بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-3-8 03:12 PM
نادىر لىرىكلىرى ۋە مۇنەۋۋەر داستانلىرى بىلەن مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىغا تونۇلغان شائىر، ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى، ئەدەبىي تەرجىمان، نەشرىياتچى قۇربان بارات 2016-يىلى 6-مارت نەپەستىن توختاپ، ئۈرۈمچىدە يەرلىكىدە ياتتى، ئۇ بۇ يىل 70ياشتا ئىدى.
شائىر قۇربان بارات 1946- يىلى 1-ئايدا ئاتۇش شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1962-يىلى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئىنستىتۇتنىڭ جۇڭگو تىل ئەدەبىيات فاكۇلتېتنى پۈتتۈرۈپ شىنجاڭ گېزىتى، شىنجاڭ ياشلار ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى قاتارلىق ئورۇنلاردا مۇخبىر، تەھرىر، تەرجىمان، كوررېكتور بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ 1956- يىلى تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 2- يىللىقىدا ئوقۇۋېتىپ يازغان «كاككۇك» دېگەن شېئىرى بىلەن ئىجادىيەت سەپىرىنى باشلىغان ئىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ ھەرخىل تېما ھەرخىل مەزمۇن، ھەرخىل شەكىلدە 500 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، ئون نەچچە پارچە داستان يېزىپ ئېلان قىلدى. «يېشىل ھايات«، «ئاق روماللىق پەرىزات» ،«يېشىل تاغ، زۇمرەت دالا» (خەنزۇچە)، «قار گۈلى»، «قۇربان بارات ئەسەرلىرىدىن تاللانما»، (بەش توم)«ئۈمىد توغرۇلۇق ناخشا»، ماۋزۇلۇق شېئىرى ئەسەرلىرى، «بوستان»، «ئا،سى پۇشكىن شېئىرى چۆچەكلەر»، «ئا سى پۇشكىن داستانلار» (1-2-ئىككى قىسىم)، «ئىسمىر بەگ»، «م يۇ لېرمونتوف داستانلار»، «ئەيچىڭ شېئىرلىرىدىن تاللانما، 70 -يىللار»، «سۈبھى ئالدىدا ئېچىلغان گۈللەر»، «كۈرەش قىزى» قاتارلىق تەرجىمە ئەسەرلىرى ئېلان قىلىندى.
«ئون ئىككى مۇقام تېكىستلىرى»، «سەددى ئىسكەندەر»، «دىۋانى زۆھرى»، «ئارزۇگۈل»، «دىۋانى نەۋبىتى»،« دىۋانى سەككائىي»، قاتارلىق قەدىمى ئەسەرلەرنى نەشرگە تەييارلىدى. «ئەدەبىيات تارىخىمىزنىڭ ئەڭ دەسلەپكى سەھىپىلىرى»، «ئەلشىر نەۋائىي غەزەللىرىدىكى شېئىرى غۇۋالىق» قاتارلىق يىگىرمە نەچچە پارچە چوڭ تىپتىكى ئىلمى ماقالىلارنى يېزىپ ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ «كەچكۈز لىرىكىسى»، «يېشىل ھايات»، «سەن بۈركۈت ئۇۋىسى، سەن ئالتۇن بۆشۈك»، قاتارلىق شېئىرى ئەسەرلىرى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن.
شائىرنىڭ 1996-يىلدىن 1976- يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا يېزىلغان «ئاپەتلىك يىللاردىن ئاچچىق خاتىرە» ماۋزۇ ئاستىدا ئېلان قىلىنغان 80 نەچچە پارچە شېئىرى قۇربان باراتنىڭلا ئەمەس ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭمۇ يۇقىرى پەللىسى، رېئالىستىك ئۇيغۇر شېئىرىيىتى دۆلىتىمىز ئىچگە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قېرىنداش مىللەتلەرگە تونۇتقان داڭلىق ماركا،شائىرنىڭ تالانت ئىقتىدارنى، جۈرئەت-شىجائىتى، ئەقىدە ئېتىقادىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان گۇۋاھنامە ئىدى، «كېسىلگەن توغراق»، «دەريا شارقىرايدۇ قاراڭغۇلۇقتا»، «ئامىنە»، «يىغا قوشىقى»، «دىۋاننىڭ ھەيكىلى»، «شائىرلىق»، «كەچكۈز سۇلىرى»، «راۋاب ۋە ئاتا».
قاتارلىق شېئىرلىرى باشقا شېئىرلاردىن ئىدىيىۋى مەزمۇننىڭ كەڭ ۋە چوڭقۇرلۇقى، كۆز قاراش خاھىشنىڭ كەسكىن ۋە ئېنىقلىقى بىلەن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. شائىر بۇ شېئىرلىرىدا خەلق مەيدانىدا تۇرۇپ بىر قىسىم شائىرلار ئويلاشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان، ئىپادىلەشكە پىتىنالمايدىغان تېمىلارنى دۇدۇقلىماي ئىپادىلەپ بايرىقى روشەن ھالدا ئادالەتنى ياقىلاپ ناھەقچىلىككە ئوت ئاچقان. ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى ھەل قىلمىسا بولمايدىغان بىر قىسىم زىددىيەت ئىختىلاپنى ئېچىپ تاشلاپ «تۆت كىشىلىك گۇرۇھ» نىڭ دۆلەتكە، خەلققە، ئىنقىلابتا كەلتۈرگەن زىيىنىنى سۆككەن.
شائىر، يازغۇچى، سەنئەتچىلەر ئارىسىدا رىقابەت كەسكىن بۇلۇۋاتقان بۈگۈنكى جەمئىيەتتە، شائىر-يازغۇچىلارنىڭ بىر-بىرىنى ئېتىراپ قىلىشى، ئەسەرلىرىنى تىلغا ئېلىپ ماختىشى كەم ئۇچرايدۇ. لېكىن يوق دېگىلى بولمايدۇ. 2013-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن مەرھۇم شائىر ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ مۇنداق دېگىنى ھېلىمۇ ئېسىمدە: «قۇربان باراتنى خەلق تازا چوڭقۇر چۈشىنەلمەيۋاتىدۇ، ئۇنداق تالانتلىق شائىر بىزنىڭ ئارىمىزدىلا ئەمەس، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قېرىنداش مىللەتلەر ئارىسىدىمۇ ئاز ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭ شېئىرىلىرى، داستانلىرى تەڭداشسىز، شېئىرى ئوبرازلىق، ۋايىغا يەتكۈزۈپ يېزىشتا ھېچقايسىمىز ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلمەيمىز. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىن پۇشكىن، لېرمېنتوفنىڭ ھىدى پۇراپ تۇرىدۇ، بولۇپمۇ پۇشكىننىڭ تەسىرى چوڭقۇر، ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ ۋەزنىنى ئۆلچەشتە، باشقىچە ماسشىتاپ، جىڭ ئۆلچەم ئىشلىتىش كېرەك. مەن شېئىر يېزىشنى ئۇنىڭدىن ئۆگەنگەن، ئۇنى ئۇستازىم ئورنىدا كۆرىمەن. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى ئوخشىتىش، سېلىشتۇرۇش،مۇبالىغە، ئىماگلار خۇددى پادىشاھنىڭ تاجىسدىكى ئالماس، باي خوتۇن قىزلارنىڭ ئۈستى بېشىدىكى ئۈنچە مەرۋايىتتەك كۆزنى چېقىپ يالتىراپ تۇرىدۇ».
شائىر قۇربان باراتنىڭ ئۈنۈملۈك ئەمگىكى ئۇنىڭغا نۇرغۇن شان شەرەپلەرنى كەلتۈرگەن. 1980- يىلى «قىزىلگۈل» داستانى، 1982-يىلى «ئاسىيا ئاسمىنىدا چاقنىغان يۇلتۇز» داستانى، «كېسىلگەن توغراق» ماۋزۇلۇق شېئىرى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، ئەي چىڭنىڭ «نۇر قەسىدىسى» ناملىق داستانى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئەدەبىي تەرجىمە مۇكاپاتىغا، چوڭ تىپتىكى داستانى «ئاق روماللىق پەرىزات»، مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر داستان مۇكاپاتىغا، ئۇ تەھرىرلىگەن كىتاب «پسىخولوگىيە» نىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى نەشرى 2-نۆۋەتلىك شىمالدىكى 15 ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننىڭ پەلسەپە-ئىجتىمائىي پەنلەر بۇيىچە مۇنەۋۋەر تەھرىرلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇ 1995-يىلى كىنو ئوبزورلىرى مۇكاپاتىغا، يەنە شۇ يىلى ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىي كىتابلارنى نەشرى قىلىش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
قۇربان بارات جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى ئىدى. ئۇ 1993- يىلى شىنجاڭ ياشلار ئۆسمۈرلەر نەشرىياتىدىن كېسەللىك سەۋەبىدىن دەم ئېلىشقا چىققان بولسىمۇ، قەلىمى توختاپ قالمىغان. ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرغىچە «بۇ دەريامۇ ئاققان خىيال» (400 كۇپلېت، ئىلى دەرياسى توغرىسىدا)، «تاشقا ئايلانغان ئەجداد» (500كۇپلېت)داستانلىرىنى، «مەن ۋە شېئىرىيەت» ماۋزۇلۇق شېئىرىيەت تەتقىقاتىغا ئائىت كىتابىنى يېزىپ قولدىن چىقارغان. «ئالتۇن بۆشۈك»شېئىرى رومانىنىڭ (بەش باب 15مىڭ مىسرالىق )1-كىتابىنى قولدىن چىقىرىپ 2-كىتابى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتاتتى. نەشرىياتچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، «لېيىغان بۇلاق»، «كاپىتان قىزى»، «ئەختەم ئۆمەر پوۋېستلىرىدىن تاللانما» قاتارلىق 35 خىل ئەدەبىي كىتابنى نەشر قىلىپ بازارغا سالغان ئىدى.
قۇربان باراتنىڭ ۋاپاتى-ئۇيغۇر شېئىريىتىي، ئۇيغۇر ئەدەبىي تەرجىمىلىكى، كلاسسىك ئەسەرلەرنى نەشرگە تەييارلاش، ئۇيغۇر نەشرىيات ئىشلىرى ئۈچۈن زور يوقىتىش. مەن مەرھۇم ئۈچۈن يىغلايمەن، ياش تۆكىمەن، ئايالى، بالا-چاقىلىرى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن.
تىنىچ يېتىڭ قۇربان بارات! چالا قالغان ئىشلىرىڭىزنى سىز تەربىيەلىگەن شاگىرتلار پۈتكۈزىدۇ، سىز تۈزگەن سەپ شالاڭلاپ قالمايدۇ!