مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 8323|ئىنكاس: 13

NASA: ئاي شارىدا ئاڭلانغان ئاۋاز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

217

تېما

731

يازما

948

جۇغلانما

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 82221
يازما سانى:
731
نادىر تېما :
12
مۇنبەر پۇلى :
41853
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
2629 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-6-28
ئاخىرقى:
2016-4-1
ئاي شارىدا ئاڭلانغان ئاۋاز ھەققىدە

بىلىمخۇمار
2016-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى


ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا (يەنى 2016-يىلى 22-فېۋرال كۈنى) BBC قاتارلىق خەلقئارالىق چوڭ مېدىئا شىركەتلىرى ناسا ئاي شارىدا ئاڭلانغان بىر ئاۋازنى ئاشكارىلىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەردى.  بۇنى ئاڭلىغان بەزى ئۇكىلار مەندىن ئۇنىڭ نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى سورىدى.  مەن مۇشۇ قىسقا يازما ئارقىلىق بۇ ئىشقا قىزىققان ھەممە قېرىنداشلارغا ئازراق ئۇچۇر بېرىپ قوياي.  

ئەسلىدىكى ئىش مۇنداق ئىكەن:

ئامېرىكىلىقلار 1969-يىلى «11-نومۇرلۇق ئاپوللو» دەپ ئاتالغان ئالەم ئۇچقۇرى بىلەن ئايغا قونىدۇ.  ئۇنىڭدىن ئىككى ئاي بۇرۇن 3 نەپەر ناسا خادىمى «10-نومۇرلۇق ئاپوللو» بىلەن ئاي شارىغا بېرىپ، ئۇنى ئوربىتلاپ ئايلىنىدۇ.  ئۇلار ئاينىڭ يەر شارىغا قارىمۇ-قارشى تەرىپىگە ئۆتكەندە ئۇلارنىڭ يەر يۈزى بىلەن بولغان رادىئو ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈلىدۇ.  يەنى، ئۇلارنىڭ يەر بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئاي شارى توسۇۋالىدۇ.  دەل شۇ چاغدا ناسانىڭ ھېلىقى 3 خادىمى قۇلىقىغا تىقىۋالغان تىڭشىغۇچىلاردا بۇرۇن ئاڭلاپ باقمىغان، تاشقىي دۇنيادىن كەلگەن مۇزىكىدەك بىر خىل ئاۋازنى ئاڭلايدۇ.  بۇ ئاۋاز بىر سائەتتەك ۋاقىت داۋام قىلىپ، ناسا خادىملىرى ئاي شارىنىڭ يەر شارى يۈزىگە قارايدىغان تەرىپىگە ئۆتكەندە ئاندىن يوقاپ كېتىدۇ.  

pb1_nasa.jpg
1-رەسىم: «10-نومۇرلۇق ئاپوللو» نىڭ بىر كۆرۈنىشى.

شۇ جەرياندا ناسا نىڭ ھېلىقى 3 خادىمى بۇ ئىشنى ناساغا دوكلات قىلىش-قىلماسلىق ھەققىدە ئۆز-ئارا پىكىرلەشكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىمۇ ئاۋاز ساقلايدىغان ئەسۋابقا ئېلىنىپ قالىدۇ.  

ناسا بۇ ئىشلارنى مەخپىي تۇتۇپ، 2008-يىلى ئۇلارنى سىرتقا تارقاتسا بولىدىغان مەلۇماتلار قاتارىغا كىرگۈزىدۇ.  ئەمما ھېلىقى ئاۋازلار قاچىلانغان لىنتا ئۇ چاغدا تېپىلماي، ئەمدى تېپىلىدۇ.  بۇ ئىشلار ئامېرىكىنىڭ «ناسانىڭ چۈشەندۈرۈلمىگەن ھۆججەتلىرى» دېگەن تېلېۋىزور پروگراممىسىدا بۈگۈن (يەنى 23-فېۋرال كۈنى) ئاخشام بېرىلىدىغان بولۇپ، ئۇ پروگراممىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قىسمى تۆۋەندىكى 1-ئۇلىنىشتىكى تور بېتىدىمۇ بار ئىكەن.  مەن ئۇنى كۆرۈپ، ھېلىقى ئاۋازنىمۇ ئاڭلاپ باقتىم.  ھەمدە بىرەر ئالاھىدە ئەھۋالنى ھېس قىلمىدىم. ئەمما ئاينىڭ يەنە بىر تەرىپىدىكى جىم-جىتلىق ئىچىدە كېتىۋاتقان ناسا خادىملىرىنىڭ قۇلىقىغا توساتتىن بۇرۇن ئاڭلاپ باقمىغان بىر خىل ئاۋازلار كىرىپ، ئۇ ئاۋازلار بىر سائەت داۋام قىلىپ، ئۇلارنى ناھايىتى ھەيران قالدۇرغانلىقى بىر خىل تەبىئىي ئەھۋالدۇر.

قىسقىسى، بۇ ئىش ئاشۇنداق بىر ھېكايىدەك ئىش بولۇپ، ناسا بۇ ئىشقا قارىتا ھازىرغىچە ھېچ قانداق پوزىتسىيە بىلدۈرمەپتۇ.  شۇڭلاشقا ئۇ ئاۋازنىڭ زادى نېمە ئاۋاز ئىكەنلىكى، ۋە ئۇنىڭ نەدىن كەلگەنلىكى ھەققىدە مەنمۇ بىرەر ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىدىم.

مېنىڭ بىلىشىمچە، ناسا ۋە دۇنيادىكى باشقا بىر قىسىم ئورۇنلار ھەر كۈنى 24 سائەت كائىناتتىن كەلگەن ھەر خىل دولقۇنلارنى كۈزىتىپ تۇرىۋاتىدۇ.  ئەگەر ئاشۇ كۈزىتىش پونكىتلىرىدىن بىرەرسى يۇقىرىدىكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئاڭلىغان ئاۋازلارنىڭ نېمە ئاۋاز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغان بىرەر دەلىلگە ئېرىشەلىگەن بولسا، ناسا ئۇ ئىشنى دۇنياغا رەسمىي ئۇختۇرغان بولاتتى.  ناسا ئۇنداق ھادىسىلەرگە ئىشەنچىلىك دەلىل تاپالمىغاندا، ياكى بولمىسا دۇنياغا ئېلان قىلىۋېتىش باشقا بىرەر مەنپەئەت ئۈچۈن پايدىسىز بولغاندا، بۇنداق ئىشلارنى دۇنياغا ئېلان قىلماسلىقى، ياكى ئۇلار ھەققىدە  رەسمىي پوزىتسىيە بىلدۈرمەسلىكى مۇمكىن.

pb2_nasa.jpg
2-رەسىم: ئاي شارىنىڭ قېشىدا تۇرۇپ كۆرگەن ۋاقىتتىكى يەر شارىنىڭ بىر كۆرۈنىشى.


پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:

[1] Lost Tapes Reveal Apollo Astronauts Heard Unexplained ‘Music’ On Far Side Of The Moon
http://www.huffingtonpost.com/en ... 62e4b0928f5a6c0679?



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ئاتۇش ...

11

تېما

590

يازما

601

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 16888
يازما سانى:
590
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
9285
تۆھپە :
453
باھا :
343
توردا:
892 سائەت
تىزىملاتقان :
2010-11-9
ئاخىرقى:
2016-3-17
ۋاقتى: 2016-2-24 13:15:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Submarine تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-24 01:18 PM  

ئاڭلانغان بۇنداق غەلىتتە ئاۋاز ياكى مۇزىكا ، چەكسىز ئالەم بوشلىقى ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا تولۇمۇ نورمال ئەھۋالدۇر ، دېمەكچى بولغۇنۇم ئالەمنىڭ سىرى ئىنسانلار ئەقىل پاراسىتى ئارقىلىق نۆۋەتتە ئەمدىلەردىن ئازدۇر كۆپتۇر بىلىنىشكە باشلىدى ..
بۇ سىرلىق ئاۋاز بىر بولسا ... قىسمەت ئادەملەرنىڭ قويۇۋاتقان ئويۇنى ، يەنە بىر بولسا ئالەمدە بىزدىنمۇ باشقا ھاياتلىق ئامىللىرىنىڭ  بىزگە ئوخشاش ئىزدىنىش مەقسىتىدە قويۇپ بەرگەن سىگنالى بولۇشى مۇمكىن ، ۋە ياكى ئالەم بوشلۇقلىرىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ماگېنىت مەيدانلىرىنىڭ يەر شارىدىكى ئاشۇ خىلدىكى ئاۋازنى مەلۇم بىر ئامىلنىڭ تۈرتكىسىدە ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ شۇ نۇقتىغا كەلگەندە توغرا كېلىپ ئاڭلىنىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن ...
مېنىڭ ئاڭلانغان شۇ ئاۋازغا نىسبەتەن چۈشەنچەم ھازىرچە شۇنچىلىك
تېما ئىگىسىگە كۆپ تەشەككۈر !

1 - ئىلىملىك بولماي تۇرۇپ ماختانما ...
2 - ئۆزۈڭدە بىر چېلەك سۇ بولغاندا ، ئاندىن كىشىگە بىر چىنە سۇ بېرەلەيسەن ... !
3- ئۆزۈڭدىن ھالقى ، بۈيۈكلۈككە يەت ...

2

تېما

886

يازما

888

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 95433
يازما سانى:
886
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
2403
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
459 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-5-28
ئاخىرقى:
2016-4-1
ۋاقتى: 2016-2-24 15:11:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر ئۇلار تىڭشىغۇچ ئارقىلىق ئاڭلىغان بولسا بەلكىم ماگىنىت مەيدانىنىڭ ئۆز ئارا ئۇچرىشىشىدىن شەكىللەنگەن دولقۇن بولۇشىمۇ مۇمكىن،  بەزىدە رادىئو سىگنالىدىمۇ شۇنداق غەيرى ئاۋازلار ئاڭلىنىپ قالىدۇغۇ. بولۇپمۇ ئىككى جاينىڭ رادىئو سىگنالى ئۆتۈشمە قاپلايدىغان جايلاردا سىگنال سوقۇشۇپ

用一个泥块,打中两个斑鸠
بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقۇش

0

تېما

99

يازما

99

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 113673
يازما سانى:
99
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
378
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
96 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-1-27
ئاخىرقى:
2016-3-28
ۋاقتى: 2016-2-24 17:21:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ئۇلىنىش تورىدا بىۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىر نەچچە خەۋەرمۇ چىقاردى تېخى ،ئامىركىلىق ھىلارى كىلىنتون دىگەن خانىممۇ   بۇ ئىشلارنى قەتئىي مەخپىي تۇتۇپ ،ئەمدى زۇڭتۇڭ سايلىمى يىقىنلاشقاندا سىرتقا ئېلان قىلىپتۇدەك  ،ھەي  

44

تېما

750

يازما

794

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 77212
يازما سانى:
750
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
6008
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
293 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-3-10
ئاخىرقى:
2016-3-12
ۋاقتى: 2016-2-24 21:56:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش




ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

قانداق ئەھۋالىڭىز ؟
[media=x,500,375][/media]


2005يىل 1-ئاينىڭ 25-كۈنى ناسا بىر ئالەم ئۇچقۇرىئىنگىلىزچە نامى «


Templeil 1»  دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئالەم ئۇچقۇرىنى قۇيۇپبەردى.  بۇ ئۇچقۇر 6 ئاي ۋاقىت ئىچىدە 431 مىلىيۇن كىلومېتىر ئارلىقنىبېسىپ ھازىر «comet» دەپئاتىلىدىغان قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزغا يېقىنلىشىۋاتىدۇ،


2005يىل 4-ئىيول كۈنى ئامېرىكا ناسا تەرپىدىن قويۇپبېرىلگەن بىر ئالەم ئۇچقۇرى  تېمپىل دەپ ئاتىلىدىغان كومىتا بىلەن سوقۇشتى.


دىمەك، يۇقارقى خەۋەردە دېيىلگەن كومېتتا ھازىرقى ڧىلىمدە كۆرۈسىتىلگەن كومىتا ھەم قاتتىق سوقۇلغانكىچك تىپتىكى ئالەم كىمىسى شۇ بولۇمدۇ؟
ىلىم كۆرۈلمىگەن بولسا بۇيدۇ توردىكى تۆۋەندىكى رەسىملەر






捕获.PNG


141156xvsflqqt2sdfyvxq.jpg




104728i331ukujr3rtk9qy.png



http://www.iqiyi.com/w_19rs6w41z1.html



44

تېما

750

يازما

794

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 77212
يازما سانى:
750
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
6008
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
293 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-3-10
ئاخىرقى:
2016-3-12
ۋاقتى: 2016-2-24 22:02:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

قانداق ئەھۋالىڭىز ؟
[media=x,500,375][/media]


2005يىل 1-ئاينىڭ 25-كۈنى ناسا بىر ئالەم ئۇچقۇرىئىنگىلىزچە نامى «
Templeil 1»  دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئالەم ئۇچقۇرىنى قۇيۇپبەردى.  بۇ ئۇچقۇر 6 ئاي ۋاقىت ئىچىدە 431 مىلىيۇن كىلومېتىر ئارلىقنىبېسىپ ھازىر «comet» دەپئاتىلىدىغان قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزغا يېقىنلىشىۋاتىدۇ،

2005يىل 4-ئىيول كۈنى ئامېرىكا ناسا تەرپىدىن قويۇپبېرىلگەن بىر ئالەم ئۇچقۇرى  تېمپىل دەپ ئاتىلىدىغان كومىتا بىلەن سوقۇشتى.


دىمەك، يۇقارقى خەۋەردە دېيىلگەن كومېتتا ھازىرقى ڧىلىمدە كۆرۈسىتىلگەن كومىتا ھەم قاتتىق سوقۇلغانكىچك تىپتىكى ئالەم كىمىسى شۇ بولۇمدۇ؟
ىلىم كۆرۈلمىگەن بولسا بۇيدۇ توردىكى تۆۋەندىكى رەسىملەر









捕获.PNG (109.03 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)
چۈشۈرۈش  ئالبومغا ساقلاش
9 مىنۇت بۇرۇن چىقىرىش











141156xvsflqqt2sdfyvxq.jpg (70.41 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)
چۈشۈرۈش  ئالبومغا ساقلاش
7 مىنۇت بۇرۇن چىقىرىش













104728i331ukujr3rtk9qy.png (479.12 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)
چۈشۈرۈش  ئالبومغا ساقلاش
8 مىنۇت بۇرۇن چىقىرىش









http://www.iqiyi.com/w_19rs6w41z1.html



6

تېما

670

يازما

676

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 97199
يازما سانى:
670
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
1752
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
373 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-8-23
ئاخىرقى:
2016-4-1
ۋاقتى: 2016-2-25 07:09:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  خەۋەرنىڭ  قايتا  ئ‍ېنىق  دەلىللەنگىنى  ياخشى  بولدى  

ئۈزەڭنى ئەڭ قەدىرلە،بولمىسا باشقىلاردىن ئىززەت كۈتۈپ ئاۋارە بولما https://uyghur-archive.com/misranim/static/image/smiley/comcom/2.gif

1

تېما

66

يازما

67

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 130943
يازما سانى:
66
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
374
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
172 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-11-24
ئاخىرقى:
2016-3-30
ۋاقتى: 2016-2-25 10:59:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  
ئاۋاز ۋاكۇمدا تارقىلالمايدىغان تۇرسا ئالەم ئۇچقۇچىلىرى قەيەردىن كەلگەن ئاۋازنى ئاڭلىغاندۇ ؟  
  بىلىشمچە ئاي شارىدا ئاتمۇسفىرا قاتلىمى مەۋجۇت ئەمەس ، ئاۋازمۇ مەۋجۇت ئەمەس .

  ئالەم ئۇچقۇچىلىرى تاشقى پىلانىت ئادەملىرىنىڭ رادىئو ئىستانسى تارقاتقان مۇقاملارنى ئاڭلىغان بولسا كىرەك !!!

  ياكى بولمىسا نامەلۇم ماگىنىت مەيدانىنىڭ تەسىرى بۇلۇشى مۇمكىن !!!

مەن ئىچكىرى ئۆلكىدە سېتىۋالغان تېلىفۇن قاتارلىق بەزى بىر قەدەر نازۇك بولغان ئېلىكتىرونلۇق ئۈسكىنىلەر يۇرتۇمغا قايتقاندىن كىيىن قېتىۋېلىپ ئىشلەتكىلى بولمىدى . باشقىلارمۇ بۇنداق ئەھۋاللارغا يۇلۇقۇپ بېقىپتۇ . مۇنداق ھادىسە بەلكىم ئاپوللو ئالەم كىمىسىدىمۇ يۇز بېرىشى مۇمكىن ، ئاي شارىنىڭ ئارقىسىغا ئۆتكەندە ئەتىراپتىكى ماگىنىت مەيدانىدا ئۆزگىرىش بۇلۇشى مۇمكىن ، بۇ ئۆزگىرىشلەر ئاپوللو ئالەم كىمىسىگە ماس ھالدا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن ! ! !

بابۇرخان

3

تېما

2133

يازما

2136

جۇغلانما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 18979
يازما سانى:
2133
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
15844
تۆھپە :
400
باھا :
538
توردا:
3085 سائەت
تىزىملاتقان :
2010-11-25
ئاخىرقى:
2016-3-23
ۋاقتى: 2016-2-25 12:16:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   babur99 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-25 01:53 PM  

بەلكىم بۇ ئاۋاز دولقۇنى  يەرشارىدىن كەلگەن بولۇپ تاساددپىي ھالدا ئۇچقۇچىلارغا ئاڭلىنىپ قالغاندۇ ،ۋەياكى راستىنلا يەرشارى سىرتىدىكى  نامەلۇم پاراسەتلىك جانلىقلارنىڭ تارقاتقان سىگنالى بولسا ئامرىكا دۆلەت مەنپەئەتى ۋە مەخپىيتى سەۋەبلىك دۇنيادىن مەخپىي تۇتۇپ كەلگەندۇ

سىز بارماقلىرى چىڭ تۈگۈلگەن مۇش بىلەن كۆرۈشەلمەيسىز .(گەندى )

0

تېما

8

يازما

8

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 138379
يازما سانى:
8
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
28
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
7 سائەت
تىزىملاتقان :
2016-2-16
ئاخىرقى:
2016-3-26
ۋاقتى: 2016-2-25 12:18:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنيادا ئاجايىپ ئىشلار يۈز بىرىپ تۇرىدۇ،ئادەم ئىشەنمىگۈدەك ئىشلار ھەرۋاقىت يۈز بىرىشى مۇمكىن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|قاماقخانا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى ( 黔ICP备15011399号 )

GMT+8, 2016-4-2 10:18 AM, Processed in 0.165029 second(s), 29 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.
شىنجاڭ مىسرانىم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش