تۈزىتىشكە تېگىشلىك بىر قانچە ئىشلار
بىلىمخۇمار
2016-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
مەن ئالدىنقى 2 پارچە ماقالىدە تۇغۇلما مۇسۇلمانلار دۇچ كېلىدىغان 4 چوڭ قىيىنچىلىق، ۋە «ئويغان» نىڭ ئاشۇ قىيىنچىلىقلار ئۈستىدىن غالىب كېلىشتە قوللانغان ئۇسۇللارنى بايان قىلىپ ئۆتتۈم. دىنىمىز بىر ئۇلۇغ دىن بولۇپ، ئەگەر ئۇ توغرا چۈشىنىلگەن ۋە توغرا قوللىنىلغان بولسا، مۇسۇلمانلار ياشاۋاتقان ئائىلە، جامائەت، جەمئىيەت، مەملىكەت ۋە ئۇنىڭدىنمۇ چوڭ دائىرىدىكى ماكانلارنىڭ ھەممىسى ياشاشنىڭ ئەڭ گۈزەل ماكانىغا ئايلانغان بولاتتى. مۇسۇلمان بولۇپ ياشاۋاتقان مىللەتلەرنىڭ كۈنىمۇ باشقىلارنىڭكىدىن ياخشىراق، پەقەت بولمىدى، دېگەندىمۇ باشقىلارنىڭ ئىلغار سەۋىيىسى بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە بولغان بولاتتى. ئەمما ھازىرقى رېئاللىق ئۇنداق ئەمەس. بىز بۇنىڭدىن مۇسۇلمانلار بۇنىڭدىن كېيىن قىلمىسا بولمايدىغان ئىشلارنىڭ ئاز ئەمەسلىكىنى ھېس قىلالايمىز. مۇسۇلمانلار دىن ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنى توغرىلىمىسا ۋە چوڭقۇرلاشتۇرمىسا، ھەمدە نىيىتى بىلەن ئىش-ھەرىكىتىنى پاكلىمىسا بولمايدىغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز. مەسىلىنى تۈزىتىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ساقلانغان مەسىلىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش كېرەك. شۇڭلاشقا مەن كېيىنكى بىر قانچە پارچە ماقالىدە ھازىر مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ساقلىنىۋاتقان بەزى مەسىلىلەر ۋە ئۇلارنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇللىرى ئۈستىدە توختىلىمەن.
مەن بۇ قېتىم «ئويغان» نىڭ يۇتيۇب (YouTube) تىكى «ئەقىل-پاراسەت بىلەن ئىش قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكى ھەققىدە» دېگەن تېمىدىكى بىر دوكلاتىنىڭ بىر قىسىم مەزمۇنىنى تونۇشتۇرىمەن. بۇ دوكلات 2015-يىلى 12-فېۋرالدا دۇبەيدە ئۆتكۈزۈلگەن «خەلقئارالىق تىنچلىق چوڭ يىغىنى» (International Peace Conference) دا سۆزلەنگەن بولۇپ [1]، ئۇنىڭ مەزمۇنى 3 قىسىمدىن تەركىب تاپقان. ئۇنىڭ 1-قىسمىدا ئويغان 19 ياشقا كىرگەندىن كېيىن دىننى قايتىدىن ئۆگىنىشنى باشلىغاندا يولۇققان قىيىنچىلىقلار بولۇپ، مەن ئۇ مەزمۇننى «تۇغۇلما مۇسۇلمانلار دۇچ كېلىدىغان 4 چوڭ قىيىنچىلىق ھەققىدە» دېگەن ماقالىدە تونۇشتۇرۇپ بولدۇم. ئۇنىڭ 2-قىسمىدا ئويغان مەن مەزكۇر يازمىدا تونۇشتۇرىدىغان مەزمۇنلارنى سۆزلەيدۇ. ئۇنىڭ 3-قىسمى ئەقىل-پاراسەت بىلەن ئىش قىلىش ھەققىدە بولۇپ، مەن ئۇ مەزمۇنلارنى كېيىنكى بىر يازمامدا تونۇشتۇرىمەن. مېنىڭ يازىدىغىنىمنىڭ ھەممىسى ئويغاننىڭ سۆزلىرى بولۇپ، ئەگەر ئۇنىڭغا ئۆز كۆز-قارىشىمنى قوشۇپ قويماقچى بولسام، ئۇنى بىر «ئىلاۋە» شەكلىدە ئايرىم قىستۇرۇپ قويىمەن.
1-رەسىم: ئويغان 2015-يىلى 12-فېۋرالدا دۇبەيدە ئۆتكۈزۈلگەن «خەلقئارالىق تىنچلىق چوڭ يىغىنى» دا دوكلات بېرىۋاتقان ۋاقىتتىكى بىر كۆرۈنۈش.
تۆۋەندىكىسى ئويغاننىڭ دېگەنلىرى.
بىرىنچى مەسىلە مېنىڭ ئۆز كاللامدا مەۋجۇت بولۇپ، مەن ئۇ مەسىلىنىڭ گۇناھىنى ئۆزۈمگىمۇ قويىمەن، ھەمدە ئۈممەتلەرگىمۇ قويىمەن. ئىسلام، مۇسۇلمانلار ۋە ئۈممەتلەر ئىسلامنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزلىرىگە تەشۋىق قىلىش ئىشىنىمۇ ياخشى ئېلىپ بارالمىدى. ئەگەر مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزى ئىسلامغا نىسبەتەن سەلبىي كۆز-قاراشتا بولىدىكەن، بىز ئىسلامنى تەشۋىق قىلىش ئىشىنى ياخشى قىلالمىغان بولىمىز. بىزدە كەمچىل نەرسە بار، بىزدە خاتا نەرسە بار.
قۇرئاندا مۇنداق بىر ئايەت بار: «پەرۋەردىگارىڭنىڭ يولىغا ئەقىل-پاراسەت بىلەن تەكلىپ قىلغىن [16:125]». ئەگەر بىز ئەقىل-پاراسەت بىلەن ئىش قىلمايدىكەنمىز، كىشىلەرنى ئىسلامغا يېقىنلاشتۇرماي، ئۇلارنى ئىسلامدىن تېخىمۇ يىراقلاشتۇرۇۋېتىمىز. كىشىلەرنى ئىسلامغا ئەقىل-پاراسەت بىلەن دەۋەت قىلىشنىڭ ئۇسۇلى ئاللاھ قۇرئاندا ئوتتۇرىغا قويغان ئۇسۇلدىن ئىبارەت. بىز قۇرئاندا دېيىلگەن ئۇسۇلنى قوللانماي، ئۆزىمىزنىڭ ئۇسۇلىنى قوللىنىمىز. شۇڭلاشقا بىز ھازىرغىچە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولالماي كەلدۇق. بىز ئىشلىتىۋاتقان ئۇسۇل ئەقىللىق ئۇسۇلمۇ ئەمەس.
ئىلاۋە: يۇقىرىدىكى ئايەتنىڭ قۇرئاننىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدىكى تولۇق تېكىستى مۇنداق ئىكەن: «پەرۋەردىگارىڭنىڭ يولىغا (يەنى ئىسلام دىنىغا) ھېكمەتلىك ئۇسلۇبتا ياخشى ۋەز-نەسىھەت بىلەن دەۋەت قىلغىن، ئۇلار (يەنى مۇخالىپەتچىلىك قىلغۇچىلار) بىلەن چىرايلىق رەۋىشتە مۇنازىرىلەشكىن. پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ئۇنىڭ يولىدىن ئازغانلارنى ئوبدان بىلىدۇ، ھىدايەت تاپقۇچىلارنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ [16:125].»
تۆۋەندە مەن مۇسۇلمانلار ھازىر سادىر قىلىۋاتقان بىر قىسىم مەسىلىلەرنى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتىمەن.
1. مەزھەپلەرگە بۆلۈنۈش
بىز داۋاملىق «ماۋۇ گۇرۇھ بىلەن ئاۋۇ گۇرۇھ؛ ماۋۇ شەيخ بىلەن ئاۋۇ شەيخ؛ ماۋۇ ئىدىيە بىلەن ئاۋۇ ئىدىيە؛ سەن مانى دېدىڭ، يەنە بىر شەيخ ئانى دېدى»، دەپ سۆزلەيمىز. بەزى ئادەملەر «مەن ئىسلام ھەققىدە سۆزلەيمەن»، دەيدۇ. ئەمما ئۇنىڭ دەيدىغىنى پەقەتلا يەنە بىر ئادەمنىڭ دېگەنلىرىنىڭ نەقەدەر خاتا ئىكەنلىكى ھەققىدىلا بولىدۇ. ئۇلار ئۆز ۋاقتىنىڭ ئاساسىي قىسمىنى باشقىلارنىڭ خاتالىقلىرىنى تېپىش ئۈچۈن سەرپ قىلىدۇ. ئۈممەتلەرنى ئۆزى يالغۇز قوغداپ قالماقچى بولىدۇ. ئۇنداق كىشىلەرنىڭ باشقىلارغا يەتكۈزىدىغان پايدىسى ئىنتايىن ئاز بولىدۇ. ھازىر مۇسۇلمانلار جامائىتىنىڭ ئۆزى ئىجاد قىلىۋالغان بىر سۈننىتى بار، ئۇ مۇنداق: باشقىلارغا پايدا يەتكۈزىدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىدە چوقۇم مەلۇم دەرىجىدە خاتالىق بار. بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى ئەمەس، مۇسۇلمانلار ئۆزلىرى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن سۈننەت. مەن سىلەرگە شۇنداق كاپالەت بېرەلەيمەنكى، ماڭا ئوخشاش مىكروفوننىڭ ئالدىدا سۆزلەيدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى چوقۇم خاتالىق ئۆتكۈزىدۇ. چۈنكى بىز ئىنسان. ئەگەر سىز بىزدىن خاتالىق ئىزدىسىڭىز، مەن سىزگە شۇنداق كاپالەت بېرەلەيمەنكى، سىز چوقۇم بىزدىن خاتالىق تاپالايسىز. چۈنكى بىز ئىنسان. سىز بىزدىن بىرەر خاتالىقنى تېپىۋېلىش بىلەن بىرەر نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈپ قالمايسىز. ئۇ پەقەتلا سىزدە بىكار ۋاقىتنىڭ كۆپلۈكىنى، ھەمدە سىز ئۇ ۋاقىتلارنى ئىجابىي ئىشلار ئۈچۈن سەرپ قىلىشنى بىلمەيدىغانلىقىڭىزنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. باشقىلارنىڭ خاتالىقى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشنىڭ ئورنىغا، بېرىپ ئاپىڭىزغا ياردەم قىلغىنىڭىز ياخشى. سىز پەقەت باشقىلارنىڭ خاتالىقىنى تېپىپ چىقىش بىلەن بىرەر تۆھپە يارىتالمايسىز. ئاشۇنداق ئىشلار ھازىر مۇسۇلمانلارنىڭ ناھايىتى كۆپ ئېنېرگىيىسىنى ئىسراپ قىلىپ كېتىۋاتىدۇ.
2. باشقىلارنى باھالاشقا ئامراق كېلىش
بۇ ئاقىلانە ئىش ئەمەس، بەلكى زەھەرلىك ئىشتۇر. بەزى كىشىلەرنىڭ باشقىلارنى باھالىشى ئاللاھنىڭ باھالىشىنىمۇ بېسىپ چۈشىدۇ. ئۇلار كىشىلەرگە «سەن دوزاختا كۆيىسەن»، ياكى «ماۋۇ ھارام»، دەيدۇ. گەرچە ئۆزلىرىدە ھېچ قانداق سالاھىيەت بولمىسىمۇ، ئۇنى ھارام، بۇنى ھارام، دەيدۇ. مەن سىلەرگە بىر ھېكايە سۆزلەپ بېرەي: بىر كۈنى مەن شەيخ ئابدۇلناسىر بىلەن كەچلىك غىزا يەۋاتقان ئىدىم. بىز بىلەن بىر ئۈستەلدە غىزالىنىۋاتقانلارنىڭ ئىچىدە 20 ياشلار ئەتراپىدىكى يەنە بىر قانچە ياشلارمۇ بار ئىدى. ئۇلارنىڭ بىرسىنىڭ قىسقا ساقىلى بار بولۇپ، ئۇنىڭ يېنىدىكى يىگىتنىڭ بولسا ئۇزۇن ساقىلى بار ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇزۇن ساقاللىق ئۇكىمىز قىسقا ساقاللىققا قاراپ: «دوستۇم، سىزنىڭ يۈزىڭىز ھارام. سىز ساقالنى ئۇزۇنراق قويمىسىڭىز بولمايدۇ»، دەپ، ئۇ يىگىتنى ئوڭايسىزلاندۇردى. ئىسلامدىكى فىقھ ياكى ئىسلام قانۇنلىرى مەسىلىسىگە كەلگەندە، مەن ھەرگىزمۇ ئېغىز ئاچمايمەن. چۈنكى مەن بىر فەقىھ (ئىسلام دىنى ئادۋوكاتى) ئەمەس، ياكى مەن بىر زىيالىيمۇ ئەمەس. ئەمما شەيخ ئابدۇلناسىر بىر فەقىھ بولۇپ، ئۇ دەسلىپىدە يۇقىرىدىكى سۆھبەتنى ئاڭلاپ ئولتۇردى. بىر ئازدىن كېيىن تاماق يېيىشنى داۋاملاشتۇرالماي، ھېلىقى ئۇزۇن ساقاللىق يىگىتتىن سوئال سوراشقا باشلىدى:
--ئۇكام، ئاشۇنداق گەپ قايسى ھەدىس كىتابىدا بار ئىكەن؟
--ئۇ قانچىنچى باب ئىكەن؟
--ئۇنىڭ رەببى كىم ئىكەن؟
--ئۇ ھەدىسنى كىم رىۋايەت قىلىپتىكەن؟
--ئۇنى كىمگە رىۋايەت قىلىپتىكەن؟
--ئۇنى ساھابىلەر قانداق چۈشىنىپتىكەن؟
--ئۇنى 1-ئەۋلاد مۇسۇلمانلىرى قانداق چۈشىنىپتىكەن؟
--ئۇنى ئىمام بۇخارىنىڭ ئۆزى قانداق چۈشىنىپتىكەن؟
--ئوخشىمىغان ئىسلام مەزھەپلىرى ئۇ ھەدىسنى نېمە دەپ ئىزاھلاپتىكەن؟
شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى ئۇزۇن ساقاللىق ئۇكىمىز شەيخ ئابدۇلناسىرغا «سىز مېنى ئوڭايسىزلاندۇرۇۋاتىسىز، ئۇنداق قىلمىغان بولسىڭىز»، دېدى. شەيخ ئابدۇلناسىر ئۇنىڭغا: «شۇنداق، مەن سىزنى ئوڭايسىزلاندۇرۇۋاتىمەن، چۈنكى سىز ئۇنى ئوڭايسىزلاندۇرۇۋاتىسىز»، دېدى.
سىزدە ھېچ قانداق سالاھىيەت بولمىسىمۇ، سىز بىر ئىشنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇنى ياكى ھالالغا، ياكى بولمىسا ھارامغا چىقىرىسىز. نېمىنىڭ ھالال، نېمىنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى ئاللاھ بەلگىلەيدۇ، سىز بەلگىلىمەيسىز. كىمنىڭ دوزاختا كۆيىدىغانلىقىنى، كىمنىڭ توغرا يولغا باشلانغانلىقىنى، ۋە كىمنىڭ يولدىن ئازغانلىقىنى سىز قارار قىلمايسىز. خۇددى يۇقىرىدىكى ئايەتتە دېيىلگىنىدەك، ئۇنى پەقەت ئاللاھلا بىلىدۇ. كىمنىڭ دوزاخقا كىرىپ، كىمنىڭ جەننەتكە كىرىشىنى پەقەت ئاللاھلا قارار قىلىدۇ.
بىز باشقىلارغا باھا بېرىشكە، باشقىلار ئۈستىدىن ھۆكۈم پىچىشقا بەكلا ئامراق. بىز كىشىلەرنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشىگە قاراپلا ئۇلار ھەققىدە ناھايىتى تېزلا قارار چىقىرىمىز. بۇ بىر قورقۇنچلۇق ئىش. ئىسلامدا باشقىلار ئۈستىدىن ھۆكۈم پىچىش پەقەت ئاللاھقىلا تەۋە ئىش بولۇپ، ئۇ بىزنىڭ ۋەزىپىمىز ئەمەس. بىزدە ئۇنداق ھوقۇق يوق.
ئەگەر سىز مەلۇم بىر ئىش ئۈستىدە چوڭقۇر ئىزدىنىش ئېلىپ بارغان بولۇپ، بىر ئادەمنىڭ ئۇ ئىشنى خاتا قىلىۋاتقانلىقىنى تولۇق جەزملەشتۈرەلىسىڭىز، ئۇنى توغرا ئۇسۇلدا كۆرسىتىپ بېرىشىڭىز، ۋە توغرا ئۇسۇلدا تۈزىتىشىڭىز كېرەك. بەزىدە ئۇنى سىز تۈزەتمەي، باشقا بىرى تۈزىتىشكە توغرا كېلىشى مۇمكىن. بۇ ئىشتىمۇ ئەقىل-پاراسەتنى ئىشقا سېلىش كېرەك. بەزىدە بىر ئىشنى سىز تۈزەتسىڭىز، ئۇنىڭ پايدىسىدىن زىيىنى كۆپرەك بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر مەن دادامنىڭ خاتالىقىنى تۈزەتمەكچى بولسام، ئۇنىڭ نەتىجىسى ئانچە ياخشى بولمايدۇ. مەن ئاپامغا دەپ، ئاپام دادامغا دېسە، مەن بالاغا قالمايمەن. يەنى، ھەر بىر ئىشتا بىز ئەقىل-پاراسەتنى ئىشقا سېلىشىمىز كېرەك. ھەر قېتىم ئىشلارنى ئۆزىمىز بىۋاسىتە قىلساق، ئۇنىڭ نەتىجىسى ياخشى بولۇۋەرمەيدۇ. بىز ئەقىل ئىشلىتىشىمىز كېرەك.
3. قۇرئان ۋە سۈننەت ھەققىدىكى چۈشەنچىنىڭ تېيىز بولۇشى
بەزى خۇتبىلەرگە بارسىڭىز، ئىمام 30 ئايەت، 20 ھەدىسنى نەقىل كەلتۈرۈپ تىلغا ئالىدۇ. ھەر بىر ئايەتكە پەقەت بىر قانچە سېكۇنتلا ۋاقىت بېرىدۇ. بىر ئايەتتىن يەنە بىر ئايەتكە، بىر ھەدىستىن يەنە بىر ھەدىسكە ناھايىتى تېزلا ئۆتۈپ كېتىدۇ. ھەر بىر ئايەت ئۈستىدە ئويلىنىدىغان ۋاقىت ئىنتايىن قىسقا بولىدۇ. بۇنداق قىلىق ساغلام قىلىق ئەمەس. قۇرئاندىكى ھەر بىر ئايەت، ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەر بىر ھەدىسى بىزنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە دىققەت بېرىشىمىزگە ئەرزىيدۇ. ئەگەر سىز ماڭا بىرلا ۋاقىتتا ناھايىتى كۆپ ماتېرىيالنى بېرىۋېتىدىكەنسىز، مەن ئۇلارنىڭ ھېچ قايسىسىنى ئۆزۈمگە يۇقتۇرالمايمەن. ئاللاھ قۇرئاندا ئۆزىنىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىشقا چاقىرىدۇ. مەن بۈگۈنكى يىغىلىشتا بىر سائەتتىن كۆپرەك سۆزلەيدىغان بولۇپ، ئاشۇ جەرياندا پەقەت بىرلا ئايەتنى چۈشەندۈرىمەن. چۈنكى ئۇ بىزنىڭ ئاشۇنداق دىققىتىمىزگە ئەرزىيدۇ. بىز ئۇ ئايەت ئۈستىدە ئويلانمىساق بولمايدۇ. بەزى كىشىلەر بىرلا ۋاقىتتا كۆپلىگەن ئايەتلەرنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ھېچ قايسىسى ئۈستىدە چوڭقۇر چۈشەنچە بەرمەيدۇ. ئەگەر سىز بىر نەرسىنى چوڭقۇر چۈشەنمەيدىكەنسىز، ئۇنى ئاسانلا خاتا چۈشىنىۋالىسىز. تېيىز چۈشەنچە چاتىقى بار چۈشەنچە بولۇپ قالىدۇ.
ئىسلامدا ئەڭ يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىغان ھەق ئاللاھنىڭ كىتابىدىن ئىبارەت. ئاللاھنىڭ سۆزلىرى ئەڭ يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ. بەزى كىشىلەر كاللىسىدا مەلۇم بىر كۆز-قاراشنى شەكىللەندۈرۈۋالىدۇ. مەسىلەن، «ئاياللار ئەرلەردىن تۆۋەن تۇرىدۇ»، دېگەندەك. ئۇلارنىڭ كاللىسىدا ئاشۇنداق بىر ئىدىيە ئاللىبۇرۇن شەكىللىنىپ بولغان بولىدۇ. ئاندىن ئۇلار بىر قانچە ئايەت ۋە بىر قانچە ھەدىسنى ئۈزۈپ ئېلىپ، نېمە ئۈچۈن ئاياللارنىڭ ئەرلەردىن تۆۋەن تۇرىدىغانلىقىغا دەلىل كۆرسىتىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇقۇم ئالدىدا كېلىپ، ئاندىن ئايەتلەر ئۇنى ئىسپاتلايدىغان دەلىللەر سۈپىتىدە قوللىنىلىدۇ. بۇنداق قىلىش توغرا ئەمەس. بىز ئۆزىمىزنى ئاللاھنىڭ كىتابىغا قارىتىشتىن بۇرۇن كاللىمىزدا ھېچ قانداق بىر قىياسنى شەكىللەندۈرۈۋالماسلىقىمىز كېرەك. بىزنىڭ قانداق ئويلىشىمىز كېرەكلىكىنى قۇرئان بەلگىلىشى كېرەك. قۇرئاندىكى مەزمۇنلار ئۈستىدە قانداق ئويلاشنى بىز ئۆزىمىز قارار قىلماسلىقىمىز كېرەك. يۇقىرىقىدەك بىر تەرەپلىمىلىك قىلىش كىشىلەرنى ناھايىتى ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتلەرگە ئېلىپ بارىدۇ. مەسىلەن، بەزىلەر ئالدى بىلەن «بىز غەيرى-مۇسۇلمانلارنى مۇنداق، مۇنداق قىلىشىمىز كېرەك»، دەپ، ئاندىن 100 ھەدىس، 50 ئايەتنى نەقىل كەلتۈرۈپ بېرىدۇ. ئاشۇنداق قىلىش پۈتۈنلەي مۇمكىن. ئۇنداق قىلىش ناھايىتى ئاسان. مەن ئاشۇنداق قىلغانلارنى كۆرگەن. ئەمما ئۇنىڭدا ئېغىر مەسىلە بار. بىر قىسىم ياشلار ئاشۇنداق نۇتۇقنى ئاڭلىغاندا، «ماۋۇ كىشى شۇنچە كۆپ ئايەت، شۇنچە كۆپ ھەدىسلەرنى دەلىل قىلىپ كۆرسەتتى. شۇڭا ئۇنىڭ دېگىنى چوقۇم راست»، دەپ ئويلاپ، تەلۋە (crazy) ئىشلارنى قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا ھېلىقى ئادەمنىڭ قىلغىنى ئالدى بىلەن خۇلاسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاندىن تەتقىقات ئېلىپ بېرىش. ئىلىمنىڭ ھەممە ساھەلىرىدە تەتقىقات ئالدىدا كېلىپ، يەكۈن كەينىدە كېلىدۇ. ئالدى بىلەن تەتقىقات ئېلىپ بېرىلىپ، ئاندىن ئۇنىڭ نەتىجىسىگە ئاساسەن بىر خۇلاسە يەكۈنلەپ چىقىرىلىدۇ. ناھايىتى كۆپ ئايەتلەر ۋە ناھايىتى كۆپ ھەدىسلەر نەقىل ئېلىنغانلىقتىن، يۇقىرىقىدەك نۇتۇقلار ئىسلامغا ناھايىتى باي نۇتۇقتەك ئاڭلىنىدۇ. ئەمما، ئاشۇنداق نۇتۇقنى سۆزلىگەن كىشىلەرنىڭ قوللانغىنى ئىسلامغا زىت كېلىدىغان ئۇسۇلدۇر. ئۇلارنىڭ قىلغىنى ئۆز ئىدىيىسىنى ئالدىن ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاندىن ئۇنىڭ يورۇقلىرىغا ئايەتلەرنى تىقىپ كىرىشتۈرگەن بىر نەرسىدۇر. ئۇلار ئاشۇنداق قىلىش ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنى ئۆزلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىدۇ. ھەقىقەتەنمۇ ئۇلارنىڭ شۇغۇللىنىۋاتقىنىمۇ «ئىسلام» دۇر.
بىز بۈگۈنكى كۈندە ئاڭلايدىغان ئاللاھنىڭ كىتابى نامىدىكى گەپلەرنىڭ نۇرغۇنلىرى ئاللاھنىڭ كىتابىغا قىلىنغان ھاقارەتتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئۇ گەپلەردە ئىلگىرى سۈرۈلگەن نەرسە قۇرئاندىكى مەنالارنىڭ دەل ئەكسىچە. ئاشۇنداق گەپلەرنى ئاڭلاش ھەقىقەتەنمۇ بىر ئازابلىنارلىق ئىش.
4. ئۆزىنى توپتىن ئايرىپ تۇرۇش
بەزىلەر «ھەقنى ئۆز قولىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلاردىن بىزدىن باشقىسى يوق. ئەگەر ئۆزۈڭنى قوغدىماقچى بولساڭ، باشقا ھېچ كىمنىڭ گېپىگە قۇلاق سالما. ئۇلارنىڭ گېپىگە قۇلاق سالساڭ، سەن ئازدۇرۇلىسەن. سېنىڭ جەننەتكە كىرگۈڭ بارغۇ؟ جەننەتكە كىرىشنىڭ بىردىنبىر ئۇسۇلى مېنىڭ خانىقارىمدا تۇرۇش، پەقەت مېنىڭ گېپىمنىلا ئاڭلاش. قالغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئازدۇرۇلغان»، دەيدۇ. ئۇنداق كىشىلەر ئۆزلىرى تۈزۈۋالغان «ئازدۇرۇلغان ئۆلىمالار» تىزىملىكىدىكى ئىسىملارنى ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم يېڭىلاپ تۇرىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنى باشقا ھەممە كىشىلەردىن ئايرىم تۇتىدۇ. ئۆزلىرىنى ئۆز ئائىلىسىدىكى باشقا كىشىلەردىنمۇ ئايرىم تۇتىدۇ. «مەن ئۆيۈمدىكىلەر بىلەن ئارىلاشمايمەن، چۈنكى ئۇلار ھەق يولدا ئەمەس»، دەيدۇ. ئاشۇنداق قىلىپ، دىننى خاتا ھالدا قوللىنىپ، كىشىلەرنى ئۆز ئائىلىسىدىن، ئۆز جامائىتىدىن، ۋە ئۆز جەمئىيىتىدىن ئايرىۋېتىدۇ. ھازىر ئامېرىكىدا ئاشۇنداق قىلىۋاتقان كىشىلەر بار. ئۇلارنىڭ قارىشىچە باشقىلار بىلەن ئارىلىشىش ۋە باشقىلار بىلەن دوست بولۇشنىڭ ھەممىسى كاپىرلىققا ئېلىپ بارىدۇ. ئامېرىكىدا قۇرۇلغىلى 40 يىل بولغان بەزى مەسچىتلەر بار بولۇپ، ئاشۇ مەسچىتكە قوشنا ئولتۇرغان ئامېرىكىلىقلار يېنىدىكى بىنانىڭ بىر مەسچىت ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. ئۇنداق بولۇشتىكى سەۋەب، مەسچىتتىكى كىشىلەر باشقىلارنى «كۇففار» دەپ، ئۆزلىرىگە يېقىن يولاتمايدۇ. بۇنداق چۈشەنچە نەدىن كەلگەن؟ ئەگەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىدىكى كىشىلەرنى چەتكە قاققان بولسا، بىز بۈگۈن شاھادەت ئېلىپ (taking shahada)، مۇسۇلمان بولمىغان بولاتتۇق. مېنىڭ دادامدىن 5 ئەۋلاد بۇرۇن ياشىغان بوۋام بىر بۇددىست ئىكەندۇق. ئۇنىڭ ئوغلى مۇسۇلمان بولۇپتىكەن. يەنى، شۇ چاغدىكى مۇسۇلمانلار ئۇنىڭغا «سەن بىر نىجىس ئىكەنسەن» دەپ مۇئامىلە قىلماي، ئۇنى ئۆز قوينىغا ئالغانىكەن. ئۇنى ھۆرمەتلەپ، ئۇنىڭغا بىر ئىنسان سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلغانىكەن. بىزنىڭ دىنىمىز بىزگە غەيرى-مۇسۇلمانلارنى ئۆچ كۆرۈشنى ئۆگەتمەيدۇ. بىزنىڭ دىنىمىز بارلىق ئىنسانلارغا غۇرۇر ياكى ئىززەت ئاتا قىلىش ئۈچۈن كەلگەن. ئاللاھ «بىز ئادەمنىڭ بالىلىرىغا ھۆرمەت بىلدۈرىمىز»، دەيدۇ. دېمەك، ئاللاھ ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەممە بالىلىرىغا ھۆرمەت ئاتا قىلغان. سىزنىڭ ئۇلارنى ھۆرمەتلىمەسلىك ھوقۇقىڭىز يوق. سىز باشقىلارنى ھۆرمەتلىمەي، ئاندىن «ماڭا ئىسلام ئاشۇنداق ئۆگەتكەن»، دەمسىز؟ بۇنداق قىلىش ئەقىل بىلەن ئىش قىلىشنىڭ قارىمۇ-قارىشىسىدۇر.
ئويغاننىڭ دوكلاتىنىڭ مەن بۇ قېتىم تونۇشتۇرماقچى بولغان مەزمۇنلىرى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى. مەن كېلەر قېتىم «ئەقىل-پاراسەت بىلەن ئىش قىلىش» ھەققىدە توختىلىمەن.
پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:
[1] In Need of Wisdom
https://www.youtube.com/watch?v=mX1oRcMbLzA
بۇ ماقالىنى ئىنىمىز «پىداكار» تەھرىرلىدى.
بۇ ماقالىنى ھېچكىمدىن سورىماي، مەنبەسىنى بەرگەن ئاساستا باشقا ھەر قانداق تورغا ۋە ئۈندىدارغا چىقارسىڭىز، بېسىپ چىقىرىپ تارقاتسىڭىز، ياكى ئېلكىتابقا ئوخشاش باشقا ھەر قانداق شەكىلدە ئىشلەتسىڭىز بولۇۋېرىدۇ. بۇ ماقالە بارلىق ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ.