ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى چاۋشيەننى جازالاش قارارىنى ماقۇللىدى، جۇڭگو قوللاش بېلىتى تاشلىدى! q% ]& \+ X$ ?6 j' Z: _
بېيجىڭ ئەتىگەنلىك گېزىتى خەۋىرى، بايكۈچ تەرجىمىسى
. i1 j" S, D0 h: h4 [! g
0 F( C8 J+ V: \1 x: v: N
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى 2-مارت قارار ماقۇللاپ، بىر تۈركۈم جازالاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش ئارقىلىق چاۋشيەننىڭ يادرو تېخنىكىسى ئېچىش پىلانىغا قارشى تۇرۇشنى قارار قىلدى.
7 A F- [- D! L; x* `) O
يېڭى قارار گەرچە چاۋشيەنگە يۈرگۈزۈلىدىغان يېڭى جازا تەدبىرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالسىمۇ، ئەمما ئومۇمىي گەۋدىسى تەڭپۇڭ، نىشانى ئېنىق. جۇڭگو ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى دائىمىي ئەزا دۆلەت بولۇش سالاھىيىتى بىلەن قوللاش بېلىتى تاشلىدى.
6 Y+ a( c5 D' Q) a Iچاۋشيەن 6-يانۋار يادرو سىنىقى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى جاكارلىغان، بۇ چاۋشيەننىڭ 2006-يىلدىن بۇيان 4-قېتىم يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشى ھېسابلىنىدۇ. 7-فېۋرال چاۋشيەن يىراق مۇساپىلىك راكىتا ئارقىلىق بىر سۈنئىي ھەمرا قويۇپ بەردى. ئۇندىن كېيىن ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى بايانات ئېلان قىلىپ، چاۋشيەننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى. شۇنداقلا يېڭى قارار ماقۇللاپ مۇھىم تەدبىرلەرنى قوللىنىپ قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
$ E* \; R6 [% B; eجۇڭگو نېمە ئۈچۈن چاۋشيەننى جازالاش قارارىنى قوللايدۇ؟
2 }! E8 F5 x ?/ c; }7 A
بىرىنچىدىن، دۇنيا مىقياسىدىن قارىغاندا چاۋشيەن ب د ت نىڭ قارارلىرىغا كۆپ قېتىم خىلاپلىق قىلىپ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى. رايون قاتلىمىدىن قارىغاندا، چاۋشيەن ھەر قايسى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ يادرو مەسىلىسىگە چېتىشلىق نۇرغۇن كۆپ تەرەپلىك ياكى ئىككى تەرەپلىك كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ تىنچلىقىغا تەھدىت بولدى، شەرىقى شىمالى ئاسىيا ۋەزىيىتىگە ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلدى.
: C2 v; H) |7 K# e6 g
يۇقارقىلارغا ئاساسلىنىپ شەرىقى شىمالى ئاسىيا ھەتتا پۈتۈن دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداش مەقسىتىنى چىقىش قىلغاندا جۇڭگو ب د ت نى قوللاپ، چاۋشيەننىڭ يادرو سىنىقى قىلىشىغا ۋە سۈنئىي ھەمرا قويۇپ بېرىشىگە قارىتا زۆرۈر ھەم مۇۋاپىق ئىنكاس بىلدۈردى، بۇنىڭدىكى مەقسەت چاۋشيەننىڭ يادرو قورالىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا داۋاملىق مېڭىۋېرىشىنى توسۇش. جۇڭگو ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى دائىمىي ئەزا دۆلەت بولۇش سالاھىيىتى بىلەن، خەلقئارالىق تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكنىڭ مۇھىم مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
1 A5 {5 ]) E! F$ v& q- w/ r5 H+ Vئىككىنچىدىن، جۇڭگونىڭ بۇ يېڭى قارارنى قوللىشى چاۋشيەننىڭ يادرو قورالىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانىنى توسۇش ئۈچۈن بولۇپ، بۇ ھەرگىزمۇ چاۋشيەن خەلقىگە قارىتىلمىغان.
! g: J" ^! G% v5 P2 ?- m
ئۈچىنچىدىن، جۇڭگونىڭ يېڭى قارارنى قوللىشى چاۋشيەن يادرو مەسىلىسىنى قايتىدىن سۆھبەتلىشىش يولىغا قايتۇرۇپ ئەكىلىش ئۈچۈندۇر.
3 ^/ Y/ P) b1 u4 H Nگەرچە يېرىم ئارال يادرو مەسىلىسىنىڭ سەۋەبى جۇڭگودا بولمىسىمۇ، ئەمما جۇڭگو تەرەپ باشتىن ئاخىر ئادىل مەيداندا تۇرۇپ ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ يولى ئۈستىدە ئاكتىپ ئىزدىنىدۇ.
W2 I, y' R! }5 s) m5 p
جۇڭگو ھەر قايسى تەرەپنىڭ قايتا سۆھبەتلىشىشتىن، يېرىم ئارالنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاش مەسئۇلىيىتىدىن ۋاز كەچمەسلىكنى قايتا قايتا تەكىتلىدى. جۇڭگو تەرەپ ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ قايتا سۆھبەتلىشىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، چۈنكى پەقەت سۆھبەتلىشىشلا مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر توغرا يولى.
' k, i" a% G0 u% @" j6 Z
جازالاشنىڭ كونكېرت تەدبىرلىرى قايسىلار؟
" \; ^" B4 S; y6 t7 O
ئامېرىكا 25-فېۋرال ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە چاۋشيەننى جازالاشقا مۇناسىۋەتلىك كېڭەيتىلگەن قارار لايىھىسىنى رەسمى سۇندى، ئامېرىكا بۇنى 20 يىلدىن ئارتۇقراق ۋاقىتتىن بۇيان ب د ت نىڭ چاۋشيەنگە يۈرگۈزىدىغان ئەڭ قاتتىق جازاسى دەپ تەسۋىرلىدى.
; T! M% R% Z" a
لايىھە مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:
( g8 U" F. ^! X! t
ب د ت ئەزا دۆلەتلىرى چاۋشيەننىڭ بارلىق ئىمپورت ئېكىسپورت ماللىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈشى زۆرۈر.
; E- U( z6 l5 \, ?; j
بۇ قېتىمقى جازالاشنىڭ ئوبېكتى يادرو قورالى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەتقىقاتىغا مۇناسىۋەتلىك 17 نەپەر چاۋشيەنلىك ۋە 12 كوللېكتىپ، چاۋشيەن دۆلەتلىك ئالەم بوشلۇقى تەتقىقات ئىدارىسىمۇ مۇشۇنىڭ ئىچىدە بولۇپ، چاۋشيەن دېڭىز ئوكيان باشقۇرۇش شىركىتى ئىلكىدىكى 31 پاراخوت قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلىدۇ.
0 i c6 r5 W+ F' D" {' [( |6 W: p0 W, P
چاۋشيەننىڭ مەنئىي قىلىش بۇيۇملىرى تىزىملىكى كېڭەيتىلىدۇ، چاۋشيەننى ئاۋىئاتسىيە يېقىلغۇلىرى ۋە راكىتا يېقىلغۇلىرى بىلەن تەمىنلەش مەنئىي قىلىنىدۇ، قانۇنسىز بۇيۇملار قاچىلانغان چاۋشيەن پاراخوتلىرىنى پورتقا ئەكىرىپ توختىتىش مەنئىي قىلىنىدۇ، چاۋشيەننىڭ قورال ياراغلارنى ئىمپورت ئېكىسپورت قىلىشى مەنئىي قىلىنىدۇ.
) m8 B' W: P1 }# r8 r( v+ g
چاۋشيەننىڭ سىرت بىلەن كۆمۈر، تۆمۈر رۇدىسى، ئالتۇن، تىتان، سىرەك قاتارلىق كان بايلىقى مەھسۇلاتلىرى سودىسى قىلىشى مەنئىي قىلىنىدۇ.
) |: Q% _/ t* k5 n {0 w* lپۇل مۇئامىلە ساھەسى جەھەتتە، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ چاۋشيەن بىلەن يادرو پىلانى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىلانىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان مەبلىغى توڭلىتىلىدۇ، چاۋشيەن بانكىسىنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەردە يېڭىدىن تارماق ئورگان ۋە ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرىنى تەسىس قىلىشى مەنئىي قىلىنىدۇ. ئەگەر چاۋشيەن تەرەپ قانۇنسىز بانكا سودىسى بىلەن شۇغۇللانسا، مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر چاۋشيەن دېپلوماتىيە ئەمەلدارىنى چىگرىدىن قوغلاپ چىقىرىدۇ.
# l! S G* Q1 Q! y% ?+ Y
مەنبە: بايكۈچ تورى (www.baykuq.com)9 V3 A% e; V: [. k
; v& J8 U4 k& t* J) j+ s