقماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ. شۇنداق قىلىپ شىنجاڭ كوماندىسى ئازراق قىيىنچىلىققا ۋە مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىسا، كوماندىسىنىڭ ئىچكى زىددىيىتى كۈچىيىشكە باشلايدۇ. باش مەشقاۋۇل كوماندىنى ھەقىقىي مەنىدىن كونترول قىلىشى ناھايىتى تەس، ھەمدە كوماندا ئەزالىرىدى ئارىسىدىمۇ ناھايىتى ئاسانلا ئاغرىنىش ۋە رازى بولماسلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. ئەمەلىيەتتە شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدا،  ماھىرلارنىڭ تىلى بىر دىلى  باشقا بولۇشى ئاللىبۇرۇن مەسىلە ھېسابلانمىغان، كۆپچىلىك  بىرلىكتە توپ ئوينىشى كوماندىنىڭ نىشانى ۋە شان-شەرىپى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى پۇل تېپىش ئۈچۈن بولۇپ قالغان. ئىناق بولغان ئىچكى كەيپىيات ۋە ياخشى بولغان خىمىيىلىك رېئاكسىيەنى يوقاتقان شىنجاڭ كوماندىسى روھىي جەھەتتە بېسىمغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى ئاجىزلاپ، مەيداندا بىرەرسى خاتالىق ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئۆزئارا ئاغرىنىش ئەھۋالى دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدىكەن. بۇنىڭ نەرى چىمپىيون بولىدىغان كوماندىغا ئوخشايدۇ.
4. مائاش تەقسىماتى تەكشى ئەمەس
  زىددىيەت ئېغىر.شىنجاڭ كوماندىسىغا ئۆزىگە خاس بولغان بىر خىل ھادىسە بار، ئۇ بولسىمۇ «سىرتتىن كەلگەنلەرنى ئەزىزلەش». چۈنكى شىنجاڭ كوماندىسى ھەمىشە نۇرغۇن پۇل خەجلەپ تالانتلىق ماھىرلارنى ئۆزىگە قوشىۋالىدۇ، تالانتلىق ماھىرلار توپلاشقان شىنجاڭ كوماندىسىدا، پەقەت سىرتتىن ئەكىرگەن ماھىرلا بولسا يۇقىرى مائاش ئالالايدۇ. ئەكسىچە شىنجاڭنىڭ ئۆزىدىن يېتىلىپ چىققان ماھىرلار گەرچە ئىپادىسى يامان ئەمەس بولسىمۇ، لېكىن مائاشى باشقا ماھىرلاردىن خېلىلا تۆۋەن. مەسىلەن بۇ مۇسابىقە پەسلىدە، ليۇۋېينىڭ مائاشى 4مىليون يۈەن، لىگېننىڭ 6 مىليون 500مىڭ يۈەن، ھەتتا سۇۋېينىڭ يىللىق مائاشىمۇ 3مىليون يۈەن، ئەكسىچە شىنجاڭنىڭ ئۆزىدىن يىتىشىپ چىققان ماھىرلاردىن قىرانبېكنىڭ مائاشى بۇيىل 500مىڭدىن 1مىليونغا ئۆستى، شىرئەلىجاننىڭ 1مىليوندىن 2مىليونغا ئۆستى، سىرتتىن كەلگەن ماھىرلارغا قارىغاندا ئاز بولمىغان پەرق بار. شىنجاڭ ئۆزىدىن يىتىشىپ چىققان ماھىرلار ئەسلىدە بىباھا گۆھەر ھېسابلانسا بولاتتى، لېكىن ھەرۋاقىت ھەممىدىن ئاز مائاش ئالىدۇ، تېخىمۇ چاتاق بولغىنى، مائاشنىڭ تەقسىماتى تەكشىسىز بولۇشى، كوماندىسىنىڭ ئىچكى زىددىيىتىنى ئاسانلا ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ، ئۆزىمىزدىن چىققان يەرلىك ماھىرلار بىلەن سىرتتىن چاقىرغان ماھىرلار ئارىسىدا بۇنداق چوڭ كېلىشەلمەسلىكنىڭ بولۇشى، مائاشنىڭ  تەكشىسىز بولۇش سەۋەبىدىن تېخىمۇ چوڭىيىشى مۇمكىن.
   5. خوجايىننىڭ كوماندىغا ھەددىدىن زىيادە ئارىلىۋېلىشى
شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ خوجايىنى سۈن  گۇاڭشىن بولسا ئاتاقلىق ۋاسكىتبول ھەۋەسكارى، بىراق ھەريىلى زور مەبلەغ سېلىش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ كۈچلۈك بولغان كوماندىسىنى كونترول قىلىش خىيالى بار، ئۆزى ۋاسكىتبول كەسپىي خادىم  بولمىغان بىلەن، كوماندىسىنىڭ ئىشلىرىغا ھەددىدىن زىيادە ئارىلىشىپ، كۆپ ۋاقىتلاردا ئەكس تەسىر پەيدا قىلىپ قويىدۇ. خەۋەرلەرگە  ئاساسلانغاندا، سۈن گۇاڭشىن خالىغانچە كوماندىسىنىڭ مۇھىم تاكتىكىلىرىغا ئارىلىشىپلا قالماي، يەنە پات-پات باش مەشقاۋۇلنىڭ تەدبىر ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە ئەزالارنى ئىشلىتىش جەھەتتە ئۆزىنىڭ كۈچلۈك پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قۇيىدىكەن. ئۆتكەن يىلى لى چيۇپىڭ باش مەشقاۋۇل شىنجاڭ كوماندىسىغا كىرگەن ۋاقىتتا، كولۇبنىڭ ئۆزىگە كۆپرەك ھوقوق بېرىشىنى تەلەپ قىلغان، نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، خوجايىننىڭ گېپى يەنىلا كوماندىداكۆپ بولغان.شىنجاڭ كوماندىسى كۆپ يىللاردىن بېرى زورمەبلەغ سالدى، لېكىن چىمپىيون بولالمىدى، بۇ ئەھۋال خوجايىن سۈن  گۇاڭشىننىڭ چىمپىيون بولۇش تەشنالىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرىۋەتتى. بۇ مۇسابىقە پەسلى  باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي شىنجاڭ كوماندىسى چىمپىيون بولمىساق بولمايدۇ دېگەن نىشاننى تۇرغۇزدى، كوماندا ھەربىر ئۇتتۇرغاندا، باشقۇرۇش قاتلىمىدىكىلەر ئولتۇرالمايلا قالىدۇ، كىيىنلا توختىماستىن يىغىن ئاچىدۇ، خۇلاسىلەيدۇ، بۇ  بىلمەيلا كوماندىغا ئېغىر روھىي بېسىم  ئېلىپ كېلىدۇ، يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە سىچۈەن كوماندىسىغا ئۇچرىغاندا، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ روھىي  مۇداپىيەسى پۈتۈنلەي تۈگەشتى.
6. شىرئەلىجاننىڭ ئەل قەلبىدىكى ئورنىدىن تۆۋەنلەپ كېتىشى
شىرئەلىجان بولسا قايناق ھېسىياتقا تولغان ماھىر، بىراق ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى كەمچىل، بۇ شىرئەلىجاننىڭ مەيداندىكى قىلىشقا تېگىشلىك بولمىغان ھەرىكەتلەرنى قىلىپ قويۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، شىنجاڭ كوماندىسىمۇ نۇرغۇن ئەيىبلەشلەرگە ئۇچرىدى.  مۇسابىقە مەيدانىدىكى ئىپادىسىدىن قارىغاندا، بۇ مۇسابىقە پەسلىدە شىرئەلىجاننىڭ بۇرۇنقىغا قارىغاندا ئاز بولمىغان ئىلگىرىلەشلەر بار، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئۈچ نۇمۇرلۇق توپ چۈشۈرۈشتە ئەڭ مۇقىم بولغان ھۇجۇمچى ۋە ئەڭ ۋەھشىي مۇداپىئەچى دەل شىرئەلىجان. شىرئەلىجان يەنىمۇ بىرقەدەم ئىلگىلىمەكچى بولسا، چوقۇم ئۆزىنىڭ  كەيچىياتىنى كونترول قىلىۋېلىشىنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك، ھەرگىزمۇ كەيپىياتقا  ۋە غەزەپكە تايىنىپ توپ ئوينىماسلىق كېرەك.
7. مائاشنى ۋاقتىدا بەرمەسلىك ئەھۋالى ئېغىر
   ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە شىنجاڭ دا ش مەيدان مۇسابىقە ئويناپ، كۆز ئاغرىقى سەۋەبىدىن ئامېرىكىغا قايتىپ كەتكەن جوردان كرانفورد بۇ مۇسابىقە پەسلىدە تيەنجىن كوماندىسىدا توپ ئوينىدى، ئۇ  بىر قېتىملىق زىيارەتتە مۇنداق دېدى: شىنجاڭ كوماندىسى مەن كۆرگەن كۇلۇبلار ئىچىدىكى ئەڭ كەسپىي بولمىغان كۇلۇبلارنىڭ بىرسى،  كرانفورد شىنجاڭ كوماندىسىدىن ئاغرىنغانلارنىڭ ئىچىدە بىرىنچىسى ئەمەس، ئىلگىرىكى خادېسون، دۇبى، فېيبا قاتارلىقلارمۇ شىنجاڭ كوماندىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن دەيدىغان گېپى ناھايىتى كۆپ. ئۇلارنىڭ شىنجاڭ كوماندىسىدىن بىزار بولۇشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولسا نىسى قالغان مائاشنى ئۇزۇنغىچە ئالالماسلىق، بۇ پەقەتلا چەتئەل ماھىرلارنىلا ئەمەس، بەزى شىنجاڭ كوماندىسىدىن ئايرىلغان ئېلىمىز ماھىرلىرىمۇ، شىنجاڭ كوماندىسىدىن ئايرىلغاندا، مائاشىنى تۇلۇق ئالالمىغان ياكى يۆتكىلىش رەسمىيەت ھەققىنى ئۆستۈرىۋالغان. مانا  بۇ مۇسابىقە پەسلىمۇ ئاخىرلىشاي دەپ قالدى، ئەمدى كۆرىدىغىنىمىز سىچۈەن كوماندىسى بىلەن  لياۋنىڭ كوماندىسىنىڭ ئارىسىدىكى چىمپىيونلۇقنى تالىشىش جېڭى. مەيلى قانداق مەسىلىلەر كۆرۈلسۇن، شىنجاڭ كوماندىسى مەستانىلىرىنىڭ كۈتىدىغىنى يەنىلا مۇكەممەل بولغان، ئىناق بولغان، شىنجاڭلىقلارنىڭ روھىنى مەيداندا نامايەن قىلالايدىغان شىنجاڭ ئۇچار يولۋاس ئەزىمەتلىرىنى كۆرۈش. ئاخىرىدا شىنجاڭ كوماندىسى ئەزالىرىنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، ھەربىر كۈنىنىڭ خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتۈشىنى تىلەيمىز.


ئەسلى مەنبە؛ http://sports.qq.com/a/20160303/019184.htm

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

بار دەپ تۆكمە،يوق دەپ كۆپمە!

47

تېما

5692

يازما

5739

جۇغلانما

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 79
يازما سانى:
5692
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
18583
تۆھپە :
1591
باھا :
1857
توردا:
920 سائەت
تىزىملاتقان :
2010-5-20
ئاخىرقى:
2016-3-29
ۋاقتى: 2016-3-9 23:35:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىرئەلىجەان ھالقىلىق پەيتلەردە  ئۆزىنى نامايەن قىلدى

مەززىىسى يوق گەپتىن، پاقىنىڭ كۇرۇلدىشى ياخىشى!!

13

تېما

841

يازما

854

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 108441
يازما سانى:
841
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
2154
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
514 سائەت
تىزىملاتقان :
2014-7-14
ئاخىرقى:
2016-3-19
ۋاقتى: 2016-3-10 00:28:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپتۈرمىچى،كۈرەلمەس ناكەس پىتنىخورلىنىڭ نۇمۇس قىلماي پۇقىنى شىرئەلىجانغا سۇۋىماقچى بولغىننى....؟!   ئەجىبا شىرئەلىجاندىن نەچچە ھەسسە يۇقۇرى مائاش ئالىدىغان ئاۋۇ بىرنەچچە ئىچكىرىدىن تۇلۇقلانغانلارچۇ؟ ئەجىبا ...؟!!!~ گەپ قىلماي جۇمۇ!

ئاھ...ماڭقۇرۇتلۇقتىكى ھايات!

13

تېما

841

يازما

854

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 108441
يازما سانى:
841
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
2154
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
514 سائەت
تىزىملاتقان :
2014-7-14
ئاخىرقى:
2016-3-19
ۋاقتى: 2016-3-10 00:32:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىم بولغىيدى ئاپتۇرى؟ " ۋېي نى "  دىگەن كىمكىنە ئۈزى؟؟؟

ئاھ...ماڭقۇرۇتلۇقتىكى ھايات!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|قاماقخانا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى ( 黔ICP备15011399号 )

GMT+8, 2016-4-1 09:59 PM, Processed in 0.114250 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.
شىنجاڭ مىسرانىم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش