مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3247|ئىنكاس: 5

ھەسەنجان ئابدۇراخمان: ۋاز كېچىش (ھېكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھەسەنجان ئابدۇراخمان

46

تېما

1319

يازما

1365

جۇغلانما

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 96287
يازما سانى:
1319
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
1279
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
1589 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-7-23
ئاخىرقى:
2016-3-29
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۇتغۇر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-8 05:40 AM    @* q  @( ~5 F  I

$ ~3 @; ?1 l4 E# g" E
ۋاز كېچىش
; W  o2 F( q( V, i( c# e, X

$ H" p) T% v, Z' U! R! M
(ھېكايە)

$ L! q  D+ o5 d
ھەسەنجان ئابدۇراخمان( a7 a) X1 i( l; L+ F1 j! l

& ?5 X* ?/ H2 z+ a, \; O7 M
     ۋاز كەچكەندىلا ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئېرىشىش ئۈچۈن چوقۇم ۋاز كېچىش كېرەك. ئىنسان بۇ ھاياتىدا مەلۇم نەرسىلەردىن ۋاز كېچىشنى ياكى داۋاملاشتۇرۇشنى ــــ تاللاشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك، شۇنداق بولغاندىلا ئاندىن ئۇ كۆزلىگەنلىرىگە ئېرىشەلىشى مۇمكىن...
     مەن بۇ يەردە ھەرگىزمۇ ئاتالمىش "پەلسەپىۋىيلىك" سۆزلەرنى سىلەرگە سۆزلەپ بېرىش ئارقىلىق، ئۆزۈمنىڭ "بىلىملىك" ئىكەنلىكىنى پەش قىلماقچى ئەمەسمەن. بىلىملىك بولغاننىڭ نېمە پايدىسى؟! ئۇ ماڭا بەزىلەر ئۈچۈن يېقىملىق ئاڭلىنىدىغان ئاتالمىش "ۋاي، يازغۇچى! ۋاي، كىتابخۇمار! ۋاي زىيالىي!" دېگەندەك ئاشۇ "ئۇلۇغ" سۆزلەردىن بۆلەك نېمە ئاتا قىلالىدى؟! كېچە-كېچىلەپ ئۇيقۇمنى سېتىپ، تۈننى-تۈنلەرگە ئۇلاپ كىتاب ئوقۇشلىرىمنى؛ دۈمچەكتەك مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ، قىزارغان كۆزلىرىمنى قەلەم تۇتمىغان قوللىرىمدا قاتتىق ئۇۋلاپ، ئەسنەپ تۇرۇپ بىر نېمىلەرنى شىرىلدىتىپ يېزىشلىرىمنى كىم ئاڭلاپتۇ، كىم بىلىپتۇ، كىم كۆرۈپتۇ، كىممۇ ئىچ ئاغرىتىپ، "ۋاي، سەندەك جاپاكەشنى!" دەپتۇ؟!
) O% W7 c1 _; H3 K0 G# R7 _
     جەمئىيەت ئۇنداق-ئەي، بۇرۇنلاردا ئانداقتى، ھازىر مۇنداق بوپ كەتتى-يەي...
     بىر ئوغۇل بالا ئاتا-ئانىسىنى قاقشىتىپ يۈرۈپتۇ. ئاتا-ئانىسى قان-قان يىغلاپتۇ، كۆزلىرى تېشىلىپ، كور بولۇپ كېتىپتۇ. يۈرەكلىرى لەختە-لەختە، پارە-پارە بولۇپ كېتىپتۇ...
      بىر ئايال ئېرىگە سادىق بولماي، سىرتلاردا ئاشنا ئويناپ يۈرۈپتۇدەك. ئاشنىسى پۇلداركەن، بۇرۇنقى ئېرىدىن ئاجرىشىپ، ئۈچ بالىسىنى يېتىم قىلىپتۇ-يەي. ھازىرقى جەمئىيەتتە ئاياللار قاتتىق بۇزۇلۇپ، توڭلاتقۇدا ساقلىمىغان خام گۆشتەك سېسىپ كېتىپتۇ-يەي...
     ئاۋۇ يېزىنىڭ رەھبىرى سەكسەن ياشتىن ئاشقان، كەمبەغەل بىر بوۋايدىن سەكسەن مىڭ يۈەن پارە ئېلىپتۇ. ئۇ باشلىق ھازىرغىچە پارە ئېلىپ، كاۋاپ يەپ يۈرگۈدەك... ئۇزۇن يىل قىغ ئارىسىدا قالغان تاغاردەك چىرىكلىشىپ كەتكەن ئاشۇنداق بىر نېمىلەرنى جازالايدىغان بىرەر باشلىق چىقماپتۇدەك... ۋاي، ئۇ باشلىقمۇ پارىخورمىش، باشلىق دېگەننىڭ ھەممىسى پارىخور كەلگۈدەك...
     قايسى كۈنى دۇنيادىكى پۈتۈن دۆلەتلەرنىڭ پادىشاھلىرى ئامېرىكا دېگەن يەردە چوڭ مەجلىس ئۆتكۈزۈپ، چاۋشىيەن دەيدىغان بىر دۆلەتنى قاتتىق جازالاشنى قارار قىلىپتۇ...
     سۈرىيەدە ھازىرغىچە ئۇرۇشۇش-سوقۇشۇشلار توختىماپتۇ. بومبا دېگەن چالمىنىڭ ئورنىدىكى نەرسە ئىكەن، كىچىك بالىلارمۇ بىر-بىرىگە ئېتىشىپ ئويناپ يۈرۈيدىكەن...
     ئامېرىكا دېگەن دۆلەت بىزنىڭ جۇڭگونىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە قېيىقلىرىنى سۆرەپ كىرىپ كەپتۇدەك، ۋاي تېخى، ئۇلارنىڭ ھالىغا باقماي قىلىپ يۈرگەن قىلىقلىرىنى...
" W5 H! `( t# `
     كېچىلىرى مانا يۇقارقىدەك ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇخلىيالمايمەن. كۈندۈزلىرى ئالدىراش خىزمەتكە بەنت بولۇپ، تۈرلۈك بېسىملار ئۈستىدە ھارغىن بولۇپ قالىمەن. چۈنكى، ھەر كۈنى "ئادەمنىڭ يۈرىكىنى تىترىتىدىغان، يۈرىكىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ، ئۈستەلنىڭ بىر بۈرجىكىگە قويىدىغان قورقۇنۇشلۇق، خەتەرلىك" مۇشۇنداق ئىشلار قۇلاق تۈۋۈمدىن كەتمەيدۇ. ئەتراپقا قارىسام، ھەممە ياقنى بۇزۇقچىلىق، چىرىكلىك، ۋاپاسىزلىق، ئۈمىدسىزلىك، گۇناھچىلىق، تىرىكچىلىك... قاپلاپ كەتكەندەك. كۈندۈزلەر ۋەھىمە، بېسىم، ئۈمىدسىزلىك بىلەن كەچكە ئۇلىشىدۇ. تۈن پەردىسى پۈتۈنلەي يېپىلغان كېچىلەر بولسا ئويلىنىش، ئىزدىنىش، ئۆگىنىش، ھەل قىلىش... لار بىلەن تاڭغا ئۇلىشىدۇ. توغرا ئېتقادقا ئىگە مەندەك بىر بەندىنىڭ ھازىرقى كۈنلىرى ئەنە شۇنداق ئۆتىۋاتىدۇ. ئويلاپ باقسام، ئاجىز بەندە بولغانلىقىم ئۈچۈن ئۇ ئىشلارنىڭ ھېچ قايسىسىنى مەن ھەل قىلالمايدىكەنمەن. بەزىبىر كۈچۈم يەتكۈدەك ئىشلارنى ھەل قىلىپ باقماقچىمۇ بولدۇم، ھەلمۇ قىلدىم. ئەمما، مەڭگۈلۈك دېۋىگاتېل بولمىغىنىدەك، مېنىڭ قوللانغان ئاددىي ئۇسسۇللىرىممۇ بەزى مەسىلىلەرگە ئاران بىر-نەچچە كۈنلۈك دال بولالىدى.
     دۇنيادا چەكسىز نەرسە مەۋجۇت ئەمەس، ھەممىسى: ھەممە شەيئىي، ھەممە تۇيغۇ... ھەممە نەرسە چەكلىك. ئىنسانلار پەقەت، ئاخىرقى چەكنى قانداق ئىپادىلەشكە ئاجىزلىق قىلغانلىقى ئۈچۈنلا، بىلىمىنىڭ، تەپەككۇرىنىڭ چەكلىك بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئۇنى چەكسىز دەۋالىدۇ. ئەمەلىيەت ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس. دېمەككى، مېنىڭمۇ ئىقتىدارىم، ھەل قىلىش ئۇسسۇلۇم، تەدبىرىم، بىلىمىم، تېخنىكام، ئەقلىم، جىسمانىي قۇۋۋىتىم... ھەممە نەرسەم چەكلىك. مېنىڭ ئاشۇ چەكلىك نەرسىلىرىم مەن كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك ئىشلار ئۈچۈن يېتىشمايۋاتىدۇ، ئارىلىقتا بارا-بارا كېرسىس شەكىللىنىۋاتىدۇ. "ئۆرۈكتىن غورا قىممەت، كېگىزدىن بورا قىممەت؛ كاۋا پۇل ئەمەس، باراڭ پۇل؛ قىرىق يىل يىغقان ئۇزۇق، قىرىق كۈن يەتمەپتۇ" دېگەندەك قىممەتلىك ئىبارىلەر مەن ئۈچۈن ھازىرقى ئەڭ يېقىملىق، يۈرۈكۈمگە شىپا بولىدىغان سۆزلەرگە ئايلىنىپ قالدى.

7 q. {4 F  }! e
     ھېلىقى كۈنى ئىشخانامدىكى دائىملىق ئۈستىلىمدە ئىككى قولۇمنى ئېڭىكىمگە تېرەپ، قىزارغان كۆزلىرىمنى تۇرۇسقا تىكىپ، روسىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ ھازىرقى مۇناسىۋىتى ئۈستىدە قاتتىق خىياللارنى قىلىپ ئولتۇرسام، ياشتا چوڭ، پىشقەدەم خىزمەتدېشىم بېقىنىمنى نۇقۇپ مەندىن سورىدى:
     ــــ ھە، يازغۇچى ئۇكام. قانداق، مۇھەببەتتىن پەشۋا يېدۇقمۇ-نېمە؟ سېۋەتنىڭ ئاستىدا قالغان ئەنجۈردەك ئېزىلىپ كېتىپتىمىزغۇ؟
     مەن ئۇنىڭ بۇنداق سوئاللىرىغا ۋە ھەزىل ئارىلاش لاۋزا سۆزلىرىگە كۆنۈپ كەتكەنلىكىم ئۈچۈن، قىياپىتىمنى ئۆزگەرتمەي ئۇھسىنىپ قويغاچ پەس ئاۋازدا دېدىم:
     ــــ ھەي، تۈركىيە! ئېست، روسىيە! ۋاي، لېنىن، ھەي، سىتالىن! ھەي، مۇستاپا كامال! خەپ، پۇتىن! ئېست، ئەردوغان...
     ــــ نېمىلەرنى دەۋاتىسەن، ئۇكام؟ كۈپكۈندۈزدە جۆيلۈپ يۈرىسەنغۇ؟ مۇھەببىتىڭنىڭ ئىسمى كامال، ساڭا پەشۋا ئاتقىنى مۇستاپا ئوخشىمامدۇ، ھە، زىيالىي ئۇكام؟!
     ئۇ پىخىلداپ سەت كۈلدى. مەن يەنە ئارتۇق ئىپادە بىلدۈرمەي، ئىككى قولۇمنى ئېڭىكىمدىن ئاجراتتىم. كۆزەينىكىمنى ئوڭ قولۇمنىڭ كۆرسەتكۈچ بارمىقىدا ئوبدان ئىتتىرىپ قويۇپ، خۇددى تېپىشماق تېپىۋاتقان باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىدەك بارماقلىرىمنى ئۇۋلىدىم. ئۇ كۈلكىسىنى توختاتماي، مۆرەمگە ئۇرۇپ دېدى:
     ــــ نېمە، مۇستاپانىڭ ئەدىپىنى بېرەي دەمسەن؟
     مەن مۇستاپا دېگەن سۆزنى ئاڭلاپ خىيالدىن سەگىگەندەك بولدۇم-دە، تېپىشماقنىڭ جاۋابىنى تاپقاندەك بىردىنلا جانلىنىپ كەتتىم:
     ــــ مۇستاپانىڭ ئەدىپىنى پۇتىن بېرىدىغاندەك قىلىدۇ، ئاكا. ھازىرقى ئەھۋال پايدىسىز، لېكىن بۇنىڭ چارىسىنى مۇستاپا ئۆزى قىلسۇن!
     پىشقەدەم ئاكام بۇ سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ قاقاقلاپ كۈلدى. ئۇنىڭ ئاۋازى كارىدوردىكى كىشىلەرگە ئاڭلاندى بولغاي، بىر-نەچچە كىشى ئىشكتىن بويۇنىنى تىقىپ، بىزگە ھەيرانلىق بىلەن قاراشتى. مەن بۇ قېتىم ھەقىقەتەن ئەسلىمگە كەلگەندەك بولۇپ، باياتىنقى سۆزلىرىمنى ئويلاپ ئۆزۈممۇ كۈلۈپ سالدىم.
     ــــ ۋاي، سىياسەتچى دوختۇر ئۇكام! نېمىلەرنى دەپ يۈرىسەن؟ قىز دوستۇڭنى تارتىۋالغان ئانچىكى بىر لۈكچەك ئۈچۈن پۈتۈن روسىيەنى ئىشقا سالماقچىمۇ-سەن؟! ــــ ئۇ كۈلكىسىنى توختاتماي، مەندىن سوراۋەردى. مەن بۇ تەنە گەپلەردىن شۇنچىلىك خىجىل بولۇپ كەتتىم. ــــ ۋاي، ھېكايە يازىدىغان شائىرچاق! چاقچاق قىلىپ قويسام، ئەجەپ كەلتۈردۈڭ، قاپىيە دېگەننى!
     ــــ ئۇنداق ئەمەس، ئاكا. سىز بىلمەيسىز، ھازىر تۈركىيە بىلەن روسىيە...
     ــــ ۋاي نېمىسىنى بىلمەيتتىم، مەن؟! ــــ ئۇ ھاياجان بىلەن سۆزلەۋاتقان گېپىمنى تارتىۋېلىپ، چىرايىنى بىردىنلا ئۆزگەرتىپ، خاپا بولغاندەك قوللىرىنى ئۇچۇرۇپ پەس ئاۋازدا، ئەمما، ئۇرغۇ بىلەن دېدى، ــــ زىيالىي، دەپ قويسام قايناپ كەتتىڭغۇ؟ بىلىپ قوي، سىتالىن ئەمەل تۇتقاندا سەن تېخى تۇغۇلمىغانتىڭ، ئەردوغان تۈركىيەگە باش بولغاندا بولسا ئېغى ئۇچۇق ئىشتان كىيىپ يۈرەتتىڭ سەن! سەن مېنى بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرىدىن خەۋىرى يوق، مائاشنى بىكارلىق ئېلىپ يەپ، ھەممە نەرسىگە بىپەرۋا قارايدىغان سامان قورساقلارغا ئوخشىتىپ قاپسەن-ھە؟! داداڭدەك ئادەم مەن، سەندەك تۈكى چۈشمىگەن سويمىلاردىن نەچچىنى كۆرگەنمەن! ھە، دەپ كۈلۈپ قويسام ئۆزۈڭنى تۇتىۋالالماي قالدىڭغۇ، ئەجەپ!
     مەن بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ ھاڭۋېقىپلا قالدىم، ئېغىزىمنى يېرىم ئېچىپ، ئۇنىڭ تۈكرۈك چاچرىتىپ سۆزلەۋاتقان قېلىن كالپۇكلىرىغا قاراپلا قالدىم. نېمە قىلارىمنى بىلمەي، ئوتتەك قىزارغان يۈزلۈرۈمنى ئىككى ئالقىنىم بىلەن سىيپاپ، بوش ئۇرۇپ قويدۇم. ئۇ يەنە بىردىنلا چىرايىنى ئۆزگەرتىپ، سەت ھىجايغىنىچە ماڭا قاراپ يۇمشاقلىق بىلەن دېدى:
     ــــ قارا، قارا... مانا، يازغۇچى دوختۇرنىڭ ئۆزى! نېمە دېگەن ئوماقلىق بۇ، ھەي يازغۇچى ئۇكام، سەن نېمانچە ئۇياتچان، نېمانچە نازۇك؟! ئېست، قىز-چوكانلار سېنىڭ پوقۇڭنى بولسىمۇ دورىسىچۇ-كاشكى!
     مەن بۇ قېتىم نېمە دېيىشىمنى پەقەت بىلەلمىدىم. بېشىمنى يېنىك لېڭشىتىپ، كۆزلىرىمنى پارقىرىتىپ، تۈپۈكۈمنى يۇتۇپ ئىپادە بىلدۈردۈم:
     ــــ شۇنداقمۇ؟...
     ــــ قانداق، ھېكايە يازدىم دەۋاتاتتىڭ، قايسى شائىردىن ئۆگەندىڭ ئۇ ئۇلۇغ ئىشنى؟! قارا، سېنىڭ ھېلىقى نەرسەڭنى ئوقۇۋېدىم، كۈلۈپ بولالماي كۆزۈمدىن ياش قاينىدى. بۇنى كۆرگەن خوتۇنۇم شۇنچە تەسىرلىكمىكەن، دېۋىدى، ئۆزۈڭ ئوقۇ مانا، دەپ تاشلاپ بېرىۋېدىم، ئۇمۇ تىزىغا شاپىلاقلاپ قاقاقلاپ كەتتى. ۋاي، توۋۋا! قايسى گېزىتتى كۆچۈردۈڭ ئۇنى، زادى؟!
     ــــ ياق، كۆچۈرمىگەن، ئۆزۈم يازغانتىم...
     ــــ توۋۋا، دېگىنە ئۇكام. بۇ راستما؟ ھېكايە يازىمەن دېگۈچە، بۇ ئايلىق بىمارلارنىڭ ئاپخوتىنى يازە، ئاۋۋال! ۋاي، بوپتۇ ئەمىسە. كۆڭلۈڭگە كەلمىسۇن، يازىدىغان نېمەڭنى داۋاملىق ياز! ھېقچانداق مۇخبىرمۇ سەنچىلىك يازالمايدۇ، زادى!
     ــــ ...
     مانا، مېنىڭ خىزمەتداشلىرىم.

- o: Z# Q/ V# I% `) P- L
     قايسى كۈنى ئالىي مەكتەپتە بىرگە ئوقۇغان ساۋاقدېشىم بىلەن كىتابخانىدا ئۇچرىشىپ قالدىم. ئۇ مېنى كۆرۈپ ئالەمچە خۇش بولۇپ كەتتى. ئىلگىرىكى كەمسۆز دوستۇمنىڭ ئېغىزى بۇ قېتىم ئېچىلىپ، يۇمۇلمايلا قالدى:
     ــــ ۋاي، جېنىم ئاداش! ھېلىقى ھېكايەڭدە نەخ مېنى يېزىپسەن جۇمۇ، رەھمەت ساڭا! ھېكايەڭدىكى ھېلىقى "ئەختەم" دېگەن ئۈلگىلىك ياش دەل مېنىڭ پوتېرتىم ئىكەن. قارا، سېنى دوستلىرىمغا سۆزلەپ، ھېكايەڭنى ئۇلارغا ئۇقۇتقۇزىۋېدىم، ئۇلار مېنى ماختاپ كەتتى. "يازغۇچىنىڭ دوستى" دەپ، ماڭا بۆلەكچىلا ھۆرمەت قىلىدۇ، ئۇلار. رەھمەت، جۇمۇ ئاداش! نېمە، يېقىندا ھېكايە يېزىۋاتامسەن؟
     ــــ شۇنداقمۇ؟ ھە...
     مانا، مېنىڭ ئوقۇرمەنلىرىم.

+ w) Y' H6 A4 u2 j# y3 s$ i# g# B8 v
     ئۆتكەندە، ساتراچخانىدا مۇنداق قىززىق پاراڭلار بولدى، مەن ھېچ قايسى گەپكە قۇشۇق سالماي، ئۇلارنىڭ پارىڭىنى ئاڭلاپ ئولتۇردۇم:
     ــــ مۇشۇ ئۈندىدار دېگەن نېمىدە بارغۇ، ھەممە كىشى يازغۇچى، مۇخبىر، پەيلاسوپ، ئالىم... بولۇپ كېتىپتۇ. نەگىلا قارىساڭ خەۋەر، ئېلاندىن باشقىسى يوق؛ شېئىرلار دېگەن غېرىچتا بىر؛ ھېكايە دېگەنگىغۇ گەپ كەتمەيدۇ، ماڭدامدا نەچچىسى بار... ئۈندىدار ئىشلەتسە بارغۇ، مەنىۋىيەت دېگەنگە تويۇپ، ھۆ بولۇپ، قۇسقۇڭ كېلىدۇ.
     ــــ ئارى، ئەينى مۇددىئا!
     ــــ مانا، مۇنۇ ئاغىنەممۇ يازغۇچىلاردەك سۆزلەيدىغان بولۇپ كېتىپتۇغۇ!
     ــــ راست، مەن بارغۇ، ئىككى كۈندە بىر، ياق، كۈندە بىر ھېكايە يېزىپ تۇرىۋاتىمەن.
     ــــ توغرا، بىر ھېكايە ئوقۇغانتىم، ئەسلىدە سىز يېزىپتىكەنسىز-دە!
     ــــ ئۇنى دەيمىز، بۇنى دەيمىز... مۇشۇنداق نەرسىلەرنى يازغانلارنىڭ نېمە مەقسىتى باردۇر دەپ قالىمەن، زادى!
     ــــ نېمە مەقسىتى بولاتتى، داڭ چىقىرىشنى، نام-ئاتاق قازىنىپ، "ۋاي، شائىر! ۋاي، يازغۇچى!" دەپ ئاتىلىشنى ئارزۇ قىلىپ شۇنداق قىلمامدۇ؟
     ــــ ھە، ماقۇلە! شائىر، يازغۇچى دەپ چوڭ بىلگەنمۇ بولايلى، ئۇ يازىدىغان ساراڭلارنى! لېكىن، ئۇلار يازغۇچى، شائىر، زىيالىي... دېگەنلەرگە تۇشلۇق نېمىمۇ قىلىپ بېرەتتى بىزلەرگە؟!
     ــــ سىزگە نېمە قىلىپ بەرسە بولاتتى؟ ئۆزىگە قىلىدۇ. كونىلار دەپتىكەنغۇ: يامان قىلسىمۇ، ئەسكى قىلسىمۇ ئۆزىگە قىلىدۇ، ھەممىسى.
     ــــ ئۆزىگە قىلىدۇ؟ يازغۇچى دېگەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلمامدۇ-ۋاي؟!
     ــــ قايسى خەلق ئۈچۈن قىلاتتى؟ ئابدۇكېرىم ئابلېزنىڭ بىر گېپى بارتىغۇ: مەنمۇ بىر خەلق، دەيدىغان. ئۇلارمۇ ئۆزىنى شۇنداق دەۋالىدۇ.
     ــــ ئويلاپ قالدىم: ھېكايە يازىدىغان بىر نېمىلەر ئادەمنىڭ كاللىسىنى قايمۇقتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ يىپىدا بىزنى لەگلەكتەك ئۇچۇرۇپ يۈرەمدىكىن-تاڭ؟!
     ــــ شۇ شۇ...
     ــــ قاراپ باقسام ھەممە يەردە كىتاب. مانا، ساتراچخانىدىمۇ بار. ئۆتكەندە شەھەردىكى بىر ھاجەتخانىغا كىرسەم، شۇ يەردىمۇ كىتاب تۇرىدۇ. توۋۋا، كىتابنىڭ قىممىتى چۈشۈپ كەتكەنمىدۇ، دەپمۇ قالدىم.
     ــــ راستىنى ئېيتاي: مەنمۇ بىر ئوقۇتقۇچى. لېكىن، ئۆيۈمدە دەرسلىك كىتابتىن باشقا گېزىت-ژورنال، باشقا كىتابلاردىن بىرەر پارچىمۇ يوق. ئۈندىدارنى ئەتمەيمەن، مۇشۇنداق نەگىلا بارسام كىتاب بولغاچقا ئۆيۈمدە كىتاب يوق.
     ــــ ھەي... ــــ ئارىدىن بىر كېلىشكەن، چىرايىدىن ئوقۇمۇشلىقى چىقىپ تۇرغان بىرەيلەن ئۇھسىنىپ قويۇپ گەپنى تۈگەتتى: ــــ گېپىمگە ئىشەنمەيسىلەر: مەن كىتابنى تولا ئوقۇيمەن. بىراق، مەنمۇ يازغۇچى، زىيالىي... دەيدىغان نېمىلەر بىلەن پەقەتلا خوشۇم يوق...
     مانا، مېنىڭ ئەتراپىم.     
: \# a# ^  q' R4 W     ئۈلۈشكۈن ئاكام ھۇجرامغا كىرىۋىدى، ئۇ ئاچچىقىدا پارتلاپ كەتكىلى تاسلا قالدى، مېنى تىللىدى، ھەتتا، ئۇرماقچىمۇ بولدى. چۈنكى، ھۇجرامنى كۆرگەن ھەرقانداق كىشى مېنى ئەيىبلىمەي قالمايتتى: سۇپىدىكى دۆۋە-دۆۋە رەتسىز كىتابلار؛ پەگادىكى پۈرلەنگەن، چەيلەنگەن، يىرتىلغان نۇرغۇن قەغەزلەر؛ يىغىلماي قالغان چۇۋۇق يوتقان كۆرپەم ئۈستىدە يېيىلىپ ياتقان دەپتەر-قەلەملەر؛ ئۈستىلىمدىكى كىتاب-خاتىرىلەر ئۈستىدە يۇغۇشتۇرۇلمىغان تەييار چۆپ خالتىلىرى؛ ئىستاكاندىكى تۆكۈۋېتىلمىگەن قارا چاي؛ پارچە-پارچە پۇچۇق نانلار... مانا بۇ ھۇجرا مېنىڭ ئىدى:
     ــــ ۋاي، نېمە بۇ؟! ھايۋانمۇ سەن، نېمانچە رەتسىز، نېمانچە مەينەتچىلىك بۇ؟! تېخى، ھالىڭغا باقماي كىتاب كۆرۈسەن، ئۆزۈڭنى زىيالىي چاغلاپ قالغان ئوخشىمامسەن؟ ۋاي، ئاۋۇ قەلەم بىلەن دەپتەرلىرىڭگە نېمە دەي؟! ئۆزۈڭنى يازغۇچى دەپ قالدىڭما؟ ۋاي، نۇمۇسۇم! دەرھال بۇ نېمىلىرىڭنى يۇغۇشتۇرىۋال! بولمىسا، ئوت قويۇۋەتمەي يەنە...
     مانا، مېنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرىم.
$ g3 J+ P. }! D: @! C9 v6 t6 g* g) E  X
     مەن يازغۇچى ئەمەس. ئۆزۈمنى بۇ ئىسىمغا مۇناسىپ، دەپمۇ قارىمايمەن. مەن يېزىقچى ئىدىم، يېزىپ باققۇچى، يېزىشقا % b7 X5 c/ l' V( N4 W" i0 z& s6 V
جۇرئەت قىلغۇچى ئىدىم. توغرا، ئاخىرقى نىشانىم يازغۇچى بولۇش ئىدى. ھىم، باشقىلار ئېيتقاندەك يازغۇچى بولۇپ بولدۇممۇ دەيلى: ماقۇل، يازغۇچى بولغاننىڭ قانداق پايدىسىنى كۆرۈپتىمەن؟ زىيان تارتسام چىداپ كەلدىمكى، بىرەر پايدىغا ئېرىشىپ خۇشال بولۇپ باقمىدىم. قانداق قىلاي؟ ئاكام توغرا دەيدۇ. كىمنىڭ ئاكىسى ئىنىسىنى يامان يولغا باشلايتتى-ھە؟ شۇنداق قىلاي: ئۇ ئەسكى قەغەزلەرگە ھازىرچە ئوت قويۇۋەتمىسەممۇ، رەتلەپ بىر جايغا دۆۋىلەپ قوياي، يوتقىنىمنىڭ كىرلىكىنى ئاجرىتىپ ئۈستىگە يېپىپ قوياي. بۇ نەرسىلەرنى كۆزۈم كۆرمىسۇن! قەلەملىرىمنى ئۇكىلىرىمغا بېرىۋىتەي، تاپشۇرۇق ئىشلىگەندە ئەسقېتىپ قالار. بۇنىڭدىن كېيىن مەن ئۈچۈن بىر تىيىنلىك پايدىسى يوق بەزى ئىشلار ئۈچۈن ۋاقتىمنى، زېھنىمنى، ئۇيقۇمنى ئىسراپ قىلمايمەن. ھازىرچە، قىلىۋاتقان بۇ ئىشلىرىمدىن ۋاز كېچەي، باشقىلاردەك غەمسىز، خۇشال ياشاپ باقاي. بەلكىم، مەن ئۇلاردىنمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشەلىشىم مۇمكىن!
$ u. t- H1 i# v& E
- D4 l* P6 Z0 n0 }     (تۈگىدى!)
2 c4 Y$ H* n( |$ W! A     2016-يىل 3-ئاينىڭ 8-كۈنى سەيشەنبە، كېچە. قاراقاش.
! G+ w! k' y2 `9 E+ [     مەنبە: ھەسەنجان ئابدۇراخمان ئۆز قەلىمى.
9 b# R" B: V1 ^: s- W& e  I6 F) |

ھەسەنجان ئابدۇراخمان ئۇتغۇر
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

0

تېما

45

يازما

45

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 131250
يازما سانى:
45
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
453
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
291 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-11-29
ئاخىرقى:
2016-4-1
ۋاقتى: 2016-3-8 14:21:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنداق قىلماي يىزىقچىلىقىڭىزنى داۋاملاشتۇرۇڭ! خالىغان ئادەمدە يىزىقچىلىق ئىقتىدارى بولمايدۇ
% V1 S. s1 A+ Z# ^. Q3 X2 Aيازالىغان ئادەم يازىدۇ ئۇنىمۇ

كىملەرنىڭ ئەزىزى، كىملەرگە خار بولدى ؟؟؟

0

تېما

7

يازما

7

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 138279
يازما سانى:
7
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
75
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
35 سائەت
تىزىملاتقان :
2016-2-15
ئاخىرقى:
2016-3-31
ۋاقتى: 2016-3-8 21:08:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ  شۇ

0

تېما

7

يازما

7

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 138279
يازما سانى:
7
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
75
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
35 سائەت
تىزىملاتقان :
2016-2-15
ئاخىرقى:
2016-3-31
ۋاقتى: 2016-3-8 21:09:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر كىندە ئۇندا  قابىلىيەت بۇلىۋەرمەيدۇ

0

تېما

19

يازما

19

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 137489
يازما سانى:
19
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
122
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
65 سائەت
تىزىملاتقان :
2016-2-9
ئاخىرقى:
2016-3-31
ۋاقتى: 2016-3-8 22:11:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋاملىق   يوللاپ    تۇرۇڭ.   

ئەقىلسىز دوستۇڭ

82

تېما

3870

يازما

3952

جۇغلانما

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 37842
يازما سانى:
3870
نادىر تېما :
2
مۇنبەر پۇلى :
32581
تۆھپە :
1311
باھا :
1547
توردا:
3973 سائەت
تىزىملاتقان :
2011-4-16
ئاخىرقى:
2016-3-26
ۋاقتى: 2016-3-9 20:09:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ يىزىقچىلىق ئۇسلۇبىدا يىزىپسىز بۇ تىمىڭىزنى . ئەتراپتىكى رىياللىقنى ياخشى ئەكىس ئەتتۈرۈپسىز

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|قاماقخانا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى ( 黔ICP备15011399号 )

GMT+8, 2016-4-1 03:51 PM, Processed in 0.208016 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.
شىنجاڭ مىسرانىم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش