پۇلۇم بار ( ساتىرا )
ئاپتورى : خەيرۇللا قۇربان تاڭنۇر
تاماكىغا ، ھاراققا خەجلەيدىغان پۇلۇم بار ،
قىز چوكانغا ، جۇۋانغا خەجلەيدىغان پۇلۇم بار .
قول تەڭلىسە ھاجەتمەن مەيدىسىدىن ئىتتىرىپ ،
كۆڭۈل خوشۇم ، ئولجىغا خەجلەيدىغان پۇلۇم بار .
ھارام بىرلە سودىغا خەجلەيدىغان پۇلۇم بار ،
مۇھەببەتسىز ئوردىغا خەجلەيدىغان پۇلۇم بار .
قولى قىسقا بىمارلار ئۆلۈم بىلەن تىركەشسۇن ،
تەخسىكەشكە، پوچىغا خەجلەيدىغان پۇلۇم بار .
ھالى يوغان چوڭچىغا خەجلەيدىغان پۇلۇم بار ،
رەڭلىك سورۇن ، ئاقچىغا خەجلەيدىغان پۇلۇم بار .
ياخشىلارنىڭ يولىنى توسسا مەيلى جۇت - بوران ،
ھەقنى يەڭگەن ساختىغا خەجلەيدىغان پۇلۇم بار .
نەغمە ئۇسۇل ،داپچىغا خەجلەيدىغان پۇلۇم بار ،
رەڭۋازلىققا ،ساختىغا خەجلەيدىغان پۇلۇم بار .
ھاياتىمنىڭ سائىتى مەيلى قاچان توختىسا ،
ياخشىلىقتىن باشقىغا خەجلەيدىغان پۇلۇم بار .