بىر ئاستېرويد يەر شارىنىڭ يېنىدىن ئۆتىدۇ
بىلىمخۇمار
2016-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
مىڭلىغان ئاستېرويدلار (كائىنات ئۇچار تاشلىرى) قۇياش سىستېمىسىدىكى ئالەم بوشلۇقىدا ئۇچۇپ يۈرۈيدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى يەر شارىغا ئازراق تەھدىد بولىدىغان ھالەتتە ئۇچۇپ يۈرۈيدۇ. ناسانىڭ ئاشۇنداق ئاستېرويدلارنى كۆزىتىپ تۇرىدىغان بىر ئىشخانىسى بار بولۇپ، ئۇ ئىشخانا بىزنىڭ ئىدارىمىز ج پ ل (JPL) گە جايلاشقان. بۇ ئىشخانىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ھازىر 2000 دانە ئەتىراپىدىكى يەر شارىغا تەھدىت بولۇش ئېھتىماللىقى بار ئاستېرويدلارنى ھەر ۋاقىت كۈزىتىپ تۇرىدۇ. ئۇنداق ئاستېرويدلار «يەر شارىغا يېقىن جىسىملار» (Near-Earth Object, NEO) دەپ ئاتىلىدۇ.
ناسادىكىلەر يېقىندا مۇنداق بىر ئىشنى ئېلان قىلدى: ئاشۇنداق ئاستېرويدلارنىڭ بىرىگە «2013TX68» دەپ نام بېرىلگەن بولۇپ، ئۇ بۇ يىل 8-مارت كۈنى يەر شارى بىلەن بولغان ئارىلىقى 4.8 مىليون كىلومېتىر كېلىدىغان بىر رايوندىن ئۇچۇپ ئۆتىدۇ. يەنى، ئۇنىڭ يەر شارى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئاينىڭ ئارىلىقىنىڭ 12.5 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىغان بولۇپ، بۇ ئاستېرويدنىڭ دىئامېتىرى 30 مېتىر كېلىدۇ.
ئەگەر چوڭلۇقى مەزكۇر ئاستېرويد بىلەن ئوخشاش بولغان بىر كائىنات تېشى يەر شارىنى سوقىدىغان بولسا، ئۇنىڭ يەر شارىغا زەخمەت يەتكۈزۇش كۈچى بىر مىليون توننا TNT نىڭكىگە توغرا كېلىدۇ. 2013-يىلى رۇسىيىنىڭ ئاسمىنىدا پارچىلىنىپ كەتكەن ئاستېرويد ئاسماندا 3 چوڭ پارتىلاشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ كۈچلۈكى چىقارغان ئېنېرگىيە يېرىم مىليون توننا TNT نىڭكىگە ئوخشاش ئىكەنىدۇق. ئەمما، بۇ قېتىمقى ئاستېرويدنىڭ يەر شارىنى سوقۇش ئېھتىماللىقى نۆلگە تەڭ.
ناسادىكىلەرنىڭ دېيىشىچە چوڭلۇقى 30 مېتىردىن چوڭ، يەر شارىغا تەھدىت بولىدىغان كائىنات ئۇچار تاشلىرىدىن بىرەر مىليوندىن كۆپرەكى بار بولۇپ، ھازىرغىچە ئۇلارنىڭ ئاران بىر پىرسەنتى بايقىلىپ بولغان. ئەمما چوڭلۇقى بىر كىلومېتىر ۋە ئۇنىڭدىنمۇ چوڭ بولغان ئاستېرويدلارنىڭ 95 پىرسەنتى ھازىرغىچە بايقىلىپ بولغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە يەر شارى بىلەن سوقۇشىدىغان يولدا كېلىۋاتقانلىرىدىن بىرەرسىمۇ يوق ئىكەن.
1-رەسىم: پارچىلىنىۋاتقان ئاستېرويد—سىزىلغان رەسىم (Reuters/NASA).
2-رەسىم: كۆك رەڭ مەزكۇر ئاستېرويدنىڭ ئوربىتىسىنى كۆرسىتىدۇ (NASA/JPL-Caltech).
ناسا ئالەم ئۇچقۇچىسى سكوت كېللى (Scott Kelly) قايتىپ كەلدى
ناسا ئالەم ئۇچقۇچىسى سكوت كېللى خەلقئارا ئالەم پونكىتىدىكى 340 كۈن داۋاملاشقان خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، يەر يۈزىگە 1-مارت كۈنى ساق سالامەت قايتىپ كەلدى. ئۇ ئالەم بوشلۇقىدا 340 كۈن تۇرۇشتەك ئامېرىكىنىڭ بىر يېڭى رېكورتىنى ياراتتى. سكوتنىڭ قىلغانلىرى مارسقا ئادەم چىقىرىشنىڭ تەييارلىق باسقۇچىدىكى خىزمەتلەر بولۇپ، ئۇ بۇ قېتىم ج پ ل تەرەققىي قىلدۇرغان ئىككى خىل ھالقىلىق تېخنولوگىيىلەر بىلەن تونۇشۇپ چىقتى. سكوتنىڭ سالامەت قايتىپ كېلىشى ھازىر ئامېرىكىدا بىر ناھايىتى چوڭ خەۋەر بولۇپ تارقىلىۋاتىدۇ.
3-رەسىم: ناسا ئالەم ئۇچقۇچىسى سكوت كېللى يەر يۈزىگە قايتىپ كەلگەندىكى بىر كۆرۈنۈش.
پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:
[1] A whale-sized asteroid with the potential to release 1 million tons of TNT will zoom safely past Earth next week
http://finance.yahoo.com/news/wh ... arth-165627485.html
[2] Scott Kelly Reunites With Family After Year in Space Mission
https://gma.yahoo.com/scott-kell ... ws-topstories.html#