ئاي شارىدا ئاڭلانغان ئاۋاز ھەققىدە
بىلىمخۇمار
2016-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى
ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا (يەنى 2016-يىلى 22-فېۋرال كۈنى) BBC قاتارلىق خەلقئارالىق چوڭ مېدىئا شىركەتلىرى ناسا ئاي شارىدا ئاڭلانغان بىر ئاۋازنى ئاشكارىلىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەردى. بۇنى ئاڭلىغان بەزى ئۇكىلار مەندىن ئۇنىڭ نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى سورىدى. مەن مۇشۇ قىسقا يازما ئارقىلىق بۇ ئىشقا قىزىققان ھەممە قېرىنداشلارغا ئازراق ئۇچۇر بېرىپ قوياي.
ئەسلىدىكى ئىش مۇنداق ئىكەن:
ئامېرىكىلىقلار 1969-يىلى «11-نومۇرلۇق ئاپوللو» دەپ ئاتالغان ئالەم ئۇچقۇرى بىلەن ئايغا قونىدۇ. ئۇنىڭدىن ئىككى ئاي بۇرۇن 3 نەپەر ناسا خادىمى «10-نومۇرلۇق ئاپوللو» بىلەن ئاي شارىغا بېرىپ، ئۇنى ئوربىتلاپ ئايلىنىدۇ. ئۇلار ئاينىڭ يەر شارىغا قارىمۇ-قارشى تەرىپىگە ئۆتكەندە ئۇلارنىڭ يەر يۈزى بىلەن بولغان رادىئو ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈلىدۇ. يەنى، ئۇلارنىڭ يەر بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئاي شارى توسۇۋالىدۇ. دەل شۇ چاغدا ناسانىڭ ھېلىقى 3 خادىمى قۇلىقىغا تىقىۋالغان تىڭشىغۇچىلاردا بۇرۇن ئاڭلاپ باقمىغان، تاشقىي دۇنيادىن كەلگەن مۇزىكىدەك بىر خىل ئاۋازنى ئاڭلايدۇ. بۇ ئاۋاز بىر سائەتتەك ۋاقىت داۋام قىلىپ، ناسا خادىملىرى ئاي شارىنىڭ يەر شارى يۈزىگە قارايدىغان تەرىپىگە ئۆتكەندە ئاندىن يوقاپ كېتىدۇ.
1-رەسىم: «10-نومۇرلۇق ئاپوللو» نىڭ بىر كۆرۈنىشى.
شۇ جەرياندا ناسا نىڭ ھېلىقى 3 خادىمى بۇ ئىشنى ناساغا دوكلات قىلىش-قىلماسلىق ھەققىدە ئۆز-ئارا پىكىرلەشكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىمۇ ئاۋاز ساقلايدىغان ئەسۋابقا ئېلىنىپ قالىدۇ.
ناسا بۇ ئىشلارنى مەخپىي تۇتۇپ، 2008-يىلى ئۇلارنى سىرتقا تارقاتسا بولىدىغان مەلۇماتلار قاتارىغا كىرگۈزىدۇ. ئەمما ھېلىقى ئاۋازلار قاچىلانغان لىنتا ئۇ چاغدا تېپىلماي، ئەمدى تېپىلىدۇ. بۇ ئىشلار ئامېرىكىنىڭ «ناسانىڭ چۈشەندۈرۈلمىگەن ھۆججەتلىرى» دېگەن تېلېۋىزور پروگراممىسىدا بۈگۈن (يەنى 23-فېۋرال كۈنى) ئاخشام بېرىلىدىغان بولۇپ، ئۇ پروگراممىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قىسمى تۆۋەندىكى 1-ئۇلىنىشتىكى تور بېتىدىمۇ بار ئىكەن. مەن ئۇنى كۆرۈپ، ھېلىقى ئاۋازنىمۇ ئاڭلاپ باقتىم. ھەمدە بىرەر ئالاھىدە ئەھۋالنى ھېس قىلمىدىم. ئەمما ئاينىڭ يەنە بىر تەرىپىدىكى جىم-جىتلىق ئىچىدە كېتىۋاتقان ناسا خادىملىرىنىڭ قۇلىقىغا توساتتىن بۇرۇن ئاڭلاپ باقمىغان بىر خىل ئاۋازلار كىرىپ، ئۇ ئاۋازلار بىر سائەت داۋام قىلىپ، ئۇلارنى ناھايىتى ھەيران قالدۇرغانلىقى بىر خىل تەبىئىي ئەھۋالدۇر.
قىسقىسى، بۇ ئىش ئاشۇنداق بىر ھېكايىدەك ئىش بولۇپ، ناسا بۇ ئىشقا قارىتا ھازىرغىچە ھېچ قانداق پوزىتسىيە بىلدۈرمەپتۇ. شۇڭلاشقا ئۇ ئاۋازنىڭ زادى نېمە ئاۋاز ئىكەنلىكى، ۋە ئۇنىڭ نەدىن كەلگەنلىكى ھەققىدە مەنمۇ بىرەر ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىدىم.
مېنىڭ بىلىشىمچە، ناسا ۋە دۇنيادىكى باشقا بىر قىسىم ئورۇنلار ھەر كۈنى 24 سائەت كائىناتتىن كەلگەن ھەر خىل دولقۇنلارنى كۈزىتىپ تۇرىۋاتىدۇ. ئەگەر ئاشۇ كۈزىتىش پونكىتلىرىدىن بىرەرسى يۇقىرىدىكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئاڭلىغان ئاۋازلارنىڭ نېمە ئاۋاز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغان بىرەر دەلىلگە ئېرىشەلىگەن بولسا، ناسا ئۇ ئىشنى دۇنياغا رەسمىي ئۇختۇرغان بولاتتى. ناسا ئۇنداق ھادىسىلەرگە ئىشەنچىلىك دەلىل تاپالمىغاندا، ياكى بولمىسا دۇنياغا ئېلان قىلىۋېتىش باشقا بىرەر مەنپەئەت ئۈچۈن پايدىسىز بولغاندا، بۇنداق ئىشلارنى دۇنياغا ئېلان قىلماسلىقى، ياكى ئۇلار ھەققىدە رەسمىي پوزىتسىيە بىلدۈرمەسلىكى مۇمكىن.
2-رەسىم: ئاي شارىنىڭ قېشىدا تۇرۇپ كۆرگەن ۋاقىتتىكى يەر شارىنىڭ بىر كۆرۈنىشى.
پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:
[1] Lost Tapes Reveal Apollo Astronauts Heard Unexplained ‘Music’ On Far Side Of The Moon
http://www.huffingtonpost.com/en ... 62e4b0928f5a6c0679?