بۇ يازمىنى ئاخىرىدا خانقورا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-3-6 11:58 AM ) Q5 V6 T. s/ I' m7 w
1 f5 c$ v+ d6 R' F/ w5 C
توردىكى سەۋدايىنىڭ مۇھاببەت ھىكايىسى
) L$ _6 Y2 C3 w* t6 l+ j8 \ (ئابابەكىرى ئىزگۈ)
: K* k* P# w ^# b( e
ئادەم ھاياتىدىكى بەزى ئىشلارغا ئامال قىلالمايدىكەن، مەن ھەرقانچە كۈچلۈك ،ھەرقانداق ئىشقا بەرداشلىق بىرەلەيمەن ، شۈنچە كۈتۈرۈشچان … دىگەنلەرمۇ ۋاقتى كەلسە ئاجىز كېلىپ قالىدىكەن، مەن ئەسلى شۇنداق غۇبارسىز ، شۇنداق سەبىي ،غەم - ئەندىشىسىز بىر ۋاپادار ئۇغۇل ئىدىم، ئەتراپىمدىكى دوسلۇرۇم ،تۇققانلىرىم ،ھەتتا ساۋاقداشلىرىم بىلەنمۇ شۇنداق يېقىن ئۈتەتتىم، ھەممە ئادەمنىڭ ھەۋىسى كەلگۈدەك يېقىن دوسلۇرۇممۇ بولغان ، … ھەي…! شۇنداق خۇشال كۈنلىرىمنىڭ،ھەممە ئىشقا قىزىقىدىغان مىجەزىمنىڭ قىزىقتۇرشى بىلەن ئاستا-ئاستا مەنمۇ باشقىلارغا ئوخشاش ،توردىكى رەڭدار ھاياتنىڭ ئىشتىراكچىلىرى قاتارىدىن ئۇرۇن ئېلىپ ئۆزۈمنى ناھايىتى خۇشال سىزىشكە باشلىدىم،كۈندە تورغا (QQ)غا چىقمىسام كۈنۈم ئۆتمەس بۇلۇپ قېلۋاتاتتى، تورغا چىقمىسام خۇددي بىر نەرسەم كەمدەك بىلنىپ شۇنچە بىئارام بۇلاتتىم،شۇنداق قىلىپ مەن تور(QQ)دا پاراڭلىشىىشقا ئەسىر بولدۇم،دەرىسلەرمۇ ئانچە خوشياقماس بولدى، دوسلار بىلەن بىرگە ئويناش ، كوللىكتىپ پائالىيەت دىگەنلەردىنغۇ ئېغىز ئىچىش مۇمكىن ئەمەس … شۇنداق قىلىپ تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئاخىرقى يىللىرى كەلگىچە توردىكى خىيالى دۇنيانىڭ قەھرىمانى بۇلۇپ دۇنيادا خۇددي پەقەت مەنلا باردەك ،يالغۇز باشقىلارغىمۇ ئارلاشماي يۈردۈم، بۇ ئەھۋالىمنى كۆرۋاتقان ،ماڭا نەسىھەت قىلىپ ھارغان دوستلىرىم ،ئۇقۇتقۇچىلىرىمنىڭ مىنىڭ بۇ ئىشىمغا قىلمىغان ئامالى قالمغان ئىدى، نەچچە قېتىم قول تىلفۇنۇمنى تارتىۋالغان بولسىمۇ مەن يەنە ھەر ئاماللارنى قىلىپ يەنە تورغا چىقتىم، تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكى توغۇرلۇق ماڭا نۇرغۇن نەسىيەتلەرنى قىلدى، بىراق ماڭا بۇ گەپلەر قۇلىقىمغا ياقىدىغاندەك ئەمەس ئىدى، شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھاجى تاغامنىڭ تۈگەپ كىتىشى مىنى بىر چۈشتىن، يەنى توردۇنياسىدىن ئويغاتقان كۈنۈم بوپ قالدى، ھاجى تاغام مەن ئەڭ ياخشى كۆردىغان ئادەملەرنىڭ بىرى ئىدى ،كىچىكىمدە دادام مىنىڭ پالاكەتلىك قىلىپ بىر نەرسىلەرنى چېقىپ قويغىنىمنى بىلسە مىنى ئۇرماقچى بۇلۇپ قوغلايتتتى، دەل شۇ چاغدا مەن بىزگە قوشنا ئولتۇردىغان ھاجى تاغامنىڭكىگە چىقىۋالاتتىم، ھاجى تاغام دادامنىڭ ئاكىسى بولغاچقا دادام ئۇنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ مىنى ئۇرمايتتى، بۇنداق دىسەم خاتا چۈشەنمەڭلار دادام مىنى كىچىك بولغاندىكىن يامان ئۈگىنىپ قالمىسۇن دەپ قوغلاپ قۇيدىكەن، بىراق زادىلا ئۇرمايتتى، … شۇنداق بۇلۇپ ھاجى تاغامدىن ئايرىلىپ ئۇنىڭ دەپنىسىنى قىلىپ نەزىرىلىرىنى ئۆتكۈزۈپ دىگەندەك ئارىدىن ئىككى ھەپتە ۋاقىت ئۆتتى ،بۇ ئىشلار سەۋەبلىك مەن تورغا چىقمدىم، ھەممە ئىشلار تۈگەپ مەكتەپكە باردىم، مەكتەپتىكى ساۋاقداشلىرىم ئۇقۇتقۇچىلىرىم ئائىلىمىزدىكى ئىشنى بىلگەچكە ھەممىسى ماڭا سەۋىر قىلىشنى ئەمدى تىرشىىپ ،كەلگۈسى ئۈچۈن كۆرەش قىلىشم كىرەكلىكى ، … ئۇلار ماڭا شۇنداق ئىللىق نەسىھەت قىلىشتى ،مەن ئىدىيەمدە چوڭ ئۆزگىرىش ياساپ ،ئۆزۈمنى شۇ كۈندىن باشلاپ ئۆزگەرتىشكە باشلىدىم، ئارىدىن مانا ئىككى ئاي ۋاقىت ئۆتتى ،ھازىر مىنىڭ نەتىجەم ئىلگىركى سىنىپنىڭ ئالدىقى بەشنىڭ ئىچىگە كىردى، جاپاكەش ئۇقۇتقۇچىلار ،مىھرىبان ئاتا-ئانام مىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىمدىن خوشال ئىدى،مەنمۇئۆزەمنى يالغۇز ھېس قىلماس بولدۇم، … ئۇھ …!مانا ھازىر مەن بىر ئالىي مەكتەپ ئۇقۇغۇچسى ،بىر زىيالي بۇلۇپ قالدىم، ئەمما ئالىي مەكتەپتىكى دەسلەپكى يىلىدىكى،يالغۇزلۇق ياتسىراشلار مىنى يەنە تور دۇنياسىغا ياندۇرۇپ كىردى، مەن بۇ قېتىم ئۈزۈمنى توردۇنياسىداتەرەققىي قىلدۇرماقچى بولدۇم ،نۇرغۇن ياخشى نەرسىلەرنى كۆردۈم،…شۇنداق زىركىشلىك كۈنلەرنىڭ بىرىدە تۇيۇقسىز سىرداشلار نامىدىكى بىر توپتىن بىر قىزنى ئۇچرىتىپ قالدىم ،ئۇنىڭ توپتىكى پاراڭلىرىنى كۆرۈپ ئولتۇرۇپ ئۆزۈممۇ ئۇقمايلا توپتا «ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم سىرداش ئۇماقلار ، مىنىمۇ ئاراڭلار غا قېتىۋالساڭلار بۇلامدۇ ?…»بۇ خەتنى يوللاپ بۇلۇپ سەل خىجىل بوپ قالدىم، چۈنكى مەن باشتا تەشەببۇسكار گەپ قىلماي باشقىلارنىڭ پارىڭى ئارسىغىلا بۇنداق گەپ قىلشنىڭ ياخشى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم بىراق ئېيتىلغان گەپ ئېتىلغان ئوق ئۇنى قايتۇرغىلى بولمايتى، ئۇقىز«ۋەلەيكۇم ئەسسالام، ماراقچى ئەپەندى…»بۇ خەتنى كۆرۈپ خىجىللىقتا كىرگىلى تۆشۈك تاپالماي قالدىم، يەنە بىر تەرەپتىن تازا ئاچچىقىم كەلدى،شۇنداق بولسىمۇ چىداپ تۇرۇپ« خەپ »دەپ قۇيۇپ ئۇ توپتىن چىقىپ كەتتىم ،دەل شۇ چاغدا ماڭا بىر يىڭى دوسىت قېتىۋېلىش ئۇچۇرى كەلدى، قارىسام بايامقى قىز ئىكەن ،ئۇنىڭ تورنامى« ئەسكى ئاچاش» بۇلۇپ ماڭا تازا كۈلكىلىك تۇيلىۋاتاتتى،توۋا خۇدايىم مۇشۇنداقمۇ غەلىتە قويۋالامدۇ?… ئۇ ئۇچۇرنى كۆرمەسكە سېلىپ تۇرسام ئۇ قىز ماڭا ئۇ ئۇچۇرنى يەنە ئەۋەتتى، تازا جىلە بۇلۇپ ئۇنى قوشتۇم، بىراق قىسقىسى مىنىڭ ھازىر بۇ «ئەسكى ئاچاش »نىڭ ماڭا نىمە دەيدىغانلىىغا تازا قىزىقىپ قېلۋاتاتتىم،
/ g( I6 n; V( K+ h5 f0 g
8 D; s( i4 b" B9 R/ O6 N
4 u" n# G# `/ e: L (داۋامىغا قىزىقسىڭىزنەزىرىڭىز[توردىكى سەۋدايىنىڭ مۇھاببەت ھىكايىسى]2-قىسىمدا بولسۇن)
5 }! i& d1 ]$ P7 y% V/ [7 b5 B
1 F) _# D+ S, ^: t+ _' Q3 D
ئىزگۈئەسەرلىرى”
% }6 y8 l6 a$ r/ |$ w