مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2346|ئىنكاس: 3

قەشقەردە «ئىتتىپاق لوڭقۇسى»نى تالىشىش پۇتبۇل مۇسابىقىسى باشلاندى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

52

تېما

95

يازما

147

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 91298
يازما سانى:
95
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
1582
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
237 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-2-7
ئاخىرقى:
2016-3-24
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   خانقورا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-6 11:56 AM  

قەشقەردە «ئىتتىپاق لوڭقۇسى»نى تالىشىش پۇتبۇل مۇسابىقىسى باشلاندى
2.JPG
    ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تاھىرجان ئاتاۋۇللا خەۋەر قىلىدۇ:
   قەشقەر ۋىلايەتلىك پۇتبۇلچىلار جەميىتى ئۇيۇشتۇرغان، شىنجاڭ ئەلنۇر ئاشلىق ماي چەكلىك شىركىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان نەۋرۇز بايرىمىلىق «ئىتتىپاق لوڭقۇسى»نى تالىشىش پۇتبۇل مۇسابىقىسى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى سەھەردە  شىنجاڭ ئەلنۇر ئاشلىق-ماي چەكلىك شىركىتى پۇتبۇل مەيدانىدا باشلاندى.
     بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ھەيۋەتلىك دۆلەت شىئىرى ساداسى ئىچىدە باشلاندى. قەشقەر سۆدىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ باش كاتىپى تۇرسۇنجان ياسىن، قەشقەر ۋىلايەتلىك پۇتبۇلچىلار جەميىتىنىڭ مۇئاۋېن رەئىسى جاۋ شىنخوڭ قاتارلىقلار تەبرىك سۆزى قىلىپ، مۇسابىقىنىڭ ياخشى ئېلىپ بېرلىشىغا بولغان ياخشى تىلەكلىرىنى ئىپادىلدى. رىپىرلار ۋەكىلى، پۇتبۇلچىلار ۋەكىلى قەسەم بەردى.باشلىنىش مۇراسىمىغا قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت ئىدارىسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك پۇتبۇلچىلار جەميىتى، قەشقەر سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى، قەشقەر يېزا سودا بانكىسى،تۈرلىك ئاخبارات ۋاستىللىرى قاتارلىق ئورۇنلار ۋە شىركەتلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى، مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كوماندا ئەزالىرى، پۇتبۇل ھەۋەسكارلىرى، ھەم جەميەتتىكى ھەر ساھە زاتلىرى بولۇپ 150دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى.
    مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئەلنۇر ئاشلىق-ماي چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋېن دىرىكتورى ئابلىكىمجاندىن ئىگىلىشىچە، نەۋرۇز بايرىمىلىق «ئىتتىپاق لوڭقۇسى»نى تالىشىش پۇتبۇل مۇسابىقىسى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى باشلىنىپ، 3-ئاينىڭ 26-كۈنى ئاخىرلىشىدىكەن. قەشقەر ۋىلايىتىدىكى 19 كوماندا 46 ئالتە مەيدان مۇسابىقە ئوينايدىكەن. مۇسابىقە ھەر ھەپتىنىڭ شەنبە يەكشەنبە كۈنلىرى ئېلىپ بېرلىدىكەن. مۇسابىقە ياش ئۆسمۈرلەر ۋە چوڭلار گورۇپىسى بويىچە ئېلىپ بېرلىدىغان بولۇپ، ئاخىردا ئۈچ دەرىجە بويىچە 24مىڭ يۈئەن نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلىنىدىكەن.
شىنجاڭ ئەلنۇر ئاشلىق-ماي چەكلىك شىركىتىنىڭ دىرىكتورى مىرئەخمەت ھاجى زۇنۇن مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دىدى. «شىركىتىمىز شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز دائىرسىدىكى ئەلا سۈپەتلىك، شۈبھىدىن خالىي، ئەلنۇر، يۇلتۇز، ئانارگۇل قاتارلىق داڭلىق ماركىدىكى گۈرۈچ، ئەلنۇر ماركىدىكى زاراڭزا، قىچا، گازىر مېيى ئىشلەپچىقىرىپ خەلقىمىزنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرشىپ كىلۋاتقان باشلامچى، سەركەردە كارخانىلارنىڭ بىرى بولۇپ، بىز جەميەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قوللاپ قۈۋەتلىشى بىلەن كىچىكلىكتىن زورىيىپ، زور ئەمەلىي، ئىقتىسادىي كۈچكە ئىگە داڭلىق شىركەتكە ئايلاندۇق. بۇ پۈتۈنلەي خەلقىمىزنىڭ قوللاپ قۈۋەتلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭ پۇتبۇل ئەزىمەتلىرى، جۈملىدىن قەشقەر پۇتبۇل ئەزىمەتلىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز، جۇملىدىن مەملىكەتلىك تۈرلىك مۇسابىقىلەردە چىمپىيۇن بولۇپ، ۋىلايتىمىزگە شان شەرەپ كەلتۈردى. ئىلگىرى بىز نۇرغۇن قېتىم قەشقەر پۇتبۇل ئەزىمەتلىرىنى ماددىي مەنىۋى جەھەتتىن قوللىغان ئىدۇق. بۇندىن كىيىنمۇ شىركىتىمىز داۋاملىق تەنتەربىيە، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت،ساخاۋەت ئىشلىرىغا ياردەم بىرىشنى ئۆزىنىڭ بۇرچى دەپ بىلىپ، ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، خەلقىقىمىزنىڭ بىزنى قوللىغانلقىغا رەھمەت ئېيتىمىز».
مۇسابىقە تەشكىلى ھەيئىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرىدىن ئۇقۇشىمىزچە، ھەر شەنبە، يەكشەنبە كۈنىلىرى  شەھەر ئاھاللىرى، پۇتبۇل ھەۋەسكارلىرى، مۇسابىقە كۆرۈشنى خالايدىغان كىلىپ مۇسابىقە كۆرسە ھېچقانداق ھەق ئېلىنمايدىكەن.
3.JPG
1.JPG
5.JPG
6.JPG
7.JPG
8.JPG
4.JPG
9.JPG
10.JPG
  

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

قەبرەمگە سەپەر---شەجەرىم

5

تېما

2971

يازما

2976

جۇغلانما

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 82336
يازما سانى:
2971
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
8485
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
2376 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-7-1
ئاخىرقى:
2016-3-30
ۋاقتى: 2016-3-6 12:08:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى  بوپتۇ  ..     ئەلنۇر شىركىتىگە ۋە  ئىسكەندەر  ( بۇندىن نەچچە يىللار ئىلگىرى  ئىسكەندەر لوڭقىسى پۇتبۇل مۇسابقىسى ئۆتكۈزگەن ،ساخاۋەتلىك زات)  ئەپەندىگە  ئۇتۇق،  تىجارىتىگە بەركەت تىلەيمەن.

ھەممە  ئۆز ئەسلىگە -تەبئىيلىكىگە قايتقانغا ئوخشاش ،ئىنسان تۇپراقتىن يارتىلىپ ، تۇپراققا قايتقۇچىدۇر___شەجەرىم.

6

تېما

46

يازما

52

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 59094
يازما سانى:
46
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
3678
تۆھپە :
140
باھا :
123
توردا:
116 سائەت
تىزىملاتقان :
2011-10-5
ئاخىرقى:
2016-3-6
ۋاقتى: 2016-3-6 14:12:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ئاخشى ئىش بوپتۇ . ئەمما توپا يېغىۋاتىدۇ ...

2

تېما

2041

يازما

2043

جۇغلانما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 82554
يازما سانى:
2041
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
7822
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
1307 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-7-6
ئاخىرقى:
2016-3-31
ۋاقتى: 2016-3-8 22:16:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋۇ ۋىۋىسكىنى ئىشلەپ بەرگەنلەردىن ئىش ھەققىنى ئازراق تۇتىۋالسا بولغۇدەك

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|قاماقخانا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى ( 黔ICP备15011399号 )

GMT+8, 2016-4-1 03:50 PM, Processed in 0.141607 second(s), 29 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.
شىنجاڭ مىسرانىم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش