بۇ يازمىنى ئاخىرىدا baykuq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-25 12:24 PM
0 W8 U' [ K+ h5 Y' [9 @% r- T Z& C9 i7 t4 @% \' m- R
سەئۇدىينىڭ نېفىت جېڭى «ۋەيران بولۇش» بىلەن ئاخىرلىشارمۇ؟
خۇيتوڭ تورى خەۋىرى، بايكۈچ تەرجىمىسى
سەئۇدىي ئەرەبىستان بەلكىم بىر نەچچە يىل ئىچىدە ۋەيران بولۇشى مۇمكىن، پۈتۈن دۇنيا بويىچە نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈشى سەئۇدىي ئەرەبىستاننىڭ ئىقتىسادىي تۆۋەن چېكىگە بېرىپ تاقاشتى، سەئۇدىي ھۆكۈمىتى مالىيە خامچوتىدىن باشلاپ چىقىمنى كېمەيتىۋاتىدۇ، شۇنداقلا سەئۇدىي دۆلەت ئىلكىدىكى نېفىت شىركىتى بولغان ئەرەب ئامېرىكا نېفىت شىركىتى (Aramco) نىڭ پېيىنى سېتىشنى پىلانلاۋاتىدۇ.
سەئۇدىي نېفىت مېنىستىرىنىڭ سەيشەنبە كۈنى (24-فېۋرال) بىلدۈرۈشىچە، نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر 3-ئايدا يىغىن چاقىرىپ، نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى توڭلىتىش كېلىشىمى تۈزمەكچى، ئەمما نېفىتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى كېمەيمەيدۇ.
ئالدىنقى ھەپتە سەئۇدىي ئەرەبىستان، روسىيە، قاتار، ۋېنسۇئېلا قاتارلىق دۆلەتلەر دۇنيا نېفىت تەمىنلەشنىڭ ئارتىپ كېتىش مەسىلىسىگە ۋە خەلقئارا نېفىت باھاسىنىڭ ئىزچىل تۆۋەن بولۇش ۋەزىيىتىگە تاقابىل تۇرۇشتا ھەر قايسى ئىشلەپچىقارغۇچى كارخانىلارنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى يەنىمۇ توڭلىتىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەمما CNBC ئانالىزىنىڭ كۆرسىتىشىچە، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەت سەئۇدىي 2018-يىلى ۋەيران بولۇش ھالىتىگە يۈزلىنىدۇ.
پۈتۈن دۇنيا بازىرىدا نېفىتنىڭ بۇنداق كەمچىل بولۇش ئەھۋالى ئاستىدا نۇرغۇن نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر پۈتۈن كۈچى بىلەن نېفىت بۇرغىلاش ئارقىلىق مالىيە خامچوتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرىدۇ. قاتار ۋە كۇۋەيتكە ئوخشاش «باي دۆلەت» لەر قارىماققا بەرداشلىق بېرەلەيدىغاندەك قىلىدۇ، لېكىن لىۋىيەدەك «نامراتراق» دۆلەتلەر ئاللىقاچان زىددىيەت ۋە ئىچكى ئۇرۇشنىڭ چوڭقۇر پاتقىقىغا پېتىپ قالدى. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى (IMF) نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر لىۋىيە مالىيە خامچوتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرماقچى بولسا نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈپ ھەر تۇڭى 269 ئامېرىكا دوللىرى سەۋىيىسىگە يېتىشىنى كۈتۈشى كېرەك.
2015-يىل 8-ئايدا نېفىت باھاسى 41 ئامېرىكا دوللىرىدىن 48 ئامېرىكا دوللىرىغىچە ئارىلىقتىكى ۋاقىتتىلا CNBC سەئۇدىينىڭ مالىيە كىرىم چىقىمىغا دىققەت قىلغانىدى، نېفىت باھاسى شۇ ۋاقىتتىكى 65 ئامېرىكا دوللىرىدىن ھازىرقىدەك ھالەتكە چۈشتى، ئەمما ئەينى چاغدا نېفىت باھاسىنىڭ تېخىمۇ چۈشۈپ كېتىشى مۆلچەرلەنمىگەن. ئەمما ئەينى چاغدا CNBC سەئۇدىينىڭ 2018-يىل 8-ئايدا ۋەيران بولۇش ئېھتىماللىقىنى مۆلچەرلىگەنىدى. ئەمما بۇ قىياس نېفىت باھاسىنىڭ 40 ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا بولۇشىنى مۆلچەرلىگەن ئەھۋال ئاستىدا، شۇنداقلا سەئۇدىي ئاممىۋى چىقىمنى كېمەيتىشنى ئېلان قىلىشتىن ئىلگىرى چىقىرىلغان.
2016-يىل سەئۇدىي مالىيە خامچوتى 2015-يىلدىكى خامچوت سەۋىيىسىدىن %13.8 كېمەيتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، گەرچە بۇندىن بۇرۇن باركلاي بانكىسى كېمەيتىش نىسبىتىنىڭ %5 بولۇشىنى مۆلچەرلىگەن بولسىمۇ، مەبلەغ سېلىش بانكىسىنىڭ مۆلچەرىچە، سەئۇدىينىڭ 2016-يىل مالىيە قىزىل رەقىمى مۆلچەرى GDP نىڭ %12.9 نى ئىگىلەيدۇ.
+ U# V! w3 Q- r/ @/ |
چىقىمنى كېمەيتىشتىن باشقا، سەئۇدىي ئەرەبىستان نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئاشۇردى. ئامېرىكا ئېنىرگىيە ئۇچۇرلىرى مەھكىمىسى (EIA) نىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2015-يىل 4-پەسىلدە سەئۇدىي كۈندىلىك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 10 مىليون تۇڭ سەۋىيىسىگە يەتتى.
گەرچە مەھسۇلات نەىدارىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق سەئۇدىينىڭ مالىيە جەھەتتىكى باش قېتىنچىلىقىنى ئاز تولا ھەل قىلغىلى بولسىمۇ، ئەمما خەلقئارا نېفىت بازىرىنىڭ باش قېتىنچىلىقىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. EIA نىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۇنيا بويىچە كۈندىلىك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 2016-يىل 1-پەسىلدە 9 مىليون 500 مىڭ تۇڭ سەۋىيىسىگە، خەلقئارا كۈندىلىك نېفىت سەرپىياتى بولسا 9 مىليون 400 مىڭ تۇڭ سەۋىيىسىگە يېتىشى مۆلچەرلەنگەن.
بازار جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئاستىلىشى نېفىت ئېھتىياجىنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى دەپ قارايدۇ، ئەمما تەمىنلەش جەھەتتە، ئامېرىكا سلانىتېس مېيى ئىشلەپچىقارغۇچىلار ئىقتىسادىي مۇھىت يامانلىشىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا، سەئۇدىي ئەرەبىستاننىڭ بېسىمغا بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنىڭ تېخىمۇ ئۇزاققا بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. ئىرانمۇ ئېمبارگو بىكار قىلىنغاندىن كېيىن كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 2.8 مىليون تۇڭ سەۋىيىسىگە يەتتى.
5 Z& r; d9 a( t8 _: v