مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2923|ئىنكاس: 8

ئوسمان ئىسمايىل تارىم:ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ئوبرازىغا داغ چۈشۈرمەيلى !

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

4

تېما

6

يازما

10

جۇغلانما

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 125913
يازما سانى:
6
نادىر تېما :
4
مۇنبەر پۇلى :
199
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
3 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-9-1
ئاخىرقى:
2016-3-27
ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ئوبرازىغا داغ چۈشۈرمەيلى !
ئوسمان ئىسمايىل تارىم

          ئىككىنچى ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ، جاھاننەما، كارۋان، مۇزىكام قاتارلىق تور بېكەت،ئۈندىدار سالۇنلىرىدا «تۇققان» ناملىق بىر پارچە شېئىر ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر نامىدا ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىندى. مەزكۈر شېئىر ھازىرمۇ ئۈندىداردا كەڭ تارقىتىلماقتا. بۇ شېئىر يەتتە كوبلېتتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ئۇنىڭدا بىر ئائىلىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن قېرىنداشلار ئوتتۇرىسىدىكى مېھرى-مۇھەببەتنىڭ بارغانسېرى سۈسلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىش ھېسسىياتى ئىپادە قىلىنغان.
      «تۇققان» ناملىق بۇ شېئىر گەرچە ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر نامىدا ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ شېئىرلىرى بىلەن تونۇش ھەرقانداق ئوقۇرمەن بىر قاراپلا، بۇ شېئىرنىڭ ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ قەلىمىگە مەنسۇپ ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭ ۋەزىن ئۆلچىمى، ھېسسىيات ئىپادىلەش دەرىجىسى ۋە شېئىرىي تىل ئىشلىتىش جەھەتلەردە ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر شېئىرىلىرىدىن تولىمۇ تۆۋەن دەرىجىدە تۇرىدىقانلىقىنى بايقىۋالالايدۇ.
          بىزنى ھەيران قالدۇرغىنى شۇ بولدىكى، 3-ئاينىڭ 1-كۈنى بۇ شېئىرنىڭ ھەقىقى ئاپتۇرى ئوتتۇرىغا چىقىپ، بۇ ھەقتە كارۋان تورىدا مۇنداق چۈشەنچە بەردى: « يېقىندا ‹بىر تۇققان› دىگەن شېئىر ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر نامىدا ھەرقايسى ئۈندىدار سالونلىرىدا ئېلان قىلىنىپ،  ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. بۇ شېئىرنى ئەسلى مەن يازغان، 2010-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى ‹بورىتالا گېزىتى› دە ‹ئۇنتۇپ قالما ئۆيۈمنى› دىگەن نامدا ئېلان قىلىنغان. مەرھۇم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر خەلقىمىزنىڭ سۆيۈملۈك ئالىمى. مەن ئۆز ئەسىرىمنىڭ ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر نامىدا ئېلان قىلىنغانلىقىدىن پەخىرلىنىمەن. بىراق بەزى تورداشلار ماڭا ‹سەن نومۇس قىلماي ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ئەسىرىنى كۆچۈرىۋاپسەن› دەپ مېنى ئەسەر ئوغرىسى قىلىپ قويدى. مەن ئامالسىز ئۆزەمنى ئاقلاشقا مەجبۇر بولۇپ، ئەسەرنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى ئەۋەتتىم. شۇڭا توغرا چۈشىنىڭلار. مەن ئوغرى ئەمەس. پەقەت ئازراق سەۋەنلىك تۈپەيلىدىن بۇ ئەسىرىم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر نامىدا ئېلان قىلىنغان. مەن ئەسىرىمنى ياقتۇرغان تورداشلارغا رەھمەت ئېيتىمەن. بۇ ئىشنى توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن. ھۆرمەت بىلەن بورتالا 5-دىۋىزىيە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى جۈرئەت نىزام.»
         مەن بۇ چۈشەندۈرۈشنى كۆرگەندىن كېيىن ، تولىمۇ بىئارام بولدۇم. بىز مەزكۈر باياندىن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر نامىدىكى بۇ شېئىرنىڭ ھەقىقى ئېگىسى جۈرئەت نىزام ئىكەنلىكىنى بىلىۋالدۇق. بىراق جۈرئەت نىزام «مەن ئۆز ئەسىرىمنىڭ ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر نامىدا ئېلان قىلىنغانلىقىدىن پەخىرلىنىمەن» دەپتۇ. بۇ يەردە بىز ئاپتۇرغا ھەقلىق يوسۇندا شۇنى دىمەكچىمىزكى، سىز پەخىرلەنگەن بولسىڭىز، بىز نومۇس قىلدۇق!  سىزنىڭ بۇ بەدىئىلىكى تۆۋەن شېئىرىڭىز  ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ نامىدا ئېلان قىلىنىپ، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ئوبرازىغا داغ چۈشۈردى. بىز بۇنىڭدىن غەزەپلەندۇق!
        سىز يەنە بەزى تورداشلار مېنى ئەسەر ئوغرىسى قىلىپ قويغاچقا، مەن ئامالسىز ئۆزەمنى ئاقلاشقا مەجبۇر بولدۇم دەپسىز. بۇ سۆزىڭىزدىن، ئەگەر بەزىلەر بۇ ساختىلىقنى سىزىۋالمىغان بولسا، سىزنىڭ بۇ ھەقتە مەڭگۈ سۈكۈت قىلماقچى بولغانلىقىڭىز، شېئىرىڭىزنىڭ مەڭگۈ ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر نامىدا تارقىلىپ يۈرىشىگە يول قويماقچى ئىكەنلىكىڭىز بىلىنىپ تۇرىدۇ. سىز نىمە دىگەن قاپ يۈرەك ھە؟ ئۆزىڭىز يازغان شېئىرنىڭ ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر نامىدا ئېلان قىلىنىشى بىلەن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ يۈكسەك ئىززەت-ھۆرمىتىگە نۇقسان يېتىشىگە سۈكۈت قىلىدىغان، ھەتتا ئۇنىڭدىن خۇشال بولىدىغان ھوقۇقنى كىم بەردى سىزگە؟! سىزنىڭ «ئازراق سەۋەنلىك تۈپەيلىدىن بۇ ئەسىرىم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر نامىدا ئېلان قىلىنغان. مەن ئەسىرىمنى ياقتۇرغان تورداشلارغا رەھمەت ئېيتىمەن. بۇ ئىشنى توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن» دىگەن سۆزىڭىزنى قانداق چۈشەنسەك بولار؟ ئۆزىڭىزنىڭ شېئىرىنى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ نامىدا ئېلان قىلىش سەۋەنلىكتىن بولغانمۇ؟ ئۇ قانداق سەۋەنلىك؟ سىز بۇ «سەۋەنلىك»تىن پۇشمان قىلىش ئورنىغا خۇش بولدىڭىز، پەخىرلەندىڭىز، شۇنداقمۇ؟
     شۇنى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ سەمىگە سالماقچىمىزكى، يېقىندىن بۇيان بەزىلەر ئۆزى ئويلاپ تاپقان ئىنتايىن ئاددى سۆزلەرنى مەھمۇد كاشغەرىنىڭ سۆزى، ئۆزى يازغان تاينى يوق شېئىرلارنى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ شېئىرى دەپ،  تور ۋە ئۈندىدارلاردا ئېلان قىلىدىغان بولۇۋالدى. مېنىڭچە بۇنداق يارىماس قىلىقلارغا قەتئىي يول قويغىلى بولمايدۇ. مەھمۇد كاشغەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەلشىر ناۋايى قاتارلىقلار قەدىمقى زامان ئەدەبىياتىمىزدىكى ئۇلۇغ ئەدىپلەر، ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ پەخرى، غۇرۇرى ۋە مەنىۋى تۈۋرۈكى.  ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرمۇ  20-ئەسىردىكى بۈيۈك يازغۇچى. شۇڭا ئەھمىيىتى يوق ئاتالمىش«ئەقلىيە» سۆزلەرنى ئەشۇ پىشىۋالىرىمىزغا ئارتىپ قويۇپ، قاملاشمىغان شېئىرلارنى ئۇلارنىڭ نامىدا ئېلان قىلىپ، ئۇلۇغلىرىمىزنىڭ يۈزىگە قارا سۈرتۈشكە ۋە ئۇلارنىڭ ئوبرازىنى خۈنۈكلەشتۈرۈشكە ھەرگىز بولمايدۇ!
   مۇشۇنداق بولمىغۇر ئەسەرلەرنى مەشھۇر ئەدىپلىرىمىزنىڭ نامىدا ئېلان قىلىدىغان ئىشنى، مەيلى بىرقىسىم تور بېكەتلىرى ۋە سالونلار پۇل تېپىش غەرىزىدە قىلسۇن، مەيلى بىرقىسىم ئاپتۇرلار نام چىقىرىش غەرىزىدە قىلسۇن، بۇنىڭ ئۆزى زادى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان يامان قىلمىش! بىز ئۆزىمىزنىڭ ئىچىدىن چىققان ساناقلىق ئۇلۇغلىرىمىزنىڭ شان-شەرىپىگە نۇقسان يەتكۈزىدىغان بۇنداق ئىش-ھەركەتكە سۈكۈت قىلىپ تۇرالمايمىز!
                              2016 – يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

0

تېما

134

يازما

134

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 20734
يازما سانى:
134
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
7546
تۆھپە :
300
باھا :
261
توردا:
673 سائەت
تىزىملاتقان :
2010-12-4
ئاخىرقى:
2016-4-1
ۋاقتى: 2016-3-7 23:09:42 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسەر ئاپتۇرى ئەسلى ئاپتۇرلۇق ھوقۇقىنىڭ دەخلى تەرۇزغا ئۇچرىغانلىقى توغرۇلۇق شىكايەت قىلغان بولسا بوپتىكەن، بۇ ماقالە ئېنىقلا   تەتۇر ھېساپ ئېلىنغان ماقالە بوپتۇ.

0

تېما

28

يازما

28

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 118649
يازما سانى:
28
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
277
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
259 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-5-5
ئاخىرقى:
2016-3-25
ۋاقتى: 2016-3-7 23:21:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
seyyah يوللىغان ۋاقتى  2016-3-7 11:09 PM
ئەسەر ئاپتۇرى ئەسلى ئاپتۇرلۇق ھوقۇقىنىڭ دەخلى تەرۇزغا ...

تۆۋە  ما ئىنكاسنى بۇ نىمە دېگىنىڭىز   ،،،،ئۆزىنىڭ ئەسىرىنى باشقىلارنى يازغان قىپ قۇيغان ئادەم نىمىدىن ھىساپ ئالىدۇ  ؟؟

روزىمەمەت تۇرسۇنمەت ئادەم

10

تېما

153

يازما

163

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 110310
يازما سانى:
153
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
572
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
197 سائەت
تىزىملاتقان :
2014-10-1
ئاخىرقى:
2016-4-1
ۋاقتى: 2016-3-8 00:03:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇ شېئىرنى مەنمۇ نەچچە قېتىملاپ ئۇچراتتىم، ئوقۇدۇم. شېئىر خېلى ياخشى يېزىلغان.
ئەمما كېسىپ ئېيتىمەنكى بۇ نۇمۇس قىلغۇدەك شېئىر ئەمەس. ئۆتكۈر ئەپەندىنىمۇ ئانىسى پىشىپ يېتىلگەن شائىر ھالىتىدە تۇغقان ئەمەس بولغىيتى.

زىمىستان كۆرمىگەن بۇلبۇل، باھارنىڭ قەدرىنى بىلمەس…

56

تېما

163

يازما

219

جۇغلانما

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 120080
يازما سانى:
163
نادىر تېما :
2
مۇنبەر پۇلى :
1389
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
103 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-5-28
ئاخىرقى:
2016-3-30
ۋاقتى: 2016-3-8 12:15:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇيەردە بۇ بىر شېرنىڭ ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرگە قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىكبولۇپ قالماي پۈتۈن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا قىلىنغان قىلغانلىق. شۇڭا مۇنداق مىتە قۇرۇتلارغا ھەرقايسى مەبەئە ئورۇنلىرى ، ھەرقايسى تورلار ھەرگىز شارائىت يارىتىپ بەرمەسلىكى كېرەك. بۇنداق مىتە قۇرۇتلارنى ۋاتىدا تازىلىۋېتىش كېرەك.

0

تېما

134

يازما

134

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 20734
يازما سانى:
134
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
7546
تۆھپە :
300
باھا :
261
توردا:
673 سائەت
تىزىملاتقان :
2010-12-4
ئاخىرقى:
2016-4-1
ۋاقتى: 2016-3-8 19:12:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسەرنى ئاپتۇر ئۆز نامىدا بورتالا گېزىتىدە ئېلان قىپتىغۇ، ئەمما سالۇنچىلار ئاپتۇرىنى ئالماشتۇرۇپ تارقىتىپتۇ، ئۆز نۆۋىتىدە ئەسەر ئاپتۇرى ئۈڭ چوڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى.

بىز ئاتالدۇق بەزمىدە يىگىت،ئاھ، ئاتىلار جەڭلەردە شېھىت.

4

تېما

6

يازما

10

جۇغلانما

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 125913
يازما سانى:
6
نادىر تېما :
4
مۇنبەر پۇلى :
199
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
3 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-9-1
ئاخىرقى:
2016-3-27
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-10 00:09:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىمدىن باياناتنامە
يېقىندىن بېرى ئۈندىدار تور دۇنياسىدا مېنىڭ نامىمدا تارقىلىپ يۈرگەن ‹‹ئوغۇزخان تۇغۇپ بەر ئانىجان››،‹‹گۆش يېسەڭ ئىتىڭغا ئاشمىدى سۆڭەك››قاتارلىق بىر قانچە شېئىرلار مېنىڭ ئىجادىيىتىم ئەمەس،باشقىلار ئۆزى يازغان شېئىرلارنى ماڭا مەنسۇپ قىلىپ مېنىڭ نامىمدا ئېلان قىلىپ يۈرۈپتۇ.بۇ شېئىرلارنى مەن يازغان ئەمەس،كىملەرنىڭ نېمە مەقسەتتە ئۆزى يازغان شېئىرلارنى مېنىڭ نامىمنى سۈيئىستىمال قىلىپ تارقاتقانلىقىنىمۇ بىلمەيمەن.بۇنداق ھۆرمەتسىزلىك،مەسئۇلىيەتسىزلىككە مەن رازى ئەمەس،مەن يازغان شېئىر ئەسەرلىرىمنى تور ۋە ئۈندىدارلاردا ئېلان قىلمايمەن،پەقەت رەسمىي نەشىر ئەپكارلىرىدا ئېلان قىلىمەن.كەڭ جامائەتچىلىكنىڭ بۇندىن كېيىن ئۈندىدار،تورلاردا مېنىڭ نامىمنى سۈيئىستىمال قىلىپ تارقىلىپ يۈرگەن ھەر قانداق شېئىرلارنى ماڭا باغلاپ چۈشەنمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن.شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ باشقىلارنىڭ نامىنى سۈيئىستىمال قىلىشىتەك ئەخلاقسىزلىقنى يەڭگىل سانىماسلىقىنى،بۇنداق ناتوغرا قىلمىشلارنى سادىر قىلماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
-مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجى

4

تېما

6

يازما

10

جۇغلانما

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 125913
يازما سانى:
6
نادىر تېما :
4
مۇنبەر پۇلى :
199
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
3 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-9-1
ئاخىرقى:
2016-3-27
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-10 00:12:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تۈنۈگۈن باشقىلار يازغان شېئىرنىڭ ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر نامىدا تارقىتىلغانلىقىنى تەنقىتلەپ،ئىنكاس يازغان ئىدىم.بەزىلەر يازمامنىڭ ئەھمىيتىنى چۈشىنەلمىگەن،ھەتتا قارشى پىكىردە بولغان ئىدى.بۈگۈن مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ بۇ باياناتنامىسى ئېلان قىلىنىپتۇ.بۇنىڭدىن مەسىلىنىڭ خېلى ئېغىرلىقىنى،بۇنداق قىلمىشقا قەتئىي قارشى تۇرمىسا بولمايدىغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ!
-ئوسمان ئىسمايىل تارىمدىن.

33

تېما

655

يازما

688

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 107868
يازما سانى:
655
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
1316
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
485 سائەت
تىزىملاتقان :
2014-6-19
ئاخىرقى:
2016-3-30
ۋاقتى: 2016-3-15 07:53:39 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا، بىز ئۇلۇغلىرىمىزنى ھۆرمەتلەيمىز دەيدىكەنمىز، چۇقۇم ئۇلارنىڭ نامىغا داغ چۈشۈرمەسلىكىمىز، ئۇلارنىڭ يۈز—ئابرۇيىنى قوغدىشىمىز لازىم. ئەسەر ئاپتۇرىنىڭ ئەجرىگە تەشەككۇر!..

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|قاماقخانا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى ( 黔ICP备15011399号 )

GMT+8, 2016-4-1 03:45 PM, Processed in 0.114251 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.
شىنجاڭ مىسرانىم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش