بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-3-8 11:07 AM
خۇيۇم بار
رەھمەتجان مۆمىن( ساتېرىك
سىرلىرىمنى ھېچ ئىنسان، ئۇقمايدىغان خۇيۇم بار .
ماڭا تەنقىت-تەربىيە يۇقمايدىغان خۇيۇم بار.
ئېلىشتۇرۇپ ھەممىنى،قىلىپ يالغان تۆۋىنى،
ھەق-ئادالەت يولىنى تۇتمايدىغان خۇيۇم بار.
قورقۇپ تۇرۇپ ياماندىن،سۇ ئۆتكۈزۈپ ساماندىن،
جىن قەستىدە شاپتۇلنى يوقلايدىغان خۇيۇم بار،
چىشلەپ تۇرۇپ ياقىنى،ئالدىم كىشى ھەققىنى،
ھالال-ھارام پەرقى يوق،قورقمايدىغان خويۇم بار.
قولۇم يىراق يانچۇقتىن،تىيىن چىقماس قاپچۇقتىن،
ئۆز رىزقسىز قورساقنى توقلايدىغان خۇيۇم بار.
ئازغا يوقتۇر قانائەت،جىقنى بەرمەس ئامانەت،
ئېلىۋەرسەم قىلچىمۇ تويمايدىغان خۇيۇم بار.
گالۋاڭدىن يول تالىشىپ،پۇلدارغا چىڭ چاپلىشىپ،
ئارامىدا بىردەممۇ قويمايدىغان خۇيۇم بار.
بىرى مېنى چوڭ كۆرۈپ،مېھمان قىلسا قوي سويۇپ،
ئۆتنىسىگە بىر توخۇ سويمايدىغان خۇيۇم بار.
مەندە باشقا ئوقەت يوق،سەبرى،چىدام،تاقەت يوق،
نەيرەڭ بىلەن ھۇشيارنى گوللايدىغان خۇيۇم بار.
كېچە بولسا ياتمايمەن،زادى ئارام تاپمايمەن،
ئالايغانغا بىر ئورا كولايدىغان خۇيۇم بار،
خۇيۇمدىن ۋاز كېچەلمەي،مەخسەتكە ھېچ يېتەلمەي،
ياخشىلىققا يامانلىق ئويلايدىغان خۇيۇ م بار.
ئۇخلىغاننى ئويغۇتۇپ،يامانلىققا قۇترۇتۇپ،
باش قايدۇرۇپ توپ كەبىي ئوينايدىغان خۇيۇم بار.
قاچان يۇقتى بۇ ئىللەت،دەيدۇ ھەممە تەرك ئەت،
گېزى كەلسە ئۆزۈمنى سوتلايدىغان خۇيۇم بار.
قەسەم قىلىپ ھەممىگە،ئەمەل يوقتۇر بىرىگە،
ۋەدىسىدە بىردەممۇ تۇرمايدىغان خۇيۇم بار،
ئەلقىساسى مېنەلھەق،تارازىدۇر ئادىل خەلق،
ئەجەل يېقىن كەلسىمۇ تۇيمايدىغان خۇيۇم بار.
مەنبە :ئۆز يازمام