قىز—ئاياللار ھاياتنىڭ گۈلى
(بارلىق خانىم-قىزلارغا بايراملىق سوۋغا)
قىز - ئاياللار ئۈمىدنىڭ نۇرى،
قىز-ئاياللار ھاياتنىڭ گۈلى.
قىز-ئايالسىز دۇنيا گۆرىستان،
ئېچىلمايدۇ بەختنىڭ يولى.
گۈزەللىكتە گۈللەرگە تەققاس،
شۇنچە نازلىق شەرمى-ھاياسى.
ئەردەك غەيرەت-شىجائىتىگە،
كۈي قاتىدۇ تاڭنىڭ ساباسى.
يۈرىكىدە قۇياشتەك مېھىر،
ئىجات-مېھنەت سېپىدە ئۇلار.
ئانىلىقى ئالەمنىڭ بەختى،
پاك ئانىلار ئامەتنى تۇغار.
بىز ئۇلارنىڭ ئۈمىد-ئارزۇسى،
بىز ئۇلارنىڭ كۆز قارچۇقى ھەم.
بىز ئۇلارنىڭ ھايات يۇلتۇزى،
بارچە مېھرى بىزگە مۇجەسسەم.
مېھنەت بىلەن ئەجىر سۈيىدە،
يارىتىدۇ يېڭى ھاياتنى.
سۆزلەپ غۇرۇر،ئەقىدىدىن دەرس،
ئاتا قىلار سۇنماس قاناتنى.
ئائىلە __ ئۇ كىچىك جەننىتى،
گۈللىتىدۇ بارىنى بېرىپ.
قىز-ئاياللار ۋاپا بۇلىقى،
نىگاھىدىن تۇرار نۇر تېمىپ.
تىلىكىم شۇ :كۈلۈپ ياشايلى،
ئىززىتىمىز،قەدرىمىز بىلەن.
ئاتىلايلى «ئۇلۇغ ئانا» دەپ،
ئىزىمىزدىن ئۈنسۇن گۈل-چىمەن!
مەنبە:ئىجادىيىتىم