مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1329|ئىنكاس: 3

ئاخىرقى مۇھەببەت 2-قىسىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

9

يازما

11

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 105446
يازما سانى:
9
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
181
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
25 سائەت
تىزىملاتقان :
2014-3-29
ئاخىرقى:
2016-4-1
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   KokQakmak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-11 11:08 AM  
& u. s! a! @3 O( m& q, k+ v) F; O& \
, u4 V) G9 D3 X/ s
2-قىسىم
-نىمانداق تاغ تولا بۇيەردە ،بىزنىڭ مەكتەپ تاغنىڭ ئارىسىدا ئوخشىمامدۇ،ۋاي ئانامەي،شەھەر دىگەنمۇ مۇشۇنداق بولامدۇ ……-بەزىلەر تۈگىمەي كەتكەن تاغ يولىدىن زىرىككەن چېغى ،ئىغىزلىرىنى دومسايتىپ ھېلىتتىن بۇ شەھەردىن ئاغرىنىۋاتاتتى ، لىكىن     ئېبراھىم بۇ بېزارلىقلاردىن مۇستەسنا ئىدى.چۈنكى ئېبراھىمنىڭ يۇرتىدا تاغ يوق بولۇپ ، كىچىكىدىن تارتىپ تاغقا چىقىش ئەمەس ،تاغنى بىرەر قىتىم كۆرۈش پۇرسىتىگىمۇ نائىل بولالمىغانىدى.
* k% p4 P, G% C) ^ كىچىك ۋاقىتلىرىدا قوي باققىللى چىققان چاغلىرىدا ،ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى سەھەرلەردە خوشنا ناھىيەلەرنىڭ تاغلىرى خۇددى كومپىيۇتېردا كىرىشتۈرۈلگەن سۈرەتتەك يىقىنلا يەردە كۆرۈنەتتى، لىكىن كۈن كۆتۈرلۈپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا غايىپتەك يوقىلىپ كېتەتتى،ئېبراھىم بۇ  مەنزىرىنى كۆرىمەن دەپ ھەر كۈنى دىگۈدەك سەھەردىلا قوينى ئەچىقىپ بولاتتى.دادىسى ئۇنىڭغا كىچىك ۋاقتىدا ئۆزىنىڭ تاغقا  مال ئاچققانلىقلىرىنى، تاغنىڭ قورقۇنۇچلۇق تىك قىيالىرنى ،بەزى ماللارنىڭ شۇ يەردىن چۈشۇپ كېتىپ ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقلىرىنى  سۆزلەپ بەرگەندە تولىمۇ زەن سىلىپ ئاڭلايتتى،كۆڭلىدە كىيىنچە پۇرسەت بولسا شۇنداق تاغلارغا ئۆزى چىقىپ ، شۇ مەنزىرىلەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈشنى ئارزۇ قىلاتتى.لىكىن تا ھازىرغىچە بۇ پۇرسەت ئۇنىڭغا يولۇقمىغانىدى.شۇڭا باشقىلار زىرىككەن بۇ تاغلار ئۇنىڭغا ئالەمچە چىرايلىق كۆرۈنۈپ كەتكەنىدى،باشقىلارنىڭ:-بىزنىڭ مەكتەپ تاغنىڭ ئارىسىدا ئوخشىمامدۇ ؟-دىگەندەك  ۋايساشلىرىنى  ئاڭلىغاندا  بولسا شۇنداق بولۇشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىپ كەتتى، لىكىن ناۋادا مەكتەپ تاغ ئارىسىدا  بولمىغان  تەقدىردىمۇ  ئېبراھىم بىر نەچچە قىتىم تاغقا چىقىپ بىقىشقا پۇرسەت تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ ئۈلگۈرگەنىدى., u9 `, p; J" n9 b# T6 v) }
بىر چوڭ كۆۋرۈكتىن ئۆتكەندىن كىيىن ئاندا ساندا بىنالار كۆرۈنۈشكە باشلىدى،مەسئۇل ئوقۇتقۇچى ماشىنىنىڭ مىكرافۇنىنى ئېلىپ ( z! B: q! _! N3 @" e3 W
،ماشىنىنىڭ ئىچىدە ئۆرە تۇرىۋېلىپ سۆزلەشكە باشلىدى:-
( f: m/ r+ \) ]5 Z6 q; `ساۋاقداشلار ، مەكتەپكە يىتىپ كىلەي دەپ قالدۇق،سەل تۇرۇپ ماشىنىدىن چۈشكەندىن كىيىن نەرسىلىرىڭلارنى ئاشخانىدا قويۇپ تۇرۇپ تاماق يەيسىلەر،تاماقتىن كىيىن ئىككىچى يىللىقتىكى ئاكا-ئاچېلىرىڭلار سىلەرنىڭ نەرسىلىرىڭلارنى  ياتاققا ئەچىقىشىپ بىرىدۇ، يەنە چۈشەنمىگەن مەسىللەر بارمۇ؟) M9 q% s+ J  L$ }7 K, y9 B1 C
«يوق»دىگەن ئاۋازدىن كىيىن ئۇمۇ ئورنىغا بىرىپ ئولتۇردى،ماشىنا يەنە بىر تاغنى ئايلىنىپ ئۆتكەندىن كىيىن خېلى ئاۋات بىر شەھەردەك جايغا چىقىپ كەلدى،بىردەم بىر قانچە بىنانى ئايلىنىپ ئۆتكەندىن كىيىن بىر سىيرىلما ئىشىكلىك چوڭ دەرۋازىدىن كىرىپ،پۇتبۇل مەيدانىنىڭ يىنىدىن ئۆتۈپ،تەنھەرىكەت سارىيىدىن ئازىراق مېڭىپ توختىدى، باياتىنقى مەسئۇل ئوقۇتقۇچى يەنە كاركىراپ :-نەرسىلىرىڭلارنى ئۇنتۇپ قالماڭلار… رەتلىك چۈشۈپ چامادانلىرىڭلارنى ئېلىڭلار…… -ئۇنىڭ گىپىنى ئاڭلىغانلار كۆپ بولمىسا كىرەك ، بىر بىرىنى ئىتتىرىشىپ ماشىنىدىن چۈشۈشتى،چۈشۈپلا ئىسسىق ھاۋا ھاپپىدە يەنە ئۇرۇلدى،ئۇلار بىردەمدىلا بۇ ئىسسىققا كۆنۈپ كەتكەندەك ، ياكى بولمىسا بۇ ئىسسىققا تەن بەرگەندەكلا ، ۋايسايدىغانلارمۇ ئازلاپ  قالغاندەك قىلاتتى .
6 a. W1 e/ F8 p  Y* fمۇئەللىمنىڭ يول باشلىشى بىلەن ئاشخانىنىڭ ئىككىنچى قەۋەت مۇسۇلمانچە ئاشخانىدا تەييار بولۇپ تۇرغان تاماقنى يەپ بولۇپ ، ئاشخانىنىڭ كەينىدىكى ياتاق بىناسىنىڭ ئالتىنچى قەۋەتكە چىقىپ ياتاققا ئورۇنلاشتى.ئىسسىق تاماقتىن كىيىن ئىغىر سومكا چامادانلارنى ئالتىنچى قەۋەتكە ئاچىقىپ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاراممۇ ئالماي چۈشۈپ قىزلارنىڭ چامادانلىرىنى ئەچىقىشىپ بىرىپ بولغۇچە، بايا قۇرىغان كىيىملەر يەنە چىلىق-چىلىق ھۆل بوپ كەتكەنىدى.خۇداغا شۈكرى،ھەر نىمە بولسا  ياتاقتا شامالدۇرغۇچ ، ھاۋا  تەڭشىگۈچ باركەن. ھەممە بالىلار نەرسىلىرىنى ياتاققا ئەكىرىپلا شامالدۇرغۇچقا دۇم چۈشۈشتى،لىكىن بۇ دېمىق ھاۋادا شامالدۇرغۇچ كار قىلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى،ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ھاۋا تەڭشىگۈچ دېگەن نەرسىنىمۇ تۇنچى قىتىم كۆرۈشى بولغاچقا قانداق ئىشلىتىشنى ئۇقالمايۋاتاتتى ،0 ^" N5 B. F0 [2 I! Y5 ?
-تىزگىنىكى يوقكەن -دېدى ئېبراھىم بىلەن بىر ياتاقتىكى مۇھەممەت ،ئۇ بۇرۇنمۇ بۇ نەرسىلەرنى ئىشلىتىپ باققان بولسا كىرەك ،7 P8 @1 H( s- a( v3 P; V5 `
-بۇنىڭغىمۇ تىزگىنەك ئىشلەمدا؟-ھەيران قېلىشتى باشقىلار، شۇ چاغدا ئىشىكتە تۇرمۇش ئوقۇتقۇچىسى ئەيساجان مۇئەللىم كۈلۈمسىرىگىنىچە پەيدا بولدى،* ~* g# C2 I7 Q2 _- u
-نەرسە كىرەكلىرىڭلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولدۇڭلارمۇ؟ھە ،مانا ماۋۇ ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ تىزگىنىكى،ئاۋايلاپ ئىشلىتىڭلار،ماۋۇ كۇنۇپكىنى باسساڭلار ئېچىلىدۇ……-مۇئەللىم تىزگىنەكنى ئىشلىتىشنى ئاددىيلا چۈشەندۈرۈپ قويۇپ خوشنا ياتاق تەرەپكە چىقىپ كەتتى.مۇھەممەت تىزگىنەكنى ئۇيەر-بۇيەرلىرىنى بىسىپ يۈرۈپ ھاۋانى تىخىمۇ سالقىن تىخىمۇ كۈچلۈك چىقىرىۋەتتى،باشقىلار ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ ئاستىدا تۇرۇشۇپ ئۆزىنىڭ تەشنالىقىنى بىسىشىۋاتاتتى،ئەيساجان مۇئەللىم يەنە پەيدا بولدى،4 K# X1 l! w+ h1 T( l, B
-تېلىفۇن كارتىسى سىتىۋالىدىغانلار مىنىڭ ياتىقىمغا كىرىڭلار!-مۇئەللىم شۇنداق دەپ بولۇپ كەينىگە بۇرۇلۇشى ،ئېبراھىم تۇيۇقسىزلا9 C& }. B& M+ E0 [4 C& R; E
-مۇئەللىم ،تېلىفۇن قەيەردە؟ياتاقنىڭ ئىچىدە دىگەندەك قىلىۋاتقان …-دەپ توختىتىپ قويدى،مۇئەللىم كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ
# m7 s. t+ Z  o- v; I& \' P0 b- پەسكە چۈشىدىغان پەشتاقنىڭ يان تەرەپتىكى تامدا،يەنە ئاشخانىدىمۇ بار ،ياتاقنىڭ ئىچىدە يوق ،كىم سىلەرگە ياتاقتا بار دىگەن ؟ ئېبراھىم بېشىنى قاشلاپ تۇرۇپ غۇدۇڭشىدى :- پويىزدا ماڭغاندا بىزگە مەسئۇل بولۇپ بارغان بىر ئوقۇتقۇچى ياتاقتا ھەممە نەرسە بار دەپ راسا پو ئىتىۋاتمامتى،تىخى ئىشىنىپ كىتىپتىمەن……+ d) A1 X# {5 `$ W
مۇئەللىم گەپ سۆزسىزلا چىقىپ كەتتى.
8 b2 `; x% p* m$ P. T0 }: Yبۇيەرگە كەلگەننىڭ ئىككىنچى كۈنىلا روزا ھىيىت ئىدى،بۇ بىر نەچچە كۈن پويىزدا يۈرۈپ چارچاپ كەتكەن بالىلار كەچ كېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۆزئارا تونۇشىۋالغاندىن كىيىن بالدۇرلا يېتىپ قېلىشقانىدى،ئەتىكى روزا ھىيىت توغىرلۇق ئۇلارنىڭ ھىچقانداق پېلانى يوق  ئىدى.
4 }5 |% K- w7 |- T6 @ئەتىسى تاڭ ئەمدىلا سۈزۈلۈشى بالىلار بەس-بەستە تۇرۇشۇپ تېلىفۇننىڭ ئالدىغا كىلىپ ئۆچرەت بوپ كېتىشتى،
7 \$ [0 c5 q1 }* }/ F-نىمانداق تېلىفۇننى ئالمايدىغاندۇ؟-شۇنداق دىگىنىچە بىر-بىردىن ياتاققا مىڭىشقا باشلىدى،ئېبراھىمغا نۆۋەت كىلىپ دادىسىغا تېلىفۇن ئۇردى، ئالغىلى ئادەم يوق،ئېبراھىم يەنە قايتىلاپ ئۇردى،دادىسى ئەسنىگىنىچە غۇدۇلاپ تېلىفۇننى ئالدى،
2 M. x" N& A1 {' a( L( m  C-ۋەي، ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم تىنچلىقمۇ دادا؟* ]; z4 X7 {  f
ئوغلىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئۇيقۇسىدىن دەرھال ئويغانغان دادىسى بىردىنلا روھلىنىپ ،
  q1 E6 [7 ~) _-ھە ،ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام بالام،ساق-سالامەت بېرىۋالدېڭىزمۇ؟بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟تەڭ كېچىدىلا تىلىفۇن قىپسىز؟……
1 I5 i9 A2 d( x  o- x2 i/ p. p) yدادىسىنىڭ گىپى تۈگىمەستىنلا ئېبراھىم* O# g% r; @& q: r+ M
- ھە؟تەڭ كىچە؟تاڭ ئىتىپ بولدىغۇ؟
6 F  M  c4 `8 P0 ?-ۋاي نەدە تاڭ ئاتىدۇ،سائەت ئەمدى تۆت بولدى تىخى……
7 t2 S) b5 s& [7 v4 [ئېبراھىم توساتتىن بۇرۇن باشقىلاردىن ئاڭلىغان ۋاقىت پەرىقى دىگەن نەرسىنى ئېسىگە ئالدى،( F  `+ N# s3 w) A  ]0 Q% e
-ھە،ئۇنداق بولسا مەن ھېلىراق يەنە تىلىفۇن قىلاي ئەمىسە،خۇدايىمغا ئامانات
# f: Z( F6 S0 k, i5 Z' S" ?5 `ئېبراھىم شۇنداق دەپ تىلىفۇننى قويىۋەتتى،ئاندىن ئۆچرەت ساقلاپ تۇرىۋاتقان باشقا بالىلارمۇ بىر نەرسە يادىغا كەلگەندەك بولۇپ بىر-بىرلەپ ياتاققا قايتىشتى.ئېبراھىم ياتاققا قايتىپ كېرىپ تۇيۇقسىز بىر سىرنىڭ جاۋابى يىشىلگەندەك:
: m0 m3 T6 w8 C-ۋاي توۋا، شىنجاڭنىڭ سىرتىدا سائەتلا بېيجىڭ ۋاقتى بويىچە ماڭىدىغان ئوخشايدۇ دىسەم ئەسلى تاڭمۇ بېيجىڭ ۋاقتى بويىچە  ئاتىدىكەن ئەمەسمۇ؟-دېۋىدى ياتاقتىكىلەر پاراققىدە كۈلۈشۈپ كېتىشتى.
# z2 n3 N) i) K1 ^4 V& W, p& hشۇنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ تولۇق ئوتتۇرا ھاياتى باشلىنىپ كەتتى،گەرچە ئۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار ھىچقانداق تەييارلىق قىلمىغان بولسىمۇ،لىكىن ئاشپەز ئۇستاملار،مەكتەپتىكى رەھبەرلەر بۇ كۈن ئۈچۈن خېلى تەييارلىق قىلىشقانىدى،ئاشخانىدا ھەرخىل سەيلەر ،ھەر خىل  تاماقلارنى قورساق تويغىچە يەپ،قورساق تويسىمۇ كۆزى تويماي قىلىشتى،ئۇنىڭدىن كىيىن يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى كۈتۈۋىلىش مۇراسىمى، ئاندىن كىيىن مەكتەپ، شەھەر باشلىقلىرى قىزىل بولاق تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى،مۇراسىم چۈشتىن كىيىن ئاخىرلاشتى. 7 X  k9 F1 r3 G  J7 j& L/ {6 ~( G; A# ?% U
ئاشخانىدا ئاساسەن ئادەم قالمىغانىدى،ئېبراھىم يالغۇز قىلىپ ئۆيگە تېلىفۇن قىلدى،ئۆيىدىكىلەر چوڭ ئۆيىگە يېغىلىپ ھىيىت ئويناۋاتقان بولۇپ ،پەقەت ئېبراھىملا يوق ئىدى،ئېبراھىم يىغلىمايمەن دەپ شۇنچە تېرىشقان بولسىمۇ ئانىسىنىڭ «بالام ،سىز يوق گىلىمىزدىن تاماقمۇ ئۆتمەيدىكەن،سىز بولغان بولسىڭىز بىللە ئوينايتتۇق بالام……»دېگەن سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندا ئۆزىنى تۇتىۋالالماي ئانىسىغا قوشۇلۇپ يىغلاپ كەتتى،ئاران دىگەندە ئانىسىنى شۇنداقلا ئۆزىنى بەزلەپ ،مەكتەپتە ئۆيدىكىدەكلا خۇشال ئۆتىۋاتقانلىقى، ئەنسىرىمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى ئىيتىپ تېلىفۇننى قويىۋەتتى.. T) S9 l6 ^" ~% `! S
ئېبراھىم بۈگۈن ئۆزىنى شۇنچىلىك يالغۇز ھېس قىلدى،ئۆيدىكىلەر يوق،ياخشى كۆرگەن ئادىمى يوق، خۇددى ئۇنى ھىچنىمىسى يوق ، ھىچكىمنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كارى بولمايدىغان ساينىڭ ئوتتۇرسىغا تاشلاپ قويغاندەك بوپ قالدى،ئۇنىڭ مۇشۇ تاپتا بىرەر تىنىچ يەرگە بىرىپ قانغۇچە يىغلىۋالغۇسى بار ئىدى،لىكىن ئۇ بۇ ناتونۇش يەرنىڭ قايسى بۇلۇڭىنىڭ تىنىچ ئىكەنلىكىنىمۇ تىخى بىلمەيتتى. 4 A% Z* B8 l' i9 C& ^! g0 D. \; h7 J  Q; `
" g# i0 j5 R6 H5 r
شۇنىڭدىن كىيىن ياتاق بىناسىدىكى ، ئاشخانىدىكى تېلىفۇن ئاساسەن بىكار قالمايدىغان بولدى. ئۇ چاغلاردا تېلىفۇن تىخى ئومۇملاشمىغان بولۇپ ،ئوقۇغۇچىلار تېلفۇن ئىشلىتىش تېخى ئاز كۆرۈلىدىغان ئىش ئىدى ،بۇ يىللىق يېڭى ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىمۇ تېلفۇن ئېلىپ كەلگەنلەر ناھايتى ساناقلىقلا بولۇپ ،ئېبراھىم بىلەن بىر ياتاقتىكى ھەم ئېبراھىم بار ياتاقنىڭ ياتاق باشلىقى ئەنىۋەرنىڭ شۇ زاماندا خىلى نوچى سانىلىدىغان قۇتلان ماركىلىق ياپما تېلفۇنىدىن تارتىپ ئەيساجان مۇئەللىم چىرايلىقچە ئەپچىقىپ كەتكەنىدى ، بۇ ئېش ھىچكىمگە ئىغىر كەلمىگەنىدى، ھەتتا بۇرۇندىن تۈزۈملەرگە بويسۇنىدىغان قۇلىقى يۇمشاق ئەنىۋەرگە نىسبەتەن بۇ بىر مۇقەررەر  ئىشتەك ، ئۇنىڭدىن ئازىراقمۇ نارازى بولغان ھىسياتنى كۆرگىلى بولمايتتى.: E( O1 w: P& M. @8 Y' n5 u
. D* p/ H* m- M* c9 x
2-قىسىم تۈگىدى
5 P/ `/ x8 j" U8 I7 V1 F4 M  ! j2 ?7 c% n; M1 w/ R9 j: B! i
0 Q9 M& R  g1 W* b3 Q

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

بىلەتتىم ئۆزگىگە تەۋەلىكىڭنى

16

تېما

187

يازما

203

جۇغلانما

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 85965
يازما سانى:
187
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
687
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
79 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-10-11
ئاخىرقى:
2016-4-2
ۋاقتى: 2016-3-12 10:43:24 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
3.قىسمى قاچان يېزىلىدۇ

بىلەتتىم ئۆزگىگە تەۋەلىكىڭنى

16

تېما

187

يازما

203

جۇغلانما

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 85965
يازما سانى:
187
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
687
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
79 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-10-11
ئاخىرقى:
2016-4-2
ۋاقتى: 2016-3-12 10:43:25 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
3.قىسمى قاچان يېزىلىدۇ

2

تېما

9

يازما

11

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 105446
يازما سانى:
9
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
181
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
25 سائەت
تىزىملاتقان :
2014-3-29
ئاخىرقى:
2016-4-1
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-15 13:56:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىزىپ بولغان رەتلەپ چىقارساملا بولىدۇ ،  يىقىندا چىقىدۇ

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|قاماقخانا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى ( 黔ICP备15011399号 )

GMT+8, 2016-4-2 06:28 PM, Processed in 0.114250 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.
شىنجاڭ مىسرانىم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش