مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3803|ئىنكاس: 7

شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتېتىدىكى سىتۇدېنتلىق ھاياتتىن قىسقىچە ئەسلىمە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

18

تېما

18

يازما

36

جۇغلانما

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 69541
يازما سانى:
18
نادىر تېما :
3
مۇنبەر پۇلى :
3519
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
4 سائەت
تىزىملاتقان :
2011-12-10
ئاخىرقى:
2016-3-7
شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتېتىدىكى سىتۇدېنتلىق ھاياتتىن قىسقىچە ئەسلىمە
—ئەسلەنسە ساۋاقداشلىق،يادلىنار قىران ياشلىق
غەيرەتجان ئوسمان ئۇتغۇر
(شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىىتېتى تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتىتى 1977-يىللىق 2-سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپنى تاماملىغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرلەش يېغىلىشغا بېغىشلاپ)


      2013-يىلى 8-ئاينىڭ 23-25-كۈنلىرى  شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتىتى تىل-ئەدەبىيات پاكۇلتىتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى كەسپىنىڭ 1977-يىللىق 2-سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپنى ئۇتۇق بىلەن تۈگەتكەنلىكىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرلەش،«ساۋاقداشلارئۇچرىشىش شاتلىقى»  پائالىيىتى  ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتكە بۇ سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىغا دەرس بەرگەن  پىروفىسسۇرلاردىن نەسرۇللا يولبولدى،ئەخمەتبېك كېرىشبايۇف، ئەۋەل قانقالى ئوغلى،مۇھەممەت زۇنۇن ،بۇغدا ئابدۇللا قاتارلىق ، دوتسېنتلاردىن ھىمىت مەخسۇت، ،تۇرسۇن قۇربان قاتارلىق مۇئەللىملەر قاتناشتى. مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن بۇقېتىمقى پائلىيەتكە قاتنىشالمىغان ھەسەن مامۇت،مۇھەممەد ئىمىن،ئابدۇكېرىم راخمان قاتارلىق پروفىسسۇرلار،خەيرىننىسا خالىق،ئۆمەر ئوسمان،پەرىدە ھامۇت قاتارلىق دوتسېنتلارغا    ئالىي ئىھتىرام بىلدۈرۇلدى.شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىزگە بىلىم بەرگەن،ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىگە ئالىي مائارىپ بىلىمىنى چاچقان،تەربىيە قىلغان،ئادىمىيلىك پەزىلەتنىڭ ئەڭ مەزمۇنلۇق يەرلىرىنى ئۆگەتكەن مۆھتىرەم ئۇستازلاردىن ھاكىم جاپپار،جاڭ دۇڭيى، مۇھەممەتئىمىنخۇدابەردى، ئابدۇرېشىت ئىسلام،ياڭ شىڭيى،شېرىپىدىن ئۆمەر،ئابلەت ئۆمەر، ئابدۈشكۈر مۇھەممەتىمىن،نۇرمۇھەممەت زامان، ئەخمەتجان ئەسقىرى قاتارلىقلار ياد ئېتىلدى،  ساۋاقداشلاردىن  مۇھەممەت ئەيسا جامى، زەكىش تېمىرقان، خەيرىننىساخۇجا مەھەممەت، ئۆركەش يۈسۈپ، شادىيە مۇھەممەت رېھىم، ئەخمەتجان قۇربان سبىرىلارنىڭ  پانى دۇنياغا كېتىپ قالغانلىقىغا چوڭقۇر قايغۇ ئىزھار قىلىندى.
     پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان تەشكىلىي ھەيئەت ئۇستازلار،ساۋاقداشلارنىڭ  خۇشچىراي ۋە خۇش تەبەسسۇم ئىلكىدە  گۈزەل ئۈرۈمچى شەھىرىگە جەم بولۇپ،شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتىتى كونا  مەمۇرىي بىناسىنىڭ بىرىنچى قەۋەتتىكى يىغىن زالىغا ۋە  شىنخۇا جەنۇبىي يولىنىڭ كۆزنەك يېرىگە جايلاشقان ھەم يىراق تارىخمىزدىكى ۋىجدانلىق يۇرت سۆيەر،ئوت يۈرەك، قەھرىمان ئايالنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان تۇمارىس ئالىي رىستۇرانىغا يېغىلغانلىقىنى  قىزغىن قارشى ئالدى.مەلۇمكى بۇ قېتىمقى خاتىرلەشپائالىيىتىگە  40 نەپەر ساۋاقداش ۋەئوقۇتقۇچى ئۇستازلار،پاراللىل سىنىپ ۋەكىلى قاتارلىقلار قاتناشتى.
    يېغىلىش باشلانغان كۈنىدىكى ئەھۋالدىنقارىغاندا،ھەممەيلەن چەكسىز شاتلىق ئىلكىگە  تولۇپ تۇرغان، ھاياجان ئىلكىدە تەبەسسۇم قىلغان.سەمىمىي كۈلكىلەر قەلبلەرنىڭ چوڭقۇر يېرىدىن چىقىپ تۇرغان. ۋۇجۇدىدىن چەكسىز سېغىنىش ئالامىتى بىلىنىپ تۇرغان.قەددى-قامىدىن  ھاياتنىڭ قىسمەتلىرىگە پۈكۈلمەس ئىرادىسى نامايەن بولۇپ تۇرغان. بۇ ھەممەيلەننى  ھاياجانغا سالىدىغان، خاتىرلەشكە تىگىشلىك بولغان، ئەستە ئۇزاق يىللار ساقلىنىدىغان دەقىقىلەردۇر.
     ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ راھەتلىك ۋە سېھىرلىك قوينىدا، سۆيۈملۈك يۇرتىمىزنىڭ   قوۋناقك ۈنلىرىدە، يۈرەكنى سۆيۈندۈرىدىغان، تەننى ئىللىقلىق ئىلكىگە ئالىدىغان مىنۇتلاردامۆھتەرەم ئۇستازلار ، دىلكەش ساۋاقداشلار بىلەن بىر داستىخانغا جەم بولۇش، بىر پىيالە چاينى دەرقەمتە ئىچىش،يۈرەكسۆزلىرىنى ئىيتىشىش، خۇشاللىق كۈلكىلىرىنى ئۆز قۇلىقى بىلەن ئاڭلاش،سۇباتلىق قىياپىتىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش نىمە دېگەن شەرەپلىك،نىمە دېگەن ئەھمىيەتلىك ھادىسە-ھە؟
      بۇنىڭدىن 36يىل ئىلگىرى،يەنى،1977-يىلى كېرىشى بىلەن دۆلەتنىڭ يۇقۇرى رەھبەرلىك قاتلىمىدىكىلەر ئەستايىدىل كېڭىشىش،ئەتراپلىق پىلانلاش،چوڭقۇر تەپەككۈر قىلىش،دەنا تەدبىر بەلگىلەش،يىراق كەلگۈسىنى ئويلاش ئارقىلىق ئاپەتلىك«مەدەنىيەت زورئىنقىلابىي» ئاخىرلشىپ، تۇنجى ئېلىم-پەن باھارىنى كۈتىۋېلىش ئۈچۈن جۇڭگونىڭ ئىشىكىنى ئېچىۋىتىش، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشتىن ئىبارەت سىتراتىگىيىلىك يىتەكچى نەزىرىيىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى بىلەن ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزدە بارلىققا كەلگەن يېڭىچەئېلىم-پەن قىزغىنلىقىنىڭ تۈرتكىسىدە مۇقەددەس تەڭرى تاغلىرىنىڭ ئىككى تەرىپىدىن 38نەپەر ياش تۈنجى قېتىملىق بىر تۇتاش ئېلىنغان دۆلەتلىك ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغاقاتنىشىپ ھەم لاياقەتلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشكەندىن كېيىن، شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتىتىنىڭ تىل- ئەدەبىيات پاكۇلتىتىغا تاللىنىپ، 1977-يىللىق 2-سىپنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى باشلىغان ئىدۇق. بىر يىل   خەنزۇ تىلىنى ئۆگەنگەندىن كېيىن، 1979-يىلى 2-ئاينىڭ12-كۈنى، تىل-ئەدەبىيات كەسپى بويىچە رەسمى دەرسكە كىرىشىپ كەتتۇك.2-ئاينىڭ16-كۈنى  ، 1978-يىللىق ئوقۇغۇچى ھىسابىداكەلگەن ئۈچ نەپەر ئۈرۈمچىلىك ئوقۇغۇچى (ئىككى نەپىرى قىز،بىر نەپىرى ئوغۇل،يەنى شادىيەمۇھەممەت رېھىم،، پەرىدە،تەلئەت ئەخەت) خەنزۇ تىلىدا ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملىغان بولغانلىقى ئۈچۈن،بىزنىڭ سىنىپقا ئاتلاپ ئوقۇشقا چىققان ئىدى.بۇنىڭ بىلەن بۇ سىنىپئوقۇغۇچىلىرى 41 نەپەر بولغان ئىدۇق.بۇ سىنىپقا جەم بولغانلىقىمىز ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇش ھاياتىغا كېرىشكەنلىكىمىز  بىزياشلارنىڭ كىشىلىك ھاياتىدىكى ئەڭ ئەھمىيەتلىك، مەڭگۇ ئۇنتۇلغۇسىز كۈنلەر بولغان ئىدى.بىزشۇنىڭدىن باشلاپ، رەسمى ئوقۇشقا كىرىشىپ كەتكەن ئىدۇق.
    دۆلەت بۇ قېتىمقى ئىمتىھان ئېلىش تۈزىمىنى  1977-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا بەلگىلىگەن بولۇپ،1977-يىلى يازدىن باشلاپ،بەزى ۋىلايەت- ناھىيە، شەھەرلەردىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئۆز ئالدىغا ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىش كونسۇلتاتسىيىسى ئورۇنلاشتۇرغان. دۆلەتلىك ئىمتىھان12-ئاينىڭ 10-،11-،12-كۈنلىرى ئېلىپ بېرىلغان.شىنجاڭدا  ئەينى زاماندىكى ئىجتىمائىي پەنلەر ئۈچۈنسىياسەت، تىل- ئەدەبىيات، ماتىماتىكا، جۇغراپىيە، تارىخ پەنلىرىدىن خەنزۇ،ئۇيغۇر، قازاق،موغۇل تىلىدا يازمىچە ئىمتىھان ئېلىنغان. بۇ سىنىپقا جەم بولغانلاردىنئۇيغۇر،تاجىك ياشلىرى   ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىمتىھانغا،قازا ق ياشلىرىقازاق تىلىدىكى ئىمتىھانغا قاتناشقان،ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن يەنە قازاقتىل-يېزىقىدىكى ئىمتىھانغا قاتناشقانلارمۇ بار بولغان.مەسىلەن،مۇشۇ سىنىپنىڭئوقۇغۇچىسى ئەركىن مۇساجان تېكەس ناھىيسىدە قازاق تىل-يېزىقىدىكى ئىمتىھانغاقاتنىشىپ،ئۇيغۇر تىلىدا جاۋاپ يېزىپ،ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان.1978- يىلى 2- ئاينىڭ ئوتتۇرىسىدىن باشلاپ ھەرقايسى-ۋىلايەت،ئوبلاستلاردا ئىمتىھانقەغىزىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى ئىشلىنىپ،ئىمتىھان نەتىجىلىرى   ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مائارىپ نازارىتىگە  يوللىنىپ، تاللانغان لاياقەتلىك ياشلارغا، يەنىئەينى زاماندىكى ئۈستازلارنىڭ تەرىپى بويىچە بىز بىلەن بىر قاراردىكى ئوقۇغۇچىلار «ئۆتكەرمىدىن ئۆتۈپ،غەلۋېرگە سېلىنىپ،ئەلگەكتە تاسقىلىپ تاللانغان» (ھىمىت مەخسۇت  مۇئەللىمنىڭ باھاسى) ياشلارغا ئالىي مەكتەپلەرنىڭ چاقىرىقنامىسى تارقىتىلغان ھەم شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتىتىدا 3-ئاينىڭ5-،6-، 7-كۈنلىرى تېزىمغا ئالدۇرۇش باشلىنىپ، 13 -كۈنى رەسمى دەرس باشلانغان.
     شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسېتىتىدا رەسمى دەرس باشلىنىشتىن ئىككى كۈن بۇرۇن،يەنى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن تىل-ئەدەبىيات پاكۇلتىتى ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ   ئۈچىنچى قەۋەتتىكى بىرلەشمە زالىدا يېڭى كەلگەنئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا يېغىن ئېچىلغان ئىدى.يېغىندا پاكۇلتىتنىڭ مۇدىرى ياڭ شىڭيىئۇزۇن سۆز قىلىپ، يېڭى كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىى، ئۇلارنىڭ دۆلىتىمىز مائارىپ ساھەسىدە ئالىي مەكتەپلەرگە ئىمتىھان ئارقىلىق كېرىش  تۈزۈمى ئۈزۈلۈپ  قېلىنغان 10 يىلدىن كېيىن تۈنجى قېتىم رەسمى ئىمتىھان بىلەن كەلگەنلەرئىكەنلىكىنى،شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ قېتىمقى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەختلىك ھەم شەرەپلىك ئوقۇغۇچىلار بۇلۇشقا مۇناسىپ ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ بەدىلى ئۈچۈن تىرىشىپ ئوقۇپ ياخشىنەتىجە يارىتىپ خەلققە، ۋەتەنگە جاۋاپ قايتتۇرىشى لازىملىقى قاتارلىق بىر قاتارمەسىلىلەر توغرىلىق بولغان ئىدى. مۇدىرنىڭ سۆزىنى مۇھەممەتئىمن مۇئەللىم ئەستايىدىل ۋە جانلىق تەرجىمە قىلىپ بەرگەن.مۇدىرنىڭ بۇ سۆزى ئوقۇغۇچىلارغائىنتايىن زور ئىلھاملاندۇرۇش ۋە سەپەرۋەر قىلىش رولىنى ئوينىغان.يېغىنغا تىل- ئەدەبىيات پاكۇلتىتى 19771-يىللىق 2-ۋە 4-سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن 80 دىن ئارتۇق ئادەمقاتناشقان.   
    سىنىپىمىزغائىلگىرى-كېيىن   مۇھەممەت زۇنۇن،نۇرمۇھەممەت زامان قاتارلىق ئۈچ نەپەر ئوقۇتقۇچى سىنىپ مۇدىرى،  ئابدۇقادىر تۇردى، غاپپار روزى قاتارلىقلارسىنىپ باشلىقى بولغان ئىدى.
     شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتىتىدىكى تۈنجى دەرسىمىز 3-ئاينىڭ 13-كۈنى ئەتىگەن 1-2-سائەتلىك دەرسنىلى فامىلىلىك خەنزۇ مۇئەللىم سۆزلىگەن.شۇنىڭدىن باشلاپ مۇنتىزىم دەرسىمىز باشلىنىپ كېتىلگەن.
     سىنىپ مەسئۇلىمىز سىنىپنىڭ تەشكىلى تۈزۈمىنى ئوبدان باشقۇرۇش ئۈچۈن سىنىپنىڭ بەشقۇرۇش ھەيئىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەتبېرىپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارىىبىنى كۆرەپ.قايتا-قايتا تەكشۈرۈش، سۆھبەت ئېلىپ بېرىش،پىكىر ئېلىش ئارقىلىق 3-ئاينىڭ 28-كۈنى سىنىپ ھەيئەتلىرىنى ۋەزىپىگەتەيىنلەش يېغىنى ئاچقان.ئابدۇقادىر تۇردى سىنىپ باشلىقى بولۇپ تەيىنلەنگەن.
     مەكتەپ يېڭى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىياسىي ئىدىيە،ئەخلاقى جەھەتتىكى تەربىيىلىنىشىگە باشتىن باشلاپلا ئەھمىيەت بېرىشكەباشلىغان ۋە بۇ خىزمەتنى ئوبدان ئىشلەش ئۈچۈن،بىر قاتار ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى ئېلىپ بارغان ئىدى.مەسىلەن،1978-يىلى 4-ئاينىڭ 8- ۋە 11-كۈنلىرى ئىككى قېتىم   مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ تەشكىللىشىبىلەن بارلىق ئوقۇغۇچىلار ئولانبايدىكى ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە ئورنىغا بېرىپچېن تيەنچيۇ،ماۋزېمىن،لىن جىلۇ قاتارلىق ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ قەبرىستانلىقىغا گۈلچەمبىرەك تەقدىم قىلىش، ،تەزىيە بىلدۈرۈش، قەبرە سۈپۈرۈش،ئىتىتىپاق تەشكىلىگە ئەزا بولۇپ كېرىش قەسىمىنى بىلدۈرۈش قاتارلىق  پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردۇق. 1978-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى خۇڭ ۋېيبىڭ سۇ ئامبىرى(قىزىل قوغدىغۇچىلار سۇ ئامبىرى،ھازىرقى ئۇچتاش سۇ ئامبىرى)غا بېرىپ،ئۇنىڭ ئەتراپىغاكۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشتۇق. 1978-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتىتىنىڭ يېنىك ئاتلىتكا مۇسابىقە يېغىنىغا تۇنجى قېتىم قاتناشتۇق. 1979 -يىلى 1-ئاينىڭ10-كۈنى مەكتىپىمىزدە مىنبېڭ يىڭى (خەلق ئەسكەرلەرباتالىونى) قۇرۇلغانلىقى ئۇقتۇرلۇپ،سىنىپىمىزدىن سالامەتلىكى ۋە بەدەن ساپاسى ياخشى بولغان 13 نەپەر ئوقۇغۇچى تايانچ خەلق ئەسكەرلىكىگە تالالغان ئىدى. يۇقىرقىدەك پائالىيەتلەر بىزنىڭ ئوقۇش تۈگەتكىچە بولغان يىللىرىمىزدا ئىزچىل ۋە قەرەللىك يوسۇندا  داۋاملىشىپ تۇرۇلغان. بۇ خىل كوللىكتىپ ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىنلىقى، ئاكتىپچانلىقى ۋە ئىرادىسىنىڭ تاۋلىنىشىغا مۇھىم تۈرتكىلىك رول ئوينىغان ئىدى.
      بۇ سىنىپ كوللىكتىۋىدىكى 41 نەپەرئوقۇغۇچىنىڭ 29 نەپىرى ئوغۇل ،12 نەپىرى قىز، 33 نەپەر ئۇيغۇر (بۇنىڭ 21 نەپىرىئوغۇل،7 نەپىرى قىز)،7 نەپەر قازاق (بۇنىڭ 5 نەپىرى ئوغۇل،2 نەپىرى قىز)،1 نەپەرتاجىك (ئوغۇل) ئوقۇغۇچى ئىدى. بۇلاردىن   1 نەپىرى ئوقۇش باشلانغان بىرىنچى مەۋسۇمدىلائوقۇشتىن چىكىنىپ كەتكەن،1 نەپىرى ئۈچ يېرىم يىللىق  ئوقۇش يىلىنى تاماملىغاندىن كېيىن قۇرۇلغۇسىقانۇن پاكۇلتىتىغا ئالمىشىپ ئوقۇشقا كىرىشكەن، 1  نەپىرى بىر يىلدىن كېيىن، سالامەتلىك سەۋەبىدىن داۋالانغان ۋە كېيىنكى سىنىپ (تىل-ئەدەبىيات 1978- يىللىق 2-سىنىپ) قا ئالماشقان. قالغان39 نەپەر ئوقۇغۇچى ھەم قانۇن پاكۇلتىتىغا ئالماشقان ۋە تۆۋەنكى سىنىپقا ئالماشقانئىككى ئوقۇغۇچى بىلەن بىرلىكتە ئالىي مەكتەپ قوينىدىكى بەش يىللىق جاپالىق ئوقۇش جەريانىنى غەلبىلىك تاماملاپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتىتىنىڭ شائادەتنامىسىنى شەرەپبىلەن قولغا ئالغان ئىدۇق. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى كەسپىنىڭ شائادەتنامىسىنى ئالغانلار 39 نەپەر، قانۇن پەنلىرى شائادەتنامىسىنى ئالغانلار 1نەپەر بولۇپ، ئالىي مەكتەپ ھاياتىدا شائادەتنامە ئالغان سىنىپلار ئىچىدە يۇقۇرى نىسپەتنى ئىگىلىگەن.بۇلاردىن 34 نەپەر ئوقۇغۇچى يەنە شۇ يىللىرى شىنجاڭدىكى ئالىيمەكتەپلەردە دەسلەپ قىلىپ تارقىتىلغان ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات كەسپى بويىچە باكلاۋۇرلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىنىمۇ قوشۇپ  ئالغان ئىدۇق. قانۇن كەسپىگە ئالماشقان 1 نەپەر قىز ئوقۇغۇچىمۇ قانۇن پەنلىرى بويىچە بېرىلگەن باكلاۋۇرلۇق ئىلمىي ئالغان . «شائادەتنامە» مىزگە مۇدىر جاڭ دۇڭيىنىڭ شەخسى تامغىسىمۇ بېسىلغان.
     بىز شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتىتىتىغا يېتىپ كەلگەندە،مەكتەپنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى مۇنداق ئىكەن: مەكتەپ مۇدىرى جاڭ دۇڭيى،مۇئاۋېن مۇدىرلىرى قېييۇم باھاۋۇدۇن، ئەنۋەرخان بابا، پارتكۇم سېكىرتارى جاڭ ياڭ،كېيىنچە،مۇھەممەت قادىر مۇئاۋېن سېكىرتار،تىل-ئەدەبىيات پاكۇلتىغا ياڭ شىڭيى مۇدىر،ئۇستازلار ئۇستازى مەمتىمىن خۇدابەردى مۇئاۋېن مۇدىر،كېيىنچى مۇھەممەت زۇنۇن  مۇئاۋېن مۇدىر بولۇپ ئىشلەپ تۇرغان ئىكەن.بىزئوقۇش تاماملاش ئالدىدا  مۆھتىرەم پىداگوك  ھاكىم جاپپار مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ تەيىنلەنگەن ئىدى .
     بىز شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتىتىدا ئوقۇشنى تۈگەتكەن 1983-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى يېغىندا مەكتەپ ئوقۇتۇش باشقارمىسىنىڭ مەسئۇلى  مەكتەپنىڭ قىسقىچە ئەھۋالىنى بايان قىلىپ مۇنۇلارنى سۆزلىگەن ئىدى: شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتىتىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى725 مو بولۇپ،1960-يىلى ئۇنىۋېرىسىتىت بولۇپ قۇرۇلغاندا 8 پاكۇلتېتتىن 11پاكۇلتىتقا تەرەققى قىلغان بولسا، شۇ يىلىغا كەلگەندە 12 پاكۇلتىت،19 خىل كەسپ،51كافىدىرا،كافىدىرا دەرىجىلىك 10 تەتقىقات ئورنى،118 سىنىپ، 960 نەپەرئوقۇتقۇچى،بۇلار بىلەن قوشۇلۇپ،2000 نەپەر ئىشچى-خىزمەتچى،4 نەپەر پروفىسسۇر، 77نەپەر دوتسېنت،376 نەپەر لىكتۇر (بۇنىڭ 25 نەپىرى ئاز سانلىق مىللەت) بولغان.7 خىلتىلدا، 200 خىل دەرسلىك بېسىلىپ تۇرۇلغان،815 خىل دەرسلىك ئۆتۈلۈپ تۇرۇلغان.ئۇيغۇرتىلىدا 360 خىل دەرسلىك تەسىس قىلىنغان.تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن 3000 سائەت دەرس ئاڭلاش   پىلانلانغان.دۆلەت ئىجتىمائىي پەن ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 1 نەپىرى ئۈچۈن 1500 يۈەن ، تەبىئىي پەن ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بىر نەپىرى  ئۈچۈن 2000 يۈەن  سەرپقىلغان. شۇ چاغلاردا يەنە مەكتەپ كۈتۈپخانىسىدا 725680 پارچە كىتاپ،1350 خىلژورنال بار بولغان.
    ئەينى چاغلاردا ، مائاشلىق ئوقۇۋاتقانلاردىن باشقا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياتاق، تاماق چىقىمى دۆلەت تەرىپىدىن تەمىنلەنگەن.  ئۈرۈمچىلىك بالىلارنىڭ بىر قىسمى،يەنى ئائىلىسى يېقىن،ئىمكانىيىتى تولۇق بولغانلىرى قاتناپ ئوقۇغان،بارلىق ئوقۇغۇچىلاردىن ئوقۇش پۇلى ئېلىنمىغان. ئۈرۈمچىدىن سىرتقى جايلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلىسىگە بېرىپ- كېلىشتىكى يىلدا بىر قېتىملىق قاتناش ھەققىنىڭ يېرىمىنى ھەم دۆلەت ئۈستىگە ئالغان.(مەسىلەن،مەن قەشقەرگە ئاپتۇۋۇز بىلەن19 يۈەن سەرپ قىلىپ بارالايتتىم).  يەنە قېيىنچىلىقى بار ھەر بىر ئوقۇغۇچى ئۈچۈن مەلۇم نىسپەتتە تۇرمۇش پۇلى ۋە كىيىم-كىچەك تارقىتىپ بېرىلگەن.ھەپتىدە بىر قىتىم يۇيۇنۇش ئۈچۈش بىر تالدىن مۇنچە بېلىتى،ھەپتىدە بىرقېتىم كىنو كۆرۈش بىلىتىدىن بىرتالدىن  تارقىتىلغاندىن باشقا،ئوغۇللار  مەكتەپ باشقۇرىشىدىكى سەرتۇراچخانىدا ئەرزانباھالىق چاچ ئالدۇراتتۇق،بۇنىڭ ھەققى ئۈچۈن 1.5 مو پۇل سەرپ بولاتتى .(ئەينى يىللىرى قىزلارنىڭ سەرتۇراچخانىغا كىرىش ئەھۋالى مەۋجۈت ئەمەس ئىدى ھەم قىز-ئاياللارسەرتۇراچخانسىى يوق ئىدى).  بۇلارئوقۇغۇچىلارنىڭ   تۇرمۇش ۋە ئوقۇش  ھاياتى ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ ياردەم بولۇپ، ئۇلارنىڭخاتىرجەم، سالامەت ،كۆڭۈللۈك ۋە نەتىجىلىك ئوقۇشىغا ياخشى ھەم تۈرتكىلىك رول ئوينىغان.بۇلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىسىدە مەڭگۈساقلىنىدۇ، ئەلۋەتتە.
     تىل-ئەدەبىيات پاكۇلتىتىنىڭ 1977-يىللى2-سىنىپىغا  كىرگەن ئىستودېنتلارجاي-جايلاردىن كەلگەن بولۇپ، ياش قۇرۇلمىسى، مىللى تەربىيىلىنىشى، يېڭىچەمەدەنىيەت ساپاسى،كىشىلىك خاركتىرى، ئۆگىنىش قىزغىنلىقى ۋە ئۇسۇلى جەھەتتە بەلگىلىكدەرىجىدە پەرقلەر ساقلانغان. مەدەنىيەت قۇرۇلمىسى جەھەتتىكى ئۆزگىچىلىكنى ئېلىپئىيتساق،مۇنداق ئالاھىدە ئەھۋالنى تىلغا ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ سىنىپتىكى   ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر قىسمى  «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» باشلانغاندا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملىغان بولۇپ،ئەينىزاماندىكى مۇنتىزىم بولغان ئوتتۇرا مەكتەپنى ياخشى ئوقۇغان، ياكى مۇنتىزىم ئوتتۇرامەكتەپ تەربىيىسى كۆرگەن.بۇنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى بولسا ئوتتۇرا مەكتەپلەردەغەيرى-رەسمىي ئوقۇتقۇچى بولۇپ،ئوتتۇرا مەكتەپ بىلىمىنى ساقلاپ قالغان ياكىمۇستەھكەملەپ تۇرغان.يەنە بەزىلىرى يېزىلارغا قايتىپ،دېھقانچىلىق ئەمگىكى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئاساسىي بىلىملىرىنى ئۇنتۇپ كەتكەن.شۇنداق بولسىمۇ،بۇلار ئۇيغۇر كونا يېزىقى بىلەن ئوقۇغان ۋە بۇ يېزىققا پىششىق بولغان.يەنە بىرتۈركۈملەر«مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»مەزگىلىدە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىئوقۇغان ھەم ئۇيغۇر يېڭى يېزىقى بىلەن بىلىم ئالغان،بۇ خىل ئوقۇغۇچىلار بۇمەزگىلدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتى تۆۋەنرەك بولغان ئەھۋالدا تەربىيىلىنىپچىقىلغان. بۇنداق ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەزىلىرى ئۇيغۇر كونا يېزىقنى بىلمەيدۇ،بەزىلەرخەتنى تونۇيدۇ لېكىن يازالمايدۇ. ئۈچىنچى تۈركۈم ئوقۇغۇچىلار تولۇق ئوتتۇرامەكتەپنى تولۇق تاماملىمىغان.تۆتىنچى تۈركۈم ئوقۇغۇچىلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكىچەخەنزۇ تىلىدا ئوقۇغان بولۇپ،پەقەت ئائىلىسى ۋە مەھەللىدە ئۇيغۇر تىلى ۋەمەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىۋالغان بولۇپ، بۇ خىل ئوقۇغۇچىلار  ئۇيغۇر يېزىقىنى ئوقۇيالايدۇ، ئامما يازالمايدۇ.بەشىنچى تۈركۈمدىكىلىرى قازاق ئوقۇغۇچىلار بولۇپ،ئۇلارنىڭ 5 نەپىرى ئۇيغۇر تىلىنىبىلمەيدىغانلاردىن ئىدى،جۈملىدىن ئۇيغۇر كونا ۋە يېڭى يېزىقلىرىدىن خەۋىرى يوقئوقۇغۇچىلار ھىساپلىناتتى. ئالتىنچى تۈركۈم ئوقۇغۇچى بىر نەپەر تاجىك بولۇپ،ئۇئۇيغۇر يېڭى يېزىق مائارىپى بىلەن تەربىيىلىنىپ چىقىلغان.بۇ خىل ئوقۇغۇچىلار ئالىيمەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەندە ھەم ئۇيغۇر تىلىدىكى سۇئال كونا يېزىق بىلەن چىقىرىلغانئەھۋالدا (قازاق ئوقۇغۇچىلارغا قازاق يېزىقىنىڭ كونا يېزىق شەكلى بىلەن سۇئالچىقىرىلغان)،يېڭى يېزىق يازالايدىغانلار يېڭى يېزىق بىلەن، كونا يېزىقيازالايدىغانلار كونا يېزىق بىلەن ئىمتىھان قەغىزىگە جاۋاپ يازغان.بۇ خىلئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپكە كەلگەندە بولسا، ئۇيغۇر كونا يېزىق ئەسلىگە كېلىشكەباشلىغان ئۆتكۈنچە پەيتكە   توغرا كېلىپ، مۇئەللىملەر دوسكىلارغا يېڭىيېزىقنى ئاساس،كونا يېزىقنى قوشۇمچە قىلىپ خەت يېزىپ دەرس ئۆتكەن. كونسىپىكلىرىبولسا كونا يېزىق شەكلىدە،بەزىبىر دەرسلىك كىتاپچە- قولللانمىلار يېڭى يېزىقشەكلىدە ئىدى.ئوقۇشنىڭ دەسلەپكى ئىككى يىلىغىچە  دەرسلىك كونسىپىك- كىتاپلار ئۇيغۇر يېڭى يېزىقىدا بېسىلغان. كېيىنكىيېللىرى ئۇيغۇر كونا يېزىقتىكى ماي بوياق كونسىپىك- دەرسلىكلەر بېسىپ تارقىتىلغان.بۇ خىل ئەھۋالدا ئوقۇغۇچىلار دەرس مەزمۇنىنى ئۆگەنگەندىن باشقا ئالدى بىلەن كۆپخىل يېزىقلارنى ئۆگىنىش-ئۆزلەشتۈرۈش قىيىنچىلىقىغا دۇچ كەلگەن ئىدى. ئىرادىلىك بۇئوقۇغۇچىلار   ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، زىھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ،قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، كونا يېزىق بىلىدىغانلار يېڭى يېزىق ئۆگىنىشكە،يېڭىيېزىقتا ئوقۇغانلار كونا يېزىق ئۆگىنىشكە،خەنزۇچە ئوقۇغانلار ۋە قازاقبالىلار  ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنىئۆگىنىشكە،خەنزۇ تىلى سەۋىيسى تۆۋەنلەر خەنزۇ تىلى ئاساسىنى كۈچەيتىشكە كىرىشىپ، ئورتاقنىشان ئۈچۈن ئىلگىرلەپ، غايىسىنى بوشاشتۇرماي بىرىلىپ ئۆگىنىشكە كىرىشىپكەتكەن،ئۆز-ئارا ياردەم بېرىشكەن، ئاخىرى يېزىق ۋە تىل جەھەتتىكى توسۇق -قېيىنچىلىقلارنىبىر-بىرلەپ يېڭىپ ئالىي مەكتەپ بىلىملىرىنى ئۆگىنىشنىڭ ئاساسىنى تىكلىۋالغان.ئۇنىڭدىنباشقا يەنە سىنىپىمىزدا ئەركىن مۇساجان قاتارلىقلار سىلاۋىيان يېزىق شەكلىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىنى بىلىدىغان بولۇپ،ئۇنىڭ قىزىقتۇرىشى ۋە يىتەكچىلىكىدە كۆپ ئوقۇغۇچىلار سىلاۋىيان يېزىقىنى ئۆگىنىۋېلىپ،بۇ يېزىق بىلەن يېزىلغان ۋەتاشكەنت،ئالمۇتا قاتارلىق جايلاردا بېسىلغان ئۇيغۇرچە، ئۆزبېكچە،قازاقچەماتىرىياللارنى كۆرۈشكە شەرت ھازىرلىۋالغان ئىدى. بۇنىڭ پايدىسى كېيىنكى ۋاقىتلاردا ناھايىتى چوڭ بولغان.  شۇنداق قىلىپ بۇ ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغچىلىرى رەسمىي ئىمتىھانبېرىپ كىرىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا تەقەززا بولغان، رەسمى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىنئۆتكەن ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپ قوينىغا كىرىشكە تەقەززا بولغان(ئەۋەلقان قالى ئوغلى سۆزى) ياخشى ۋەزىيەتنى قولغا كەلتۈرگەنلىكنىڭ ئىپادىسىنى ئەمىلىي ھەركىتى ئارقىلىق كۆرسەتكەن.
     بۇ يەردە شۇنى قوشۇمچە قىلىشقا توغرا كېلىدۇكى، مائارىپ تارىخىدا ھەم ئالىي مەكتەپ ئوقۇ- ئوقۇتۇش ئىشلىرىدا  يېزىق جەھەتتىكى مۇنداق ئىگىز-پەسلىك،پەرقلىقئەھۋال كەمدىن-كەم كۆرىلىدىغان بىر خىل ئالاھىدە ھادىسە بولۇپ ھىساپلىنىدۇ،ئەلۋەتتە.
      بىز ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا،«جۇڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىيات تارىخى»دېگەن خەنزۇ تىلىدىكى بىر پارچەكىتاپ تارقىتىلغاندىن باشقا،قالغانلىرى ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاق باسما ۋە ماي بوياق شەكلىدىكى كونسىپىكلار ئىدى.ۋاھالەنكى، خېلى كۆپ دەرسلەرنىڭ كونسىپىكى يوق بولۇپ، ئوقۇتقۇچىلارئاغزاكى سۆزلىگەن ۋە دوسكىلغا مۇھىم نۇقتىلارنى يېزىپ بەرگەن شارائىتتا   لىكسىيە قالدۇرىۋىلىنىپ ئۆگىنىشكە توغرا كىلەتتى.بۇ خىل ئەھۋالدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك كونسىپىك تۇتاتتى ۋە لىكسىيەيازاتتى،يېتىشەلمىگەنلىرى بولسا،باشقا ئوقۇغۇچىلارنىڭ لىكسىيىلىرىنى ئېلىپ تولۇقلاپ يېزىۋىلىپ،ئۆگىنىشەتتى.ئەينى ۋاقىتتا كونسىپىك تۇتۇش ۋە لىكسىيە يېزىشھەم قالدۇرۇش ئۆگىنىشىمىزنىڭ مۇھىم ئۇسۇلى ئىدى.
    بىز ئوقۇۋاتقان يىللاردىكى ئوقۇش ساھەسىدە يەنە مۇنداق بىر خىل ئەھۋالمۇ بار ئىدى.يەنى ھەرقايسى پەنلەرنىڭ ماي بۇياق شەكلىدىكى كونسىپىكلىرى شۇ پەنلەرنىڭ ئىمتىھانلىرى ئېلىنىپ بولۇنغاندىنكېيىن ئوقۇغۇچىلارغا تارقىتىپ بېرىلەتتى.شۇڭا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ لىكسىيىلىرى ۋەئوقۇغۇچىلار يېزىپ قالدۇرغان لىكسىيە خاتىرلىرى ئىمتىھانلارغا تەييارلىق قىلىشنىڭ ئاساسىي ماتىرىيالى ھىساپلىناتتى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر قسىمى دەرس ۋاقتىدا لىكسىيە قالدۇرىۋالاتتى.بىر قىسىملىرى بولسا بۇ لىكسىيىلەردىن بىرقانچىنى يېغىۋىلىپدەرستىن چۈشكەندىن كېيىن تولۇقلاپ كۆچۈرىۋالاتتى.شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن كۆپچىلىك ئوقۇغۇچىلار دەرسنى ئىنتايىن دىققەت بىلەن ئاڭلاپ،ئوقۇتقۇچى سۆزلىگەن ئاساسىي بىلىملەرنى تولۇقى بىلەن خاتىرلەشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتەتتى ھەم بۇ خىل مەخسەتئاساسەن ئەمەلگە ئاشۇرىلاتتى.كونسىپىكنى تىز يېزىش،توغرا يېزىش،تولۇق يېزىش مۇھىم ئىچكى ئۆلچەم قىلىنغان ۋە ئىمتىھاندا ئوبدان نەتىجە ئېلىشنىڭ ئاساسلىرىدىن بىرىقىلىنغان.شۇنداق بولغانلىقى ئۇچۇن ئوقۇغۇچىلاردا بىرى دەرسكە تولۇق قاتنىشىش،يەنەبىرى دەرسنى دىققەت بىلەن ئەستايىدىل ئاڭلاش كەيپىياتى ئومۇمىي كەيپىيات بولۇپ،بۇخىل كەيپىيات بەش يىللىق ئوقۇش جەريانىدا تولۇق ساقلىنىلغان ئىدى.
      ئەينى زاماندىكى ئەمىلىي ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ئىچىدە، ياش قۇرۇلمىسى جەھەتتىكى پەرقنىڭ چوڭ بولىشىدەك مەسىلىمۇ بار ئىدى. سىنىپىمىزدا ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولۇپ، بىرقانچىدىن پەرزەتنى بار بولغانلار (بۇلاردىن 3 نەپەر ئوقۇغۇچى بار ئىدى)، ئەمدى ئوتتۇرا مەكتەپنى تۈگىتىپلا ياكى تولۇق تۈگەتمەيلا كەلگەن ھەم ئۆسمۈرلۈك دەۋرىنى ئاخىرلاشتۈرۈپ،ياشلىق دەۋرىگەقەدەم قويغان يىگىت- قىزلارمۇ بار ئىدى. يەنە تېخى ھەر خىل خىزمەت ئورنىدا بەش-ئون يىل ئىشلەپ، يېزىلاردا دېھقانچىلىق ئەمگىكىگە  قاتناشقان،كارخانىلاردا ئىشلىگەن،ھەربى قسىمداتۇرغان،مول تۈرمۇش ۋە خىزمەت تەجىرىبىسىگە ئىگە بولغانلار، ھۆكۈمەتنىڭ رەسمى خىزمەتچىسى بولۇپ،مائاش ئېلىپئوقۇۋاتقانلار (بۇنداقلاردىن 4 نەپەر بار ئىدى)،ئاتا-ئانىسىدىن،ئۆيىدىن پەقەت ئايرىلىپ باقمىغان   ياشلارمۇ بار ئىدى.  بۇ خىل ئەھۋال ئالىي مەكتەپ ھاياتىمىزغا چوڭ جەھەتتە ئىجابىي تەسىر كۆرسەتسە، قىسمەنلىك جەھتتە بەزى سەلبىي تەسىر كۆرسىتىپ تۇرغان ئىدى.
     ئەينى يىللىرى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش ۋە تۇرمۇش تۇرمۇش چىقىمىنى ئۈستىگە ئالغان بولسىمۇ،بىز ئوقۇۋاتقان يىللىرى دۆلەتنىڭئىقتىسادىي ئەھۋالى بەك يۇقۇرى ئەمەس،كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىمۇ تۆۋەنرەك بولغانلىقى ئۈچۈن،يىمەك-ئىچمەك ۋە كىيىنىش قاتارلىق ئەھۋاللار ھازىرقىغا تۈپتىنئوخشىمايتتى.مەسىلەن،كۈندىلىك ئۈچ ۋاخلىق تامىقىمىزنىڭ ئىككى ۋاخلىقى قارا ئاشلىق ئىدى. پەقەت چۈشلۈك بىر ۋاخلىق تاماق ئاق ئاش ئىدى.شۇنىڭ بىلەن بىرگە تاماقنىڭ مىقدارىمۇ كۆپ ئەمەس ئىدى.كوچا-بازارلاردىكى ئاشپۇزۇللار ئاز ھەم ئاددى بولۇپ،سىرىتقى ئاشپۇزۇل-ئاشخانىلاردىن تاماقلىنىدىغانلار يوق ھىساپتا ئىدى.پەقەت يەكشەنبە كۈنلىرى سىرتقاچىقىشقا ۋە ئازدۇر-كۆپتۈر بىر نەرسىلەرنى ئېلىپ يىيىشكە مۇمكىنچىلىك بار ئىدى.سىرىتتىن كەلگەنلەرنىڭ بەزىلىرى ئۇرۇق-تۇققانلىرى،تونۇش-بىلىش،يۇرتلۇقلىرىنىڭ ئۆيلىرىگەبېرىپ غىزالىنىپ  كېلىشەتتى. بۇنداقئىشلارنىمۇ ئاز ساندىكى بالىلار قىلاتتى.ئەمما غىزا مەسىلىسىدىكى تويۇنماسلىق   ئەھۋالى ئەينى يىللىرى تىلغا ئالمىسابولمايدىغان قىيىنچىلىق ھىساپلانمايتتى.
     ئوقۇش ھاياتىمىزنىڭ دەسلەپكى بىر يىلىتەييارلىق سىنىپى ھىساپلىنىپ،بىر يىل خەنزۇ تىلى ئۈگەندۇق. بۇ سىنىپقا جەم بولغانلارنىڭ كۆپى چەت جايلار، يېزا- قىشلاقلاردىن كەلگەن بولغانلىقى  ئۈچۈن ئورتاق مىللىي مەدەنىيەت ئېڭى تۆۋەنرەك،خەنزۇتىلى ئاساسى  ئاجىز ياكى ئاجىزراق ئىدى. بۇنىڭدىنباشقا يەنە نۇرغۇن ئەمىلىي ۋە تەسەۋۋۇرىي قىيىنچىلىق،توسالغۇلار بار ئىدى. ئەمما،   ھەممىزدەمۇستەھكەم ئىرادە، بىرىلىپ ئۆگىنىش قىزغىنلىقى، جۇشقۇن كەيپىيات، ئىناق كوللىكتىپچانلىق،ھەمكارلىشىپ  ئۆزلۈكسىز ئالغا ئىنتىلىدىغان،سەمىمي مۇئامىلىدە بولىدىغان روھىمىز بار ئىدى. غايىمىز ، ئارزۇ-ئارمانلىرىمىز  يۈكسەك ، ھاياتقا بولغان چەكسىز مۇھەببىتىمىزكۈچلۈك ئىدى. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن سىنىپىمىزدىكى 38 نەپەر ئوقۇغۇچى سىنىپ تەربىيىچىلىرىمىزنىڭ بىر قوللۇق يىتەكلىشى، ئۇستازلانىڭ بېرىلىپ ساۋاق بېرىشى، فاكۇلتىتھەم مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى،ئازادە يارىتىلغان مەكتەپ موھىتى،نىسپىتەن ئەۋزەلتۇرمۇش شارائىتى ئىچىدە قېتىرقىنىپ ئۈگەندۇق، داۋاملىق ئالغا باستۇق، ئىرادىمىزنى،ئادىمىيلىك خاراكتىرىمىزنى چىڭىتىپ، تاۋلاپ چىقتۇق،  ئۆزلۈكسىز ئىزدەندۇق،بىلىم سەۋىيىمىزنى ئۆستۈرۈپ باردۇق. بۇ خىل ئەھۋال كېيىنكى 4 يىللىق كەسپى دەرس-بىلىملەرنى ئۆگىنىشتە يەنىمۇ تولۇق بولغان ھالدا گەۋدىلىنىپ تۇرۇلدى.
      خەنزۇ تىلى ئۆگەنگەن تەييارلىق سىنىپتىكى بىر يىللىقئوقۇش جەريانىدا «خەنزۇ تىلىدىن ئاساس»،«خەنزۇ تىلى گىراماتىكىسى»قاتارلىقلارنى  لى مۇئەللىم (خەنزۇ)، تۇڭ مۇئەللىم (شىۋە، ئايال)،  جاڭ مۇئەللىم (خەنزۇ،ئايال) لەر ،«خەنزۇئەدەبىياتىدىن تاللانما»نى  جى  سېشۈن (姬策勋)  مۇئەللىم  (خەنزۇ، ئۈچ يىل)  سۆزلىگەن..بۇ ئوقۇتقۇچىلار خەنزۇ تىلى ئارقىلىقيەنە باي ۋە ۋە ئۇزاق تارىخقا ئىگە خەنزۇ مەدەنىيىتى ھەققىدە بىلىم بەرگەن. ئالىي مەكتەپتىكى نەزەر دائىرىمىزنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىنى كېڭەيتىشكە يارىدەم بەرگەن ئىدى.
    كەسپى دەرسلەرنى ئۆگىنىش ۋاختىمىز تۆت يىل بولغان.بۇجەرياندا 30 خىلغا يېقىن   دەرس ئاڭلاپ نەتىجىگە ئىرىشكەن ئىدۇق.بۇلار: «ئەدەبىيات-سەنئەتنەزىرىيىسى» (بۇنى ئابدۇكېرىم راخمان، تۇرسۇن قۇربان مۇئەللىملەر سۆزلىگەن،بۇ ھەمتۇنجى قېتىملىق دەرسمىز بولۇپ،1979-يىلى 2- ئاينىڭ 12-كۈنى 1-،2-سائەتلىك دەرسۋاقتىدا ئابدۇكېرىم راخمان  مۇئەللىمتەرىپىدىن سۆزلەنگەن)،   «پارتىيە تارىخى» (بۇنى سېلىم توخسۇن، پەرەغەت خەمىت ‹ئۆزبېك› مۇئەللىملەر سۆزلىگەن)، «يېزىقچىلىق»  (بۇلارنى   ھىمىت مەخسۇت، مۇھەممەت ئىمىن قاتارلىق ئۈچنەپەر مۇئەللىم  سۆزلىگەن)،  «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى» (نەسرۇللايولبولدى، ئەخمەتجان ئەسقەرىي مۇئەللىملەر سۆزلىگەن)، «تىلشۇناسلىق»(بۇنى نەسرۇللا يولبولدى مۇئەللىم  سۆزلىگەن)،«ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخىدىن ئوچىرىكلار» (بۇنى شېرىپىدىن ئۆمەرمۇئەللىم سۆزلىگەن)، «جۇڭگو قەدىمكى زامان تارىخى» (بۇنى ئىسمائىل مەڭلىك مۇئەللىمسۆزلىگەن)،«جۇڭگو قەدىمكى زامان ئەدەبىيات تارىخى» (بۇنى خەيرىننىسا خالىقسۆزلىگەن)، «جۇڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىيات تارىخى»  (بۇنى سارا  تاڭجارىق قىزى‹قازاق› سۆزلىگەن)، «جۇڭگو يېڭىزامان ئەدەبىياتى» (بۇنى مۇھەممەت زۇنۇن مۇئەللىم سۆزلىگەن)، «لوگىكا»،«پىسخلوگىيە» (بۇنى ئۆمەر ئوسمان مۇئەللىم سۆزلىگەن)، «چەتئەل ئەدەبىيات تارىخى» (بۇنىھەسەن مامۇت مۇئەللىم سۆزلىگەن)، «ئىستىلىستىكا»  (بۇنى رەۋەيدۇللا ھەمدۇللا مۇئەللىم سۆزلىگەن)، «ئىستىتىكا»(بۇنى ئابدۇشكۈر مۇھەممەتئىمىن مۇئەللىم سۆزلىگەن)، «ماركىس، ئىنگېلېس، لېنىن،ستالىنئەدەبىيات- سەنئەت نەزىرىسىيىسى» (بۇنى ئابلەت  ئۆمەر مۇئەللىم سۆزلىگەن)، «قەدىمكى زامانئۇيغۇر تىلى» (پەرىدە ھامۇت مۇئەللىم سۆزلىگەن)،  «سىياسى- ئىقتىسات» (بۇنىڭ«كاپىتالىزىم»قىسمىنىئامانقان ‹قازاق›، «ئىلمىي سوتسىيالىزىم»قىسمىنى  ئىسمائىل نىياز   قاتارلىق مۇئەللىملەر سۆزلىگەن)،  «پەلسەپە»  (روزى سىدىق مۇئەللىم سۆزلىگەن)، «خەلقارا كومۇنىزىم ھەركىتى تارىخى» (بۇنى ھېكىم زۇنۇن مۇئەللىم سۆزلىگەن)؛ «ئەدەبىيات- سەنئەتمەخسۇس تېمىلرىدىن لىكسىيىلەر»، بىر يىل داۋاملاشقان بىر يۈرۈش لىكسىيىلەربولۇپ،ھەر بىر ئوقۇتقۇچى  مەخسۇس تېمىلاربويىچە 10 نەچچە سائەتلىك لىكسىيە تەييارلاپ ئالاھىدە سۆزلىگەن،بۇنىڭدا،ئابدۇرېشىت ئىسلام مۇئەللىم :‹چاغاتاي تىلىدا يېزىلغان ئەسەرلەر ھەققىدە»، نۇرمۇھەممەتزامان مۇئەللىم: «كىنو ئەدەبىياتى ھەققىدە»، بۇغدا ئابدۇللا مۇئەللىم : «شئىېر يېزىقچىلىقى ھەققىدە»، ئەۋەلقان قالى  ئوغلى (قازاق) مۇئەللىم«يېزىقچىلىق ھەققىدە» ؛ ئەخمەتبېك كېرىشبايوف ئوغلى (قازاق) مۇئەللىم «  قازاق كىلاسسىك ئەدەبىياتى ھەققىدە  » ؛  مۇھەممەتئىمىن مۇئەللىم : «ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد كاشغەرىي ۋە ئۇنىڭ ئۆلمەس ئەسىرى ‹دىۋانىيلۇغەتىت تۈرك›ھەققىدە» ؛  ئابلەت ئۆمەرمۇئەللىم: « درامىچىلىق ھەققىدە  »  دېگەن ئۇزۇن ۋە مەخسۇس لىكسىيىلەر سۆزلەنگەن.
    ئەينى يىللىرى «يېزىقچىلىق»دەرسىنىڭ ۋاختى ئۇزۇن بولۇپ، بۇنى ئۈچ نەپەر ئىقتىدارلىق ئوقۇتقۇچى بىر مەۋسۇمدىن سۆزلىگەن. يەنى  تۇنجى قېتىملىق «يېزىقچىلىق» دەرسى  1979-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى ھىمىت مەخسۇت مۇئەللىمنىڭ سۆزلىشى بىلەن باشلانغان.بۇ خىلئورۇنلاشتۇرۇش ئەينى چاغدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمىلىي يېزىقچىلىق نەزىرىيە سەۋىيسىنىئۆستۈرىشىگە ۋە يېزىقچىلىق ماھارىتىنى ئىگىلىشىگە، ئەدەبىي يېزىقچىلىق بىلەنشۇغۇللىنىشقا كۆپرەك ۋاقىت چىقىرىش، پۇرسەت يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن پايدىسى ناھايىتى ئوبدان بولغان ئىدى.
    تەنتەربىيە دەرسلىرىنى  مەتتۇختى، دافۇ، نەزەر ئاللايار ، پاتىگۈل ئىبراھىم قاتارلىق مۇئەللىم- مۇئەللىمەلەر ئۆتۈپ بەرگەنىدى. بۇنىڭدا مۇز تېيىلىش،ۋاسكىتپۇل، ۋالىبۇل،ئېگىزگە سەكرەش، سۇ ئۈزۈش، ئۇزۇنغا سەكرەش،قىسقا-ئۇزۇن ئارىلىققا يۈگۈرۈش، توسۇقتىن ئاتلاش، چۆيۈن توپ ئېتىش،ياغاچ ئاتتىن سەكرەش قاتارلىق ماھارەتلەر ئېگىلەنگەن ۋە بۇلاردىن ئۆلچەملىك  ئىمتىھان ئېلىنغان.
     قاينام تاشقىنلىق ئوقۇش يىلىنىڭ دەسلەپكىباسقۇچىدا ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتۇش پروگىرامىسىغا كىرگۈزۈلگەن ۋە يېرىم ئاي مۇنتىزىمئېلىپ بېرىلغان ھەربىي تەلىم-تەربىيە مەشقى، يەنى«ھەربىي ماھارەت» دەرسىگە  قاتناشقان،مەشققە دەسسەش  ۋە «نۇقتىلىق سىنىپ سۈپىتىدە» رەسمى قۇرالتۇتۇپ،  دالىدىكى مەشق مەيدانى(ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۈچتاشنىڭ جەنۇبى تەرىپىدىكى سايلىقتا) دا يېرىم ئاپتۇماتىك   مىلتىق (خەنزۇچەبەنزىدۇڭ دېيىلەتتى) بىلەن قارىغا نىشانلاپ سەككىز تالدىن   رەسمى ئوق ئېتىپ، سىناق قىلغان ھەم شۇ  قېتىمقى ئەمىلىي مەشقتىن رەسمىي ئىمتىھان بېرىپ، لاياقەتلىك نەتىجىسىنى ئالغان.تولۇق نومۇر80 بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن 70 تىن نومۇر ئالغان. «ھەربىي ماھارەت»دەرسىنى لى بۇجاڭ مەسئۇل بولۇپ سۆزلگەن ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ھەر يىلى يازدامەكتەپ ئىچىدە بىر ئايدىن خىمىيە پاكۇلتىتى تەجرىبەخانىسىنى رەتلەش، دېھقانچىلىق ئەمگىكىگە قاتنىشىپ، يەر تۈزلەش، كۆكتات تېرىش، زىرائەت پەرۋىشى، ئېرىقچېپىش،قوتان تاملىرىنى سوقۇش،قوتان تېمىنى سۇۋاش، خەندەك قېزىش، كۆكتات ئورىسىقېزىش،گەمە قېزىش،يول تۈزلەش، تازىلىق قىلىش ئىشرىغا ئىشتىراك قىلغان. مەكتەپ ئىچىۋە سىرتىدىن قىزىل قوغدىغۇچىلار سۇ ئامبىرى(‹خۇڭۋېيبىڭ شۇيكۇ›دېيىلەتتى،  بۇ ھازىرقى ئۈرۈمچىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇچتاش سۇئامبىرى ) بويلىرىغىچە ئورمان قويۇش ئەمگىكىگە قاتناشقان. يەنە مەكتەپ ئىچىدىكىخاتا لاھىيىلىنىپ قېلىنغان بىر يۈرۈش كۆپ قەۋەتلىك ئائىلىلىكلەر بىناسىنىڭ تاماملانغانتاش سىمۇنتلىق ئۇلىنى قومۇرۇپ ئېلىۋىتىش ئەمگىكىگە قاتناشقان. بۇ ئەمگەكلەردىن نەتىجەنومۇرى ئېلىپ، ئوقۇش مەزمۇنىنى بىيىتىپ،ئوقۇش ۋاقتىمىزنى ۋە كۆللىكتىپ ھاياتىمىزنى تولىمۇ مەنىلىك، ئەھمىيەتلىك   ئۆتكۈزگەن.
    تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتىت رەھبەرلىرى يېڭىچە مائارىپ باھارى يېتىپ كەلگەندىن كېيىن تىل- ئەدەبىيات فاكۇلتىتىغاتۇنجى قېتىم قوبۇل قىلىنغان 1977-يىللىققا تەۋە 2- ۋە 4-سىنىپ بولۇپ ئىككى سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىنىڭ تېخىمۇ مۇستەھكەم بولىشى،تېخىمۇ مول بىلىم ئىگىلىۋىلىشى ئۈچۈن يەنە ئاخىرقى بىر يىلدا سىرتقى ئۇرۇنلاردىن ئالىم-مۇتەخەسىسلەرنى ئۇزۇن مۇددەتلىك لىكسىيە سۆزلەپ بېرىشكە ئالاھىدە تەكلىپ قىلغان ئىدى.بۇلاردىن تىلشۇناس ئىبراھىم مۇتىئىي  «تۈركىلوگىيە»ناملىق لىكسىيىنى يېرىم يىل سۆزلەپ بەرگەن بۇ دەرس 1982-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى باشلىنىپ7-ئاينىڭ بېشىدا ئاخىرلاشقان.«ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىغا دائىر بەزى مەسىلىلىەر»ناملىق لىكسىيىنى ئەدەبىياتشۇناس ئابدۈشكۈر تۇردى ئون نەچچە سائەت سۆزلىگەن.
      بۇيىللاردا مەكتىپىمىز ياكى پاكۇلتىتىمىزدا ئۇيۇشتۇرۇلغان ھەر خىل ئىلمىي لىكسىيىلەرگە  مۇھەممەتئىمىن خۇدابەردى،ئابدۇرېشىت ئىسلام، ئىمىن تۇرسۇن، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر،خەمىت تۆمۈر، زارىپ دولات، مىرسۇلتان ئوسمانۇف، شېرىپىدىن ئۆمەر، ئابدۇشكۈر مۇھەممەتئىمن،مۇھەممەت زۇنۇن، تىيىپجانئېلىيۇپ، ئابلىمىت روزى، ئابدۇكېرىم راخمان، مۇھەممەت ئېمىن، تۇرسۇن قۇربان، ليۇزىشاۋ قاتارلىقلار تەكلىپ قىلىنىپ، مەزمۇنلۇق ۋە ئەھمىيەتلىك  رەڭدار تىمىلار بويىچە ئىلمىي دوكلاتلارنى بەرگەن ئىدى ۋە ئۇلارنى بىز ئەستايىدىل ھەم قىزىقىپ ئاڭلىغان ئىدۇق.
     سىنىپىمىزدىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئۆتۈلگەن ھەر خىلدەرسلەردىن خەنزۇ تىلى،يېزىقچىلىق،تەنتەربىيە قاتارلىق دەرسلەردىن باشقىلىرىنى  پاراللىل سىنىپ بولغان 1977-يىللىق 4-سىنىپئوقۇغۇچىلىرى بىلەن، يەنە «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخىدىن ئوچىرىكلار»قاتارلىق دەرسلەرنى تارىخ پاكۇلتىتى 1977-يىللىق 2-سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن بىرلىكتە، تىل-ئەدەبىيات پاكۇلتىتىنىڭ بىرلەشمە زالىدە ئاڭلىغان ئىدۇق.
     بۇ دەرسلەرنى ئۇيغۇر، ئۆزبېك، ئوقۇتقۇچىلار ئۇيغۇرتىلى بىلەن، قازاق ئوقۇتقۇچىلار قازاقچە تەلەپپۇز ئارلاشقان ئۇيغۇر تىلى بىلەن، خەنزۇ،شىۋە ئوقۇتقۇچىلار خەنزۇ تىلى بىلەن    سۆزلەيتتى.
      بىزگە دەرس بەرگەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك مۇنتىزىم ئالىي مەكتەپ ۋە ئالىي تېخنىكۇم  مائارىپ تەربىيىسى كۆرگەن، پىداگوگىلىق تەجىرىبىسى مول،يۇقۇرى ساپالىق، ئىقتىدارلىق،ئەخلاق- پەزىلەتلىك، تەمكىن-سالاپەتلىك كىشىلەردىن بولۇپ، ئەينى زاماندا شىنجاڭ، جۈملىدىن دۆلەت ئىچىدىكى ئالىي مەكتەپلەر ئارىسىدا ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى كەسپىدىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئوقۇتقۇچىلار ھىساپلىناتتى.دىمىسىمۇ،كېيىنكى بىر قانچەئون يىل ئىچىدە بىزگە ئالىي بىلىم يۇرتىدىكى سىنىپلاردا مەخسۇس بىلىم بەرگەنئوقۇتقۇچىلاردىن ھەسەن مامۇت، نەسرۇللا يولبولدى،ئابلەت ئۆمەر،شېرىپىدىن ئۆمەر،ئەخمەتبېك كېرىشباي ئوغلى،مۇھەممەت زۇنۇن، ئەۋەلقان قالى ئوغلى،ئابدۇشكۈر مۇھەممەتئىمىن، مۇھەممەت ئىمىن، ئابدۇكېرىم راخمان، بۇغدا ئابدۇللا، ئىسمائىل نىياز قاتارلىق مۇئەللىملەر پروفىسسۇرلىق كەسپىي ئۇنۋانىغا، رەۋەيدۇللا ھەمدۇللا، جىسېشۇن  ، سېلىم توخسۇن، نۇرمۇھەممەت زامان،ئەخمەتجان ئەسقىرى، ھىمىت مەخسۇت، مەتتوختى، پەرەغەت خەمىت، تۇرسۇن قۇربان،خەيرىننىسا خالىق، پاتىگۈل ئىبراھىم، ئۆمەر ئوسمان، روزىسىدىق،  ئىسمائىل مەڭلىك، ھېكىم زۇنۇن، پەرىدەھامۇت قاتارلىق مۇئەللىم-مۇئەللىمەلەر دوتسېنتلىق كەسپىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئىبراھىم مۇتىئىي، ئابدۈشۈكۈر تۇردى بولسا تەتقىقاتچى (پروفىسسۇر) كەسپى ئۇنۋانىغا مۇشەررەپ بولغان ئىدى.
     دېمەك،بىزگە بولغۇسى پروفىسسۇر-تەتقىقاتچى،دوتنسېنتلاردىن ئەڭ كۆپ كىشىلەر، ھەرخىل ئالىي مەكتەپ،ئالىي تېخنىكوملارلارنى تۈگەتكەن،پەننىڭ تۈرلۈك ساھەلىرى بويىچە تەربىيە ئالغان، بەزىلىرى چەتئەللەردە ئوقۇغان ئۇيغۇر، خەنزۇ،قازاق، ئۆزبېك،شىۋە مىللىتىگە مەنسۇپ كۆپ مىللەتلىك ئوقۇتقۇچى ئۇستازلاركوللىكتىپى دەرس بەرگەن، بولۇپ، بۇمۇ يېڭى دەۋر جۇڭگو ئالىي مەكتەپ ئۇيغۇرتىل-ئەدەبىياتى ئوقۇتۇش ئىشلىرىدا كەم كۆرىلىدىغان ئەھمىيەتلىك بىر ئىش بولۇپ ھىساپلىناتتى. ئۇنىڭدىن باشقا بىزنىڭ ئۇستازلىرىمىزنىڭ ئىچىدە پۈتكۇل 20-ئەسىرئۇيغۇر مەدەنىيىتى ساھەسىدە ۋەكىل خاراكتىرلىك ئالىملار، ئەدىپلەر، تەتقىقاتچىلاربولغان. بىز ئالىي مەكتەپ قوينىدا بۇلارنىڭ دەرسلىرىنى ئاڭلىغانلىقىمىزدىن، ئۇلارنىڭ شاگىرتلىرى بولغانلىقىمىزدىن، بىر خىل ياخشى بولغان ئىلىم-پەن مۇھىتىدا نەپەس ئالغانلىقىمىز، ئۇلارنىڭ مائارىپپەرۋەرلىك، ئىلىمسۆيەرلىك روھىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلنغانلىقىمىزدىن،تەمكىنلىك ۋە مەخسەتلىك بىلەن باسقان خاسىيەتلىك ئىزىدىن بېسىپ يول ئېلىپ ماڭغانلىقىمىزدىن تولىمۇ سۆيۈنىمىز،ئىنتايىن شەرەپلىك ۋە ئىپتىخارلىق ھىس قىلىمىز.
     بىزگە دەرس بەرگەن،كەسپى ۋە مەمۇرىي جەھەتتە يىتەكچىلىك قىلغان ئۇستازلىرىمىزنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك لاياقەتلىك مۇئەللىملەردىن ئىدى.ئۇلار بىلىم ساپاسى،  كەسپى بويىچەتەربىيىلىنىشى جەھەتتە ئىقتىدارلىق بولۇپلا قالماستىن، يەنە پىداگوگىكىلىق تەربىيىگە ئىگە بولغان كىشىلەر ئىدى. ئۇلار مەيلى مەكتەپ ئىچىدە بولسۇن، مەيلى سىنىپقا دەرسكە كىرگەندە بولسۇن، گەپ- سۆز، يۈرۈش- تۇرۇش، ھەركەت-قىياپەت، كىشىلىك مۇئامىلە،ئوقۇغۇچىلارغا كۆيۈنۈش، كىيىنىش- تارىنىش، دەرسلىك ماتىرىياللارنى قاچىلايدىغان سومكىلارنى كۆتۈرۈش، كونسىپىكلارنى تەييارلاش قاتارلىق تەرەپلەرگەئالاھىدە دىققەت قىلاتتى. بۇ خىل ئەھۋال ئوقۇغۇچىلارغا چوڭقۇر تەسىر قىلاتتى.   
      يەنە مۇنداق بىر تەكىتلەيدىغان نۇقتىمۇ بار.ئۇ بولسىمۇ بۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆپى 1965-يىلىدىن ئىلگىرى ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىگە تەيىنلەنگەنلەربولۇپ، بەزىلىرى بىر مەزگىل سىنىپقا كىرىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان،  بەزىلىرى تەييارلىق باسقۇچىدا تۇرغانلار ئىكەن.مانا مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئۇلار 1965 – يىلى باشلانغان «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»دىن ئىبارەت دەھشەتلىك سىياسى قاينامغا كىرىپ قىلىپ، ئوقۇتۇش مۇنبىرىگە چىقالمىغان. 1972-يىلىغاكەلگەندە ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھانسىز ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، ھەم «ئىشچى،دېھقان،ئەسكەرلەرمەكتەپتە ئوقۇش،ئالىي مەكتەپنى باشقۇرۇش، ئالىي مەكتەپنى ئۆزگەرتىش» شامىلىنىڭ تەسىرى بىلەن مەكتەپكە قەرەلسىز ۋە بىرقانچە قارار  ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغان ھەم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىر قىسمى ئوقۇتۇش مۇنبىرىگە  زورىغا چىقىشقا توغرا كەلگەن.شۇنىڭ بىلەن بىرگەبۇنداق ئىمتىھانسىز قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم ئاساسىي بەكلا پەرقلىق بولغان. ھەتتا  ئۇلارنىڭ ئىچىدە باشلانغۇچ مەكتەپنى تۈگەتكەنلەرمۇ بولغان، يەنە تېخى مەدەنىيەت تەربىيىلىنىشىمۇ بەكلا تەكشىسىز بولغان. بۇ خىل كەيپىيات ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئوقۇتۇش قىزغىنلىقىنى دېگەندەك ئۇرغۇتالمىغان.«مەدەنىيەت زورئىنقىلابى» دىن كېيىنكى تۈنجى قارارلىق ئىمتىھان ئېلىنىپ قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپ سىنىپلىرىغا كېرىشى ئوقۇتقۇچىلار ئۈچۈن ئىنتايىن خۇشاللىنارلىق بىر ئىش بولغان.ئەينى زاماندىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈرەك سۆزى بويىچەئېيتقاندا:«ئوقۇتقۇچىلار ئىنتىلىشچان ئوقۇغۇچىلارغا تەشنا بولىۋاتقان،تىرىشچانئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپ  ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىدىن بىلىم ئېلىشقا  تەشنابولىۋاتقان ھالقىلىق پەيت»(ئەۋەلقان قالى ئوغلى سۆزى) ئىدى.بۇ خىل ھادىسە مەكتەپنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش كەيپىياتىنى ئىنتايىن جانلاندۇرىۋەتكەن ئىدى.
     شىنجاڭ ئۇنىۋرېىسىتىتىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمىزدۆلەتنىڭ سىياسى،يىتەكچى يۆلۈنىشى ئىنىق بولغان، تىنىچ-خاتىرجەم مۇھىت يارىتىلغان،ئېلىم-پەن باھارى بەرق ئۇرىۋاتقان،بىلىم ئېلىشنىڭئىمكانىيىتى تولۇق بولغان،نەزەر دائىرىمىزنى كېڭەيتىشنىڭ پۇرسىتى كەڭ يارىتىلغان،ۋەزىيەت تۇراقلىق، مەكتەپ مۇھىتى ئازادە، ھەر خىل ئىمكانىيەتلەر ياخشى يارىتىلغان بىر چاغلار ئىدى. مۇنتىزىم دەرس ئۆتۈلۈپ تۇرۇلغاندىن باشقا،ھەر خىلئىلمىي مۇھاكىمە يېغىنلىرى بولۇپ تۇراتتى. بۇنداق ئىلمىي مۇھاكىمە يېغىنلىرىمۇناسىۋەتلىك باشقا ئىدارە-جەمىيەتلەردىمۇ بولۇپ تۇرىلاتتى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى،ئىتتىپاق كومېتىتى،پاكۇلتېت ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ۋەئىتتىپاق باش ياچايكىسى قاتارلىق ئورۇنلار ھەر خىل بايراملار،خاتىرلەش پائالىيەتلىرىدە شىئېر دىكلىماتىسيە مۇسابىقىلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرىنى كۆرەك قىلىشقا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەن ، ئەدەبىيات- سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ  مەكتەپنىڭ چوڭ-كىچىك زاللىرىدا سەنئەت نومۇرلىرى كۆرسىتىلىپ تۇرىلاتتى. شىئىېر ھەۋەسكارلىرىھەر يىلى باھاردا ئۆتكۈزىلىدىغان تەنتەربىيە پائالىيىتى مەيدانىدىكى زوۋۇك-كانايدا شىئىېر، نەسىرلىرىنى دىكلىماتسىيە قىلىپ تۇراتتى.«شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتىتى گېزىتى» ئۇيغۇر،خەنزۇ تىلىدا چىقىرىلاتتى. بۇ خىل ئىمكانىيەتلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتراپلىق تەربىيىلىنىشگە،بىلىم قۇرۇلمىسىنى تولۇقلىشى،مۇستەھكەملىشىگە تولىمۇ پايدىلىق بولغان ئىدى.
     يەنە سىنىپىمىزدا قەرەلسىز چىقىرىلىدىغان «ياش قەلەم»ناملىق ئەدەبىي ئىجادىيەت تام گېزىتى توغرىسىدا گەپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. سىنىپىزدىكىئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر قىسمى مەكتەپكە كىلىشى بىلەنلا ئەدەبىي ئىجادىيەت ئىشلىرىدا ئىملاشتۇرۇشقا كىرىشىپ كەتكەن. بولۇپمۇ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەدەبىي يېزىقچىلىق توغرىسىدىكى دەرسلىرىنىڭ ئىلھامى بىلەن ئەدەبىي يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشقىزغىنلىقى بىردىنلا كۆتۈرۈلۈپ، پۇرسەت تاپسىلا،بەس-بەستە يېزىقچىلىق بىلەن شۇغىللىناتتى. بۇنىڭ بىلەن بەلگىلىك ئەدەبىي ئىجادىيەت ئىقتىدارىغا ئىگە ئوقۇغۇچىلاردىن  ئەركىن مۇساجان، ئەخمەتجان قۇربان، غەيرەتجان ئوسمان  قاتارلىقلار يىتەكچىلىكىدە «ياش قەلەم» ئىجادىيەت ئۇيۇشمىسى تەشكىللىنىپ،شۇ نامدا 1978-يىلى12-ئاينىڭ 29-كۈندىن 1982-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە جەمئىي 10 سان ئەدەبىي ئىجادىيەت تام گېزىتى چىقىرىلغانىدى. بۇنىڭ ئۈنۈمى ۋە ھەركەتلەندۈرگۈچىلىك رولىچوڭ بولغان ئىدى.جۈملىدىن بۇ ئىشلار پاراللىل سىنىپتىكلەر، مەكتەپداشلار ۋەكېيىنكى يىللىق ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن زور تۈرتكىلىك رول ئوينىغان.
     بۇ سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بەزىلىرى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىدىن باشلاپلا ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە ئىلمىي تەتقىقاتقاكىرىشكەن.ئوقۇش يىلىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدىن باشلاپلا  ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرى،ئوبزورلىرى گېزىت-ژورناللاردا،ئەدەبىي توپلاملاردا ئىلان قىلىنىشقا باشلىغان، ئوقۇغۇچىلارئىچىدىن  ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتىيە مەكتىپىگە بېرىپ ئايال كادىرلارغا ئىلمىي دوكلات بەرگەنلەرمۇ بولغان.ھەتتا كېيىنكى يىللىرى بەزىلەرنىڭ ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىلمىي ژورناللىرىدا ئىلمىي ماقالىلىرى ئىلان قىلىنغان. مەكتەپ ئۇيۇشتۇرغان  ۋە ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتىيە مەكتىپى ئۇيۇشتۇرغان ئىلمىي دوكلات يېغىنلىرىدا ئىلمىي دوكلات بېرىش پۇرسىتىگە ئىرىشكەنلەرمۇبولغان.
   بىز ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمىزدايەنە ھەر خىل ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتشاققان ئىدۇق.بۇنىڭ ئىچىدە1978-يىلى يازنىڭ دەسلەپكى مەسگىلىدە مەملىكەت خاراكتىرلىك «توردىن چۈشۈپقالغانلار»نى ئىنىقلاش ۋە تازىلاش ھەركىتى سەپەرۋەرلىك- قوزغىتىش يېغىنىغا سىنىپىمىزدىنئابدۇرسۇل كېچىكئاخۇن،خاسىيەت ئېلىلار تاللىنىپ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەن (ئەسكىرىي پولك)ىنىڭ قۇماندانلىق شىتابىغا بېرىپ،نەچچە مىڭ كىشى قاتناشقانچوڭ يېغىندا باشلامچە بولۇپ جاراڭلىق ئىنقىلابىي شۇئارلارنى توۋلىغان ھەم ئۇلارنىڭئاۋازلىرى رادىئو كانايلىرى ئارقىلىق ئۈرۈمچى كوچىلىرىنى بىرقانچى ئايغىچە لەرزىگەسالغان ئىدى. بۇ سىنىپتىكى ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياتاق بىناسى ئۈچ يېرىم قەۋەت(خەنزۇچە «سەنسىڭبەنلۇ» دېيىلەتتى) دەپ ئاتىلىدىغان بىنا بولۇپ،بۇ بىنانىڭ ئالدىداڭلىق شامال ئېغىزى ئىدى. ھەر يىلى ئەتىياز ۋە كۈز ئايلىرىدا بۇ يەردە كۈچلۈكبۇران چىقىپ،كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى،مېڭىشىغا قىينلىق تۇغدۇراتتى.مانا مۇشۇ چاغلاردا  قىزىقارلىق ۋە كۈلكىلىك ھەم تەسىرلىك ئىشلار بۇيەردە يۈز بېرىپ تۇراتتى.بۇنىڭغا بىر مىسال كەلتۈرسەك،  1979-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۈچ يېرىم قەۋەتبىنانىڭ ئالدىدا بىر موماينى بوران ئۇچۇرۇپ،دوملىتىپ،بىر ئورەككە ئەكىرىپقويغاندا،ساۋاقداشلار بىر-بىرىنىڭ قولىنى تۇتۇپ، زەنجىر ھاسىل قىلىپ، موماينى ئورەكتىن چىقرىۋالغان ئىدۇق.يەنە بىر مىسال، ئۈچ يېرىم قەۋەت بىنانىڭ ھاجەتخانىسىدىن پات-پات كاشىلا چىقىپ تۇراتتى.ھەتتا سىنىپىمىزنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى تۇرىدىغان ئىككىنچى قەۋەتنىڭ ھاجەتخانىسىنىڭ ئەۋرىزىدىن دائىم نىجاسەت يېنىپ كاردۇرغىچە، ھەتتا ياتاق ئۆيىگىچە ئىقىپ كىرىپ تۇراتتى. بۇنى دائىم دىگۈدەك چەت رايۇنلاردىن كەلگەن سىنىپىمىزنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى تازىلاپ قوياتتى. مۇنداق تەسىرلىك ئىشلار ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىمىزدا تالاي قېتىملاپ بولغان ئىدى.     
     شۇنداق قىلىپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتىتى تىل-ئەدەبىيات پاكۇلتىتى 1977-يىللىق 2-سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى ئوخشاش يىللىق باشقا مەكتەپداشئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە 1983-يىلى 2-ئايدا بەش يىللىق جاپالىق ئوقۇش ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتىتى تەرىپىدىن تارقىتىلغان مەكتەپ پۈتتۈرۈش شائادەتنامىسىنى ئېلىشقا مۇيەسسەر بولدۇق. ئەينى زاماننىڭ سىياسى يىتەكچى پىرىنسىپى  بويىچە ھەممىمىزنى ھۆكۈمەت بىرتۇتاش خىزمەتكە تەخسىم قىلدى. سىنىپىمىزدىن  مەكتىۋىمىز شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتىتىغا 10  نەپەر (قانۇن كەسپىدە ئوقۇپ تاماملىغان 1 نەپەرئوقۇغۇچىنى ھىساپلىغاندا جەمئى 11 نەپەر) ئوقۇغۇچى ئېلىپ قېلىنىپ،بۇنىڭدىن 7نەپىرى (بۇنىڭ 4 نەپىرى ئۇيغۇر،3 نەپىرى قازاق ئوقۇغۇچى) ئۆز پاكۇلتىتىغا ئوقۇتقۇچىلىققا،قالغان 3 نەپىرى مەمۇرى خىزمەت ۋە كۈتۈپخانا خادىملىقىغا (1 نەپەرقانۇن كەسپى بويىچە ئوقۇتقۇچىلىققا) تەخسىملەنگەن.  شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرىسىتىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىقىغا 3 نەپەر،شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئىنىستىتۇتىغا 1 نەپەر،شىنجاڭ رادىئو-تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتىتىغا 2 نەپەر،شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتىغا 3نەپەر، ئۈرۈمچىدىكى نۇقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە 3 نەپەر،ش ئۇ ئا ر ماددى ئەشيالار ئىدارىسىغا  1 نەپەر،ش ئۇ ئا رتىل-يېزىق كومېتىتىغا 1 نەپەر،«شىنجاڭ ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى»گە 1 نەپەر،شىنجاڭخەلق رادىئو ئىستانسىسىغا 2 نەپەر، قالغان 7 نەپەر ئوقۇغۇچى ئۆزلىرىنىڭ كۈچلۈك تەلىپى بويىچە ئۆزلىرى  ئەسلى كەلگەن ۋېلايەت- شەھەر،ناھىيىلەرگە تەخسىم قىلىنغان.  
      بۇ ئوقۇغۇچىلار خىزمەت ئورۇنلىرىغا بارغاندىن كېيىن دۆلەت مەمۇرىلىق سالاھىيىتى بىلەن خىزمەتكە چۈشۈپ،ئۆزىگە يۈكلەنگەن خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئارتقۇزۇش ئۈچۈن ئىرادەتىكلەشكە باشلىدى ھەم تىكلىگەن ئىرادىنى قەتئىي بوشاشتۇرماي،باش چۆكۈرۈپ، ئەستايىدىلبولۇپ، چىدام- غەيرەت بىلەن ئىشلەپ،ئۆزىنى چىنىقتۇرۇپ،تەجىرىبە توپلاپ،خىزمەت ئورۇنلىرىدىكىلەرنى قايىل قىلىپ، بىر-بىرلەپ نەتىجە قازاندى.كۆپچىلىكنىڭ ئۇتۇقلىرى كۆزگە كۆرىنەرلىك بولدى.بۇ سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن 4 نەپەر پروفىسسۇر(بۇنىڭ ئىچىدە3 نەپىرى ماگىستىرانت يىتەكچىسى بولغان)، 1 نەپەر بىرىنچى قول نازىر دەرىجىلىك دۆلەت كادىرى ، 1 نەپەر ئالىي مۇھەررىر،1 نەپەر ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك گېزىتنىڭباش مۇھەرىرى،1 نەپەر داڭلىق يازغۇچى (كەسپىي ئۇنۋانى كاندىدات ئالىي مۇھەىرىر)،4نەپەر دۆتسېنت،1 نەپەر  نۇقتىلىق ئالىي  مەكتەپ ئىلمىي ژورنىلىنىڭ مۇئاۋىن باشمۇھەررىرى،  3 نەپەر ئالىي دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى، 3  نەپەر باشقارما دەرىجىلىككادىر يېتىشىپ چىقتى،2 نەپەر باشلانغۇچ مەكتەپ مۇدىر(ياكى پارتىيە ياچايكاسېكىرتارى،بۇنىڭ بىر نەپىرى خەنزۇ تىللىق نۇقتىلىق مەكتەپنىڭ مەسئۇلى بولدى)يېتىشىپ چىقتى.بۇلاردىن باشقىلارمۇ ئۆز ئورۇنلىرىدا كۆرنەرلىك خىزمەت ئىشلەپ،نەتىجىسىئالاھىدە كۆرىنەرلىك بولۇپ كەلگەن.
    بۇ كەچمىشلەرنى ئەسلىگىنىمىزدە،تىل-ئەدەبىيات پاكۇلتىتى 1977-يىللىق 2-سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىق ھاياتى ۋە جەمىيەتتىكى خىزمەت ھاياتى ئەھمىيەتلىك ھايات بولغان،شەرەپلىك ئۆتكەن ھايات بولغان. ئەسلەشكە تېگىشلىك ھايات بولغان،خاتىرلەشكە تېگىشلىك ھايات بولغان.بۇ مۇبارەك كەچمىشلەر ئارقىلىق بىزنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىمىز يەنىمۇ كۈچەيگۈسى،ھاياتقا بولغان ئىرادىمىز يەنىمۇ چىڭىغۇسى،ئادىمىلىك خاراكتىرىمىز تېخىمۇ نۇرلانغۇسى،ئەجداتلار بىلەن ئەۋلاتلارنى باغلىغۇچىلىق رىشتە يەنىمۇ قويۇقلاشقۇسى، يۇرت،خەلق، جەمىيەت ئالدىدىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇمىز يەنىمۇئۆسۈپ بارغۇسى.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

0

تېما

28

يازما

28

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 118649
يازما سانى:
28
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
277
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
259 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-5-5
ئاخىرقى:
2016-3-25
ۋاقتى: 2016-3-7 23:28:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ئەھمىيەتلىك پائالىيەت بوپتۇ ،ھەم  ئەسەرمۇ بەك تەپسىلىي ياخشى چىقىپتۇ  تەشەككۇر،،،،،،،، تۇمارىس ئالىي مىھمانسارىيىدىكى  تۇمارىس دېگەن ئىسىمنىڭ كېلىش مەنبىيى  ھەققىدە ماقالە بارمۇ ؟ بۈلىدىغانلار بولسا بىر يوللاپ قويغان بولساڭلار  

چىراقپاي

1

تېما

832

يازما

833

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 64123
يازما سانى:
832
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
10738
تۆھپە :
100
باھا :
90
توردا:
1539 سائەت
تىزىملاتقان :
2011-11-8
ئاخىرقى:
2016-3-30
ۋاقتى: 2016-3-7 23:56:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                 ...خېلى تەپسىلى ۋە ياخشى يېزىلغان ئەسلىمىلەر ئىكەن...مەنمۇ بۇ ئەسلىمىلەر
             كېيىنكى ئوقۇش ھاياتىمنى ئەسلەپ قالدىم...

△《ھەقىقەت ئىجازەتسىز ساياھەت  ...》قىلىپ بولغۇچە،رەزىللىك ئۇنىڭ يوللىرنى توساپ تۇردۇ.

22

تېما

271

يازما

293

جۇغلانما

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 80125
يازما سانى:
271
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
3876
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
166 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-5-14
ئاخىرقى:
2016-4-1
ۋاقتى: 2016-3-8 00:09:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزدىن پەخىرلىنىمىز مۇئەللىم، ئالتۇن تىنىڭىز ئامان بولسۇن! ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن!!!

13

تېما

841

يازما

854

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 108441
يازما سانى:
841
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
2154
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
514 سائەت
تىزىملاتقان :
2014-7-14
ئاخىرقى:
2016-3-19
ۋاقتى: 2016-3-8 00:29:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئونۋېرسىتىتتىكى كۈنلىرىم يادىمغا يەتتى....خۇڭخۇ بۇيىدىكى شائىرانە تۇيغۇلار.....3- بىنادىكى قىزىقارلىق ئىشلار....كېچە- كېچىلەپ ئېلىپ بېرىلغان جۇشقۇن بەس مۇنازىرىلەر....خىيال ئېكرانىمنى بەنت ئەتتى. ئەسلىمە ياخشى بىر تەربىيەنامە بوپتۇ. سىزگە ھەم ئەسلىمىڭزگە تەشەككۈر!

ئاھ...ماڭقۇرۇتلۇقتىكى ھايات!

1

تېما

905

يازما

906

جۇغلانما

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 102691
يازما سانى:
905
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
2988
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
1006 سائەت
تىزىملاتقان :
2014-1-23
ئاخىرقى:
2016-3-31
ۋاقتى: 2016-3-8 08:53:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساۋاقداشلار بۈگۈن ئىلىم ساھەسىدە ‹‹ئىچ ئات››لىق ۋەزىپىسىنى ئورۇندىماقتا ئىكەن.

تېما ئىگىسىمۇ شۇلار قاتارى ئاۋانگاردلاردىن بىرى.

2

تېما

214

يازما

216

جۇغلانما

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 115208
يازما سانى:
214
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
563
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
162 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-3-13
ئاخىرقى:
2016-3-22
ۋاقتى: 2016-3-8 17:03:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك يىغىلىش بوپتۇ ، ئەسەرنى ئۇقۇپ ئالى مەكتەپتكى كۈنلىرىم ئىسمىگە كەلدى .

بابۇرخان

3

تېما

2133

يازما

2136

جۇغلانما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 18979
يازما سانى:
2133
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
15844
تۆھپە :
400
باھا :
538
توردا:
3085 سائەت
تىزىملاتقان :
2010-11-25
ئاخىرقى:
2016-3-23
ۋاقتى: 2016-3-11 00:18:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

پىروفىسۇرنىڭ يازمىسدىن شۇ دەۋر ئالىي مەكتەپ ھاياتىدىن نۇرغۇن بىلىملەرگە ئىگە بولدۇق .رەھمەت .

سىز بارماقلىرى چىڭ تۈگۈلگەن مۇش بىلەن كۆرۈشەلمەيسىز .(گەندى )
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|قاماقخانا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى ( 黔ICP备15011399号 )

GMT+8, 2016-4-1 03:53 PM, Processed in 0.990273 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.
شىنجاڭ مىسرانىم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش