بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-3-8 08:53 PM
پۇشايمان خاتىرسىدىن تامچە
زۇنۇنجان مەمتىمىن شۈكران
قۇلاق سالغىن بۇرادەر پۇشايمانلىق گېپىم بار ،
چۈنكى ھايات يولىمدا قىسمەت ،ئاچچىق تېتىم بار.
پېتىپ قالساڭ ئازغۇنلۇق ھوجىراسىدا ئويقۇغا-
ئويغىتارغا سەگىتىپ چالىدىغان دېپىم بار .
تۇغۇلغاندا" ئىڭە"لەپ ،ئانام باققان پەپىلەپ،
ئالەمچە خۇش بولغانتى ماڭغىنىمدا تەمتىلەپ.
ئىشچان دادام توققۇزىم تەل قىلىشتا پەرۋانە،
ئېڭەككە تۈك قونغىچە ئويناپ يۈردۈم ئەركىلەپ.
لاغايلاپلا كۈن بويى تۇتماي ھېچ ئىش پىشىنى،
باقماي تېخى ھالىمغا ياراتمىدىم كىشىنى.
تەربىي قىلدى نەچچەيلەن،مېنىڭ نېمە پەرۋايىم،
دېدىم توۋلاپ غەزەپتىن:" قىلىشسۇن ئۆز ئىشىنى !".
كەيپ-ساپا ئويۇنغا توشىماسكەن پۇل دىگەن،
ھارامدىن پۇل تېپىشقا كەڭرى ئىكەن يول دىگەن.
گاھ ئوغۇرلۇق،گاھ قىمار،ياكى زەھەر سېتىشقا...
ئۇستا بولدۇم يۈرەك توم،كۆنۈپ كەتتى قول دىگەن.
مانا قولدا پۇلۇم بار غازاڭ ئىكەن چاچىمەن،
كۆنگەن خۇيغا نە چارە،گاھى ياتاق ئاچىمەن.
لېكىن پېقىر-مىسكىنگە ئېھسانىم يوق زادىلا،
كىلىپ قالسا دوقۇرۇپ قارىماستىن قاچىمەن.
قۇرۇپ بەزمە كېچىچە ئاتامنى قوي سويغۇزدۇم،
بالا بولماي بالا بوپ تاپقىنىغا تويغۇزدۇم.
ئانام كەتتى داداممۇ بۇ دۇنيادىن بىمەھەل،
ئەسكىلىكىم ۋەجىدىن ئۆز گۆرىنى ئويغۇزدۇم.
سەركە بولۇپ بىر مەھەل چاپىنىمغا پاتمىدىم،
توغرا نىمە، خاتاچۇ؟زادى ئويلاپ باقمىدىم.
ئاجىزلارنى يېغلىتىپ ياماننى قىپ يانتاياق،
نەپرەتلەرنىڭ ئوتىغا ۋۇجۇدىمنى قاقلىدىم.
قېچىپ كەتتى دوستلۇرۇم قاچقىنىدا ئامەتمۇ،
تورغا چۈشتۈم،مەن ئۇچۇن سائادەتمۇ؟ ئاپەتمۇ؟
سائادەتكەن ، تۈرمىدە ھەقنى تونۇپ ئۆزگەردىم،
ياخشى ئىشقا بەل باغلاپ رۇسلىۋالدىم قامەتمۇ.
ھەسرەت بىلەن يېغلايمەن پەدەرلەرگە زاربۇلۇپ ،
ئۆتكەن قىلمىش ئەتمىشىم ۋىجدانىمغا ھار بولۇپ.
توغرا يولدا مېڭىڭلار ئېبىرەت ئېلىپ مېنىڭدىن،
سۆيۈنىڭلار ھاياتتىن مەڭگۈ ھممەت يار بولۇپ .
ھەي ئاتىلار ! بالىنى كىچىكتىن چىڭ تۇتۇڭلار!
ئوقۇتۇڭلار! مەكتەپتىن چەتلىمىسۇن پۇتۇڭلار.
ھۈنەر كەسىپ خارقىلماس،ھالال رىزىق مەنبەسى.
مەرىپەتتە مىللەتنىڭ كەلگۈسىنى ئۇتۇڭلار!!
مەنبە؛ ئىجادىيتىم