مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1934|ئىنكاس: 4

NASA: كائىناتقا ئائىت يېڭى خەۋەرلەر (5)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

217

تېما

731

يازما

948

جۇغلانما

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 82221
يازما سانى:
731
نادىر تېما :
12
مۇنبەر پۇلى :
41853
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
2629 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-6-28
ئاخىرقى:
2016-4-1
كائىناتقا ئائىت يېڭى خەۋەرلەر (5)

بىلىمخۇمار
2016-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى

مەن مەزكۇر يازمىدا يېقىنقى ناسا ۋە كائىناتقا ئائىت مۇھىم خەۋەرلەرنى قىسقىچە خۇلاسىلاپ ئۆتىمەن.

1.        مارسقا 30 مىنۇتتا بېرىش مۇمكىنچىلىكى بار

ھازىرقى ئەڭ زامانىۋى تېخنولوگىيە بىلەن ناسا نىڭ ئالەم ئۇچقۇلىرى مارسقا 260 كۈن ياكى 9 ئايدا بېرىپ بولالايدۇ.  ئەمما، كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى سانتا باربارا شۆبىسىنىڭ فىزىكا پروفېسسورى فىلىپ لۇبىن (Philip Lubin) نىڭ دېيىشىچە، ئالەم ئۇچقۇرىنى لازېر  نۇرى بىلەن ئىتتىرىپ تېزلەندۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، مارسقا 30 مىنۇتتا بېرىپ بولۇش مۇمكىن ئىكەن.  فىلىپ ئەپەندى بۇ ئىدىيىنى ئۆتكەن يىل 10-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن «ناسادىكى يېڭىدىن ئىجاد قىلىنغان ئىلغار ئۇقۇملار ئىلمىي دوكلات يىغىنى»  (NASA Innovative Advanced Concepts (NIAC) symposium) دا ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، يېقىندا ئۇ يەنە ئەنگلىيىنىڭ بىر ئىلمىي ژۇرنىلىدا مۇشۇ ئىدىيە ھەققىدە 52-بەتلىك ئىلمىي ماقالىدىن بىرنى ئېلان قىلدى (مەنمۇ يېقىندا NIAC قا تەۋە ئىككى تۈرگە قاتنىشىشنى باشلىغان بولۇپ، مېنىڭ قىلىدىغىنىم يېڭى تىپلىق ئالەم تېلېسكوپىغا ئائىت تەتقىقاتلار).  ئۇنىڭ دېيىشىچە، 50 – 70 مىليارد ۋات (GW) لىق كۈچ بىلەن بىر مېتىرلىق يەلكىنى بار ئالەم ئۇچقۇرىنىڭ تېزلىكىنى 10  مىنۇت ئىچىدە نۇر تېزلىكىنىڭ 26 پىرسەنتىگە يەتكۈزگىلى بولىدىكەن [1].  ئەگەر بىر ئالەم ئۇچقۇرى ئاشۇنداق تېزلىكتە ماڭسا، بىزگە ئەڭ يېقىن بولغان، ئارىلىقىمىز 4.37 نۇر يىلى كېلىدىغان [2]، ئىنگلىزچە «Alpha Centauri» دەپ ئاتىلىدىغان يۇلتۇزغا 15 يىلدا بېرىپ بولغىلى بولىدىكەن.  بۇ ئىدىيىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن يەڭمىسە بولمايدىغان تېخنولوگىيىلىق قىيىن ئۆتكەللەر خېلى كۆپ بولۇپ، مەن بۇ قېتىم كۆرگەن ماقالىلەردە ئۇ قىيىن ئۆتكەللەر بايان قىلىنماپتۇ.

بۇنداق ئالەم ئۇچقۇرىنى ئىتتىرىدىغان لازېر نۇرى مەخسۇس مۇشۇنداق ئىش ئۈچۈن لايىھىلەنگەن، يەر شارىنى ئوربىتلاپ ئايلىنىدىغان بىر ئالەم ئۇچقۇرىدىن يوللىنىدىكەن.

qa1_laser_propulsion.jpg
1-رەسىم: بىر رەسسام سىزغان لازېر نۇرى بىلەن ئىتتىرىلگەن ئالەم ئۇچقۇرى.

2.        ناسا ۋېنىراغا «بۇلۇت شەھەرلىرى» ياسىيالىشى مۇمكىن

ناسانىڭ سىستېم ئانالىزى ۋە يېڭى ئۇقۇم ئىشلىرىغا مەسئۇل تارمىقى 2014-يىلى ۋېنىرانىڭ ئاپموسفېراسىغا چوڭ-تىپلىق ھاۋا-كېمىسىدە بېرىش ئۇقىمىنى ئوتتۇرىغا قويغان.  

مارسقا قارىغاندا ۋېنىرا بىزگە يېقىنراق بولسىمۇ، ئۇنىڭ يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى 462 سېلسىيە-گرادۇس كېلىدىغان بولغاچقا، ئۇ پلانېتا ئىنسانلارنىڭ ياشىشىغا ماس كەلمەيدۇ.  ئەمما، كىشىلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە ۋېنىرانىڭ ئاسمىنىنىڭ بېسىمى، زىچلىقى، تارتىش كۈچى ۋە رادىئاتسىيىدىن قوغدايدىغان ماددىلىرى يەر شارىنىڭكىگە ئوخشىشىپ كېتىدىكەن.  ئەگەر ھەممە ئىشلار ھازىر مۆلچەرلەنگەندەك ماڭىدىكەن، ۋېنىرانىڭ ئاسمىنىدا «بۇلۇت شەھەرلىرى» نى قۇرۇپ چىققىلى بولىدىكەن [3].

qa2_venus_cities.jpg
2-رەسىم: ۋېنىرانىڭ ئاسمىنىدىكى «بۇلۇت شەھەرلىرى» (سىزىلغان رەسىم).

3.        سامان يولى گالاكسى (يۇلتۇزلار توپى) نىڭ يېڭى رەسىمى

نۇرنىڭ بۇرۇن ئىشلىتىپ بېقىلمىغان دولقۇن ئۇزۇنلۇقىنى ئىشلىتىپ، ئاسترونومىيە مۇتەخەسسىسلىرى سامان يولى گالاكسىنىڭ تۆۋەندىكى 3- ۋە 4-رەسىملەردە كۆرسىتىلگەن يېڭى بىرىكمە رەسىملىرىنى ئىشلەپ چىقتى.  بۇ سۈرەتلەر چىلىدىكى «APEX» ناملىق يەر يۈزى تېلېسكوپى بىلەن تارتىلغان.  

سامان يولى گالاكسىنىڭ شەكلى بىر تەخسىگە ئوخشاش بولۇپ، ئۇنىڭ كەڭلىكى 100000 نۇر يىلى، قېلىنلىقى 1000 نۇر يىلى كېلىدۇ.  4-رەسىمنىڭ ئوڭ تەرەپتىكى قىستۇرۇلما قىسىملىرى سول تەرەپتىكى رەسىملەر سامان يولى گالاكسىنىڭ قايسى قىسمىغا توغرا كېلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ [4].

qa3_milkyway.jpg
3-رەسىم: سامان يولى گالاكسىنىڭ يېڭىدىن تارقىتىلغان بىر پارچە رەسىمى.

qa4_milkyway.jpg
4-رەسىم: سامان يولى گالاكسىنىڭ يېڭىدىن تارقىتىلغان، ئۇنىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىنى كۆرسىتىدىغان رەسىملىرى.

4.        ناسا كىچىك پلانېتا پلۇتوننىڭ شىمالىي قۇتۇپىنىڭ يېڭى رەسىمىنى تارتقاتتى

تۆۋەندىكى 5-رەسىم كىچىك پلانېتا پلۇتوننىڭ شىمالىي قۇتۇپ رايونىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئۇنى ناسا يېقىندا تارقاتتى.  بۇ رەسىمنى «يېڭى ئۇپۇق» ناملىق ئالەم ئۇچقۇرى 2015-يىلى 7-ئايدا پلۇتوننىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە تارتقان بولۇپ، ئۇنىڭدا پلۇتوننىڭ شىمالىي قۇتۇپىدىكى جىلغىلار، ئويمانلىقلار ۋە ئازگاللار ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.  سېرىق رەڭدە كۆرسىتىلگەن ئەڭ چوڭ جىلغىنىڭ كەڭلىكى 70 كىلومېتىر بولۇپ، يېشىل رەڭلىكلىرىنىڭ كەڭلىكى بولسا 10 كىلومېتىر كېلىدۇ [5].

qa5_milkyway.jpg
5-رەسىم: كىچىك پلانېتا پلۇتوننىڭ ناسا يېڭىدىن تارقاتقان رەسىمى.

5.        كىچىك تىپلىق سۈنئىي ھەمراھلار

ھازىر ئالەم بوشلۇقى تېخنىكىسىدا ئىنگلىزچە «CubeSats» دەپ ئاتىلىدىغان كىچىك تىپلىق سۈنئىي-ھەمراھلار بارغانسېرى چوڭ روللارنى ئويناۋاتىدۇ.  

qa6_cubesats.jpg
6-رەسىم: ئاسماندىكى كىچىك تىپلىق سۈنئىي-ھەمراھلار.

كىچىك تىپلىق سۈنئىي-ھەمراھلارنى ئەڭ دەسلىپىدە ئامېرىكىنىڭ ئالىي مەكتەپلىرى لايىھىلىگەن.  يەنى، ئۇنى ئەڭ دەسلىپىدە كالىفورنىيەدىكى ئالەم بوشلۇقى ئىنژېنېرلىقى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىككى نەپەر پروفېسسور 1999-يىلى لايىھىلىگەن.  ئۇ كىچىك سۈنئىي-ھەمراھ بىر كەڭلىكى، ئېگىزلىكى ۋە قېلىنلىقى 10 سانتىمېتىر كېلىدىغان كىچىك ساندۇقنىڭ ئىچىگە پاتقان.  يېقىندا كىچىك سۈنئىي-ھەمراھ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، ئۇنىڭ ئىشلىنىش دائىرىسى ھازىر بارغانسېرى كېڭىيىپ مېڭىۋاتىدۇ.  2000 – 2005-يىللىرى يىلىغا 10 دەك كىچىك سۈنئىي-ھەمراھلار قويۇپ بېرىلگەن بولۇپ، 2012-يىلى قويۇپ بېرىلگەن كىچىك سۈنئىي-ھەمراھنىڭ سانى 20 گە يەتكەن.  ئۆتكەن يىل بولسا جەمئىي 126 كىچىك سۈنئىي-ھەمراھ قويۇپ بېرىلگەن.

ھازىر بەزى شىركەتلەر جەمئىي 900 دانە كىچىك سۈنئىي-ھەمراھنى قويۇپ بېرىپ، شۇ ئارقىلىق پۈتۈن يەر شارىنى ئىنتېرنېت سىگنالى بىلەن تەمىنلەشنى پىلانلاۋاتىدۇ.  ھازىر كىچىك سۈنئىي-ھەمراھلار يەر شارىنىڭ مۇھىتىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۈزىتىش ۋە بالا-ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارغا ياردەم قىلىش ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىۋاتىدۇ.

qa7_IMG_4883.jpg
7-رەسىم: ج پ ل دىكى مېنىڭ ئىشخانام جايلاشقان بىنانىڭ كارىدورىغا قويۇپ قويۇلغان بىر خىل كىچىك سۈنئىي-ھەمرا (ئۇنىڭ ئانتېنناسىدىن باشقا قىسىملىرى راست).

پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:

[1] Could a spacecraft really make the journey to Mars in 30 minutes? One physicist says yes
<https://www.yahoo.com/tech/could ... mars-141530966.html>

[2] <https://en.wikipedia.org/wiki/Alpha_Centauri>
<https://en.wikipedia.org/wiki/Alpha_Centauri>

[3] NASA Could Send Giant Airships To Venus To Create Cloud Cities
<http://news.yahoo.com/nasa-could ... eate-151147135.html>

[4] This Is the Milky Way Like You've Never Seen It Before
<http://news.yahoo.com/milky-way-youve-never-seen-182500741.html>

[5] Take in the beauty of Pluto's frozen north pole canyons
<http://news.yahoo.com/beauty-plu ... pole-231052781.html>
[6] Will tiny satellites launch a new space frontier?


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ياردەم مەزمۇنى

64

تېما

2274

يازما

2338

جۇغلانما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 15872
يازما سانى:
2274
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
21795
تۆھپە :
952
باھا :
820
توردا:
10375 سائەت
تىزىملاتقان :
2010-11-1
ئاخىرقى:
2016-3-30
ۋاقتى: 2016-3-1 21:54:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2013-يىلى كائىنات مۇنبىرىگە يوللىغان قوزغۇتۇلغان نۇر دەستىسى ئارقىلىق ئالەمگە سەپەر قىلىش توغرىسىدىكى قىياس.
http://www.kayinat.com/bbs/forum ... 18401&from=home

0

تېما

99

يازما

99

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 113673
يازما سانى:
99
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
378
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
96 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-1-27
ئاخىرقى:
2016-3-28
ۋاقتى: 2016-3-5 16:04:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمىدىگەن يۇقىرى تېخنىكا ،ئامىركىلىقلار  ھېچكىممۇ ئويلاپ باقمىغان ئىشلارنى قىلىدۇ،سىزنىڭمۇ ئىشلىرىڭىزغا ئۇڭۇشلۇق تىلەيمەن.ھە راست ئەركىن ئاكا  ئۆتكەن يىلى سىلەر بىر سۈنئي ھەمرانى      ئۈستىدە دىيىلگەندەك بىر ئۇچار ئاستىرويتنىڭ  ئۈستىگە قوندۇرغان لىكىن ئۇ  استىرويىتنىڭ كۈن نۇرى چۈشمەيدىغان بىر جىلغىغا چۈشۈپ كەتكەن ئىدى ،ھازىر ئۇ سۈنئىي ھەمراھ بىلەن ئالاقەڭلار پۈتۈنلەي ئۈزۈلدىمۇ ؟ئۇ ھازىر بىز بىلەن قانچىلىك يىراقلىققا كەتتى ؟ ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىش مۇمكىنچىلىكى بارمۇ؟

نۇرلۇق ھايات!

48

تېما

1490

يازما

1538

جۇغلانما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 33575
يازما سانى:
1490
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
15716
تۆھپە :
444
باھا :
563
توردا:
3720 سائەت
تىزىملاتقان :
2011-3-12
ئاخىرقى:
2016-3-17
ۋاقتى: 2016-3-6 18:03:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت بىلىمخۇمار ئاكا، بەك ياخشى تېمىلارنى ، مەزمۇنلارنى يوللاۋاتىسىز. ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن، مەن ۋاختىم چىققاندىلا كومپىيوتۇرۇمنى ئېچىپ كۆرىۋاتىمەن بىرمۇ تېمىڭىزنى چالا قويماي

ئاللاھ ماڭا ھېكمەت ئاتا قىلدى، مۇھەممەد ئەلەيھىسالام چۈشۈمگە كىردى. لېكىن مەن ھىيلە- مىكىر ، رەزىللىكلەرنى بىلمەيمەن!!!

9

تېما

973

يازما

982

جۇغلانما

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 108270
يازما سانى:
973
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
2652
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
378 سائەت
تىزىملاتقان :
2014-7-6
ئاخىرقى:
2016-4-1
ۋاقتى: 2016-3-6 18:34:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىملىك ئۇزار.

تەر تۇكۇپ چاچساڭ ئۇرۇق، يەر سېنى قويماس قۇرۇق.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|قاماقخانا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى ( 黔ICP备15011399号 )

GMT+8, 2016-4-2 01:59 AM, Processed in 0.137686 second(s), 29 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.
شىنجاڭ مىسرانىم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش