-3قىسىم ؛
( D4 j. J4 K J2 ]( {1 B& N. U+ `: X$ D6 R/ B) L$ s" b8 _) p4 \ w, p
-ئەلۋەتتە مەن بۇ كۆڭۈلسىزلىكلەرنى سىلەرگە دەپ سىلەرنىڭمۇ كۆڭلىڭلارنى بۇزمىسام بولاتتى ، ئەمما مەرداننىڭ سۆزلىرى مېنى ھەيران قالدۇردى ، چۈنكى ئۇمۇ ماڭا ئوخشاش ۋەھىمە ھەم قورقۇنىچ ئاستىدا ياشاۋىتىپتۇ ،ھەم سىلەر بايا گىپىنى قىلغان قۇربان مۇئەللىم مېنىڭ دادام بولىدۇ . بۇ گەپنى ئاڭلاپ مەرداننىڭ مىڭىسى پارتلاپ چىقىپ كەتمىدى ، يۈرۈكى سوقۇشتىن توختاپ قالمىدى يۇ شۇنچىلىك ھەيران قالدى ، ئۇ نىڭ بايا ئەلىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ‹بۇ قانداقسىگە مۇمكىن بولسۇن ؟›دىگىنى بىكا ئەمەسكەندە ، دىمىسىمۇ بەزى مۇئەللىملەرنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ياخشى بولماي قالىدۇ ، ئەمما بۇ ئۇنىڭ چۈشلىرىگە كىرىپ مەرداننى بۇنچە قورقۇتىشىغا سەۋەب بولالمايدۇدە ، ئايگۈل مەندىن گۇمانلىنىپ قالغانمىدۇ ؟ ناۋادا دادىسىنىڭ مېنىڭ قولۇمدا ....مەردان يەنە بىر قېتىم ئەندىكىپ كەتتى ، بەدەنلىرى يەنە قايتا تىترەشكە باشلىدى .ئۇ ئىچىدە ،ئۇنى بارغانسىرى ياخشى كۆرۈپ قېلىۋاتىمەن ، ناۋادا ئۇ بۇ ئىشلارنى بىلىپ قالسا مېنى ياخشى كۆرۈش تۈگۈل مەندىن نەپرەتلىنىشى ، مەندىن ئۆچ ئېلىشى ياكى ساقچىغا تۇتۇپ بېرىشى مۇمكىن ، قايسى بىر پەرزەنىت بولغۇچى ئۆز دادىسىغا زىيانكەشلىك قىلغان ئادەمنى كەچۈرىدۇ .
" d8 ^- l: g# C. m* z1 ^5 Q' }; F4 Z; J
-سەنمۇ ھەيران قالدىڭمۇ مەردان ، چۈنكى بۇرۇن مەن بۇ ئىشلارنى ساڭا دىمىگەنىدىم ..# k& b3 Q' J2 ^6 y
ئايگۈل شۇنداق دەپ مەردانغا تىكىلدى .
& j0 M% k" l% k% l5 N2 s8 A-ھەئە بۇرۇن ھەجەپ بۇ ئىشلارنى ماڭا دىمىگەنىدىڭىزغۇ ، داداممۇ بۇ ئىشلارنى ماڭا دىمىگەن ، ئەجىبا داداممۇ بۇ ئىشلارنى بىلمەمتى ؟مەردان چاندۇرماسلىق ئۈچۈن شۇلارنى دېدى .
-داداڭ بەلكىم دادامنى تۇنۇشى مۇمكىن ، ئەمما ئۇنىڭ مېنىڭ دادام ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ ، مەنمۇ ئۇنىڭ دادام ئىكەنلىكىنى نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا بىلگەن ئەمما ئۇنىڭغا دىيىشكە ئۈلگۈرمەيلا بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشتى . 2 y, v+ k% T q- x
مەرداننىڭ بۇ سۆزلەردىن قانچىلىك ھەيران قالغىننى قەلەم بىلەن تەسۋىرلىمەك قىيىن ئىدى .9 L. h4 f/ t2 s- B+ L7 u* A
ـــ بۇ مۇمكىنمۇ ؟ كەم – ئارتۇق 20 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان بۇ قىز دادامنى ئۇزۇن يىل كۆرمىگەن ، ئەمدى تاپقانىدىم دىسە ، كىم ھەيران قالمايدۇ ، ناۋادا ئۇ مېنىڭ ئۇنىڭ دادىسىنىڭ قاتىلى ئىكەنلىكىمنى بىلسە مېنى كەچۈرەرمۇ ؟ مەن بىلەن بۇرۇنقىدەك دوست بوپ ئۆتەرمۇ ؟ مېنىڭ كۆڭلۈمنى قۇبۇل قىلارمۇ ؟مەردان توختىماي ئۆزىدىن شۇ سۇئاللارنى سورايتتى .* W$ M# ?) M0 j" t% l1 o
+ o6 Y. w* O$ E. p6 b7 v- مەن پەقەت چۈشەنمىدىم ئايگۈل ، ھەممىنى تولۇقراق سۆزلەپ بەرسىڭىز بوپتىكەن ، ماقۇلمۇ ؟ئەلىمۇ ئۇنى مۇئەللىم دىمەستىن ئۇدۇللا ئايگۈل دەۋەتتى . بۇ ھەممەيلەنگە سەل غەلىتە تۇيۇلماقتا ئىدى .# i2 s, Y2 @2 |
; m* @: C4 {5 c% {6 S9 s-بۇ ئىنتايىن غەلىتە ئىش،ئاڭلىغۇڭلار بولسا سۆزلەپ بېرەي، ئەمما بۈگۈن ۋاقتىمىز توشۇپ قالدى ، خالىساڭلار ۋاقتىڭلار بولسا چۈشتىن كېيىن كۆرۈشسەك شۇ چاغدا سۆزلەپ بېرەي ..
-ۋاقتىمىز بار ، شۇنداققۇ ئەلى ، مەردان ئۇنىڭغا مەنىلىك قارىدى .
! a8 Q1 t6 v0 o0 t: x( F
/ A6 x9 M+ x. j" b$ r* [0 }- ئەلۋەتتە ، ئەلىمۇ كۈلۈمسىرگىنىچە بېشىنى لىڭىشتتى ، ئۇلار چۈشتىن كېيىن سائەت 2:00 دە يېقىن ئەتراپتىكى بىر قەھۋەخانىدا كۈرۈشىدىغان بولۇپ خوشلاشتى . ئاپىسى كۆكتات سېتىۋالغىلى ، دادىسى سودا ئىشى بىلەن چىقىپ كەتكەچكە ، مەردان بايىقى ئەھۋالىنى ئۇلارغا ئېيتماسلىقنى ئەلىگە قاتتىق جىكىلەپ ئۇنىمۇ ئۇزۇتۇپ قويدى .ئەمما كاللىسىدا تۇمەنلىگەن چىگىش خىيال ،ئۇ شۇ تۇرقىدا ، دادام بولغان بولسىمۇ سوراپ باقاتتىم ، ئەمما ئۇ بىر چىقىپ كەتسە نەچچە كۈندە قايتىپ كېلىدىغىنىنى بىلگىلى بولمايدۇ ، يەنىلا ھەممىنى ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغىنىم ياخشى ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ سائەتنىڭ تېزراق توشىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتتى .
; d6 j0 ?% A2 J' T( _ناۋادا ئۇمۇ مېنى ياخشى كۆرسە ئىدى ھەممىنى ئۇنىڭغا ئېيتىپ چوقۇم كەچۈرۈم سورايتتىم ،ئۇمۇ مېنى چوقۇم كەچۈرۋىتەتتى ، ئۇنىڭ كاللىسىغا شۇ خىياللارمۇ كېلىپ قالاتتى .
6 p* ?/ t. [9 i8 }" _9 Eساقلاپ – ساقلاپ مەردان كۈتكەن ۋاقىتمۇ ئاخىرى يېتىپ كەلدى ، ئۇ قەھۋەخانىغا چىقىپ كۆردىكى ئايگۈل ئەلى بىلەن ئۆزىنى ساقلاپ ئولتۇرۇشقانىكەن ، سالاملاشقاندىن كېيىن ئايگۈل سۆزىنى باشلىدى .! Z) X/ ~6 }! H+ T1 v
# ?1 F8 n$ {) i. N- [
ئېسىمنى بىلسەم بىز يىراق بىر يېزىدا تۇرراتتىكەنمىز ، ئاپام شۇ يېزىدىكى بىر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئىدى ، دادام بولسا يېزىنىڭ ساقچىسى ئىدى ،ئۆيىمىزدە يەنە ياشىنىپ قالغان بوۋام موماملارمۇ بار ئىدى ، مەن يېزا ئۆستەڭلىرىدە سۇغا چۆمۈلۈپ ، دوستلىرىم بىلەن مەھەللىمۇ – مەھەللە مۆكۈشمەك ئويناپ شۇنچىلىك غەمسىز ئۆتەتتۇق، سەككىز –توققۇز ياشلارغا كىرگەن ۋاقىتلىرىمدا بوۋام ئېغىر كېسەل بولۇپ يېتىپ قالدى ،ئۇنىڭ ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ قالغان بولۇپ ئۇ بۇرۇنلا كېسەللىك ئەھۋالىنى بايقيىغان بولسىمۇ بىزگە يۈك بولۇشىنى خالىماي بىزگە ئېيتمىغانىدى ،شۇندىن بۇيان ئۆيىمىزنىڭ خۇشاللىقى
1 N% I5 q1 n' f7 O0 D, V يوقالدى ، بوۋامنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىدىغانغا ئاز پۇل كەتمەيتتى ، شۇندىن كېيىن بارا –بارا ئائىلىمىز ھالسىزلاندى ، كۈنىمىز تەسلەشتى ،گەرچە ئائىلىمىز خىزمەتچىلەر ئائىلىسى بولسىمۇ كېيىنچە ئىنتايىن غۇربەتچىلىكتە كۈن ئۆتكۈزىدىغان ھالغا چۈشۈپ قېلىۋاتقىنىنى ھېس قىلدىم . دادامنىڭ ئازغىنە مائاشى ياشانغان بوۋام –مومامنىڭ دورا – ھەم تەكشۈرۈش ھەقلىرىگە ئارانلا يېتەتتى ، ئۇنىڭ ئىنىسى يەنە مېنىڭ تاغامنىڭ ئۆي بىلەن پەقەت كارى يوق ئىدى ،داداملار ئۇنى مىڭ تەستە تولۇق ئوتتۇرغىچە ئوقۇتقىنىدا ئۇ ئوقۇشقا قىزىقماي قايتىپ كېلىۋالغانىدى ،ئاپام ئالىي مەلۇماتلىق ئوقۇتقۇچى بولغاچ ئۇنىڭغا ئالىي مەكتەپنىڭ دەرىسلىرىگىچە تولۇق ئۆگەتكەچكە ئۇنىڭ بىلىم سەۋىيەسى ئاپامدىن قېلىشمايتتى ، ئەمما ئۇ يېزىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشنى خالىمايتتى ، ئاپام مىڭ تەسلىكتە ھەل قىلغان ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىنى ياراتمىغانىدى ، ئۆيگىمۇ ۋاقتىدە قايتمايتتى ، تېخى بوۋام – مومامنىڭ يىغىپ قويغان پۇللىرىنى ئېلىۋىلىپ ھاراق – تاماكا بىلەن تىگىشەتتى ، بەزىدە مېنىڭ يىغىپ ساقلىغان ئازغىنە پۇللىرىمنى ئېلىۋالسىمۇ ئەمما ئۇ ماڭا بەكلا ئاقكۆڭۈل كۆرىنەتتى ھەم ماڭا بەكلا ئامراق ئىدى ، مەنمۇ ئۇنىڭغا ئامراق ئىدىم .3 b0 k) \0 s; v2 S5 h
بىز ئاپامنىڭ ئازغىنە مائاشىغا تاينىپلا ئۆيىمىزنى قامداپ كېلىۋاتاتتۇق ، ئۇزۇن ئۆتمەي بوۋام قازا قىلىپ كەتتى ، بۇنڭ سەۋەبى بىزدە يىتەرلىك پۇل بولمىغانلىقتىن بوۋامنى توللۇق داۋالىتالمىغانىدۇق ،دادام – ئاپام، موماملارنىڭ ئازاپلىنىشلىرىنى دىمەيلا قۇياي ، ئاتا – ئانىسى بىلەن ئانچە كارى بولمايدىغان تاغامنىڭمۇ يۈرەكلىرى لەختە – لەختە بولۇپ كەتكەنىدى ، مەن ئۇنىڭ بىر كۈنى ئۆيىمىزدىن يىراق بولمىغان ئۆستەڭ بويىدا يىغلاپ تۇرۇپ :1 |: N% l# a; K" ?2 s/ q9 l5 R
) d9 R" k" w8 a
-ئەي تەڭرىم ، سەن بىزگە نېمانچە ئادالەتسىزدۇرسەن ، دادامنى داۋالىتالمىدىم ، ئۇنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە قاراپ تۇردۇم ، مەنمۇ ئوغۇل بالىمۇ ؟ بۇ زادى نېمە ئۈچۈن ؟ ياق مەن چوقۇم ئۆزۈمنىڭ ئائىلەمنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشىم كېرەك، دەۋاتقىنىنى ئاڭلىدىم.
9 J' X, N( I6 E! j5 \
" f7 r9 \, \# k! m. o# R-ئۆيگە كىرىپ قاتتىق يىغلىدىم ، يىغلاپ يىغلاپ ئۇخلاپ قاپتىمەن ، بىر چاغدا ئويغانسام يېنىمدىلا بىر پارچە خەت تۇراتتى ، خەتنى ئېلىپ ئوقۇدۇم خەتكە مۇنۇلار يېزىلغانىدى :
5 K: f/ L2 W) L; |9 l1 {" `* w2 T
ئۇماق سىڭلىم ئايگۈل ، مەن بۇ يەردىن يىراقلارغا كەتتىم ، كېتىشىم جاپادىن ياكى مەلۈم بىر ئىشلاردىن قوررققىنىمدىن ئەمەس ، بەلكى پۇل تېپىش ئۈچۈن ، دادام مەن خاتالىق ئۆتكۈزسەممۇ ،مەن ئۇنىڭدىن ئالغان پۇللارنى قالايمىقان يوللارغا ئىشلەتسەممۇ ماڭا ئاچچىقلىناتتى يۇ ئۆزىنى ئەيىپلەيتتى ، ئەمما مەن دادامنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە ، ئاپام ، ئاكاملارنىڭ شۇنچە ئازاپلىنىشىغا قاراپلا تۇردۇم ، ئىككى يىلدىن كېيىنكى مۇشۇ كۈندە مەن نۇرغۇن پۇل تېپىپ قايتىپ كېلىمەن، سىز چوقۇم بۇ ئىشلارنى ئۇلارغا دەپ ئۇلارغا چۈشەندۈرۈڭ ، ئۇلار مەندىن ئەنسىرمىسۇن ، ماقۇلمۇ ؟7 I) t0 ~. {. l9 G+ R( N
' Y) e0 c, X* Y; Z- d& C, I- ] d.. تاغىڭىز قۇرباندىن
4 p+ v" l R8 e f* q' N0 K% }$ @$ h% O7 E& O
مەن ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ بۇ خەتنى دادامغا ئاچىقتىم ، دادام خەتنى كۆرۈپ كۆزىگە ئىسسىق ياش ئالدى ، ۋە ماڭا :2 g! B0 ~4 k& n+ E9 l& \) q S
; e+ b. e5 \, N- بوپتۇ قىزىم ، ئۇ شۇنداق نىيەتكە كەلگەن بولسا ئۇنىڭغا بىر پۇرسەت بېرەيلى ، ئۇ بىزنىڭ تەقدىرىمىزنى ئۆزگەرتەلمىسىمۇ ئۆز ھاياتىنى چوقۇم ئۆزگەرتەلەيدۇ ." j/ e) W) D# c/ h* g- S9 `6 J
1 b ?; @: `& M" ?# ^1 K# xشۇندىن كېيىن تاغامنى ئۇچراتمىدىم ، ئۇ ماڭا بەرگەن ۋەدىسىنى ئۇنۇتتىمۇ ياكى يىراقلارغا كەتتىمۇ، يېزىمىزغا قايتىپ كەلمىدى ، يەنە نەچچە يىلدىن كېيىن مومام ئۆلۈپ كەتتى ، ئۇلارنىڭ ئارقا- ئارقىدىن بىزدىن ئايرىلىشى بىزنى قىينايتتى .
0 S+ Y( _- ?$ W' C" j, ~$ m8 Q
0 _6 y, v5 n! Y& z$ nمېنى ئاپام ئۈچ ياش ۋاقتىمدا مەكتەپكە ئەكىلىۋېلىپ ھەر جەھەتتىن تەربىيەلەپ تولۇقسىزنى پۈتتۈرگىچە تولۇق ئوتتۇرىنىڭ بىلىم سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈپ بولغانىدى، مەن تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەندە ئاران 13 ياشتا ئىدىم ، باشقا بالىلارنىڭ قولتۇقىغىلا كېلەتتىم ، مەن شەھرىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ، داڭلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە قۇبۇل قىلىندىم ، سىنىپىمىزدا شۇنچىلىك كىلىشكەن ئېرپان ئىسىملىك بىر ئوقۇغۇچى بار ئىدى ،سىنىپىمىزدىكى ھەممىمىز ئۇنىڭغا بەك ئامراق ئىدۇق ، ئەمما ئۇ باشقىلارغا قارىغاندا ماڭا ئىنتايىن ياخشى مۇئامىلە قىلاتتى ، مېنىڭ يىراقتىكى يېزىدىن كەلگىنىمنى ئاڭلاپ ماڭا دائىم ئۆگۈنۈش بۇيۇملىرى دىگەندەك نەرسىلەرنى سوۋغا قىلىپ تۇراتتى ، مەن دەسلىپىدە ئۇنىڭ سوۋغا قىلغان نەرسىلىرنىڭ بىرىنىمۇ قۇبۇل قىلمىدىم ، ئەمما ئۇ مەن قۇبۇل قىلمىسام كۆز ئالدىمدىلا ئۇ نەرسىلەرنى ھاجەتخانىغا ياكى ئەخلەت ئارىسىغا تاشلىۋىتەتتى ، ئارىدىن بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتتى ، ئۇ شۇ ئىشلىرىنى پەقەت توختاتمىدى مېنىڭ ئۇ نەرسىلەرگە ئىچىم ئاغرىغاچ بارا- بارا ئۇ سوۋغا قىلغان نەرسىلەرنى قۇبۇل قىلدىم ، مەن قۇبۇل قىلسام ئېرپان خۇددى ئالتۇن تېپىۋالغاندەك خۇش بولۇپ سەكرەپ كېتەتتى ، مەن كېيىنچە ئۇنىڭ بىلەن چىقىشىپ قالدىم ،ئەمما باشقىچە ئويۇم يوق ئىدى ، لېكىن ئۇ بىر كۈنى مېنى مەكتەپ سىرتىدا كۆرۈشۈشكە چاقىردى، مەن بۇ يەرگە كېلىپ مەكتەپ سىرتىغا چىقمىغاچ بۇ شەھەرماڭا پۈتۈنلەي ناتۇنۇش ئىدى ، چىقماي دىدىميۇ ئېرپاننڭ كۆڭلىنى ئاياپ كەچتە مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چىقتىم ،
- i0 e! Y8 z- G4 g
# S+ K3 v6 t- \& }- K
ئېرپان مېنى ماشىنىلىق ساقلاپ تۇراتتى ، ئۇ بۇرۇنمۇ مەكتەپكە نەچچە قېتىم ماشىنىلىق كەلگەچكە بۇ ئىشلار ماڭا غەلىتە تۇيۇلمىغانىدى ، ئۇنىڭ تەكلىپ قىلىپ چىڭ تۇرۋېلىشى بىلەن مەن ماشىنىغا چىقىپ بىر ئاشخانىغا كىردۇق ، ئۇ مېنى ئايرىمخانىغا باشلىدى ، ھەم تاماق بۇيرىتىۋېتىپ مەندىن سورىدى:) s% G6 w* |8 {& i7 n* P; `
' i' y1 G9 q) X: O" \2 F- ئايگۈل سىز مېنى ياختۇرامسىز؟ ئۇنىڭ بۇ سوئالىدىن ھەممىنى چۈشەندىم ھەم ھەيران قالدىم ھەم قورقتۇم .3 _: b+ h {4 j6 L
7 n! \% C4 v& w! w' ?-كەچۈرۈڭ ئېرپان مەن سىزنىڭ خىلىڭىز ئەمەس ، ئەمدى بۇ توغرۇلۇق پاراڭلاشمايلى ، گۈل گۈلى بىلەن بولسۇن .ئۇ ئېتىلىپ كېلىپ مېنى قۇچاقلىدى ، ۋە ماڭا :" m/ |) X, z* X* E
2 K7 |( {& ~, p" M5 A* f. J3 E- مەن ئۇنداق ئويلىمايمەن ، مۇھەببەتلا بولسا بۇ ھېچقانچە پەرق ئەمەس ، ئۆتۈنەي مەن سىزسىز ياشىيالمايمەن ، مەنمۇ ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئېرىپ كېتىپ ئۇنىڭغا ماقۇل بولدۇم . ئۇ ماڭا نۇرغۇن ۋەدىلەرنى بېرىپ مېنى مەكتەپ ياتىقى ئالدىغا ئەكەپ قويدى ، شۇندىن كېيىن نۇرغۇن قېتىم ئۇنىڭ بىلەن سىرتقا چىقتۇق ، ئۇ ماڭا يولسىز تەلەپلەرنى قويمايتتى ، مېنى مەن خالىمىغانغا مەجبۇرلىمايتتى ، مېنى خۇددى ئۆز سىڭلىسىنى قوغدىغاندەك قوغدايتتى ، بىر كۈنى ئۇنىڭ بىر قانچە دوستلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ مېنى ئۇ دوستلىرى بىلەنمۇ تۇنۇشتۇرۇپ قويدى ، ئەمما ئۇ مېنى ئۇ دوستلىرىدىن ئېھتىيات قىلىشمغا ئەسكەرتەتتى ، مەنمۇ شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇنىڭ نېمىشقا مېنى ئۇلار بىلەن تونۇشتۇرۇپ قويغىنىدىن ھەيران قالدىم ، ئۇ ھەر قاچان ماڭا شۇنچە ئەستائىدىل ھەم كۆيۈمچان ئىدى، ئاخىرى ئىككىمىزگە كۆز تەگدى، ئۇنىڭ ھېلىقى دوستلىرى شەھەردە ئېقىپ يۈرگەن زەھەر سودىسى شايكىسىنىڭ ئەزالىرى ئىدى . ئېرپان بۇنى ماڭا دىمىگەنىدى ، مەن بىر دوستۇمدىن ئاڭلاپ ئېرپاننى ئىزدىدىم ، ئەمما ئۇنى ھېچ يەردىن تاپالمىدىم ، شۇ ۋاقىتلاردا يېزىمىز ۋە ئەتراپتىكى بىر قانچە يېزىدا يەر تەۋرەپ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىك خەۋىرى يېتىپ كەلدى ، يېزىمىزدىكى يەتتە ئوقۇغۇچى تېزدىن مەكتەپتىن رۇخسەت ئېلىپ يېزىمىزغا قاراپ يول ئالدۇق ، تاكى شۇ چاغقىچە ئېرپاننى ئۇچراتمىدىم ، قايتىپ بارغىنىمدا كۆرگىنىم يېزىمىزنىڭ ۋەيران بولغان خارابىلىقى ، ئاپامنىڭ مەكتەپ بىناسىدا قاپسىلىپ قېلىپ تېپىلمىغىنى ،دادامنىڭ بىر كەنىتكە قۇتقۇزۇشقا بېرىپ قالدۇق يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىدىن يۆتكەلگەن تاش ئارىسىدا قېلىپ ئۆلۈپ كەتكەنلىك خەۋىرى بولدى ، ماڭا بۇ شۇنچىلىك ئېغىر كەلدى ، ماڭا تەسەللى بېرىدىغان ھېچكىمىم بولمىغاچ دەردىمنى ئىچىمگە يۇتۇپ يۈردۈم ، يەنە نەچچە كۈندىن كېيىن ئاپامنىڭ جەسىدى ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ خارابىلىقىدىن كولاپ چىقىرىلدى ، شۇ كۈنلەردە مەن ئۆلىۋىلىشنى ئويلىدىم ، كەلگۈلۈكنىڭ ھەممىسى ماڭىلا
كېلەمدىغاندۇ ، مەن شۇنچە تەلەيسىزدۇرمەنمۇ ؟ پۈتۈن خىيالىم شۇ ئىشتىلا ، ئاخىرى ئۆلىۋىلىشنى نىيەت قىلىپ ئۆيۈمنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم بولسىمۇ كۆرىۋېلىشنى ئويلاپ ئۆيگە كەلدىم ، بۇ ۋەيران بولغان ئۆينى ئارلاۋىتىپ ئاپامنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى ئۇچراپ قالدى ، خاتىرىنى ئېلىپ ۋاراقلىدىم ،خاتىرىگە ئاپامنىڭ ھەر بىر كۈندىكى ، ھەر بىر مۇھىم ئىشلىرى توللۇق خاتىرلەنگەنىدى ., g% T. o: i. m/ O7 P3 k
' u$ y5 S/ C$ Pشۇلار ئارىسىدىن ئون نەچچە يىللار بۇرۇنقى بىر ئىش دىققىتىمنى تارتتى ، ئۇنىڭدا ئۆزىنىڭ تۇغماس بولۇپ قالغانلىقى سەۋەبلىك دادام بىلەن ئىككىسىنىڭ بىر قىزنى بېقىۋالغانلىقى ، ئۇ قىزنىڭ دەل دادامنىڭ ئىنىسى قۇرباننىڭ تولۇق ئوتتۇردا ئوقۇۋاتقاندا بىر قىز بىلەن ئارلىشىپ شۇ قىزنىڭ تۇغقان بالىسى ئىكەنلىكى يېزىلغانىدى ،بۇ خەتلەرنى ئوقۇۋاتقىنىمدا يۈرۈكۈم بىر تەرەپتىن پىچاقتا تىلغاندەك قاتتىق ئېچىشسا بىر تەرەپتىن دادام ئاپامنىڭ تېخى ھاياتلىقىدىن خۇشال بولاتتى ، مەن ئاخىرى ئۆلىۋىېلىش نىيتىمدىن ۋاز كېچىپ دادامنى ئىزدەپ تېپىش قارارىغا كەلدىم ،ئەمما مەندە ئۇنچىلىك جۈرئەت يوق ئىدى ، شۇڭلاشقا مەكتەپكە قايتىپ ئېرپاننى تېپىپ ئۇنىڭدىن ياردەم سورىماقچى بولدۇم ھەم مەكتەپكە بېرىپ يېقىنلىشىۋاتقان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قارىماي ، مەكتەپتىن چېكىندىم ۋە ئېرپاننى ئىزدەشكە كىرىشتىم ....
ئاپتور :ئالىمجان . ئاخنىياز
داۋامى تېزلا يوللىنىدۇ ...
4 W* T* p) J1 w/ a4 X3 P, \$ p